كۆرۈش: 239|ئىنكاس: 3

يېلىنجاۋاتقان چوغ : ئەنۋەر ناسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1220
تۆھپە : 3
توردا: 281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 00:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېلىنجاۋاتقان چوغ



ئەنۋەر ناسىرى



ئانا تۇپراق- كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن ئەزىزانە دىيار. مىڭلىغان ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى ئاپىرىدە قىلغان ئانا تۇپراق يەنە شۇ مايسىلارنىڭ كۆكلىشى بىلەن ياشىرىپ بارىدۇ. دېھقان، كاسىپ، مىمارچى، تىجارەتچى...ئۇلار ئەنە شۇ ئانا تۇپراقنىڭ چېكىسىدە ئۈنگەن گۈللەردۇر. مېنىڭ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن جاي غۇلجا شەھىرىدىن200 چاقىرىم يىراقلىققا جايلاشقان توققۇزتارا دىيارىدۇر. كىم ئۆز يۇرتىنى جاھاندا بىرىنجى دېمەيدۇ. مېنىڭ يۇرتۇم نەزىرىمدە جەننەتتەك ماكان. تاغلىرى ياپيېشىل قارغاي-ئارچا،ئېكىنزارلىرى تۈپتۈز كەتكەن باغلىق چىمەنزار. ئاھ، يۇرتۇم ھۆسنىنى دىلكەش دوستۇم شائىر ئابدۇخېلىل مىرخېلىلنىڭ ‹‹ تۇققۇزتارا›› ناملىق ناخشا تېكىستى ئارقىلىق سىلەرگە ئايان قىلغۇم كېلىدۇ.

توققۇزتارا گۈل دىيار،

تاڭدا كۈلگەن چولپاندۇر.

قوينى زەپمۇ ناۋالىق،

بولبۇل قونغان بوستاندۇر.



چاچى،تەلىم، كۆلدەنەڭ،

گۈزەللىكتە بەرنادۇر.

ئەمگەك سۆيەر خەلقنىڭ،

مېھرى ئاققان دەريادۇر.



توققۇز ئېقىن توققۇز كۈي،

توققۇز ناخشا،توققۇز ساز.

جەننەت كەبى قوينىغا،

كەتمەس بولۇپ كەلدى ياز.



ئۇتۇقلىرى قوينىغا ،

يۇلتۇز كەبى چېچېلغان.

ئەل قەلبىدە ئىناقلىق،

قىزىلگۈل بوپ ئېچىلغان.



مېنىڭ يۇرتۇم ئەنە شۇنداق سۆيۈملۈك ماكان. بۇ جايدا ناخشىلار ياڭراپ تۇرىدۇ، ئادەملىرى ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست، بىر-بىرى بىلەن ئىجىل-ئىناق. ئاسمىنى كۆپ-كۆك، يۇلتۇزلىرى تولىمۇ چاقناق، ئەشۇ سانسىزلىغان ھەرخىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەملەر توپى ئىچىدە، بۇ ئانا تۇپراقنىڭ سېھىرلىك ھېكايىلىرىنى قەلەمگە ئېلىۋاتقان، بۇلبۇل كەبى چاڭىلداپ كۈيلەۋاتقان بىر توپ بار، بۇ توپ ئەلۋەتتە توققۇزتارا تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يۈرىكى ئوت، ھارماس قەلەمكەشلەردۇر.

-ئەنۋەر ناسىرىنىڭ پوۋېستى ئېلان قىلىنىپتۇ.

-ئەسئەت ئابدۇرشىتمۇ بوش كەلمەي بىر پوۋېست يېزىپتۇ جۇمۇ.

-ماخمۇت يولۋاسنىڭ ھېكايىلىرى نېمانچە تارتىملىق.

-سەيپىدىن تۇراقمۇ ئاز يازغان بىلەن ساز يازىدىكەن.

-شائىرلاردىن ئابدۇخېلىل مىرخېلىلمۇ قالتىس يازىدىكەن جۇمۇ.

-دىلمەمەت جەفەرى شېئىرلىرىدا يەرلىك پوراق بەك كۈچلۈككەن.

-ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى يېشى كىچىك بولغان بىلەن ياخشى يېزىۋاتىدۇ،

-گۈلزار ئابلەت بەك چىرايلىق يازىدىكەن.

مانا بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىز توغۇرسىدا دوقمۇشلاردا قىلىشىدىغان پاراڭلىرى.

تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن، مانا بۇ تاغلىرى ھەيۋەتلىك قارىغايلارغا، يايلاقلىرى ياپيېشىل سېلىنچىلارغا، دەريالىرى گۈلگۈن بۇلاقلارنىڭ تاۋلانغان ئەركەك سۇلىرىغا تولغان بۇ گۈزەل دىيار ئۆزىنىڭ پايانسىز كۆكلىرىدە كۆزلەرنى قاماشتۇرغىدەك يۇلتۇزلارنى چاقناتماقتا. شۇنداق، يىراق ئۆتمۇشتە ئاتلىرىنى قىرلاردىن ئىگىز چوققىلارغا چاپتۇرۇپ، مەردۇ-مەردانىلىكتە بۇلۇت كۆكسىنى يارغان جەسۇر شۇڭقارلاردەك ياشىغان ئەجداتلىرىمىز تالاي شانلىق تارىخلارنى بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. ۋۇجۇدى بىلەن ئەل غېمىنى يەپ، ئۆز ھاياتىنى ئەل ئۈچۈن بېغىشلىغان پالۋان قامەت مومىمىز چوڭ ئايلام ، يۇرت ئاتلاپ پالۋانلىقتا داڭ چىقارغان شىر يۈرەك ئەزىمەت  رېھىمشاھ بۆكە، ئىلىم-مەرىپەت چىرىقىنى يېقىپ ئەۋلادلارنىڭ روھىنى يورۇتۇش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان مەرىپەتپەرۋەر زات ئۆمەراخۇن بايدەك بوۋىلىرىمىز، تارتىملىق قوشاقلىرى، ئۆز زامانىسىنى كۈيلەپ ئۆتكەن تىللا تىللىق ئانىمىز مايىمخان توختاخۇنغا ئوخشاش ئەزىزلىرىمىز مۇشۇ تۇپراقتا ياشاپ ئۆتكەن . دىيارىمىز تارىخ ئاسمىنىدا چاقنىغان ئەشۇ جۇلالىق يۇلتۇزلارنىڭ مېھىرلىك پەپىلەشلىرىدە قولىدىكى قەلىمى بىلەن ئۆز رېئاللىقىنى ئاۋامنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى، تارىخنىڭ ۋە ھازىرنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىۋاتقان يېڭى ئەۋلادلار يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئازلىقتىن ئۇلغۇتۇپ مەۋج ئۇرماقتا.

پارتىيە مەركىزىي كومېتېتى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومومىي يىغىنىدىن كېيىن مەملىكىتىمىز مىقياسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى مىسلىسىز گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. جۈملىدىن توققۇزتارا ناھيىمىزدىمۇ 70-يىللارنىڭ ئاخىرى 80-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ بىر تۈ*ركۈم ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىخ سۈرۈپ مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. بۇ يەردە پىشقەدەم قەلەم ئىگىلىرىدىن مەرھۇم ئەخمەت تۇردىيوف، مەرھۇم غوپۇرجان مامۇت قاتارلىق قەلەم ساھىبلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىمىز.

ئەخمەت تۇردىيۇف كىم؟ ئەخمەت تۇردىيۇف ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا توققۇزتارا پارتىزانلىرىنى باشلاپ قوشۇلغان كاپىتان دەرىجىلىك پىشقەدەم جەڭچى.ئۇ ھەم ئەلەمدە، ھەم قەلەمدە بار زات.ئۇنىڭ ‹‹جەڭگاھ خاتىرىلىرى›› ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. بىر تۇر*كۈم ھېكايە، شېئىرلارنىمۇ يازغان.

مەرھۇم غوپۇرجان مامۇت بولسا ئاددىي بىر بىر موزدۇز. توققۇزتارا بازار جامائەسى دەرۋازىسى بۇلۇڭىدا مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بۇ ئادەمنى بىر نېمە يازىدىكەن دەپ ئاڭلىغاندا ھەيران قالغان ئىدىم. چۇنكى مېنىڭ نەزىرىمدە يازىدىغانلار كاستوم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستوك تاقايدىغانلار دەپ ئويلايتتىم  شۇ چاغلاردا. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ كۆز ئالدىمدا گالىستۇك تاقىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تىيىپجان ئېلىيېف ... دېگەندەك قەلەم ئىگىلىرىنىڭ نۇرانە سىمالىرى جىلۋىلىنەتتى. مۇنۇ موزدۇزنى بولسا ئۇلارغا زادىلا ئوخشىتالمايتتىم. ئەييۇھانناس، ئاقىۋەت غوپۇرجان مامۇت ئىمزاسىدا ‹‹ئۇرۇش ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق›› ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنىپ مېنىڭ گۇمانلىرىمغا بەرھەم بەردى.

80-يىللارنىڭ بېشىدا قولىغا قەلەم ئېلىپ ھېكايە-شېئىر يازىدىغان بىر تۈ*ركۈم ئاپتۇرلار دىيارىمىزدىن چىقىشقا باشلىدى. بۇلار ئاساسەن مائارىپ-مەدەنىيەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلار بولۇپ مائارىپچىلاردىن ھېيتاخۇن خېلىل، ئەزىز ئابدۇراخمان، ئەنۋەر مەسۇم، تۇرغان رېھىملار ئىدى. مەدەنىيەت-ئاخبارات ساھەسىدىن ئابدۇرىشىت ئىبراھىم، ھەبىبۇللا نېغمەت (ئۆزبېك) لارنى بارماق بىلەن سانايمىز. شۇ يىللاردا ھېتاخۇن خېلىلنىڭ‹‹يولدا››،‹‹كۆرۈپ يېزام ھۆسنىنى›› ناملىق شېئىرلىرى، ئەزىز ئابدۇراخماننىڭ  ‹‹قار لەيلىسى››شېئىرى، ھەبىبۇللا نېغمەتنىڭ‹‹ساداقەت››، تۇرغان رېھىمنىڭ‹‹ياشلىق›› ناملىق يازمىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەتبۇئات يۈزىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. دىيارىمىز مەدەنىيەت-تارىخ ئىشلىرى ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىۋاتقان تارىخچىلىرىمىزدىن يۇنۇسجان ئىلى‹‹17-،18-ئەسىرلەردىكى جۇڭغارلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋېتى›› ناملىق كىتابى بىلەن، قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى‹‹يەر ناملىرى ئىلمى››،‹‹يەر ناملىرى ئېتمولىيىسى›› ناملىق كىتابلىرى بىلەن شانلىق سەھىپە ئاچتى.

80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئابدۇخېلىل مىرخېلىل، ئىمام باسىت، پەرھات ئابلىز، نۇرتاي مەمەت، ئابدۇرسۇل ھېمىت، نۇردانبەك قۇرمانغالىي(قازاق) قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم ياش كۈچلەر يامغۇردىن كىيىنكى دالا مايسىلىرىدەك، ئۇچ تارتىپ چىقتى. ئۇلار ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى رەڭدار جۇلالىرى بىلەن بېزىدى. ئەشۇ ئاپتۇرلار كىيىنكى چاغلاردا سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقاردى. مەسىلەن: تۇرغان رېھىمنىڭ ‹‹كونا ئەسكەر››،‹‹خىزمەتداشلىرىم››، پەرھات ئابلىزنىڭ ‹‹ئاقتۆش››، نۇرتاي مەمەتنىڭ‹‹تۆمۈر كالا››قاتارلىق ئەسەرلىرى پىروزىچىلىققا بەلگۈلىك تەسىر كۆرسەتتى.

پوئىزىيەدە ئابدۇخېلىل مىرخېلىلنىڭ ‹‹بۈيۈك چوققىلار، قامەتلىك تاغلار››شېئىرلىرى، ئىمام باسىتنىڭ ‹‹روبائىيلار››ۋە ‹‹غەزەللەر››،نۇردانبەك قۇرمانغالىنىڭ ‹‹سەرسان روھ››،ئابدۇرۇسۇل ھېمىتنىڭ‹‹ياشلىقىڭ›› قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم تېتىملىق شېئىرلىرى تاڭدىكى چولپاندەك چاقنىدى.

80-يىللارنىڭ ئاخىرى،90-يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئەنۋەر ناسىرى(مۇئەللىپ)،ئەسئەت ئابدۇرېشىت، ماخمۇت يولۋاس، سەيپىدىن تۇراق، گۈلزار ئابلەت، شېريازدان ئەنەيتۇللا، خالمۇرات قېيىم،گۈلجامال نۇرمۇھەممەت، ئابدۇقېيىم ياسىن، مەسۇمجان مەمۇر، گەرجەستىبانۇم ئابلىز، زۆھرەگۈل ئابدۇراخمان، نۇرمۇھەممەت ئابدۇقادىر، شەمشىنۇر ھامۇت قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم ئاپتۇرلار قىزغىن ئىشتىياق بىلەن قولىغا ئېلىپ دىيارىمىز ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى  قاينام- تاشقىنلىق دەۋرىنى ياراتتى.

مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلىق دەۋردىكى بەزى ئىشلارنى ئويلاپ پىسىڭڭىدە كۈلىۋەتتىم. 7-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساۋاقدىشىم،قەلەمدىشىم خالمۇرات قېيىم قۇلىقىمغا ئاستا پىچىرلىدى،‹‹قالتىس يىتۈك بىر شائىر ناھيىمىزگە كەپتۇ،چۈشتىن كىيىن پوچتىخانا ھويلىسىدا كۆرىشىدىغان بولدۇق،بارامسەن؟›› . مەن دەررۇ ‹‹بارىمەن›› دېدىم. چۈشتىن كىيىن دەرىستىن چۈشۇپلا ناھيەلىك پوچتىخانا قوروسىغا چاپتۇق. ئۇ چاغلاردا بىرەر قەلەم ئىگىسىنى كۆرۈش، پاراڭلىرىنى ئاڭلاش، بىز ئۈچۈن ئەڭ كاتتا ئىش ئىدى، دېگەن جايغا بارساق ئابدۇرقېيۇم ياسىن، نۇرمەمەت قادىر ، ئابدۇرۇسۇل ھېمىتلەر كېلىپ بولغان ئىكەن. ئاز ئۆيمەي بىز كۆرۈشكە تەشنا بولغان زات يېتىپ كەلدى.ئاددىيغىنا كىيىنگەن ئورۇق بىر كىشى ئالدىمىزدا زاھىر بولدى. بىز قىزغىن سالام بېرىپ ئۇ زات بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ كىشى بىزگە نەۋائى، خىرقىتى،زەلىلى،نىمشېھىت، لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرگىچە سۆزلەپ ئۆتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر نەچچە غەزەل ، روبائىيلىرىنى يادقا ئوقۇپ بەردى. بىز بارىكاللا ئېيتىپ چاۋاك چېلىپ كەتتۇق. ئۇ زات ئاخىرىدا ئىككى مىسرا بىلەن سۆزىنى تۈگەللىدى.

ئۆتكەن تارىختا ھەزىرىتى نەۋائى،

ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ پېقىر گادائى.

ئۇ زاتنىڭ ئىسمى ھازىر يادىمدا يوق، يازمىلىرى توغۇرسىدا بېرەر ئۇچۇر بەرمىدى. ھازىر ئويلىسام ئۇ زات كۆپ كىتاب كۆرگەن، ئەدەبىياتنىڭ ئاشناسى ئىكەن . لېكىن شۇ چاغدا مەن ئۇ زاتتىن قاتتىق تەسىرلەنگەن، نەۋائى ، خىرقىتى ... دېگەنلەرنى بىلگەن ئىدىم.

ئەسلى سۆزىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بۇ مەزگىلدە ئۈشبۇ ھەۋەسكارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچى بولۇپ، دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ئەدەبىي كۇرۇژۇك تەشكىللەپ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياخشى بىر ئەدەبىيات مۇھىتى ياراتقان ئىدى، ناھيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە قوللىشى بىلەن ھەم شۇ چاغدا ناھىيەلىك پارتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئەدەبىيات ئاشناسى‹‹دېھقىنىم››،‹‹ئانا تىلىم››قاتارلىق شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى دىلشات روزىنىڭ، مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابدۇرىشىت ئىبراھىم ئاكىلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن 1985- يىلى ‹‹غۇنچە››1988-يىلى ‹‹بىخ››ئەدەبىي ژۇرنىلىنى چىقىرىپ،ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا ئۆز ئەسەرلىرىنى  نامايەن قىلىدىغان سەينا ھازىرلانغان ئىدى.

مۇشۇلارنى پۈتىۋېتىپ ئەينى چاغدىكى يەنە بىر ئىش يادىمدىن كەچتى.

بىر كۈنى خالمۇرات قېيىم يەنە پىچىرلىدى:‹‹چۈشتىن كېيىن ئىمام باسىت دېگەن ئاكىمىز كېلىپ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا دەرس بەرگۈدەك››.‹‹پاھ،قالتىس گەپ، چوقۇم قاتنىشىمەن››. 8-يىللىق 1- سىنىپتا بىز ھەۋەسكارلار تەق بولدۇق. بىر كەمدە ئىگىز بوي ، بۇغداي ئۆڭ بىر كىشى سىنىپقا كىرىپ كەلدى. بىز سالام بەردۇق. ئۇ دوسكىغا يازغان ‹‹غەزەل››خېتى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا چاقناپ تۇرىدۇ. ئىمام باسىت ئاكا بىزگە غەزەل توغرسىىدا، ئەدەبىيات ھەققىدە بىر سائەتكە يېقىن لېكسىيە سۆزلىدى. ۋە سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بىز قىزغىن قوللىدۇق ھەتتا نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىپ نومۇر تەييارلىدۇق. مويۇنگۈزەر كەنتىگە بېرىپ ئويۇنمۇ قويغان بولدۇق.ئۇ چاغلاردا مەن ھىچقانداق رولدا بولمىغاچقا كەنت كىنۇخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ بېلەت ساتتىم.كىرىممۇ ياخشى بولدى ، ئۇ چاغدا 45 سوم دېگەن چوڭ پۇل ئىدى. ھەممىمىز خۇشال بولۇپ كەتتۇق.

دېمەك، شۇ چاغدا بۇ سەپكە قوشۇلغان ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى 90-يىللاردىن كىيىن مەتبۇئات يۈزىدە ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈپ ئاجايىپ قاينام تاشقىنلىق  بارلىققا كەلدى.

تۆۋەندە مۇشۇ ئاپتورلاردىن بىر نەچچىسى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل-قەلبىدە ئەدەبىياتقا نىسبەتەن لاۋا يانىدىغان، بۇ يولدا توختاۋسىز ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى.ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا گۈپۈلدەپ يالپۇز پۇراپ تۇرىدىغان ساخاۋەتلىك گۈلشەن ئېتىز،قاداق باسقان دېھقان قولى،ئورما ناخشىسى ۋە سەھرانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى ساپ-سەمىمىي،ئاددى كۆرۈنۈشلەر قەلب چەشمىلىرىگە قوشۇلۇپ،شېئىر دۇردانىلىرىگە ئايلىنىدۇ.ئۇنىڭ قەلبى خىلۋەت سەھرانىڭ شېئىردەك جەلپكار ئاخشاملىرى بىلەن سىردىشىدۇ.ئۇ ‹‹يولۋاس يىلى تۇغۇلغانكەنمەن››،‹‹ئاياز ئابىدىلىرى››،‹‹تۇرمۇش گويا بوياق كۆلچىكى››،‹‹ دېكابىر سەھىرى ›› قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن شېئىريەت ئاسمىنىدا چاقنىغان بولسا ، خەلق فولكلۇرى ئىلمىي ماقالىلىرىدىن‹‹ئۇيغۇرلاردا بالىغا ئىسىم قويۇشتا تىلەك تىلەش ئادىتى››قاتارلىقلار ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەم ساقلاپ قېلىش جەھەتتە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.ئۇنىڭ توپلاپ رەتلىشى،سەھنىگە ئەچىقىشى ۋە تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن‹‹جان بۆدۈنەم››ناملىق كومېدىيىلىك ئۇسسۇل،ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ئاغزاكى مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە يوللاندى.‹‹ساغلام تەندە ساپ ئەقىل››ناملىق بالىلار شېئىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تۈزگەن بالىلار شېئىر-قوشاقلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى.بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى.ئۇ‹‹يۈرەكلەر تامچىلايدۇ بۇلاق كۆزلەردىن ››ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلىدى. ئۇ ھازىر ئىلى ئوبلاسلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ،شىىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەميىتىنىڭ ئەزاسى.

ئەنۋەر ناسىرى-‹‹ ھوسۇللۇق ياش يازغۇچى ئەنۋەر ناسىرى(مۇئەللىپ) كۆپ ژانىردا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ئەدىب بولۇپ،ھېكايىلىرىدىكى ئىنچىكە تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق رېئاللىقنىڭ ئەڭ تەخىرسىز نۇقتىلىرى ئۈستىدە كىشىنى ئويغا سالىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. پوۋېستلىرىدا توققۇزتارانىڭ سېھىرلىك ھېكايەتلىرى سۆزلىنىدۇ.ئۇنىڭ پىرسۇناژلىرى ئەتراپىمىزدىكى كىمدۇر بىرسىگە ئوخشاپ قالسا،ئۇ ياراتقان ئايال پىرسۇناژلار ئوبرازى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يارىتىپ بېرىشتە ئۆزگىچە خارەكتىرلىنىدۇ.نەسىرلىرىدە ھايات گۈزەللىكى،مېھرى-مۇھەببەت،بالىلىق شوخلۇقلىرى سۈرەتلەنسە،بالىلار ھېكايىلىرىدا بالىلارنىڭ ساددا،ساپ قەلبى،ئارزۇ-ئارمانلىرى جۇلالىنىدۇ.ئەدەبىي ئاخباراتلىرى بىزنى ھاياتقا توغرا قاراشقا،ئۈمىد بىلەن ياشاشقا ئۈندەيدۇ.›› مانا بۇ مۇئەللىپكە باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسى.بۇ باھادىن تۇرۇپ خۇشاللانسام تۇرۇپ خىجىل بولىمەن. مەن بۇ باھاغا لايىقمۇ؟ ئەلۋەتتە ئاۋامنىڭ باھاسى ئەڭ توغرا. ئاۋام پېقىرغا شۇنداق باھا بېرەرمۇ ياكى...

ئاپتورنىڭ ‹‹خۇدانىڭ غەزىپىنى ئۇنتۇش›› ناملىق ھېكايىسى تۇنجى قېتىملىق ئىلى ‹‹ غۇنچە ›› مۇكاپاتىغا،‹‹قۇشقاچلار ئۇچۇپ كەتتى ›› ناملىق ھېكايىسى 2-قېتىملىق ‹‹ئىلى دەرياسى ››ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا،‹‹ خىلۋەتتىكى مەھەللە ›› ناملىق پوۋېستى، 14-قېتىملىق ‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› غا،‹‹ئىلى دەرياسى›› ژۇرنىلى نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىدە تۆھپىكار ئاپتۇر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.‹‹ئەنسىز ئادەم ››، ‹‹مېنى كىچىك كۆرمىگىن ›› ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى. ‹‹خىلۋەتتىكى مەھەللە ›› ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشىرگە تاپشۇرۇلدى .ئۇ ھازىر ‹‹لاي قەلئە ›› ناملىق كىتابى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە .‹‹ ئەنسىز ئادەم ›› ناملىق ھېكايىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى .‹‹سۇنغان قانات ›› ناملىق ھېكايىسى ئۇيغۇرچە ، قازاقچە  تولۇقسىز قىسىم ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى .بىر پارچە ئەسىرى كىنو قىلىپ ئىشلەندى . ئۇ ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق يازغۈچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

ئەدىب ناھىيەلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ‹‹ توققۇزتارا تارىخ ماتىرىياللىرى ›› نىڭ  1-، 2 –تومىنى تۈزۈش ،مەسئۇل مۇھەررىرلىك ،كوررىكتورلۇق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ جامائەتچىلىككە سۇندى .  

ئەسئەت ئابدۇرىشىت-ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگۈلۈك ئورۇنغا ئىگە ياش يازغۇچى ئەسئەت ئابدۇرىشىت تۇرمۇشنىڭ يارقىن نۇقتىرىلىرىنى رەڭدار جۇلالار بىلەن بوياپ ئىلىدىكى غوللۇق يازغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىلى رايونىنىڭ ئۆزگىچە موھىتى،ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزگىچە يۇمۇرىستىك،خۇش پېئىل خارەكتىرى ئۆز-ئۆزىنى تېپىپ يېقىشلىق مىلودىيىگە ئايلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىككى پارچە ئەسىرى كىنو قىلىپ ئىشلەندى .‹‹ئەركەكلەر››ناملىق ھېكايىسى 7-نۆۋەتلىك ‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا‹‹ئادىنۇچكا››ناملىق ھېكايىسى 3-قېتىملىق ‹‹ئىلى دەرياسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا،‹‹ئاق رومال››ناملىق پوۋېستى 2-نۆۋەتلىك‹‹تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى››غا نائىل بولدى.‹‹ئايدىكى داغ››،‹‹يەكپاي ئاياق››ناملىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىندى.ئۇ ئىجادىيەت قىلىش بىلەن بىرگە،‹‹ئىلى دەرياسى›› ژورنىلىدا مۇھەرىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇ ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ماخمۇت يولۋاس-90-يىللارنىڭ بېشىدا قولىغا قەلەم ئېلىپ،ئەدەبىيات قوشۇنىغا كىرىپ كەلگەن بۇ ياش يازغۇچى،ئۆزگىچە،تېتىملىق ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تونۇلدى. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان ئادەم سېھىرلىك بىر قەلئەگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.چۈش بىلەن رېئاللىق ھازىر بىلەن ئۆتمۈش،تۇرمۇش بىلەن ئەپسانە بىرلىشىپ كەتكەن ھېكايىلىرى كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى پەيدا قىلىدۇ.ئۇنىڭ‹‹مورا››،‹‹سۆڭەك سېتىش››،‹‹چىرايلىق چىۋىچ››قاتارلىقلار سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.يازغۇچىنىڭ ‹‹كۆك قومۇش››ناملىق ھېكايىسى 10-نۆۋەتلىك ‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا،‹‹بۆلۈم بوشىتىش››ناملىق ھېكايىسى‹‹ئىلى كەچلىك گېزىتى››ئۇيۇشتۇرغان‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر››مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.‹‹كۆك قومۇش››ناملىق ھېكايىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى.‹‹مومامنىڭ بۇلۇتى››ناملىق ھېكايىسى باشلانغۇچنىڭ قوش تىل ئەدەبىيات دەرسلىگىگە كىرگۈزۈلدى.‹‹ئاسماندىكى دەريا››ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى.ئۇ ھازىر‹‹كۆك قومۇش››ناملىق ھېكايىلار توپلىمى ئۈستىدە جىددى ئىشلىمەكتە.

سەيپىدىن تۇراق-جەلىپكار ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن دىيارىمىزدىكى ياش يازغۇچىلارنىڭ بىرى.ئۇ ھېكايىلىرىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بىلەن ئۇيغۇر پىسخىكىسىنى زىچ بىرلەشتۈرگەن بولۇپ،ئىنسان روھىيىتىدىكى نازۇك تۇيغۇلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىپادىلەپ،ئوقۇرمەننى پىرسۇناژنىڭ روھىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلايدۇ.ئۇنىڭ‹‹تارى ئۈزۈلگەن ئىسكىرىپكا››،‹‹يۇلتۇز ئاققان كېچە››قاتارلىق ھېكايىلىرى بولۇپ،‹‹مېيىپنىڭ ھېكايىسى››ناملىق ھېكايىسى 16-نۆۋەتلىك‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەنھەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.بۇلاردىن باشقا يازغان شېئىرلىرىمۇ تارتىملىق بولۇپ،كىشىنىڭ زوقىنى تارتىدۇ.يازغۇچىنىڭ‹‹ئانا ۋە بوۋاق››ناملىق ھېكايىسى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن.

دىلمەھەممەت جەفەر-90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تېتىملىق شېئىرلىرى بىلەن شېئىرىيەت ئاسمىنىدا پارلاپ چىققان،ئۆزىگە خاس شېئىرى تىل،شېئىرى مۇھىت ۋە كەيپىيات ياراتقان ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا قاقىرام ئاپتاپتا ئوما ئورۇۋاتقان تارانچى دېھقانلىرىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرى جۇلالىنىدۇ.ئاشىقلىق،سېغىنىش ئۆزگىچە سېھرى كۈي بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.ئۇ ئۆز تۇيغۇسىدىكى مۇڭلىرىنى تەبىئەت مۇڭلىرىغا تەڭكەش قىلالىغان شائىر بولۇپ،بىزنى شېئىرنىڭ ئالتۇن قەسرىدە گۈزەل تۇيغۇلار بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.ئۇنىڭ‹‹ئاپئاق ئاۋاز››،‹‹ئىلى باياۋان››،‹‹ئانام ھەققىدە لىرىكىلار››،‹‹سىم باغلانغان دەرەخ ئازابى››قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرى ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانغا سالغان.ئۇ توققۇزتارا ئاپتۇرلىرى ئىچىدە تۇنجى داستان يازغان.‹‹مايلامچى بالىلار›› داستانى ئەنە شۇنىڭ مىسالىدۇر.

ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى-2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ قولىغا قەلەم ئېلىپ،ئەدەبىياتنىڭ تۈرلۈك ژانىرلىرىدا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى.ئۇنىڭ‹‹سېپىل››،‹‹ئىمكانسىز بوشلۇق››قاتارلىق ھېكايىرىدا سۆيگۈ،مۇھەببەتكە ئۆزگىچە مۇئامىلە قىلىنغان بولۇپ،بىزگە رېئاللىقنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى پىرسۇناژلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق سۆزلەپ بەرگەن بولسا،‹‹كېچىكىش››قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن بالىلارنىڭ قەلب دۇنياسىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ.ئۇنىڭ يەنە يېڭىچە تەپەككۈر، شەكىل بىلەن يېزىلغان شېئىرلىرى بىزنى ئويغا سالىدۇ.ئۇنىڭ‹‹سۇنىڭ لەۋلىرى››،‹‹شاماللارنىڭ ناخشىسى جىمجىت››،‹‹مەڭگۈلۈك ئارىلىق››قاتارلىق شېئىرلىرىدا يۇقارقى پىكرىمىز ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.2009-يىلى‹‹ئۆكۈنۈش››ناملىق پوۋېستى ئېلان قىلىنىپ،ياخشى باھاغا ئېرىشتى ھەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى.2010-يىلى 5-ئايدا ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ خوخخۇت شەھىرىدە ئېچىلغان80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرۇسىغا قاتنىشىپ كەلدى.ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

گۈلزار ئابلەت-‹‹مامكاپ گۈلى››،‹‹ئايەملىك سالام›› يەنە نۇرغۇن شېئىرلىرى بىلەن ئاياللارنىڭ نازۇك قەلبىنىڭ پىنھان سىرلىرىنى پىچىرلاپ ،گۈزەللىك ، مۇھەببەت ، ساداقەت چۇقانلىرىنى ئۆركەش ئاققۇزغان ئەرلەرگە ناتونۇش يەنە بىر دۇنيانى يورۇتۇپ بەرگەن ھېسسىياتقا باي بۇ شائىرەنىڭ شېىئىر سادالىرى قۇلىقىمىز تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ ئانىلىق مېھىر شېئىر بەرگىلىرىدە چاقنايدۇ.

شۇنداق، بۇ گۈزەل زېمىندا ئايال ئاپتورلىرىمىزمۇ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە قول يەتكۈزدى.ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئاياللىق قەلبىنى ئاشكارىلاپ ، قىز –ئاياللىرىمىزنىڭ  |خارەكتىرى ۋە پىسخىكىسىنى دادىللىق بىلەن يورۇتۇپ بېرەلىدى . مەسىلەن : گۈلجامال نۇرمۇھەممەتنىڭ ‹‹ توي كۆڭلىكى مىسكىن بىر قەلب›› ، ناملىق شېئىرى ، گەرجەستىبانۇم ئابلىزنىڭ ‹‹ شېرىپ كېسەك ›› ھېكايىسى ، مۇيەسسەر خېلىلنىڭ ‹‹ ئانا ›› ، ‹‹قۇلۇپ ›› ،‹‹ سېنى بەخت دەپ چاقىراي ›› قاتارلىق پوبلىستىك ماقالىلىرى كىشى قەلبىنى سۆيۈندۈرىدۇ.

2000 – يىللارغا كەلگەندە بۇ توپقا مەرھۇم ئابدۇللا ئابدۇكېرىم ، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ،غوجائەخمەت نۇرمۇھممەت ، ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى ،ئابدۇراخمان قادىر ،قاتارلىق بىر تۇر*كۈم روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ،مۇھەببەت بىلەن قەلەم تۇتالايدىغان يېڭى كۈچلەر قوشۇلدى. ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پىسخىكا ۋە دۇنيا قارىشىنى تېما  قىلغان  تۇرلۇك ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ياراتتى. يەنى غوجائەخمەت نۇرمۇھەممەتنىڭ ‹‹ ئاتچى مەرۇپ ››، ‹‹ غۇلام  ئەپەندى ›› ،‹‹ ئوتقاش گۈل ›› ،قاتارلىق ھېكايىلىرى روياپقا چىقىپ ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانلاندۇردى. مەرھۇم ئابدۇللا  ئابدۇكېرىمنىڭ ‹‹ بىلىنمەكتە ھايات باشقىچە ›› ، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ‹‹ كۆلچەكتىكى دۇنيا  ›› ،  ‹‹ توققۇزتاراغا تېز سىزما ›› ،  ئابدۇراخمان قادىرنىڭ ‹‹ ئېتىز ۋە ئەر ›› شېئىرلىرى يېڭى ئۈمىدلەرنى ئاتا  قىلدى .

باھاردا تاغلىرى يېشىل رەڭدە چۆمكىلىپ ، دالالىرى گۈل – چېچەكتە رەڭ ئاچىدىغان ، قىشتا پۈتكۈل زېمىنى قاردا ئاپئاق لىباس كىيىپ ، دەريالىرى شۈرمەلگە تولۇپ ئۆزگىچە مەنزىرە پەيدا قىلىدىغان بۇ سېھىرلىك يۇرت ، قەلبى تاغ سۈيىدەك پاكىزە يىگىت – قىزلارنى ھەر زامان تەۋەللۇت قىلىپ بەرمەكتە . خەلق ئىچىدە ياشاپ ، خەلق ئارىسىدا كۆكىرىۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە قەلبىگە بۈيۈك ئارمانلارنى پۈكۈپ،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا قان-تەرى بەدىلىگە ئاپرىدە قىلغان شېرىن مىۋىلىرىنى سۇنىۋاتقان ئەنە شۇ قەلەمكەشلىرىمىز ھېلىمۇ توختاۋسىز ئىزدەنمەكتە.توختاۋسىز ئىلگىرىلىمەكتە.بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىككى،مەدەنىيەتنىڭ بىر قانىتى بولغان سەنئەت ساھەسىدىمۇ ئەلگە تونۇلغان سەردارلىرىمىز ئاز ئەمەس. روزى تاران،توختاخۇن ئەسقەر،ئابدۇۋەلى ئىسمايىل،كەرىم مەھەممەت،ئەركىن توختاخۇن قاتارلىق ناخشىچى،سازەندىلەر ھەم ئاغزىدا قىلىچى بار چاقچاقچىلىرىمىزدىن مەرھۇم تۇراق سۈپۈرگە شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان چاقچاقچى تۇداخۇن روزىنىڭ ئېغىز شەمشىرىگە قايتماس ئۆتكۈرلۈك تىلەيمىز.تۇداخۇن روزىنى تىلغا ئېلىۋىتىپ ئۇنىڭ تالاي سورۇنلاردىكى چاقچاق،يۇمۇرلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، ئۆز-ئۆۈمچە كۈلۈپ كەتتىم.‹‹بىر كۈنى...›› دەپ باشلىنىدىغان ئۇنىڭ يۇمۇرلىرىنى ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ كۈلمەيدىغانلىرى چېلىقمايدۇ.

‹‹ئاي شارى ›› مەزمۇن قىلىنغان دەرسنى تاماملىغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپتۇ :

-      سىلەرنىڭ ئاي شارىغا بارغىڭلار بارمۇ ؟

ئوقۇغۇچىلار گۈررىدە جاۋاپ بېرىپتۇ.

-      بار!

ئوقۇتقۇچى قارىسا ياندىكى بىر ئوقۇغۇچى جىممىدە ئولتۇرغىدەك ، ئوقۇتقۇچى ئۇ ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ :

-سېنىڭ بارغۇڭ يوقمۇ ؟

ئوقۇغۇچى يىغلامسىراپ تۇرۇپ :

- ئاپام مېنى ئۆيگە بالدۇرراق قايتىپ كەل دېگەن ئىدى ،- دەپتۇ.  

ئەنە شۇنداق قىزىق يۇمۇرلار بىر تەرەپتىن كىشىنى كۈلدۈرسە،بىر تەرەپتىن كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ،گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك،ۋاپا بىلەن جاپا،پىتنىخورلۇق،چېقىمچىلىق،نادانلىق...يەنە نۇرغۇن ناچار قىلمىشلارنى قامچىلاپ،ئادەملەرنى توغرا يولدا ياشاشقا،يامانلىقتىن يىرگىنىشگە ئۈندەيدۇ.روزى ئابدۇغەنى تاراننىڭ شىلدىرلىغان بۇلاق سۈيىدەك يېقىملىق ئاھاڭلىرى،ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئەينەن، ساپلىقىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ،‹‹دەرىخا››ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىدىكى سەرخۇش كۈيلەر بۇنىڭ پولاتتەك پاكىتى بولالايدۇ. دىمەك توققۇزتارا تۇپرىقىدا ياشاپ،ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن خەلق مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان ئەدەبىيات-سەنئەت قوشۇنى گويا يېلىنجاۋاتقان رەڭدار چوغقا ئوخشايدۇ.بۇ چوغ بارغانسىرى ئۇلغۇنۇپ،يالقۇنغا ئايلىنىشىدا ئەسلا شەك يوقتۇر. شۇنداق بۇ چوغ يەنىمۇ يېلىنجاپ، نۇر ۋە ھارارىتى خەلق ۋۇجۇدىنى داۋاملىق ئىللىتقۇسى. ناھىيىمىز تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹دىيارىمىزدا››پروگراممىسىدا 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى يەنى قۇتلۇق قۇربان ھېيتنىڭ 2-كۈنى دىيارىمىز قەلەمكەشلىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇرغان ئىدى. تەسىرى چوڭ بولدى.

- تونۇمايدىغان بەزى كىشىلەرمۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاراپ كېتىۋاتىدۇ.

- خېلى كاتتا ئادەم بولۇپ قالدۇقمۇ نېمە؟

- ياق،-دېدىم شۇنداق دېگۈچىلەرگە ،- بىز ئاددى بىر ئادەم، ئۇلارنىڭ ھەۋەس بىلەن قاراشلىرى بىزگە بەرگەن مۇكاپاتى،- دېدىم كۈلۈمسىرەپ.

ئەسلى ‹‹ دىيارىمىزدا ›› پىروگىراممىسىدا يازارمەنلەرنى تونۇشتۇرۇشنى پىروگرامما مەسئۇلى تىرىشچان قىز مۇيەسسەر خېلىل پىلانغا ئالغان ئىدى . ‹‹ ئۈزۈلمەس ئېقىن ›› ناملىق سىنارىيىنى ماخمۇت يولۋاس بىلەن ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى يېزىپ چىققاندىن كېيىن ،ئابدۇخېلىل مىرخېلىل ئىككىمىز كۆرۈپ چىققان ئىدۇق .فىلىم سىنارىيىنى يۈز پىرسەنت يورۇتۇپ بېرەلمىگەن ھەتتا غوجا ئەخمەت نۇرمۇھەممەت قاتارلىق ئاپتورلار چۇشۇپ قالغان بولسىمۇ ئومۇمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئىدى . بۇ خىل نەتىجىلەر ئەلۋەتتە توققۇزتارا ئاپتورلىرىنىڭ ئىناق – ئىجىللىقى بىلەنمۇ گەۋدىلىنەتتى.

-      دىيارىمىزغا مەشھۇر يازغۇچى زوردۇن سابىر كەپتۇ!

- ئاتاقلىق يازغۇچى  مەمتىمىن ھوشۇر قەدەم بېسىپتۇ !

-      ئىقتىدارلىق يازغۇچى ئالىمجان ئىسمائىلنى تەمىتە ، شارغوجا تەرەپلەرنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ دەيدىغۇ !

-      قارشى ئالىمىز ، قارشى ئالىمىز !

ھەممەيلەن شۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا يىراقتىكى تۇغقانلىرىمىز كېلىدىغاندەك خۇشال بولۇپ كېتىمىز ، ‹‹ تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر تاپالمىغىنى چۈجە – خوراز ،تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر ، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز ›› دېگەندەك تاپقىنىمىز بىلەن ئالدىغا چىقاتتۇق. مانا بۇ توققۇزتارا خەلقىنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئۇدۇمى.

دېمەك توققۇزتارا ئەدىبلىرىنىڭ بۇگۇنكىدەك نەتىجىلىرىنى  ئاشۇ قەلەم ساھىبىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا‹‹ئىلى دەرياسى ›› ژۇرنىلى ئۇيغۇر رېداكسىيىسى ،ژۇرنالىست شاكىرجان ئېلاجى قاتارلىق مۇھەررىرلەرنىڭ سەمىمي يېتەكلىشى ،مەدەتلىرىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز .ئۇلارنىڭ توققۇزتارا ئاپتورلىرىغا بىۋاسىتە بەرگەن دەرسلىرى ، ئۈمىدلىرى چوغ بولۇپ يانماقتا ، بۇ چوغ كۇنسىرى ، يىلسىرى يېلىنجاپ بارماقتا . بۇ چوغنىڭ يەنىمۇ يېلىنجاپ گۈلخانغا ئايلىنىپ لاۋۇلدىشىنى توققۇزتارا ۋە باشقا جايدىكى ئاۋامنىڭ ئورتاق تىلىكى دەپ چۈشىنىمىز .

يېلىنجاۋەر ئەي ئۈمىدلىك چوغ !







                   2010 –يىلى 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى




mukam.cn
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4983
تۆھپە : 5
توردا: 248
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 01:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توققۇزتارالىق ئەدىبلەرگە كۆز تەگمىسۇن!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3139
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 02:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەزكۇر ماقالە توققۇز تارا قەلەمكەشلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا ئومۇممىي نوقتىدىن خېلى ياخشى چىقىپتۇ.ئاپتورلارنىڭ ساننى،شۇغۇللانغان ئىجادىيەت تۈرلىرى(ژانىرى)نىڭ كۆپخىللىغى جەھەتتىن ئالغاندا ماقالىدا مەزمۇن چوڭقۇرلۇققا ،چوڭ مۇلاھىزە تۈرلىرى ئىنچىكىلىككە ئىگە قىلىنمىغان.مەزكۇر ماقالە پەقەت توققۇز تۇرادا پوكۇنى شائىرلار،پوكۇنى يازغۇچىلار باركەن ...دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزەلەيدىكەن.لىكىن شۇ شائىرلار،يازغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى،خاسلىقى ھەققىدە رەسمى قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بېرەلمەيدىكەن.....بەلكىم كېيىن بۇ يېتەرسىزلىك ئاپتورنىڭ ئۆزى ياكى باشقا قەلەمكەشلەر تەرپىدىن تۈزىتىلىپ كېتەر.چوڭقۇر،ماھايەت جەھەتتىن قايىل قىلارلىق سالمىقى بار ماقالىمۇ بارلىققا كېلەر....
      يالغۇز يۇقۇرقى ماقالىلا ئەمەس يېڭى يېتىشىۋاتقان قەلەم ساھىبىلىرىمىزنىڭ ماقالىلىرىدا ئەسەرگە قارىغاندا ئاپتورلارنى كۆپ تىلغا ئالىدىغان،ئاپتورلارنى رەتكە تىزىدىغان ئىش ....خېلى ئوبدانلا باش كۆتۈرۈپ قالدى.مېنىڭچە ياش ۋە يېتىلىۋاتقان قەلەم ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئەسەر ھەققىدە كۆپ،ئاپتور ھەققىدە ئامال بار ئاز توختالغان ياخشى.چۈنكى ئەدىپلەرنى شۆھرەتكە ئىگە قىلىدىغىنى باشتىن-ئاخىر ئەسەردۇر.ئەگەر بىر قەلەمكەش ناھايىتى كاتتا ئەسەر يازىدىكەن.تونۇشتۇرۇلمىسىمۇ ئەسىرى ھامان شۇ قەلەمكەشنىڭ داڭقىنى چىقىرىدۇ.مەن بۇ گەپنى ھەرگىز ئەنۋەر ناسىرغا قاراتقىنىم يوق. ...نۇرغۇن قەلەمكەشلەرنىڭ ماقالىلىرىدا مۇشۇ خىل ئەھۋال بار.شۇڭا پىكرىمنى يېزىپ قويدۇم.قۇبۇل قىلىنمىسا مەيلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-14 03:00  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 7183
تۆھپە : 8
توردا: 448
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 01:21:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر  ناسىرى ئۆزى يوققۇ مۇنبەردە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش