كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 24

شەيدائىي: تەرجىمە ئەسەرلىرىمدىن تاللانما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-22 23:26:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


توشقاننىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى

      ئاپتۇرى: جاڭ گوپىڭ

      توشقاننىڭ قىزارغان كۆزلىرى ئۇنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. گەرچە ئۇ تۈرلۈك-تۈمەن ھايۋانلار ئارىسىدا ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن تېنى كىچىك ھەم يۇمران بولغاچقا پىل، يولۋاس قاتارلىق ھايۋانلار ئارىسىدا ئۆزىگە تەئەللۇق ھاياتلىق بوشلۇقى تېپىش ھەقىقەتەن تەس. شۇڭا توشقان باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقىنى ساقلىمىسا بولمايدۇ. ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە نىسىپ بولغان بىر پارچە زىمىنى قوغداش ئۈچۈن ئازراقمۇ بىخەستىلىك قىلسا بولمايدۇ. شۇڭىمۇ كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق بېشارەتلەرنى كۆزىدىن ساقىت قىلىۋەتمەيدۇ. بىخەتەرلىكنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇش توشقاننىڭ ھاياتلىق دەستۇرى.
     بەزىلەر «توشقاننىڭ قۇيرۇقى ئۇزىرىيالمايدۇ!» دېيىشىدۇ. توشقاننىڭ كۈچلۈك ئازاب-ئوقۇبەت، كۈلپەت قارىشى بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئۇنى ئۆزىگە چۇشلۇق ئورۇنغا ئىگە قىلغان. توشقاننىڭ رايىشلىقى باشقا ھايۋانلارنىڭ ماھىيتى بىلەن روشەن پەرقلىق سېلىشتۇرما. توشقان ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ ئاددى بىر ئەزاسى بولۇپ، باشقا ھايۋانلار بىلەن ياشاش جەريانىدا كۈچلۈكلەردىن قورۇقمايدۇ، ئاجىزلارنى بۆزەك قىلمايدۇ. ئەزەلدىن تەشەببۇسكار ئۇرۇنغا ئۆتۈۋېلىپ ماجرا چىقارمايدۇ. مىجەزىدىكى مۇلايىملىق توشقاننى تەبئىي ھالدا باشقىلار بىلەن قارشىلاشمايدىغان رايىش ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان. توشقان گۆشخور ھايۋانلارنىڭ خەۋپىگە دۇچ كەلگەندىمۇ زېرەكلىكىگە تايىنىپ ئۆزىنى ياۋ ھوجۇمىدىن ئېلىپ قېچىپ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالايدۇ.
      تىنىچلىقنى ئەلا بىلىش توشقاننىڭ ھاياتلىق مىزانى. ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغىنى توشقان باشقىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. ھالقىلىق پەيتتە قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ھەر قانداق ئاخباراتنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئازراقلا شەپە بولسىلا توشقان ھەممىدىن بۇرۇن ھەم تېز ھەم توغرا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ ۋە ئىلمى ھەرىكەت قوللىنىدۇ. توشقاننىڭ بۇ خىل سەزگۈرلىكى بىزئىنسانلارنىڭ ياخشى ئۆرنەك ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
       كۆپلەپ ئەۋلات قالدۇرۇش توشقاننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭگۈشتۇرى. توشقانلارنىڭ ھالى ئۆزىگە ئايان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى «توشقان دېڭىزى تاكتىكىسى» نى ئىجات قىلغان. ئازراقلا ۋاقتى بولسىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆپىيىدۇ. بەزىدە نەچچە ئوننى بىراقلا تۇغۇۋېتىدۇ. ئوت چۆپ ئىستىمال قىلش ئارقىلىق ئەۋلات كۆپەيتىشكە ئاساس يارىتىدۇ.ھەممەيلەن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆپىيىپ چوڭ جەمەتىنىڭ گۈللىنىشىكە تۆھپە قوشىدۇ. توشقانلار ساننىڭ غەلبە ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ.   ئۆزلىرىنى ئۆلۈمگە قىستىغان دۈشمەنلىرىگە ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە «مەن قۇربان بولسام، ئىزىمنى باسىدىغان ئەۋلادلىرىم بار» دىگەن قورۇقماس، ئۈمىدۋارلىق روھىنى يوقاتمايدۇ.
