پاسئان غەزىلىگە تەخمىس
نىگارىم، سېنى سۆيگۈدەك ئېغىزىم يوق سەنمۇ ئېغىزىڭنى يوشۇر ئاندىن،سېنى سۆيمەككە سۆزدىن باشقىسى قالماس ھەمدە،سۆزلەيدىغىنى ئىچىمىزدۇر دېمەككى،سۆيۈشمەكنى ئىستەيمەن،نىگارىم
نىگارىم، سېنى كۆرگۈدەك كۆزۈم يوق سەنمۇ كۆزلىرىڭنى تاشلا ئاندىن،سېنى كۆرمەككە قاراڭغۇلۇقتىن باشقىسى قالماس ھەمدە،قاراڭغۇلۇقنى كۆرىدىغىنى ئىككەيلەنمىز دېمەككى،كۆرۈشمەكنى ئىستەيمەن،نىگارىم
نىگارىم، قۇچاق بولمىسا نەقەدەر ياخشى بىرگە بولغىنىمىزنى ھېچكىم بىلەلمەس ئاندىن،سېنى قۇچاقلىماققا مەندىن باشقىسى يوقتۇر ھەمدە،مەن سەندۇرمەن،سەن مەندۇرسەن دېمەككى،بىرلەشمەكنى ئىستەيمەن،نىگارىم
نىگارىم، نىگارىم، نىگارىم دەپ ئۆرلەپ ئەمدى قايتىپ چۈشمەسمىز، نىگارىم... سېنى سۆيگىنىمنى بىلمەيمەن سېنى كۆرگىنىمنى بىلمەيمەن دېمەككى، يوقتىمىز، نىگارىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يورۇڭغۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 21:41
|