كۆرۈش: 4528|ئىنكاس: 49

خوتەننىڭ يىڭى دەۋىردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ مەنبەسى -«خو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خوتەننىڭ يىڭى  دەۋىردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ مەنبەسى -«خوتەن گېزىتى»نىڭ ئەدەبىيات بېتى

سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق

يېقىندا مەن خوتەندە  ئازاتلىقتىن كېيىن كۈپلىگەن يازغۇچى-شائىرلارنىڭ يىتىشىپ چىققانلىقى ، ئۇلارنىڭ كۈپلىگەن ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ ، يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ، ئۇقۇرمەنلەرگە نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ، ئۇلارنىڭ  ئۇقۇرمەنلەرگە نادىر ئەسەرلەر  ئارقىلىق  ئېستىتىك زوق ئاتا قىلىش بەدىلىگە   ئۇقۇرمەنلەر قەلبىدىن  ھۈرمەتلىك ئۇرۇننى  ئىگەنلىگىنلىگىدەك  ئەھۋالغا قارىتا ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى  ساھەسدىكى بىر ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  دىيارىمىز خوتەندە 1950-يىلىدىن كېيىن يىتىشىپ چىققان بولسىمۇ لېكىن ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى بۇيىچە بىز بىلەن  مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان قەلەم ساھىبلىرى ۋە   ھازىرمۇ ئىجادىيەت سەھنىسدە  قەلەم تەۋرىتىۋاتقان پىشقەدەم ، ئوتتۇرا ياش شۇنداقلا  ياش يازغۇچى-شائىرلارنىڭ  ھاياتى ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالىنى « يىڭى دەۋىردىكى خوتەن ئەدىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە تەتقىقات  » دىگەن نامدا قەلەمگە ئېلىپ قۇيۇش ھەققىدە ئىزدىنىشتە بولدۇم ۋە  بۇ  ئەمگىگىمنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاخىرلاشتۇردۇم .دائىرسى كەڭ، سالمىقى ،ۋەزنى  ئېغىر  بولغان،ئۇچۇر، تەرجىمەھال ، تەھلىل ، مۇھاكىمە  ئۆز-ئارا بىرىكتۈرۈلگەن   بۇ ئەمگەكنى قىلىش جەريانىدا شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى،  دىيارىمىز خوتەندىن 1950-يىلىدىن بۇيان نۇرغۇن ئىقتىدارلىق يازغۇچى-شائىرلار يىتىشىپ چىقىپتۇ،ئۇلار ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇشتەك ئىزگۈ ئەمگىگىنى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا بىر كۈنمۇ توختۇتۇپ قويماپتۇ، ئۆز ئەسەرلىرىدە خوتەننى ، خوتەن خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا ئەكس-ئەتتۈرۈپ ، خوتەننىڭ ئازاتلىقتىن كېيىنكى يىڭى قىياپىتىنى  ، خوتەنلىكلەرنىڭ ئىشچان ، ئاقكۈڭۈل ، ئەمگەكچان ، مېھماندوست پەزىلىتىنى ، ئىناقلىقنى ، ئىىتتىپاقلىقنى ئەلا بىلدىغان روھىنى نامايەن قىلىپتۇ،ئۇلارنىڭ  جاپا-مۇشاقەتكە چىداپ ئىشلەپ ،ئۆز يۇرتىنى گۈللەندۈردىغان ئەمگەكچان خىسلىتىنى ئەل-ئاۋامغا نامايەن قىلىپتۇ  ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى سۈيىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تەشۋىق قىلىپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە    دىيارىمىز  خوتەندە تۇغۇلۇپ ،بۇ يەردە چوڭ بولغان ھەم  مۇشۇ زېمىندا ئىجادىيەت يۇلىغا كىرىپ كەلگەن قەلەم ساھىبلىرىدىن   بىر قىسىملىرى   زامانىمىزدىكى تۆھپىكار يازغۇچى-شائىرلارغا  ئايلىنىپتۇ.ئۇلار يازغان ئەسەرلەر بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى قىممەتلىك بايلىققا ئايلىنىپتۇ. مەن مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ خوتەن دىيارىنى يازغۇچى-شائىرلار ماكانى ، دەپ ئاتىسا بولغۇدەك ، دەپ قارىدىم .مەن بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل  ئىلگىرى « خوتەن گېزىتى» نىڭ  جەلپكار بەتلىرىدىن بىرى بولغان « ئارامباغ  » بېتىدە « خوتەننىڭ ئۆزگۈچە نام –سۈپەتلىرى » ناملىق بىر ماقالا ئېلان قىلغان ئىدىم، ئۇنىڭدا خوتەننىڭ گىلەم ماكانى ، قاشتېشى ماكانى،      يىپەك-ئەتلەس ماكانى، ناخشا-ئۇسۇل ماكانى،پەرھادلار ماكانى ، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئانا ماكانى، ھۈنەر-سەنئەت ماكانى، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئانا ماكانى، مىۋە-چىۋە ماكانى ، ساياھەت ماكانى ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرگۈچىلەر ماكانى دىگەن ناملارغا ئىگە ئىكەنلىگىنى قەيت قىلغان ئىدىم ،بۇ قېتىم مۇشۇ ناملارغا يازغۇچى-شائىرلار ماكانى ، دىگەن ئىسىمنى قۇشۇپ قۇيۇشنىڭ زۈرۈرلىگىنى  تۇلۇق ھېس قىلدىم .بۇ نام ئەلبەتتە  خوتەندىن ئىبارەت بۇ گۈزەل زىمىندا يازغۇچى-شائىرلارنىڭ كۈپلىگى، ئۇلارنىڭ  بىپايان گۇما بوستانلىقىدىن تارتىپ نىيا  زىمىنىغىچە  بولغان جايلاغا   تارقىلىپ ، نادىر ئەسەرلىرى بىلەن چولپان يۇلتۇزلاردەك  جۇلا قىلىۋاتقان  ئەھۋالىغا  قارىتا بېرىلگەن نام بولۇپ ، خوتەننىڭ 1950-يىلىدىن باشلاپ تاكى ھازىرغا قەدەر  بولغان ئارلىقتىكى  ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالى بۇ قاراشنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى  ئىسپاتلايدۇ. ئەلبەتتە ، خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللۈنۈپ ، تەرەققىق قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كىلىشىدە ۋە يۇقۇرىقىدەك چىرايلىق نامغا ئېرىششىدە « خوتەن گېزىتى »  ۋە بۇ گېزىتنىڭ  ئەدەبىيات بېتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ، « خوتەن گېزىتى»دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئاخبارات ۋاستىسى دىيارىمىز خوتەننىڭ يىڭى دەۋىر ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشىلىرىنىڭ  بارلىققا كىلىشىدىكى مەنبە  ھىساپلىنىدۇ. بۇ گېزىت نەشىر قىلىنغان 1956-يىلىدىن بۇيان ئۆز سەھپىسىدە ئەدەبىيات بېتىنى مەخسۇس نامدا تەسىس قىلىپ ،ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردە  مۇشۇ بەت  ئارقىلىق  نۇرغۇن ياش  كۈچلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ ، نۇرغۇن  يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرۈشتىكى مۇنبەرگە ئايلانغان. شۇڭا نۇرغۇن يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئۆز ئىجادىيىتى ھەققىدە گەپ بولغاندا «  تۇنجى ئىجادىيتىم ‹ خوتەن گېزىتى›  دىن باشلانغان  »، دەپ بۇ گېزىتنىڭ نامىنى ھۈرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشى ۋە ئىجادىيەت تارىخىغا   «   تۇنجى ئەسىرىنى ‹ خوتەن گېزىتى›  دە ئېلان قىلغان »، دىگەن   سۈزنىڭ يېزىلىشى ئاساسسىز ئەمەس. مەن ھاياتى، ئىجادىييەت ئەھۋالىنى قەلەمگە ئالغان نۇرغۇن يازغۇچى-شائىرلارنىڭ تۇنجى ئەسىرى ھەقىقىتەن « خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، بۇ ھال مەندە بۇ گېزىتنىڭ خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە ئىزدىنىش ئىستىگى ئويغاتتى. شۇڭا  بۇ ئىزدەندىم ۋە ئىزدىنىش نەتىجەمنى ئۇقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇئاپىق كۈردۈم.
« خوتەن گېزىتى » -خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومىنڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ ، بۇ گېزىت ئازاتلىقتىن كېيىن  تۇنجى قېتىم 1956-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشىر قىلىنغان . بۇ گېزىتنىڭ نەشىر قىلىنىشى خوتەن خەلقىنىڭ سىياسى ، ئىجتىمائى ھاياتىدىكى چوڭ بىر ئىش بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق خوتەن خەلقى  بۇ ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق يىڭى ئۇچۇرلاردىن ، پەن –تېخنىكا يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانيىتىگە ئىگە بولغان ، بۇ گېزىت  ئىزچىل تۈردە بىر نەچچە يىتەكچى بەت ۋە  يىتەكچى ئىستونلارنى تەسىسى قىلىپ ، گېزىتنىڭ مەزمۇنىنى بېيتىپ كەلگەن ، ئۇقۇشچانلىقىنى ئاشۇرغان. ئەنە شۇ بەتلەرنىڭ بىرى  ئەينى ۋاقىتتا تەسىس قىلىنىپ تاكى 2005-يىلىغا قەدەر داۋاملاشقان « كوئېنلۇنداباھار» ئەدەبىيات بېتى بىلەن 2005-يىلىدىن كېيىن مۇشۇ نامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بىلەن يىڭى نامدا  يەنى «  قاشتېشى »  نامىدا نەشىر قىلىنغان ئەدەبىيات  بېتىدۇر.  بۇ بەتلەرنىڭ تەسىسى قىلىنىشى ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمەنىڭ پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت لۇشىيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ –خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرشكە ئاساس سېلىش جەھەتتىكى تەدبىرىنىڭ  ئەمىلىلەشكەنلىگىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ  ھىساپلىنىدۇ،« خوتەن گېزىتى» نىڭ  ئەدەبىيات بېتىدە ئىشلىگەن مۇھەررېرلەر ھەر دائىم ،ھەر ۋاقىت  پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت  ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر  لۇشىيەن ، پاڭجىن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىل  ، توغرا ئەمىلىيلەشتۈرۈپ ، ئاساسى مىلودىيەنى تۇت قاقىلغان ھالدا بۇ بەتنى ساغلام چىقىرىپ ، سۈپەتلىك ئەسەرلەر بىلەن كىتاپىانلارغا يۈزلەندۈرۈپ ،بۇ گېزىتنى خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇنبەرگە ئايلاندۇرغان،  بۇ گېزىتنى ئەدەبىي ئىجادىيەت يۇلىغا ئەمدىلا كىرىپ كەلگەن ھەۋەسكارلارنىڭ ئىجادىيەت سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى ئاپتۇرلارنىڭ بايقىلىشى ، ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى سەھنىگە ئايلاندۇرغان.  
«خوتەن  گېزىتى»نىڭ  خوتەننىڭ يىڭى دەۋىردىكى  ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا تۆھپە قۇشۇش جەريانىدىكى مۇساپىسىنى مۇنداق ئۆچ باسقۇچقا بۈلۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: خوتەننىڭ  يىڭى دەۋىردىكى ئەدەبىي ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئاساس سېلىشقا مۇلازىمەت قىلىش  باسقۇچى . بۇ باسقۇچ بۇ  گېزىت نەشىر قىلىنغان 1956-يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ تاكى  1978-يىلى چاقىرىلغان پارتىيە11-نۈۋەتلىك مەركىزىي 3-ئۇمۇمى يىغىنى چاقىرىلغۇچە  بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ گېزىت  يۈزىدە بىر قىسىم ياش ئاپتۇرلار تۇنجى ئىجادىيىتىنى ئېلان قىلىپ ، خوتەننىڭ يىڭى دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئاساس سالدى. بۇ ۋاقىتلاردا بۇ گېزىتتە تۇنجى ئەسىرىنى ئېلان قىلىغان ياش ئاپتۇرلار 90-يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە تۇنۇلغان  يازغۇچى-شائىرلاردىن بولۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە بۇ گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتىنىڭ نامى  « كوئېنلۇندا باھار» بولۇپ ،بۇ بەت ئەينى ۋاقىتتا خوتەندە ئەدەبىي ئەسەر ئېلان قىلىدىغان  بىردىن –بىر سەھنە  بولۇپ قالغان ئىدى ،بۇنىڭ بىلەن خوتەندە يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدىغان مەنبەر بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن ئىدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەسەرلەر شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن شېئىرنى ئاساس قىلدى، شېئىرلاردا سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى تۇلۇپ –تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۈيلەندى. بۇ مەزگىلدە تۇنجى شېئىرىنى بۇ گېزىتتە ئېلان قىلغان قەلەمكەشلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت :
     ،1958-يىلى ئابدۇغېنى سېيىت تۇنجى شېئىرى بولغان « ياڭرىتىپ ئېيتسام قۇشاق »نى مۇشۇ گېزىتتە ئېلان قىلغان،مامۇتجان رېھىم تۇنجى شېئىرى بولغان « ۋەتەن » نى مۇشۇ گېزىتنىڭ 1960-يىلى 6-ئايدىكى بىر سانىدائېلان قىلغان، مۇھەممەت خالى تۇنجى شېئىرىنى بۇ گېزىتنىڭ 1962-يىلىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان . مۇھەممەتئىمىن توختى گىياھى تۇنجى شېئىرى « ئەمگەك »نى بۇ گېزىتنىڭ 1962-يىلىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان.   ئەبەيدۇللا   ئىبراھىم  تۇنجى شېئىرى « تالمايدىكەن بىلىكى» نى بۇ گېزىتنىڭ   1964-يىلى 7-ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلغان،  ئابدۇللا سۇلايمان   تۇنجى شېئىرىنى 1964-يىلى مۇشۇ گېزىتتە  ئېلان قىلغان،مۇھەممەتتوختى ئەخمەتمۇ تۇنجى شېئىرى « ۋەتىنىم » نى بۇ گېزىتنىڭ 1964-يىلىدىكى سانىدا  ئېلان قىلغان.ئابدۇقادىر سادىر تۇنجى شېئىرى « ماۋجۇشىغا »نى بۇ گېزىتنىڭ 1966-يىلىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان  ،ئىدرىس مەتسىيت  قەدىناس تۇنجى شېئىرى « نامىڭ دىلدىن ئۆچمەيدۇ »  نى بۇ گېزىتنىڭ 1965-يىلىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان.  جاپپار رېھىم روھلان  تۇنجى شېئىرى « يىڭى يىل سوۋغىسى»نى بۇ گېزىتنىڭ 1965-يىلىدىكى سانىدائېلان قىلغان. ئابلىمىت رېخىم  تۇنجى شېئىرى « تىراكتۇرچى قىز »نى بۇ گېزىتنىڭ 1966-يىلى 4-ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلغان .مانا بۇلار 50-، 60-يىللاردا ئاپتۇرلارنىڭ  بۇ گېزىتتە تۇنجى ئىجادىيىتىنى   ئېلان قىلىشقا دائىر ئەھۋاللاردۇر.  70-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە ۋە ئاخىرىدا  يەنە بىر قىسىم يىڭى كۈچلەر مۇشۇ  گېزىت ئارقىلىق ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن بولۇپ  بۇلاردىن  ھازىر ھازىرقى تالانتلىق شائىر، ئوبزورچى، ئەدەبىيات تەتقىقاتىچىسى، ئەدەبىي تەرجىمان مۇھەممەت چاۋار ئەپەندى ئەنە شۇ ۋاقىتتا  مۇشۇ گېزىتنىڭ تۈركۈسىدە ئىجادىيەتكە كېرىشكەن قەلەم ساھىبلىرىنىڭ بىرىدۇر.ئۇ « ئورما قوشىقى » ناملىق تۇنجى شېئىرىنى بۇ گېزىتنىڭ 1973-يىلىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان بولۇپ ، بۇ شېئىرنىڭ مۇشۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنىشى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.1977-يىلى مۇھەممەتجان ئىسمايىل پۇناقى بۇ  گېزىتتە« ۋەتەن شەپقىتى » ناملىق شېئىرنى ئېلان قىلىپ ، خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا قۇشۇلغان يىڭى كۈچ بولۇپ قالغان . مۇشۇ مەزگىلدە يەنە يازغۇچى ،  ژورنالىست،خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى ساھەسىدىكى پەرۋىشكار باغۋەن  مەتقاسىم ئابدۇراخمانمۇ  مۇشۇ گېزىت ئارقىلىق ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ ،ئۆزىنىڭ  تالانتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان .ئۇ بۇ گېزىتنىڭ 1978-يىلىدىكى سانىدا « جۇزۇڭلىنى ئەسلەيمەن » ناملىق شېئىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ،بۇ شېئىرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇ مەتبۇئاتلاردا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ ھازىرقى تۆھپىكار يازغۇچىغا ئايلانغان.مۇشۇ مەزگىللەردە يەنە  مۇھەممەتئېيسا قۇربان ،سېدىق قاۋۇز،مەتقاسىم مەتنىياز،   ئۇبۇلقاسىم تۇرسۇن ،مەتقاسىم مەتنىياز،  مۇھەممەتئىمىن قۇربان ، غۇجا ئەخمەت مۇھەممەت ، ئابابەكرى رەجەپ ، تۇرسۇننىياز ئابدۇللا   قاتارلىقلارمۇ ۋە مەرھۇم ھۇشۇر ئەمەت ، مەتقۇربان ئىسمايىل ، روزى توختى داۋۇت،ئەرشىدىن راشىدىن  قاتارلىقلارمۇ   بۇ  گېزىتتە ئەسەرلىرىنى  ئېلان قىلىپ تۇرىۋاتقان ئاپتۇرلاردىن بولۇپ قالغان .  گەرچە بۇلاردىن بەزىللىرىنىڭ  تۇنجى ئەسىرى  مۇشۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ  لېكىن   مۇشۇ مەزگىللەردە  ئۇلار بۇ گېزىتتە ئەسەرلىرىنى كۈپ ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان ئاپتۇرلاردىن بولۇپ قالغان.  بۇ يازغۇچى-شائىرلار  ئۆز ئەسەرلىرىدە خوتەندىكى  ئۆزگۈرۈشلەرنى ، خوتەن خەلقىنىڭ ئازاتلىققا ، يىڭى زامانغا  ئېرىشكەن خۇشاللىقىنى شېئىر، ئوچىرىك، نەسىر ، ئاخبارات ئەسەرلەرى شەكلى ئارقىلىق ئەكس-ئەتتۈرۈپ ، بىرى كىتاپخانلارغا مەنىۋىي ئۇزۇق ئاتاقىلغان ئىدى، يەنە بىرى ، خوتەن يىڭى دەۋىر  ئەدەبىياتىنىڭ  ئاساسىنى سالغان .
ئىككىنچى باسقۇچ،  خوتەننىڭ يىڭى دەۋىردىكى ئەدەبىي ئىجاديىەت ئىشلىرى ئۆچۈن  مەدەنىيەت  ساپاسى يۇقۇرى ، بەدىئى  ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان  زور بىر تۈركۈم  يازغۇچى –شائىرلارنى يىتىشتۈرۈپ بېرىش باسقۇچى . بۇ باسقۇچ 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 80-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەقىقەتەن  « خوتەن گېزىتى »   80  -يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە    خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى ئۆچۈن بىر تۈركۈم ياش، ئىقتىدارلىق ئىجادىيەت خادىملىرىنى يىتىشتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ ،ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسى ئۇنتۇلغۇسىزدۇر. بۇ مەزگىل « سول» چىل ئىدىيىگە خاتىمە بېرىلىپ ،ئەدەبىيات –سەنئەتنى خەلق ئۆچۈن ، سوتسىيالىزىم ئۆچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش نىشانى بىكىتىلگەن ، ئەدەبىياتتا ئىدىيە ئازاتلىقى مەسىلىسى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ۋە ئەمەلىيلەشكەن مەزگىل بولۇپ ھىساپلىناتتى، ئۇندىن باشقا كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇشىمۇ ياخشىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ يۇقۇرى سەۋىيەلىك مەنىۋىي مەھسۇلاتلارغا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتاتتى.   بۇنداق ۋەزىيەتكە ماسلىشىشتا  ئاپتۇرلار قۇشۇنىنىڭ كۈچلۈك بولىشى مۇھىم ئىدى،بۇنداق ئەھۋالدا بۇ گېزىت ئەدەبىيات بېتىنىڭ ئىزچىل چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ، يىڭىچە ئەدەبىيات بىلىملىرى بىلەن تەربىيلەنگەن  بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ئىجادىيەت يۇلىغا كىرىشىگە داغدام يول ئېچىپ بەردى. بۇ ياش كۈچلەر ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى پىشقەدەملەر بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ، خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش يۇلىدا قان-تەرئاققۇزدى.    بۇ مەزگىلدە بۇ گېزىتتە تۇنجى ئەسىرىنى ئېلان قىلغانلاردىن   ھازىر   تۇنۇلغان يازغۇچى –شائىرلاردىن بولۇپ قالغان    رېھىم نىياز ،ئۆمەر رەجەپ ،  مۇھەممەت كامال ىۇشخۇي،ئۇبۇلخەيرى ئىمىن  پەرۋىش، ئەسقەر مەمتىمىن ،  مۇختەر سۈپۈرگى،ئەركىن داۋۇت ئۇغۇز، ئۇبۇل ھاشىم ، ئەنۋەر ھىدايەت ،  ئابدۇرېھىم ھېكىمى، ئابدۇرېشىت ئېلى،ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم ، ئابدۇغېنى مەتقاسىم بارخان، ئابدۇرېھىم ساۋۇت، ئابلەت  ئەخمەت ،تۇردى ئەھمەت، تۈمۈر قادىرى،  ئابلەت مۇھەممەت،  ئەخمەتجان ئابدۇللا، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ، ئەخمەتجان مەتقۇربان مۇڭداش،جاسارەت جاپپار، ئۆمىدجان قادىرى، قەدىردىن قادىر، مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم ، نۇرمۇھەممەت تۇردى تارىم ، ئابلەت سالىم  قاتارلىقلار بار. بۇلار  مۇشۇ  گېزىتتە تۇنجى ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ ، مۇشۇ گېزىت ئارقىلىق  ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنى نامايەن قىلىش ئىمكانيىتىگە ئىگە بولغان.ئۇندىن باشقا  ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە  تۇنۇلغان يازغۇچى-شائىرلاردىن بولۇپ قالغان  مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن، دۈلەت قۇربان ، ئابدۇرېھىم زۇنۇن، تۇرسۇنجان مۇھەممەت،ئايمۇھەممەت ساھىبى،   مەتسېلىم مەتقاسىم ، ئايىمنىسا سۇلايمان، ھەبىبە مۇھەممەتئېيسا، روزىمۇھەممەت ياقۇپ ، ئۆمەر مەتنۇرى   قۇتيار، ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدائى  قاتارلىقلارمۇ  مۇشۇ گېزىتتە ئۆزلۈكسىز تۈردە  ئەسەر ئېلان قىلىش  ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ  ئۇقۇرمەلەر  قەلبىدىكى ئورنىنى ، ئەدەبىيات تارىخدىكى  نۇپۇزىنى تىكلىگەن قەلەم ساھىبلىرىدۇر. مەرھۇملاردىن  مامۇت زايىت، روزى سايىت، مىجىت باقى، ئابدۇكېرىم سۇلايمان،توختىمۇھەممەت تۇردى ، ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت  قاتارلىقلارمۇ  بۇ گېزىتنى ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ئاپتۇرلار ھىساپلىنىدۇ . بۇ يەردە مۇشۇ گېزىتتە تۇنجى ئەسىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن ۋە ياكى مۇشۇ گېزىتنىڭ قوللىشى ئارقىلىق ئىجادىيەتتە  مۇۋۋەپىقىيەت قازانغان  ئاپتۇرلارنىڭ ئىسىم –شەرىپىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ بۇلۇش مۇمكىنچىلىگى بولمىسىمۇ لېكىن بۇ گېزىتنىڭ  خوتەن دىيارىدىكى ئاپتۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئىجادىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەنلىگىدەك پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.
ئۆچىنچى باسقۇچ: خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى  ئۆچۈن ئۆزلۈكسىز تۈردە يىڭى  كۈچ يىتىشتۇرۇپ ، ئاپتۇرلار قۇشۇنىنى ئۆزۈلمەس ئېقىندەك ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچ 90-يىللاردىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ.80-يىللاردا خوتەندە « يىڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە باشقا جايلاردا ئەدەبىي ئەسەر ئېلان قىلىدىغان مەتبۇئاتلارنىڭ كۈپىيىشى بىلەن « خوتەن گېزىتى»دىن ئۇچۇرما بولغان يازغۇچى-شائىرلار  ئەسەرلىرىنى باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ گېزىتتە ئەسەر ئېلان قىلىش نۈۋىتى يىڭى كۈچلەرگە كەلدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئەسەر ئېلان قىلىدىغانلار بارلىققا كەلدى، ئەلبەتتە 70-، 80-، 90-يىللاردا بۇ يەرتدە ئەسەر ئېلان قىلىپ تۇنۇلغان بىر قىسىم يازغۇچى-شائىرلار يەنىلا بۇ گېزىتنىڭ دائىملىق ئاپتۇرلىرىغا ئايلاندى، ئۇلار سۈپەتلىك  ئەسەرلىرى بىلەن بۇ گېزىتىنى قوللىدى، بۇ مەزگىلدە ئېلان قىلىنىدىغان ئەسەرلەر تۈر جەھەتتىن كۈپەيدى . 2005-يىلى بۇ گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتىنىڭ نامى يىڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۆچۈن « قاشتېشى » دەپ ئۆزگەرتىلدى، بۇ مەزگىلدىكى ئەسەرلەردە خوتەننىڭ گۈزەل قىياپىتى، خوتەن كىشىللىرىنىڭ روھى دۇنياسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئەكس-ئەتتۈرۈلدى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ مۇۋۋەپىقيەتلىرى  نامايەن قىلىندى.
قىسقىسى ، « خوتەن گېزىتى»نىڭ ئەدەبىيات بېتى خوتەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى  ئۆچۈن كېرەكلىك بولغان يازغۇچى-شائىرلارنى يىتىشتۈرۈپ بىرىشنىڭ ياخشى مەنبەسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 1956-يىلىدىن كېيىن بۇ يەردىن يىتىشىپ چىقىپ ئۇچۇرما بولغان يازغۇچى-شائىرلار بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى  تۆھپىكار يازغۇچى-شائىرلارغا ئايلاندى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن توپلاملىرى  نەشىر قىلىندى، ئەسەرلىرى تۈرلۈك كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا  نائىل بولدى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى جۇڭگو يازغۇچىلار جەميىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار  جەمىيىتى قاتارلىق جەمىيەتلەرگە ئەزا بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا  « خوتەن گېزىتى»نىڭ بۇلارغا ئىجادىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بېرىپ ، ئۇلارنى يىتەكلەپ ، ئۇلارنى ئىجادىيەت يۇلىغا  باشلاپ كىرگەنلىگىنىڭ مەھسۇلىدۇر. نۈۋەتتە بۇ گېزىت يەنە بۇ بەتنى  بازا قىلىپ ، يىڭىدىن بىر تۈركۈم ياش كۈچلارنى ئىجادىيەت قۇشۇنىغا جەلپ قىلدى. ئىىشنىمىزكى، بۇ ئۇۋۇدىن ئۇچۇرما بولغان بۇ ياش كۈچلەر خوتەن ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق ئەتىسىنى يارىتالايدۇ . « خوتەن گېزىتى»نىڭ خوتەننىڭ يىڭى دەۋىر ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۇ ئۇنتۇلمايدۇ، ئۇنىڭ تۆھپىسىنى    مەخسۇس سۈھبەت يىغىنى ئېچىپ خاتىرلەشكە ئەرزىيدۇ،

باھا سۆز

دەۋىردىكى -دەۋردىكى...  ۋاقتى: 2016-3-14 03:32 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-14 22:50:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ نۇختىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىزدەڭسەڭ ئابدۇرېشىت ئۇكا ! چوڭ بىر ئەسەر چىققۇدەك ... بۇ خەيرىلىك ئىشلىرىڭنىڭ  روياپقا چىقىشىنى ۋە ئىجادىڭنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ... ئامان بولغىن .  

باھا سۆز

ئىزدەڭسەڭ-ئىزدەنسەڭ...  ۋاقتى: 2016-3-14 03:32 PM
ۋاقتى: 2014-9-15 09:48:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھىس قىلغان بۇ مەزمۇننى ،توغرا ‹‹خوتەن گېزىتى›› نىڭ ئەدەبىي بەت ياخشى چىقىۋاتىدۇ ، ئاپىرىن جاپاكەت مۇھەررىرلەرگە !

ۋاقتى: 2014-9-15 10:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« خوتەن گېزىتى'» مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان نەشىې ئەپكارلىرىنىڭ بىرى، ئابدۇرېشىت ئېلى ئاكام بۇ گېزىتنىڭ ئەدەبىي بېتى ئۈستىدە خېلى چوڭقۇر ئىزىدىنىپ ماتىرىيال توپلاپتۇ، كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى ھازىرقى مەسىلە يەنىلا سۈپەت مەسىلىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئاۋازىمىزنى قويۇۋېتىپ بىر دەپ باقايلى، ئەدەبىيات بېتىدە بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان ئادەمنىڭ ئىسىدىن چىمىغۇدەك قايسى ئەسەر ئېلان قىلىندى؟ ماختاش بىلەن كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك، مۇمكىن بولسا خوتەن گېزىتىنىڭ  ئەدەبىيات بېتىنى يەنىمۇ كۆپەيتىشىنى، تېخىمۇ كۆپ يازغۇچى شائىرنى يېنىغا تارتىپ، ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-9-15 12:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەننىڭ يىڭى دەۋىردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ مەنبەسى بەك ئىلمىي مۇھامە قىلىنىپتۇ.

باھا سۆز

يىڭى دەۋىردىكى -يېڭى خوتەننىڭ...  ۋاقتى: 2016-3-14 03:34 PM
ۋاقتى: 2014-9-15 16:38:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-9-15 18:02:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ بىر تەتقىقات قىممىتى بار ماقالا ئىكەن، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر گېزىتچىلىكى قاچاندىن باشلانغان دېگەن سوئالغىمىۇ جاۋاب تېپىشقا ئۈندەيدىكەن ، مېنىڭ مەھەللەمدە مىللەتلەر تارىخشۇناسى بىر مۇڭغۇل بولىدىغان، ئۇ تۈگەپ كىتىشنىڭ ئالدىدا دائىم قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۈشىگى، قۇتلۇق شەۋقى دەيدىغان بىر شائىر شىنجاڭ گېزىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرسى، ئامما نېمە ئۈچۈنكى بۇ توغرىلىق بىرەر ئۇيغۇر بىرنەرسە يېزىپ باقمىدى دېگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلىغان ئۇيغۇر مەتبەچىلىكىگە ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى خاتىرىۋالغانىدىم، ئەپسۇس ئۆي كۆچكىچە يوقۇتۇپب قويۇپ، بەك ئازابلاندىم، بۇ ماقالىمۇ تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى ماقالە ئىكەن، مۇشۇ جەھەتتە ئاپتۇرنىڭ زىرىكمەي ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تىنىگە سالامەتلىك مەڭگۈ يار بولسۇن ئىلاسىم.

باھا سۆز

بۈشىگى-بۆشۈكى...  ۋاقتى: 2016-3-14 03:35 PM
ۋاقتى: 2014-9-15 18:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بازغان يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 16:38
ئۇھ....تۆۋە،مەن خاتا كۆرۇپ قالدىممۇ ياكى بېشىم قېيىۋاتا ...

بۇنداق مەزمۇندا يېزىلغان ئىنكاسلارنى ئۇچرىتىش ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس!

ۋاقتى: 2014-9-15 22:22:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بازغان يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 16:38
ئۇھ....تۆۋە،مەن خاتا كۆرۇپ قالدىممۇ ياكى بېشىم قېيىۋاتا ...


دېگىنىڭىز توغرا.بۇ ماقالىنى سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق مۇئەللىم يازغان.ئابدۇرىشىت ئېلى ئاكام مۇنبەرگە يوللىغان.
ئەسكەرتمە بېرىپ قويغىنىڭزغا رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-15 22:24  


ۋاقتى: 2014-9-15 22:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق مۇئەللىمنىڭ بۇ ماقالىسى ھەقىقەتەن بىر تارىخى قىممەتكە ئىگە ئەسەر بوپتۇ. «خوتەن گېزىتى»نىڭ خوتەن دىيارىدىكى يازغۇچى-قەلەمكەشلەرنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيىلەش، ئۇلارغا ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى نامايەن قىلىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جەھەتلەردىكى مۇھىم رولى ھەقىقەتەنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تىگىشلىك ئىش ئىدى. ئاپتۇرنىڭ بۇجەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

باھا سۆز

نامايەن-نامايان...  ۋاقتى: 2016-3-14 03:36 PM
ۋاقتى: 2014-9-15 23:19:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق مۇئەللىم ھەقىقەتەن جاپالىق ئىزدىنىۋاتىدۇ،قەلىمىگە يەنىمۇ كۆپ نۇسرەتلەر يار بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-15 23:20  


ۋاقتى: 2014-9-15 23:28:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەۋكەت ئىبراھىم يوللىغان ۋاقتى  2014-9-14 22:50
مۇشۇ نۇختىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىزدەڭسەڭ ئابدۇرېشىت ئۇكا ! چ ...

شاۋكەت ئاكا بۇ تىمىنىڭ ئاپتۇرى سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق ئىكەن ئابدىرىشىت ئاكام تىمىنى مۇنبەرگە  يوللىغۇچى ئىكەن.

باھا سۆز

ئاپتۇرى-ئاپتورى...  ۋاقتى: 2016-3-14 03:36 PM
ۋاقتى: 2014-9-15 23:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaptikax يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 10:10
« خوتەن گېزىتى'» مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان نەشىې ئەپكارل ...

بۇ ئابدىرىشىت ئاكامنىڭ  ئەمەس سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇقنىڭ ئەسىرى ئىكەن بۇ تىمىنى ئابدىرىشىت ئاكام يوللاپ  قۇيۇپتۇ

ۋاقتى: 2014-9-16 10:52:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ، مۇنداق دەڭلار ئۇكا ! مەن ئاپتورنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن . بۇ خىل ياخشى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىزدىنۋاتقان  سادىر بۇرادەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ...

ۋاقتى: 2014-9-16 10:56:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خوتەن گېزىتىنى تۈۋەندىكىدەك ئۈچ جۈملە بىلەن دۇنيادىكى مەشھۇر گېزىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىمەن.

1. خوتەن گېزىتى دۇنيادىكى گېزىتلەر ئىچىدىكى قەلەم ھەققى ئەڭ تۈۋەن بۇلۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن مەشھۇر.
2. خوتەن گېزىتى ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوقلىقى بىلەن مەشھۇر.
3. خوتەن گېزىتى نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇماسلىقى، بىراق تراژىنىڭ شۇنچە جىقلىقى بىلەن مەشھۇر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 10:59  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش