يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: parhat kazim

« تۇرپان مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «مۇھەممەت شاھنىياز...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-13 23:03:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كاتتا پائالەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان بارلىق ئۇستازلارغا،دوستلارغا،ھەم بۇ قۇتلۇق پائالىيەتنى تەشكىللىگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى بارلىق دىلكەشلەرگە ئالىي ئېھتىرام......ئۇستاز مۇھەممەت شاھنىيازغا ئەڭ ئالىي تەشەككۈر...!

ۋاقتى: 2014-10-13 23:04:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد شاھنىيازكا، توقسۇن خەلقى سىزنى مەڭگۈ يادلايدۇ!

ۋاقتى: 2014-10-14 00:25:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق پىشقەدەم ئۇستازلارغا،قەلەمكشلەرگەسالام!

ۋاقتى: 2014-10-14 08:51:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بارلىق ئاپتۇرلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2014-10-14 10:43:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلار  داۋاملاشقۇسى!

ۋاقتى: 2014-10-14 21:02:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرنالىست، يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز ئاكىمىز ھاياتىنىڭ 70-پەلەمپىيىدە ئۈتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتىن تۇلىمۇ سۆيۈندۈم. چىن دىلىمدىن مۇبارەكلەيمەن. ئاكىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن. ئىجادىيەت سەپىرىدىكى قەلەم تۇلپارلىرى ھارمىغاي!

ۋاقتى: 2014-10-15 11:55:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر داۋاملاشقاي !

ۋاقتى: 2014-10-15 20:25:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشكىللىگۇچى ۋە قاتناشقۇچى  دىلكەشلەرگە سالام، ئۇستاز مۇھەممەت شاھنىيازغا ئەڭ ئالىي ئىھتىرام.!

ۋاقتى: 2014-10-15 23:53:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن جاپا چەككەن بارلىق ئەزىمەتلەرگە ئالىي ئېھتىرام !

ۋاقتى: 2014-10-16 10:20:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلدى . بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن داڭلىق ئەدىپلەردىن باشقا يەنە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىدىن كەلگەن بىزگە ئوخشاش ئاددى قەلەمكەشلەرمۇ خېلى كۆپ ساندا قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتتە ئۇستاز يازغۇچى ، ژورنالىست مۇھەممەت شاھنىياز ئاكىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى . بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىپتىخارلاندۇق!.

ۋاقتى: 2014-10-16 11:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇشائىرە پائالىيىتىمۇ ناھايتى ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. ژۇرنالىست، يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز ئاكانىڭ بارلىق ئىشلىرىغا بەركەت تىلەيمەن! بۇ قېتىمقى مۇشائىرە پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن رەھبەرلەرگە ۋە ئەدەبىيات ئاشنالىرىغا چەكسىز سالام ۋە ئالى ئېھتىرام بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-10-16 13:59:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت شاھنىياز ئاكىنىڭ ئالتۇن بويى ئامان بولسۇن  ،يالقۇن ئويى يالقۇن تاغدەك پەلەككە يەتسۇن...

ۋاقتى: 2014-10-16 15:49:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقىدەك پائالىيەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشىدا پارتىيە ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قىزغىن قوللاپ ، قۇۋۋەتلىشىدىن باشقا يەنە  تارىم ژورناللار نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ، ئەل سۆيگەن شائىر ۋە داڭلىق ئەدەبىيات -سەنئەت تەشكىلاتچىسى ياسىن زىلال ۋە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى تۇنۇلغان ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى ، ئىستىداتلىق شائىر ۋە كۆپ قىرلىق ئەدىپ ئۆمەرجان سىدىق ئەپەندىلەرنىڭ تۆھپىسىگىمۇھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ .

ۋاقتى: 2014-10-20 11:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قوللىغان ئوت يۈرەكلەرگە ئاپىرىن.

ۋاقتى: 2014-10-30 16:34:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ، بەك سۆيۈندۈم. مۇھەممەد شاھنىياز ئاكىنىڭ ئۈمرىنىڭ ئۇزۇن، تىنىنىڭ سالامەت، بۇندىن كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن! پەرھات مۇئەللىمنىڭ بىزنى مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتىن خەۋەردار قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىمىز!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش