ئىلتىجالار
(ئۇيغۇرچە-تۈركچە)
چوپانى
ئىلتىجا-1
ئىگەم، يارنى تاپاي ئىزدەپ، ئىرادەم پەيلىنى كاج ئەت،
ئىزىمدىن ئۈندۈرۈپ رەيھان، بېرىپ-كەلمەكنى مېھراج ئەت.
خىزىر، نېرۋا - ھۈجەيرەم قاپلىنىپ كەتتى پىراق بىرلە،
پىراقنى سۈرگىلى قەلبىڭدىكى گۈللەرنى ئىخراج ئەت.
نىگار، ساختىلىشىپ قالغاي مۇھەببەت سۆيگۈگە قانسا،
شۇڭا، سۆيگۈڭگە - مېھرڭگە مېنى مەڭگۈگە مۇھتاج ئەت.
ساقىي، جامىمغا لىق مەي قۇي، ئازاب- كۈلپەتلىرىم ئۆلسۇن،
پۇلۇڭغا باج كېلىپ قالسا، جېنىمنىڭ رىشتىنى باج ئەت.
چوپانى، سەن ئۈمىدبار بول، ۋىسالنىڭ شەپسى كەلدى،
ۋىسال قۇچقان كۈنۈڭ يارىڭ ئۈچۈن قەلبىمنى زەر تاج ئەت.
(«تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2004-يىللىق 1-سان)
ئىلتىجا-2
جېنىم، يارىم كېلىپ قالسا، كۆڭۈل رىشتىمدە مېھمان ئەت،
توڭۇپ قالسا، يۈرەكىمنى يېپىپ، ئىشقىمنى گۈلخان ئەت.
كۆڭۈل، يارىم ئۇزاپ ماڭسا، قۇرۇق قول يولغا سالماستىن،
جېنىمنى سۆيگۈگە قاتلاپ، ئاڭا ھۆرمەتتە ئېھسان ئەت.
ئىگەم، ناز - ۋەسۋەسە قىلسا ناۋادا ساختا ئاشىقلار،
غۇرۇرۇمنى قىلىپ سەرۋاز، ھوشۇم - ئەقلىمنى سۇلتان ئەت.
نىگار، ئاپئاق لېبىمگە قىپقىزىل ياقۇت لېبىڭ بىرلە،
يېزىپ سۆيگۈسىمان ئەشئار قاقاس قەلبىمنى بوستان ئەت.
روھىم، تەڭرىم روھى بىرلە سىڭىشىپ قۇم بىلەن سۇدەك،
چوپانىنىڭ ھاياتىنى مۇقەددەس، ئېزگۈ داستان ئەت.
(«تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2004-يىللىق 1-سان)
ئىلتىجا-3
نىگار، كۆڭلۈم قۇشى ئاچ قالمىسۇن مېھرىڭنى يەم - دان ئەت،
دىلىم كۈلسۇن، سۆيۈپ مىختاپ لېۋىمنى قىپقىزىل قان ئەت.
ئىچىمنى ئاغرىتىپ شەمسى، لاغىلداپ تىترىمە بۇنچە،
توڭۇشتىن تىترىگەن بولساڭ، كېلىپ قەلبىمنى گۈلخان ئەت.
قەلب، يارىمغا مۇشتاق بولغىنىمغا نەچچە مىڭ رازى،
شۇڭا سۆيگۈمنى - پەخرىمنى ئىلى، تارىم، زەرەپشان ئەت.
ئىگەم، سۆيگۈ - مۇھەببەت دەپ ئېزىز ئۆمرۈمنى خار قىلدىم،
فەنا دەشتىگە بارماستا ھاياتىمنى شەرەپشان ئەت.
چوپانى، خام تاما بىرلە ئىگەمگە ئىلتىجا قىلماي،
ۋىسال - بەختىڭ ئۈچۈن شېرىن جېنىڭنى ئەمدى قۇربان ئەت.
(«تارىم» ژورنىلى 2007-يىللىق 10-سان)
İLTİCA-1
Çobanî (UYGUR)
Nigarimi Bulayim reb, ruhum gayesini kac1 et,
İzimden sürderip reyhan, gidip gelmeyi mirac et.
Hizir, Hücrem Asaplarim firakta kaplanip gitti,
Firaği sürmeye kalbindaki gülleri ihrac et.
Nigar, sahteleşir şeksiz muhabbet sevgiye kansa,
Şuna sevgine mihrine beni bengili muhtaç et.
Saki, kaseme çok mey koy azab külfetlerim ölsün,
Parana baç gelip kalsa canimin rişteyi baç et.
Ümitsiz olma çobani, visal'in hoş sesi geldi,
Visal bulmuş günün yarin için kalbimi zer taç et.
1. kac: inat, cahil
تۈركچە «قار لەيلىسى» ژورنىلىنىڭ 66-سانى
İlitica-2
Çobanî (UYGUR)
Canim, yârim gelip kalsa gönül riştemde mihman et,
Üşüp kalsa yüreğimde sarıp, aşkımı gülhan et.
Gönül, yârim geri dönse kuru el salmadan yola,
Sarıp canımı sevginde ona saygıyla ihsan et.
İlâhim, vesvese kılsa eğerde sahte âşıklar,
Gururumu kılıp serdar, huşum aklımı sultan et.
Nigar, gülsü dudağıma kızıl yakut dudağınla,
Yazıp sevgi gibi türkü kuru kalbimi bostan et.
Ruhum, tanrım ruhu ile sinişip kum ile suca
Çobani'nin yaşamını mukaddes ezgi destan et.
تۈركچە «قار لەيلىسى» ژورنىلىنىڭ 66-سانى
İltica-3
Çobani (UYGUR)
Nigar, gönlüm kuşu aç kalmasin mihrini ihsan et,
Dilim gülsün, öpüp mühkem lebimi kıpkızıl kan et.
Güneş, zangirdama tirtir, sana çok acidi gönlüm,
Üşüp zangirdayan olsan gelip kalbimi gülhan et.
Yüreğim, yarime sevdaliğimdan raziyim şunca,
Şuna sevgimi fahrimi Ili, Tarim, Zerafşan et.
Büyük sevgim için Tanrim, aziz canimi har kıldım,
Ecel sarilmadan önce hayatimi şeref şan et.
Çobani, iltica, hülyalarini terkedip şimdi,
Visal bahtin için tatlı şirin canini kurban et.
تۈركچە «پاساھەت» ژورنىلىنىڭ 110-سانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چوپانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-14 00:16