شاد ئىدىڭ،بولغاچ ئىگە يارۇ –يۆلەككە ،يىغلىۋال، ئۇ نادان كاككۇك كېتىپ قوندى تېرەككە ،يىغلىۋال، نالە –ئەپغانىڭ تاراپ يەتتى پەلەككە يىغلىۋال، كۆز يېشىڭ بولسا داۋا ،مەيلى ،يۈرەككە ،يىغلىۋال ، كۆز يېشىڭنى ئەمما كۆرسەتمە بۆلەككە ،يىغلىۋال.
چوڭ ئۈمۈد كۈتكەن ئېدىڭ :«قەلبىمنى زىنھار تىلغىماس»، ھەممە كۆزلەرسەن تامان ئاغقاندا «سول»دىن بەردى پاس، بەرىبىر نامەرت ئۈچۈن(ئالتۇنمۇ –خەستمۇ،ئىلغىماس)، ئۆرتىسە نازۇك كۆڭۈلنى دەرد –ئەلەم، كىم يىغلىماس، ئۆكسىدىڭ،دەردىڭ يېتىپ قالغاندۇ چەككە،يىغلىۋال.
«ئوت»دېسەڭ،تەييار ئېدى بولماق ئۈچۈن تۇترۇق تېنى، «سۇ»دېسەڭ،رازى ئېدى دەريادا غەرق بولسا جېنى ، جۇش ئۇراتتى قەلبىدە ئۆڭمەس ساداقەتنىڭ قىنى ، ئۇ يىگىتنى چىن سۆيەتتىڭ ،ئۇ سۈيەتتى ھەم سېنى ، ئايرىلىپ قالدىڭ كىلىپ ،دۇچ ئىس –تۈتەككە يىغلىۋال.
ھەر كېسەلنىڭ ئىزدىسە بارغۇ شىپالىق دورىسى، كىم تۇرالايدۇ چىداپ ،چەكسە ئازاپ ئۆز جۆرىسى؟ قازدى لىكىن ئۈستىلەپ سۆيگۈڭگە خەندەك ئورىسى، قايسى جۈپ كۆزنى ئېچىشتۇرمايتتى تۇرمۇش مورىسى، ئىككى ياخشى بەزىدە يەتمەس تىلەككە ،يىغلىۋال.
ئويلىماستىن بولدى بىھۇش ،قۇترىغاندا پەس ھەۋەس، دوستنى ھۆر- ھۆر يىغلىتىپ ،دۈشمەننى كۈلدۈردى ئەلەس، باشىغا تەگكەي پۇشايمان قامچىسى باسقاندا نەس، ئۇ يىگىتنىڭ باشقىغا باغلاندى كۆڭلى ،بولدى –بەس، تويدا چالغان داپ ،سۇناي،تەمبۇر ،غېجەككە،يىغلىۋال.
ئەتىۋار«ئالما» بۈگۈن «چالما»بولۇپ قالغان چېغى، كۆيىدۇ دوزاختا ئۇ ئالغاندا ئوت نالەڭ يېغى، تاشلىما ئۇنچە ئۆزۈڭنى ،باستى دەپ ھىجران تېغى، دەرت-ئازابىڭدىن خازان-خەست بولمىسۇن كۆڭلۈڭ بېغى، كۆز يېشىڭ جان بەرگۈسى ياش گۈل-چېچەككە ،يىغلىۋال.
زارىقىپ كۈتكەندە: «بۇ گۈل خۇش پۇراق چاچسا »دىبان، ۋادەرىخ، تۇنجى گۈلۈڭگە تەگدى كۆز ،بولدى يامان، ئون گۈلۈڭنىڭ توققۇزى بارغۇ تېخى ،ساڭا ئايان، تولدى يۇم-يۇم يىغلىشىڭنىڭ سېھرىدىن گۈلگە جاھان، ئۇچتى بۇلبۇللار ساڭا ،باققىن كۆرەككە ، يىغلىۋال!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 01:27
|