جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1357 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 2

يامغۇرلۇق كېچىدىكى نازىنىن (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  787
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 159
تۆھپە : 0
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 00:06:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                      يامغۇرلۇق كېچىدىكى نازىنىن
                                                                (ھېكايە)
                              
                                                              پەرھات جەمشىت



                                                             2303151jifuza0hehhfqqj.gif

                                                

تۈن پەردىسى ئاي جامالىنى توسۇۋالغان، ھەشەمەتلىك بىنالارنىڭ چىراغلارى ئاللا بۇرۇن ئۆچكەنىدى. چۈشتىن كېيىن يېغىشقاباشلىغان يامغۇر توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.يول بويىدا مودا كىيىنگەن بىر قىز كۈنلۈك تۇتقان ھالدا ماشىنا ساقلاپ تۇراتتى...
ئالىمجان ئۈن - تىنسىزلا ماشىنىنى توختاتتى. قىز ئىشىكى ئېچىلغان ماشىنىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە كۈنلۈكىنى ياپقاچ  ماشىنىغا چىقتى.
ــ نەگە ئاپىرىپ قويىمەن؟سورىدى ئالىمجان.
ــ قىز يېقىملىق كۈلۈمسېرىگەن قىياپەتتە.ئۆيگە دىدى جاۋابەن.
ــ ئۆيىڭىز نەدە؟
ــ ئۈرۈمچىدە دىدى قىز چاقچاق ئارىلاش.قىزنىڭ چاقچىقىدىن ئۇ سەل تەمتىرەپ قالدى بىراق ،چاندۇرماستىن مەن تېخى تۇرپاندىمىكىن دەپتىمەن دىدى ئۇمۇ بوش كەلمەي جاۋابەن.قىز نازلانغان قىياپەتتە:
_قارلىغاچلىقتا دىدى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.
تازا بىر ھاراقكەش خېرىدارغا يولۇقتۇممۇ نېمە ؟سالماي دىسەم شىركەتكە تېلىفون قىلىپ قالسا ئىش چاتاق بولىدۇ،خىزمەت تاپماقنىڭ قىيىنلىقىدا دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ماشىنىنى قوزغىدى.
قىز ئۈستى –بېشىنى ئوڭشىدى-دە،بېشىنى ئالدىدىكى ئورۇننىڭ يۆلەنچۈكىگە يېقىن ئەكىلىپ، ئۇنىڭغا سەپ سېلىپ قارىدى . ئۇ يۈزىگە ئۇرۇلغان تىنىقنى سېزىپ بېشىنى تارتتى.
‏-كەچۈرۈڭ، قارىسام بولمامدىكەن؟ قىز ئەركىلىگەن  دىدى قىياپەتتە .
‏- ياقەي دىدى خۇشياقمىغان قىياپەتتە ئالىمجان.
‏-مەنمۇ ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتاتتىم، شۇڭا قاراپ باقتىم دىدى قىز جاۋابەن .
‏-شۇنداقمۇ؟ ماشىنا ئىچى بەك قاراڭغۇ، ھېچنىمىنى كۆرەلمەسسىزمىكىن.
‏- يېنىڭىزدا ئولتۇرۇپ كۆرەيمىكىن دېۋىدىم.
ئالىمجان ئويلۇنۇپ قالدى.
-نېمىگە ئويلۇنۇپ ئولتۇرىسىز؟مەن دىگەن قىز بالا سىزنى بۇلاپ كېتەرمەنمۇ؟دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ قىز.
ياقەي ئۇنداق ئويلىغىنىم يوق.
-ئەمىسە گەپ قىلمايسىزغۇ؟
‏-بولىدۇ ‹‹ئالدىغا ئۈتۈپ ئولتۇرۇڭ ئالدى بىلەن كەينىنىڭ باھاسى ئوخشاش ››دىدى چاقچاق ئارىلاش ئارىلاش ئالىمجان.
-ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن مۇنداق دىمەمسىز دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ قىز. شوپۇر ماشىنىنى توختاتتى ،قىز ئالدى ئورۇندۇققا ئالماشتى، قىزنىڭ ئاغزىدىن كېلىۋاتقان ھاراق بۇسىدىن بىر قىسما بولغان ئالىمجاننىڭ خۇمارى تۇتمىغان بولسىمۇ بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇردى ئۇ .
‏- ئەتىدىن كەچكىچە ماشىنىدىلا يۈرىيسىز، نېمىدېگەن راھەت‏ دىگەچ تىزىغا قويۇۋالغان سومكىسىنى ئېچىپ، بىر تال تاماكىنى ئاغزىغا قىستۇردى قىز.
‏- ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن تاكسى ھەيدەش تولىمۇ زېرىكىشىلىك، - دېدى ئالىمجان كۈلۈپ تۇرۇپ.
- كېچىدە ماشىنىغا چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ چىرايىدىن ھارغىنلىقتىن باشقتىن باشقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنداقلارنى توشۇش بەكمۇ زېرىكىشلىك، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن دۇنيادا ئادەمنى ھەممىدىن چەكلەپ تۇرىدىغان جاينىڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ دىدى.
- ئائىلە ئادەم ئۈچۈن تولىمۇ زېرىكىشلىك، ‹‹چۈنكى ئۇ بىر قەپەسكە ئوخشايدۇ››شۇنداقمۇ؟
- ئىشقىلىپ، كېچىدە ھارغىن يولۇچىلارنى توشۇش بەكلا جېنىمغا تېگىدۇ دىدى ئالىمجان.
- ھازىرمۇ شۇنداق ھېس قىلىۋاتامسىز؟ - سورىدى قىز شوخلۇق بىلەن.
ئالىمجان قىزغا قارىدى. قىز يېقىملىق كۈلۈپ، پۇتلىرىنى ئالماپ ئەركىن ئولتۇراتتى، ئېچىلىپ قالغان ئاپئاق يوتىسى قاراڭغۇدا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. نىمانداق قاملاشقان قىز بۇ؟توۋا دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردى-دە.
- ياق، ئۆزۈمنى كۈڭۈللۈك سەيلىدە يۈرگەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، - يۈرىكىدىكى گەپنى قىلدى شوپۇر كۈلۈمسىرىگەن قىياپەتتە.
- ئارىلاپ مەندەك يولۇچىنىڭ بولغىنىمۇ ياخشىدۇ ؟
- ياخشى بولمامدىغان ،يولوچىلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك ئوچۇق-يورۇق بولسا قانداق بولغان بولاتتى ،ھە راست ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى؟
- ھازىر ئوقۇپ بولدۇم كىنىشكام بار، ماشىنىڭىزنى بىردەم ھەيدەپ باققان بولسام بەك ياخشى بولاتتى.
- مېنىڭ بىئەجەل ئۆلگۈم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە قانۇن بويىچە جازالىنىدىغان گەپ.
- بۇ كېچىدە ساقچى نىمىش قىلىدۇ،دەيسىز ئۇلار ئاللا بۇرۇن ئاياللىرىنىڭ قوينىغا كىرىپ بولدى-دەڭا، مەن يامان ئەمەس ھەيدىيەلەيمەن ھەم كەچتە ماشىنا ئاز، ئەگەر ئەنسىرسىڭىز، يېنىمدا ئولتۇرۇپ تورمۇزنى دەسسىسىڭىزلا بولىدۇغۇ.
قىز يېنىغا ئۆرۈلۈپ پۇتىنى شوپۇر تەرەپكە سوزۇۋىدى، ئالىمجاننىڭ ھۇجۇدىدا بىر خىل سېزىم پەيدا بولۇپ، بېشى سەل قايدى.
‹‹بۇ قىز تازىمۇ غەلىتىكەن››غۇ. ئۇ كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىسىمۇ، ئېغىزىدىن چىقارمىدى. سەل ئويلۇنىۋالغاندىن كېيىن ماشىنىنى توختاتتى.
- راستتىنلا ھەيدىگىلى قويامسىز - قىز خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭ بوينىدىن تۇتۇپ بىرنى سۆيۈپ قويدى.
- بەك تېز ھەيدىمەڭ، سىزگە تاپشۇردۇم ، - ئۇ ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولۇۋىدى، قىز مۈرىسىدىن تارتىپ:
- ماشىنىدىن چۈشمەيلا ئالمىشىايلى. سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، دېدى.
ئۇ قىز تەرەپكە سۈرۈلدى. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرۇپ، كۈلگىنىچە ھەيدەش ئورنىغا ئۆتتى.
شوپۇرنىڭ پۇتى كۆيۈشكەندەك بولدى، قىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دادىللىقى ئۇنى چۆچۈتكەنىدى.
- ھاراق ئىچىپىسىز، چاتاق يوقتۇ؟ - ئۇنىڭ گېپىدىن سەل پۇشايمان قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
- ئازراقلا ئىچكەن...
قىز ماشىنىنى ئۇستىلىق بىلەن خوتقا سالدى، ماشىنا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ئۇ كۈتۈلمىگەن تاسادىپىيلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم قىزنىڭ بەدىنىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن، قىزغا چالىشىپ ئولتۇردى.
ماشىنا تۈن قاراڭغۇسىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرلىمەكتە،خېلى ماڭغاندىن كېيىن، قىز ماشىنىنى توختاتتى .
- بولدى، رەھمەت دىدى شەيتانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
ئۇ نېرىغا سۈرۈلدى، قىز يەنە ئورنىدىن تۇردى، قىزنىڭ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ھەۋەس ئوتىنى قوزغاۋاتاتتى. قىز يەنە شوپۇرنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ قالدى، ئۇ ئىككى قولى بىلەن قىزنىڭ بېلىدىن مەھكەم قۇچاقلۋالدى.
- ئۇنداق قىلماڭ...
ماشىنا ئىچىدە ناز قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
شوپۇر قىزنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇۋالدى، قىز توختىماي تىپىرلايتتى، نەپسى بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ ئاخىر قىزنى بىر يانغا قىستاپ، لەۋلىرىنى قىزنىڭ يۇمران لەۋلىرىگە تەككۈزدى. شۇ تاپتا سېسىق ھاراق ھىدىمۇ ئۇنىڭغا بىلىنمەيتى، قىزنىڭ كىيىملىرىنىڭ تۈگمىلىرىنى بىر - بىرلەپ يەشتى...
ئەتىسى ئۇ قىزنى يەنە كۆرۈشكە ئىستىكىدە ئۇيان-بۇيان ئايلىناتتى، كەچنىڭ كىرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە،كۈتكەن سىرى تىت - تىت بولماقتا.
ئۇنىڭ ئاخشامقى ئىشنىڭ شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىغا زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئاخشامقى بەختنىڭ پەيزى تېخى كەتمىگەندى، ئۇنى توختىماي ۋەسۋەسىگە سالاتتى. ئۇ ئىختىيارسىز غەم قىلىشقا باشلىدى. قىزنى يەنە ئىزدەپ بارسا قاملىشارمۇ؟ قىز ئۇنى بوسۇغىسىدىنلا قوغلىۋەتسىچۇ؟
مانا قاراڭغۇمۇ چۈشتى. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ، ماشىنا ئىشىكىنى ئاچتى.
تۈنۈگۈن كېچە قىز ماشىنىدىن چۈشكەن جاي ئېنىق ئېسىدە ئىدى. قىز بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ، ئىچى تەرەپتىن سانىغاندا بەشىنچى ئىشىك 301-نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدىدا توختاپ ئاچقۇچنى چىقارغان ...
ئاۋۋال ئاشۇ ئولتۇراق رايونغا بىر بېرىپ بېقىشىم كېرەك. ئەگەر ئۆيدە بولمىسا قايتىپ كېلەرمەن ، مۇبادا ئۇ ئۆيىدە بولسا، ئۆيگە كىرىمەن دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئاخشامقى ئۆي تەرەپكە ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى .
ئۇ ئائىلىكلەر بىناسى ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىنىڭ سۈرىتىنى ئاستىلىتىپ دېرىزىگە قارىدى، دېرىزە يورۇق ئىدى ئۇنىڭ يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى. كىرىپ باقاي، بوسۇغۇدىن قوغلۇۋېتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى.
ماشىنىسىنى ماشىنا توختۇتۇش ئورنىغا توختۇتۇپ قويۇپ، بىناغا چىقتى. ئىشىك ئالدىغا كەلدى ۋە ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ئىشىكنى ئاساتا-ئاستا چەكتى.تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا ئەگەر ‹‹ئېرى بار خوتۇن بولۇپ قالسا قانداق قىلارمەن؟›› دىگەن خىيال كەلدى.
_ كىم ؟
ئىشىك قىيا ئېچىلىپ، بىر ناتۇنۇش ئايالنىڭ چىرايى كۆرۈندى، ئۇ چۆچۈپ كەتتى.
پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر چىراي، يېشىمۇ ماس كەلمەيتتى. بىر قاراشتىلا ئوتتۇز ياشنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنەتتى، شۇنداق سېمىز، چىرايى قورقۇنچلۇق ئىدى.
_ ۋۇي، خاتالىشىپتىمەن، _ گاڭگىراپ قالغان ئۇ دەماللىققا مۇۋاپىق گەپ تاپالماي قالدى.
_مەن 20نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنى ئىزدەپ كەلگەندىم،ئاخشام كەچتە ئۇ مىنىڭ ماشىنامغا ئولتۇرغاندى.
_بىزنىڭ ئۆيدە 5ياشلىق قىزىم بىلەن مەنلار بار دىدى ئايال جاۋابەن.
_ خاتالىشىپتىمەن. قارىغاندا راستىنلا خاتالىشىپتىمەن.
_ سىز ...
_ مەن تاكسى شېركىتىنىڭ شوپۇرى.
_ ئۇ قىزغا نېمە بولدى؟
_ ئۇ بىر نەرسىسىنى ماشىنىدا ئۇنتۇپ قاپتۇ، شۇڭا بۇ يەرگە ئىزدەپ كېلىشىم، _ دەرھال ئويلاپ تاپقان بۇ باھانىسىدىن كۆرەڭلىكەن ئۇ .
_ ئۇ مۇشۇ بىنا ئالدىدا چۈشۈپ قالغانىدى.ئۇنى بىلەمسىزكىن؟
ئۇ قىزنىڭ تەقى - تۇرقى ۋە چىراي - شەكلىنى بىرقۇر سۈرەتلەپ بەردى.
_ بۇ بىنادا ئۇندا يىگىرمە بەش ياشلار ئەتراپىدىكى قىز يوق، بىزنىڭ بىنادا ئۇنداق يېرىم كېچىگىچە ئىچىپ ئۆيگە مەست قايتىدىغان ئاياللارمۇ يوق.
_ شۇنداقمۇ ؟
_ ئۇ راستىنلا مۇشۇ يەردە ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغانمۇ ؟
_ شۇنداق.
_ ئالايىتەن ئىزدەپ كەپسىز، ھەقىقەتەن ياخشى شوپۇركەنسىز.
مەسخىرىلىك ماختاش سۆزىنى ئاڭلاپ، بېشىنى لېڭشىتىپ ئارقىسىغا ياندى ئۇ . ئۆي ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتقان تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازى ئىشىكنىڭ يېپىلىشى بىلەن جىمىقتى. تۇيۇقسىز جىمجىتلىقتىن شوپۇر بىر پەس داڭقېتىپ قالدى. كاللىسىدا قىزنىڭ گۈزەل سىماسى قايتىدىن ئېنىق گەۋدىلەندى. قىزنىڭ بايىقى ئايال ئاچقان ئىشىك ئالدىدا توختاپ ئاچقۇچنى چىقارغىنى ئېنىق ئىدى،بۇ نىمە ئىش توۋا ؟ئۇ قىز زادى نەگە كەتكەندۇ؟ ئۇ پەرىشان ھالدا پەلەمپەيدىن چۈشتى-دە،بىناغا قارىغىنىچە خىيالغا چۆمدى...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhatjamxit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 00:34  


2303151jifuza0hehhfqqj.gif
0b0f0cf395b4ebe00a46e0cf.jpg

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 340
تۆھپە : 10
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 06:35:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى دىيالوگ بىەن باشلاپ دىيالوگ بىلەن ئاخرلاشتۇرۇپسىز.ئادەتتە دىيالوگ ئارقىلىق ئەسەرگە باشلاپ كىرىش سىيۇژىتقا نىسپەتەن جانلىق ،مەنزىرىكەرگە ھەركەت تۇيغۇسى بېرىدۇ.
ئەمما بىر نەچچە سۆزنى مۇۋاپىق سۈپەتلەپ ئىشلىتىشتە سەل قارىدىڭىزمۇ نىمە؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  243
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى بوپتۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش