ئىنىم مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن:
ئۈچ تۈرلۈك پىكرىڭىزنى ئەستايىدىل ئويلىدىم،تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەرمۇ پىكىرىڭىزگە كۆڭۈل بولدى.
1. خوتەن گېزىتى دۇنيادىكى گېزىتلەر ئىچىدىكى قەلەم ھەققى ئەڭ تۆۋەن بۇلۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن مەشھۇر. ...... بۇ گېپىڭىز ئورۇنلۇق . پات ئارىدا قەلەم ھەققىمۇ ئۆسۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
مېنىڭچە قەلەم تۇتقان ھەر قانداق ئەدىب قەلەم ھەققى ئۈچۈن ئەسەر يازماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر پۇل ئۈچۈنلا ئەسەر يازىدىغان ئىش بولسا، نۇرغۇن ئەدىبلەر قەلەمنى تاشلاپ تاشچىلىق، لەڭپۇڭچىلىق، ياكى باشقا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولاتتى. يېزىقچىلىق زور زېھنى قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدىغان ئىجادىي پائالىيەت، چەككەن جاپاغا چۇشلۇق ھەققە ئېرىشىشنى ئويلاش ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن.مېنىڭچە قەلەم ھەققى ھەرقانداق ئەمگەك ھەققىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
. ‹‹خوتەن گېزىتى›› ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوقلىقى بىلەن مەشھۇر
بۇ پىكىرىڭىز ئۆزىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. سىزنىڭ ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، گېزىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن پىكىر – تەكلىپ بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ئەگەر تېلېفون ئارقىلىق تەكلىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.مەسىلەن قايسى مەخسۇس بەت، قايسى سەھىپە، قايسى ماقالىدىن رازى بولمىدىڭىز ، راستتىنلا گېزىت ئوقۇغان بولسىڭىز ، قانداق مەسىلە ساقلاندى ؟ دېگەندەك مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ پىكىر بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئوبزور يازسىڭىز ئۇنى باسىدىغان ‹مۇخبىرلار گۈلزارى ›دەيدىغان مەخسۇس بەت بار ، باھا بەرگەندە پاكىتنى ئاساس قىلىڭ .
ئالاقە نومۇرى: 13899459111
3. خوتەن گېزىتى نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇماسلىقى، بىراق تراژىنىڭ شۇنچە جىقلىقى بىلەن مەشھۇر!
بۇ پىكىرىڭىزگە كونكرېتراق ئىزاھات بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر ‹‹خوتەن گېزىتى››نىڭ تىراژى 43مىڭغا يېقىنلىشىپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەھرىر، مۇخبىر، تەرجىمان، كوررېكتور قاتارلىق خادىملار تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، گېزىتنى مۇشتەرىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇغۇدەك چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈپ، «خوتەن گېزىتى» بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە «ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى 10 مۇنەۋۋەر گېزىت» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. جۈملىدىن «خوتەن گېزىتى» نىڭ «دېھقانلار دوستى» مەخسۇس سانى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ گېزىتلىرى «خوتەن گېزىتى» نىڭ «دېھقانلار دوستى» مەخسۇس سانىنى چىقىرىشتىكى تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىۋاتىدۇ.
سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە ئوخشاش تەنقىدى پىكىرلەرنىڭ چىقىشى ئاخبارات خادىملىرىنىڭ گېزىتنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر «خوتەن گېزىتى» گە يەنە بىر‹‹ مەشھۇر›› سۆزىنى قوشۇشقا توغرا كەلسە، «‹خوتەن گېزىتى› مەمەتئۆمەر مەتتۇرسۇننىڭ ئوقۇماسلىقى بىلەن مەشھۇر» دەپ قوشۇپ قويۇش كېرەككەن دەپ ئويلىدىم.
كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ قالماڭ، گېزىتكە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە تەشەككۈر !
ئەسلىدە سادىر ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە پەقەت گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتى يادرو قىلىنغان ، ئومۇمىي جەھەتتتىن باھالاش ئېلىپ بېرىلمىغان، بىراق سىز سادىر ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنىمۇ تولۇق ئوقۇمىغاندەك قىلىسىز ، ئەگەر ئوقۇغان بولسىڭىز سادىر ئەپەندى يادروقىلغان تىمىدىن چەتنەپ كەتمەيتتىڭىز ، .......بۇ مۇ ياخشى بوپتۇ ، مۇشۇ سەۋەپ بىلەن سىزنى تونۇۋالدىم. ئالاقىلىشىپ تۇرايلى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا SADIKSIRDAX تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-29 10:01