ئايشەم1 يوللىغان ۋاقتى 2014-09-13 23:52:24
مەنمۇ تورغا يېڭى كىرگەندىن باشلاپ،ئىسىل،نادىر تېما يا
ھەقىقىي شائىر بولىدىغان ئادەمنى «ياخشى يېزىپسىز،ياشاپ كەت!» دىمىسىمۇ شائىر بولالايدۇ ئايشەم بىرىنجى ھامما.تەنقىت قىلغانغا يوقىلىپمۇ كەتمەيدۇ.ئەتراپىمىزدىكى نورغۇن شائىر يازغۇچىلىرىمىز بىر كىم پۈۋلەپ بەرمىسىمۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەل سۆيگەن شائىر يەزغۇچىلىرىمىزغا ئايلانغان.ئاچچىق تەنقىت ئاڭلىغانلارمۇ تەنقىتكە ئۆلۈپ كەتمەي تەجرىيبە ساۋاق بىلىپ ئالغا ئىلگىرلەۋەرگەن.سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا «مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن ئىلھاملاندىم» دىگەنلەرنىڭ گىپى ئاشۇنداق بىر دەپ قويغان گەپ ئۇ!سىز ئۇندىن پەخىرلىنىپ كەتمەڭ!
سىزنىڭ بىر ماختاش ئىنكاسىڭىز خەقنى شائىر قىلىۋىتەلمەيدۇ!
ئىكىنچى گەپ:سىز يازمىسىنىڭ تايىنى يوق كىشىلەر باشقىلارنىڭ يازمىسىنى ئانداق مانداق دەيدىكەن دەپسىز،خەقنىڭ يازمىسىنىڭ تايىنى بار يوقلىقىنى سىز بىلەتتىڭىزمۇ؟مۇنبەردە ئەسەر ئېلان قىلمىسىلا،مۇنبەردە ئىككى تۆت كۇپلىت شىئىر ئىلان قىلىۋېلىپلا مۇنبەرنى بېشىغا كەيمىسە تايىنى يوق بولامدىكەن؟؟ ئەدەبىياتنىڭ ئاچچىق تولغاقلىرىنى تارتىۋاتقان ھەقىقىي ئەدەبىيات كۆيۈرمەنلىرىدىن مۇنبەردە ئەسەر ئېلان قىلماي باشقا مەتبۇئاتلاردا زور ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتقانلارمۇ بار،ئاشۇلار مۇنبەردە ئەسەر ئېلان قىلماي پىكىر قاتناشتۇرسا يازغىنىنىڭ تايىنى يوق دەپ مەمەدانلىق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز بىلمەي تۇرۇپ سىزدەكتىن نەچچىنى ئوقۇتىدىغان ئۇستازلارغا ھۆرۆ پۆرۆ دىگەن بولىسىز!بىلىپ قېلىڭكى:ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سىز ئويناپ يۈرگەن بۇ مۇنبەرلا ئەمەس،دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا تىنىمسى ز قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىۋاتقانلارنىڭ ئەمگىگىنىمۇ بەكرەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئايشەم بىرىنجى ھامما!
ئۈچىنچى گەپ:ئىنكاس يازماي نىمىش قىلىمىز دەپ بەك تەڭلىك تارتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق!ھەر بىر ئەسەرگە بىر ئىنكاس يېزىش پەرزمۇ ئەمەس،سۈننەتمۇ ئەمەس.ئوقۇرمەن ياكى ئاپتورغا نەپ كەلگۈدەك ئىجابىي سەلبىي پىكىر بولسا،ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار بولسا دىمۇكىراتىك كەيپىياتتا ،ئىلمىي شەكىلدە دىيىشكە بولىدۇ،ئەمما قارا قويۇق ئۈگەتكەن قۇشتەك يالغان مەدىھىيەگە ھەقىقىي شائىر يازغۇچى سېزىك ئەمەس!ئۇنىڭغا پەقەت مۇنبەردە بۈگۈن بىرەر پارچە ئەسەر ئېلان قىلىۋېلىپ بىر كۈنلۈك ئەدىپ چۈشىنى كۆرىدىغان بىچارىلارلا سېزىك بولىدۇ!…