ئەمدى
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
گۈزەل قامەت ساڭا «ئامەت»،
زەردارغا قولچىلا ئەمدى.
رەڭگە-قامەتكە قالغانلار،
ئېتىڭنى قامچىلا ئەمدى...
ئۇزۇن چاچلىق قارا كۆزلەر،
قەيەردە«ئاي»چىلار ئەمدى.
چېچىڭنى قايچىلاپ بولدۇڭ،
ئىچىمنى قايچىلا ئەمدى!
ئىچەرمەنلەر،«ۋىجدانلىق»لار،
دەرت چەكمە مۇنچىلا ئەمدى.
جانان لەۋزىمۇ جان لازىم؟
ئاياغنى قونچىلا، ئەمدى...
يىگىتسەن، يوقنى تاپىسەن،
كەمسىنمە ئانچىلا ئەمدى.
قۇشۇڭنىڭ بوينىنى قىسقان،
بىل،شۇ دانچىلا، ئەمدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 01:51