        ئوزۇقلۇققا بولغان  تۆۋەن ئۆلچەم توشقانلارنىڭ كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشدىكى يەنە بىر سىر. بارلىق ھايۋاناتلار ئىچىدە توشقاننىڭ يېمەكلىككە بولغان تەلىپى ئەڭ تۆۋەن. ئۇنىڭ يەيدىغىنى ئۆسۈملۈك توپىدىكى ئەڭ ئاددى ئوت-چۆپلەر بولۇپ، ئۇ پەقەت قورسىقى تويسىلا شۈكرى-قانائەت قلىدۇ. يولۋاس، بۆرىلەرگە ئوخشاش گۆش بولسىلا يەيدىغان، مۈشۈكئېيىققا ئوخشاش پەقەت يۇمران بامبۇك يۇپۇرمىقىنىلا يەيدىغان ئادەت ئۇلاردا يوق. شۇڭا تەبىئىي ئاپەت ياكى ھەر قانداق تالاپەت يۈز  بەرمىسۇن تۇشقانلار ئاچارچىلىققا دۇچار بولمايدۇ. ھەتتا قىشنىڭ سۆڭەكتىن ئۆتكىدەك قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىدە يېشىللىق بولمىسىمۇ، توشقان يەنىلا قۇرۇپ كەتكەن ئوت-چۆپلەرنى يەپ قوسىقىنى تويغۇزىدۇ. تۇرالغا جەھەتتە يۆتكىلىپ تۇرغاچقا مۇقىم تۇرار جايى بولمايدۇ. ئۆز شارائىتىغا قاراپ ئىش كۈرۈپ كىچىككىنە ئۇۋا ياسۋالسىلا بولىدۇ، بارىغا شۈكرى قانائەت قىلىپ بارىنى يەپ خالىغان جايدا ماكان تۇتىدۇ. توشقاننىڭ ئۆزلۈك خاراكتىرى، بولۇپمۇ جان ساقلاشقا بولغان تۆۋەن ئۆلچىمى ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى كۈچەيتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
       ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سەزگۈ-تەپەككۇر توشقانلارنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۆپىيىپ تەرەققى قىلىشنىڭ ئۆتكۈر قورالى. يىراق قەدىمكى زاماندا توشقان ھاكاۋۇرلىقى تۈپەيلى تاشپاقا بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىش مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم مەغلۇب بولغان. كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ساۋىقىدىن ئىبرەت ئېلىپ، يېڭى رىقابەتكە يۈزلىنىپ، قايتىدىن غەيرەتكە كىلىپ، ھەممە ئىشنى يېڭى باشتىن باشلاپ يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. ئەنئەنە بويىچە كۆرگەندىمۇ توشقان ئۆز جۇغىنىڭ كىچىك بولغنىغا باقماي، ھايۋاناتلار دۇنياسىدا ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەقىل پاراسەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشكىدەك ئەقىلگە ئىگە. شۇڭىمۇ ھايۋاناتلار ئارىسىدا  زور شۆھرەت قازانغان. «توشقاننىڭ ئۈچ ئۇۋىسى بار» دىگەن بۇ ھېكمەت تۇشقاننىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەقىل-پاراسىتىنىڭ نامەيەندىسى. «توشقان ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى ئوت-چۆپنى يېمەيدۇ!» دىگەن ھېكمەتمۇ دەل توشقاننىڭ جاپا-مۇشەققەت ئېڭىنىڭ يۇقىرىلقىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئۇۋىسى ئەتراپىىدىكى ئوت-چۆپلەرنى يېمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئوت چۆپلەرنى جاپالىق كۈنلەرگە قالدۇرۇپ، ئۆزىنى قىين ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت قالدۇرغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا توشقان ھەقىقەتەن « يىراققا نەزەر سالماي تۇرۇپ، يېقىندىكى خەۋپتىن ئەنسىرەش» نىڭ ئىجادكارى ھېسابلىنىدۇ.

خەنزۇچە: «解放日报» «ئازادلىق گېزىتى» نىڭ 13-فېۋرالدىكى سانىدىن
                ـــ ئىمىننىياز مەتنىياز   شەيدائىي تەرجىمىسى.



  خوجايىننىڭ سوۋغىسى


  (ھېكايە)

ئەسلى ئاپتۇرى:  يۈ پىڭ

        يېقىندىن بۇيان ئۆيۈمنى زىننەتلەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ دائىم ئىشقا كېچىكىپ قالدىم. ھېلىمۇ ياخشى خوجايىنىم كەڭ قورساق ئادەم بولغاچقىمىكىن، مەسئۇلىيىتىمنى سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدى. ئىشقا سەل كېچىكىپراق كەلگەن يەنە بىر كۈنى ئويلىنغان يەردىن خوجايىن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. خوجايىن ئىشخانىسىدىن بىر تال قول سائىتىنى كۈتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ماڭا قاراپ:
   __ شىياۋ يۈ، بۇ قول سائىتىنى مەخسۇس ساڭا ئاتاپ سېتىۋالدىم، گەرچە باھاسى ئانچە قىممەت بولمىسىمۇ، لېكىن سېىنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشىڭنى ئۆزگەرتىشكە ياردىمى بولۇپ قالىدۇ،__ دىگىنىچە سائەتنى ماڭا بىرىۋېتىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. خوجايىننىڭ قولىدىن قول سائىتىنى ئېلىۋېتىپ سەل خىجىللىق ھېس قىلغان بولساممۇ، لېكىن خوجايىننىڭ ئالىيجاناپ، ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىدىن قەۋەتلا سۆيۈنۈ پ كەتتىم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىشقا كېچىكمەي دەل ۋاقتىدا كېلىدىغان بولدۇم. ئالدىنقى كۈنى خوجايىننىڭ ئىشخانىسىدىن چىرايى تاتارغان ھالدا سالپايغىنىچە چىقىپ كەلگەن شىياۋ ۋۇنى كۈرۈپ كۆڭلۈم ئاللىقانداق بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى-دە ئۇنىڭدىن سورىدىم:
   _ خوجايىندىن دەشنام يىگەن ئوخشىمامسەن؟
   _ ھېچ بىلمىدىم ئاداش، خوجايىن ماڭا گەپ-سۆزمۇ قىلماستىن يانفۇنۇمغا قىممەت تولۇقلاش كارتىسىدىن بىرنى سوۋغا قىلدى،_ دېدى ئۇ مەيۇس ھالدا مېنىڭ سورىغان سۇئالىمغا جاۋاب بىرىۋېتىپ.
  __ ئۇنداقتا سەن خۇشال بولماقتا يوق يەنە نېمىگە جىددىيلىشىسەن؟_ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
  _ خوجايىننىڭ مەقسىتىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم، بەلكىم ماڭا قىممەت تولۇقلاش كارتىسى سوۋغا قىلىش ئارقىلىق شەخىسى ئىشىمغا  شىركەتنىڭ تېلفۇنىنى ئىشلەتمەسلىكنى ئەسكەرتمەكچى بولسا كېرەك، گەرچە خوجايىن ئوچۇق ئاشكارا ئېيىتمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەن شۇنداق يەكۈن چىقاردىم، بۇندىن كېيىن شىركەت تېلفونىنى ھەر گىز شەخسى ئىشىمغا ئشلەتمەيمەن! _شىياۋ ۋۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭ خېلىلا خاپا بولغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
      ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا «خوجايىن خېرىدارلار مۇلازىمەت بۆلۈمىدىكى شىياۋيۈنگە بىر تال ئەينەك سوۋغا قىپتۇ!» دىگەن خەۋەر تارقالدى.
  ــ خوجايىننىڭ سىزگە ئەينەك سوۋغا قىلغانلىقىنى قانداق چۈشەندىڭىز؟- سورىدىم مەن بىر كۈنى شىيا يۈندىن.
  ــ يېقىندىن بۇيان ساقسىز بولۇپ قالدىم. روھىي كەيپىياتىم بەكلا  ناچار بولغاچقا خېرىدارلارغا تازا دىگەندەك ئىللىق مۇئامىلىدە بولالماي قالغان ئىدىم،  خوجايىن مېنىڭ تۇرقۇمدىكى نورمالسىزلىقنى بايقىغان بولسا كېرەك، ئالدىنقى كۈنى ماڭا بىر تال ئەينەك سوۋغا قىلدى، بەلكىم خوجايىن مېنى ئەينەككە كۆپرەك قاراپ تاشقى قىياپىتىمگە دىققەت قىلىپ، خېرىدارلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىشىمنى تەلەپ قىلماقچى بولسا كېرەك، ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ھازىر جەمئىيەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە تاپا-تەنە قىلىپ دەشنام بىرىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان خوجايىنلار بەك كۆپ، بىزنىڭ خوجايىنغا ئوخشاش سوغۇق قان، ئۆز مەقسىتىنى ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ئالىيجاناپ، ئېسىل پەزىلەتلىك خوجايىنلار كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ جۇمۇ!- شىياۋيۈن ئۆز چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلۋېتىپ بارغانسېرى ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
      كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يېقىندىن بۇيان خوجايىندىن سوۋغات تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، سوۋغاتنىڭ ئىپادىلەش مەزمۇنىغا قاراپ ئۆزىدە سادىر بولىۋاتقان مەلۇم سەۋەنلىكلەرنىڭ كونكرت سەۋەبلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ تۈزەتكەنلىكى توغرىسىدا زوق-شوخ بىلەن سۆزلەشمەكتە ئىدى.
    ــ خوجايىننىڭ ئۆز كۆڭلىدىكى تەلەپ، ئۈمىد، ئىستەكلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا دېمەستىن، تۈرلۈك سوۋغات بويۇملىرىنىڭ ۋاستىلىك ياردىمى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزىشى بىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت جۇمۇ!ـ دېدى ئارىدىن بىرەيلەن ئېغىز ئېچىپ.
   ــ شۇنداق، بۇ دىگەن بىزنىڭ خوجايىندەك ئېسىلزادىلەردە كەمدىن-كەم تېپىلىدىغان ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت!
   ــ ياق، بۇ دىگەن بىزگە بېرىلگەن بىر قېتىملىق پۇرسەت! - كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆز كۆڭلىدىكىنى بەس-بەستە ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنازىرىلىشىۋاتقاندا ئەتىدىن بىرى بىر ئېغىزمۇ گەپ-سۆز قىلماستىن بىر بۇلۇڭدا شۈمشىيىپ ئولتۇرغان دالىغا كۆزۈم چۈشتى.
  ـ سەنمۇ خوجايىندىن سوۋغات تاپشۇرۇپ ئالغانسەن؟ـ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
  ـ تاپشۇرۇپ ئالدىم، بىراق مېنىڭ سوۋغاتقا بولغان چۈشەنچەم كۆپچىلىكنىڭكىدەك ئۇنچىۋىلا چوڭقۇر، ھەم ياخشى ئەمەس،-دېدى ئۇ سەل تارتىنغان ھالدا.
  ـ سەن خوجايىننىڭ قانداق ئالاھىدە سوۋغىسىغا ئېرىشتىڭ؟ـ تەڭلا سوراشتى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ.
  ـ ئالاھىدە سوۋغات ئەمەس، ئادەتتىكى بىر قاپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۆچەيىتكۈچى دورا، مەن ھەر قانچە ئويلاپمۇ بۇ سوۋغاتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم. دورىنڭ چۈشەندۈرىشىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم. بۇ دورا مەخسۇس ئەس-ھوشى جايىدا ئەمەس، ئەقلى قۇۋىتى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدىكەن. بۇ مېنىڭ خىزمەت قابىلىيىتىمگە قارىتا بېرىلگەن سىگنال بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم بۇنداق غەلىتە سوۋغاتنىڭ مەن ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى خوجايىن ئاللىبۇرۇن ئويلاپ يەتكەن بولسا كېرەك...ـ دالىي سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە يۈزلىرى قىزىرىپ بېشى تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى.   
        كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جىمىپ قېلىشتى. ئۇلار خوجايىندىن تاپشۇرۇپ ئالغان سوۋغاتلىرى توغرىسىدا ئېلپ بارغان ھەر خىل پەرەزلىرىدىن گۇمانلانغاندەك بىر-بىرىگە سۈكۈتلۈك بېقىشقىنىچە داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قېلىشتى.

      ـــ خەنزۇچە «ياشلار كۆزنىكى» ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 11-سانىدىن
                                                             ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدائىي تەرجىمىسى

                              2006-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى تەرجىمە قىلىنغان   



تەتىرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى

(فېليەتۇن)

ئەسلى ئاپتورى: جوۋ خەيلىياڭ

    دەرەخكە چىقىپ چۈشۈشنى مەشىق قىلىۋاتقان بىر توپ مايمۇننى كۆرگەن تەڭرى ئۇلارغا قاراپ دەپتۇ:
  _دەرەخ ئۈستىگىلا چىقۋالماي يەر يۈزىگىمۇ چۈشۈپ ياشاشقا ئادەتلىنىڭلار !
_ نېمىشقا يەر يۈزىگە چۈشۈپ ياشايمىز؟- سوراپتۇ مايمۇنلار تەڭرىدىن.
_ يەر يۈزىگە چۈشۈپ ياشىساڭلار تەتىرىجى تەرەققىي قىلىپ ئادەمگە ئايلىنالايسىلەر!- دەپتۇ تەڭرى ئۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بىرىپ.
   تەنتەك مايمۇنلار تەڭرىنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي تۆت ئەتراپقا شاخلاپ باراقسان ئۆسكەن دەرەخزارلىقنى ماكان ئەتمەكنى ئىزدەپ تاراپ كېتىپتۇ. پەقەت ئەڭ ھاماقەت ئىككى قېرى مايمۇن تەڭرىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە يەر يۈزىگە چۈشۈپ ياشاشقا باشلاپتۇ. راسىت دېگەندەك ئۇلار تەتىرىجى تەرەققى قىلىپ ئادەمگە ئايلىنىپتۇ. ئادەملەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىل-پاراسەتلەرنى ھازىرلاپ، ئوت-چۆپلەردىن ئۆي ياساپ، تېرىقچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ، چارۋا-مال بېقىپ دىگەندەك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. كېيىنچە كېيىم-كېچەك كىيىشنى ئۆگىنىپ، تىل-يېزىقنى بارلىققا كەلتۈرۈپ كەلتۈرگەندىن كېيىن، كىتابنى كەشىپ قىلىپ چىقىپتۇ. سېمونېت، دورا-دەرمەك، زەمبىرەكنى كەشىپ قىلغاننى ئاز دەپ، يالغۇز كىشلىك ماشىنىنى ياساپ چىقىپتۇ. ئاخىرىدا ھەربىي قورال-ياراق، لەۋ سۇرۇخى، سېيرتما، كۇمپىيۇتېر، بىر قېتىملا ئىشلەتكىلى بولىدىغان چوكا قاتارلىقلارنى ياساپ چىققاندىن سىرت قانۇننى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پەلسەپىنى ئىجاد قىپتۇ. ھەم قائىد-تۈزۈملەرنى قوللىنىقا باشلاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئادەملەر ئارىسىدىكى تەتىرىجى تەرەققىيات يۇقىرى پەللىگە كۈتۈرلۈپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىپتۇ، ھەم ئۇلار ئارىسىدا زامان تەرەققىياتىغا ماس ھالدىكى "ئۇرۇش" ئاتلىق يېڭى بىر كەشپىيات مەيدانغا چىقىپتۇ.  
    جاي-جايلاردا ئۇرۇش-ماجرا ئەۋجىگە چىققانسېرى ئىلگىرىكى مۇنبەت تۇپراقلار بارغانسېرى ئازلاپ، دېڭىز-ئوكيانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. مايمۇنلار توپىنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاپ ئادەملەر توپىنىڭ سانى ئېشىپ بېرىپتۇ.  
   _ سىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئەكسىڭلارغا قايتىپ، يەنىلا دەرەخ ئۈستىگە چىقىپ ياشىساڭلار بولغۇدەك! _ دەپتۇ تەڭرى ئۇلارغا ئەقىل كۆرسىتىپ.
