كۆرۈش: 1220|ئىنكاس: 18

ياۋا ئوت (پوۋېست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  164
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 141
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 19:41:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    مۇتىللا ئەبەد قىرانى


                                    ياۋا  ئوت


                                                                             ( پوۋېست )


- زۇبەيدە!
ئۇ بۇ ئىسىمنى باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاشنى ئەسلا خالىمايتتى، چۈنكى باشقىلار بۇ ئىسمنى ئۇنىڭدەك سۆيۈنۈش ئىچىدە چاقىرالمايتتى ھەم ئۇنىڭدەك پەخر ھېس قىلالمايتتى. بۇ ئىسىم پەقەت ئۇنىڭغىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماي، بەلكى روھى دۇنياسىمۇ بىر ئۆزىگە تەئەللۇق ئىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىش ئارقىلىق، ئۆز ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىنى، بۇ ئىسمنى چاقىرىشتىن كەلگەن تاتلىق تۇيغۇلاردىن ئۆزى بىلەن بىرگە بەھرىمان بولىشىنى ئۇمۇت قىلمايتتى. گەرچە ئۇ سېنىڭ ئىسمىڭنى تۈنجى قېتىم باشقىلارنىڭ تىلىدىن ئاڭلىغان بولسىمۇ، بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان كۈنىدىن باشلاپ، ئىسمىڭنى ئۆزىگە ئېيتىپ بەرگەنلەرگە ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى. مەيلى باشقىلار نېمىلا دېمىسۇن، ئۇ باشقىلارنىڭ تىلىدا سېنىڭ ئىسمىڭنى قايتا ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلمايتتى.
ئۇ دائېم ئۆزىگە «سېنى تۈنجى رەت ئۇچراتقان ئاشۇ كۈنى ئېسىڭدىمۇ؟ سېنىڭ قەستەن شارپاڭنى ئۇنتۇپ قالغان كۈنىنى دەۋاتىمەن. مېنى كەچۈرگىن، سېنىڭ قەستەن مېنىڭ قايتا ئىزدەپ كېلىشىم ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. سېنىڭ ئاۋازىڭنى، ماڭا كۈلۈپ باققىنىڭنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن. بىراق، سېنىڭ ئاشۇ مىسرالىرىڭ ھېلىھەم ئېسىمدە!» دەپ شىۋىرلايتتى.
كۆز يېشىمدا قۇرۇلغان دۇنيا،
بىر ساڭىلا مەنسۇپ ئەزىزەم.
. . . . . . . . . . .
ئۇ بۇ مىسرالار ھەققىدە نۇرغۇن قېتىم ئويلانغان بولسىمۇ، نادانلىق ۋە بىغەملىك تۈپەيلى زۇبەيدەنىڭ يۈرىكىڭنى چۈشەنمىگەن. ئەسلىدە بۇ مىسرالار ئۇنىڭ ئۈچۈن توقۇلغان، كۆز يېشى ئارقىلىق يارىتىلغان گۈزەل دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ ئۇ زۇبەيدەنىڭ قەلبىدە ئۆزى ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان شاھ ئوردىسىنى ئۆز قولى بىلەن بەربات قىلغىلى تاسلا قالغان. بۇ ئوردىنىڭ قورغانلىرىنى زۇبەيدە ساداقىتى بىلەن مۇستەھكەم ياسىمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئانچىكى ھۇجۇم قىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولاتتى. زۇبەيدە يەنە چەكسىز ۋە مىننەتسىز مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىگە ھۆكۈمران بولىۋاتقان ئاسىي ھېسلارنى ھەيدەپ چىقارمىغان بولسا، ئۇ بۇ ئوردىنىڭ خوجايىنى بولالمىغان، بۇ يەردە بەختنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى، مۇھەببەتنىڭ شېرىن لەززىتىنى ھېس قىلمىغان بولاتتى.
زۇبەيدە!
ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىغىن، ئۇ يەردە سەن ئاتا قىلغان شېرىن تۇيغۇلار كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. سەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى تەڭداشسىز ھېسابلايدىغان، ھەممىگە تەبەسسۇم بىلەن باقىدىغان، كۆرۈمسىز نەرسىلەرمۇ ئۈز كۆرىنىدىغان ئادەم قىلىپ قويغىنىڭنى ھېس قىلغانسەن؟ بەلكىم، سەن بۇلارنى تېخى ھېس قىلمىدىڭ. چۈنكى سېنىڭ ئۆزۈڭدە بۇنچىلىك سىھېرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيسەن. ئۆزۈڭنىڭ ئادەم ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭنى، ئۇنى مۇھەببەت ھەققىدە قايتا ئويلاندۇرغانلىقىڭنى تېخى بىلمەيسەن. سەن شۇنداق قۇدرەتكە ئىگە ئىكەن سەنكى، سېنىڭ يۈرىكىڭدىن تارىغان ئوت كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. ۋۇجۇدىنى چوغلىتىپ، بارلىقىنى ئىلكىگە ئالغان.
ئۇنىڭ خاتىرىسىدە زۇبەيدەنىڭ مىسرالىرى، سېغىنىش بىلەن ئازاب تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان لىرىك قۇرلىرى ساقلانغان. ئۇ شۇ قۇرلارنى قايتىلاپ ئوقۇغىنىدا، زۇبەيدەنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەلىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كەتكىنىگە كۆز يۇمالمايتتى. كۆز يېشى بىلەن يېزىلغان قۇرلاردا زۇبەيدەنىڭ ناخشىسى، يۈرىكىدىن ئوخچىغان مۇڭلۇق كۈيلىرى، مۇزىكىدەك يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئەشۇ مۇڭلار ئىچىدە زۇبەيدەنىڭ ئىسمىنى تەكرار زىكرى قىلاتتى ۋە ئۆ-ئۆزىنى توختىماي ئەيىپلەيتتى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان بىر ئايالنىڭ قەلبىنى، قوقاس بولۇپ كۆيۈۋاتقان يۈرىكىنى ئوغۇرلاپ كەتكەنىدى.
ئۇ زۇبەيدەنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئۆزىنى تۇنۇيدىغانلىقىنى بېلمەيدۇ. ناۋادا ئۇ زۇبەيدەنىڭ بۇ ئوت ئىچىدە كۆيۈۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلالىغان بولسا، ئۆزىنى بۇنچە چوڭ تۇتماس،زۇبەيدەگە بۇنچىلىك ئۇۋال قىلماس ئىدى. ئۇ قول ئۇزاتقىلى بولمايدىغان ئېسىلزادىلەردىن بولماستىن، زۇبەيدە بىلەن ئوخشاش دەۋر ۋە تەڭداش قەۋمگە تەۋە ئاددىي ئادەم ئىدى. ئەمما زۇبەيدەنىڭ زىيادە سەزگۈرلىكى ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىشى ئۆز يۈرىكىنى نۇرغۇن ئازابقا مۇپتىلا قىلغان. زۇبەيدە باشقىلاردەك ئاددىي ئويلىغان، ئۆز قەلبىدىكى سادانى بۇرۇنراق ئاڭلىغان بولسا، يۈرىكىنىڭ ئازارسىز سوقىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە ئۆز تۇيغۇلىرىغا ئىشەنگەن بولاتتى.

              *                                 *                               *                                          *

ئۇ تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇغان كۈنلەردە، زۇبەيدەنىڭ كۆز يېشىدا يېزىلغان خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. قىسقىلا يېزىلغان بۇ خەت ئۇنى قايتا ئويلاندۇرۇپ قويغانىدى. يېقىندىن بۇيان، ئويلايدىغان نەرسىلەرنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنىڭ بېشى تۇرۇپلا ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى. قولىغا قەلەم ئالمىغىنىغا ئۇزۇن بولغاچقىمىكىن، ساڭا جاۋاب خەت يازالمىغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ خېتىنى كۈتۈپ بىتاقەت بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسىمۇ، يەنىلا ئۆز ئويلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى. خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى ئۇنى ھەقىقەتەن چارچىتىپ قويغان بولۇپ، كەچلىرى ياتسىلا قاتتىق ئۇيقىغا كېتەتتى. زۇبەيدەگە جاۋاب خەت يېزىشنى، كۆڭلىگە تەسەللى بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتى. ھەر سەھەر كۆزىنى ئاچقىنىدا، ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىدە زۇبەيدەنىڭ ئاۋازى، شوخ مۇزىكىدەك كۈلكىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ قانداقتۇ بىر يەرگە خاتا كىلىپ قالغاندەك ئەندىكەتتى ۋە بۇلارنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە، خۇددى ساراڭلاردەك تېزىنى ئالقىنى بىلەن چاۋاكلاپ ئۆزىچىلا كۈلۈپ كېتەتتى.
ئۇ تور ئەدەبىياتنى بىلمەيدىغان چاغلاردا زۇبەيدەنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان ھەم ئۇنىڭ بىلەن دىدارلاشقان. ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئاۋازى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان، قارا ئۆڭ دوستىنىڭ ياردىمىدە ئۇنى تۈنجى قېتىم كۆرگەن. ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئايرىمخانا ئىشىكىدىن كىرگەن تۇرقىنى ھازىرمۇ ئەسلەپ قالىدۇ. كالتە يوپكا، قىسقا يەڭ چاپان كېيگەن بۇدرە چاچ قىز ئۇنى مەپتۇن قىلغانىدى. زۇبەيدە كۈلۈپلا تۇراتتى، ئېغىزىنى ئۈمچەيتىشلىرى بولسا خۇددى قىيدانچۇق بالىلارغىلا ئوخشايتتى. ئۇ زۇبەيدەنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ھەم نام-شەرىپىنى ئاڭلىمىغان بولسىمۇ، ئۆز يېنىغا چاقىرىۋالغانىدى. شۇ چاغدا ئۇ پەقەت بۇ مېھماننىڭ ئىسمىڭنىڭ «زۇبەيدە» ئىكەنلىكىنىلا بېلەتتى. چۈنكى، زۇبەيدە بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ ھېلىقى دوستى بۇ ئىسىمنى ئېيتىپ بەرگەنىدى.
ئۇ زۇبەيدەنى بۇرۇندىنلا تونۇيدىغاندەك ناھايىتى قىزغىن بولغانىدى، بۇ ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە باشقىلاردىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ئىدى. خۇددى زۇبەيدەمۇ ئۆزىنى كونا تونۇشلار بىلەن ئۇچراشقاندەك ئەركىن ۋە ئازادە ھېس قىلغان، ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنى قوبۇل كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ چاقچاقلىرىغا چاقچاق بىلەن بەرگەن جاۋابلىرى باشقىلاردا خاتا قاراش پەيدا قىلىپ قويغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەنىلىك قاراشلىرىنى پىسەنتىگە ئالمىغان ھەم ئۇلاردىن رەنجىمىگەنىدى. باشقىلار بۇ ئىككىيلەننى بۇرۇندىنلا تونۇش ۋە قەلبىنى چۈشىنىشىدىغان سىرداشلاردىن دەپ قالغانىدى.
- سىلەر قەيەردە، قانداق تونۇشقان؟
- ئەجەپ يېقىن ئىكەنسىلەر، ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ!
ئۇلار باشقىلارنىڭ بەس-بەستە، بىر بىرىگە سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي سورىغان سوئاللىرىغا كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قويماستىن، قىپقىزىل يالغان گەپلەر بىلەن جاۋاب قايتۇراتتى.
- زۇبەيدە ئەزەلدىن مېنىڭ تۇرسا!
- مەۋلان بىلەن مەن بىر ئۆينىڭ ئادىمى.
باشقىلار ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارە جاۋابىدىن دەسلەپتە ھەيران بولغانىدى. ئەمما، زۇبەيدەنىڭ توم ئاۋاز دوستى پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنى چاندۇرۇپ قويغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېغىزىغا كەلگەن سۇئاللارنى قويۇپلا قالماي، يەنە بەزى چېكىدىن ئاشقان بۇيرۇقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغانىدى.
- بۇ ئىككىسى قەستەن بىزنى ئەخمەق قىپتۇ، ئۇلارنى قانداق جازالىساق بولا؟
- كۆزىمىز كۆرسۇن، قېنى بىرنى...
- بىز بولدى دېمىگۈچە، توختاپ قىلىشقا بولمايدۇ!
مەۋلان يالغاندىن زۇبەيدەنى سۆيۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاتاتتى، زۇبەيدە چەبدەسلىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ئەمما، زۇبەيدەنىڭ شېرە ئاستىدىكى قولى مەۋلاننىڭ بارماقلىرىنى ئارىلاپ سىقىپ قوياتتى. مەۋلان قولىنى ئۇنىڭ ئىسسىق ھەم پاختىدەك يۇمشاق قوللىرىدىن قاچۇرمايتتى. زۇبەيدەنىڭ تېنىدىن تاراۋاتقان ئېسسىق ئېقىم بارماقلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىگە ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا سورۇندىكىلەرنىڭ چاقچىقى كىرمەيتتى، مەۋلاننىڭ پۈتۈن ئەس-يادى زۇبەيدەنىڭ بارماقلىرىنى ئوينىشى بىلەن قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران، ئۇلار «ئىككىمىز راستىنلا تونۇشمۇ؟ ئەگەر بىز ناتونۇش بولساق، تۈنجى رەت ئۇچراشقاندا يۈرەكلەردىكى بۇ يېقىنچىلىق نەدىن كەلگەن؟» دېگەنلەرنى ئويلايتتى. زۇبەيدە ھېچ ئىككىلەنمەي ئاياللارغا خاس بولغان شەرمى- ھايانى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، ناتونۇش بىر ئەرنىڭ بارماقلىرىنى ئويناۋاتاتتى. باشقىلار ئۇنىڭ مەۋلانغا بولغان بۇ خىلدىكى يېقىنچىلىقنى ھېس قىلمايتتى، بۇلارنى پەقەت مەۋلانلا ھېس قىلالايتتى. ئۇ كۆڭلىدە بۇنى «بۇ قانداقتۇ بىر كۆرۈپ ئېسىنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى بۇ مۇھەببەت، ھەقىقى ھېسلارغا تولغان ئاشىقلىق» دەپ ئويلاۋاتاتتى.
- مەن ئىچمەيمەن.-دېدى، ئۇ ئۆزىگە تەڭلەنگەن ھاراق رومكىسىنى رەت قىلىپ.
- ئەزەلدىن ئىچىپ باقمىغانمۇ ياكى بۈگۈن ئىچمەمسىز؟- دەپ سورىدى زۇبەيدە مەۋلانغا يېقىملىق قاراپ تۇرۇپ. مەۋلان ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل سۆيۈنۈشنى كۆرگەندەك بولدى.
- بۇرۇن ئىچكەن، ئىچكەندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىچكەن. لېكىن ھازىر ئىچەلمەيمەن، ماڭا ھاراق رېئاكسىيە قىلىدۇ.
- ئۇنداق بولسا ئىچمەڭ!
ئۇنىڭ سورۇندىكىلەرگە بەرگەن جاۋابى زۇبەيدەنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلغانىدى. چۈنكى، ئۇ مەۋلان بىلەن ھاراق كەيپىدە مۇڭدىشىشنى خالىمايتتى. ئەمما، زۇبەيدە ئۆزى باشقىلارنىڭ زورلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئېسىل كۆڭلىنى يەردە قويمىغان، ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان ھېسسىياتنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇ شۇ چاغدا مەۋلاننىڭ ھېسسىياتىنى، ئۇنىڭ ئۆزۈڭگە قانداق قارايدىغانلىقىنى ئويلىمىغان، مەۋلاننىڭ بارمىقىنى ئويناۋاتقان قولىنى قىزىل ھاراق رومكىسىغا سۇنغانىدى. مەۋلان ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە قارشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشىنى قوللاپ كەتمەيتتى. مەۋلان شۇ دەقىقىدە زۇبەيدەدىن رەنجىگىنىنى كەچۈرگىلى بولاتتى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىچىلا بايامقى چاقچاققا ئالدىنىپ، زۇبەيدەنى ئۆزىنىڭ ئادىمى دەپ ئويلاپ قالغانىدى. شۇنداق، ئۇلار ناتونۇشلاردىن. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچرىشىشىمۇ پەقەت بىر رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ يەردە مەۋلاننىڭ زۇبەيدەنىڭ ئەركىنلىكىنى، خاھىشىنى چەكلەش ھوقۇقى يوقىدى.
توم ھەم بوغۇق ئاۋاز مەۋلاننىڭ قۇلىقىغا دېگەندەك ياقمايۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېغىزىنى بېسىشقا بۇيرۇق چۈشىرىدىغان ھوقۇق تېخى ئۇنىڭغا بېرىلمىگەن بولغاچقا، مەۋلان بۇ توم ئاۋازدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، يەنىلا زۇبەيدەگە قىيالمايدىغانلىقى سەۋەپلىك بۇ سورۇندىن چېقىپ كېتەلمەيتتى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى، پەس ئاۋازدا توختىماي ئۆزىدىن سوئال سوراشلىرىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرسىلا، بۇ توم ھەم بوغۇق ئاۋازغا پىسەنت قىلمايتتى. چۈنكى، بۇ يەردە توم ئاۋاز يېقىملىق تۇيۇلىدىغان ئادەممۇ بار بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭ ئاشۇنداق ۋرقىراپ تۇرۇپ سۆزلىشىنى، بىمەنە چاقچاقلارنى قىلىشىنى خالايدۇ.
سورۇن ئەھلى يېڭى مېھماننى كۈتۈپ ئۇزۇن ئولتۇرغان بولسىمۇ، مېھمان تېخىچە قارىسىنى كۆرسەتمەيۋاتاتتى. توم ئاۋاز ئايال تالاي قېتىم تېلېفون قىلدى، ئۇنى ساقلاپ بىتاقەت بولغانلىقىنى ئالايىتەن ئەسكەرتتى. لېكىن، ئۇ تېخىچە ئۆزىنى سورۇن ئەھلىدىن ئېلىپ قېچىۋاتقاندەك قىلاتتى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتى، بولۇپمۇ يىنىدا ئايال ھەمراھى بولمىغان بۇرادەرلەرنىڭ كۆزى تېشىلەي دەپ قىلىشقانىدى. مەۋلان ئۈچۈن ئۇنىڭ كېلىش-كەلمەسلىكى بەك مۇھىم ئەمەس بولغاچقا، ئۇ زۇبەيدەنىڭ بارماقلىرىنى يېڭى باشتىن ئوينىشىنىلا ئويلايتتى. «ھەممىسى ئۆلگۈر ھاراقنىڭ كاساپىتى، مېنى بەختتىن مەھرۇم قىلغان بۇ ئېزىتقۇنى كۆزۈمدىن يوق قىلغان بولسا، ئۇ مېنىڭ بارماقلىرىمنى قويىۋەتمەيتتى ھەم تېخىمۇ چىڭ تۇتقان، بەدىنىمگە تاراۋاتقان ئوتنى يانغىنغا ئايلاندۇرغان بولاتتى» دېگەندەك شېرىن خىياللار ئىچىدە ئۇزەتتى.
- سىز راستلا ھاراق ئىچمەمسىز؟ مەنمۇ ئىچمەيتتىم. نېمىشقىكېن، بۈگۈن ئىچكۈم كېلىپ قاپتۇ.
مەۋلاننىڭ زۇبەيدەنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بەرگۈسى بولسىمۇ، پۇرسەت بولمىدى. باشقىلارنىڭ قوپال ھەم قېلىن چاقچاقلىرى باشلانغانىدى. ئورۇق، چاققانغىنە كەلگەن بۇرادەر بىلەن زۇبەيدەنىڭ توم ئاۋازلىق دوستى سورۇننى قىزىتىش ئۈچۈن ئويۇن ئويناۋاتاتتى.
- بۇ رومكىنى ئېچىۋەتسەڭ، سېنى سۆيۈپ قويىمەن.
- راستما؟
- مەن سېنى قاچان ئالدىغان؟
- سەن دائېم شۇنداق دەيسەن، لېكىن مېنى سۆيۈپ باقمىدىڭ؟
- يالغان سۆزلىمىگىنە، خۇددى مېنى سۆيمىگەندەك گەپ قىلىدىيا!
- مەن سېنى قاچان سۆيگەن؟ بۇلار راست دەپ قالمىسۇن، يەنە؟
- ئۆتكەندە....ھى ھى ھى
ئورۇق بۇرادەر ھاراقنى ئېچىۋەتتى، توم ئاۋاز ئۇنى راستىنلا سۆيۈپ قويىدىغاندەك، ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەن بولسىمۇ، ئورۇق بۇرادەر سورۇن ئەھلىدىن خىجىل بولۇپ ئۇنىڭ ئەركىلىشىنى قوبۇل قىلالمىغانىدى. ئۇ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشنىڭ ئورنىغا، توم ئاۋاز ئايالنى نېرى ئىتتەرگەنىدى.
- ھالىڭ شۇكەنغۇ، ئەمدى يوغان سۆزلەيدىغان بولساڭ، ئۆزۈمنى قۇچىقىڭغا ئاتىمەن. قىز بالا جېنىمدا تېخى سۆيۈپ قوياي دېسەم، ئۇنىماي كەتكىنىنى، قوقلاقنىڭ؟!
- چاقچاق قىلىپ قويدۇم. قېنى، ئەمدى كەلە!
مەۋلاننىڭ ئورۇق خىزمەتدىشى خۇددى ئۇرۇشقا تەييار بولغاندەك غۇلىچىنى يىيىپ، توم ئاۋاز ئايالنى قۇچاقلاپ سۆيمەكچى بولغانىدى. توم ئاۋاز ئايال ئۇنىڭ قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ قېتىم ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇلار بۇ ئويۇننى شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە قېتىم ئوينىدى، بىردە ئۇ ئۆزىنى قاچۇرسا، بىردە بۇ ئۆزىنى قاچۇراتتى. باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا كۈلگەن بىلەن مەۋلانغا بۇ ئويۇننىڭ ھېچ قىزىقى يوقتەك بىلىنۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ قىپقىزىل يالغانچىلىق، ئۆزىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ناۋادا، ئويۇن ئويناش نۆۋىتى مەۋلانغا بېرىلگەن بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ  ئۇنداق ئويۇننى ئوينىمىغان، رەسمىي يوسۇندا زۇبەيدەنى قۇچاقلاپ سۆيگەن، ئۇنىڭ ئۆزىنى قاچۇرغىنىغا قارىماي، باشقىلارغا زۇبەيدەنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئىكەنلىگىڭنى جاكارلىغان بولاتتى. ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن ئاشۇ ئوماق لەۋلەرگە ئىز سىلىۋالسىلا، باشقىلار زۇبەيدەگە شەھۋەت كۆزىنى تىكمەيتتى. ئۇلار ئۇنى مەۋلاننىڭ ئادىمى دەپ قاراپ، باشقا سورۇنلارغا چاقىرىشتىن ئېھتىيات قىلاتتى. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار ھەر قېتىم بۇ يەرگە خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلگەندە، زۇبەيدە ۋە ئۇنىڭ بۇ دوستلىرىنى ئاۋارە قىلىشنى نومۇس دەپ بىلمەيتتى.
- مېنىڭ ھاراق ئىچكىنىمنى ياقتۇرمىدىڭىز-ھە؟
مەۋلاننىڭ ئۇنىڭغا «شۇنداق» دېگۈسى بار ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىئاراملىق سىلىپ قويۇشنى خالىمىدى. شۇڭا ئۆزى خالىمىغان، ئېيتىشنى ئويلىمىغان سۆزلەر بىلەن ئۇنى ھەم ئۆزىنى بەزلىگەنىدى.
- مېنى تېخى چۈشەنمەيسىز، مېنى ھەقىقى چۈشەنگەندە، بۇ سوئالنى سوراشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوقلىقىنى بېلىپ قالىسىز.
زۇبەيدە ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەنمەيتتى. راستىنى دېگەندە، مەۋلاننىڭ ئۆزىمۇ بۇ سۆزلەرنى نېمە مەقسەتتە دېگىنىنى، ئۇنىڭغا قانداق ھەقىقەتنى چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىنى بىلمەيتتى. بۇ مۇنداقلا ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن، ئۆزىمۇ ئويلاشمىغان سۆزلەر قاتارى ئىدى، خالاس. زۇبەيدە بىر ئاز سۈكۈتتە تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئاستا ئېغىزىنى ئۈمچەيتتى. مەۋلان ئۇنى بۇ يەردە، يەنە كىلىپ ئۆزىنىڭ كۆز ئالدىدا ھاراق ئىچكەنلىكىگە پۇشايمان قىلدۇرماقچى ئەمەس، ھەم بۇنداق خىيالىمۇ يوق ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆزىنى ھەقىقىي ئايال چاغلايدىغان ئادەمنىڭ ئەرلەر ئالدىدا كەيپ بولۇشنىڭ نومۇسلىقىنى، ئەرلەرگە مايمۇن ئورنىدا ئويۇن قويۇپ مازاققا قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويماقچى بولغاندەك قىلاتتى. زۇبەيدە ئەقىللىق ئايال ئىدى، ئۇ مەۋلاننىڭ قاراشلىرىدىن، ھەر قانچە ئويلىسىمۇ مەنا چىقمايدىغان سۆزلىرىدىن بۇنى چۈشىنەلەيتتى.
- سىزنىڭ ئىچمەيۋاتقىنىڭزغا قانچە ئۇزۇن بولدى؟
- خېلى يىللار بولدى، ھازىر كۆنۈپ قالدىم.
- مەن سىزگە قايىل بولدۇم، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق گېپىنى رەت قىلالىدىڭىز!
- ئادەم ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك.
زۇبەيدە يەنە ئويلىنىپ قالغانىدى. مەۋلاننىڭ تېگى بار سۆزلىرى ئۇنىڭغا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ قوللىرىنى يەنە مەۋلاننىڭ قوللىرىغا سۇندى، بۇ قېتىم مەۋلان ئۇنىڭ بارماقلىرىنى ئويناشقا باشلىغانىدى. زۇبەيدە يەر ئاستىدىن ئاستا مەۋلانغا قاراپ قوياتتى، كۆزلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەكچى بولاتتى-يۇ، دېيەلمەيتتى. مەۋلان ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىدىن ئۇنى-بۇنى سورىشىنى كۈتۈۋاتاتتى. لېكىن، ئۇ ئەشۇنداق جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئۆز يۈرىكىنى تىڭشاپ باققۇسى باردەك ئۈندىمەيتتى. پەقەت ئارىلاپ مەۋلانغا قاراپ تەبەسسۇم قىلىشنى ئۇنتۇمايتتى.
- سىزنى نېمىشقا بۇرۇن كۆرمىگەن بولغىيدىم!
- ئەمما، مەن سىزنى كۆرگەن. يەنە كىلىپ بىر قانچە قېتىم كۆرگەن.
زۇبەيدەنىڭ جاۋابى مەۋلاننى ھەيران قالدۇردى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئۆزىنى قەيەردە كۆرگىنىنى بىلمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە ئىشىنەتتى.
- مېنى قەيەردە كۆرگەن؟
- مەن بۇرۇن ئاقتاغ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتىم، سىز بىزنىڭ مەكتەپكە خىزمەت تەكشۇرۇپ بىر قانچە قېتىم بارغانغۇ؟
- شۇ چاغدا، ماڭا نېمىشقا تونۇشلۇق بەرمىگەن؟
- مېنىڭغۇ تونۇشلۇق بەرگۈم بار ئىدى، بىراق ...
زۇبەيدە يۈرىكىدىكى گەپلەرنى دەۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭدىن بۇ سوئالنى قەستەن سورىغان، ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغانىدى. ئۇنىڭ سەمىمى ۋە ئاق كۆڭۈللىكى مەۋلاننى قايىل قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان بىلەن ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقى، قىزىقىشى دېگەنلەرنى تېخى بىلمەيتتى. بەلكىم بۇلارنى مەۋلاننىڭ بېلىشكە يەنە بىر مەزگىل كېتىشى مۇمكېىن! مەۋلان ئۇنىڭدىن «بۇ باشلىنىشمۇ ياكى ئاخىرلىشىش» دەپ سوراپ باقماقچى بولغانىدى، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى، دوستلۇقىنى بىلدۇرۇپ قويماقچى ئىدى. مەيلى زۇبەيدە نېمە دەپ جاۋاب بەرسۇن، بۇ مەۋلان ئۈچۈن بەك مۇھىم ھېسابلىناتتى.
- ھەي، ئاغىنىلەر! بىر ئويۇن ئوينايلى، ناۋادا كېم يېڭىلسە يېنىدىكى ئادەمنى سۆيسۇن!
مەۋلان يەنە بىر خىزمەتدىشىنىڭ نېمە شۇملۇقنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئۆزىچىلا بۇ تەكلىپنى سورۇن ئەھلىگە تاشلىغانىدى. ئۇنىڭ تەۋسىيە قىلغان ئويۇنى «سان قاتارى ئويۇنى» بولۇپ سان قاتارىنى سانىغاندا، پەقەت يەتتە كېلىدىغان سانلار بىلەن يەتتىنىڭ ھەسسىلىك سانلىرىنى ئاتلاپ ئۆتۇپ كېتىش شەرت قىلىنغانىدى. ناۋادا، كىمدە كىم يەتتە كېلىدىغان سان بىلەن يەتتىنىڭ ھەسسىلىك سانىنى ئېيتىپ سالىدىغان بولسا، شۇ ئادەم بۇ ئويۇندا ئۇتتۇرغان بولاتتى. سانلار قاتارى ئويۇنى باشلاندى، تۈنجى قېتىم ھېچكىمنىڭ ئۇتتۇرۋەتكۇسى كەلمىگەندەك، ئويۇن خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقانىدى. ئەمما سانلار قاتارى يۈزدىن ئاشقاندا، ھەممە ئادەمنىڭ ئاسان خاتالىشىدىغانلىقىنى قھېچكىم بىلمەيتتى. «ئورىنى كېم كولىسا، ئۆزى چۈشەر» دېگەندەك ئەڭ ئاۋۋال ئويۇن باشلىغان ئادەم كەتكۈزۈپ قويغانىدى. ئويۇن قائىدىسى بويىنچە، ئۇ يېنىدا ئولتۇرغان بېرىنى شەرتسىز سۆيۈپ قويىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىسا بۇ ئويۇننىڭ قىزىقى چىقمايتتى، ئويۇننىڭمۇ ئەڭ قىزىيدىغان يېرى دەل مۇشۇ يەردە ئىدى. ئويۇن باشلىغۇچى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاللاشنىڭ ئۆزى قىلغىلى بولمايدىغان بىر تەس ئىش بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەممەيلەننىڭ كۆزىگە «بىر قېتىم كەچۈرۈم قېلىش» ھەققىدە ئۆتۈنگەندەك قارىغان بولسىمۇ، قھېچكىم ئۇنىڭ بۇ قارىشىغا جاۋابەن ئىنكاس قايتۇرمىغانىدى. ئۇنىڭغا ئۆزى باشلىغان ئويۇننىڭ شەرتى ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەنىدى، چۈنكى ئۇنىڭ بىر يىنىدا ئەر خىزمەتدىشى ، يەنە بىر يېنىدا توم ئاۋاز ئايال بار ئىدى. ئۇ بۇلاردىن قايسىنى تاللاشنى بىلمەيتتى ھەم تاللاش مۇمكىنچىلىكىمۇ يوق ئىدى. توم ئاۋاز ئايال بۈگۈنكى ساھىبخان بولۇپلا قالماي، ئورۇق بۇرادەرنىڭ ئادىمى تۇرسا، ئەر تۇرۇپ يەنە بىر ئەرنى سۆيۈش قانداقمۇ ئەقىلگە سىغسۇن؟ شۇڭا، ئۇ تۆۋەنلىك بىلەن سورۇن ئەھلىگە ئىلتىجا قىلغانىدى:
- مەن يەنىلا ھاراق بىلەن ئۆزۈمنى جازالاي!
- بولمايدۇ، چوقۇم ئويۇن قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك!
- ئۇچ رومكا جازا ھارىقى ئىچسۇن!
ئۇ ئاخىرى ئۇچ رومكا جازا ھارىقىنى تاللىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر رومكا ھاراقنى يۇتقان چاغدىكى چىراي ئىپادىسىگە قاراپ، ئۇنىڭ قانچىلىك قىينالغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. بۇ مەنزىرە مەۋلانغا ھاراق ئىچكەن چاغلىرىنى ئەسلىتىپ قويۇۋاتاتتى. ئۇمۇ بىر قانچە قېتىم «ئۇچ رومكا جازا ھارىقى»غا دۇچار بولغان، كەينى-كەينىدىن ھاراق ئىچىش ھەقىقەتەن بەك ئازابلىق ئىش. لېكىن، سورۇننىڭ قائىدىسى بويىنچە، بۇ جازانى ئىجرا قىلماي بولمايتتى. ھاراقكەشلىكنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا قائىدە- يوسۇنى، مۇكاپات-جازاسى بولىدۇ. ئۇنداق چاغلاردا يا چىداپ تۇرۇپ ھاراق ئېچىش كېرەك، يا يەنە بىر قېتىملىق سورۇنغا كاپالەتلىك قىلىش زۆرۇر. بۇ ئىككى تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، كۆپىنچىسى ھاراق ئېچىشنى تاللايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يەنە بىر سورۇنغا بىر تالاي پۇل خەجلىگىسى كەلمەيدۇ.
جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئويۇن يەنە باشلاندى. بۇ قېتىم ئورۇق بۇرادەر ئاسانلا يېڭىلىشتى. بۇ ئويۇندا كۆپىنچە ئادەم 27 بىلەن 28 گە كەلگەندە ئاسان ئېزىپ قالاتتى. ئورۇق بۇرادەرمۇ سانلار قاتارى دەل ئاشۇ يەرگە كەلگەندە ئازغان ئىدى. ئۇ مەيلى قەستەن ئازغان ياكى راستىنلا پەرق ئېتەلمىگەن بولسۇن، ئۇنىڭ 28 نى ئېغىزىغا ئالغانلىقى، بۇ ئويۇندا ئۇتتۇرغانلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئالدىنقى خىزمەتدىشىگە ئوخشاش ھاراق ئىچىش جازاسىنى تاللىمايتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ ئادىمى بار ئىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ جازا ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى تەلىپىنى كۈتۈپ تۇرمايلا، توم ئاۋاز ئايالنىڭ سول يۈزىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ سۆيۈشى باشقىلارغا يارىمىغان ھەم «جازا تولۇق بولمىدى» دەپ قارالغاچقا، ئۇلار ئېتىراز بىلدۈرۈشكە ئۇچرىغانىدى.
- يۈزىگە سۆيگەن ھېساب ئەمەس.
- چوقۇم لىۋىگە سۆيۈشى كېرەك!
- ئېغىزىغا سۆيەلمىسە، ھاراق ئىچسۇن!
بىر بىرىدىن قىلىشماي قاتتىق شەرت قويىۋاتقان سورۇن ئەھلىنىڭ يەنە بىر يېڭى ئويۇننى كۆرگىسى باردەك قىلاتتى. ئورۇق بۇرادەر توم ئاۋاز ئايالغا «قانداق قىلىمىز» دېگەن مەنىدە قاراپ تۇراتتى. دەل شۇ دەقىقىدە توم ئاۋاز ئايالنىڭ تېلېفونى سايراپ قالدى. ئۇ تېلېفونىغا قاراپلا، ھەممەيلەننى ئۈن چىقارماسلىققا ئىشارەت قىلىپ، بىگىز بارمىقىنى ئېغىزىغا تىك قىلىپ تەككۈزدى.
- مەن بۈگۈن ئىش قوشۇپ ئىشلەۋاتىمەن، ئەتە تەكشۈرگۈچىلەر بار ئىدى. ھە ماقۇل، سەل كەچرەك قايتىمەن. بولىدۇ بولىدۇ....
مەۋلانلا ئەمەس، پۈتۈن سورۇندىكىلەر ئۇنىڭ ئېرىگە يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بېلىپ بولغانىدى. قول تېلېفون گەرچە تۇرمۇشقا ناھايىتى زور قولايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنە ئادەمنى ھازىرقىدەك يالغانچى قىلىپ قويۇۋاتاتتى. نى-نى قىزىل يۈزلۈك ئادەملەر تېلېفوندا قىلچە ئىككىلەنمەيلا يالغان سۆزلىيەلەيتتى. توم ئاۋاز ئايالمۇ باشقا ئەرلەر بىلەن بىر سورۇندا تۇرۇپ، يالغاندىن «ئىش قوشۇپ ئىشلەۋاتىمەن» دېگەندە يۈزلىرى ئازراقمۇ چىمىلداپ قويمىغانىدى. بۇ خىلدىكى يالغانچىلىق بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئالدىراپ  ۋەدىلەرگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايتتى.
- ئېرىڭنى ئالدىۋەتكەندىن كېيىن، سۆيۈۋالسام بولا؟
- ئېرىمنى ئالدىمىسام، سۆيمەمتىڭ كالۋا؟
توم ئاۋاز ئايال سوئالغا سوئال بىلەن قاپىيە كەلتۇرۇپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ جاۋابى ھەممەيلەننى كۇلدۈرۇپلا قالماي. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتكەنىدى. ئۇ كۈلگەندە، ئۇنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بولغاچقا، سىرىتتا ئاڭلىغان ئادەم بۇ سورۇننى ساپ ئەرلەر سورۇنى دەپ قالاتتى. ھەممەيلەن كۈلدى، لېكىن مەۋلان بارماقلىرىنى ئويناپ ئولتۇرغان ئايال كۈلمىگەنىدى. ئۇ خۇددى توم ئاۋاز ئايالنىڭ بۇ چاقچىقىنى ياقتۇرمىغاندەك، ئۇنىڭ ئورنىدا خىجىل بولۇشى كېرەكتەك قىزىرىپ كەتكەنىدى.
- ئۇنداق بولسا، مايمۇن ئېغىزىڭنى بىر سۈرتىۋېتە!
- راستلا سۆيىدىغان ئوخشىمامدۇ، ماۋۇ!
توم ئاۋاز ئايال سەل ئۇيالغاندەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ سۆيۈشىنى قوبۇل قىلىدىغاندەك، لەۋلىرىدىكى ھەدېدىن زىيادە قىنىق لەۋ سۇرىقىنى سۈرتىۋەتتى. ئۇلار جازا ئېجرا قىلىۋاتقاندا ھەممەيلەن قاراپ تۇرغان بولسىمۇ، بۇ ئىككىيلەن سۆيۈشۈشنى بىر چاقچاق ئورنىدا كۆرگەن كەيپىياتتا خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتۇردى. باشقىلارمۇ بۇ سۆيۈشۈشنى ئويۇن كام بولسا بولمايدىغان بىر خىل قىزىقچىلىق دەپ چۈشەنگەنىدى. ئۇلار تېخى بىر بىرىنىڭ بوينىدىكى قولىنى ئاجراتماي تۇرۇپلا، ئورۇق بۇرادەر قېلىنلىق بىلەن سۆز باشلىغاندى.
- بۇنداق سۆيسە، بەك پەيزى بولىدىكەن.
- قېلىن!
ھەممەيلەن سۈكۈتكە چۆككەنىدى، چۈنكى، بۇ ئىككىيلەننىڭ سەل ھەددېدىن ئاشقان قىزىقچىلىقى ئۇلارنى خىجىل قىلىپ قويغانىدى. زۇبەيدەمۇ بارماقلىرىنى مەۋلاننىڭ قولىدىن تارتىۋالغان بولۇپ، يەردىن بېشىنى ئېگىز كۆتۈرمەي ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بېلگىلى بولمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ بىر خىل شېرىن تۇيغۇ ھەم ئىزا ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتقان قەلبىنى چۈشىنىشكە بولاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى، ھېسسىياتىنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىۋاتاتتى. ئۇ مەۋلاننىڭ قوللىرىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قىلىشىنى خالىمايتتى، ئامال بار ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا، باشقىلارغا خۇشال كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تېرىشاتتى.
- ئايپەرى قاچان كېلىدۇ، مېنىڭ ۋاقتىم توشۇپ قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ، ئاداش!
زۇبەيدەنىڭ توم ئاۋاز ئايالغا قىلىۋاتقان سۆزلىرى باشقىلارغا تەسىر قىلمىغان بىلەن مەۋلانغا بەك تەسىر قىلغانىدى. مەۋلان ئۈنىڭ بۇنداقلا كېتىپ قىلىشىنى خالىمايتتى، ئۇ تېخى زۇبەيدە ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيتتى. مەۋلاننىڭ ئۇنى چۈشەنگۈسى، ئۇ توغرىسىدا كۆپرەك بايانلارنى ئاڭلىغۇسى بار ئىدى. مەۋلان باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىنى بەكرەك خالايتتى.
- نېمىگە بۇنچە ئالدىرايسىز، كېلىشتىن ئاۋۋال ئاتنى توقۇپ قويغانمۇ؟-دېدى، مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا سۆزلەپ. زۇبەيدە ئۇنىڭغا لەپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، شىۋىرلاپ تۇرۇپ جاۋاب بەرگەنىدى.
- ئاتنى توقۇپ قويمىغان، ئەمما ئۆيدە قىزىم يالغۇز ئىدى.
- يەنە بىردەم ئولتۇرسىڭىز بولاتتى؟
- مېنىڭغۇ ئاخىرىغىچە ئولتۇرغۇم بار، بۈگۈن شۇنداق بولۇپ قالدى. كېلەر قېتىم چوقۇم ئۇزۇنراق ئولتۇرىمەن.
زۇبەيدەنىڭ بۇ سۆزلىرى مەۋلاننى ھەقىقەتەن خۇشال قىلغانىدى، چۈنكى ئۇ مەۋلان بىلەن يەنە بىر قېتىم ئولتۇرۇش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغانىدى. قايتا كۆرۇشۇش يالغۇز ئۇنىڭلا ئارزۇسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى مەۋلاننىڭمۇ ئارزۇسى بولۇپ قىلىۋاتاتتى. توم ئاۋاز ئايال تېلېفون قىلىپ، يېڭى مېھماننى ئالدىراتتى. ئۇ چاقچاق قىلىپ:
- تېزراق بولىلى دوستتەك، يولىڭىزغا قاراپ بىرەيلەننىڭ كۆزى تېشىلەي دەپ قالدى.-دېگەنلەرنى قوشۇپ قويدى.
توم ئاۋاز ئايال راست ئېيتقانىدى، يېڭى مېھماننى كۈتۈپ ھەممەيلەننىڭ تاقىتى-تاق بولىۋاتاتتى. بولۇپمۇ يېنىدا ئايال زاتى بولمىغان ئەركەكلەر بەكرەك ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار ئېغىزىدىن چىقىرالمىغىنى بىلەن كۆڭلىدە «كېلىۋاتقان يېڭى مېھمان قانداقراقتۇ؟ چىرايلىق ھەم كېلىشكەنمىدۇ؟ ۋە ياكى بۇلاردەك ئادەتتىكىدەك ئايالمىدۇ؟» دېگەننى خىيال قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئەرلەرنى ياخشى چۈشىنەتتى، ئەرلەر قانائەتسىز بولۇپلا قالماي، يەنە تويماس كېلەتتى. ئۇلار يېنىدا بىر ئايال تۇرسىمۇ، باشقا چىرايلىق ئاياللارغا نەزەر كۆزىنى تاشلىماي تۇرالمايتتى. خىيالىدا چىرايلىق ئاياللار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقاتتى، بىرگە شېرىن مىنۇتلارنى ئۆتكۈزەتتى. خىيال ئۇلارنىڭ بارلىقى بولۇپلا قالماي، ئۆزلىرىنىڭ ياۋايىلىقىغا تەسەللى بېرىدىغان بىردىن بىر شىپالىق دورىسى ئىدى. ناۋادا، ئەرلەردە خىيال بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ ياۋايىلىقىنى توسۇپ قالغىلى، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى بوغۇپ قويغىلى بولمايتتى. ئۇلار ئۆز كۆڭلىنى ئاشۇنداق خىياللار ئارقىلىق خۇش قىلىپلا قالماي، قىنىغا سىڭىپ كەتكەن ئاسىي ھېسلىرىنى مەجبۇرى باساتتى.
ھەممەيلەن زارىقىپ كۈتكەن مېھمانمۇ ئاخىرى كەلگەنىدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا «كەچۈرۈڭلار، ساقلىتىپ قويۇپ سەت بولدى» دېگىنىچە، دوستلىرى بىلەن يۈز يېقىشىپ كۆرۈشتى. سالاملىشىش نۆۋىتى مەۋلانغا كەلگەندە، مەۋلان ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى.
- مېنىڭمۇ ئۇلاردەك كۆرۈشكۈم بار ئىدى.
- ئۇمۇ بولۇپ قالا! سەبرە قىلسا، غورىدىن ھالۋا پۇتىدۇ ئەمەسمۇ؟
چاقچاق بىلەن بېرىلگەن جاۋاب ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈپ، كەيپىياتنى باشقىچە جانلاندۇرۇۋەتكەنىدى. مەۋلان بۇ ئايالنىڭ چاقچاققا ماھىرلىقىنى بۇرۇندىن بېلەتتى، ئۇ زىلۋا بوي، ئاق ئۆڭ كەلگەن چىرايلىق ئاياللاردىن بولۇپلا قالماي، ئۆزىنى تۇتىۋالغان، سۆزمەنلەردىن سانىلاتتى. ئۇ سورۇندىكىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئاستا مەۋلاننىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى. چۈنكى، بۇ سورۇندا ئۇ تونۇيدىغان ئەرلەردىن پەقەت مەۋلانلا بار ئىدى. ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن زۇبەيدە قايتىشقا جابدۇنغان ئىدى، ئۇ ھەممەيلەنگە ئۆزرەخاھلىق ئېيتقاندىن كېيىن، كۆزى قىيمىغان بىر كەيپىياتتا خۇشلاشتى. ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقىچە، مەۋلانغا ئەتەي چاقچاق قىلىشنى ئۇنتۇمىغانىدى.
- يەنىلا سىز تەلەيلىك، يالغۇز قالمايدىغان بولدىڭىز. مەن سىزنى بۇ دوستۇمغا تاپشۇردۇم!
ئۇ كەتتى. ئۇ مەۋلاننىڭ قەلبىدە چۈشىنىكسىز، ئەمما ئىللىق بىر تۇيغۇنى تاشلاپ قويۇپ كەتكەنىدى. مەۋلان تېخى ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىللىۋالمىغان، قەيەردە ئولتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سورىۋالمىغان ئىدى. ئۇ مەۋلانغا يەنە بىر ئايالنى قالدۇرۇپ كەتكىنى بىلەن، بارلىق خۇشاللىقى ۋە قىزىقىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كەتكەنىدى. بۇ يېڭى مېھماننىڭ چاقچاقلىرى بىلەن سورۇن تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۇرىلىشكە، ھەممەيلەن بەس-بەستە ئېغىزلىرىنى تاتلىق قىلىشقا باشلىغانىدى. مەۋلان ئۆز كۆڭلىنى بىر ئاز بولسىمۇ كۆتۇرۇش ئۈچۈن، ئايپەرىگە توختىماي چاقچاق قىلاتتى، ئايپەرىمۇ بوش كەلمەي، ئۇنىڭ چاقچاقلىرىغا چاقچاق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ. ھەممەيلەننى كۈلدىرەتتى ۋە ھەيرانلىقتا قالدۇراتتى.
- ئويۇننى ئەمدى باشلا، مەن ھەر قېتىمدا ئۇتتۇرۇپ قويۇشقا رازى!-دېدى، مەۋلان باياتىن ئويۇن باشلىغان بۇرادىرىگە قاراپ.
- چىرايلىق قىز يېنىمدا بولسا، مەنمۇ ئۇتتۇرىۋەتكەن بولاتتىم.-دېدى، يەنە بىر بۇرادەر مەۋلان بىلەن ئايپەرىگە مەنىلىك كۆز قېسىپ. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەم سۆيۈنۈش ھەم ھەسەت چىقىپ تۇراتتى. ئۇ كۆڭلىدە ئايپەرىنى مەۋلاننىڭ «ئارىلىشىۋاتقان ئاياللىرىنىڭ بېرى» دەپ خاتا ئويلاپ قالغاندەك قىلاتتى.
- قانداق ئويۇن ئوينىغان ئىدىڭلار؟ قىزىقارلىق بولسا يەنە ئوينايلىچۇ!
ئايپەرى بىر مەۋلانغا بىر ئويۇن باشلايدىغان بۇرادەرگە قارايتتى. مەۋلان ئايپەرىگە ئويۇن قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈشنى بىر ئاز بىئەپ كۆرگەچكە ئۈندىمىگەنىدى، توم ئاۋاز ئايال ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
- بۇ ئويۇن بولىدىكەنغۇ، بۈگۈن ماڭا بىر پۇرسەت كەلگەن ئوخشايدۇ. ئويۇننىڭ باھانىسىدا بۇ ئۇلۇغ ئەپەندىنى تازا سۆيۈۋالمىسام!
ئايپەرىنىڭ چاقچاق بىلەن راستلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان سۆزلىرى مەۋلاننى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغانىدى. مەۋلان ئۇنى راست سۆزىنى دەۋاتامدىكىن دېسە، ئۇ شېرە ئاستىدىن مەۋلاننىڭ يوتىسىنى چىمداپ قويغانىدى. چاقچاق دەي دېسە، ئايپەرىنىڭ كۆزلىرىدە شۇنداق بىر ئارزۇنى ئىپادىلەيدىغان نۇر چاقناۋاتقاندەك كۆرىنەتتى.
ئويۇن باشلىنىۋىدى، مەۋلان بىلىپ بىلمەيلا خاتالاشتى.
- قېنى، سۆيۈپ باقماملا!
توم ئاۋاز ئايال مەۋلاننى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرۈپ قويدى، مەۋلان تېخىچە ئۆزىنىڭ بۇ ئويۇندا ئۇتتۇرۇپ قويغىنىغا قايىل بولمايۋاتاتتى. ئۇ ئادەتتە ساناق سان ۋە ھەسسىلىك سانلارنى ھېسابلاشقا ئۇستا بولۇپ، ئاسانلىقچە خاتالاشمايتتى. ئۇ شۇنىڭغا ئىشىنەتتىكى، ئۇ بۇ ئويۇننى ھەرگىزمۇ مەقسەتلىك ھالدا قايتا ئويناشنى تەۋسىيە قىلمىغان ھەم مەقسەتلىك ئۇتتۇرۇپ قويمىغانىدى. ئايپەرىنىڭ چاقچىقى بىلەن قىسقا دەقىقىلىق مەڭدەپ قىلىش ئۇنى ئىجرا قىلىش تەس بولغان جازاغا مەجبۇر قىلىپ قويغانىدى. مەۋلان ھاراق ئېچمەيدىغان بولغاچقا، چوقۇم يېنىدىكى بىر ئادەمنى سۆيۈپ قويىشىنىڭ زۆرۇلىكىنى، بۇ ئۆزى قايتا تەۋسىيە قىلغان ئويۇننىڭ قائىدىسى ئىكەنلىكىنى بېلەتتى. مەۋلان ئىككى ياققا قارىدى، ئۇ بىر يېنىدا ئايپەرى بولغىنى بىلەن يەنە بىر يېنىدا بوش ئورۇننىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلمىغانىدى. مەۋلان ئۇلارغا تاقابىل تۇرغىدەك ئىمتىيازغا ئېرىشكىنىدىن خۇشاللىققا چۈمدى ۋە ئادەمسىز قالغان ئورۇندۇقنى سۆيۈپ قويدى. باشقىلارغا مەۋلاننىڭ بۇ قىلىقى دەسلەپ كۈلكىلىك تۇيۇلغان بولسا كېرەك، ھەممەيلەن بىر بىرىگە قاراپ كۈلۈشتى. ئەمما، كۈلكىدىن كېيىن ئەقلىنى تاپقاندەك، مەۋلاننىڭ بۇ خىلدىكى جازا ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىغا بولغان نارازىلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈرىشكەنىدى.
- بۇنداق ئاسان قۇتۇلىدىغان ئىش نەدە بار؟
- بىز ئادەم سۆيىدۇ دېگەن، ئورۇندۇق سۆيىدۇ دېمىگەن.
- ئىجرا قىلسۇن! بولمىسا جازانى ئېغىرلىتىمىز.
ئۇلار مۇنداقلا ئاسان بولدى قىلىدىغاندەك قىلمايتتى، سورۇننىڭ ساقىسى ئاللىقاچان ئۇچ رومكا ھاراقنى قۇيۇپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدى. مەۋلاننىڭ چوقۇم ئايپەرىنى سۆيۈش بىلەن ھاراق ئىچىشتىن بىرنى تاللىشى زۆرۇر بولۇپ قىلىۋاتاتتى. مەۋلاننىڭ پەقەت ھاراق ئىچكۈسى يوق، ئەمما، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئايپەرىنى سۆيۈش ھاراق ئېچىشتىنمۇ تەس تاللاش ئىدى. مەۋلان ئايپەرىگە ئۆتۈنۈش ئىچىدە قارايتتى، ئايپەرى ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ھېس قىلمىغاندەك يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. لېكىن ئۇنىڭ يۈزلىرىدىكى قىزىللىق مەۋلانغا ئۇنى سۆيۈشنى تاللاشنىڭ ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ پۇتىغا ئاستا تىپىپ قويدى، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئايپەرىگە ئۇنى سۆيۇش ئارقىلىق جازا ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بەرمەكچى بولغىنى ئىدى. مەۋلان ئامالسىزلىق ۋە خىجالەت ئىچىدە جازانى ئىجرا قىلدى، ئۇنىڭ تەلىيىگە ئايپەرى قارشى ئىنكاستا بولمىغانىدى. ئەمما، ئۇنىڭ  يۈزىدىكى ئالما رەڭگىدىكى قېزىللىق بويۇنلىرىغىچە تاراپ، بايامقى چاقچاقلىرى ۋە خۇش كۈلكىسىنى ئېلىپ كەتكەنىدى.
- كەچۈرۈڭ، بۇنى بىر ئويۇن دەپلا ھېس قىلىڭ!-دېدى، مەۋلان ئۇنىڭغا ئاستا شېۋېرلاپ.
- مەن كېچىك قىز ئەمەس، بۇنچىلىك ئويۇننى بېلىمەن. ئەمما، ناتونۇشلار ئالدىدا بەك ئېزا تارتتىم. بۇ ئويۇن راستىنلا بولمايدىكەن.-دېدى ئۇ تېخىمۇ خىجىل بولىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندەك، مەۋلاندىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ.
ئايپەرى توغرا ئېيتقانىدى. گەرچە بۇ بىر خىل ئويۇن تۇرى بولسىمۇ، ئادەمنى تەڭلىكتە قويىدىغان رەھىمسىز رېئاللىققا ئوخشايتتى. مەۋلان بۇ رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ قاچۇرۇپ بولالمىغان، ھەتتا بۇ ئويۇنغا ئايپەرىنىمۇ سۆرەپ كىرگىنى يەتمىگەندەك، باشقىلارنىڭ كۆزىدە ھۆرمەت ۋە ھايا بىلەن ئۆتىۋاتقان بىر ئايالنى سۆيۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. بۇ سۆيۈش رەسمىي يوسۇندىكى ھېسسىيات بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەمدە بىر خىل غەلىتە تۇيغۇ ئويغىتىدىغان خىيالغا ئوخشايتتى. شۇندىن كېيىن، ئايپەرىنىڭ ياڭراق مۇزىكىدەك ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمىدى، ئۇنىڭ يېڭى كېرگەن چاغدىكى كۈلكە-چاقچاقلىرى ئازلاپ كەتتى.
سورۇن خېلى داۋاملاشقان، ھەممەيلەن كۈلكە-چاقچاققا تويۇنغان بولسىمۇ، مەۋلان تازا خۇشال بولالمايۋاتاتتى. چۈنكى، مەۋلان بىر ئويۇن تۈپەيلى ئايپەرىنىڭ كۆڭلىنى چېگىپ قويۇپلا قالماي، ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلىنى غەش قىلىۋالغان ئىدى. بەلكىم، ھەر ئىككىيلەننىڭ قەلبىدە باشقىچە بىر ھېسسىيات بولغىنىدا، ئۇلار بۇنچىلىك ئارىسالدى بولمىغان، ھېچنېمىنى ئويلىمىغان بولاتتى. ئۇلار بىر بىرىگە ئامانلىق ۋە شېرىن چۈش تىلەپ خوشلاشقىچە بولغان ۋاقىتتا، ئايپەرى مەۋلانغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ چاقچاقمۇ قىلمىغان، ئوغۇرلۇقچە كۆزلىرىگىمۇ قارىمىغانىدى. ئۇ كېتىدىغان چاغدىلا، مەۋلانغا ئالايىتەن ئەسكەرتىش زۆرۇردەك:
- مېنى سۆيۈۋالغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ!-دېگەن ئىدى.
مەۋلان ئۇنىڭغا جاۋابەن «خاتىرجەم بولۇڭ، مەن شۇنداق قىلالايمەن.» دېگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى نېمىشقا ئەسكەرتكەنلىكىنى بىلەلمىگەنىدى.ئەمما، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى پەرەز قىلغانىدى. ئۇ مەۋلاننى «ئاشۇ بىر سۆيۈش بىلەن باشقىچە تۇيغۇدا بولمىسۇن ياكى بۇ ئىشنى ئۆزىگە بەك بېسىم قىلىۋالمىسۇن» دېگەن بولسا كېرەك. مەۋلان ئايپەرى ئالاھىدە ئەسكەرتمىسىمۇ، ئۇ ئويلىغاندەك ئۇنتۇپ كېتەلەيتتى. ئۇ بۇنىڭ سورۇندىكى بىر ھاراق ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بېلەتتى. ئايپەرى مەۋلاننىڭ قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنىدى. شۇڭا، ئۇ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك قىلىپ:
- مەن سىزدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقىنىم يوق، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن.-دېدى.
ئايپەرى كۆز ھەركىتى بىلەن سورۇندىكى بۇرادەرلەرنى كۆرسىتىۋاتاتتى. ئۇ بۇ ئەسكەرتمە ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارتۇق گەپ-سۆز قىلماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىدىغانلىقىنى مەۋلانغا بىلدۇرۇپ قويماقچى بولغاندەك قىلاتتى. مەۋلان ئۇنىڭغا «چۈشەندىم» دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئايپەرى مەۋلاندىن خىزمەتداشلىرىغا بۇ ئىشنى توغرا چۈشەندۈرىشىنى، ئۇلاردا خاتا قاراش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۆتۈنگەنىدى. مەۋلان ئۇ ئويلىغاندەك ئانچە دۆتلەردىن بولمىسىمۇ، بەك ئەقىللىق ئادەملەردىن بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ ئويۇننىڭ ئاقىۋېتىنى ئۇنىڭدەك ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە ئويلاپ كەتمىگەن ئىدى. ناۋادا، ئۇ بۇ ئەسكەرتمىنى بەرمىگەن بولسا، مەۋلان ئۇلارغا ئارتۇق گەپ قىلمىغان، ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارى بولمىغان بولاتتى. دېمىسىمۇ، ئادەم غەيۋەت ۋە تۆھمەتكە ئەڭ يېقىن مەخلۇق. ئۆز ئارا كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن ئوينالغان بىر مەيدان ئويۇن ئۆز نۆۋىتىدە ئۆسەك تۆھمەت بولۇپ، تالاغا چىققىدەك، باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزگۈدەكلا بولسا، يالغۇز ئايپەرىلا ئەمەس، مەۋلانمۇ يۈزىنى كۆتۇرۇپ يۈرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەر ئىككىسى قېنى قىزىق ياشلاردىن بولماستىن، بەلكى مۇكەممەل ئائىلىسى، ئوماق بالىلىرى بار، ئۆز دائىرىسىدە يۈز-ئابروي تاپقانلاردىن ئىدى. بۇ يەردىكى ئەرزىمەس بىر ئويۇن ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بىكاردىن يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەش ئويى يوق ئىدى.
ئاياللار ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن، مەۋلان خىزمەتداشلىرىغا ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتى ۋە يۈز-ئابرۇيى ئۈچۈن بولسىمۇ، سورۇندىكى گەپ-سۆزلەرنى، كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئوينالغان ئويۇنلارنى قايتا تىلغا ئالماسلىقنى ئالايىتەن جېكىلەپ قويدى. مەۋلاننىڭ ئورۇق خىزمەتدىشى ئېشىپ قالغان پارچە ھاراقنى بۇ يەردە تاشلاپ چىقىپ كەتكۇسى كەلمىگەندەك، قويۇن يانچۇقىغا تىقىۋالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ سورۇندا ھاراققا تېخى باغرى قانمىغان، يۈرىكى سۇغا چىلالمىغان بولغاچقا، مېھمانسارايغا بارغاندا ياستۇق چېيى قىلىش ئويى بار ئېدى. مەۋلان ئۇلارغا تۆۋەنگە چۈشكەچ تۇرۇشنى ئېيتىپ قويۇپ تازىلىق ئۆيىگە يۈگۈردى، ئەتىگەندىن بېرى ھاراق ئورنىدا ئىچكەن سوغۇق ئېچىملىك ئۇنى ئالدىرىتىپ قويغانىدى. ئۇ تازىلىق ئۆيىدىن چىققىنىدا، ئۇلارنى كۈتۈشكە مەسئۇل بولغان مۇلازىم قىز ئۇنىڭ ئالدىنى توسقانىدى. مۇلازىم قىزنىڭ قولىدا بىر يېشىل شارپا پۇلاڭلاپ تۇراتتى.
- بۇ شارپىنى بايامقى ئاچاشلار ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ.-دېدى، مۇلازىم قىز شارپىنى مەۋلانغا تەڭلەپ. مەۋلان بۇ شارپىنى كېمنىڭ بوينىدا كۆرگەنلىكىنى دەرھال ئېسىگە ئالالمىغان بولسىمۇ، مۇلازىم قىزنىڭ سەبىي كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ يالغان ئېيتىمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ قولىدىن شارپىنى رەھمەت ئېيتىپ ئالدى-دە، پۇرلاپلا يانچۇقىغا سېلىۋالدى. چۈنكى، ئۇ خىزمەتداشلىرىنىڭ بۇ شارپىنى كۆرۈپ قىلىشىنى خالىمىغان ئىدى.
زۇبەيدە مەۋلانغا تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرماي، بۇرۇنلا كېتىپ قالغىنى بىلەن شارپىسىنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ بۇ شارپىنى قەستەن قويۇپ قويغىنىنى ياكى راستىنلا ئۇنتۇپ قالغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى. مەيلى قەستەن قىلغان ياكى راستىنلا ئۇنتۇغان بولسۇن، مەۋلانغا ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشقا باھانە تېپىلغانىدى.
مەۋلان زۇبەيدەنى شۇ قېتىم تۇنجى رەت كۆرگەن، تېخى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، يۈرىكىدە ئۇنىڭ ئوماق تەبەسسۇمى ئورناپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەلبىدە ئويغىنىۋاتقان قايتا ئۇچرىشىش ئىستىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ ئىسمىنى ئارىلاپ چاقىرىپ قالىدىغان، ئۇنى بىلىپ بىلمەي سېغىنىدىغان بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىغا ھەيران بولاتتى، ھەر قېتىم بارماقلىرىمنى بىراۋ سىققاندا، زۇبەيدەنىڭ شېرە ئاستىدىن ئوغۇرلۇقچە بارماقلىرىنى ئوينىغىنى ئېسىدىن كېچەتتى. ئۇنىڭ توم ئاۋاز ئايال بىلەن ئورۇق بۇرادەر سۆيۈشكەن چاغدىكى خىجىلچان كۆزلىرى، يېڭى قىزارغان ئالمىدەك قىزىللىق يۈگۈرگەن يۈزلىرى كۆز ئالدېدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۇپ قالاتتى. ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا، خىزمەت سومكىسىدىكى يېشىل شارپىغا پات-پات قارايدىغان، ھەتتا بۇ شارپىنى بۇرنىغا تۇتۇپ پۇرايدىغان بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلالمايۋاتاتتى.
مەۋلان نەچچە قېتىم زۇبەيدەنىڭ شارپىسىنى بېرىۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، نېمىشقىكىن بۇ ئويىدىن دەرھال ۋاز كېچەتتى. چۈنكى، ئۇ زۇبەيدەنى پەقەت بىر قېتىملا كۆرگەن، تېخى ئۇنىڭ بىلەن سىرداشقىدەك دەرىجىگە يەتمىگەن بولغاچقا تەرەببال ئىزدەپ بېرىشتىن بىر ئاز ئۇيىلىۋاتاتتى. مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئىزدىشىنى، ھېچ بولمىغاندا توم ئاۋاز دوستى ئارقىلىق شارپىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشىنى كۈتەتتى. ئەپسۇس، زۇبەيدە بۇ شارپىنى مەۋلانغا خاتىرە سۇپىتىدە قالدۇرغاندەك ئۇنسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

                        *                              *                             *                                 *

     مەۋلان 211-ئۆيگە چۈشكىنىنى ھېچكىمگە ئېيتىپ بېرىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ بۇيەردە بىر مەزگىل جىمجىت ئولتۇرۇپ، خاتىرە يازغۇسى بار ئىدى. نويابىرنىڭ سوغۇق شامىلى يۈزلىرىگە ئۇرۇلۇپ تۇرسىمۇ، دېرىزە تۇۋىگە كىلىپ، يىراقلارغا نەزەر تاشلايتتى. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىزمەت سومكىسىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان يېشىل شارپا دېرىزىدىن كىرىۋاتقان شامالدا لەرزان يەلپۈنەتتى. مەۋلان تۇيۇقسىز زۇبەيدەنى ئەسلەپ قالغان بولسا كېرەك، شارپىنى دېرىزىدىن چىقىرىپ، خۇددى ئۇ ئۆز شارپىسىنى تونۇۋېلىپ، ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىدىغاندەك پۇلاڭلاتتى. ئۇ بۇ شەھەردە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭ زادى قەيەردە ئولتۇرىدىغانلىقىنى تېخىچە بىلەلمىگەنىدى. بەلكىم، باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرگەن، ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن بولسا، بۇ چاققىچە ھەممىنى بىلگەن، شارپىنى ئۆز ئېگىسىنىڭ قولىغا يەتكۈزگەن بولاتتى. ئەمما، مەۋلان ئۇنداق قىلىشنى خالىمىغان ھەم قوبۇل كۆرمىگەنىدى.
مەۋلان زۇبەيدەنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. لېكىن، ئىشىنىش بىلەنلا ھەممە ئىشنىڭ ئادەم ئويلىغاندەك بولىشى ناتايىن ئىدى. ئۇ زۇبەيدەنى ئىزدەپ بارغىنىدا، زۇبەيدە ئۇنى نېمە دەپ ئويلاپ قالا؟ ناۋادا، ئۇ شارپىنى قەستەن قويۇپ قويغان بولسا، مەۋلاننى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالار. راستىنلا ئۇنتۇپ قالغان بولسىچۇ؟ ئۇ چاغدا مەۋلاننى « بۇمۇ بىر سۇيۇق ئەر ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىماسمۇ؟ مەۋلان ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسا، بۇ خىل باھانە بىلەن ئىزدەشنى قانداق ئويلىغان بولاتتى؟ ئۇمۇ چوقۇم زۇبەيدەگە ئوخشاش ئويلىغان ۋە قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغان بولاتتى. بۇ شارپا مەۋلان ئۈچۈن مۇھىم بىر ئامانەت بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاددىي بىر باش ياغلىقى ھېسابلانسىچۇ؟ بىر بىرىگە ئۇلىنىپ كېتىۋاتقان، مېڭىسىدە جاۋابسىز قىلىۋاتقان سوئاللار مەۋلاننى راستىنلا قىيناپ قويۇۋاتاتتى. ئۇ بۇ ھەقتە قارار چىقىرىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى ھەم «تاللاشقا ھەققىم يوق» دەپ ئويلايتتى.
- قاچان كەلگەن؟ دوستەك! ئالدىن ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلا، يالغۇز قويماس ئىدۇق!
تېلېفوندىن كېلىۋاتقان توم ئاۋاز مەۋلاننى ھەيران قالدۇرغانىدى، ئۇنىڭ توم ئاۋاز ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىۋالغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.
- تۈنۈگۈن كەلگەن، ئۆزىڭىز؟
مەۋلان ئۇنى قەستەن تونۇماسقا سالغانىدى. ئۇ توم ئاۋاز ئايالغا ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر تېلېفوننى كۈتۈۋاتقانلىقىنى چاندۇرغىسى، يېقىندىن بىرى قەلبىدە پەيدا بولىۋاتقان تۇيغۇلارنى ئاشكارىلاپ قويغۇسى يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن زۇبەيدەنى شۇنداق سورىغىسى بولسىمۇ، ئۆزىنى زورىغا تۇتىۋالغانىدى.
- مەن ماھىرە، سىزنىڭ ھېلىقى ئورۇق خىزمەتدىشىڭىز...
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى بىردەم توختىتىۋالدى، قارىغاندا ئۇ مەۋلاننىڭ خىزمەتدىشىنى نېمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمەي، بىر دەم ئويلىنىۋېلىشىنى توغرا تاپقان بولسا كېرەك. مەۋلان ئۇنىڭ زۇبەيدە ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىنى كۈتىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ داۋاملىق سۆزلىشىگە پۇرسەت بەرمەيلا، ئۇنى تونۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بولغانىدى.
- بىلدىم، ئامان–ئېسەن تۇرىۋاتامسىز؟-دېدى، مەۋلان ئۇنى بۇ ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ.
- ئامانچىلىق، تېلېفون قىلىشتىن بۇرۇن «ھەقىچان ئېسىگە ئالالمايدىغۇ» دەپ ئويلىغانىدىم. ئالىي پەزىلەتلىك ئادەم باشقىچە بولىدىكەن، ئازراق بېشارەت بېرىپ قويساملا تونۇۋالدىڭىز. ماڭا سىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇ ئېيتىپ بەرگەن. ۋاقتىڭىز بولسا، دوستۇم ئىككىمىز مېھمان قىلايلى، دەپ ئويلىۋىدۇق.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن تەكلىپى مەۋلاننىڭ قۇلىقىغا شۇنداق خۇش ياققان بولسىمۇ، ئازراق تەۋرىنىپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ «دوستۇم دېگىنى زادى كېم؟»دېگەننى ئويلاشقا باشلىغانىدى. مەۋلان بۇنى ئېنىق بىلمەيتتى، ماھىرەمۇ مەۋلاننىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمىگىنى ئاز كېلىۋاتقاندەك، گەپ قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەملەرگە ئوخشاش «دوستۇم» دېگەننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە ئېيتسىلا بولماسمىدى. مەۋلان شۇ دەقىقىدە «سىز ئېيتقان دوستىڭىز زۇبەيدەمۇ ياكى ئايپەرى؟ ئۇنىڭدىن بىۋاستە سوراپ باقسام قانداق بولا؟ ئۇ مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى بېلىپ قالارمۇ؟ مەيلىلا، ئۇنىڭ قانداق ئويلىشىدىن قەتئىينەزەر پۇرۇتۇپ قويساملا بولدى. ئۇنىڭ ئەقلى بولسىلا، قالغىنىنى ئۆزى چۈشىنىۋالمامدۇ!؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەنىدى.
- ياخشى كۆڭلۈڭلار ماڭا تېگىل بولدى، كېيىنچە بىر گەپ بولا.
مەۋلان يالغاندىن تەكەللۇپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ مېنى قايتا- قايتا تەكلىپ قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي، ئۆتۇنۇپ تۇرۇۋېلىشىنى خالايتتى. مەۋلاننىڭ ئويلىغىنىدەك، ماھىرە ئۇنىڭ رەت قىلىشىنى مۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمەيدىغاندەك قىلاتتى.
- قىزلاردەك نازلىنىپ كەتمەڭلار، ئاداش! يالغۇزچىلىقتا بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئولتۇرغىچە، بىردەم كۆڭۈل خۇشى قىلمامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە دوستۇمنىڭ سىللە بىلەن بەك كۆرۇشكىسى باركەن.
ئۇنىڭ ئاياللىق نازاكەتتىن قىلچە پۇراق بولمىغان، ئەركەكلەرگە خاس مىجەز-خۇلقىنىڭ بارلىقى مەۋلانغا ئايان ئىدى. ئۇ بىرلا كۆرۈپ تونۇشقان، ھەر قانداق بىر ئادەمنى، مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن «ئاداش، ئادىش» دەپ چاقىراتتى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇ خىل قوپال مىجەزىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى. لېكىن، ئۇ تېلېفون قىلىۋاتقان بۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ توم ئاۋازى مەۋلانغا خېلى يېقىملىق تۇيۇلۇۋاتاتتى.
- كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم، دوستىڭىزغا مېنىڭ رەخمىتىمنى يەتكۇزۇپ قويۇڭ. بۈگۈن كەچ راستىنلا ۋاقتىم يوق ئىدى.
- بېرەر سائەت بولسىمۇ ۋاقتىڭلارنى بېرىڭلا، مەن تېخى زۇبەيدەگە ۋەدە بېرىپ قويغانىدىم.
ئۇنىڭ ئېغىزىدىن مەۋلان كۈتىۋاتقان ئېسىم ئاخىرى چىققانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ زۇبەيدەنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشىنى، ئۆزى بىلەن كۆرۈشكىسى بار دوستىنىڭ كېم ئىكەنلىكىنى تېزراق ئېيتىپ بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. مەۋلان ئۇنىڭغا ئالدىراپلا «بۈگۈن كەچ راستىنلا ۋاقتىم يوق ئىدى» دەپ سالغىنىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىغانىدى، ماھىرە ئۇنىڭغا يەنە پۇرسەت بەرگەندەك، ئۇ ماقۇللۇق بىلدۇرمىسە ئۆز لەۋزىدىن يانمايدىغاندەك قىلاتتى. مەۋلان ماھىرەنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن شۇنداق خۇشال بولدىكى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرگۈسى، ھەتتا يېنىدا بولغان بولسا چىڭ قۇچاقلاپ قويغۇسى كېلىۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ يەنە ئۆز ئابۇرويىنى قوغدىمىسا، ئاياللارنىڭ ئانچىكى تەكلىپىنى ئالدىراقسانلىق بىلەن قوبۇل كۆرۈپ قويسا بولمايدىغان بولغاچقا، ئەتەي تەكەللۇپ قىلىشنى توختاتمايۋاتاتتى.
- دوستىڭىزغا ۋەدە بەرگۈدەك، ماڭا ئىشەنچىڭىز باركەندە؟ مېنىڭ رەت قىلغىنىم ئەمەس، راستىنلا...-تېخى مەۋلاننىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ماھىرە گەپ قىستۇرۇۋالغان ئىدى.
- ھازىر كەچكە خېلى بار، زۇبەيدەمۇ كېلەي دەپ قالدى. بىز ياتىقىڭىزغىلا بارايلى!
ماھىرە كەسكىنلىك بىلەن مەۋلانغا يەنە تەكەللۇپ قىلىش پۇرسىتى قويمىغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ زۇبەيدەنى باشلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ سۈكۈت قىلىشنى توغرا تاپقانىدى. ئۆز نۆۋىتىدە سۈكۈت قىلىش قوشۇلغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ماھىرە مەۋلاننىڭ سۈكۈت قىلغىنىنى «قوشۇلغانلىق» دەپ چۈشەنگەن بولسىلا، مەۋلاننىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغان بولاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ ئۇنچىلىك دەرىجىدە ئەقىللىق ئاياللاردىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى، مەۋلان ئۆزىدە ئۇنىڭغا قارىتا بۇ تۇيغۇنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىسىمۇ، ئۇنىڭ تۇرقىدىنلا پالاكەت ۋە دۆتلۈكى ئوچۇقلا بىلىنىپ تۇراتتى. مەۋلان ئىچىدە ئۇنىڭغا مۇشۇ بىر قېتىم، پەقەت بىر قېتىملا ئەقىل بېرىشنى، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئۇنىڭ دىلىغا سېلىشنى ئاللاھدىن تىلەيتتى.
- ھېلى كۆرۈشەيلى، ئادىش!
توم ئاۋاز ئۈزۇلدى، ماھىرەنىڭ ئاخىرقى سۆزى مەۋلانغا ئىشەنچ ۋە ئۇمۇت ئاتا قىلغانىدى. مەۋلان تېزلىكتە قولىدىكى شارپىنى يەنە خىزمەت سومكىسىغا يوشۇرۇپ قويدى. ئۇلار خۇددى ھازىرلا ئىشىكتىن كىرىپ قالىدىغاندەك، قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ياتاق ئېچىنى بىر قۇر يۇغۇشتۇرۇپمۇ ئۈلگۈردى. ئۇ ئىشىكنىڭ چېكىلىشىنى كۈتەتتى، ئىشىك چېكىلگەن ئاۋازنى ئاڭلىماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى پەس قىلىپ كۆرۈۋاتاتتى. خىيالىدا پەقەت بىر سىما، بىر تەبەسسۇم لەيلەپ يۇرەتتى. توغرا، مەۋلان زۇبەيدەنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسلىمىلىرى تېخىچە قەلبىدە ھازىرقىدەك چاقناپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە زۇبەيدەنىڭ ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندا خوشلىشىش سوۋغىسى سۇپىتىدە ئاتا قىلغان كۈلكىسى، قولىنى مەنىلىك پۇلاڭلىتىپ قويىشى شۇنچىلىك تەبىئى ۋە سۆيۈملۈك ئىدى.
زۇبەيدە ھەققىدە مەۋلاننىڭ ئورۇق خىزمەتدىشى ئاز-تولا ئۇچۇر بەرگەندىن باشقا، مەۋلان ئۇنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى چۈشەنمەيتتى. خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا « ئۇ دېگەن بىر چوغ، باشقىلار پۈۋلەشنى ئويلايدىغان، ئەمما پۈۋلىيەلمەيۋاتقان چوغ. سەن ئۇنى پۈۋلەشنى بىلسەڭلا، ئۇ بىر ئوتقا، تەگسىز يانغىنغا ئايلىنىدۇ» دېگەنىدى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە ئەتەي ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلمەسكە سالغان بىلەن بۇ خىزمەتدىشىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغانىدى. ئۇ كۆڭلىدە مەۋلاننى «بو چوغنى پەقەت سەنلا ئوت قىلىپ ياندۇرالايسەن» دەپ ئويلىغانىدى. دېمىسىمۇ، ئۇ توغرا ئېيتقان ئىدى. زۇبەيدە راستىنلا بىر چوغقا ئوخشايتتى. ئۇ بىر كۈلكە بىلەنلا مەۋلاننىڭ قەلبىگە بىر چوغ پارچىسىنى تاشلاپ قويغانىدى. مەۋلان بۇ چوغ پارچىسىنىڭ ئوت بولۇپ يېنىشىدىن، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. چۈنكى، ھەر ئىككىيلەن ئائىلىسى بار ئادەملەر بولغاچقا، بۇ خىل ھېسسىياتتىن ۋە يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن يىراق يۈرمىسە بولمايتتى. لېكىن، غايىۋى پەيدا بولغان ئاجايىپ بىر تۇيغۇ بۇنىڭغا يول قويامدۇ ياكى يۈرەكنىڭ تەكتىدىن ئورۇن بېرەمدۇ؟ مەۋلان تېخى بۇنى بىلمەيتتى. ھەتتا، بۇ مەسىلە ئۇستىدە ئويلىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى. مەۋلان زۇبەيدەنىڭ يۈرىكىگە يوشۇرۇنغان چوغنى پۈۋلەش قارارىغا كەلگەندە، ئۇ قەلبىگە تاشلاپ كەتكەن چوغ پارچىسى بىر ئوتقا ئايلىنىدىغاندەك، ئۆزىنى پۈتۈنلەي لاۋا ئىچىدە كۆرىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتاتتى. مەۋلان بۇ ئوتنى ھەرقانچە يوشۇرغان بىلەن كۆزلىرى ئارقىلىق چاندۇرۇپلا قويماي، ئۆزىمۇ بارا-بارا زۇبەيدەگە يېقىنلاپ كېتىۋاتاتتى.
ئادەمدە ئەزەلدىن مۇكەممەللىك دېگەن نەرسە بولمىسا كېرەك. ناۋادا، ئادەم راستىنلا مۇكەممەل يارالغان بولسا، ئۇلار نىكاھلىق تۇرۇپ يەنە مۇھەببەت ئىزدەپ يۈرمىگەن بولاتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى شۇنداق قانائەتسىز، سۆيگۈگە باغرى قانمايدىغان، يېڭى-يېڭى مۇھەببەت ئىزدەش يولىدىن ئۆلگىچە يانمايدىغان يارىتىلغانلىقىغا ھېچكىمنىڭ قوناق بەرگىسى كەلمىسىمۇ، ئەمەلىيەت بۇنىڭ راستلىقىغا قىل سېغمايدىغان پاكىتلىرى بىلەن گۇۋاھ بولالايتتى. «نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» دېگەن مەنتىقە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر قامۇسى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئالداپ كېلەتتى. بۇ ئادەملەر قاچانمۇ بۇ خىل قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، «نىكاھ مۇھەببەتنىڭ مېۋىسى» دەيدىغان چاغلارمۇ كېلەرمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئاچارچىلىق، قەلبىدىكى ئېچىرقاش زادى قاچان ھەقىقىي تويۇنار؟ بۇ راستىنلا قاندىكى مەسىلە بولسا، ئادەم ئاتىدىن باشلانغان مۇھەببەت ھەقىقىي ۋە پاك بولغىنى نېمىگە ھېساب؟ ئۇلارنىڭ ئۆز قەۋمىگە قالدۇرغىنى ساداقەتنىڭ نۇرى پارلاپ تۇرغان سۆيگىمۇ ياكى تەندىكى ئاسىي ئېچىرقاشنى باسىدىغان، كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان ساختا سۆيگۈمۇ؟ ئاتا-بوۋېلاردىن قالغان كۆپ نىكاھلىق بولۇش، باشقىلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىش، روھىيىتىدىكى تويۇنماسلىقلار كىشىنى ھېچنېمىدىن يانمايدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، ساداقەتسىز قىلىپ قىلىپ قويغانمۇ قانداق؟ « قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار» دېگەندەك، ئەر-ئاياللىرىمىزنىڭ ھېسسىيات كەمتۈكلۈكى، روھى نامراتلىقى راستىنلا، ئۆلۈم بىلەن ئاياقلىشارمۇ؟
مەۋلان بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالاتتى. ئۇ بۇ ئويلىرىدىن يەنە نومۇسمۇ ھېس قىلاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭدىمۇ بۇ نۇقسانلار بار بولۇپلا قالماي، بەزىدە روشەن ئىپادىسىنى تېپىپ كېلىۋاتاتتى. شۇ ھەقىقىدە مەۋلاننىڭ ئۆزىمۇ ھېسسىيات ئاچارچىلىقىغا دۇچ كەلگەن، باغرى تويۇنمىغان يوچۇن مەخلۇقتەك باشقىلارنىڭ نىكاھىدىكى بىر ئايالنىڭ مۇھەببىتىكە، ئۇچۈنچى شەخس بولۇپ سۆيۈلۈشكە ئۆزىنى ئېتىۋاتاتتى. ئەقلى ھېسسىياتىنى كونتۇرۇل قىلماي، ھېسسىياتى ئەقلىگە ھۆكۈمران بولۇۋالغانىدى. مەۋلان ئۆزىدىكى بۇ ئۆزگۈرۇشلەردىن بىر ئاز ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ ۋەھىمە ئېچىدىن يۈرىكىنى نۇرلاندۇرىدىغان يورۇق نۇرنى كۆرگەندەك بولاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن، قەلبى، تۇيغۇلىرى، خىياللىرى بىر قاراڭغۇلۇق ئېچىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بۇ قاراڭغۇلۇقتا خۇددى دانكودەك يۈرىكىنى كۆتۇرۇپ ماڭالمىسىمۇ، روھىيىتىدىكى تويۇنماسلىققا بىر داۋا ئىزدەۋاتاتتى.
ئىشىك بوش چېكىلىۋاتاتتى. مەۋلاننىڭ يۈرىكى بىر خىل چۈشىنىكسىز تۇيغۇ ئەۋجىدە تېپىچەكلەشكە باشلىغانىدى. سىرىتتا ئىككى ئايالنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى ئاڭلانغاندىلا، ئۇ زۇبەيدەلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
- ياتاق نومۇرى توغرا بولغىيدى؟
بۇ زۇبەيدەنىڭ مەۋلان ئاڭلاشقا تەشنا بولغان، مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدىغان يېقىملىق ئاۋازى ئىدى. مەۋلان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى ئاز ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئېسىدە شۇنچىلىك ئوچۇق قالغىنىغا ھەيران بولغانىدى. بۇ بىر سۈزۇك ھەم يېقىشلىق ئاۋاز بولۇپلا قالماي، يۈرەككە لەرزان مۇزىكىدەك تېگىدىغان مۇڭ ئىدى.
- خاتا ئەمەستۇ، ھە! قەستەن ئاچمايۋاتامدۇ ياكى بىز بوش چېكىپ قويدۇقمۇ؟
توم ئاۋاز ماھىرە زۇبەيدەگە گۇمان بىلەن قاراپلا قالماي، تازا ئىشەنچىسى يوقتەك سۆزلەۋاتاتتى. ئارقىدىنلا ئو توم ئاۋازىغا ئوخشاش ئىشىكنى كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدى. مەۋلان ئۇلارنى بىردەم دەرگۇماندا قويغۇسى بولسىمۇ، زۇبەيدەنى تېزراق كۆرۇش ئىستىكى ئۇنىڭغا يول قويمىغان ھەم بۇ خاھىشىنى بەربات قىلغانىدى.
- ھە، مانا ھازىر!
ئىشىك تۈۋىدىلا كۆرۈشۈشكە تەشنا بولغان كۆزلەر ئۇچرىشىپ قالدى. مەۋلان بىردەم نېمە دېيىشىنى، قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي، خۇددى ھاڭۋاقتىدەك تۇرۇپ قالغانىدى. كۆزلەردىن كېلىۋاتقان تونۇش بىر نۇر يۈرىكىگە دەل تەگكەندەك، پۈتۈن ۋۇجۇدىدا بىر ئېللىق سېزىم پەيدا بولىۋاتاتتى. ماھىرە كۆزلەرنىڭ سۆزلەشكىنىنى بۇندىن بۇرۇن كۆرمىگەن بولسا كېرەك؟ شۇ چاغدا، بىر مەۋلانغا بىر زۇبەيدەگە قاراپ ھەيران بولغانىدى. ئۇلارنىڭ كۆزى ئارقىلىق نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي، مەقسەتلىك ۋە مەسخىرىلىك كۈلۈپ تۇراتتى.
- ئىشىكنى كەگەنلەپ تۇرىۋەرمەي، ئۆيگە باشلىمايلىمۇ؟
ماھىرە ئەتەي ئەسكەرتمىگەن بولسا مەۋلان ئۆزىنىڭ ئىشىكنى توسقىنىچە يەنە قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. زۇبەيدەمۇ كۆزلىرىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي، بىر خىل تەبەسسۇم ئىچىدە تۇرىۋەرگەن بولاتتى. ناۋادا، زۇبەيدە كۆزلىرىنى ئۇنىڭ كۆزۈمدىن ئېلىپ قاچقان بولسا ئىدى، ماھىرەنىڭ ئەسكەرتمە بېرىشىنىڭ ئورنى قالمىغان بولاتتى. مەۋلان ئارقىغا ئازراق چېكىنىپ، ئۇلارغا يول بەردى. ئۇلار مەۋلاننىڭ ياتىقىغا كىرىپلا، خۇددى ئالدىن دېيىشىۋالغاندەك تەڭلا چاقچاقنى ياغدۇرىۋەتكەنىدى.
- ئىشىكنى تەستە ئاچقىنىڭىزغا قاراپ، ياتاقتا تېخى بېرەر مۇھەببىتى بارمىكىن دەپتىمەن!
- بۇنداق ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ مۇھەببىتى كام بولامتى؟
- ئۇنداقتا، ئۇنى قەيەرگە يوشۇرۇپ قويغاندۇ؟
- قارا، ئىچىدە يەنە بىر ئۆي تۇرمامدۇ!
ئۇلار قەستەن مەۋلاننى جىلە قىلماقچى بولىۋاتاتتى. ماھىرە قىزىقچىلىق قىلىپ ئىچكەركى ئۆينى، ھەتتا تازىلىق ئۆيىنى قالدۇرماي بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، زۇبەيدەگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى. مەۋلان شۇندىلا ئۇلارنىڭ ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن بولغاچقا، ئارتۇقچە چۈشەنچە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئويلاپ يەتكەنىدى. زۇبەيدە قولىدىكى مېۋىلەرنى شېرە ئۇستىگە قويماستىن، تېخىچە ماھىرەگە قاراپ تۇراتتى. مەۋلان ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، قولىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئەمدى ئۆزىگە تەئەللۇق بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتى. ماھىرە يەنىلا ياتاقنىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىگە قاراش بىلەن ئاۋارە بولغاچقا بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسالدى بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايتتى.
- قولۇڭىزدىكى شېرە ئۇستىگە قويۇپ، بىردەم ئولتۇرسىڭىز بولامدۇ؟- دېدى مەۋلان ئاخېرى يۈرەكلىك بىلەن زۇبەيدەگە ئېغىز ئېچىپ. زۇبەيدە خۇددى ئۇنىڭ تەكلىپ قىلىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك، قولىدىكى نەرسىلەرنى شېرە ئۇستىگە قويغاچ سۆز باشلىدى.
- يېنىڭىزغا قۇرۇق قول كەلگىمىز كەلمىدى، شۇڭا ئازراق سوغۇق ئېچىملىك بىلەن مېۋە ئالغاچ كەلدۇق. زېرىككەن چاغلىرىڭىزدا ئېغىز تېگەرسىز!
- ئۇ ئۇچراشقانكى تونۇشلارغا «يۇقىرىدىن مېھمان كەلگەن، شۇلارغا مېۋە ئەكىرىپ بېرەتتۇق» دەپ يالغان سۆزلەپ ئاران دېگەندە كىردى.-دەپ سۆز قىستۇرۇپ ئۇلگۈردى ماھىرە دېرىزە تۇۋېدى تۇرۇپ.
- شۇنداق دېمىسەم، ئۇلار مېنى قانداق چۈشىنىپ قالىدۇ. بۇ دېگەن مېھمانساراي تۇرسا؟!
- مەن ھەمراھ بولۇۋاتسام، يەنە نېمە بولماقچى ئىدى؟
- مەن ساڭا ھەمراھ بولدۇممۇ ياكى سەن ماڭا ھەمراھ بولدىڭمۇ؟ سەن بىرگە بارايلى دېمىگەن بولساڭ، مەن كەلمىگەن بولاتتىم. بۇ يەرگە كىرگۇچە پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى، دېگىنە!
- ئەسلىدە بۇ ئاداش سىرىتقا چىققان بولسا، بىزمۇ بۇ يەرگە كەلمىگەن بولاتتۇق.
ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن مەۋلان ئوڭايسىزلىنىپ قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنى قەستەن بۇ ئەھۋالدا قويغۇسى يوقلىقىنى ھېس قىلالايدىغان بولغاچقا، ئۇلاردىن ئەپۇ سوراشنى توغرا تاپقانىدى.
- كەچۈرۈڭلار، كەچتە بىرىگە ۋەدە قىلىپ قويۇپتىكەنمەن. شۇڭا...
- مۇھەببىتىڭلاغا ۋەدە بەرگەنما؟
ماھىرەنىڭ ئېغىزىنى توسۇپ قالغىلى بولمايتتى. ئۇ ھە دېگەندە مۇھەببەتنىڭ گېپىنىلا قىلاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ نېمىشقا بۇ گەپنى توختىماي تەكرارلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بەلكىم، ئۇ مەۋلاننىڭ بۇ شەھەردە بىرەر ئايال بىلەن ئارىلىشىۋاتقان ياكى ئارىلاشمايۋاتقانلىقىنى بىلگىسى كېلىۋاتقان بولسا كېرەك. مەۋلان ئۇ ئويلىغاندەك ئەرلەردىن بولمىسىمۇ، ھەرگىز ئەخمەقلىق قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. قايسى بىر ئەر باشقا بىر ئايالغا ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئايال بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟ مەۋلان بۇ ئاددىي ساۋاتنى بىلمەيدىغانلادىن ئەمەس ئىدى. ماھىرە قارىغاندا بۇ خىلدىكى سوئاللارنى كۆپ تەكرارلاش ئارقىلىق، مەۋلاندىن ئېنىق بىر جاۋابقا ئېرىشكەندىن كېيىن، كۆڭلىگە پۈككەن باشقا مەقسەتلىرىگە ئۆتىدىغاندەك قىلاتتى.
- ياقەي، ئىدارىدىكى بۇرادەرلەرگە ۋەدە بەرگەنىدىم.
زۇبەيدە ماھىرە بىلەن مەۋلاننىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاش بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغاندەك ئۇنسىز ئولتۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا، مەۋلاننىڭ خىزمەت سومىسىدىن بىر ئۇچى كۆرىنىپ قالغان يېشىل شارپىغا تىكىلگەنىدى. ئۇ مەۋلاننىڭ ماھىرە بىلەن پاراڭلاشقىنى بىلەن ئوغۇرلۇقچە ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سەزمەيتتى. مەۋلان ئۇنىڭ دېققىتىنى بۇراش مەخسىتىدە، ئۇنىڭغا ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئاپېلىسىندىن بىر تالنى ئاقلاپ سۇنغاچ چاقچاق قىلدى.
- بەك خىيالچانلىق ئاياللارنىڭ پەزىلىتى ئەمەس. قېنى، ئاپېلىسىن يەڭە!
- خىيال قىلمىدىم، ئىككىڭلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
- كونىلاردا «بىر كۆرگەن تونۇش، ئىككى كۆرگەن تۇغقان دېگەن» گەپ بىر بار. بۇ بىزنىڭ ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈشىمىز بولغاندىن كېيىن، بىز تۇغقانمۇ بولۇپ قالغاندۇق؟
زۇبەيدە جاۋاب بېرىپ بولغۇچە ئىتتىك ئېغىز ماھىرە يەنە گەپ ئارىلىۋالغانىدى.
- ئۇچۇنچى قېتىم كۆرۈشكەندىچۇ؟
- ئەلۋەتتە، مۇھەببەت بولىدۇ-دە! ھا ھا ھا...
مەۋلان ئويلانمايلا ئېيتقان بۇ سۆزىدىن خىجىل بولۇپ ئەمەس، زۇبەيدەنىڭ چاقماق تېزلىكىدە ئۆزىگە تىكىلگەن كۆزلىرى ئارقىلىق «بۇ راستمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى. مەۋلان كۆڭلىدە بۇ سۆزىنىڭ رېئاللىق بولۇپ قىلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشنى توغرا كۆرمەيتتى. ئەمما، زۇبەيدەگە ئۇ ئاللىقاچان كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلمايتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ماھىرە چاقچاق ئورنىدا چۈشەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ قەلب ئىشىكىگە باسماداپ كېلىۋاتقان يوشۇرۇن بېسىم سەل يەڭگىللىگەندەك تۇيۇلىشقا باشلىدى. ئۇ بىردەم سۈكۈت ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسىۋالغاندىن كېيىن، ئوغۇرلۇقچە زۇبەيدەنى كۈزىتىشكە باشلىغانىدى. زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرىدە ئۇنىڭ بايامقى سۆزىگە قارىتا قىلچە ھەيرانلىق كۆرۈنمەيتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنچە تەبىئى ۋە خيالىي چاقناپ تۇراتتى.
- ئېسىم قۇرىسۇن، ئاداش!-دەپ سۆز باشلىدى ماھىرە مەۋلان بىلەن زۇبەيدەنىڭ قايسىغا گەپ قىلىۋاتقىنى بىلگىلى بولمىغىدەك كەيپىياتتا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە دەر-گۈمان سېلىپ.- بۇ دوستۇم بىر ھەۋەسكار، بەزىدە ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئىككىڭلار بىر ئورتاقلىققا ئىگە. مېنىڭ شۇ سىلەرنى ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالسىكەن دېگەنلا ئۈمىدىم بار. مېنى ئىككىڭلار «باشقا مەقسىتى بار» دەپ خاتا چۈشەنمەيدىغانسىلەر، يانا؟
ماھىرەنىڭ چېگىش سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بىر نەرسىنى قەستەن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇھىم نۇقتىدىن ئەگىپ ئۆتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. مەيلى ئۇ قانداق پىكىر بايان قىلسۇن، ئۇنىڭ ئويى پەقەت بىرلا بولۇپ، زۇبەيدە ئىككىمىزنىڭ قارىشىنى، ھېسسىياتىنى بىر يەرگە ئەكىلىش ئىدى. مەۋلان ھازىرقى ھېسسىياتىدا بۇنى رەت قىلالمىسىمۇ، ماھىرەنىڭ كۆزىچىلا قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. شۇڭا، ئۇ ماھىرەنىڭ بۇ تەكلىپىگە زۇبەيدەنىڭ ئىپادە بىلدۈرىشىنى شۇنداق خالايتتى. ئەمما، زۇبەيدەمۇ خۇددى مەۋلانغا ئوخشاش ئويدا بولىۋاتقاندەك، ماھىرەنىڭ تەكلىپىگە قارىتا ئۈن-تۈنسىز ئولتۇراتتى. ماھىرە بىردەم جىم تۇرۇپ قالسا ئېچى پۇشىدىغان ئاياللاردىن بولغاچقا، بۇ ئىككىيلەننىڭ سۈكۈت قىلىشىغا چىداپ بولالمىغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ يېنىغا كىلىپ، ئۇنى ئېغىز ئېچىشقا ئۇندىگەندەك ھە دېسە ئاستا بىقىنداشقا باشلىغانىدى.
- گەپنى مەن باشلاپ بەرگەندىن كېيىن، ئاخىرىنى ئۆزۈڭلار چۈشۈرەسىلە؟ مەن كەتسەم، ئاندىن مۇڭدىشامتىڭلا، يا؟!
زۇبەيدە ماھىرەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن سەل خىجىل بولۇپ قالغان ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ سۇس سېرىق ئۆڭىگە قىزىللىق يۈگۇرۇپ، يېڭى پىشىۋاتقان ئالمىدەك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. مەۋلاننىڭ ئاشۇ ئالمىنى پۇرىغۇسى، ئۇنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلغۇسى بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى زورىغا بېسىپ تۇراتتى. ناۋادا، بۇ يەردە ماھىرە بولمىغان بولسا ئىشلار باشقىچە بولغان، مەۋلان زۇبەيدەگە دوستلىشىش ئۈچۈن قول بەرگەن بولاتتى. ئۇلار ئىككىسى بىر بىرىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ماھىرەدىن ئېھتىيات قىلىۋاتاتتى ھەم خىجىل بولىۋاتاتتى. ماھىرە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەندەك، لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. زۇبەيدە ئۇنى «راستىنلا قايتىپ كەتمەكچى بولغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغان چېغى، ئۇنىڭغا ياندىشىپلا ئورنىدىن قوزغالغانىدى. ماھىرە زۇبەيدەنىڭ ئۆزىگە ئەگەشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ:
- مەن كەتمەيمەن، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي. مېھمان بار ئىدى، كۆرپە سالىدىغان ۋاقتى بولغان. ھى ھى ھى...
ماھىرەنىڭ چاقچىقى بىر ئاز ھەددېدىن ئاشقان بولسىمۇ، ھەر ئىككىيلەننى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋەتكەنىدى. ئۇ ئاشۇنداق گېپى ئوچۇق، ئېغىزىنىڭ تۇۋىقى يوق، تېجىمەل ئاياللارنىڭ تېپىك ۋەكىلى ئىدى. بۇ ئۇنىڭ خاراكتىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلىدىغان ئادەمگە غەلىتە تۇيۇلمايتتى. لېكىن، ئۇنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم بۇنداق تاقا-تۇققىنى ئاڭلىسا، ئۇنى چوقۇم «مېڭىسىنىڭ سۈيى بارمۇ نېمە؟» دەپ ئويلاپ قالاتتى.
- نېمە دېسەم بولا، بۇ دوستىڭىزنىڭ مۇشۇ ئېغىزى-زە! ئۇنىڭ بەزى چاقچاقلىرىدىن ئادەم نومۇس قىلىپ قالىدىكەن.
زۇبەيدە ئۈندىمىدى، ئۇ مەۋلاننىڭ زورىغا، ھېچ قىلىدىغانغا گەپ تاپالمىغاندەك بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى. مەۋلاننىڭ ئۇنىڭغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بولسىمۇ، نېمىشقىكىن ئېغىز ئاچالمايۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قاچاندىن باشلاپ كىرىشكىنىنى، تۇنجى ئۇچراشقان كۈنى شارپىسىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ شارپىنى يېنىدىن ئايرىماي ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقۇسى بار ئىدى. ئەپسۇس، تازىلىق ئۆيىدە يەنە بىر قۇلاق بولغاچقا ئېيتالماي ئېچى سىقىلىپ كېتىۋاتاتتى. زۇبەيدەمۇ خۇددى ئۇنىڭغا دەيدىغان سۆزلىرى باردەك ئېغىزىنى ئۈمەللەيتتى-يۇ، بوغۇزىغا كېلىپ قالغان سۆزلىرىنى يەنە ئېچىگە يۈتۈۋالاتتى. ئىككىيلەن بىر بىرىدىن سۆز كۈتۈپ، تۇيۇقسىز بىرىنىڭ جۈرئەتلىك بولۇپ ئېغىز ئېچىشىنى ئارزۇلاپ سۈكۈتتە ئولتۇراتتى. ماھىرە تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپلا:
- يەنىلا ئوخشاشمۇ نېمە؟ يالغۇز قالدۇرغىنىمنى مەزى بىلمىگىنىنى!-دېگىنىچە يەنە كوتۇلداشقا باشلىغانىدى.- كۆرۇشمىگەندە شېئىر يېزىپ سېغىنىپ ھالى قالمىغان، كۆرۈشكەندە ھالىنى ئات تارتالمىغان قانداق ئاداش سەن؟ باشقا گەپ تاپالمىساڭ، شېئىرىڭنى ئوقۇپ بەرسەڭمۇ بولاتتىغۇ؟!
- بۇ بولىدىغان تەكلىپ بولدى، قېنى، شېئىر ئاڭلايلى!-دېدى، مەۋلان ماھىرەنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەپ.
- نەدىكى بىر گەپلەرنى قىلمىغىنا، مۇنداقلا يېزىپ قويغان نەرسىلەرنى شېئىر دەپ ئوقۇغىلى بولاتتىمۇ؟
- بەزىدە مۇنداقلا يېزىپ قويغان يازمىلارمۇ يۈرەكنى تىترىتىدۇ.
زۇبەيدەگە مەۋلاننىڭ بۇ سۆزى ئېلھام ۋە جۈرئەت ئاتا قىلغانىدى. ئۇ مەۋلانغا لەپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، سومكىسىدىن بىر كېچىك خاتېرىنى ئالدى-دە، سۇزۇك ئاۋازىنى قويىۋېتىپ، شېئىر ئوقۇشقا باشلىدى.
ئازابلارغا قىلدى مۇپتىلا.
سېغىنىشنىڭ ئوتى يۈرەكتە،
مەن ئىسمىڭنى چاقىرسام جېنىم،
ئۈن بەرمىدىڭ، قويۇپ مىڭ دەردتە.
.........
كەل، ئەزىزەم! سۆيۈپ قوي مېنى،
سۆيۈشلەردىن ئالاي مېھرىڭنى.
زۇبەيدە ئاخىرقى مىسرالارنى ئوقۇۋاتقاندا، ئاۋازىنىڭ تىترەپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ ھېس قىلمىغان. ئۇنىڭ بۇ شېئىرى ئادەتتىكى بىر يازما بولماستىن، بىر ئاشىق يۈرەكنىڭ نىداسى، بىر سۆيگۈ كۈتكەن قەلبنىڭ ھەقىقى بايانى ئىدى. مەۋلانمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش يۈرىكىدىكى پىنھان سىرلىرىنى شېئىر بىلەن بايان قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىغا مۇشائىرە قىلىپ قويغانىدى.
كەل، ئەزىزەم! قولۇمنى چىڭ تۇت،
سۆيۈلۈشتە ئازابنى ئۇنۇت!
مەۋلاننىڭ بۇ مىسرالىرىغا يوشۇرۇنغان مەنانى ماھىرە ھېس قىلالمىغىنى بىلەن زۇبەيدە دەرھال چۈشەنگەنىدى. زۇبەيدە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئۇمۇت ۋە ئىشەنچ بىلەن كۈلۈپ قارىغاندا، مەۋلان مەنىلىك باش لىڭشىتىپ قويغانىدى. ماھىرەنىڭ يەنە كوتكوت ئېغىزى ئېچىلغان ، قەلبىگە پاتمايۋاتقان ھاياجان ئۇنى سۆزلەشكە ئۈندىگەنىدى.
- كۆزۈمگە ئىككىڭلار راستىنلا مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يېگىتكە ئوخشاش كۆرۈنۇپ كەتتىڭلار، بىرگە شېئىر ئوقۇساڭلار، بىرگە كۈلسەڭلار «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» قۇيغاندەك بولىدىكەن. ئەمدى مەن قايتاي، بالا ئېمىتىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قاپتۇ. سىلەر شېئىرىڭلارنى ئوقۇۋېرىڭلار!
- ئۇنداق ئىش يوق، خېنىم! بىرگە كەلگەن ئىكەنمىز، بىرگە قايتايلى.
- مەن بېرىپلا كېلىمەن، سىللە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرمامسىلەر!
- راست كېلەمسەن، ياكى؟
- راستلا كېلىمەن. كۆكسىم بەك چىڭقىلىپ كەتتى، مېنىڭ شېئىرىڭلارنى ئاڭلىغۇم يوقما، ھېلى؟ ئىشەنمىسەڭ قاراپ باقە، مانا!
ماھىرە قولى بىلەن ئوڭ تەرەپ كۆكسىنى پۇلاڭلىتىپ قويدى. مۇنداقلا قاراشتا ئۇ يېڭى تۇغۇتتىن قوپقاندەك قىلمايتتى. مەۋلان ئۇنىڭ تېخى ئېمىۋاتقان بالىسىنىڭ بارلىقىنى ھازىر ئاڭلىغان بولغاچقا، زۇبەيدە ئۇنىڭ ھەيران بولۇۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدى بولغاي، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ:
- تۇنجى بالىسى ئەمدى تېخى تۆت ئايلىق بولغان. –دېدى.
مەۋلان ماھىرەگە قايتىدىن نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرىدە تۇغۇتتىن قالغان داغلار «مانا، مەن» دەپ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئەسلىدىمۇ يوغان يارىتىلغان كۆكسى ئانا سۇتى بىلەن تولغان بولغاچقا، مەيدە تەرىپىگە پاتماي قالغانىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك، ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ ئۇدۇلى ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ مەۋلاننىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى «ماڭا ئىشەنمەيۋاتىدىغۇ» دەپ ئويلاپ قالغان چېغى، بايامقى ھەركىتىنى قايتا تەكرارلاپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى بىلەن ھۆل بولغان ئورۇننىڭ دائېرىسى تېخىمۇ كەڭرىشكە باشلىغانىدى.
ماھىرە ئۇلاغا كېلىدىغانلىقى توغرىسا ۋەدە بېرىپ كەتتى، ياتاقتا مەۋلان بىلەن زۇبەيدە يالغۇز قالغانىدى. مەۋلان زۇبەيدەنىڭ قولىدىكى خاتىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقماقچى بولدى. ئۇ قولىنى خاتىرىگە ئۇزىتىشى بىلەن زۇبەيدە خاتىرىنى باشقا تەرەپكە ئېلىپ قاچتى ۋە ئاستا شىۋىرلىدى.
- قالغان شېئىرلانىڭ ئوقۇغۇچىلىكى يوق.
- مەن ئاۋۋال ئوقۇپ باقاي، سىز ئوقۇغۇچىلىكى يوق دېگەن شېئىرلار بەلكىم مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېسىل لېرىكا بولىشى مۇمكىن.
- مەن سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپلا قالماي، ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈپ ئوقۇيمەن. مېنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلاسىزمۇ؟
- شېئىر يىزىش باشقا ھۈنەرگە ئوخشىمايدۇ، شېئىر دېگەن يۈرەكتىن چىقىدىغان ھەقىقىي ھېسسىيات. مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بىر ھەۋەسكار، تەكلىپ-پىكىر بەرسەم بولىدۇ. ئەمما ئۇستاز بولالمايمەن.
زۇبەيدە مەۋلاننىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۈمۈدسىزلەنگەندەك كۆزىنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قاچۇرۇپ يەرگە قارىۋالدى ۋە خاتىرىسىنى سومكىسىنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىگە يوشۇردى. مەۋلان ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتە قانچىلىك تالانتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بېلەتتى، ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ھەۋەس كوچىسىدا تەمتىرەپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بېرى ئىدى. زۇبەيدە بۇلارنى بىلمەيتتى، ئۇنى خېلى پىشقان شائىر دەپ چوڭ كۆرەتتى. راستىنى ئېيتقاندا، مەۋلاننىڭ ئۇنىڭغا ئۇستاز بولۇشقا سالاھىيىتى توشۇمايتتى. ئەمما، مەۋلان ئۇنىڭغا بۇلارنى قانداق چۈشەدۈرۈشنى، ئۇنىڭ يېرىم بولىۋاتقان دىلىغا قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمەيتتى.
- بۇنداق دېسەم، «مېنى رەت قىلدى» دەپ ئويلاپ قالماڭ! مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بۇ كوچىدا مېڭىشنى ئويلايدىغان، ئەمما ئۇنۇملۇك بىر يول تاپالمايۋاتقانلارنىڭ بىرسى. بىز ئورتاق قىزىقىش ۋە ھەۋەسكە ئىگە بولغاندىكىن، كۆپرەك پىكىرلەشسەك ۋە يازمىلىرىمىزغا باھا بېرىشسەك بولىدۇ.
- مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن، لېكىن يازغانلىرىمنى سىزگە كۆرسىتىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن.
- خىجىل بولغىدەك، ماڭا ئاتاپ يېزىلغانمىدى؟
- ئۇنداققۇ ئەمەس، ھەممىسى مەشىق ئەسەرلەر شۇ!
زۇبەيدەنىڭ بارغانسېرى سۆھبەتكە كىرىشىۋاتقىنى مەۋلاننى خۇشال قىلغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭغا كۆڭۈلدىكى گەپلەرنى قىلىدىغان پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ روھىيىتىگە سىڭىپ كېرىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتى.
- سىزگە بىر نەرسە بەرگۈم بار ئىدى.
- نېمە، ئۇ؟
مەۋلان خىزمەت سومكىسىدىن يېشىل شارپىنى ئالدى. زۇبەيدە بىر شارپىغا، بىر مەۋلانغا قاراپ كۈلۈمسېرىدى. شارپىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قوللىرىنى ئۇزاتقان ئىدى، مەۋلان بەرگىلى ئۇنىمىدى.
- بۇ شارپا ئەسلىدە سىزدە ئىكەن-دە؟ مەن تېخى «يوقىتىپ قويدۇممىكىن» دەپ ئويلىۋىدىم. ماڭا ئۆزىمنىڭ شارپىسىنى بەرمەكچىمۇسىز؟
- شۇنداق، بۇ شارپىنىڭ ئىككىمىزنى باغلاپ قويغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
- ئىشەنمەيمەن، بۇ شارپا ئىككىمىزنى قانداقلارچە باغلاپ قويغىدەك؟
- مەن بۇ شارپىنى ھەر كۈنى پۇراپ تۇردۇم، بۇ ئارقىلىق سىزنى ئەسلەشنى ئۇنتۇمىدىم.
- مەن ئۇنتالمىغۇدەك، ئۇنچە چىرايلىق ئاياللاردىن ئەمەسقۇ؟
- مېنىڭ كۆزۈمدە قارىغان بولسىڭىز، بۇنداق ئويلىمايتتىڭىز.
- شۇنداقمۇ؟
- قېنى، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. بۇ شارپا ئەمدى ئىگىسىنى تاپسۇن!
زۇبەيدە مەۋلاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، سافا ئالدىغا قويۇلغان شىرەدىن ئەگىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا روبىرۇ يۈزلەنگەنىدى. مەۋلان ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر رەت نەزەر تاشلىغاندا، ئۇنىڭ ئوتتۇرا بوي، نورمال بەدەن كەلگەن ئاددىي بىر ئايال بولۇپلا قالماي، مېھرىنىڭ ئىسسىقلىقى بىلەن ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتى.
- ئۆز قولۇم بىلەن بوينىڭىزغا سېلىپ قويسام بولامدۇ؟
زۇبەيدە جاۋاب ئورنىدا بېشىنى ئاستا تۆۋەنگە ئەگدى. مەۋلان ئىككى قوللاپ شارپىنى ئۇنىڭ بوينىغا سىلىپ، ئىككى ئۇچىنى چېگىپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇنى سەل ئالدىغا تارتتى. ئۇ مەۋلاننىڭ بۇ ھەركىتىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلدىمۇ ياكى بۇ ھەرىكەتنى ئۆزىگە قىلىنغان قوپاللىق دەپ قارىدىمۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ قويدى. كۆزلەر ئۇچراشتى. مەۋلان كۆزلەرنىڭ بىر بىرىگە سۆزلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى، ئەمما شۇ دەقىقىدە كۆزلەرنىڭ سۆزلىشەلەيدىغانلىقىغا قول قويغانىدى. ئۇ شارپىنى ئىككى ئۇچى تەرىپىدىن ئاستا تارتتى، زۇبەيدە ئارتۇقچە قارىشىلىق بىلدۈرمەيلا، مەۋلاننىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى بەرگەنىدى. مەۋلاننىڭ باغرى ئۇنى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندا، زۇبەيدەنىڭ راستىنلا بىر ئوت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنىدى. ئۇنىڭ تېنىدىن تارىغان ئىسسىقلىق پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىغاندا، ئۇ زۇبەيدەنى بارغانسېرى چىڭ قۇچاقلاشقا، چاچلىرىنى تويماي پۇراشقا باشلىدى. قەلبىدە بۇ كېچىك ياتاق، زۇبەيدە ئىككىسىنىڭ پىنھان دۇنياسىغا ئايلانماقتا ئىدى.

                          *                              *                             *                                 *

مەۋلاننىڭ زۇبەيدەگە تېلېفون ئۇرغۇسى، قىسقا ئۇچۇر يوللىغۇسى كېلەتتى. يەنە نېمىشقىكىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئويلايتتى. ئاشۇ قېتىملىق شېرىن دەقىقىلەردىن كېيىن، زۇبەيدە مەۋلاننىڭ خىيال دۇنياسىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالغان، چۈشلىرىدە ئۇنى ئۆزىگە مەھكەم باغلىۋالغانىدى. مەۋلان ئۆزىنى زۇبەيدەسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغاندەك ئويلاپ كېتەتتى. بەلكىم زۇبەيدەمۇ مەۋلاندەك خىيال قىلىدىغان، ھەر دەقىقىدە مەۋلاننى ئويلايدىغان بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. يېقىندىن بۇيان، مەۋلاننىڭ تېلېفونىنىڭ قىسقا ئۇچۇر ئامبىرى سېغىنىشقا تولغان مۇھەببەت بېيىتلىرى بىلەن توشۇپ كېتىۋاتاتتى.
كۆزلىرىڭدە بولۇپ مەن بېلىق،
ئۇزۇپ يۈرسەم دېمە بەتقىلىق.

چۈشلىرىمدە ئاق ئات مىنگەن شاھزادەم،
قاچان يوقلاپ كېلەر ماڭا بېرىپ دەم.
مەۋلان بەزىدە زۇبەيدەنىڭ بۇ بېيىتلىرىگە جاۋاب يېزىپ قوياتتى. زۇبەيدەنىڭ بېيىتلىرى مەۋلاننىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىنى، مۇھەببىتىنى بارا-بارا كۈچەيتىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنى بىر ئاددىي ئايال ئورنىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقماقچى بولاتتى. ئەمما، ئۇنىڭغا بولغان ھېسىياتى ھامان تەسەۋۋۇرىدىن ئۇستۇن تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇنداق ئويلىيالمايتتى. ئۇ مەۋلاننىڭ نەزىرىدە پەقەت بىر ئاددىي ئايالغا، خىزمەت بىلەن ئۆينىڭ ئالدىراشلىقىدا يۈرىدىغان ئائىلە ئايالىغا ئوخشىمايتتى. بەلكى ئۇ مۇكەممەل ۋە سېھرى كۈچكە ئىگە بىر نازىنىن ئىدى. مەۋلان ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بىلىپ-بىلمەي باغلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل تۇيغۇنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، يەنە ئۇنى زۇبەيدە ئاتا قىلغان بىر غايىۋى كۈچ بۇ كوچىغا باشلاپ كېتىۋاتاتتى. مەۋلان ئۆزى كېتىۋاتقان بۇ كوچىنىڭ ئاخىرى يوقلىقىنى، ھەر بىر دوقمۇشىدا ئازاب ۋە نومۇسنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى بېلەتتى. لېكىن، ئارقىغا يېنىشنى ياكى يېرىم يولدا توختاپ قىلىشنى خىيال قىلمايتتى. قەلبىدە زۇبەيدەگە بولغان ھېسسىيات بىلەن ئاسىيلىق توختىماي ئېلىشاتتى، ئۇنى قايتا تاللاشقا يول قويمايتتى.
مەۋلاننىڭ قولىدىن تېلېفون چۈشمەيدىغان، ئۆزىمۇ تېلېفون كۇنۇپكىلىرىنى ئوينايدىغان بولۇپ قىلىۋاتاتتى. زېھنىنى بىر يەرگە يىغالمايدىغان، ئۇنى خىيال قىلماي يول يۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغىنىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرۇشنى خالىمايتتىم-يۇ، يەنە كۆزلىرى ۋە بىر ئىشقا كۆڭۈل بەرمەسلىكى سەۋەپلىك چاندۇرۇپ تۇراتتى. زۇبەيدەنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىشىنى، تاتلىق شىۋىرلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ سېغىنغانلىقىنى ئېيتىشىنى، ئۇنىڭ  باغرىغا بېشىنى قويۇپ ئۆز كەچۈرمىشىنى بايان قىلىشلىرىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. مەۋلان زۇبەيدە بىلەن بىر شەھەردە بولۇپ قالمىغىنىغا ئەپسۇسلىناتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئەرلەرگە خاس بولمىغان بوشاڭلىقىدىن ئۆكۈنەتتى. روھى دۇنياسىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ زۇبەيدەنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىگە قايىل بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشنى، بار گۇناھنى ئۇنىڭغىلا ئارتىپ قويۇشنى ئەسلا ئويلىمىغانىدى. چۈنكى، مۇھەببەت ئەزەلدىن بىر ئادەمگە مەنسۇپ شەخسىي مۈلۈك ئەمەس، بەلكى ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ھېسسىياتنىڭ روھتا ئىپادىلىنىشى ئىدى.
زۇبەيدە مەۋلانغا تېلېفون قىلغان ئاشۇ كۈنى مەۋلان ئۆزىدىن نەپرەتلەنگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا تەشنا بولغان تۇرۇپ، ئۇنىڭ تېلېفونىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلالمىغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ بۇ ئەدەپسىزلىكى ئۈچۈن قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى ھېس قىلالايتى. زۇبەيدە مەۋلاننىڭ ئۆزى بىلەن سىردىشىشىنى، ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى خىياللىرىنى، قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى ئاڭلىشىنى خالايتتى. ئۇ مەۋلاندىن تەسەللىگە ۋە خۇشاللىققا ئېرىشەتتى ۋە بۇ تۇيغۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى سوۋغىسى دەپ بېلەتتى. مەۋلان ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغاندا، ئۇ مەۋلاندىن رەنجىمەيتتى، ئەكسىچە تىترەك ئاۋازدا ئۇنىڭغا :
- ھېچقىسى يوق، مەن سىزدىن رەنجىمەيدىغان بولۇپ قالدىم. سىز ئاشۇنداق ئالدىراش ئادەم.-دەيتتى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن رازى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى مۇھەببەتنى، بەزى يېتىشسىزلىكىنى توغرا چۈشەنگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى.
مەۋلان كاماندىروپكىدىن قايتىپ كېلىپلا، زۇبەيدەگە تېلېفون قىلغانىدى. زۇبەيدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سېغىنغانلىقىنى تەكرار قەيت قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ تېزراق كېلىپ ئۆزىنى باغرىغا بېسىشىغا تەشنا بولغانلىقىنى يوشۇرۇن ھېس قىلدۇرغانىدى. مەۋلان بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پات ئارىدا يوقلاپ بارىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ شۇ قەدەر سېغىنغانلىقىنى ئېيتاتتى ھەم ۋەدە بېرەتتى. مەۋلانىڭ بۇ ۋەدىسى زۇبەيدەنى خۇشال قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بىر مەزگىل خۇش كەيپىيات ئاتا قىلاتتى. ئەمما، مەۋلان ئۇنىڭغا دېگەنلىرىنى، قىلغان ۋەدىلىرىنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدىغانلاردىن بولغاچقا، ھامان ئۇنى جىلە قىلىشتىن، كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنالمايتتى. مەۋلان ھەر قېتىم خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئۆزىنى ئاقلاش ۋە ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراشنىڭ بىردىن بىر باھانىسى قىلىۋالاتتى. بىچارە ئايالمۇ ئۇنىڭ سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن ئېيتىلىۋاتقان يالغان سۆزلىرىگە ئالدىنىپ، ئۇنى شەرتسىز كەچۈرەتتى. ئۇ ئەپۇچان بولمىسا ئۆزىنىڭ ئازابلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپلىك مەۋلاندىن ئايرىلىپ قالغۇدەك بولسا، بۇ ھاياتنىڭ ھېچ مەناسى قالمايدىغانلىقىنى بېلەتتى.
- سىزنى راستىنلا سېغىندىم، قاچان بۇ ياقلارغا ئۆتەلەيسىز؟
- ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، ئەمما چوقۇم تېزراق بېرىشقا تىرىشىمەن.
- سىزنى كۈتۈپ چارچىدىم، ئەمما يەنە ئۇمۇت بىلەن كۈتىمەن.
- يېقىندىن بەك ئالدىراش، كېيىن چوقۇم ئورنىنى تولۇقلاپ بېرىمەن.
- ماڭا يەنە قەرز بولىدىغان بولدىڭىز.
- ئۇنى بېلىمەن، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.
- كېلەر قېتىم مېنى بەك ئۇمۇتلەندۇرىۋەتمەڭ، بولمىسا مەن بەك ئازابلىنىپ كېتىدىكەنمەن.
- چۈشەندىم.
زۇبەيدە توغرا ئېيتقانىدى. مەۋلان ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇنى يوقلاپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى چەكسىز بىر بەختنىڭ قۇچىقىغا تاشلايتتى. ئەمەلىيەتتە ئانچىكى ئىشلار تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشۇش پۇرسىتى بولماي، ئۇنى ئۈمۈدسىز ئازابتا قوياتتى. بۇ چاغدا ئازابلىنىدىغىنى يالغۇز زۇبەيدەلا ئەمەس، بەلكى مەۋلاننىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق ئازابلىناتتى. ئۇلارنىڭ سېغىنىش ئوتىدا كۆيىۋاتقان يۈرەكلىرى پۇچىلىناتتى، قەلبى بىدارلىقتا قاراڭغۇلۇقتا قىلىۋاتقاندەك، يورۇقلۇق ئۇلاردىن ئۆزىنى يىراق ئېلىپ قېچىۋاتقاندەك تۇيغۇغا چۆمەتتى. ھاياتلىق ئۆز مەنىسىنى يوقىتىپ، ئازاب دۇنياسىغا غەرق بولغاندەك ئۆرتىنەتتى. ئۇلارنى بىر بىرىگە تەشنا قىلىپ قويىۋاتقان تور ئەدەبىياتى ئۇلارنىڭ تەشنالىقىنى باسالمايۋاتاتتى. ئۇلار بىر بىرىگە بولغان سېغىنىشىنى، زارلىقىنى ئاشۇ يەردە مەقسەتلىك بايان قىلىشىپ تۇراتتى. مەۋلان ئۇنىڭغا ئۇستاز بولۇشنى رەت قىلغان بىلەن، ئۇنىڭ يەنە بىر ئۆزىنى تاۋلايدىغان ۋە نامايەن قىلىدىغان تور ئەدىبىياتى دۇنياسىنى تونۇشتۇرغانىدى. زۇبەيدە بۇ يەردە ئۆزىنىڭ بارلىق ئىچكى ھېسسىياتىنى، يۈرەك سىرلىرىنى تۆكۈۋاتاتتى ۋە مەۋلاندىن تەسەللىگە ئېرىشىۋاتاتتى.
تور ئەدەبىياتىدا چەكلىمە قويۇلمايدىغان بولغاچقا، زۇبەيدە ئۆزىنى بۇ يەرگە قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلاتتى. باشقىلارنىڭ مۇھەببەت لېرىكىلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆز قەلبىگە ئارام ئىزدەيتتى. مەۋلانغا بولغان سۆيگۈسىنى ئەدەبىيات شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن تور دۇنياسىغا ئېلان قىلاتتى ۋە مەۋلانغا ئۆز مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدۇراتتى. ئۇلارنىڭ بارلىق ھېس-تۇيغۇلىرى مىسرالار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، باشقىلار ئۇلارنىڭ قەلبىنى پەقەت بىر شېئىرىي تۇيغۇ شەكلىدە چۈشىنەتتى. ئەمەلىيەتتە، شۇ قۇرلار ئىككى يۈرەكنىڭ ھەقىقىي سۆيگۈسىدىن پۈتۈلگەن بىر يۈرۈش ئاشىقنامە ئىدى. زۇبەيدە ئۆزىنى شېئىر يېزىش ئارقىلىق بەزلەيتتى ۋە سېغىنىشىنى مىسرالار ئارىسىغا يوشۇراتتى. مەۋلان ھەر بىر مىسرادىن دەردمەن كۆڭلىگە خۇشاللىق، ھىجران تۈنلىرىگە ۋىسال تېڭى ئىزدەپ تاپالايتتى.
مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئۆزىنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى، دىدارلىشىش پۇرسىتىنىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىگە تاقىتى-تاق بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ئالدىرىغىنى بىلەن پۇرسەت پىشىپ يېتىلمىسە بىكار ئىدى. ئۇلار تېلېفون ۋە شېئىرىي قۇرلاردا ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولغىنى بىلەن، تېخى بىرەر پىنھان جايدا مۇڭداشقۇدەك بولمىغانىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە بىر قانچە قېتىم پىكىرلىشىپ باققان بولسىمۇ، «سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق»دېگەندەك ئىش بولۇۋاتاتتى. زۇبەيدەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى مەۋلاننىڭ پۇرسەت بەرمەسلىكى سەۋەپلىك بەربات بولسا، مەۋلاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى زۇبەيدەنىڭ ئاياللىق قىلىپ قالغىنى بىلەن يوققا چىقاتتى. ئۇلار ئاشۇنداق بىر بىرىنى سېغىنىپ، زارىققان ھېسلىرىنى مىسرالارغا سېڭدۇرۇپ ئۆتۈۋاتاتتى.
مەۋلان ئۆزىنىڭ كېچىلەپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، زۇبەيدە خۇشاللىقتىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانچە قېتىم سائەتكە قارىغىنىنى بىلمەيتتى، ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. مەۋلاننىڭ ئايرىپورتتىن ئۇدۇل ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا، يۈرىكى ئادەتتىن تاشقىرى تېز سوقۇپ كېتەتتى. ئۇ شۇ دەقىقىدە ھەم خۇشاللىناتتى ھەم ئەنسىرەيتتى. ئۇنىڭ خۇشاللىقى مەۋلان ئۇنى بار مۇھەببىتى بىلەن باغرىغا باساتتى، ئەنسىرەيدىغىنى بۇ تۇنجى قېتىملىقى بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئەركىن بولالماسلىقى ۋە مەۋلاننىڭ كۆڭلىنى ئالالماسلىقىدا ئىدى. زۇبەيدە بۇ يېشىغا كەلگۈچە بۇنداق قاراملىق قىلىپ باقمىغان، ئادەتتە ئۇ ئۆيىدىن كامدىن كام تالاغا چىقىدىغان ئايال ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىم قەيەردىندۇر كەلگەن بىر غايىۋى كۈچنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ يات شەھەردە مەۋلاننى كۈتۈۋاتاتتى.
زۇبەيدە بىر قانچە مېھمانسارايغا بارغان بولسىمۇ، ياتاق ئاچقۇزۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ ئۆزىگە ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغانغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، مېھمانساراي ئالدىغا كېلىپلا پۇتىدا جان قالمىغاندەك تۇرۇپ قالاتتى. مېھمانسارايغا كىرىپ-چىقىۋاتقانغا قاراپ، ئۆزىنى ئۇلارغا ئوخشاش مېھمان دەپ ئويلاشقا تېرىشاتتى. ئەمما، پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىشىكتىن كىرەلمەيتتى. ئۇ بۇ شەھەردىكى نامى بار بىرقانچە مېھمانساراي ئالدېدىن قۇرۇق قايتىشقا رازى بولغان ئىدىكى، دادىللىق بىلەن رېئاللىققا يۈزلىنەلمىگەنىدى. ئۇ بىر قانچە كوچىنى ئايلىنىپ، ئاخىرى بىر چەتكە جايلاشقان بىر كېچىك مېھمانسارايدىن ئايرىم كىشىلىك ياتاق تىزىملاتقانىدى. ئۇ بۇ يەردە ئۆزىدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان، ئۆزى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بىر قاراملىقنى نامايەن قىلغانىدى. ناۋادا، ئۇ بۇ قاراملىقتىن ۋاز كېچىدىغان بولسا، ئۇنىڭ يۈرىكى يەنە ھىجران ئازابىدا ئۆرتىنەتتى. ئۇنىڭ مەۋلان بىلەن بىرگە ۋىسال شەربىتى ئېچىشكە تەشنا قەلبى ئازاب ئىچىدە تولغىناتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۈچۈن بۇنداق پۇرسەت بەك كام ئۇچرايتتى، ھەتتا كېيىن تىلەپمۇ تاپالمايتتى.
زۇبەيدە ۋۇجۇدىدىكى تىترەشنى ئامال بار پەس كويغا چۈشۈرۈشنى، مەۋلاننى خۇشال كەيپىياتتا كۈلۈپ تۇرۇپ كۈتىۈۋېلىشنى ئويلايتتى. بىراق، مەۋلاننىڭ كېلىشى يېقىنلاشقانسېرى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا جىددىيلىشىشكە، ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىغانىدى. ئۇ ياتاق ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىگە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ مەۋلاننىڭ قارىسىنى كۆرۇش بىلەن ھۇشىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلاتتى-يۇ، يەنە ئىشىكنىڭ چېكىلىشىنى كۈتەتتى. قەلبىدىكى گىرەلەشمە زىددىيەت ئۇنى قىيناپ ھېچ ئارام بەرمەيۋاتقان پۇرسەتتە، ئىشىك ئالدىن دېيىشىۋالغان بەلگە بويىنچە ئاۋاز چىقارغانىدى. زۇبەيدە ئۆزىنى زورىغا بىسىۋېلىپ، ئىشىكنى ئاستا ئاچتى. مەۋلان شۇ چاغدا ئۇنى يۆلىۋېلىشكە ئاران ئۇلگۈرگەنىدى.
زۇبەيدە مەۋلاننىڭ قۇچىقىدا ئىسىگە كەلگەندە، مەۋلاننىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل ئەنسىزلىك ماراپ تۇراتتى. مەۋلان زۇبەيدەنىڭ زادى نېمە بولغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالمىغان بولغاچقا، راستىنلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالغانىدى. زۇبەيدە يېنىڭ تىترەۋاتقان تېنىنى ئاستا رۇسلاپ، مەۋلانغا يۈزلەنگەندىن كېيىن خۇددى كېچىك بالىلاردەك:
- تىنچ-ئامان كەلدىڭىزمۇ؟ سىزنى خۇشال قىلىمەن دەپ، پاراكەندە قىلىپ قويغىنىمدىن خىجىلمەن.-دېدى.
مەۋلان ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەيتتى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ شۇ مىنۇتتىكى روھى كەيپىياتىنى چۈشىنەتتى. بىر ئايال ئۈچۈن بۇنداق غەيرەتكە كېلىشنىڭ ئۆزىلا، ئاجايىپ بىر قۇدرەت ۋە توسقىلى بولمايدىغان كۈچ دېيىشكە بولاتتى. شۇڭا، ئۇ زۇبەيدەنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ:
- چۈشىنىمەن، سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس.- دېگەن سۆزنىلا ئېيتالىغان ئىدى.
مەۋلاننىڭ كۆيۈنىشى ۋە مۇھەببەتلىك باغرىنىڭ پەپىلىشى بىلەن زۇبەيدە بىر دەمدىلا ئېسىگە كېلىپلا قالماي، ئۆزىنى بۇرۇنقىدەك ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشقا باشلىغان ۋە چاغ كەيپىياتىنى تېپىۋالغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ لەۋلىرىگە لىۋىنى ياققاندا، زۇبەيدە يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانىدى. ئەمما، بۇ قېتىمقى ئۆزىنى يوقىتىش ھەرگىزمۇ ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ ئالدىنقى قېتىم قورقۇش ۋە جىددىيلىكتە ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان بولسا، بۇ قېتىم سۆيگۈنىڭ شېرىن شەربىتىدە مەست بولغانىدى. مەۋلان ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئەرنىڭ باغرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغانىدى. ئۇزۇندىن-ئۇزۇن داۋاملاشقان سۆيۈشۈش شۇنچىلىك شېرىن ھەم ئۇنتۇلغۇسىز بولغانىدى. مەۋلاننىڭ قوللىرى ئۇنىڭ يالىڭاچ تەنلىرى سىلاپ، ئاستا مەيدە تەرەپكە يۆتكەلگەندە، ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويغان ۋە ئۆزىنى مەۋلاننىڭ ئىختىيارلىقىغا تاپشۇرغانىدى. مەۋلان ھەر بىر قېتىم تېنىنى كۆتۇرۇپ قويغاندا، ئەبجەق كارىۋات يېقىمسىز غىچىرلايتتى. لېكىن، بۇ ئاۋاز بۇ ئىككى يۈرەكنىڭ شېرىن تۇيغۇلىرىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلىقى پەقەت بىر بىرىنىڭ ئېغىز تېنىقى ۋە ئاستا شىۋىرلاشلىرىدا ئىدى.
ۋىسالنىڭ شېرىن دەملىرى ئاخىرلىشىپ، مەۋلاننىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ ياتقان زۇبەيدە خۇددى ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك، ئۇزۇپ-ئۇزۇپ شىۋىرلايتتى.
- ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى بىر ئاياللىقىمنى بۈگۈن ھېس قىلدىم. ماڭا بۇنداق تۇيغۇ ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
مەۋلان ئۈندىمىدى، ئۇ زۇبەيدەگە يەنە نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟ زۇبەيدەنىڭ تېنىدىن كىلىۋاتقان ئوت ئۇنى ئاللىقاچان كۆيدۇرۇپ، نورمال تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ۋاقتىنچە يوقىتىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى بىر خىل شېرىن ھېسسىيات ئەۋجىدە ئاستا تەۋرىنىۋاتاتتى، زۇبەيدە بەرگەن شېرىن جىنسىي تۇرمۇش ئۇنى راستىنلا بىر بەختنىڭ قوينىغا تاشلىغان ۋە ئۇ يەردە بۇ بەختتىن بىر شاھ تەختى ھەدىيە قىلغانىدى. مەۋلان كۆزلىرىنى يۇمۇپ، زۇبەيدەنىڭ تىنىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەندەك تېخىچە شاھ تەختىدە ھۇزۇر سۈرۈۋاتاتتى.

                    *                              *                             *                                 *

مەۋلان بارا-بارا زۇبەيدەدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان بولۇپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ خىيال دۇنياسىدا ھامان زۇبەيدەگە ئورۇن ئېلىپ قوياتتى، ئۇنى ئۆزى بىلەن بىرگە ھېس قىلاتتى. زۇبەيدەنىڭ تور ئەدەبىياتىدىكى يازمىللىرىغا توختىماي پىكىر يازاتتى ۋە ئۇ يازمىلارنى يادقا ئېلىۋېلىشقا تېرىشاتتى. چۈنكى، بۇ يازمىلار ئۇنىڭغا زۇبەيدەدىن خەۋەر بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ سېغىنىشىنى بايان قىلالايتتى. ئۇ بەزىدە ئۆزىگە ۋە زۇبەيدەگە يات شەھەرنى، ئۇ يەردىكى ئىسمىلا مېھمانساراي بولۇپ قالغان ياتاقنى، زۇبەيدەنىڭ يۇمشاق، ئەتىر پۇرىقى كىلىپ تۇرىدىغان تېنىنى سېغىنىپ قالاتتى. ئۇ يەردە مەۋلاننىڭ ئەڭ شېرىن ھېسلىرى، زۇبەيدەنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن تونۇشى قالغانىدى.
مەۋلان ئۆزىنى بەخت ئىچىدە ھېس قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، زۇبەيدەنىڭ تور ئەدەبىياتىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە شېئىرى ئۇنى گاڭگىرتىپ قويۇپلا قالماي، بىر مەھەل قاتتىق ئازابلىغان ئىدى. ئۇ بۇ شېئىرغا يوشۇرۇنغان مەنالارنى ھەر قانچە چۈشىنىشكە تېرىشقان بولسىمۇ، زۇبەيدەنىڭ خىيالىنى ھېس قىلالمايۋاتاتتى. يۈرىكى ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بىر ئازابلىق تۇيغۇنى سەزگەندەك، تۇرۇپلا ئېغىپ كېتەتتى.
ئەقىدەمنى قىلغىنىڭدا خار،
دوزاخ ئوتى كۆردى يۈرەكلەر.
بۇلبۇل ئويلاپ سۆيگىنى بىلەن،
كېپىنەككە زار ئەمەس گۈللەر.

بىر ماڭىلا تەئەللۇق ۋىسال،
يەنە كېمنى قىلغان ئىختىيار.
ساداقەتسىز مۇھەببەت ئۈچۈن،
ئاھ، يۈرىكىم بولما بىقارار.
.................
خەيرلىشەي، ياش تۆكمە كۆزۈم،
شېئىر بولسۇن قەسىمىم، سۆزۈم!
زۇبەيدە بۇ شېئىردىن كېيىن مەۋلانغا پەقەت ئۇچۇر يوللىمايدىغان، سېغىنىشىنى تۆكۈپ تېلېفون ئۇرمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. مەۋلان تالاي رەت ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھېسسىياتىنى بېيىت قىلىپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ مەۋلانغا ئۈنسىز جاۋاب قايتۇراتتى. مەۋلان تېلېفون ئۇراتتى. زۇبەيدەنىڭ تېلېفونى بىردە مۇلازىمەت رايونىدا بولمىسا، بىردە ئېتىلگەن بولاتتى. مەۋلان ئۆزى ۋە زۇبەيدە ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ئويلانغان بولسىمۇ، كۆڭلىگە تەسەللى بەرگىدەك بىرەر باھانە تاپالمايتتى. ئۇ قايتا-قايتا زۇبەيدە بىلەن تونۇشقاندىن، ھازىرغىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئەسلەپ چىققانىدى. يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تاپمايتتى، زۇبەيدەنىڭ زادى نېمە ۋەجىدىن ئۆزىدىن رەنجىپ قالغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئەڭ ئۆتكۈزەلمەيۋاتقىنى، يەنىلا زۇبەيدەنىڭ ھېچ سەۋەپسىز ئۆزى بىلەن بولغان ئالاقىنى تۇيۇقسىز ئۇزۇپ قويغىنى ئىدى. مەيلى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نېمە ئىش يۈز بەرمىسۇن، زۇبەيدە مەۋلانغا ئېنىق بىر سەۋەب كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، زۇبەيدە بۇ ھەقتە ئويلىنىشنى ۋە ئۆز سۇئالىغا ئۆزى جاۋاب ئىزدەش ھوقۇقىنى مەۋلانغا بەرگەندەك قىلاتتى.
مەۋلان ئويلىناتتى، زۇبەيدەگە مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر كېچىك ھالقىلارنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن تارتىپ، تاكى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغىچە ھەممەيلەننى گۈمانىي نەزىرىدىن ساقىت قىلمىغانىدى. بىراق، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىنى بىلەلمەي ئازابلىناتتى. ئۇ ھەر قېتىم يۈرىكىدىكى سېغىنىش ئوتىنى باسالماي زۇبەيدەگە تېلېفون قىلغىنىدا ناھايىتى ئۈمىدلىنەتتى ۋە زۇبەيدەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا تەشنا بولاتتى. زۇبەيدە ئۇنى قەستەن ئازابلاۋاتقاندەك، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى سىناۋاتقاندەك ئۇنىڭغا سۆزلىشىش پۇرسىتى بەرمەيۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىدىن بىر ئاز تەڭسىزلىك ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ كەتمەيتتى ۋە ئۆچ ئېلىشنى ئويلاشمىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ زۇبەيدەگە ئاشىق-بىقارار بولغاچقا، ئۇنى جازالاشقا كۆڭلى ھەرگىز يول قويمايتتى.
زۇبەيدەگە بولغان تەشنالىق مەۋلاننى بارغانسېرى ھالسىزلاندۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ دوستلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ دېرىكىنى قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، زۇبەيدە بىلەن بولغان پىنھان سۆيگۈسىنى يوشۇرۇن تۇتۇش ئۈچۈن بۇنداق قاراملىققا يۈرىكى ئۇنىمايتتى. ئەمما، ئۇ مەيلى قانداق چارە-تەدبىر ياكى ھىلە-نەيرەڭ ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر زۇبەيدەنىڭ دېرىكىنى ئالمىسا بولمايتتى. كۈنلەر مۇشۇنداق مەنىسىز ۋە ئازاب ئىچىدە ئۆتۇۋېرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ يۈرىكى بەرداشلىق بىرەلمەيتتى. ھەتتا ئۇ زۇبەيدەنىڭ دەردىدە ساراڭ بولۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. مەۋلان ئاخىرى چىداپ بولالمىدى، ئەبەدىي يوشۇرۇشقا ۋەدىلەشكەن قەسىمىنى بۇزۇشقا توغرا كەلگەنىدى. ئۇ ئۆزىنى بۇرۇنراق ئازابتىن خالاس قىلىش بىلەن بىرگە زۇبەيدەنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈن يېشىش مەقسىتىدە قەسەمنى بۇزۇشقا نىيەت قىلغانىدى. ئۇ بۇ تاللاشنىڭ ئۆز قەلبىگە قانچىلىك دەرد-ئەلەم ۋە ساداقەتسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، يەنىلا بۇ يولنى باسماي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. زۇبەيدە مەيلى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، ئۇ ئاۋۋال زۇبەيدەنىڭ ئۆز قەسەمگە ئەمەل قىلمىغىنى كەچۈرۈشىنى تىلىدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىگە تەسەللى ئىزدىسە، قەسەمگە قىلغان ۋاپاسىزلىقىغا كەچۈرۈم سورىغىنى ئىدى.
مەۋلان توختىماي تېلېفون ئۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن تەقدىرلا ئەمەس، ئۇچۇر شىركەتلىرىمۇ قىرىشىۋاتقاندەك ھەر ئىككىيلەننىڭ تېلېفونى ئېلىنمىغانىدى. كېچىنى كېچە دېمەي تېلېفون قىلىپ قويىدىغان، «تېلېفونىمنىڭ توكى مەڭگۈلۈك» دەيدىغان توم ئاۋاز ماھىرەنىڭ تېلېفونى بۈگۈن ئۆزى ئېيتقاندەك «مەڭگۈلۈك» بولماي قالغانىدى. مەۋلان ھارغىنلىق ۋە زېرىكىشنى ئۇنتۇغان ئادەمدەك ماھىرەگە تېلېفون قىلىشتىن ۋاز كەچمەيتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە «تېلېفون چوقۇم ئۇلىنىدۇ» دېگەن بىر ئۇقۇم ھۆكۈمران بولغاچقا، خىزمەتداشلىرىنىڭ مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرىگە پەرۋا قىلمايۋاتاتتى. قول تېلېفون ئۇلانمىسا، ئىشخانىسىدىكى مۇقىم تېلېفوندىن ئۇراتتى. خۇددى ئىككى تېلېفون يېتىشمەيدىغاندەك بەزەن باشقىلارنىڭ تېلېفونىدا ئۇرۇپمۇ باقاتتى. ماھىرەنىڭ بەزەن تېلېفونى ئۇلانغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ يۈرىكى خۇشاللىقتا يايراپ كېتەتتى. ئەپسۇس، ماھىرە ئۇنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايۋاتقاندەك بېسىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى مەۋلاننىڭ قەلبىدىكى دەرد ئۇستىگە دەرد قوشۇپ، ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ بارلىق مەئىشەتلىرىدىن ۋاز كەچكىدەك دەرىجىگە كەلتۇرۇپ قويۇۋاتاتتى.
مەۋلان تەكرارلىقنى بۇرۇندىن ياقتۇرمايدىغانلاردىن بولسىمۇ، زۇبەيدەنىڭ ئىشىغا كەلگەندە بىئىختىيار تەكرارلىققا يول قويۇۋاتاتتى. ئۇ زۇبەيدەدىن ئۇمىدىنى ئۈزگەندەك، ھەدىسىلا ماھىرەگە تېلېفون قىلىشنى توختاتمىدى. ئۇنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى ۋە ئۈمۈدى پەقەت ماھىرەگە باغلانغان بولۇپ، ئۇ ماھىرەنى يەنىلا باشقىلاردىن ئىشەنچىلىك ھېس قىلاتتى. چۈنكى، زۇبەيدە ئىككىسىنى ئۇ ئۆزى تونۇشتۇرغان ھەم بۇ ئوت ئىچىگە باشلاپ قويغانىدى. ئەمدىلىكتە، مەۋلان ئۇلارنىڭ ئۆزىنى دوزاخ ئوتىغا تەڭداش ئوت يانغىنى ئىچىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر چەتتە ئويۇن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىدا قايتىدىن ئازابلىناتتى ۋە ئۇلارغا لەنەتمۇ ئوقۇپ تۈگىتەلمەيتتى. زۇبەيدەدىن نەپرەتلىنىش مەۋلاننىڭ ئەخلاقى مىزانىغا ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ، بۇ نۆۋەت ئۇ زۇبەيدەنى ماھىرەگە باغلاپ نەپرەت ياغدۇرۇشتىن ساقلىنالمىغان ۋە ئۇنى كەچۈرمەسلىكنى قارار قىلغانىدى.
ئاشىقلىق بىر خىل چىن ھېسسىيات بولسىمۇ، بەزىدە ئاز-تولا ساختىلىققا يول قويماي تۇرالمايتتى. بۇ خىل تۇيغۇ ئادەمنى قايتا-قايتا قارار چىقىرىشقا، نەچچە رەت ۋەدە بېرىشكە، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئالداشقا ئۈندەيتتى ۋە مەجبۇرلايتتى. شۇنىڭدەك، مەۋلان ماھىرەنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپلا ئۆزىنىڭ خاتا قارار چىقارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنى ئورۇنسىز ئەيىبلىگىنىنى، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشىنىڭ يولسىزلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلىغان ئۆچمەنلىك قايتىدىن مۇھەببەتكە ئورۇن بېرىۋاتاتتى. مەۋلان يۈرىكىنى قايتىدىن تىڭشاپ باقمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ زۇبەيدەگە بولغان ھېسسىياتىنى دەڭسەپ كۆرۈشنىڭ ھەقىقى ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتى.
- ئاداش، مېنىڭدىن ھەرگىز خاپا بولماڭلا؟ تېلېفون ئىلىشقا مەنمۇ بىئىلاج قالدىم.
ماھىرە بىر كەچلىكى مەۋلانغا تېلېفون قىلىپ شۇنداق دېگەنىدى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ تىگىدە گەپ بارلىقىنى شۇئان پەرەز قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن تەراببال سورىيالمىغانىدى. ماھىرە مەۋلاننىڭ جىمىپ كەتكىنى بىلمەيدىغانلاردىن بولمىغاچقا، يەنە ئۆزى ھەقىقى بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.
- مېنى بەلكىم كەچىرمەسلىكىڭلار مۇمكىن. ئەمما، مەنمۇ ئۆز ھېسسىياتىمغا ئۆزۈم ئىگە بولالماي قالدىم. ئىشلار بۇ دەرىجىگە يەتكەندە بۇلارنى دېيىشىمنىڭ زۆرۇرىيىتى بولمىسىمۇ، دېمىسەم پەقەت كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. بۇلارنى سىزگە دەۋالسام بىر جەھەتتىن ئۆزۈمنىڭ ئازابى يەڭگىللىسە، يەنە بىر جەھەتتىن زۇبەيدە ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇقۇشماسلىق ئايان بولىدىكەن.
ماھىرە ئارىدا بىردەم سۆزىنى توختىتىۋالغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى. ماھىرە ئۈچۈن ئېيتقاندا مەۋلانغا ھەممىنى سۆزلەپ بېرىش ئانچە ئاسانغا چۈشمەيتتى. لېكىن، ئۇ بۇلارنى سۆزلىمىسە مەۋلان بىلەن زۇبەيدەگە يۈز كېلەلمەيتتى ۋە ئۆزىمۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلالمايتتى. شۇ دەقىقىدە ماھىرە مەۋلاننىڭ ئازراق بولسىمۇ رىغبەتلەندۈرۈشىگە، ئۆزىنىڭ ھەقىقى ھېس-تۇيغۇلىرىنى سۆزلىشىگە مەدەت بېرىشىگە موھتاج بولىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىدىغان بولغاچقا، ئۇنى بىر ئاماللار بىلەن سۆزلەشكە يېتەكلىمەكچى بولىۋاتاتتى.
- چۈشۈنىمەن، بۇ يالغۇز سىزنىڭلا سەۋەنلىكىڭىز ئەمەس. راستىنى ئېيتسام، مېنىڭ بارلىق ئىشلارنى ئاڭلىغۇم بار. ئېيتىڭا، زۇبەيدەگە زادى نېمە بولدى؟
ماھىرە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېگەندەك رازى بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ تەكرار ئويلىنىش ئارقىلىق شۇ قارارغا كەلگەن ۋە مەۋلانغا ئالايىتەن تېلېفون ئۇرغان ئەمەسمىدى؟ ئەمما، مەۋلاننىڭ ماھىرەنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىرەر ئېغىز گەپ قىلماستىن، زۇبەيدەگە بۇنچە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەنىدى. ماھىرە بۇ قېتىم ئۆز مىجەزىگە يات بولغان ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ئەپۇچانلىق بىلەن مەۋلاننى كەچۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزىگە چىقىش يولى ئېلىپ قويغاندەك قىلاتتى.
- ھەممىسى مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنىڭ كاساپىتى. بۇلارنى سىزدىن ۋە زۇبەيدەدىن كۆرمەيمەن، مەن ئەسلىدە ئۆزۈم سىلەرنىڭ مۇھەببەت دېڭىزىدا بىرگە ئۇزۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلغان ھەم سىلەرنىڭ بۇ پاك ھېسسىياتىڭلاردىن سۆيۈنگەنمەن. ئەمما، بىر ۋاققا كەلگەندە مەن ئۆزۈمنىڭ سىزنى بىلمەيلا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئىشىنەمسىز، مېنىڭدە بۇنداق شېرىن تۇيغۇ ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ھەم ئۆزۈمنى سىزگە مەپتۇن بولۇپ قالىمەن دەپمۇ ئويلىمىغانىدىم. شۇ چاغلاردا مەن زۇبەيدەنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن سىزنى قىزغىنىشقا باشلىغانلىقىمنى يوشۇرمايمەن. مەن دائېم ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۇرىدىغان، «مېنىڭ ئۇنىڭدىن زادى نەرىم كام» دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغانىدىم. بۇ سۇئالغا ئاخىرى ئۆزۈم جاۋاب ئىزدەپ تاپقان كۈنىدىن باشلاپ، سىزگە ئۇچۇر قىلىشنى باشلىدىم. ئۇچۇر بىلەن كۆڭۈلدىكى سۆزلەرنى قىلىشقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، مېنىڭ سىزگە بولغان تەشنالىقىم ھېچ بېسىقمىغانىدى. شۇڭا، ئارىلاپ تېلېفون ئۇرۇپ، ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم كېلەتتى. سىز ھەر قېتىم مېنىڭدىن زۇبەيدەنى سوراپ يۈرمەيتتىڭىز، بەلكى ماڭا كۆڭۈل بۆلەتتىڭىز ھەم ماڭا ئۇمۇت ئاتا قىلاتتىڭىز!
ماھىرە يەنە سۆزىنى توختىتىۋالغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ قايتىدىن ئۆزىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆڭلىدە ئىنكار قىلىپ تۇراتتى ۋە ئۆز خاتالىقى ئۇستىدە ئويلىناتتى. ماھىرەنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغىنىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تورمۇزلىنىپ قالغان نېرۋىلىرى قايتىدىن قوزغۇلۇشقا باشلىغانىدى. ئۇ پەرەز قىلىپ يەتكەنىدى، زۇبەيدە بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىق دەل ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماھىرەنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىۋاتاتتى. مەۋلان ئۆزىنىڭ بۇ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنچ قىلسىمۇ، يەكۈن چىقىشقا ئالدىراپ كەتمىگەنىدى. ئۇ ماھىرەنىڭ قالغان ھېكايىسى ئاڭلاشنى، ئۇنىڭ ھېكايىسى تۈگۈگەندىن كېيىن ئاندىن ئاخىرقى يەكۇنگە كېلىشنى لايىق كۆرگەندەك قىلاتتى.
- بۇلارنى مەن ئەجەب ھېس قىلماپتىمەنغۇ؟ سىزنى بۇنچە ھېسسىياتقا باي دەپ ئەسلا ئويلىمىغانىدىم!
مەۋلان ماھىرەگە نېمە دېيىشىنى، ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈش ياكى نەپرەتلىنىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ماھىرەدىن نەپرەتلىنىش ھوقۇقى يو ئىدى. مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ئادەمنىڭ رايىغا ۋە تاللىشىغا باقمايتتى. مۇھەببەت ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىكى بىلەن ھەممە ئادەمگە باراۋەر ۋە تەڭسىز كېلەتتى، ھەر قەلبنى ھەر كويغا سالاتتى. بەلكىم، ماھىرەمۇ ئاشۇ باراۋەرلىكنى قوغلاشقان، شۇ تەڭسىزلىككە ئۇچرىغان بىچارىلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. مەۋلان ئۇنى چۈشىنىشنى ئويلىسىمۇ، زۇبەيدە ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ ھېسسىياتىنى رەت قىلمىسا بولمايتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش قولىدىن كەلمەيتتى. چۈنكى، بۇ خىل ئېچ ئاغرىتىش ئۆز روھىغا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە كېلەتتى ھەم ھەممەيلەننى تۈگىمەس ئازاب باياۋانىغا تاشلايتتى.
- مېنىڭ قانچىلىك ھېسسىياتقا بايلىقىمنى سىز بىلمەيسىز ھەم بىلىشنىمۇ خالىمىدىڭىز؟ مەن زۇبەيدەدەك سىپتا ئايال بولمىساممۇ، ئەرلەرگە يېقىشلىق ۋە ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ئويناتقىدەك ئايالمەن. مەن شېئىر يازالمايمەن. ئەمما، ئەرلەرنى شائىر قىلالايمەن.
- ئۆزىڭىزگە شۇنچىلىك ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟
مەۋلان ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بارا-بارا قىزىقىپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ ئوچۇق كۆڭۈل، ھېچقانداق گەپنى ئاياپ يۈرمەيدىغانلىقى بىلەتتى. توغرا ئۇ بىر مەھەل مەۋلانغا ئۇچۇر قىلغان، تېلېفوندا سۆزلەشكەن. مەۋلان ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ۋە ئىشقى ھېسسىيات ھەققىدە پىكىرلەشكەن ۋە چاقچاقلىشاتتى. ئەمما، مەۋلان ماھىرەنىڭ بۇ ئۇچۇر ۋە سۆھبەتلەرنى مەلۇم بىر مەقسەتنىڭ تۈرىتكىسىدە قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەنىدى. ناۋادا، ئۇ ماھىرەنىڭ ھەقىقى مەقسىتىنى بۇرۇنلا بىلگەن بولسا، ئۇنىڭ ھېسسىياتىنىڭ چوڭقۈرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە زۇبەيدە بىلەن ئىككىسى ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان ئارازچىلىقنىمۇ توسۈيالىغان بولاتتى.
- ماڭا بىر ەرت پۇرسەت بەرگەن بولسىڭىز سىزمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭىز؟ مەن راست دەۋاتىمەن، چىرايىم ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك سۈلكەتلىك بولمىغىنى بىلەن خېلى ئاياللىق نازاكىتىم بار چوكان مەن. مەۋلان، بۇ سۆزلىرىمدىن ھەرگىز كۈلمەڭ ھەم مېنى سەۋدايى چاغلىماڭ! مەن بۈگۈن ھەممىنى ئېيتىپ بېرىمەن. سىزگە ۋەدە بېرەيكى، بۇ قارارىمدىن ھەرگىز تېنىۋالمايمەن. مەن ئاۋۋال كۆڭلىمدىكىنى دەۋالاي، ئاندىن زۇبەيدە ھەققىدە سۆزلەيمەن.
ماھىرە مەۋلاندىن جاۋاب كۈتۈۋاتقاندەك يەنە سۈكۈت قىلغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بەرمىسە، ئۇنىڭ زۇبەيدە ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىقىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغانمۇ قانداق تېزلا ئىپادە بىلدۈگەنىدى.
- مېنىڭ خاتا چۈشىنىشىمدىن ئەنسىرىمىسىڭىز مەيلى!
- مەن ئەنسىرىمەيمەن. چۈنكى، بۇ مېنىڭ ھەقىقى ھېسسىياتىمنى تۇنجى قېتىم سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىشىم. يەنە كىلىپ مەن بۇلارنى باشقا بىرىگە ئەمەس، ماڭا شۇ ھېسسىياتنى ئاتا قىلغان سىزگە دەيمەن. مەيلى ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ؟ مەن قەلبىمنى تۆكۈۋالساملا ئۆزۈمنى ھەممىدىن بىر يولى ئازاد بولغاندەك ھېس قىلىمەن. مەن بۇلارنى ئېيتىش ئارقىلىق سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشىشنى ۋە سىزنىڭ ماڭا ھېسسىداشلىق قىلىشىڭىزنى مەقسەت قىلىۋاتقىنىم يوق. مەن پەقەت يۈرەك سىرلىرىمنى ئېيتىۋالساملا كۇپايىلىنىمەن ھەم سىزدىن چەكسىز مىننەتدار بولىمەن.
مەۋلان ماھىرە بىلەن بىر قانچە قېتىم پاراڭلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ قەدەر سۆزمەنلىكىنى تېخى ھېس قىلىپ يەتمىگەنىدى. بەلكىم، بۇ سۆزلەر ھەقىقەتەن ئۇنىڭ مۇھەببەتكە مۇپتىلا بولغان يۈرىكىدىن چىقىۋاتقان چىن سۆزلەر، كۆيۈۋاتقان بىر قەلبنىڭ نىداسى بولسا كېرەك. مەۋلان گەرچە ئۇنىڭغا بۇ سۆزلىرىنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەت بېرەلمىسىمۇ، بارلىق ئارمانلىرىنى بايان قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرەلەيتتى. چۈنكى، ئۇ مەۋلاندىن خېلى يىراق جايدا تۇرۇپ، كۆزلەر ئۇچراشمىغان ھەم سۆزلەشمىگەن شارائىتتا بۇلارنى ئېيتاتتى. مەۋلان پەقەت ئۇنىڭ سۆزلىشىنى رەت قىلماي، سەبرى-تاقەت بىلەن ئاڭلاپلا قويسا بولاتتى.
- شۇنداق، مېنىڭ سىزنى سۆيۈپ قالغىنىم راست. لېكىن، بۇ مېنىڭ گۇناھىممۇ؟ سۆيۈش-سۆيۈلۈش گۇناھ ھېسابلانسا، سىزمۇ، زۇبەيدەمۇ ماڭا ئوخشاش گۈۇاھكار بولمامدۇ؟ مەن مۇھەببەت بىلەن كۆيگەن ھەم كۈلگەن يۈرەكلەرنى ھەرگىزمۇ گۇناھكار دەپ قارىمايمەن. مەيلى ئۇ ئەركىن ئادەملەر بولسۇن، مەيلى نىكاھ بىلەن باغلانغان ئادەم بولسۇن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ئۆز سۆيگۈسى بولۇشى كېرەك. نىكاھ بىلەن مۇھەببەت، ئەخلاق بىلەن سۆيگۈ بىر بىرىگە زىت ئىككى نەرسە ئەمەس. مېنىڭ نەزىرىمدە مۇھەببەت بىلەن نىكاھنىڭ چىقىشالمايدىغان يىرى يوق. يۈرىكى مۇھەببەتتىن كۈلەلەيدىغان ھەم سۆيۈنەلەيدىغانلا ئادەم بۇنى ھېس قىلالايدۇ. نىكاھ ئائىلىنى باغلىسا، مۇھەببەت يۈرەكنى داغلايدۇ ھەم باغلايدۇ ئەمەسمۇ؟
مەۋلان ماھىرەنىڭ بۇ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى قانداق چۈشۈنىشنى، ئۇنى قوبۇل قىلىش ياكى رەددىيە بېرىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ يول قويىۋاتقان يەنە بىر ھېسسىيات بار ئىدى. ئۇ ماھىرەنىڭ بۇ قارىشىنى خاتا دېسە، ئۆزى ئۇ ئېيتقاندەك نىكاھلىق بىر ئايالنىڭ مۇھەببەت ئوتىدا كۈل بولۇپ كۆيۈۋاتاتتى. توغرا دەي دېسە، بۇ ئەخلاق، ۋاپادارلىق، پاكلىق جۈملىسىدىن يىراق ۋە نورمال ئادەم قوبۇل قىلغۇسىز سەپسەتە ئىدى. ماھىرەنىڭ بۇ قاراشلىرى مەۋلاننى ئۆزى ئۇستىدە يەنە ئويلىنىشقا دۇچار قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئۆزىنى بۇرۇن گۇناھكار ھېس قىلىپ باقمىغان ھەم زۇبەيدەگە بولغان ھېسسىياتى پاڭ، غۇبارسىز ھېسسىيات دەپ قاراپ كەلگەنىدى. بىر ئەر ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھالال جۈپتىغا قول ئۇزاتماسلىق بىر ئەقەللى ساۋات بولۇپ، بۇنى ئۇ ناھايىتى ئوبدان ھېس قىلالايتتى. شۇڭا، ئۇ زۇبەيدەنىڭ نىكاھىغا مەسئۇلىيەتچان بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆز يۈرىكىدە ئويغىنىۋاتقان غايىۋى تۇيغۇلارغا تەڭ ئېتىبار بەرگەنىدى. ئەجەبا، ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرىمۇ خاتا سەپسەتەمىدۇ؟! ئۇ زۇبەيدەنى چۈشىنەتتى، زۇبەيدە ئائىلىسىنى سۆيەتتى، ئائىلە ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا تەييار ئىدى. ئەمما، ئۆز قەلبىدىكى بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچەلمەيتتى. ئۇنىڭ بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىشنى، بارلىق سۆيگۈسىنى ئائىلىسىگە بېرىشنى ئويلىغان چاغلىرىمۇ بولغان. لېكىن، ئادەملەرنىڭ روھىيىتىدىكى تويۇنماسلىق ۋە ئېچىرقاش بۇنىڭغا يول قويمىغانىدى. ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىشنى، ئۆزىنى ئالداشنى بىلىدىغانلاردىن ئىدى. مەۋلان بۇ ھەقتە ئويلانغاندا ئەڭ ئاۋۋال ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ رىۋايىتىنى ئېسىگە ئالاتتى. گەرچە ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ مۇھەببىتى نۇقسانسىز پاك ۋە ۋاپادارلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان يىمىرىلمەس سۆيگۈنىڭ ئۈلگىسى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، جەننەتتىن ھەيدەلگىنى ئۇنىڭغا تەسەللى بولالايتتى. ئۇ ئۆزىدىكى مۇھەببەتكە تويۇنماسلىقنى ئۇلارنىڭ قىنىدىن كەلگەن ھېسسىيات دەپ چۈشىنەتتى.
- مەن نىكاھ بىلەن مۇھەببەتنى ئىككى ئىش دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەس. مېنىڭچە بۇ ئىككىسىنى بىر بىرىگە زىت قىلماي، بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغۇ؟ مېنىڭچە، ھەممە ئادەم شۇنداق ئويلايدۇ. ئەمما، ئەخلاق ۋە قانۇن نۇقتىسىدىن زىيادە ئويلىۋېلىپ، ئۆز ئەركىنلىكىنى بۇغقۇچلاپ قويىشىدۇ. مېنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىم شۇنداق قاناتسىز ئۆتكەن. مەن ھازىر ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سىزگە بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىم يوق. چۈنكى، مەن ئۇچاغلاردا ھازىرقىدەك تۇيغۇدا بولۇپ باقمىغان ھەم بىرەر ئەر يۈرەك تارەمنى چەكمىگەن. ئەجەبا، مەن يۈرىكىمنى ھەقىقى ھېس قىلغاندا، بۇ تۇيغۇلاردىن بەھرلىنىشكە ھەقلىق ئەمەسمۇ؟! ھەقىقەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مېنىڭمۇ بۇ سۆيگۈدىن سۆيۈنۈش ھوقۇقىم ھەم ئەركىنلىكىم بار. لېكىن، مەن بۇنىڭغا ئامالسىزمەن. مېنىڭ يۈرىكىمنى چەككەن ئادەمنىڭ يۈرىكى باشقا بىرى تەرىپىدىن چېكىلگەن. ئۇ شۇ كۈيگە تەشنا ھەم ئۇ كۈيدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ.
مەۋلان ماھىرەنىڭ ئۆزىگە سۆزلەۋاتقانلىقىنى ياكى كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقى پەرق ئېتەلمەي قىلىۋاتاتتى. چۈنكى، ماھىرەنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى شۇ قەدەر جايىغا چۈشۈۋاتاتتىكى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى تاققا-تۇققالىقىدىن ئەسەر قالمىغاندەك قىلاتتى. مەۋلان ئۆزىنى ماھىرە بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا بىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قىلىۋاتاتتى. ماھىرە ئۇنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى بىر قوپال ھەم تومپاي ئايال بولماستىن، بەلكى ئۆزىگە خاس كۆز قارىشى ۋە پىكىر يولى بار ئايالدەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇ ماھىرە بىلەن دەسلەپ تونۇشقان چاغلىرىدا ئۇنىڭغا ئادەتتىكىچە قاراپ قالغىنىدىن، ھەتتا ئۇنى نەزىرىگىمۇ ئېلىپ قويمىغىنىدىن نومۇس ھېس قىلىشقا باشلىغانىدى. مەۋلان راستىنى ئېيتقاندا ئۇنى پۈتۈنلەي چۈشۈنۈپ كەتمەيتتى ھەم چۈشۈنۈش غەرىزىدىمۇ بولۇپ باقمىغانىدى. ئەگەر، ئۇ ماھىرەنى بۇرۇنراق چۈشۈنىشنى خىيال قىلغان بولسا، ھەممە ئىشلار باشقىچە بولغان، ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئورنىنى بىسىپ قالغان بولارمىدى؟ ياق، مەۋلاننىڭ نەزىرىدە يەنىلا ماھىرە بىلەن زۇبەيدەنى بىر ئورۇنغا قويۇشقا، ئۇلارنى ئۆزئارا سىلىشتۇرما قىلىشقا بولمايتتى. مەيلى قايسى تەرەپتىن بولسۇن، ئۇ ئىككىسىنى تارازىغا قويىدىغان بولسا، ھەق گەپكى زۇبەيدە ئېغىر توختايتتى. مەۋلاننىڭ كۆيدۈرىۋاتقىنى زۇبەيدەنىڭ ماھىرەگە ئوخشاش مەسىلىگە باھا بېرىشى ۋە ئۆزگىچە قاراشنى ئىپادىلىشى بولماستىن، خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش ئائىلىسىنى سۆيىدىغان ھەم مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدىغان مىجەز-خاراكتىرى ئىدى.
- ئەمدى بۇ ھەقتە سۆزلىگۈم يوق، ھەممە بالانى تىرىغىنى ئۆزۈمنى ئەقىللىق چاغلىغان مەن. نېمىشقا سىز بىلەن يوللاشقان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋەتمىگىنىمنى ھازىرغىچە بىلەلمىدىم. زۇبەيدە ئۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالغاندىلا، ئۆزۈمنىڭ دۆتلىكى ۋە كالامپايلىقىغا قول قويدۇم. بەلكىم، كۆزىمنى مۇھەببەت توسۇۋالغان، ئەقلىمنى سىزگە بولغان ئاشىقلىق تۈگەشتۇرگەن بولىشى مۇمكىن. ئىشلار بۇ يەرگە كەلگەندە مەيلى نېمىلا دېمەي، سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا ئازار بېرىپ بولۇپتىمەن. شۇنى ئېيتالايمەنكى، مەن كەچۈرۈم سوراشقا ھەقلىق ئەمەسمەن. چۈنكى، مېنىڭمۇ سىلەرگە ئوخشاش سۆيگۈدىن ھوۇزۇر ئىزدەيدىغان يۈرىكىم بار!
ماھىرە توغرا ئېيتاتتى، ئۇ مۇھەببەتنى دوستلۇقتىمۇ ئۇلۇغلايتتى ھەم ئۆز سۆيگۈسى ئۈچۈن ھەممىگە تەييار ئىدى. مەۋلانمۇ ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشنى توغرا دەپ قارىمايتتى. چۈنكى، ماھىرە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھەقىقى ھېكايىسىنى ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلەپ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىكنى يوققا چىقارغانىدى. بىراق، زۇبەيدە ئۇلاردەك كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولمىغاچقا بۇ تاسادىپى ئىشلارنى قوبۇل قىلالمىغانىدى. ئۇ مۇھەببەتنىڭ شەخسىيەتچى ۋە ئېچى تارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك، ماھىرە بىلەن مەۋلاننى خاتا چۈشىنىپ قالغانىدى. ئۇ ئۆز قەلبىدىكى مۇھەببەتنى بۇ قەدەر شەخسىيەتچى ۋە ئېچى تار ئويلىمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق بۇنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ۋە مەۋلانغا ھېس قىلدۇرغانىدى. مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىشنى تاللىغانلىقىنى توغرا چۈشەنسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمىگىنىدىن ئۆكۈنگەنىدى. ناۋادا، زۇبەيدە ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرگەن بولسا، ۋەياكى ئۆزىدىن بىۋاسىتە سوراپ باققان بولسا ئىشلار بۇنچە مۇرەككەپلىشىپ كەتمىگەن ھەم ھەر ئىككىلىسى ئازابلانمىغان، يۈرىكى يالغان ساداقەتسىزلىكنىڭ دەردىدە پۇچىلانمىغان بولاتتى.
- شۇ چاغدا سىز چۈشەنچە بەرمىدىڭىزمۇ؟
- نېمە دەيدىغاندۇ؟ ما، ئاداش! مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم. ئىككىمىزنىڭ پاكلىقىنى، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ قارا كۆڭۈللۈك قىلمىغىنىمىزنى ئېيتتىم. ھەتتاكى، ئايىقىغا باش قويغىدەك بولۇپ ئىشىنىشىنى ئۆتۈندۈم. ئەپسۇس، ئۇ ئىككىمىزنى «دوستلۇققا خىيانەت قىلدى» دەپ خاتا ئويلاپ، كەچۈرۈشنى رەت قىلدى. مېنىڭ قايتا چۈشەندۈرۈشۈمگە پۇرسەتمۇ بەرمىدى.
مەۋلانغا ھەممە ئىش بەش قولدەك ئايان بولغانىدى. زۇبەيدە ئۇنى ئۆزىگە خىيانەت قىلغان «شاللاق ئەر» دەپ قالغانىدى ھەم ئۆزىدىن مۇشۇنداق بىر ئەرنى سۆيگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانىدى. مەۋلان بۇنىڭلىق ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلىيەلمەيتتى. چۈنكى، بۇنداق تاسادىپىيلىق ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ زۇبەيدەگە ئوخشاش قارار چىقارغان ھەم بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكەن بولاتتى. مەۋلان زۇبەيدەنى باشقا بىرى ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئازابلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ شۇنداق قارار چىقىرىشىغا ئۆزى مەجبۇر قىلغىنىنى بىلگىنىدە، كەچۈرگۈسىز دەرىجىدە ئۆكۈندى ۋە يۈرىكىدىن ئۆكۈندى. ئەلبەتتە، بۇلارغا ئۆكۈنۈشلا كۇپايە قىلمايتتى. زۇبەيدەنىڭ ئازار يېگەن دىلىغا مەلھەم بولۇشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ئۇ چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۈش-كەچۈرمەسلىكى مۇھىم بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ چۈشەنچە بېرىش ۋە ماھىرە ئىككىسىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاش بولۇپ قالغانىدى.
- زۇبەيدەگە ئۆزۈڭلار چۈشەندۇرۇپ قۇيۇڭلار، ئادىش! ئۇ يەنىلا سىلىگە ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭغا مېنى تىللاپ بەرسەڭلىمۇ مەيلى. ئىمكان بولسىلا، يەنە بىر كۈنلەردە ئاقلاپ قويارسىلە!
ماھىرەنىڭ پەرۋاسىز ھەم ئۆتۈنۈش ئىچىدە ئېيتقان بۇ سۆزلىرى مەۋلانغا ئەقىل ئاتا قىلغانىدى. ئۇ دەسلەپ بارلىق ئۇمىدىنى ماھىرەگە باغلىغان ھەم ئۇ ئارقىلىق زۇبەيدەنىڭ دېرىكىنى بىلمەكچى بولغانىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇنىڭ بۇ ئويى پۈتۈنلەي يوققا چىقىپلا قالماي، ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنىدى. مەۋلان گەرچە زۇبەيدەگە ماھىرەنى ئاقلاپ يۇرمىسىمۇ، ئۆزىنى چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۇرۇشى كېرەك ئىدى. مەۋلان بىر ئامال بىلەن زۇبەيدەنى كۆرمىسە، ئۇنىڭ بىلەن ئەستايىدىل پاراڭلاشمىسا، ئارىدىكى بارلىق ئۇقۇشماسلىقلارغا خاتىمە بەرمىسە بولمايتتى.



