جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1361 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 49|ئىنكاس: 3

بۇ يوللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 1
توردا: 140
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 09:27:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يوللار

مەن ماڭغا بۇ يوللار خىيالدىن ئۇزۇن،
ئارمانلار پىغانلىق ، ئاتەش بەزىدە.
بۇ يولدا ماڭغانلار ئەل بىلەن بىللە،
بۇ يولدا ماڭغانلار ئاۋام قەلبىدە.

بۇ يولدا ئاقماقتا مېنىڭ خاسلىقىم،
بۇ يولدا تەشۋىش ھەم ئاپپاق ھاياجان.
بۇ يوللار مۇڭدىشىپ قانماس مەن بىلەن،
بۇ يولدا يېشىل كۈي، يېشىل ھاياجان.

بۇ يولدا غېرىپلىق، تەنھالىقىم بار،
ئازاپتەك چۇڭقۇرلاپ بارار باغرىمغا.
بۇ يولدا بەك ئۇزۇن ئارمان لاۋۇلدار،
يېقىملىق بەك مۇڭلۇق قەدىمكى ناخشا.

بۇ يولدا ئەجدادنىڭ ئۆچمەس ئىزى بار،
( بۇ يولدا بوۋامنىڭ پۇتى قاپارغان.)
بۇ يولدا دادامنىڭ ئىزلىرى ياقىن ،
جاسارەت، ئۈمىدلەر، ئارمانلار تۇغيان.

بۇ يولدا خىلمۇ-خىل ئادەملەر تولا،
بۇ يولدا چاپچىغان تۇلپارلار قېنى؟!...
ھەسرەت رەڭ ئۈمىدلەر ئاقار ئۆركەشلەپ،
بۇ يولدا بىر ئەلنىڭ كۈلكىسى، غېمى.

بۇ يولدا بۆرىلەر ھوۋلايدۇ پات-پات،
ئەركەكلىك ئۆركىشى ياسىغان دەريا.
كۈلپەتنىڭ « چوكۇلداپ» سۈيۈشلىرى بار،
چاقناشنى ئۈگەتتى بۇ يوللار ماڭا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇلغۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 12:31  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  243
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 13:53:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ياخشى شېئىر بوپتۇ ،قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 472
تۆھپە : 5
توردا: 63
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 14:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شېئىردىكى مەنەگە كىرىپ كەتتىم. ئويلاندىم.
  يۇلغۇن قېرىندىشىم، بۇ شېئىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ، تۆھپىكار شائىرىمىز ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ‹ ئوتقا توغۇلغا بالا› ناملىق توپلىمىدىكى شېئىرلار ئىسىمگە كىلىپ قالدى. سىز ئۇشبۇ توپلامنى ئوقۇپ، ئىلھاملىنىپ يازغانمۇ؟
  بۇ مىنىڭ تۇيغۇمدىكى خاتالىق بولسۇن ئىلاھىم!
  شائىرلاردا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سىزىم، ئىپادىلەش ماھارىتىنىڭ بولىدىغىنىنى تەن ئالىمەن.
  
  بەرىكەتلىك بولۇڭ.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 1
توردا: 140
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 14:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستنى ئېيتقاندا ئۇ توپلامنى سېتىۋالدىم لېكىن ئوقۇش نۆۋىتى كەلمىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش