جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1357 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 55|ئىنكاس: 3

ئەھەدى---- ئىككى شىئېر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 296
تۆھپە : 4
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 22:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىككى شىئېر


ئەھەدى

يۈرىكىڭدىن سوراپ باق

سۆيگۈ نېمە، مۇھەببەت نېمە ؟
  ۋىجدان نېمە، ئويلاپ باق جېىم .
يۈرىكىمگە   تۇتاشقان   ئوتنى ،
يۈرىكىڭدىن سوراپ باق جېنىم .

يۈرەك ئەسلى بىر پارچە خام گۆش،
سۆيگۈ – ئىشىق قىلارمىش بىھۇش.
ئاخىرلاشسۇن ئازاپلىق  ئۆتمۇش،
سەنمۇ مەندەك ياشاپ باق جېنىم .

تەقدىر بىزنى ئۇچراشتۇرمىسا،
يۈرەككە ئوت تۇتاشتۇرمىسا ،
ساڭا مىھرىم قايناپ تاشمىسا،
تارتارمىدىم ئىشتىياق جېنىم .

ساڭا قاچان بولدۇم ئەسىر ، قۇل
بولۇپ قالدىم غەزەلخان بۇلبۇل .
جانۇ – جىسمىم بولماقتا چۇل- چۇل ،
ئىشەنمىسەڭ قاراپ باق جېنىم .

مەن پەرۋانە سەن ئاتەش چىراق ،
كېتەلمەيمەن يېنىڭدىن يىراق .
كۆيدۈرسەڭمۇ كۆيدۈرگىن بىراق ،
ئاھلىرىمغا سال قۇلاق جېنىم .

سېغىنىمەن ، ئەسلەيمەن دايىم ،
بىلمىدىم ئاھ، نېمە گۇناھىم؟
ئىنسابىڭنى بەرسۇن ئىلاھىم ،
سالما ئەمدى دەرت- پىراق جېنىم .

سۆيگەنلىكىم ئەمەىستۇر خاتا ،
گەر بولسىمۇ جېنىمغا  جاپا ،
قىلالامسەن   ۋەدەڭگە  ۋاپا ،
يۈرىكىڭدىن سوراپ باق جېنىم !

بىر قىزغا

بىلمىدىم نەقىسمەت باركىن مېنىڭدە ،
بىلمىدىم نەخىسلەت باركىن سېنىڭدە ؟
ئۆرتىدى قەلبىمنى ئىشقى ـ پىراقىڭ ،
ھىجرانىڭ چوغ بولۇپ ياندى تېنىمدە .

سەن بىلەن تونۇشقان شۇكۇندىن بىرى ،
كەتمىدى خىيالىڭ كۆڭلۈمدىن نېرى .
ئۇلغۇيۇپ بارماقتا ھەسرەت- پىغانىم ،
سەن مەندىن ئۆزۇڭنى قاچۇرغانسىرى .

كېچىسى كۆزۈمگە كىرمەيدۇ ئۇيقۇ ،
كۈندۈزى خىيالىم ھامان سەن بىلەن .
شامالدىن تىڭشايمەن پىچىرلىشىڭنى ،
كۈنلىرىم ئۆتمەكتە ھەسرەت- غەم بىلەن .

ئەزەلدىن سۆيگۈدە بىتەلەي ئىدىم ،
نە بولدۇم  ئاھ، ئەمدى ئۆزۇممۇ ھەيران .
بىر ساڭا تاپشۇردۇم ئارمانلىرىمنى ،
يەتكۈزگىن ۋەسلىڭگە ، قىلمىغىن ۋەيران .

سۆيگۈڭدىن سەدىقە بەرسەڭمۇ مەيلى ،
لىۋىمنى لىۋىڭدە قىلدۇرغىن سەيلى .
كۆز يۇمسام مۇبادا ۋەسلىڭگە قانماي ،
رازى بول ، پەلەكنىڭ پەيلى شۇ دەيلى ...!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 23:11  


شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 244
تۆھپە : 5
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 00:38:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرىمەن، ئىجادىيەتلىرىڭىز يۈرەكلەرنى مەڭگۈ زوقلاندۇرغاي. سالامەت بۇلۇڭ ئۇستاز

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 373
تۆھپە : 4
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېتىملىك كۈيلەر ئۈزۈلمىسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  753
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتۈش

چەكسىزلىك ئىچىدە تەنھامەن جېنىم،
كۆزلىرىم ئىزلەيدۇ نۇرلۇق سىماھىڭ،
تەمتىرەر ۋە لىكىن قارچۇقۇم مىسكىن،
تاپالماي يات كۆزلەر ئىچرە نىگاھىڭ.

تىگى يوق خىياللار سۈرىمەن دائىم،
ئىزلەيمەن ۋەسلىڭنى بىتاپ بىدارمەن.
يۈرەكتە ئاتەش بوپ يانسىمۇ مىھرىڭ،
يىتەلمەي مەن ساڭا تەنھا ياشايمەن.

كۈتۈشلەر لەزىتى ئۆزگىچە لىكىن،
تەسەۋۇر قىلالماس بىلمىگەن ئىنسان.
جىمجىتلىق ئىچىدە يۈرەك تىۋىشى،
بىر-بىرلەپ كۈن ئۆتسە تۈگەيدۇ ھىجران.


سېغىنغان ھەر بىر كۈن سانىلار ئامەت،
تەلمۇرگەن ھەر بىر كۈن گۈزەل ئەسلىمە.
ئىنتىزار ھەر بىر كۈن بەخىتتۇر ماڭا،
كەلگنە ھىجرانغا بىرىپ خاتىمە...
ئۇستازنىڭ تاتلىق كۈيلىرىگە ئەگىشىپ قويدۇميا...........

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆتمۇش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 10:22  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش