جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1357 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 111|ئىنكاس: 5

خوجا: ھەسرەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 21:23:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار

ھەسرەت

كەلمەيسەن، باغلاردا كۈتسەممۇ سېنى ،
ھەسرەتلەر قەلبىمدە كۆتۈردى ئىسيان .
مېھرىمنىڭ چەشمىسى تۇرار بۇلدۇقلاپ ،
ئاھ ، ئەركىن ئېقىشقا بەرمەيسەن ئىمكان .

كۆرمەكنى ئىستەيمەن چېھرىڭنى ، ئەمما
كېلىشىڭ قاراڭغۇ ، كۆز ئالدىم يورۇق .
ھەتتاكى خىلۋەتتە ئۇچراشساقمۇ بىز ،
چاقماقتەك پارلىغان تەبەسسۇمىڭ يوق .

ئۇنتۇشنى ئويلىدىم سېنى كۆپ قېتىم،
ۋە لېكىن روھىمدا يوقالماس سەۋدا.
تەنھالىق دەشتىدە ھالاكمەن ئاخىر،
سەنمۇ چىن ئاشىقتىن بىر ئۆمۈر جۇدا.

2006-يىل  24- مارت  جۈمە  كېچە،ئۈرۈمچى.


قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر


سىزگە دەسلەپ يولۇققان كۈنلەر،
چېھرىڭىزدە تاتلىق كۈلكىلەر.
چوغ يۈرىكىم سىزگە ئىنتىلەر،
قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر.

ۋەسلىڭىزدۇر مەن سۈرگەن خىيال،
سىز مەن ئۈچۈن كۆكتىكى ھىلال،
ئىشقىڭىزدا يۈرىمەن بىھال،
قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر.

پەرىشانمەن، ئەھۋالىم خاراب،
ئىچىپ قالغاچ ئىشقتىن شاراب،
يەتمىدىمۇ سىز سالغان ئازاب؟!
قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر.

ماڭا تەشنا گۈزەللەر تالاي،
بىر سىزگىلا جانان بوپ قالاي،
كېرەك ئەمەس ئوردا يا ساراي،
قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر.

2008-يىل 24-ئاۋغۇست يەكشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 22:09  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  653
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 286
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 22:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزلەپ شېئېر يېزىش سىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىزكەن .مەن يېزىپ بېقىپ قاملاشتۇرالمىدىم .قارىغاندا ئۇ سىزگىلا  تەئەللۇق ئالاھىدىلىككە ئايلانغان بولسا كىرەك

مەن ساڭا پەقەت ساراڭ بۇلۇشنىلا ئاتا قىلالايمەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 328
تۆھپە : 0
توردا: 105
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 23:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەمكۈز يوللىغان ۋاقتى  2012-5-10 22:42
سىزلەپ شېئېر يېزىش سىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىزكەن .مەن يېز ...

ھە...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 524
تۆھپە : 7
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 00:46:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر دىگەن شېئىرنى قايتا ئوقۇغاندەك بولاپ قالدىما ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1268
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 01:25:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېىرلارنىڭ مۇزىكىلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن ئوبرازلىق (كۆرۈنۈشلۈك)  خۇسۇسىيىتى يۇغۇرۇلۇپ كېتىپتۇ.ناخشىدەكلا  لىرىكىلىق شئېىرلار بوپتۇ.ئاپتورنىڭ سەنئەتكارلارغا خاس روھى ۋە ئىجاتچانلىقى تېخىمۇ قاناتلانغاي.

كىملىكىڭنى بىلەي دېسەڭ ئۆزۈڭگە رىئالىق  كۆزىدە قارا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  767
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 134
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:15:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر ئۈستىدە تۇنجى تەسىراتىم تۆۋەندىكىچە:

بۇ ئىككى پارچە شېئىرنىڭ تىلى يەڭگىل چىققان، تەپەككۇر نورمال مەنتىقىي ئاساسقا ئىگە قىلىنغان ، ھېسيات لېرىك ئوبرازغا مۇجەسسەملەشكەن.
بولۇپمۇ، ئاخىرىدا كەلگەن بۇ ئىككى مىسرا ئالدىنقى شېئىرنىڭ ئەۋجىنى تېخىمۇ كۆتۈرگەن:

تەنھالىق دەشتىدە ھالاكمەن ئاخىر،
سەنمۇ چىن ئاشىقتىن بىر ئۆمۈر جۇدا.

...   ...  ...


توختىماي ئىزدىنىۋاتقان  ياش شائىرغا كۈندۈزدەك ئاق تىلەكلىرىم يەتسۇن ! كىر ۋە كىبىردىن خالىي دىللارغا تېخىمۇ كۆپ پاكىزە ھېسلار ئولاشسۇن...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 02:37  


تىرىكلىكتە ھەرتىنىق ماددىي ياكى مەنىۋىي جەھەتتىن قىممەت يارىتىشى كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش