يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3064|ئىنكاس: 30

« تۇرپان مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «مۇھەممەت شاھنىياز...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-13 16:15:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
     «شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى – تۇرپان مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «مۇھەممەت شاھنىياز ئىجادىيىتى     ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» تۇرپاندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا 11– ئۆكتەبىر  كۈنى تۇرپان شەھىرىدە«شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى – تۇرپان مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «مۇھەممەت شاھنىياز ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازاد سۇلتان، خەلق قۇرۇلتىيى تۇرپان ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىكرام غوپۇر، مۇئاۋىن ۋالىي ئۆمەرجان مۇھەممەت،سىياسىي كېڭەش تۇرپان ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مۆمىن رۇستەم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى ئەپرىدىن نەجمىدىن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

پائالىيەتكە «تارىم»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى زىلال بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۆمەرجان سىدىق رىياسەتچىلىك قىلدى.

پائالىيەتكە يەنە ئىككى ناھىيە،بىر شەھەرنىڭ مەسئۇللىرى،  شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەدىپلەر ۋە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئەدىپ، قەلەمكەشلەر، مۇھەممەت شاھنىيازنىڭ دوست، قېرىنداشلىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتتە ئازاد سۇلتان، ئۆمەرجان مۇھەممەت قاتارلىق رەھبەرلەر مۇھىم سۆز قىلدى، تۇرپان شەھەرلىك 1 –ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتاقلىق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو»، ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىرلىرىنى، ئىمىن ئەھمىدى، ياسىن زىلال، روزى نىياز، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران،  دىلشات قېييۇم نۇر، تۇرغۇن جالالىدىن، ئېلى ھىمىت، رېھىم نىياز، پەرھات باھايىدىن، مۇھەممەتجان مەخمۇت قاتارلىقلار ۋەتەنپەرۋەرلىك، يۇرت سۆيگۈسى، ئىنسانىي سۆيگۈ، مىللىي ئەخلاق تېمىسىدىكى نادىر شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلدى. مەھمۇد زەيدى، ۋەلى كېرەم، بارىجان زەپەر،ئابدۇراخمان ئابدۇللا، ھەبىبۇللا رەجەپ قاتارلىقلار تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى،يازغۇچى، ژۇرنالىست مۇھەممەت شاھنىيازنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. رەئىس ئازاد سۇلتان بىلەن ياسىن زىلال «تارىم»ژۇرنىلىغا ۋاكالىتەن، مۇئاۋىن ۋالىي ئۆمەرجان مۇھەممەت بىلەن ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن مۇھەممەت شاھنىيازغا تون ياپتى، دوپپا كەيدۈردى. يىغىن ئەھلى يەنە مۇھەممەت شاھنىيازغا ھەرخىل شەكىللەردە كۆڭۈل ئىزھار قىلدى. ئاخىرىدا مۇھەممەت شاھنىياز ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. پائالىيەت ناھايىتى داغدۇغىلىق، قىزغىن، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆتكۈزۈلدى.

12 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پائالىيەتكە قاتناشقان سىرتتىن كەلگەن ئەدىپلەرنى بۇيلۇق باغچىسى، بۇيلۇق دارۋاز باغچىسى،  شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇرالغۇسى، قەبرىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بىر يېرىم كۈنلۈك مۇشائىرە، مۇھاكىمە يىغىنى، زىيارەت پائالىيىتى جەريانىدا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئاتاقلىق ئەدىپلەر بىلەن تۇرپان قەلەمكەشلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قىزغىن سۆھبەتلىشىپ، چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولدى، ئەدىپلەرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى كۈچەيدى. پائالىيەتنىڭ داغدۇغىسى زور،تەسىرى كەڭ، ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى.




سۈرەتلەرنى ئابلىزغوجامنىياز، ئابدۇرېھىملار تارتقان

رەئىس سەھنىسىدىن بىر كۆرۈنۈش:

01.JPG


تۇرپان شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتاقلىق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو»، ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»ناملىق شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.


02.JPG
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازاد سۇلتان سۆز قىلماقتا.



03.JPG


ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى شېئىر ئوقۇماقتا. 7.JPG ئاتاقلىق شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال شېئىر ئوقۇماقتا.
16.JPG
تەتقىقاتچى، شائىر مەھمۇت زەيدى شېئىر ئوقۇماقتا
.

09.JPG

شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان دىلشاد قېييۇم نۇر شېئىر ئوقۇماقتا.

06.JPG
شائىر تۇرغۇن جالالىدىن شېئر ئوقۇماقتا.
14.JPG
«تۇرپان گېزىتى»دىن شائىر ھەبىبۇللا رەجەپ ماقالە ئوقۇماقتا. 15.JPG شىنجاڭ خەلق نەشرياتىنىڭ مۇھەررىرى بارىجان زەپەر ماقالە ئوقۇماقتا.
DSCF1511.JPG


ئازات سۇلتان بىلەن ياسىن زىلال مۇھەممەت شاھنىيازغا تون كىيدۈرمەكتە.



08.JPG


مۇئاۋىن ۋالى ئۆمەرجان مۇھەممەت بىلەن شائىر ئۆمەرجان سىدىق تون كىيدۈردى.
07.JPG
ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزۇرچى مۇھەممەت پولات سوۋغا تەغدىم قىلدى.


05.JPG


يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرنۈش.

04.JPG


ئەدىب مۇھەممەت شاھنىياز كۆڭۈل سۆزى قىلدى.
19.JPG
يىغىن خاتىرىسى

11.JPG






ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-13 16:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىن ئارىلىقىدىكى سۈرەتلەر.
12.JPG

ئەدىپلەر بۇيلۇقتا.



14.JPG


15.JPG

18.JPG

ئەدىپلەر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قەبرىسى ئالدىدا.
19.JPG



ئەدىپلەر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرالغۇسىدا.
20.JPG
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-13 17:02  


15.JPG
ۋاقتى: 2014-10-13 16:22:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



              بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋاپەقىيەتلىك ئۆتۈزىلىشىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن. كۈنلىرىڭلار خۇشال-خۇراملىق ئىلكىدە ئۆتسۇن، بۇرادەرلەر!

ۋاقتى: 2014-10-13 16:47:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت شاھنىياز ئاكىغا ئىھتىرام! ئىجادىيەت تۇلپارى ھېرىپ قالمىغاي!

ۋاقتى: 2014-10-13 17:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد شانىياز ئاكىغا تون  كىيگۈزۈلگەنلىكىگە مۇبارەك بولسۇن. ئىجاد -مىھنەتنىڭ قەدرىنى بىلەلەيدىغان ھەم ئۇلارنىڭ قەدرىنى قىلىپ كىلىۋاتقان   شائىر ياسىن زىلال،   ئومەرجان سىدىق، تۇرغۇن جالالىدىن قاتارلىق ئەزىزلەرگە  كۆپ تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2014-10-13 17:16:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.

ۋاقتى: 2014-10-13 18:11:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتتىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم ،ياخشى ئىلىپ بىرىلغان كاتتا بىر ئۇچۇرشىش بوپتۇ !

ۋاقتى: 2014-10-13 18:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۆمۈر ژورنالچىلىق ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھاياتىنى يورۇتۇشقا كۈچ قوشقان مۇھەممەت شاھنىياز ئەپەندىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن . دەل كەپتۇ بۇ تون ..

ۋاقتى: 2014-10-13 18:53:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەت مەزگىلىدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلار ، ئىللىق چىرايلار ، جاراڭلىق ، تەسىرلىك دېكلاماتسىيەلەر  ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا  نۇرلىنىپ ، قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ . يىغىن ئاخىرىدا مۆھتىرەم يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز ئاكىغا ئارقا - ئارقىدىن كىيدۈرۈلگەن ھۆرمەت تونلىرى ، دەستە - دەستە گۈللەر ھەممەيلەننى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى . مەن بۇ مۆھتىرەم يازغۇچىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۈر ، كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە زور ئۇتۇق تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2014-10-13 20:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت شاھنىياز ئاكىغا ئىھتىرام

ۋاقتى: 2014-10-13 20:33:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت شاھنىياز ئاكىغا ئىھتىرام، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا سالام

ۋاقتى: 2014-10-13 21:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
parhat kazim يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 16:15
يىغىن ئارىلىقىدىكى سۈرەتلەر.
ئەدىپلەر بۇيلۇقتا.


پائالىيەتنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىنى قۇتلۇقلايمەن!ئۇستاز مۇھەممەت شاھنىياز ئەپەندىگە مۇبارەك بولسۇن!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-13 21:37  


ۋاقتى: 2014-10-13 22:19:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ئەجرى بىلەن كېيگەن تون ئەجەپ يارىشىپتو-دېسە!!
ھەممىڭىزلەرنىڭ ئاشۇنداق ياراشىملىق  تونلارنى كېيىشىڭىزلارنى كۇرسەم دەيمەن قەدىردانلىرىم!!!!!!!!!

ۋاقتى: 2014-10-13 22:55:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىشقەدەم ئۇستاز ئەدىب مۇھەممەت شاھنىيازنىڭ تىگىشلىك تۆردىن ئورۇن ئالغىنىدىن سۆيۈندۈم.
شېئىرىيەت سەپىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللەرگۈچە خەيرلىك داۋاملىشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
بارلىق ئۇستازلارغا،قەلەمكەش ھەمشىرەلەرگەسالام!

ۋاقتى: 2014-10-13 22:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ پائالىيەت  شائېر، يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق  بىلەن ئاتاقلىق شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال ئەپەندىنىڭ  يۇمۇر ئارىلاشقان جانلىق ، ئوبرازلىق رىياسەتچىلىكىدە يوقىرى كەيپىياتتا تۇلۇمۇ ئەھمىيەتلىك ئۈتكۈزۈلدى.

پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازاد سۇلتان ئەپەندىنىڭ كىشىنى تەپەككۈرگە ،  ئىزدىنىشكە باشلايدىغان نۇتىقى، شائېرى ياسىن زىلال ئەپەندىنىڭ ئۈتكۈر، پاساھەتلىك سۆزلىرى ، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ئەدەبىياتقا قارىتا ئېلىپ بارغان مۇھاكىمىسى، ئۆمەر مۇھەممەت كىروران ۋە تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ يازغۇچىنىڭ بۇرچى ھەققىدىكى پىكىرلىرى پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ  قەلىب دەرۋازىسىنى چىكىپ ئويلىنىشقا  يىتەكلىدى.بۇ كۈن ھەر بىر پائالىيەتكە قاتناشقان كىشى ھاياتىدا ئۇنتۇلغۇسىز ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدى.
شائېر مۇھەممەت شانىيازغا كەينى -كەينىدىن ھۈرمەت تونى، ئىپتىخار گۈل دەستىسى تۇتۇلغاندا ھەممىزنىڭ كۆزلىرى شادلىق ئۈنچىلىرىدە چاقنىدى. ئىلىم ئەھلىنىڭ، قەلەم ئېگىسىنىڭ ھۈرمىتىنى قىلغان ئولۇغلىرىمىزدىن تۇلۇمۇ سۆيىندۇق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش