بەخت
سانائىل ھەرىپلەر
پەرىزات سەئىدىن
بەختلىك بولغۇم بار بوۋاي بولغۇچە،
بەختتىن باشقىسى بەرىبىر بىكار.
بەختتە بەختىيار بالىلىرىممۇ،
بەختنى بويلايدۇ بىرمۇ بىر بابكار.
بەخت بىكارغا بولماس بىزنىڭكى،
بەختلىك بولايلى بىلىمنى بىلىپ.
بىلىمىڭ بولسىلا بىكار باشقىسى،
بەھرىمان بولايلى بىلىملىك بولۇپ.
بىلىم بايلىق، بەخت بۇلىقى،
بۇلبۇلمۇ بىناۋا باش باھارۇسىز.
بىلىمىڭ بولسىلا بولار بەختمۇ،
بىل بىلىم باشتىلا بولما بەختسىز.
خار ئەمەس
ئەدەب-ئەخلاق سۈيىدە ئاققان ھەرگىز خار ئەمەس،
ئۈنچىسىنى ۋاپانىڭ چاچقان ھەرگىز خار ئەمەس.
دوسىت كۆڭلىنى شاد ئەيلەپ، يامانلىقىنى مات ئەيلەپ،
كۆڭۈللەرنى كۆڭۈلگە چاتقان ھەرگىز خار ئەمەس.
مۈشكۈلاتتىن قورىقماي، جاھالەتكە تىغ ئۇرۇپ،
سائادەتنىڭ يولىنى ئاچقان ھەرگىز خار ئەمەس.
غەۋۋاسلاردەك يەڭ تۈرۈپ، ئالغا قاراپ ئىنتىلگەن،
دولقۇنلارنىڭ باغرىنى يارالىغان خار ئەمەس.
كۈيلەپ ئانا ۋەتەننى، بۇ باياشات دەۋراننى،
تەرىپىگە قوشاقلار قاتقان ھەرگىز خار ئەمەس.
ئېچىلدۇرۇپ ئەجرىدىن گۈللىرىنى مېھنەتنىڭ،
ئەل- ئاۋامنىڭ قەلبىگە ياققان ھەرگىز خار ئەمەس.
(قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئومۇمىي 226-سانىدىن ئېلىندى.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 10:05