شائىر يانەن، ئەر، خەنزۇ، ئەسلى يۇرتى جېيىجىياڭدىن، تولۇق ئىسمى ۋاڭ يانەن بولۇپ، 1961-يىلى 12-ئايدا قورغاس ناھىيەسى 66-تۈەندە تۇغۇلغان. 1985-يىلى ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بۇيان ئېلىمىزدىكى 100دىن ئارتۇق گېزىت- ژورنالدا بىر مىلىيۇن خەتتىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلغان. «مەن تۇرىۋاتقان شەھەر»، «پادىچى بۇلۇت»، «جەنۇپ ۋە شىمال» قاتارلىق 7 پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلنغان. دۇنيا نەسىرى شېئىرلىرىنى باھالاشتا بىرنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان.
ئۇ ھازىر جۇڭگو- چەتئەل نەسىرى شېئىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ نەسىرى شېئىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «نەسىرىي شېئىر يازغۇچىلىرى» ۋە «ئىلى شېئىرىيەت گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى.
جەننەتنىڭ ئاۋازى
ئاشۇ كېچە، قۇشنىڭ قانىتى
مېنى تېنچلاندۇردى، ئاي نۇرى شامالغا ئەگىشىپ
ئېگىزلىكتە يەنە بىر قېتىم
ئاسماننى ئۇنتۇلۇپ قالدى
بىر تال يوپۇرماق ئۇچۇپ شامالدا
مېنى پەستە قالدۇردى، بۇنى مەن ئەسلا خالىمايتتىم
ئەزەلدىن بىراۋلارنى قەستلەپ، قاراڭغۇغا
يوشۇرۇنىۋالغان ئادەمدەك، ئۇلارنى
چوڭقۇر ھاڭغا تاشلاپ قويۇشنى.
بىراق، بۇ ئېگىزلىك شۇقەدەر سۈزۈك
قۇياش نۇرى يېتەرلىك
بۇ يەردە، تالاشماستىن نام- ئابرۇي
قوغلاشماستىن شان- شەرەپ
ياشار تېنچ قوي ۋە كالىلار،
ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر
جەننەتكە كىرىش ياكى كىرمەسلىك.
كېچىلەردە ئوت- چۆپلەر ھېدى
دىماققا ئۇرۇلۇش مۇھىم ئەمەستەك،
ئاشۇ پەيتتىكى ئۇزاق ۋە ئاددى سەپەر
مېنى چاقىراتتى، ئىزگۈ ئاۋازلار كېلەتتى
گويا پۇرسەت كۈتىۋاتقان پەرۋازدىكى بۈركۈتتەك،
تۇيۇقسىز ياغقان يامغۇر
بارچە ئۆلگەن روھلارنى ئېلىپ كەتتى...
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-5 23:55