ياغلىقنىڭ گۈلى
زەيتۇنەم مەمتىمىن سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكۈچى، ياغلىقىڭ گۈلىگە ناۋا قىلدۇرۇپ. شامال ئەسكىچە قالدىم شۇ پېتى، بۇلبۇل بۇ كېچە سايرار ئاشۇرۇپ. مەن گۈلسىز كۈنلەرنىڭ پايانى ئارا، تۇزىماس بىر گۈلنى ئەسلىدىم ھامان. بۇ گۈل ئېرەمنىڭ ياكى چاھارنىڭ، ئۇشبۇ دەم ياغلىقىڭ بېتىدە جەۋلان. ئىچ-ئىچىم ئازابتىن تۈسلەندى قايتا، يالغۇزلۇق تەمىدىن ئاچچىق سەزگەندە. مەن بەلكىم ئاداققى يالغۇز ئازغۇچى، چۈشتىن كىيىن ئىككىدىن قىرىق ئۆتكەندە ياغلىقىڭ يىراقتا قىلار تەبسسۇم، تۇزۇماس گۈللەرنىڭ سۈلكىتى بىلەن. كۆزلىرىم ياغلىقتا ...جان!بولغىن مىڭ رازى! مەن كەتتىم... تۇزىغان چاچلارنىڭ ئۇۋالى بىلەن.
|