يامغۇر بولۇپ ياغقىن بەش مىنۇت
(نەسىر)
تەنھالىقىم توپا -چاڭ بولۇپ تەشنالىق دەستىدىن نىمجان بولغان يۈرىكىمگە قوندى. رەھىمسىز شامال يوللار ياقىسىدىكى مەجنۇنتاللارنىڭ چالىرىنى يۈرىكىمگە ئەكىلىپ ئۇردى.
پەرھات شېرىننى ئەشۇنداق سۆيگەنىكەن، لەيلى مەجنۇنغا ئەنە شۇنداق كۆيگەنكەن...
قۇپقۇرۇق خىياللىرىم يەتتە ئاشىقنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىگە چىرماشماقچى بولاتتى.
چېچەكلەر تېخى بايىلا بىر-بىرلەپ تۆكۈلدى. مەن سۆيگۈگە سىموۋۇل قىلىۋالغان چېچەكلەرنىڭ تۆكۈلىشى پىراق بوستانلىقمغا ئوتلار يېقىپ ھەممىنى كۈل تامان يەكسان قىلدى.
قىشنىڭ جۇدۇنلىرىدا قورۇلغان تېنىمگە مەش بولدۇڭ. خانەم تەپتىڭدە ئىللىدى.
پىژغىرىمدا ئېرىقلىرىمدا سۇ بولۇپ ئاقتىڭ، تەشنالىقىم گۈل بولدى.
كۈز... رەھىمسىز شامال بولدۇڭ. تەنلىرىم خازان بولدى. روھىم كۈل بولدى.
ئۆتۈنەي سەندىن، يامغۇر بولۇپ ياغقىن بەش مىنۇت. باھارىمىزدا گۈللەر ئۈنسۇن. سۆيگۈ گىياھلىرى بىخ چىقارسۇن. كەچمىش بەتلىرىمىزگە يېڭى ئىزنالارنى سىزايلى. تەشنا يۈرەكلىرىم نەمخۇش ھىدىڭدە پەر قاقسۇن!...
كەلگىن! يېغىپ بەرگىن پەقەت بەش مىنۇت...
2012-يىلى 13-ئاپېرىل
يەكەن-چارەك
پەرىزاتنىڭ يېقىملىق لىرىكىسىغا يانداپ ئاپېرىل كۈنلىرى يازغان بۇ قىسقا نەسىرىمنى يوللاپ قويدۇم... دىللارغا ياققاي...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ساباھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 11:48