بۇ شېئىرنى ئوقۇپ مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ مۇنۇ شېئىرى يادىمدىن كەچتى.
بىر ئىچ ئات ، بىرى يانداق جۈپلەر ۋىسالى،
داۋان ئاشماي كۆرۈنگەيمۇ مەنزىل نىشانى.
ماڭلىيىڭغا سۆيۈپ قويسام ، مەڭزىڭنى تۇتتۇڭ،
سۆيۈپ قويدۇم ، مەڭزىڭ بىلەن مەيلىمنى ئۇتتۇڭ.
لەۋلىرىڭمۇ لەۋلىرىمگە بولدى ساھىبخان،
بىزگە زۆرۈر بىر داستاننى ، دىمەك ، سەن پۈتتۈڭ.
شۇلار بىزگە ياشلىق بەرگەن يالداما بولدى،
يىراق كەتسەم ئىزدەپ باردىڭ ، ئايرىلسام كۈتتۈڭ.
قۇشقاچلارنى ھۇشقىتساممۇ پەرۋا قىلمىغان،
گۈلۈم ، مېنى چوكۇلدىتىپ سۆيۈپ ئۆركۈتتۈڭ.
تەڭرى بەرگەن تەلەي دېدىم مۇنداق جۈپلۈكنى،
يەردە بولسام يەردە بولدۇڭ ، ئۇچسام تەڭ ئۇچتۇڭ.
شۇڭا دەيمەن ئۆز-ئۆزۈمگە : كېرىلمە ئارتۇق،
ئەڭ ئاۋۋىلى يايرىڭ بولغاچ شەرەپ-شان قۇچتۇڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-11 17:58