قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل
مەستانە قىزنىڭ پاجىئەسى
( ھېكايە )
زىننەتنىڭ ئىچى تىت –تىت بولۇپ تۇراتتى يانفۇنى سايرىدى .
ــ زىننەت مەن ئەتە يىتىپ بارىمەن ،ــ دېدى يىگىت.
ــ بەك ياخشى بولدى ....،ــ جاۋاب قايتۇردى قىز ، يىگىتنىڭ ئاتىۋالغان ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ ،ــ يۇلىڭىزغا قارايمەن ...
دەرس قوڭغۇرىقىنىڭ جىرىڭشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئۈزۈلدى . نەچچە سائەت ۋاقىت قىز ئۈچۈن نەچچە ئايدەك ئۇزۇن بىلىنگەنىدى .ئۇ دەرستىن چۈشۈپلا سىنىپ مەھسۇلىنى ئىزدەپ باردى ،مىجەزنىڭ يوقلىقىنى يۇرۇتۇپ كەچلىك مۇزەكىرىگە قۇشۇپ ئىككى كۈنلۈك رۇخشەت سورىدى .ياتاقداشلىرىغا يېقىن ئەتراپتىكى بىر شىپاخانىغا ئوكۇل ئاستۇرغىلى بارىدىغانلىقى ،بەك كەچ بولۇپ كەتسە شىپاخانا ياتىقىدا قونۇپ قالدىغانلىقىنى ئېيتىپ سىرتقا چىقتى .شەھەرنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچتۇردى .ياتاق كىچىك بولسىمۇ ،رەتلىك ھەم پاكىزە ئىدى .قىز ئالدىراپ – تىنەپ يان تېلفۇنىنى ئالدىدە ، يىگىتكە تېلفۇن ئۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ كونا جايدا ،يەنى ئىلگىرى چۈشكەن مېھمانخاندا ساقلۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ....
زىننەت مۇشۇ شەھەردىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ 2010-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى . يىگت زىننەتكە ئۆزىنى ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ 2009 –يىللىق ئوقۇغۇچىسى دەپ تۇنۇشتۇرغانىدى.ئۇلار تۇنۇشۇپ قالغان بولۇپ ، بىر يىلچە ۋاقىت ئىچىدە،مۇاناسىۋىتى چوڭقۇرلۇشۇپ ،بۈگۈنكى كۈنىسىگە نەچچە قېتىم تېلفۇنلاشمىسا تۇرالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنىدى .ئۇلار تۇنۇشۇپ سەككىز ئايچە بولغاندا يىگىت قىزنى ئىزدەپ بۇ شەھەرگە كەلگەن بولۇپ ،ئۇلار ناھايتتى تېزلا چىقىشىپ قالغانىدى. يىگىت زىننەتكە ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر خۇيزۇلار مەھەللىسىدە چوڭ بولغانلىقى ، كىچىكىدىن خۇيزۇلار بىلەن قۇيۇق ئارىلىشىپ چوڭ بولغاچقا ئىسلام ئەقىدىلىرى ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ،دېگىنىنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىغانىدى . بۇ خىل ئورتاقلىق ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىشىنىڭ ئاساسى ئىدى .شۇ قېتىمدا يىگىت بىر ھەپتە تۇرغان ،زىننەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، زىنەتتنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئۇيغۇرلارنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ،ناۋادا ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلىپ قالسا ئاتا – ئانىسى قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى يۇرۇتۇپ ئۈلگۈرگەنىدى . زىننەتنىڭ ئائىلىسىدىكلىلەر ئۈچۈن يىگىتنىڭ ئېيتقانلىرى غەرەزلىك بولۇپ ، قۇيۇق دىنىي ئۆرۈپ – ئادەتكە تۇيۇنغان شەھەر پۇقراسى ، يەنە كىلىپ ئىخلاسمەن بىر كىشى ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى كۆڭلىگە سىغدۇرۇش بەسىمۈشكۈل ئىدى .شۇنداقتىمۇ ئۇلار مېھماننىڭ ھۆرمىتى ۋە قىزىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى ،پەقەت ، زىننەت مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى .
ــ قىزىم سەن بالىنىڭ يەتتىنچىسى ،يەنە ئىككى سىڭلىڭ بار ،ــ دەپ گەپ باشلىدى ئاتا تىترەڭگۈ ئاۋازدا ،ــ بىز سىنى ئالى مەكتەپكە ئۇزاتقىنىمىزدا سەندىن كۆپ ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن . ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭگە ئىشەنچ باغلىغان ئىدۇق،بىراق بەزى ئىشلار سىنىڭ بىز دېگەننىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىپ يۈرگىنىڭنى ئىسپاتلاپ بەردى .ئوبدان ئويلان .ناۋادا ھېلىقى بالا دېگەن ئىش بىزنىڭ ئائىلىگە توغۇرلۇشۇپ قالسا ، ئاناڭ ئىككىمىزدىن ،ئۇرۇق – تۇققان ، قېرىنداشلىرىڭدىن ئۈمۈد كۈتمىگىن .شۇڭا كۆڭلىڭدىكى شايتان ۋەسۋەسىسىدىن كۈننىڭ بالدۇرىدىلا قۇتۇل ...
ــ شۇنداق ،بىز دېگەن مۇسۇلمان . دىنىمىز ،ئۆرۈپ ئادىتىمىز ئوخشىمايدىغان بىرسى بىلەن تويلۇشىمەن دېسەڭ بىز قوشۇلالمايمىز ،ــ ئانا يولدىشىنىڭ دېگەنلىرىگە قۇشۇمچىلاپ كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى ۋە يولدىشىغا ئەگىشىپ دۇئاغا قول كۆتەردى .
زىننەت ئاتا – ئانىسىغا ، نەسىھەتنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ يولغا چىقتى .مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،يىگىت بىلەن قايتىلاپ ئالاقە قىلماسلىققا نىيەت قىلدى .ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، ئەمەلدە كۆرسىتەلمىدى . يىگتنىڭ تەكلىپى بىلەن ،دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇيۇپ بېرىلگەن بىر ھەپتە ۋاقىتىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ،ھارپا كۈنىنىلا يىگىت تۇرۇشلۇق شەھەرگە قاراپ سەپەرگە ئاتلاندى . بىر ھەپتە زىننەت ئۈچۈن تولىمۇ مەنىلىك تۇيۇلدى . يىگىت ئۇچۇق – يۇرۇق ھەم مەرد – سېخى ئىدى .دوستلىرىمو كۆپ بولۇپ ،قارىماققا ئائىلە ئىقتىسادىمۇ ياخشى ئىدى . زىننەت يىگىتنىڭ ئىش – ھەركەتلىرىدىن قىسمەن غەيرىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ ،ئەمما ئىشنىڭ يامان تەرەپلىرىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى .ئىش زىننەت ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس .يىگىت بۇ پۇللارنى مەلۇم شىركەت خوجايىنىدىن ئالدىن قەرز ئالغان ،قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئايىماي خەجلىگەنىدى .
شۇ قېتىمقى ئۇچۇرشىشتىن كېيىن ،زىننەتنىڭ ئوي خىيالىدا كۆپ ئۆزگۈرۈش بولدى .ئۇ ئەمدى يىگىتنى دائىم كۆرۈشنى ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى .كېچىلىرى يىگىت بىلەن بىرگە بولغان مىنۇتلاردىكى شىرىن ئەسلىمىلەرگە غەرىق بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن مۇڭدۇشۇپ چىقاتتى ...
كوچا چىرىقىنىڭ غۇۋا نۇرى ياتاق ئىچىنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى .زىننەت بىر نوقتىغا قادالغىنىچە يىگىتنى ، يەنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان شىرىن مىنۇتلارنى ئەسلىمەكتە ،مۇشۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭ ئۆز يېنىدا بولىشىغا تەققەزا بولماقتا ئىدى .
زىننەت كۆزىنى ئاچقاندا ياتاق ئىچى يۇرۇپ كەتكەن بولۇپ ،دېرىزىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن قۇياش نۇرى مەلۇم دائىرگە تاشلىنىپ تۇراتتى .ئۇ دېرىزە قانىتىنى ئېچىپ يىراق – يىراقلارغا نەزەر سالدى . سۇرەن – شاۋقۇنغا ئورالغان شەھەر كوچىلىرىدىكى ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۈتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار ۋە ئادەملەر تۇپىغا قاراپ خىيالغا پاتتى .ئاتا – ئانىسىنىڭ ئاشۇ قېتىم خوشلۇشۇش ئالدىدا ئۆزىگە ئېيتقانلىرىنى ئەسكە ئالدى .ئۇنىڭ كۆڭلى دىلغۇللۇققا چۆمۈلگەن بولۇپ ،قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك قىلاتتى .ئۇ قۇياشقا ئاخىرقى رەت قاراپ ،ياراتقۇچىدىن ئۆزى ئۈچۈن ئىسەنلىك تىلىگەندىن كېيىن ، دېرىزە قانىتىنى يېپىپ پەرىدىنى ياپتى –دە ، كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى .يىگىتكە تەكرار تېلفۇن قىلدى ....
كۈتكەن مىنۇت ئاخىرى يىتىپ كەلدى .يىگىت ياتاققا ئاياق بېسىشى زىننەت ئۆزىنى ئۇنىڭ باغرىغا ئاتتى .ئۇلارنىڭ كۆڭۈل تەشنالىقى قېنىشىپ ، تۈگىمەس سوھبىتى باشلاندى ،كەلگۈسى تۇرمۇشى ،ئائىلە ،بالىلىرى ھەققىدە ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى ...
قۇياش تاغ باغرىغا ئولتۇرۇپ ،ئۇزاق ئۆتمەستىنلا ئەتراپ گۇگۇم پەرىدىسىگە ئورالدى. ياتاق ئىچىدە قاراڭغۇلۇق ھۈكۈم سۈرمەكتە ئىدى .
ــ چىراقنى ياندۇرايمۇ ؟ ــ قىز شۇنداق دىۋىدى يىگىت ئۇنىڭ مەڭزىنى سىلاپ تۇرۇپ ، ــ بىز بىرگە بولغان مىنۇتلاردا مەڭگۈ تاڭ ئاتمىسىكەن دەپ ئويلايمەن زىننەت ،ــ دېدى .قىز سۇس تەبەسسۇم قىلدى ۋە يىگىتكە تېخىمۇ يېپىشىپ تۇرۇپ داۋام ئەتتى ،ــ سىز ئەتە قايتماقچى بولىۋاتىسىز ، غىزالىنىپ كىرىپ بالدۇراق ئارام ئالايلى ...
شۇ ئەسنادا يىگىتنىڭ تېلفۇنى ئەنسىز سايرىدى .يىگىت قارشى تەرەپ بىلەن ئون مىنۇتچە سۆزلەشكەندىن كېيىن ،زىننەتكە قاراپ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا دېدى :
ــ دادامنىڭ كېسىلى ئېغىركەن ، سىزنى بىر كۆرسۈتۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ ،شۇڭا ئەتە مەن بىلەن بىرگە قايتىڭ .
ــ دەرس تاشلىسام بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە ئىمتېھان بار .مەن بارالمايمەن .
ھەر ئىككىيلەن ئۆز گىپىدىن يانمىدى .تاكاللىشىش جەريانىدا ياخشى – يامان سۆزلەر بولۇندى . قىزنىڭ ئاغزىدىن تەسادىپى چىقىپ كەتكەن بىر جۈملە سۆز بىلەن قىزغا يولۋاستەك تاشلانغان يىگىت ، جەن جەھلى بىلەن قىزنى قاتتىق قاماللاپ ،كىكىرتەكتىن ئامبۇردەك بوغدى . قىز بىمەھەل تىپىرلاشتىن كېيىن ،جىمىپ قالدى .ئەسەبىيلىكىدىن يانغان يىگىت، قىزنىڭ نىمجان ھالىتىدىن قورقۇپ تىترەيتتى .ئۇ ئاخىرقى غەيرىتىنى يىغىپ 120 گە تېلفۇن قىلدى .
قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە كىرىپ كەلگىنىدە ،زىننەت ئاخىرقى رەت كۆزىنى ئاشتى .ئۇ ئەتراپقا تەكشى كۆز يۈگۈرتۈپ كىملەرنىدۇر ئىزدەيتتى ،ئاغزىنى توختىماي ئۈمەلدەيتتى .شۇ دەقىقىدە ئۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان ئىدى . بىراق، يىگىت ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەنمەيتتى ...
ــ ئۆزىنىڭ شورى ،داۋايىم يوق ،ــ دەيتتى ئاتا ئۆز ھەسرىتىنى ئىچىگە يۇتۇپ .بىراق ئۇ ۋۇجۇدىنى قامال قىلغان ئازاب ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغانىدى . كۆز ياشلىرى مەڭزىدە تارام ھاسىل قىلغان بولۇپ ،ئاپئاق ساقاللىرى ئارىسىغا سىڭمەكتە ، قەلبى قايغۇ ھەسرەت ئىلكىدە قاتتىق پۇچلانماقتا ئىدى .ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى قۇيۇۋېتىشكە ،ئاۋازىنىڭ بېرىچە ھۆڭگۈرەپ يىغلاشقا مەجبۇر بولدى ،ــ نادان قىزىم ، جىگىرىم ، يۈرەك پارەم ،بالدۇر كەتكەن مەستانەم ...
زىننەت ھاياتى ئەنە شۇنداق پاجىئەلىك ئاخىرلاشتى .يىگىت بولسا قاراڭغۇ كامىردا، ئۆزىنىڭ بولمىغۇر خىياللارغا بېرىلىپ جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىدىن ئىزتىراپ چەكمەكتە ، قىزلارنى ئالداپ سېتىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ئېغىر ئاقىۋىتىدىن پۇشايمان يىمەكتە ئىدى .شۇنداق ، ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولماستىن ،ئۇچىغا چىققان تور مەستانىسى ئىدى .ئۇنىڭ تور قاپقىنىغا دەسسىگەن قىزلار زىننەتلا ئەمەس .تالاي قىزلار ئۇنىڭ توزىقىدا خارۇزار بولغانىدى .
تور مەستانىلىرىىنىڭ ھېكايىسى ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچتى .ئاڭلىغان ،بىلگەنلەر ياقىسىنى چىڭ چىشلىشىپ پەرزەنتلىرىدىن ئىنساپ ، دىيانەت تىلەشتى . پەرزەنتلەر شۇنداق قىلالامدۇ ــ ئىستىقپالىنى ئۆز چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرالامدۇ – يوق ،بۇنىسى ھەربىر ياشلارنىڭ ئۆزىگە ،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە غەيرەت جاسارىتىگە ،ئەقىل –ئىدراكىگە باغلىق ،ئەلۋەتتە .
2011-يىل 16- دېكابىر ئاقسۇ .
(مەزكۇر ئەسەر ئاقسۇ گېزىتىنىڭ 2011-يىللىق سانىدا ، <<پاجىئە>>دېگەن تېمىدا قىسمەن ئۆزگەرتىپ ئىشىلتىلگەن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەھرىمان تۆمۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 13:17