جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 5

پۇل ۋە روھىي نامراتلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 16:46:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل ۋە روھىي نامراتلىق
ئاپتۇرى : مۇھەممەت توختى  
            تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە
ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يۇرتىمىزغا قەشقەر ، خوتەن ... قاتارلىق جايلاردىن دېھقان ئىشلەمچىلەر ئارقا – ئارقىدىن كېلىشكە باشلايدۇ . بەزى كىشىلەر ئۆيىنى تاقاپ قويۇپ ئائىلىسى بىلەن كۆچۈپ كېلىدۇ . ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن بالىلار ئەمدىلا بىر نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاقلاردىن تارتىپ ، ھەتتا 14-15 ياشقا كىرگەن بالىلارغىچە بار . مەن بۇ بالىلارنى ( مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغۇ مەيلى ) كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بولسىمۇ ، ئاتا – ئانىلىرى ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئويلاشماي ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى دەپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن . تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ھەر كۈنى سەھەردە ئىشقا چىقىپ ( بالىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) ، كەچلىكى قاراڭغۇ چۈشكەندە ئىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا نىسبەتەن كۆڭلۈمدە بىر خىل ھېسداشلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ .
بوش  ۋاقىتلىرىمدا  بىر  قىسىم  ئاتا  –  ئانىلار  ۋە  بالىلار  بىلەنمۇ  ئۆزئارا  سۆھبەتتە بولىمەن .
- مۇشۇنداق ئىشلىسەڭلار بىر كۈندە قانچىلىك پۇل تاپالايسىلەر ؟
- مