مارت يامغۇرى
ئاداققى بىر ئىللىق تۇيغۇدا
كىچىككىنە سەبىي قىزچاقتەك
چېكەر ئىدى باھار كۆكسىنى
سۇسلاۋاتقان يامغۇرنىڭ ھېدى
بېقىشلىرىڭ گويا ئاسماندۇر
ئاھ، نەقەدەر چوڭقۇر بۇ قاراش
ئالماشقاندا پەسىللەر بۇندا
چىقار ئاۋاز شۇنچىلىك ئېنىق
ئويلىنار ئۇ تۇپراق قېتىدا
كىرىپ كەلدى قەلبىمگە شامال
سۇغاردى ئۇ يېشىل يايلاقنى
سۇغاردى ئۇ تەبەسسۇمنىمۇ
يوقتۇر بۇندا ھەيرانلىقمۇ ھەم،
ئەسىر ئاخىرىدىكى تۇيغۇلارسىمان
مارت يامغۇرىدىن ھېسلىرىممۇ نەم.
كەلدى گۈزەل ئېقىنلار ئويناپ،
باھار بىلەن سوڭدىشىپ شۇنچە.
قىزىل- قىزىل چۇققىلار كەبى،
ئاتلار يۈرەر يايلاق كۆكسىدە
بىردە بار ئۇ، بىردە يوقتەكلا
خىيالىمىز قىزغىن ئۆركەشتە.
نىھايەت، يىگانە بىر شائىر
ئۇشبۇ گۈزەل پەيىتتە
خوش دېيىشتى ھاياتى بىلەن
كەڭ يايلاقنىڭ يىراق چېتىدە...