يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2068|ئىنكاس: 33

ئېلى ياسىن:مۇنبەردىكى ئىنكاسلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېلى ياسىن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-11 15:07:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر يالقۇن روزىنىڭ گېپى بويىچە بىزگە ھەقىقەت رىئاكسىيە قلىدىغان بولسا بۇ ھەق گەپكە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش كېرەك.بولمىسا بۇ توغرا ھەق پىكىرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش كېرەكتۇ ھە....!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇربانجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 15:08  


ۋاقتى: 2014-9-11 16:07:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ ماقالىدا ئوتۇرىغا قويۇلغان پىكىر يولى بىلەن بۇ تىما ئىگىسىنىڭ جۈرئىتى ھەم سەمىمىيتىگە رەھمەت ئىيتىمەن. ناھايتى توغرا قويۇلغان دىياگۇنۇز بوپتۇ.
«مۇبارەك بولسۇن» بۇ ھەق سۆزلىرىڭىزگە.

ۋاقتى: 2014-9-11 16:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-چاپان كۆتۈرۈش تىپىدىكى ئىنكاسلار...
6-ئەمەل،تاجىغا يىزىلىدىغان ئىنكاسلار...
7-مۇنبەردىكى سالاھىيەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يوللىندىغان ئىنكاسلار.دىسەم ئىشەنمەيسىلەر ھەقىچان مانا قاراڭلار بىردەمدە "ئالى ئەزا" بوپ كەتتىم ،مۇشۇنداقلا تىرىشىپ بەرسەم ئالتە -بەش كۈندىن كىيىن مەنمۇ "مويسىپىت ئەزا" بوپ كىتىمەن.تىخى سىلەر ئالتۇن مىدال قاداپ،تونلارنىمۇ كەيگۈزىۋىتىسىلەر....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 16:26  


ۋاقتى: 2014-9-11 16:22:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇنلىرىمىز ئىنكاس يېزىشتا بىلىپ بىلمەي خاتالىقتىن خالىي بولامىدۇق . مەنمۇ دوست تارتىپ، ياكى يۇرتۋازلىق قىلىپ  ئىنكاس  يازىمەن كۆپ ھاللاردا .
ئىلى ياسىن  ئىنىمنىڭ لىلا بۇ يازمىسى ئالدىدا قىزىرۋاتىمەن خىجىللىقتىن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 16:31  


ۋاقتى: 2014-9-11 16:45:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئېلىجاننىڭ مۇشۇ تەكلىپ-پىكرى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەرداشلارغا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرسەم، قۇلاققا ياقامدىكىن؟
   
   بىزنىڭ يېزىدا « x خوش-خوش» دەيدىغان بىر كىشى بار. «خوش-خوش» دېگەن سۆزنىڭ ئۇنىڭغا لەقەم بولۇپ سىڭىپ قېلىشىغا مۇنداق بىر ئىش سەۋەپ بولغان ئىكەن:
   ئۇ كىشى مەلۇم بىر كۈنى قېينىئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. قېينىئانىسى ئۇنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن مېھمان قىلىپ، ئۇزىتىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا:
__ بالام، قايتاملا؟__ دەپتۇ.
ئۇ كىشى تەكەللۇپ قىلىپ:
__ خوش، خوش، خوش...__ دېگىنىچە كەينىگە يېنىۋىرىپتۇ-دە، يولنىڭ ئۇ قېتىدىكى لىق لاي سۇ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن جامائەت شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «خوش-خوش» دېگەن سۆزنى قوشۇپ، ئاشۇنداق ئاتايدىغان بوپتۇ.
  
    مەن مۇنبەردىكى بەزى ئىنكاسلارنى كۆرسەم، ئىختىيارسىز ئاشۇ «x خوش-خوش»نى ئەسلەپ قالىمەن. ئەسلى ھەر ئىش ئۆز لايىقىدا بولسا كۇپايە ئىدىغۇ؟ قاچانغىچە «خوش-خوش» دەۋېرىمىز؟ ياكى بىزمۇ ئاشۇ كىشىدەك بىرەر قېتىم «لاي سۇ»غا چۈمۈلۈپ، ئاغزى-بۇرنىمىزغا سۇ كىرگەندە ئاندىن توختامدۇق؟!

ۋاقتى: 2014-9-11 17:28:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ‏توردىشىمىز ئېلىجان ‹‹مۇنبەردىكى ئىنكاسلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى››نى دەل جايىدا
ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، مەنمۇ مۇشۇ ھەقتە بىرنېمە يازايمىكىن دەپ يۈرەتتىم.......
بىرەر ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن تەسىراتىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز نورمال ئىش، چۈنكى ‹‹ئېلىپ-بە›› دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ.....
ئەمما بىر قىسىم تورداشلار ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھېچنىمە كۆرمىگەندەك، ئۈن-تۈنسىز غايىپ بولىدۇ ياكى ئېلىجان ئوتتۇرىغا قويغاندەك ‹‹مۇبارەك بولسۇن!››،‹‹بەرىكەتلىك بولۇڭ!››،‹‹ياخشى يېزىپسىز!›› قاتارلىق ماختاش سۆزلىرى بىلەن ‹‹ئىنكاس›› قايتۇرىدۇ....
ياخشى بولسا ئارتۇقچىلىقى نەدە، بولمىسا يېتەرسىزلىكىچۇ؟
‹‹دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ(ئېيتار)››.....
ئەسەر يوللىغۇچىلارغا دوستانە قولىمىزنى سۇنايلى!

مەسىلەن، مەنمۇ شېئىرغا قىزىقىدىغان بولساممۇ شېئىرىي يېزىقچىلىق سەۋىيەم بىر قەدەر تېيىز بولغاچقا خېلى ئۇزۇندىن بېرى‹‹قاپىيە ئويۇنى››ئويناپ يۈرۈپتىكەنمەن،باشقا تور بېكەتلىرى جۈملىدىن مۇشۇ  مۇنبەردىكى ئۇستازلار ۋە تورداشلارنىڭ دوستانە ئىنكاس -پىكىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە خېلى ئىلگىرىلەپ قالدىم......

ۋاقتى: 2014-9-11 17:48:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 16:45
ئېلىجاننىڭ مۇشۇ تەكلىپ-پىكرى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبە ...

سۇڭگۇلاچنىڭ لاي ئۆستىڭىگە چۈشۈپ كىتىپتىكەندە - ھە؟

مەنچىمۇ يۇقىرىدا دىيىلگەن نوقتىلار بۇ مۇنبەرنىڭ ئەجەللىك نۇقسانلىرىدىن بىرى. بەزىدە ئادەمنى سەسكەندۈرۋىتىدۇ.

ۋاقتى: 2014-9-11 18:29:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 16:07
5-چاپان كۆتۈرۈش تىپىدىكى ئىنكاسلار...
6-ئەمەل،تاجىغا يىز ...

مۇشۇ داڭگالنىڭ ئاۋۇ باش سۆرىتىدىكى چىرايىغا قارىساممۇ ئىختىيارسىز كۈلگۈم كېلەتتى. چۈنكى مەن ئۇنى بەك يۇمۇرىستىك ئادەممىكىن دەپ قىياس قىلاتتىم، چىرايىدا ئەكىس ئەتكەن خۇشپېئىللىقتىن . بۇ ئىنكاسى مېنى تېخىمۇ كۈلدۈردى...
راسىت ، توردىشىمىز ئېلى ياسىننىڭ ئېيىتقانلىرى مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئېيتالمىغانلىرىم ئىدى. ياخشى يېزىلمىغان ئەسەرگە «بەك ياخشىكەن» دەپ ئىنكاس يېزىشقا ئادەمنىڭ ۋىجدانى يول قويمىغان... چ چ نى ئاچسا، تېمامغا ئىنكاس يازسىڭىز ، دەپ يوللىغان ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ بىچارىلىكىگە ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىغان. بۇنداق ئىنكاس تىلەمچىلىرىنى نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟ تاتلىق گەپكە، ماختاشقا ھەممە ئادەم ئامراق، بىراق ھالۋىنى تولا يىسىمۇ ئەمەن تېتىيدىغان ئىشمۇ باردە؟!

ۋاقتى: 2014-9-11 18:41:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا كىمدۇر بىرىنىڭ ‹‹ئوبزور يېزىپ قوي››دىگەن ھەجۋى شېئىرىنى كۆرگەندىم،ھازىر ئۆز ئەسىرىنى داڭلاپ قويۇشنى خۇپىيانە تەشەببۇس قىلىدىغان ئىشلارمۇ چىقىپ كەتتى،مەنمۇ بۇلتۇر بىر پارچە مۇكاپاتلىق ئەسىرىمگە خېرىدار چاقىرىپ سەمىگە سالغاندىم ،قارىسام بۇ ئىشلار يۇقۇرىدا قامچا ئاستىغا ئېلىنغان تىپقا ياتىدىكەن،شۇڭا سوغۇققان بولغىنىمىز ،راست گەپ قىلغىنىمىز بۇ كوچىدا يۈرگەنلەرگە مۇناسىپ پەزىلەت ئىكەن...رەھمەت تېمىڭىز بىزنى سەگىتتى.

ۋاقتى: 2014-9-11 19:05:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىكى ئىنكاسلارنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق پىكىر بوپتۇ، لېكىن مەن ئويلايمەنكى ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئىللەت دەپ قاراپ كەتكىلىمۇ بولماس، بەزى تېمىلارغا پەقەت ئىنكاس بىلدۈرمىگەندىن مۇبارەكلەپ قويغانمۇ ياخشىدۇ؟
يەنە بىر جەھەتتىن ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى خۇشامەتچىلىك، يۇرتۋازلىق ياكى مۇبارەكلەش سەۋەبىدىن بولماسلىقى مۇمكىن، ئاپتور توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بىلمىگەن شارائىتتىمۇ، شۇ ئەسەر ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ئىنكاس قىلىدىغانلار، ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر بولسا سەمىمىيلىك بىلەن بوپتۇ دەپ ئىنكاس يازىدىغانلار، تۈزىتىش پىكرى بېرىدىغانلارمۇ بارغۇ؟

ۋاقتى: 2014-9-11 19:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن بىر توردىشىمىزنىڭ شېئىرىغا سەمىمىي تەكلىپلەرنى بەرگەن ئىدىم، ئۇ كىشى ناھايتى خۇرسەن بولغانلىقىنى، كېيىن ئەسەر يازغاندا شۇ نوقتىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ، ئارقىدىنلا بىرەيلەن ئىنكاس يېزىپ ئۈستىدىكى مەن قاتارلىقلارنىڭ  ئىنكاسىنى  «قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەت...ئاقماس پەتىۋا...» غا چىقىرىپ ئاخىرىدا بىزگە «تەپەككۇرنى بۇغۇشقا ئۇرۇنىدىغان نەسىھەتچىلەر » دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ ئۈلگۈردى. ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ باقاي دەپ كىرسەم، بىرەر كۆڭۈلگە مەنزۇر كەلگۈدەك ئەسىرىمۇ يوق ئىكەن. ھەر بىر ئەسىرىگە ئۆزى يانتاياق بولۇۋاتقان شېئىرنىڭ ئىگىسى ئېرىنمەي ئىنكاس يازغانىكەن، ئۇ كىشى شۇ شائىرنىڭ «خەير-ئېھسان»ىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق ئىنكاس يازغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنكاسچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ ،نېمە دېسە دېسۇن بوپتۇ ، دېدۇق .

باھا سۆز

كىم بىلەن؟ نېمە ئۈچۈن؟...  ۋاقتى: 2014-9-11 08:03 PM
ۋاقتى: 2014-9-11 21:34:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر يازىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مەن كۆپ كېتاپ كۆگەن ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە بىر قەدەر ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر دەپ ئويلايتتىم،لېكىن بەزى ئىنكاسلار ئادەمنى بەك سەسكەندۇردىكەن،مەنچە باشقىلارنىڭ ئىجادى ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلىپ ئىنكاستا ئىلمىي بولسا،بىرىنچى قەدەمدىلا چالما كىسەك ئېتىپ تىل ياغدۇرۇپ ئاپتورنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ قىزغىنلىقىغا سۇ سەپمىسە.

ۋاقتى: 2014-9-11 22:15:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ  چوڭقۇرلىغان بولسىڭىز ئىجتىمائىي تېىمىدىكى بىر ياخشى تېما بولۇپ قالاتتىكەن.
بىز ھەممىمز مەسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىپ يەتتۇj يۇ ئۆزىمىز تۈزەتمىدۇق. شۇ سەۋەپتىن ھەر ساھەدە تىراگىدىيە تۈگمەيۋاتىدۇ.
قۇرۇق سۆزلا بار، ئىلمىي ئاساس يوق. مۇنبەردىكى قىسمەن ئىنكاسلارنى ئەخلەتكىمۇ تەڭ قىلغىلى كۆڭۈل ئۇنىماي قالىدۇ بەزىدە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غوپۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 22:15  


ۋاقتى: 2014-9-11 22:30:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىكىر تازا جايىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ .
مەنمۇ بەزى ئەسەرلەرگە ‹‹ ياخشى يېزىپسىز ، قۇتلۇق بولسۇن ، ئىلھاملار يار بولسۇن ›› دىگەندەك ئىنكاسلارنى يازىمەن .
لىكىن مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە باشقىلار شۇنداق ئىنكاس يازسا ئىچىمدە بىر ئاز خاپا بۇلىمەن خۇددى مېنى يەكلىگەندەك .

ئەگەر مۈمكىن بولسا بىلىملىكلەرنىڭ بەش مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ ئەسەرلىرىمىزگە قارىتا
تەنقىدى پىكىرلەرنى بېرىپ بىزدەك يېڭى قەلەم تۇتقانلارغا يول كۆرسىتىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد
قىلىمەن .

شەخسەن مېنىڭ بۇ مۇنبەرگە كىرىشتىكى مەقسىدىم - ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىش .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 22:33  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش