جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 1

كۈلەي دىگەن يىغلاپ تاشلىدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  838
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 158
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 00:27:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكە دىگەن ئۆمۈر دورىسى،
ھەممىمىزگە ئاياندۇر بۇ سۆز؛
بىراق مىنىڭ ئەشۇ دورامنى ،
ئېلىپ كەتتى چىرايلىق بىر قىز؛

كۈلەي دىگەن يىغلاپ تاشلىدىم ،
ئېچىنىش ھەم ئەپسۇس ئىلكىدە؛
قانداقسىگە يۈرىمەن كۈلۈپ،
تاغدەك ئازاپ تۇرسا يەلكىدە؛

تاپتى مەندىن باشقىنى ئاۋۋال ،
چۈنكى ئىكەن ئۇ بەك كىلىشكەن؛
تېخى ئىمىش تاكى بىر ئۆمۈر ،
ئايرىلماسقا ۋەدە بىرىشكەن؛

ئاقسالىقى بارمىش يەتكۈچە،
ياسىنارمىش ئاجايىپ ئىسىل؛
ئەگەر كۆرسە مۇشۇ تۇرقىنى،
ئاشىق ئىمىش پەرىزات تۈگۈل؛

كۈلەي دىگەن يىغلاپ تاشلىدىم،
بولغاچ سۆيگۈم يەتكۈچە پايخان؛
يۈرۈگۈمنى ئۆرتىگەن ئازاپ،
تىلغاپ دەسسەپ قىلماقتا سامان؛

نەزىرىگە ئالمايدۇ پەقەت ،
خىيالىدا ئەرزىمەس نەرسە؛
تېخى بۇلار بەكمۇ ئارتۇقچە،
ئەگەر ماڭا كۆڭلىنى بەرسە؛

ئۈزۇك تاقار ماڭا كۆرسىتىپ ،
خۇددى مىنىڭ ئۈزۈكۈم يوقتەك؛
خىيالىدا مەن بىر يالاڭتۆش،
ئۇنىڭكىلا توققۇزى تەلدەك؛

كۈلەي دىگەن يىغلاپ تاشلىدىم،
كۈلۈشۈمگە ئەرزىمەيدىكەن ؛
چۈنكى مىنىڭ ئەشۇ سۆيگۈنۈم ،
سۈيۈشۈمگە يارىمايدىكەن؛

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SABA01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 23:48  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 373
تۆھپە : 4
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:30:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى ئاز ،سازلا يېزىپ باققان بولسىڭىز ھە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش