تۆتلىكلەر
پارىخور ھەمىشە كۆزلەيدۇ نەپنى،
زەررىچە ئىشقىمۇ ئەگىتىپ گەپنى،
ماڭغاچقا بۇنداقلار تۈز يولدا«ئەگىپ»
دەم ئۆتمەي بۇزىدۇ تەرتىپنى-سەپنى.
تەخسىكەشنىڭ كۆزى مەنسەپتە-تۆردە،
نە تۆركى،تۆردىكى تامغا-مۆھۈردە،
شۇ ھەۋەس تۈپەيلى چاپار بىر ئۆمۈر،
تىنچىماس ئېھتىمال ئۆلسىمۇ گۆردە.
تىنچىماس تەخسىكەش ئادەم ئازدۇرۇپ
بىرسىگە ھىجىيىپ،بىرسىگە يالۋۇرۇپ،
ئويۇننى ئوينايدۇ پىنھاندا،لېكىن-
ئاخىرى بىركۈنى قويار چاندۇرۇپ.
ئۆزگەرگەچ بەزىلەر مۇھىتقا قاراپ،
بەزىبىر باشلىققا قالىدۇ ياراپ،
ئەگەردە«باشلىق»ى چۈشسە مەنسەپتىن،
قانىتى قايرىلىپ، بولىدۇ خاراب!
كۆرەڭلىك ئېپكەلمەس ئادەمگە ئامەت
تەكەببۇر نەدە بار-شۇيەردە ئاپەت.
كەمتەرلىك تاجىنى كىيەلىسە كىم
قولىدا ئەڭگۈشتەر- شۇدۇر ھەقىقەت!
ھە دېسە شاپاشلاپ، بولۇپ پايپېتەك،
قۇياشنىڭ يۈزىگە ياپمىغىن ئىتەك،
قارىنى ئاق دەپلا كۆز يۇمساڭ ھەقكە،
كور قىلار كۆزۈڭنى ئۆتكۈنچى تۈتەك.
ھەسەتخور ئۆلىدۇ ئاخىر ھەسەتتە،
ئۆتكەچكە كۈنلىرى ئەلەم-ھەسرەتتە،
ھەقىقەت ئالدىدا يۈزى يوق ئەسلا،
ياشىغاچ ھەمىشە غەيرىي مەقسەتتە.
ئاقىلسەن، ئەل ئارا پىتنە تېرىما ،
ئۆملۈك دەرىخىدىن شاخنى يىرىما.
بىر بۇيۇك جەڭ ئۈچۈن ئاتلانسا ئاۋام
سەن ئۇنىڭ قارشىغا تىزگىن سىيرىما!
ساختىپەز مىكرىدىن تاپىدۇ شادلىق،
ھەركىمنىڭ نېمىتى ئۆزىگە تاتلىق.
ۋەلېكىن تەمتىرەپ قالار ئاخىرى،
روبىرو كەپقالسا ھەقىقەت ئاتلىق.
بولاي دەپ ئويلىساڭ ھەسرەتتىن خالىي،
بولغىنسەن بىر ئۆمۈر ھەسەتتىن خالىي،
ئەشۇ چاغ گۈل ئاچار ئىقبالىڭ بېغى،
بولغاندا سەن غەيرىي مەقسەتتىن خالىي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇھەممەدتوختى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 10:01