مەختۇمسىلا
سەھەر كۆيۈپ كەتكەن يوللارنىڭ تاش ئەينكىدىكى ئېزىتقىلىق ساھىبجامال
ئەدىگەنلىك ئەتىرلىرى ھالرەڭ، سۇس، تۇمانلىق، سۈيقەسىت ئەتىرلىرى
بىلەن ئالدىنئالا پىروبىركىغا سېلىپ قۇيۇلغان ئەي شىلىمشىق سىر
ئەي تۆمۈر ئەتىرگۈل، ئەي غېرىپلىقنى ياش پېچلىرىدا تاۋلىغۇچى
ئەي سەن شائىر، سازاڭلاردىن كۈزنى تارتىۋالغۇچى
ئەي سەن نادان شائىر-ئۆز يۈرىكىنى ئوۋلىغۇچى
ئەي ئورتاق قورقىلىق، ئەي سەن ساراسىمە جانان
پويىز ئەينىكدىكى تۆكۈلدۈڭ قۇرغاق تاغلارغا
يېزىلدىڭ دېڭىز، ماي تىترەۋاتقان ئوتقۇ
چۇقۇمكى سەن باشقىلار بىلەن توي قىلىسەن
ئەي ئورتاق قورقىلىق، ئەي سەن ساراسىمە جانان
مەن تۇغۇلۇغشتىن بۇرۇنلار، مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلار
ئۈنۈپ چىققان ئىكەن كۆكرىكىمدىن ئىككى يول...