  _ نېمە ئۈچۈن ئۆز ئەسلىمىزگە قايتىپ ياشىغۇدەكمىز، مۇشۇنداق باياشات ياشىساق كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ!؟- سوراپتۇ ئادەملەر تەڭرىدىن.
  _ سىلەرنى ھازىر شۇم ئەجەل كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، سىلەر پەقەت ئۆز ئەسلىڭلارغا قايتىش ئارقىلىقلار بېشىڭلاردىكى كۈلپەتنى يېڭىپ، شۇم ئەجەلنىڭ قولىدىن قۇتىلالايسىلەر، بولمىسا سىلەرگە ئۇنىڭدىن ئۆزگە يول يوق!....-دەپتۇ تەڭرى ئۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بىرىپ.
   ئەپسۇسلىنارلىقى شۇ بوپتۇكى: تەنتەك ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى تەڭرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماپتۇ. ھەر كىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. نەتىجىدە ئىلگىرىكى مۇنبەت تۇپراقلار كۆلەم جەھەتتىن تېز سۈرئەتتە ئازلاپ، ئەكىسچە دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ كۆلىمى ئېشىپتۇ. ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ، گۈل-چىمەنلەر ئاينىغان باغلار چۆل، قاقاسلىق، غايەت زور قۇم بارخانلىرىغا ئورۇن بوشىتىپ بىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. توپ-توپى بىلەن خاتىرجەم ياشاپ كېلىۋاتقان مايمۇنلارمۇ ئادەملەرنى دوراپ، ئۇلارنىڭ سەنىمىگە ئۇسۇل ئويناپ، ئادەملەر توپىنىڭ سان جەھەتتىن قوشۇن كۆپەيتىشىگە بىر ئۆلۈش ھەسسە قوشۇپتۇ.
    زامان شۇ يوسۇندا تەتىرىجى تەرەققى قىلىپ كېلىۋاتقان بىر پەيىتتە ئادەملەر ئارىسىدا ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدىكى بىر قېتىملىق قانلىق "جەڭ" باشلىنىپتۇ.
    ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالاقىزادىلىك ئىچىدە قالغان ئادەملەر تەڭرىنىڭ ئۆزىگە ئېيىتقان پەنىد-نەسىھەتلىرىنى تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ئەسكە ئاپتۇ، ھەمدە بۈگۈن ئەتىنىڭ ئىچىدىلا ئۆز ئەكسىگە قايىتمىسا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچراپ ھالەك بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ يېتىپتۇ-دە تەڭرىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ.
   _ ئېھ ئولۇغ تەڭرى، شاپائەت قىلىپ بىزدەك ئاجىز بەندىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىڭ، ئۆز ئەكسىمىزگە قايتىپ دەرەخ ئۈستىدە ياشايلى، مال-دۇنيا، ئادىمىلىكىمىزدىن ئايرىلىپ خار مايمۇنلاردىن بولۇپ كەتسەكمۇ مەيلى!-دەپتۇ ئۇلار تەڭرىدىن شاپائەت تىلەپ.
   تەڭرى ئادەملەرنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماستىن ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ، بىر ھازادىن كېيىن ئېغىز ئېچىپ:
   _ ھەي ئادەملەر، سىلەر ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ دەرەخنىمۇ كېسىپ چوكا ياساشقا ئىشلىتىپ، نابۇت قىلىپ بولغان تۇرساڭلار، مەن شۇ چوكىلارنى يەر يۈزىگە تىكلەپ بىرەي، ئاندىن سىلەر مايمۇنلارغا ئەمەس بەلكى ئۇششاق چۆمۈلىلىەرگە ئايلىنىپ چوكىغا يامىشىپ چىقىپ ياشاڭلار!....  تەتىرىجى تەرەققىيات دىگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ!-دەپتۇ تەڭرى دەرغەزەپكە كېلىپ.

      _ خەنزۇچە "ياشلار كۆزنىكى" ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 11-سانىدىن
                                                           ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدائىي تەرجىمىسى

                                   2006-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى تەرجىمە قىلىنغان


          تەقدىرنى ئۆزگەرتكەن بىر كېچە.


بۇنىڭدىن نۇرغۇن  يىللار ئىلگىرى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بىر كېچىدە بىر جۇپ ئەر خوتۇن  چوڭ بىر مېھمانساراينىڭ زالىغا كىرىپ ياتاق ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ ،
    ــ ئەپۇ قىلغايسىلەر،ـ دەپتۇمۇلازىمەت سۇپىسىدىكى ياش بىر مۇلازىم ئوڭايسىزلانغان ھالدا،ــ مېھمانخانىمىزدىكى ياتاقلارنىڭ ھەممىسىنى كوللىكتىپ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارغا كۆتىرە بىرىپ بولدۇق،بىز ھەر دائىم مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە مېھمانلارنى باشقا مېھمانسارايلارغا تونۇشتۇراتتۇق،تولىمۇ ئەپسۇس،بىلىشىمىزچە يېقىن ئەترەپتىكى مېھمانسارايلارنىڭ ھەممىسى توشۇپ كېتىپتۇ.
مۇلازىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ياشانغان ئەر ئايالنىڭ چىرايىنى غەم بولۇتلىرى قاپلىۋپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن مۇلازىم ئۇلارغا قاراپ :
ئەگەر سىلەر بىئەپ كۆرمىسەڭلار بۇگۈن كېچە مېنىڭ ياتىقىمدا قونۇپ قېلىڭلار، ياتىقىم گەرچە مېھمانساراينىڭ يۇرۇشلۇك ياتاقلىرىدەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ،ئىنتايىن پاكىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن كېچە مەن بۇ يەردە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيمەن،ـ دەپتۇ.
  ئىككىنجى كۇنى ئەتىگەن ھېلىقى ياشانغان ئەپەندىم قونالغۇ ھەققىنى تۆلىۋېتىش ئۈچۈن پەسكە چۇشكەندە راسىتتىنلا ھېلىقى مۇلازىمنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا  ئىش ئورنىدا ئىكەنلىكنى كۆرۇپتۇ مۇلازىم ھېلىقى ئەپەندىم ئېلىپ كەلگەن قونالغۇ ھەققىنى ئېلىشنى قەتئىي رەت قىلىپ ئالماپتۇ .
  ـــ سىزگە  ئوخشاش بۇنداق ئاقكۆڭۇل،سەمىمىي مۇلازىملار ھەر  بىر مېھمانساراي خوجايىنلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۇلدىكىدەك تاللىشى،    بەلكىم مەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەخسۇس سىز ئۈچۈن بىر مېھمانساراي سالدۇرشۇم مۇمكىن!..دەپتۇ مۇلازىمغا قاراپ .
    ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۇپتۇ. ھېلىقى مۇلازىم ئىلگىرىكى   مېھمانسارايدا ئۆز خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان كۇنلەرنىڭ   بىرىدە ، ئۇ ھېلىقى كۇنى ئۆز ياتىقىدا بىر كېچە قونالغۇ ھازىرلاپ بەرگەن ئەپەندىم ئەۋەتكەن خەتنى تاپشۇرىۋالىدۇ .ئەپەندىم خەت    بىلەن بىرگە  مۇلازىمنى مانخاتونغاكېلىپ كېتىشكە ئاتاپ ئەۋەتكەن تەكلىپنامە ۋە بېرىش قايتىشقا كېتەرلىك ئايرۇپىلان بېلىتىنى       بىرگە  قوشۇپ ئەۋەتكەن ئىدى.
  ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۇپ  مۇلازىم مانخاتونغا كېلىپ 5ـ نومۇرلۇق چوڭ يولنىڭ 34ـ نومۇرلۇق كوچىسى ئىچىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك بىر ئىمارەت ئالدىدا ھېلىقى ئەپەندىم ئۇچرىشىدۇ. ئۇ كۆز ئالدىدىكى ھەيۋەتلىك ئىمارەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :
ــ مانا بۇ مېنىڭ سىزگە  ئاتاپ سالدۇرغان مېھمانخانام،مەن بۇ    ئىشنى ئاللىبۇرۇن سىزگە  دېگەن ئىدىم ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ـ دەپ      سوراپتۇ .
ـ ئەپەندىم ، چاقچاق قىلۋاتمايدىغانسىز ھە ؟ مەن گاڭگىراپلا قېلىۋاتىمەن، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ـدەپ سوراپتۇمۇلازىم ئىشەنمىگەندەك ئەجەپلەنگەن ھالدا .
  ئەپەندىم ھېلىقى مۇلازىمغا چۇشەندۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
ــ مېنىڭ ئىسىمىم ۋېليام ئادولۇف ئېيىستىرا، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ تېگىگە ھېچقانداق غەيرى مەنا يوشۇرۇنغان ئەمەس،سىز بۇ ئاشخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تاللاپ چىقىلغان ئەڭ مۇنەۋۋەر خادىم !
يۇقىرىدا  ئېيتىلۋاتقان بۇ تاماقخانا ئامرىكىدىكى نامى  داڭلىق  ۋېليام ئادولف ئېستىرالىيا تاماقخانىسى بولۇپ ، ھېلىقى مۇلازىم    بولسا  گېئورگىي بېرت يەنى بۇ تاماقخانىنىڭ بىرىنجى قول دېرىكتورلىقىغا  تەيىنلەنگەن كىشى ئىدى. ئۇ بۇ كۇنگە ئۆزىنىڭ ھېلىقى  كېچىدىكى سەمىمىيمىلىكنىڭ مىننەتدارلىقى بەدىلىگە ئېرىشكەن ئىدى .
  ئىقتىسادشۇناسلار شۇنى ئېسىمىزگە سالىدۇكى: دۇنيادا ئەڭ كەمچىل بولىۋاتقان نەرسىلەر  ئەڭ قىممەتلىك  بولىدۇ. سودا خاراكتىرلىك پائالىيەتلەردە ئەڭ  كەمچىل  بڭلىۋاتقان بىر نەرسە  بار . ئۇ   بولسىمۇ قەدىمدىن تارتىپ  ھازىرغا قەدەر ئەڭ  كەمچىل بولىۋاتقان  نەرسە  دەل سەمىمىيلىك !؟
  پەقەت سىزمۇ سەمىمىيلىك بىلەن نۇرغۇن ئادەملەرگە  ياردەم  بىرەلىسىڭىز مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەردائىم سىزگە ھەمراھ  ئىكەنلىكىنى
ھېس قىلالايسىز! كىشلىك ھايات يولى ھەردائىم  مۇشۇنداق.
__خەنزۇچە ‹ياشلار كۆزنىكى › ژورنىلىنىڭ2005-يىللىق 12 –سانىدىن
                 ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدائىي تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-16 15:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-23 00:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاللا ، سىزنىڭ تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللانغىنىڭىزنى ئەسەر ئەمدى كۆرۈپتىمەن،   تەرجىمە ياخشى چىقىپتۇ، يەنىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2014-10-23 09:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز قەلىمىڭلىدە يازغاندەك تاتلىق چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2014-10-23 09:26:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ ئاكا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2014-10-23 09:32:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىڭ بۇ يولدا توختاپ قالماسلىقىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن ئۇكام!

ۋاقتى: 2014-10-23 09:59:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىنىياز سىزگە يەنىمۇ نۇرانە مەنزىللەرنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-10-23 11:41:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە بەك جانلىق چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2014-10-23 11:41:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا دوستۇم سىزگە  ئۇتۇق تىلەيمەن،

ۋاقتى: 2014-10-23 11:58:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىلەر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم جۈمىلىلەر تازا راۋان بولماي قاپتۇ. مەسىلەن ؛« ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ مۇلازىم مانخاتتونغا كېلىپ...دېگەن جۈملىنىڭ ئاخىرى،- ھېلىقى ئەپەندىم ئۇچرىشىدۇ» دەپ ئاياغلاشقان، بۇ يەردە «بىلەن »قۇشۇمچىسى چۈشۈپ قاپتۇ ...
بۇ فىليەتونلار بىر-بىرىدىن ئېسىل فىليەتونلار ئىكەن، تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن .

ۋاقتى: 2014-10-23 16:56:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتىرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى

يۇقۇرىقىدەك ئىملا مەسىلىسىنى دىمىگەندە تەرجىمىلىرىڭىز ۋە تاللىغان ئەسەرلىرىڭىز  بەك ياخشى چىقىپتۇ...

ۋاقتى: 2014-10-23 17:38:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەملىك گۇۋاھنامىسنى ئۇقۇپ بۇلۇپ تۇرۇپ قاپتىمەن . نۇرغۇن سۇئاللار تۇغۇلدىيۇ بەلكىم باشقىلاردىمۇ شۇنداق سۇئاللار  تۇغۇلدى دىگەننىمۇ ساقىت قىلمىدىم………

ۋاقتى: 2014-10-23 17:43:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




        مېنىڭچە، تەرجىمىدە ئەسەر تاللاش ئەڭ مۇھىم بولسا كېرەك!
        سىزنىڭ تاللىغانلىرىڭىز سەرخىل ئەسەرلەر ئىكەن. تەرجىمىمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ يۇمشاق، چاپلىشاڭغۇ ۋە قوشۇمچىلىق تىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ ئۈلگىرىپتۇ. سىزگە قۇت يار بولغاي!   

ۋاقتى: 2014-10-24 12:16:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيدايىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرجىمە ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ سىجىللىقنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-10-24 12:44:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىمۇ نادىر فىلىيەتونلار يېزىلىپ يوولارنى يورۇتسا!...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-25 22:37:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تېمامغا باھا بەرگەن ۋە ماڭا قۇت تىلىگەن بارلىق ئەزىزلەرگە تەشەككۈر !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش