كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 2

ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا ئانېمىزم ۋە ئىپتىدائىي تەبىئەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 23:39:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا ئانېمىزم ۋە ئىپتىدائىي تەبىئەت ئىلاھچىلىقى

   


                      ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

     ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئەڭ قەدىمىي ئانتروپولوگىيلىك (ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي ئوبيىكتى بولغان) رايۇنلارنىڭ بىرى بۇلۇپ ، ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى ئنسان گورۇھى بۇ يەردە ئەڭ ئىپتىدائىي پادىلىق، ياۋايىلىق، ئۇروقداشلىق دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن.
    ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئىپتىدائى ئادىمى ئاڭ ۋە پائالىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە تۇرمۇش سەزگۈسىنىڭ تۇلىمۇ ئاددى ئىنفورماتسىيىدە ياشىدى.بۇ دەۋردە ئۇنىڭدا تەبىئەتتىن ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ھالقىغان تەسەۋۋۇر تېخى شەكىللىنىپ ئۈلگۈرمىگەنىدى. كېيىنچە ئۇ ئۆز مۇھىتىغا قانائەتلەنمەيدىغان بولدى.ئۇنىڭدا تەبىئەت ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ھالقىغان تەسەۋۋۇر ئامىللىرى شەكىللەندى.ئۇنىڭ ئاڭ تۈزۈلمىسىدە ھېسسى بىلىشتىن ئۇقۇمچان تەپەككۇرغا يۈزلەنگەن غايەت زور سەكرەش يۈز بەردى.بىۋاستە سەزگۈ ئنفورماتسىيىسى ۋە يەككە ئىدراك ئىقتىدارىدىن ئۇقۇم تۈزۈلمىسىگە ئاساسلانغان تەپەككۈر ئىقتقدارىغا ئۆتۈش ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئىپتىدائىي ئادىمىنىڭ پىسخىك ۋە بىلىش جەريانلىرىنى يۈكسەلدۈردى،ئۇنىڭدا بىۋاستە ئەمەلىي سەزگۈ ئنفورماتسىيىسى بىلەن بىللە ۋاستىلىك، توقۇلما خاراكتىرلىك،ئىللوزىيلىك ئاڭ قوشما خاراكتىرى پەيدا بولدى. بىز ئەڭ ئىپتىدائىي ئادەمنىڭ دەپنە قىلىنىش رەسمىيەتلىرىدىن ،بەدەنلىرىگىچە ھەرخىل رەڭدىكى نەقىشلەر چىكىۋېلىشىدىن، جەسەتكە بىللە كۆمۈلگەن بۇيۇملار،سېھىرلىك كۈچ دەپ تۇنۇلغان ئەڭ ئىپتىدائىي تىلتۇمار ۋە زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرىدىن،ئۇلارنىڭ ئۆڭكۈرلەر،قىيا تاشلارغا سىزغان ئەڭ دەسلەپكى رەسىملەرى ۋە ئالامەتلىك بەلگىلىرىدىن بۇ نۇقتىنى روشەن كۆرۋالالايمىز.
    ئاڭنىڭ بىللە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئىپتىدائىي ئادەمنىڭ ھايات ـ پائالىيىتىنى تېخىمۇ ئىجتىمائىيلاشتۈردى،ئۇنىڭ بىلىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇردى،ئۇنىڭ پىسخىك ئقتىدارىغا ئەقىل ئەقىل چىرىغى،تەسەۋۋۇر ۋە خىيال بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ھېسىسىىياتجان قابىلىيەتلەرنى قوشتى.ئىپتىدائىي ئادەم ھەقىقەتەن كوپ خىل ھېسسىياتچان ۋە پاراسەتلىك ئادەمگە ئايلاندى.ئوتنىڭ تىزگىنلىنىشى،ئوقيانىڭ كەشىپ قىلىنىشى،ئۇلاغنى بىۋاستە ئۇزۇقلۇق ئوبىكتى قىلىشتىن ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ئۆتۈش،ئىپتىدائىي تېرىقچىلىق ۋە ھايۋان كۆندۈرۈش،ئىپتىدائىي ناخشا ـ ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋەھاكازالار رپاراسەتنىڭ مۆجىزىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كىلىشى بىلەن بىللە،يەنە ئۇ پاراسەتنىڭ راۋاجلىنىش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.
    شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى،تېخى تۇلىمۇ ئىپتىدائىي باسقۇچتا تۇرغان ئادەم ،گەرچە بىر قاتار ئجتىمائىي ۋە ئەقلىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق چەكسىز تەبىئەت ئۈستىدىن دەسلەپكى مۇۋاپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىق قىممىتىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ،ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى بايقاپ قالدى.تەبىئەت ئۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى بىۋاستە سەزگۈ ئنفورماتسىيىسى باسقۇچىدەك يېمەك ـ ئچمەك ۋە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماق ئوبيېكتىلا ئەمەس،يەنە سېھىرلىك بىلىش ئوبېيكتى بۇلۇپ كۆرۈنۇشكە باشلىدى.مانا بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىپتىدائىي تەبىئەت ئىلاھچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىپ كەلدى.
    ئىپتىدائىي تەبىئەت ئىلاھچىلىقى تەبىئەتنى سېھىرلىك تەسەۋۋۇر قىلىش تۇپرىقىدا مەيدانغا كەلگەن بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئەڭ تۇنجى ئپادىسى ماددىغا ـــ نەرسىلەرگە بولدى.ماددىي نەرسىلەرگە سىغىنىش ئىپتىدائىي ئىنسان ئۇزاق زامان قوللانغان ئېتىقاد شەكلى بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئاساسى ماددىي نەرسىلەرنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇرىدا« ھەم سېزىۋالغىلى بولىدىغان، ھەم سەزگۈدىن يۇقىرى بولغان» قوش خاراكتېرلىك كۆرۇنىشىدىن ئىبارەت.ئىپتىدائىي ئىنسان ئۆز ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈرى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان نەرسىنى « ئىنسانلاشتۇرۇپ » چۈشىنىشكە، ئۇنى ئىنسانى تەرىزدە ئىزاھلاشقا كىرىشتى. ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادىن تېپىلغان بىر قاتار قۇياشقا چوقۇنۇش تەسۋىرىدىكى قىيا رەسىملىرى ئېھتىمالىم مۇز دەۋرىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىدىكى نەرسىگە سىغىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك.بۇنداق قۇياشقا چوقۇنۇشنى ئىپادىلىگۈچى ئالامەتلەر چوغاي تاغلىرىدىكى دىڭكو ناھىيسى گىئاۋباۋ قىيالىرىغا،پەرغانە ۋادىسىدىكى قىيالىرىغا،ئالموتانىڭ غەربىدىكى تامغالىقتىكى قىيا تاشلارغا سىزىلغان.بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى كورتونىڭ شىمالىدىكى تەمبالتاس غارىغا سەككىز جايغا قۇياش سىما قىلىنغان يۇمىلاق تامغا سىزىق سىزىلغان.كۆنچى دەريا ياقىسىدىكى قەدىمقى قەبرىلەرگە يانتۇ قىلىپ چەمبەر شەكىلدە ئورنىتىلغان.1985ـ يىلى چەرچەن زاغۇنلۇق دېگەن جايدىن قەدىمقى جەسەتلەر ئىچىدە بىر بالا جەسەتنىڭ كۆزىگە يۇمىلاق تاش قۇيۇپ قۇيۇلغان بۇلۇپ،بۇ ئىپتىدائىي فېتشىزم ھادىسىسى بىلەن باغلىق بولغان.
    ئوتتۇرا ئاسىيادا نەرسىگە سىغىنىشنىڭ راۋاجلانغان شەكلى سۈپىتىدە ئانىمىزم ھادىسىسى شەكىللىنىپ چىقتى.ئانىمىزملىق دۇنيا قاراشقا ئاساس سالغان نەرسە ـــ ئىپتىدائىي ئىنساننىڭ تەبىئەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ تەبىئەتتىىن ئۈستۈن بولغان روھىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلغانلىقى، كۆرگىلى بولىدىغان دۇنيانىڭ سىرى كۆرگىلى بولمايدىغان دۇنيادا دېگەن تەسەۋۋۇرى؛ دۇنيانى ھادىسىلەر دۇنياسى ۋە تەڭرىلەر دۇنياسى دەپ ئىككىگە ئاجراتقان دۇئالىزملىق قاراشلىرى بولدى.ئانىمىزملىق قاراشلار ئىنسان تەسەۋۋۇرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ،ھەممە نەرسىنىڭ كەينىدە شۇ نەرسىگە مۇكەممەل بولغۇچى تەڭرىلەر مەۋجۇت، دېگەن قاراشقا ئېلىپ كەلدى. نەتىجىدە قۇياش، يۇلتۇزلار، ئوت ۋە يۇرۇقلۇق مۇئەكەللىرى، سۇ، يامغۇر، ئېقىن، دېڭىز ـ دەريالار مۇئەككەللىرى،تۇغۇت ۋەبالىلار مۇئەكەللىرى،سالامەتلىك،ئۆمۈرـ رىزىق مۇئەككەللىرى مەيدانغا كەلدى.بۇ خىل تەڭرى ۋە مۇئەككەللەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ ـ ئالمىشىپ روھانىيەت ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ ئاجايىپ ـ غارايىپ قاتلىمىنى شەكىللەندۈردى.نەتىجىدە يارىتىلىش ھەققىدە،قايتا تىرىلىش ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان بولدى.ھەتتا مەلۇم بىر قەبىلە ئۆزىنى لاچىندىن كېلىپ چىققان دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشتى.
    ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئانىمىزملىق قاراشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا روھىي ھاياتىغا،مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا روشەن ئىز قالدۇرۇپ كەتتى.بىز قەدىمقى ئارىيانلارنىڭ 《ئاۋىستا》دا ساقلىنىپ قالغان بىر قاتار روھانىيەتچىل قاراشلىرىدىن،قەدىمكى ماۋارائۇننەھرلىكلەرنىڭ قۇياش ئىلاھى مىتىرا،سۇئىلاھى خۇببى،جەڭ ئىلاھى مىررىخ توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردىن،قەدىمكى تارىم ۋە مەركىزى ئاسىيا لىقلارنىڭ كۈن تەڭرى،كۆك تەڭرى،قاراخان تەڭرى،سۇ ـ يەر تەڭرىسى ئوماي ئانا ھەققىدىكى ئېتىقادلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئانىمىزمنىڭ راۋاجلانغان مەنزىرىسىنى قىياس قىلىمىز.شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى،ئانىمىزملىق دۇنيا قاراش ئوتتۇرا ئاسىيا ئەپسانە ـ رىۋايەتلىرى،ھېكمەت ـ چۆچەكلىرى،شامان،بۇددا،ئاتەشپەرەسلىك ھەتتا ئىسلام ئېتىقادىغا ئۆزىنىڭ روھانىيەت شولىسىنى چۈشۈرمەي قويمىدى.ياخشى ـ يامان جىن ۋە ئالۋاستىلار توغرىسىدىكى سېھىرلىك قاراش ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرگۈچى تۇمار،ئوقۇش (ئەفسۇن)،ئەم ـ ئىرىملەر ئانىمىزم دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ساقلىنىپ كەلدى.
    ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىپتىدائىي تەبىئەت ئىلاھچىلىقى تەبىئەت بىلەن ئىلاھنى گەۋدە،ئىككى مەنبە قىلغان بۇلۇپ ئىدېئالىزملىق دۇنيا قاراشقا ئاساسلانغانىدى.گەرچە تارىخنىڭ راۋاجى نەتىجىسىدە مۇنداق دۇنيا قاراشنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىللىرى بولغان نەرسىگە سىغىىش ۋە ئانىمىزم ھادىسىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ،ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئالەمنى تەبىئەت ۋە ئېلاھىيەتتىن ئىبارەت ئىككى مەۋجۇت ئارقىلىق ئىزاھلاشنى كېيىنكى دەۋرلەرگىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ،پانتىستىك دۇنيا قارىشىنىڭ تىپىك شەكلى گەۋدىلەندۈرۈلدى.
    ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئانىمىزملىق دۇنيا قارىشى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا يايلاق ـ بوستان جەمىئىتىدە شامان (قامان)ئېتىقادى شەكلىدە تولىمۇ ئۇزاق ساقلانغانىدى.دىنىي ئىدېئولوگىيە ھېسابلانغان شامانىزم ئېتىقادى ئۈستىدە يەنە ئايرىم توختىلىمىز.

                                    مەنبە: 《ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-13 01:00  


mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 00:14:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى ماقالىدىن قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ قايسى مەنبە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىۋالدىم.شۇنداقلا ھەمبەھرلىۋالدىم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1427
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 00:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا تەھرىرلەر بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئوڭشاپ قويغان بولساڭلار ؟

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش