بىناۋا كۈنلەر
تۇرنىسا رەھىم
خىياللار باغرىغا قويدۇم بېشىمنى،
يەلكەمنى باسقاندا ھەسرەت تاغلىرى.
خازانغا ئايلاندى يېشىل يوپۇرماق،
زىمىستان كۆرگەندەك ئۆمۈر باغلىرى.
بىر دەريا ئاقىدۇ ئازاب رەڭگىدە،
پۇچۇلغان يۈرەكنىڭ دەردىنى سۆزلەپ.
بېلىقلار تۇنجۇققان بىر پارچە تاشتەك،
سۈكۈتتە تۇرىدۇ كەچمىشنى ئەسلەپ.
ئۇقچۇيدۇ دىلىمدىن ھارغىن ھېسلىرىم،
شېئىرنىڭ بەرگىگە تۆكۈلۈپ سىم-سىم.
سەرسانلىق چۆلىدە گەزلەندى لەۋلەر،
سۇ بولۇپ ئاقامسەن جېنىم بىر قېتىم؟
غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ ئۇچقۇر شاماللار،
بىر چاغدا مەن ئېيقان ناخشىنى توۋلاپ
بىناۋا روھىمنىڭ پىنھان بېغىدا ،
تۇرىمەن غېرىپ قۇش ئۈنىدە سايراپ.
2012-يىلى 9-ماي،كەچ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاينۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 22:57