                     *                              *                             *                                 *

پويىز ئاخىرى قوزغالدى، ئادەم دېڭىزى شەھەرگە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى. مەۋلان خۇددى بۇ پويىز ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بىر نەرسىسىنى ئېلىپ كىتىۋاتقاندەك، كۆز ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان ھەر بىر دېرىزىگە قاراپ تۇراتتى. ئۇ ۋوگزالغا ھۆكىمەت ئىشى بىلەن كېرگەن بولسىمۇ، نېمىشقىكىن پويىز قوزغالغىچە تۇرۇپ قالغانىدى. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشەنمىدى، ئۆزىنى كۈندۈزدىلا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلغانىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرى كۆز ئالدېدىن ئۆتكەن دېرىزىدىن زۇبەيدەگە ئوخشاش بىرىنىڭ قارىسى كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى بىر خىل شېرىن تۇيغۇدا ئۆرتەنگەندەك قىلغىنى بىلەن يەنىلا ئۆز ھۆكۈمىگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ ئادەتتە ئۆز تۇيغۇسىغا ئىشىنەتتى ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. ئەجەبا، شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ قەلبى بىر گۈمان ئىچىدە تەمتىرەپ يۇرەتتى. مەۋلان ئۆز كۆزىگە ئىشەنگەن ۋە بۇرۇنراق شۇنداق بولىشىنى پەرەز قىلالىغان بولسا، پويىز ۋوگزالدىن چىقىشتىن ئاۋۋال زۇبەيدەنى ئىزدەپ تېپىۋالغان، ئۇنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر رەت كۆرۈۋالغان بولاتتى. ئەپسۇس، ئۇ بۇ رىئاللىقنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بىلەلىگىدەك سىرلىق ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس ئىدى.
مەۋلان تېلېفونىنىڭ ئۇچۇر كۆزنىكىدىكى لىپاپ بەلگىسىگە قاراپ تۇراتتى. ئۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ كىمدىن كەلگىنىنى، نېمە مەزمۇن بارلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. ئۇ لىپاپ بەلگىسى بىر ئۆچۈپ قايتا پەيدا بولغاندا، ئۇچۇرنى كۆرۇشكە باشلىدى. ئۇ ئۆز كۆزلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئىشەنمەي قالدى. ئۇنى كۆزلىرى ئالداۋاتقاندەك ياكى مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىدا خاتا تۇيغۇ پەيدا بولىۋاتقاندەك ھېسسىيات چىرماپ ئالغانىدى. ئەمما، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىگىسىنى ئالدىمىغان، مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىمۇ نورمال ئىشلەۋاتاتتى. بۇ ئۇچۇر ئۇ ئۆزى زارىقىپ كۈتىۋاتقان ئۇچۇر بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئاراملىق، قەلبىگە تەسەللى ئاتا قىلالايتتى.
- زۇبەيدە!
مەۋلان ئاۋازىنىڭ تىشىغا چىقىپ كەتكىنى، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشقىنىنى ھېس قىلمايتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇر كۆزنىكىدىكى زۇبەيدە ئەۋەتكەن ئۇچۇردا ئىدى. مەۋلان ئۇچۇرنى بىر قانچە قېتىم قايتىلاپ ئوقىدى ۋە يىراقلاپ كېتىۋاتقان پويىزغا قاراپ ئۇھسىندى. شۇنداق، مەۋلان باياتىن خاتا كۆرمىگەنىدى. ئۇنى ھەيرانلىقتا ۋە گۈماندا قويغان ئايال دەل زۇبەيدە ئىدى. زۇبەيدەمۇ مەۋلانغا ئوخشاشلا ئۇنى دېرىزىدىن كۆرگەن ھەم ئۇنى بۇ يەردە تاسادىپى ئۇچرۇتۇپ قىلىشىنى ئەسلا ئويلىمىغانىدى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىك مەۋلاننى كۆرۇش بىلەنلا يوقالغاندەك، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قىلغان ۋەدىسىنى بۇزغانىدى. ئۇ مەۋلان بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ئۈزۈشنى قارار قىلغاندىن باشلاپ، ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق شەكىلدە مەۋلان بىلەن ئالاقىلاشمىغان ئىدى. مەۋلاننىڭ تېلېفون نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن ئامال بار ئۆزىنى يىراقلارغا ئېلىپ قاچقانىدى. ئۇنىڭ بۇ سەپىرىمۇ ئۆزىنى بىر مەزگىل مەۋلاندىن ئېلىپ قىچىشنىڭ بىر پىلانى ئىدى.
«سىزنى كۆرۈپ يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم. تىنچ-ئامان تۇرغىنىڭىزدىن خۇشال بولدۇم ھەم سۆيۈندۈم. خەير، مەن كەتتىم. ئامان بولۇڭ!»
مەۋلان بۇ ئۇچۇردىن ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن خوشلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ زادى قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئالدىراپ زۇبەيدەگە ئۇچۇر قايتۇرغان، ئۇنىڭدىن قەيەرگە ماڭغانلىقى، قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى سورىغان تەقدىردىمۇ، زۇبەيدەنىڭ جاۋاب بېرىشى ناتايىن ئىدى. ئەمما، زۇبەيدەنىڭ تۇيۇقسىز يوللىغان ئۇچۇرى ئۇنى يەنە قايتىدىن ئۈمىدلەندۈرگەن ھەم قەلبىدىكى ئاشىقلىق ئوتىنى پۈۋلەپ قويغانىدى. ئۇلار ئۇچۇر ئارقىلىق ھەممە گەپلەرنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، يەنە ئۇچۇر ئارقىلىق ئۆز ئارا چۈشىنىشكە باشلىغانىدى.
«- قەيەرگە سەپەر قىلدىڭىز؟ سىز بىلەن ئالاقىلىشالماي بەك ئازابلاندىم.
- مېنى ئازابلانمىدى، دەمسىز؟ يۈرىكىم ماڭا ‹مېنى يىراقلارغا كەت› دېگەنىدى.
- قانچىلىك يىراقلىقتا، مېنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كىتىشكە يۈرىكىڭىز قانداق چىدېدى؟
- ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋالدىم. ماڭا بۇنداق چىدام ۋە غەيرەتنى سىز ئاتا قىلغان.
- سىزنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلەمسىز، بەك تاش يۈرەك ئىكەنسىز؟!
- سىزنىڭ سېغىنىدىغان ئادىمىڭىز يالغۇز مەنلا ئەمەسقۇ، ئۇلار بۇ دەردىڭىزگە دەرمان بولالمايۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟»
مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئۆزىگە قىيداۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتى. زۇبەيدەنىڭ دارىتما سۆزلىرى ئۇنىڭ تېخىچە ئاچچىقىدىن يانمىغانلىقىنى، يۈرىكىنىڭ يەنە ئاشۇ خاتا چۈشىنىشتىن پەيدا بولغان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. مەۋلان ئۆز كۆڭلىدە بىر مۇۋاپىق پۇرسەت كەلگىنىدە، ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى يۈز تۇرانە تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشنى ئويلىغانىدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت نېسىپ بولماي، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلى ئەپۇ سوراشقا نائىل بولغانىدى.
«- مەيلى كىمدىن، نېمە گەپ ئاڭلىماڭ، مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم تېخى تەۋرەپ قالغىنى يوق.
- مەن كىمدىن، نېمە گەپ ئاڭلىغۇدەكمەن؟ مەن پەقەت ئۆز تۇيغۇمغا ئىشىنىمەن، سىز بىر ئايال بىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلىدىغان ئەرمۇ؟
- ماڭا سىز بولسىڭىزلا بولدى، مېنىڭ يۈرىكىم پەقەت سىز ئۈچۈنلا سوقۇشقا يارالغان.
- تاتلىق سۆزلەرنى قىلىش سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز، ئەمەلىيەتچىل بولۇش مېنىڭ پىرىنسىپىم.
- قەلبىمدە قانچىلىك ئورنىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلىسىز؟ مەن سىزنى ئالدىمىدىم ھەم سىزگە يۈز كېلەلمىگۈدەك ئىش قىلمىدىم.
- مەن سىزنى ‹ماڭا يۈز كېلەلمەيدۇ› دەپ ئويلىمىدىم. كىمى سۆيۈش ھەم كېمنى تاللاش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز!
- مېنىڭ سىزنىلا تاللىغانلىقىمنى ئۆزىڭىز بىلىسىزغۇ؟ مېنىڭ قەلبىمدە پەقەت سىزگىلا ئورۇن بار.
- سىزنىڭ قەلبىڭىز بىر زال، ئۇ يەردە خالىغان ئادەم ئولتۇرالايدۇ.»
زۇبەيدە بارا-بارا مەۋلانغا ئاچچىق تېگىشكە باشلىغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى. ئۇ بىر دەم يۈرىكىگە پاتماي كېلىۋاتقان دەردلىرىنى ئاشۇنداق ئاچچىق ھەم تەنە سۆزلەر بىلەن ئېيتىۋالمىسا، ئىچى بوشىمايتتى ۋە ئازابى يەڭگىللىمەيتتى.
«- ماڭا ھاقارەت قىلسىڭىز مەيلى، ئەمما سۆيگۈمگە ھاقارەت قىلماڭ!
- سىز سۆيگۈنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز، تېخى؟!
- بىلىمەن. بۇنى سىز ماڭا ھېس قىلدۇردىڭىز!
- سىزدە ئەزەلدىن ھەقىقى سۆيگۈ بولۇپ باقمىغان. سىزنىڭ بىلىدىغان سۆيگۈڭىز پەقەت قەلبىڭىزدىكى ئېچىرقاش، خالاس!»
زۇبەيدە توغرا ئېيتقانىدى. مەۋلان زۇبەيدە بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن، مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرەتتى. ئاياللار ئۇنىڭ نەزىرىدە مۇھەببەتنىڭ قۇلى، ئەرلەر خالىغان ۋاقتتا ئۈزۈپ يەيدىغان مېۋە ئىدى. ئۇ ساناقسىز ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلغان ھەم دوستلاشقان. ئۇلارغىمۇ خۇددى زۇبەيدەگە ئېيتقاندەك تاتلىق، شېرىن سۆزلەرنى ھەدىيە قىلغان ھەم بۇزۇلماس ۋەدىلەرنى بەرگەن. ئۇ زۇبەيدە ئېيتقاندەك قەلبىدىكى ئاچارچىلىقنى بىسىش ئۈچۈنلا، مۇھەببەتنى، ئۆز ھېسسىياتىنى دوغا تىككەن. ئۇنىڭ بۇنداق ھېسسىياتقا بايلىقى بىلەن مۇھەببەتكە قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان ئاياللارنىڭ گوللىقى ۋە كۆزىنىڭ كورلۇقى ئۇنى شۇنداق ئادەم قىلىپ قويغانىدى. ئەمما، زۇبەيدە ئۇنى ئۆز نازاكىتى ۋە مۇھەببىتى بىلەن ئۆزگەرتكەن ھەم مۇھەببەتنى باشقىچە مەنا بىلەن ھېس قىلدۇرغانىدى. ئۇ ھازىر بۇرۇنقىدەك ئۆز ھېسسىياتىغا چاقچاق قىلمايتتى، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەنمۇ ئويناشمايتتى. زۇبەيدە ئۆزىنىڭ ئۇنى قايسى دەرجىدە مەپتۇن قىلىۋالغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇ يەنە مەۋلاندىن ئاغرىنىپ يۈرمىگەن بولاتتى.
«- سىز مېنى ئۆزگەرىتتىڭىز، ماڭا ئۆز ھېسسىياتىنى قانداق چۈشۈنىشنى بىلدۈردىڭىز.
- شۇنداقلا ئويلىغان بولسىڭىز، مەن خۇشال بولدۇم. ئەمما، مەن ئۆزىمنى سىزگە لايىق كۆرمىدىم. مەن بىر ئاز ئەمەلىيەتچىل بولغاچقا، سىز ئويلىغاندەك مۇھەببەتنى بېرەلمىدىم.
- ياق، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. سىزنىڭ ماڭا ئاتا قىلغىنىڭىز ھېلىھەم بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. مەن سىزدىن مىننەتدارمەن.
- قالغان چالىسىنى باشقىلاردىن ئالاي دەپسىز-دە؟
- ھەرگىز خاتا ئويلىماڭ! ھەممىسى خاتا چۈشىنىش تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئىشلار.
- مەيلى نېمىلا دېمەڭ، مەن راستىنلا قوبۇل قىلالمىدىم. يۈرىكىم شۇ قەدەر ئازابلاندىكى، ئۆزۈمدىن ئۆزۈم نەپرەتلەندىم.
- ھەممە ئۆتۇپ كەتتى. جىمجىتلا يوقاپ كېتىپ مېنى بەك قىينىدىڭىز؟ ئۆزۈمنىڭ سىزسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردىڭىز!
- راستىنلا ھەممە ئىش ئۆتۇپ كەتتىمۇ، يۈرىكىڭىز ئۇنىڭغا قانداق چىدايدۇ؟
- ئۇ ئەسلىدىلا بىر چاقچاق ئىدى. ئۇ مەڭگۈ چاقچاق پىتى قالسۇن!
- ماڭا ئەمدى بۇنداق چاقچاق قىلماسلىققا ۋەدە بېرىڭ! مەن چاقچاقنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ قىلىۋاتىمەن.
- ۋەدە بېرىمەن، سىزنى ئالدىماسلىققا، سىزگە ساداقەتسىزلىك قىلماسلىققا ۋەدە بېرىمەن.
- مېنى كۈتۈڭ، مەن ھەپتىدىن كېيىن قايتىپ كېلىمەن!»
زۇبەيدە مەۋلاننى كەچۈرۈۋەتكەنىدى. مەۋلان خۇددى بىر ئېغىر يۈكتىن يېنىكلەپ قالغاندەك خۇشال كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. ئۇنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم، قەلبىدىكى ئېيتقۇسىز خۇشاللىق پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىچىلا بىر ناخشىغا دىمىقىدا غىڭشىپ قوياتتى ۋە ئېغىر گەۋدىسىگە ماسلاشمىغان غەلىتە ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ باقاتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى روھى كەيپىياتىنى ، نورمال ئادەمنىڭ يوقاتقان قىممەتلىك نەرسىسىگە قايتا ئېرىشكەندە يۈز بېرىدىغان ھەممە ئىشلارنى چۈشۈنۈشكە بولاتتى. زۇبەيدە كەتكىنى بىلەن مەۋلاننىڭ قەلبى ئۇ تاشلاپ كەتكەن چوغ بىلەن ئوت بولۇپ يېنىۋاتاتتى.

                      *                              *                             *                                 *

زۇبەيدەنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن مەۋلان ھەر بىر دەقىقىلىرىنىڭ يېڭى مەنالارغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇ ھەر كۈنى زۇبەيدەنىڭ شېرىن سۆزلەر بىلەن تېزىلغان بېيىتلىرىنى ئوقۇيالايتتى، ئۇنىڭ سېغىنىشلىرىنى مۇزىكىدەك ئاۋازى ئارقىلىق ئاڭلىيالايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قەدەر ئاشىقلىق چۆلىگە قەدەم باسىدىغانلىقىنى، بارلىق روھىيىتىنى بىر ئايالنىڭ بەدەلسىزلا ئىگىلىۋالغانلىقىنى ھېس قىلمىغانىدى. ئۇ بارا-بار ئۆز تەبىئىيىتىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتقانلىقىنى ئويلىغاندا، ئۆزىدىن نىگاندا نەپرەتلىنىپ قالاتتى. ئۇنىڭ بۇ نەپرىتىنى ھامان قەلبىدىكى سۆيۈنۈش بىسىپ چۈشەتتى.
- سىزنى قاچان كۆرەلەيمەن؟
- بىلمەيمەن.
زۇبەيدەنىڭ جاۋابى مەۋلاننى خۇشال قىلالمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا زۇبەيدەدىن ئۇمىدىنى ئۈزەلمەيتتى. زۇبەيدەنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە نەچچە ھەپتە بولغان بولسىمۇ، مەۋلان ئۇنىڭدىن يۈرىكى سۆيۈنگۈدەك بىر جاۋابقا ئېرىشەلمەيۋاتاتتى. گەرچە زۇبەيدە مەۋلاننى كەچۈرۈۋەتكەن، ئۇنىڭ ماھىرە بىلەن قىلىشقان بەتقىلىق چاقچاقلىرىنى توغرا چۈشەنگەن تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى رەت قىلىۋاتاتتى. مەۋلاننىڭ دىل خەستىلىكى يەنە باشلانغان بولغاچقا، زۇبەيدەنىڭ قاتتىق قوللىقىدىن ئاغرىناتتى ۋە ئامال بار ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش مەقسىتىدە بولاتتى. ئۇ تور ئەدەبىياتىغا مۇراجەت قىلىپ، نەچچە ئون پارچە شېئىر يازغان بولسىمۇ، زۇبەيدەدە يەنىلا زەررىچە ئىنكاس پەيدا بولمايۋاتاتتى. بېيىت شەكلىدە يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا، يەنى ‹رەھمەت› دېگەن سۆز بىلەنلا چەكلىنەتتى.
ئەقىدەمنى دېمىگىن يالغان،
يۈرىكىمدە ئىسمىڭ ئويۇلغان.
مەۋلان بۇ ئۇچۇرنى كۈندە بىر قېتىم زۇبەيدەنىڭ تېلېفونىغا يوللاشنى ئۇنتۇمايتتى. ئۇ بۇ ئارقىلىق زۇبەيدەگە ئۆزىنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قىلغان ئەقىدە-ئىخلاسىنىڭ پاكلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. ئەمما، زۇبەيدە ئۇنىڭ ‹تىلى شېكەر، دىلى زەھەر› بولۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى، ئازابىنىڭ  قايتا تەكرارلىنىشىنى خالىمايتتى. ئۇ ھەر قېتىم مەۋلاننىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا جاۋابەن بېيىت يېزىشنى خىيال قىلاتتى-يۇ، ئۆزىنى ئامال بار تۇتۇۋالاتتى. ئۇ قەلبىدىكى ئاتەش تۇيغۇلارنى يۈرىكىنىڭ يېگەن ئازارلىرى بىلەن بىسىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىي ھېسلىرىنى يوشۇراتتى. ئۇ بۇرۇنلاردا مەۋلان ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا تەييارلانغان ھەم ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن شېرىن ھېسلىرىنى قەدىرلىگەن ئىدى. ئەپسۇس، ماھىرەنىڭ قىزغىن، ئوت بولۇپ كەتكەن يۈرىكى بىلەن مەۋلاننىڭ پەرۋاسىزلىقى ئۇنى قورقۇنچاق ھەم ئېھتىياتچان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ مەۋلاننى باشقىلاردىن كۆپ سۈرۈشتۈرگەن ھەم ئۇلاردىن مەۋلاننىڭ ھېسسىيات ئۈچۈنلا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ بۇ يۈزەكى چۈشەنچىسىگە ئاساسەن مەۋلانغا ھەقىقى باھا بەرمىگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمىگەن ئىدى. ئۇ بارلىقىنى مەۋلانغا ئاتاش ۋە كۆتۇرۇپ تۈگەتكۈسىز بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ، ئۇنى تەسىرلەندۈرۈشنى، روھىيىتىدىكى پۇچەك تۇيغۇلارنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغانىدى. ئەپسۇس، ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭىلىشكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بىر ئاچچىق ساۋاققا ئىگە بولغانلىقىنى بىلگەنىدى.
زۇبەيدە دائېم باشقىلاردىن ئۆزى خالاپ ھەم خالىماي مەۋلان ھەققىدە پاراڭ ئاڭلاپ قالاتتى. ئۇ گەرچە بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ، ئىشەنمەي ئامالسىز قالاتتى. زۇبەيدە دەسلەپتە ئۇلارنىڭ مەۋلان ھەققىدە سۆزلىگىنىنى ئاچچىق بىلەن ئاڭلىغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئازاب بىلەن ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتى. ئايال تورداشلارنىڭ مەخپى مۇنازىرىسى، مەۋلاننى چۈشىنىدىغان ئەرلەرنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق زۇبەيدە ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەل چۈشۈنۈشكە تېرىشاتتى. ئۇ ھەر قاچان، ھەر قانداق ۋاقىتتا مەۋلان ھەققىدىكى ئۇچۇرغا قىزىقاتتى ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى ئۇستىدە ئويلىناتتى، ئۇلارنىڭ يەكۈنىنى ئامال بار يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇناتتى. ئۇ مەۋلاننىڭ ئاشۇنداق ھېسسىيات ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكىدىغان ئادەملىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى. ئۇ مەۋلانغا ئۆز قەلبى ئارقىلىق باھا بېرىشنى، ئۇنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈشنى ئەسلا خالىمايتتى. ئۇ ئەتىراپىدىكى زۇۋاندارلارغا ئىشەنمەيتتى، ھەتتا ئۇلاردىن نەپرەتلىنەتتى. ئۇلار زۇبەيدە بىلەن قىرىشقاندەك، زۇبەيدەنىڭ مەۋلان ئۈچۈن جەڭگە تەييارلانغانلىقىنى بىلىدىغاندەك، سورۇن ۋە ۋاقىت تاللاشماي مەۋلان ھەققىدە سۆزلەشكە ئامراق ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال زاتى، غەيۋەتخور مىجەزلىكلەر بولغاچقا زۇبەيدە پەرۋا قىلمايمۇ دەيتتى-يۇ، مەۋلاننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا قىزىيدىغان قۇلاق بۇنىڭغا يول قويمايتتى.
زۇبەيدە ئۆزىنى تۇتىۋالغان، نىكاھ بىلەن مۇھەببەتكە بەك ئىنچىكە قارايدىغان بولغاچقا، مەسىلىلەرنى ماھىرەدەك ئويلىمايتتى ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزمەيتتى. شۇڭا، ئۇ مەۋلاننىڭ ماھىرەگە بولغان ھېسسىياتىنى قوبۇل قىلالمايتتى. چۈنكى، ماھىرە زۇبەيدەنىڭ نەزىرىدە ئوت ياقسىلا پارتىلايدىغان تەييار بومبا ئىدى. ئۇ ئائىلىسىنى سۆيۈشتىن، كۆڭۈل خۇشلۇقىنى ئەلا بىلىدىغان ئاياللاردىن بولسىمۇ، زۇبەيدەگە ئۇنىڭ بۇ ئاجىزلىقى داۋراڭ قىلغىدەك نۇقسان بىلىنمەيتتى. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا سۆيۈملۈك تەرەپلىرى بار ئىدى. زۇبەيدە ئۇنى تومپاي بولغىنى بىلەن ئاق كۆڭۈل؛ گىپى ئوچۇق، بىزەڭدەك كۆرۈنگىنى بىلەن مۇھەببەتكە سادىق ئايال ھېسابلايتتى. ئۇ ماھىرەنى ياخشى دوست، دوستلۇقنى قەدىرلەشنى بىلىدىغانلاردىن دەپ قارايتتى، ئۆز قىېرىندىشىدىن چارە كۆرەتتى. ماھىرەگىمۇ ئاسان ئەمەس بولۇپ، ئۇ زۇبەيدەدەك كۈلەلمەيتتى ھەم مەيدىسىنى دەس كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيتتى.
ئۇلار بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان، بىرگە ئوقۇغان ھەم تويدىن كېيىن قوشنا ئولتۇرغان دوستلار ئىدى. زۇبەيدەنىڭ بەختى ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتالمايتتى، ئۇ دوستىنىڭ بەختىدىن تەڭ مەھىر ئېلىپ كۈلەلەيتتى. ئۇ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ زۇبەيدەدەك بولالمىغانلىقىدىن زارلانمايتتى، ئۆزىنى كام سۇندۇرمايتتى. بەش بارماق ئوخشاش بولمىغىنىدەك، تەڭرىنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادىتى، تۇرمۇش-شارائىتىمۇ ئوخشىمايتتى. ئۇلار بىر بىرنىڭ بەختىدىن تەڭ كۈلسە، ئازابىنى تەڭ يېڭىدىغان دوستلار دېسە، ئۇلارنى بىلىدىغان ھەم تونۇيدىغان ھەر قانداق ئادەم خاتا دېمەيتتى. زۇبەيدە ئەنە شۇنداق بولغاچقىلا، مەۋلان بىلەن ئۇنىڭ مەيلى چاقچىقى بولسۇن، مەيلى ھېسسىيات ئورتاقلىقى بولسۇن كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن تەلتۆكۈس چىقىرىۋېتەلمەيۋاتاتتى. زۇبەيدە ‹ئادەم بار ئازابنى ئەڭ يېقىنىدىن كۆرىدۇ› دېگەنگە ئىشەنمەيتتى. ئەمما، ئۇ بۇ ياشقا كەلگەندە كۈلگەن كۆڭلىنىڭ ئۆز يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئازابقا مۇپتىلا قىلىنغىنىغا، ئۆزى ئەقىدە قىلىپ قۇرۇپ چىقىۋاتقان ئوردىسىنىڭ بەربات بولغىنىغا ئىشەنمەي تۇرالمايتتى.
ساداقەتسىز سۆيگۈ ئۈچۈن تەلمۈرۈپ،
ئەقىدەمنى قىلدىم ئەجەب كۈل، خازان.
ئېيتقىن ئەركەم كۆز يېشىمدا يۇيۇنساڭ،
يۈرەكلىرىڭ كۈلسۇن قانداق خىرامان!
زۇبەيدە ئۆزىنىڭ ھېسلىرىنى شېئىر قىلىپ پۈتەتتى. ئۇلارنى تور ئەدەبىياتىغا يوللىماستىن، خاتىرىسىدە يوشۇرۇن ساقلايتتى. ئۇ تورداشلاردىن زېرىككەن، مەۋلان تەۋسىيە قىلغان مۇنبەر ئۇنىڭ ئازابىغا ئازاب قوشقان ئىدى. ئۇ ئازار يېگەن قەلبىنى شېئىرىي مىسرالارغا ئاتىۋەتكەندەك، سۈكۈت ئىچىدە ھەممىدىن مۇستەسنا ياشاشنى تاللىۋالغاندەك قىلاتتى. مەۋلاننىڭ توختىماي كىلىۋاتقان بېيىتلىرى ئۇنى كۈلدۈرەلمەيتتى، قەلبىنى ئىللىتىپ يېڭى بىر باھارغا باشلىيالمايتتى. ئۇ مەۋلاندىن ھەم ماھىرەدىن نەپرەتلەنمىسىمۇ، يەنىلا ئۆز يۈرىكىنى ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتەلمىگەنىدى. ئۇ كۆڭلىدە بۇ ئىككىيلەنگە خۇشاللىق ۋە بەخت تىلەشنى ئويلايتتى-يۇ، يەنە بۇ نىيىتىدىن يىنىۋالاتتى. ئۇنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، يەنە قانداق بىر كۈتۈشنىڭ كۈچىدە يۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايتتى.
زۇبەيدە مەۋلاندىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنى ئويلىمىغان بولسىمۇ، ئۇنى ئازابلاش بەدىلىگە نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تېخى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدى. ئۇ پەقەت كۈتۈشنىلا بىلەتتى، ئۆزىنىڭ قاچانلاردا مەۋلان ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ماھىرە ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى كۈتكەندەك، ئۇمۇ شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئۆزى يول قويمىغان ئاساستا بىھۇدە ساقلاۋاتاتتى.
- ماڭا يەنە بىر پۇرسەت بەرگەن بولسىڭىز، مەن ئۆزۈمنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولاتتىم.
مەۋلاننىڭ قىسقا ئۇچۇرى زۇبەيدەنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ مەۋلانغا پەرۋاسىز بولۇۋالغىنى بىلەن ماھىرەنى يەنىلا دوست قاتارىدا كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ ئەمەلىيەتتە ماھىرەنىڭ مەۋلاننى ئازدۇرغانلىقىنى، ئاشۇ سۆھبەتكە باشلاپ كىرگىنىنى بىلمەيتتى. مەيلى نېمىلا بولسۇن، زۇبەيدە مەۋلاننىڭ ماھىرەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمىغانلىقىدىن رەنجىگەن ھەم ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ئىدى. ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن مەۋلاننى نەچچە قېتىم كەچۈرۈۋېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، يەنە نېمىشقىكىن بۇ نىيىتىدىن يالتىيىپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئەسلىدە مەۋلانغا قايتا پۇرسەت بەرگۈسى يوق ئەمەس، ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ قايتا ئازابلىنىشى بولىۋاتاتتى.
مەۋلان زۇبەيدە چۈشەندۈرۈشنى توختاتمىغانىدى. ئۇ تېلېفوندا سۆزلەيتتى، ئۇچۇر قىلىپ يازاتتى، توردا ئېلان قىلاتتى. ئەمما ھېچ ئۈنۈمى بولمايۋاتاتتى. زۇبەيدەنى تەسىرلەندۈرۈش خىيالى بىر قۇرۇق چۈش بولۇپ ئاخىرلىشاتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ماھىرەنىڭ يەنە ئارىلاپ تېلېفون قىلىدىغان بولۇپ قالغىنى ئۇنىڭغا يەنە بىر يېڭى غەم قوشۇپ بەرگەنىدى. مەۋلان ماھىرەنىڭ تېلېفونىنى ئالماسلىققا ۋەدە قىلاتتى-يۇ، يەنە ئالماي كۆڭلى ئۇنىمايتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ زۇبەيدە ھەققىدە بىرەر يېڭى ئۇچۇر بېرىپ قىلىشىدىن ئۈمىدلىنەتتى، تېلېفوننى قوبۇل قىلماي، ئۆز قەرەلىدە خەۋەردار بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى. ئەمما، ماھىرە يەنىلا ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ، مەۋلاننىڭ قەلبىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلماقتا ئىدى.
- زۇبەيدە بىلەن ئالاقىلىشىۋاتامسىز، ئىشلار ئىزىغا كەلگەندۇ؟
- نەدىكىنى، ئۇ تېخىچە مېنىڭدىن قىيداپ يۈرۈيدۇ. ئۆزلىرى ئارىغا چۈشمىسىلە بولمىغىدەك!
- ماڭا چاندۇرماي يۈرگىنى بىلەن، كۆڭلىدىكى ئۆچمەنلىكى كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن قورقىمەن.
- ئۇنىڭ يۈرىكىمنى چۈشەنمىگىنى مېنى بەك ئازابلاپ كېتىۋاتىدۇ.
- بىر ئايال ئۈچۈن ئۇنچە ئازابلىنىپ ئىشمۇ؟ كۆڭلۈڭلارنى توق تۇتۇڭلار، مانا بىز بار دەيمەن.
- ھەممىسى سىز تېرىغان بالا، يەنە دەۋاتقان گېپىنى؟
- راست دەۋاتىمەن. مەن چوقۇم ئۇنى ئۇنتۇلدۇرالايمەن.
- . . . . . .
- ئۆزىڭىزنى بىھۇدە ئازابلىماڭ، سىز ئائىلىسى بار ئادەم! ماڭا قەلبىڭىزدىن ئۇنىڭدەك ئورۇن بەرمىسىڭىزمۇ، ئازراق نەزىرىڭىزگە ئىلسىڭىزلا بولدى. ماڭا ئىشىنىڭكى، مەن ئۇ سىزگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى چوقۇم بېرەلەيمەن، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق بېرىشىممۇ مۇمكىن.
مەۋلان ماھىرەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ تېخىچە نىيىتىدىن يانمىغىنى، ئۆز قەلبى ئۈچۈن ھەممىگە تەييارلىقىنى بىلگەنىدى. ئەمما، ئۇ ماھىرەنىڭ بۇ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلالمايتتى. ئۇنىڭ سۆيىدىغىنى ئۆزىگە بارلىقىنى بېغىشلايدىغان قايسى بىر ئايال ئەمەس، بەلكى ئۆزى سۆيگەن زۇبەيدە ئىدى.
- زۇبەيدەنى ئۇنتالمىغۇدەك، ئۇنىڭدىن قىيالمىغۇدەك قانچىلىك ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدىڭلار؟ ئۇ بۇنچە ئىشىۋالماي، سىلىنىڭ قەدرىڭلارنى قىلسا بولاتتى. «ئادەم بىلگەننى خۇدا بىل» دېگەن گەپ بارغۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك قىلىش كېتەمدۇ؟
- لېكىن، مەن ئۇنى سۆيەتتىم.
- سىلىنىڭ سۆيگىنىڭلارنى ئۇ بىلدىمۇ؟ ياق، ئۇ سۆيگەنلەرنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان بولسا، سىلىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلمىغان بولاتتى. ئادەم مۇھەببەت دېگەننى سۆيۈشنى بىلىدىغان ھەم قەدرىگە يېتىدىغان ئادەمگە بېرىشى كېرەك. مەن سىلىنى ئۇنىڭدىن تالاشماقچى ياكى تارتىۋالماقچى ئەمەسمەن. مەن پەقەت سىلىنىڭ ماڭا ئازغىنا كۆڭۈل ئاتا قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. مايلى ئۇنىڭ بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە ئالاقە قىلىڭ، مەن سىلىدىن رەنجىمەيمەن ھەم كۆڭلۈمگە ئالمايمەن. مەن سىزگە ئىشىنىمەن، سىز ئەقىللىق ئادەم. ئىككىمىزنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايسىز.
مەۋلان ماھىرەنىڭ سۆزلىرىدىن قايمۇقۇپ قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مەقسىدىنى ھەم چۈشەنگەندەك ھەم چۈشەنمىگەندەك نېمە دېيىشىنى بىلمەيتتى. ماھىرە مەۋلاندىن كۈتۈۋاتقان مۇھەببەت ئۇنى تەڭ قىسلىقتا قويغانىدى. مەۋلان ئۇنى قوبۇل قىلسا، زۇبەيدەگە يەنە بىر قېتىم، يەنە كېلىپ ھەقىقىي تۇردە يۈز كېلەلمەيتتى. قوبۇل قىلمىسا يەنە بىر ئايالنى ئازابلاپ قوياتتى ۋە ئۇنىڭ ئۇۋالىنى تارتىپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قەلبىدىمۇ بىر داۋالغۇش پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ماھىرەنىڭ سۆزلىرى ۋە ھېسسىياتى ئۇنى قىزىقتۇرۇپ قويۇۋاتاتتى.
- مەن قانداقمۇ ئىككىڭلار بىلەن...
مەۋلان سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئۇنىڭ قەلبى تۇيۇقسىز ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىۋاتقاندەك يۈزلىرى قىزىرىپ، يۈرىكى ئاچچىق بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئەمما، ماھىرە ئۇنىڭ دىلىغۇل بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ بولغانىدى. مەۋلان سۆزىنى توختىتىۋالمىغان بولسا، ماھىرەگە نېمىلەرنى دەۋېتىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ پەرەز قىلالمايتتى. ئەمما، ماھىرەنىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇسى، ئۇنىڭ قارارىنى بىلىپ باققۇسى بار ئىدى.
- سىزنىڭ بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقىنىڭىزنى توغرا چۈشىنىمەن. مەن سىزنى ھازىرلا زۇبەيدەدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ سۆيگۈمنى قوبۇل قىلىڭ دېمەكچىمۇ ئەمەسمەن. ماڭا سىزنىڭ ئوتلۇق ھېسلىرىڭىزنىڭ شامىلى ئاز-تولا ئۇرۇلۇپ ئۆتسىلا بولدى. مەن سىزنى زۇبەيدەدىن ھەرگىزمۇ قىزغانمايمەن.
مەۋلان راستىنلا بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە زۇبەيدە تەرىپىدىن تىكلەنگەن سۆيگۈ قورغانى ھۇلى بوشاپ قالغاندەك تەۋرىنىۋاتاتتى. ئۇ زۇبەيدەنى ئويلىسىلا، ماھىرەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن نومۇس ھېس قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ شەخسىيەتچى ھەم شۆھرەتپەرەسلىكىدىن نەپرەتلىنەتتى. ئەمما، زۇبەيدەنىڭ تەتۈرلۈكى ۋە زىغىرلىقى ئۇنى ماھىرەگە بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرۇپ قويۇۋاتاتتى.

                       

                         *                              *                             *                                 *

ماھىرەنىڭ راستچىللىقى مەۋلاننى قايىل قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغانىدى. مەۋلان تاسادپىي بىر پۇرسەتتە زۇبەيدە بار شەھەرگە خىزمەتكە چۈشكەن ۋە بارلىق ئۇمىدىنى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا باغلىغان. ئەمما، زۇبەيدە ئۇنىڭغا قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەنىدى. مەۋلان ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئالايىتەن يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئاخىرقى قېتىم چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بېرىشنى ئۆتۈنگەنىدى. ئۇ بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋال زۇبەيدەنىڭ ئۆزىنى رەت قىلمايدىغانلىقىغا بەك ئىشىنىپ كەتكەنلىكىگە پۇشايمان قىلاتتى ۋە ئىشىنەلمەيتتى. ئۇ مەيلى ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن زۇبەيدەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈسى يوقتەك، ئۇنىڭ ئۇچۇرىغا ئۇچۇر قايتۇرمىغانلىقى قىل سىغمايدىغان رېئاللىققا ئايلانغانىدى.
«مېنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭا؟»
ماھىرەدىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇردىن مەۋلاننىڭ يۈرىكى بىر ئاز ئارامىغا چۈشكەنىدى. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن مۇڭداشقۇدەك، دىل ئازابىنى تۆكۈۋالغىدەك بىرەرىنىڭ بولغىنىدىن خۇشال بولغانىدى. ئۇ ماھىرەنىڭ ئۆزىدىن تاسادىپى بۇ سۇئالنى سوراپ قالغىنىدىن ھەيران بولىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پەرىزى بويىچە جاۋاب قايتۇرۇشنى توغرا تاپقانىدى.
«تور ئويناۋاتقانسىز، تايىنلىق!»
« مەن شۇ تاپتا يۈيىنىۋاتىمەن، تۇيۇقسىز سىزنى خىيال قىلىپ قالدىم.»
«مۇنچىدىكى خىيال شېرىن بولامدىكەن؟»
« ئۇنى بىر دېمەڭا! سىز يېنىمدا بولغان بولسىڭىز تېخىمۇ شېرىن بولار ئىدى، ئەپسۇس!»
«بەك رومانتىك بولۇپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟ مېنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە دەپ خىيال قىلىپ يۇيىنىۋېرىڭ!»
«خىيال ھەر قانچە شېرىن بولسىمۇ، رېئاللىقتىكى شېرىنلىككە يەتمەيدىكەن.»
«ئۇنداق ۋاقىتمۇ كېلىپ قالار، بەلكىم!»
«ماڭا بۇنداق پۇرسەت قاچانمۇ كېلەر، بەلكىم بىر ئۆمۇر كۈتۈش بىلەن ئۆتىدىغان ئوخشايمەن.»
مەۋلان ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ماھىرەنى يەنە ئالدىغۇسى ۋە ئۇنىڭ ئوتتەك ھېسسىياتى بىلەن ئويناشقۇسى يوق ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ھەرقانچە تۇتۇۋېلىشقا تېرىشسىمۇ، ماھىرەنىڭ شەيتانلىقى ئۇنى يەنە بۇ خىلدىكى شېرىن سۆھبەتكە باشلاپ كىرىپ كېتەتتى.
«مېنىڭمۇ شۇنداق ئويغا كېلىدىغان چاغلىرىم بولۇپ قالار، ھە؟»
«قاچان بىر قارار چىقىرىدىغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم. ئەمما، مېنى بەك تەقەززا قىلدىڭىز!؟
«شۇنداقمۇ، ئۆزۈمگە تازا ئىشەنچىم يوق.»
«ئاختا بولمىسىڭىزلا، مەن سىزنى يەرگە قاراتمايمەن. ھى ھى ھى»
مەۋلان ماھىرەنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى ياكى قەستەن چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەنىدى. مەۋلان كۆڭلىدە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقانىدى. بىراق، ماھىرە بۇ سۆزنى باشقا بىر تەرەپتىن ئويلاپ، مەۋلانغا سۆز ئېتىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى قورسىقىدا جىن بارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى چىن يۈرىكىدىن دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايتتى. مەۋلان ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش بىلەن رەت قىلىش ئارىسىدىكى قىيىن تاللاشنى قاچان بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ زۇبەيدەگە بولغان ھېسسىياتى ئۇنى رەت قىلسا، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىچ پۇشقى ۋە زۇبەيدەنىڭ نامەردلىكى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا كۈشكۈرۈتىۋاتاتتى.
«مەن ئاختا ئەمەس، يېنىمدا بولغان بولسىڭىز ئەرلىكىمنى بىلىپ قالاتتىڭىز!»
«راستىنى دېسەم، مېنىڭ شۇنداق بىلگۈم بار»
مەۋلان يەنە ئۆزىنى بېسىۋالغانىدى. ناۋادا، ئۇ ماھىرەنى ‹ئۇنداقتا كەل› دېگۈدەكلا بولسا، ھەممە ئىش تۈگەيتتى. مەۋلاننىڭ زۇبەيدە بولغان ھېسسىياتى ئاسىيلىققا ئايلىناتتى، ماھىرەنىڭ ئېچىرقىغان ۋە كۆيگەن يۈرىكىمۇ ئارام تاپاتتى.
«ئەجەبا، بۇ مۇمكىنمۇ؟»
«ئەلۋەتتە، مۇمكىن! سىز خالىسىڭىزلا مەن يېنىڭىزغا ئۇچۇپ بارغان بولاتتىم.»
مەۋلاننىڭ يۈرىكى ھالقىلىق تاللاشقا توغرا كەلگەنىدى. ئۇ ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزنى ئاسانلا ئېغىزىدىن چىقىرالايتتى. ئەمما، ماھىرەگە ئاخىرىغىچە مەسئۇل بولۇشنى ئويلىسىلا قەلبى ئازابلىناتتى. ئۇ ماھىرەنى ياخشى كۆرمەيلا قالماي، ئۇنىڭغا بولغان قارىشىمۇ دوستلۇقتىن خالى ئىدى. ئۇ پەقەت ماھىرە بىلەن مۇشۇنداق چاقچاقلىشىشقا، ئۇنىڭ پاراڭلىرى ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىدىكى غەشلىككە ئارام تېپىشقا ئامراق ئىدى.
«مەن كېيىنگە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. شۇڭا، سىزنى يېنىمغا كېلىڭ دەيدىغان ھەققىم يوق.»
«مەن ھېچقاچان كېيىنىنى ئويلىغان ۋە ئۈمۈد قىلغان ئەمەسمەن. مەن پەقەت سىزنىڭ ھېدىڭىزنى بىر رەت بولسىمۇ ھېدلىساملا ئالەمچە خۇشال بولغان ۋە سىزدىن رازى بولغان بولاتتىم.»
«مەن نېمىشقا سىزدەك ئويلىيالمايدىغاندىمەن؟»
«مەن سىزنىڭ مېنىڭدەك ئويلىشىڭىزنى خالىمايمەن. ئەمما، بىر قېتىم ھېچنېمىنى ئويلىماي، مېنىڭدەك خىيال قىلىشىڭىزنى تىلەيمەن.»
مەۋلان يەنىلا قارار چىقىرالمايۋاتاتتى. قەلبىدە زۇبەيدەگە بولغان مۇھەببەت بىلەن ئەرلىكىنىڭ ياۋايى ھەۋسى ئېلىشىۋاتاتتى. ئۇ تېلېفونىنى ئېتىۋېتىپ، قەلبىدە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان شەھۋەتلەرنى ھەيدەپ چىقارماقچىمۇ بولدى. لېكىن، زۇبەيدەگە بولغان ئىككى خىل ھېسسىيات بۇنىڭغا يول قويمايۋاتاتتى. ئۇ زۇبەيدەدىن ئۇچۇر كۈتەتتى، ئۇنىڭ يەنە ئۆزىنى كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلاتتى. مەۋلان زۇبەيدەگە ئۇچۇر قىلىشنى تېخى توختاتمىغان بولغاچقا، تېلېفونىنى ئالدىراپ ئېتىۋېتەلمىدى. ھەر بىر لىپاپ بەلگىسى ئۇنىڭ كۆزىگە زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرىدەك، لىپاپ بەلگىسىنىڭ لىپىلدىشى زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقىنىدەك كۆرۈنۇپ كېتەتتى. لېكىن، ئۇ بۇ لىپاپ ئىچىدىن ماھىرەنىڭ شېرىن سۆزلىرىنى كۆرەتتى.
«سىز يەنە 211-ئۆيگە چۈشتىڭىزمۇ؟»
مەۋلان بۇ ئۇچۇرنىڭ زۇبەيدەنىڭ بولۇپ قىلىشىنى قانچىلىك ئۈمۈد قىلغان ئىدى، ھە! ئەپسۇس، بۇ زۇبەيدەنىڭ ئۇچۇرى ئەمەس، ماھىرەنىڭ سوئالى ئىدى. مەۋلان بۇ ئۆيدىن زۇبەيدەنىڭ ھېدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق ئەسلىمىلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن بۇ ئۆيگە ئەتەي چۈشكەنىدى. ئۇ زۇبەيدە بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ بۇ ئۆيدىن باشلانغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى ھەم زۇبەيدەنىڭ لەۋلىرىدىن ئالغان شېرىن تۇيغۇلار ھازىرقىدەك ئىسىدە تۇراتتى. مەۋلان مۇھەببەت باشلانغان يەردىن يەنە ئىللىقلىق ھېس قىلىشنى، زۇبەيدەنە يەنە بۇ يەردە قايتا سۆيۈشنى ئويلىغانىدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ بارلىق شېرىن ئارمانلىرىنى زۇبەيدە كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا قوبۇل قىلغۇسىز ئازاب ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.
مەۋلان ياتاق نومۇرىنى قايتا كۆرۇش بىلەن يەنە زۇبەيدەنى ئەسلەپ قالغانىدى. زۇبەيدەنىڭ قايناق ھېسسىياتى ئۇنى ئۆزىگە باغلىغان چاغلاردا، ئۇ زۇبەيدەدىن سۆيۈنگەن ھەم ئۇنى ئۆزىگە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان پەرىشتە دەپ قارىغانىدى. ئۇلارنىڭ شېرىن چاغلىرى بولغان، بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ھەم قىيالمايدىغان كۈنلەرمۇ ئۆتكەن. بىراق، ئاشۇ چاقچاق ئۇچۇر ھەممىنى بىر كۈندىلا بەربات قىلغانىدى. ھازىر مەۋلاننىڭ قەلبىدە شېرىن ئەسلىمە بىلەن تەشنالىقتا سېغىنىشلا قالغانىدى. زۇبەيدە ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقى ھېسسىياتنى چۈشەنمەيۋاتاتتى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مۇھەببەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بويىنچە ئۆز ئالدىغا قارار چىقارغانىدى. توغرا، زۇبەيدەنىڭ ئۆز تەقدىرى ۋە مۇھەببىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ھوقۇقى بار. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ قارارى مەۋلاننى ئازابلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ قارار يالغۇز مەۋلاننى ئازابلاش بولۇپ قالماستىن، زۇبەيدەنىڭ ئۆزىنىمۇ جازالاشتىن دېرەك بېرەتتى.
مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئۆزىنى جازالاش بەدىلىگە چىقارغان بۇ قارارىنى قوبۇل قىلالمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ قارارنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمەيۋاتاتتى. ئۇ جاھىللىق بىلەن ئېلىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئۆزىنىڭ ئۇتتۇرۇپ باقمىغىنىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. ئۇ مەيلى نېمىلا قىلمىسۇن، زۇبەيدەنى قايتا قۇچىقىغا ئېلىشنىلا ئويلايتتى. بىراق، خىيال ۋە ئويلاشنىڭ ئۆزى ئەڭ ئاقىل تەدبىر بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى بىكار كېتەتتى. تېلېفونىدىكى يوللانغان ئۇچۇرلار جاۋابسىز قالغانلىقتىن خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بىچارە ھەم غېرىب ئىدى.
«سىز چوقۇم شۇ ئۆيدە؟ سىز ئۇ يەردىن زۇبەيدەنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزدەيسىز، ئۇنى كۈتىسىز. ئەگەر خالىسىڭىز، مەن سىزگە ھەمراھ بولۇپ بىرگە كۈتۈشۈپ بېرەي!»
مەۋلان ئۈچۈن ماھىرەنىڭ سوئالى ھەقىقەتەن بىر تەس سوئال بولغانىدى. ئۇ ئۆزىگە شۇ تاپتا بىر ئادەمنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى شۇنداق خالايتتى. لېكىن، بۇ ئادەم ماھىرە بولسا بولمايتتى. ئۇ زۇبەيدەگە بولغان ھېسسىياتىنى پاك پىتى ساقلاپ قالمىسا، بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ ئەسلىمىسىگە باشقا ھېسسىياتنىڭ ئارىلىشىپ قىلىشىغا ھەرگىز يول قويالمايتتى.
«شۇنداق، مەن يەنە شۇ ئۆيگە چۈشتۈم. توغرا دەيسىز، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى بار.»
«مەن بارسام بولامدۇ؟ مەن قەلبىڭىزدىكى ئەسلىمىلەرگە يېڭى ئەسلىمە قوشالايمەن.»
«مەن بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.»
مەۋلان ئۆزىنىڭ بۇ مۇجىمەل جاۋابىدىن ماھىرەنىڭ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يەتمىگەنىدى. دەل شۇ كۈنى مەۋلاننىڭ زۇبەيدە بىلەن بۇ ئۆيدە سۆيۈشكىنىگە 111 كۈن توشقان، مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئۆزىگە قايتا سۆيۈش ئاتا قىلىشىنى كۈتكەن كۈن ئىدى. بۇ كۈندە مەۋلان ماھىرەنىڭ يالغان ئېيتمىغىنىنى، قەلبىدە يېڭى بىر ئەسلىمە قالدۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.



                         *                              *                             *                                 *

مەۋلان زۇبەيدەگە خۇش دېگىنى بىلەن قەلبىدە ئۇنىڭ سايىسى بار ئىدى. ئۇ ماھىرەدىن ئالغان تۇيغۇلىرىنى زۇبەيدە ئاتا قىلغان تۇيغۇلار بىلەن سېلىشتۇرالمايتتى. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن ماھىرەنىڭ ھېسسىياتتىكى قايناق ھاياجىنىنى يوققا چىقىرالمايتتى. مەۋلان ھەر قېتىم ئۇلار بىرگە ياشاۋاتقان شەھەرگە بارغىنىدا، ئامال بار 211- ئۆيگە چۈشەتتى ۋە بۇ يەردە ئوخشىمىغان تۇيغۇدا ئىككى ئايالنى كۈتەتتى. ئۇ ئۆز ھېسسىياتىنى چۈشىنىدىغانلاردىن بولغاچقا، ئۆز-ئۆزىنى ئالداش بەدىلىگە بىر خىل خۇشاللىققا ئېرىشەتتى. ئىشىك چېكىلگەندە ئۇنىڭ يۈرىكى ھەم سۆيۈنەتتى ھەم ئازابلىناتتى. ئۇ ئىشىكتىن زۇبەيدەنىڭ كىرىشىنى شۇنداق خالايتتى-يۇ، ماھىرەنى قۇچىقىغا ئالاتتى. بۇ ئۆيدە مەۋلانغا ئىككى خىل ئەسلىمە ئاتا بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسلىمىلەرنى قەلبىگە مۆھۈر باسقاندەك كۆمۈۋەتكەنىدى.
- زۇبەيدەنىڭ سىزنى تېخىچە ئۇنتالمىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
- ئىشىنىمەن. چۈنكى، مەنمۇ ئۇنى تېخى ئۇنتالمىدىم.
- مەن سىلەرگە ھەيرانمەن. بىر بىرىڭلارنى يۈرىكىڭلاردا ياد ئېتىسىلەر-يۇ، يەنە نېمىشقا ۋىسال كۆرۇش پۇرسىتىنى خالىمايسىلەر؟
- بۇ يالغۇز مېنىڭ رايىم بويىنچە بولىدىغان ئىش ئەمەس، بۇ خىل ياشاش ئۇنىڭ تاللىشى.
- مېنىڭ سەۋەبىمدىنمۇ ياكى؟
- بۇنىڭدا ھەر ئىككىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق. ئۇ بەلكىم خىيالىدىكى دۇنيادا ياشاشنى تاللىغان بولىشى مۇمكىن!
- خىيالى دۇنيادىكى مۇھەببەتمۇ شېرىن بولىدۇ. ئەمما، بۇ تۇرمۇش رېئاللىقنىڭ شېرىنلىكىگە يەتمەيدۇ.
مەۋلان ماھىرەنىڭ بۇ قارىشىنى قوللاش ياكى قوللىماسلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم ماھىرە بىلەن ھېسسىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ھۇزۇرلانغاندا، ئىختىيارىسىز زۇبەيدەنى ئەسلەپ قالاتتى. ئۇنىڭ بۇ روھىيىتى ماھىرەگە قىلىنغان ھاقارەت بولسىمۇ، ئەمما ماھىرە ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدىكى زۇبەيدە قالدۇرغان ئىزنالارنى كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيتتى.
- ئۇنىڭ يېنىڭىزغا  يەنە قايتىپ كېلىشىنى خالامسىز؟
- . . .
- مەن سىزنىڭ ئۇنى تاللىشىڭىزنى خاتا دەپ قارىمايمەن ھەم سىزدىن رەنجىمەيمەن. مەن پەقەت سىزنىڭ مېنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى، مېنى بىر يولىلا ئاتەش باغرىڭىزدىن ھەيدەپ چىقارماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ماھىرە مەۋلاننىڭ ئازاب بىلەن ئۆزىگە تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دەۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنەتتى، ماھىرەنىڭ زۇبەيدە تۈپەيلى مەۋلاندىن ئايرىلىپ قالغۇسى، قەلبىگە ئوت ياققان شاھزادىسىدىن مەھرۇم بولغۇسى يوق ئىدى. بىراق، مەۋلاننىڭ يۈرىكى تىنىمسىز زۇبەيدەنىڭ ئىسمىنى ئۈنسىز نىدا قىلاتتى، ئۇنى سېغىناتتى. ناۋادا، زۇبەيدە مەۋلاننىڭ ھەر كۈنى يوللاشنى ئادەت قىلىۋالغان قىسقا ئۇچۇرىغا جاۋاب يازىدىغانلا بولسا، مەۋلان قەلبىدىكى بارلىق تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بولاتتى.
ماھىرە مەيلى قانچىلىك ئۆزىنى ئاتىغىنى بىلەن مەۋلان يەنىلا زۇبەيدەنى ئۇنتىيالمايتتى. چۈنكى، زۇبەيدە بىر ئوت دېڭىزىغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭدىن تارىغان ئوت ئۇچقۇنى مەۋلاننىڭ قەلبىگە كۆچكەندىن باشلاپ، مەۋلان ئۆزىنىڭ بىر ئوت دېڭىزى ئىچىگە غەرق بولغىنىنى ھېس قىلغانىدى. ئۇ بۇ ئوت ئىچىدە كۆيدى، ئوتنى باشقىلارغا كۆچۈردى. لېكىن، كۆچۈرۈلگەن ئوت ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئىللىتالمايلا قالماي، شەھۋەتنىڭ بىر ئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتاتتى. مەۋلان زۇبەيدەنى ھەرگىزمۇ شەھۋەت ئۈچۈن سۆيمىگەن ھەم قوغلاشمىغان. ئۇنىڭ بىلەن مەۋلاننىڭ يۈرىكى كۈلەتتى، دىلى سۆيۈنەتتى. ئەمما، ماھىرە بىلەن ئۇ يۈرىكىنىڭ ھەقىقى كۈلگىنىنى، قەلبىنىڭ مۇھەببەت تۇيغۇسىدا بىرەر قېتىم ھاياجانغا تولغىنىنى ھېس قىلالمىغان ئىدى. ئۇ ماھىرەگە پەقەت ئۇ تەلەپ قىلغان ۋە ئىنتىلگەن بىر ئەسەبىي شەھۋەت بىلەن يالغانچىلىققا كۆمۈلگەن ساختا تۇيغۇ بەرگەن ئىدى.
ئوت دېڭىزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆپ ئادەم بىلمىسە كېرەك. بەلكى، ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا مەسخىرىلىك كۈلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما، مەۋلان ئۇلاردەك كۈلمەيتتى، ئۇ ئادەم روھىيىتىدە بىر ياۋا ئوت دېڭىزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنەتتى. ھەقىقى بىر ئايالنىڭ قەلبى ئاشۇ ياۋا ئوت دېڭىزى بولۇپ قالماي، ئاشىقلارنى مەڭگۈ كۆيدۈرۈشنى خالايدىغان ۋە جازالايدىغان دوزاخقا ئوخشايتتى.


                                            2011- يىلى 12-ئاي، شەھىرى ئاتۇش.



      

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىرانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-30 19:46  


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1065
تۆھپە : 1
توردا: 89
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-21

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 21:31:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹تاش شەھەر› نى ياقتۇرۇپ ئوقۇغانىدىم. شۇ توپلامنىڭ ئاپتورىنى بۇ يەردە كۆرۈپ خۇش بولدۇم.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  176
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 58
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 22:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتىللانىڭ قەدىمىگە مەرھابا .پوۋست ياخشى چىقىپتۇ .تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1199
تۆھپە : 6
توردا: 245
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:22:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتقان جاپايىڭىزغا يارىشا پوۋېستىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ.

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  337
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 1
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 13:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوۋسىتىڭىزنى قايتا قايتا ئوقۇپ چىقتىم ،

قارا ھىجراننىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇغانمەن .ئەسەر باشتىن ئاخىر  ئسىل چىقىپتۇ .......

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 646
تۆھپە : 10
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 17:31:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندىن يىزۋاتقان ھېكايە ھەم پوۋېستلىرىڭىزنىڭ بەدىئىيۋىلىكى  ھەقىيقەتەن ئادەمنى سۈيۈندۈردۇ.بۇ پۇۋېستىكى پېرسۇناژلار ھەركىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئايرىم توختالغۇدەك ئىسىل چىقىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 17:32  


توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.
كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 18:35:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1804
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5046
تۆھپە : 16
توردا: 373
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:36:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەنلىك بىر سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئوقۇپ چىقتىم يېزىلىش ئۇسۇلۇپ ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ياخشى چىققان پوۋست ئىكەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  164
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 141
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 17:29:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىمنىڭ بۇ ئەسىرىمنى ئوقۇغۇنىغا تەشەككۇر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 800
تۆھپە : 0
توردا: 128
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 23:48:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندىن يىزۋاتقان ھېكايە ھەم پوۋېستلىرىڭىزنىڭ بەدىئىيۋىلىكى  ھەقىيقەتەن ئادەمنى سۈيۈندۈردۇ.

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۇلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ

                                  _ ل،مۇتەللىپ

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2685
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 22:34:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە ئاپرىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1846
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 997
تۆھپە : 0
توردا: 165
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 10:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  پوۋسىتىڭىزنى  ئىشتىياق  بىلەن  ئۇقۇپ  چىقتىم ...مېنى بەكلا  قىزىقتۇردى ..بۇنىڭدا ئادەملەرنىڭ  قاندق  ياشاش كېرەكلىگىنى  ھىس  قىلغاندەك  بولدۇم ..شۇنداقلا  بۇ تور  دۇنياسىنىڭ  كىشىگە  سۆيگۈ  ئاتا  قىلايدىغانلىقىنىمۇ  چۈشەنگەندەك  بولدۇم  باشقا  پوۋستلىرىڭىزنى  تېخى ئۇقۇپ  بولالمىغان  بولسامممۇ چۇقۇم  ياخشى  يېزىلغانلىقىنى ھىس  قىلدىم

سەمىمىلىك  مېنىڭ قىبىلنامەم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1559
تۆھپە : 0
توردا: 237
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-15

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 11:20:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پوۋىستنى قىزىقىش ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم . ياخشى يېزىلىپتۇ ، قەلىمىڭىز ھارمىغاي !!!!!!!

مۇھەممەت توختى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1284
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 117
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 15:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىز بىر- بىرىدىن تېتىملىق چىقىۋاتىدۇ، كۆز تەگمىسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3105
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 110
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 11:55:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش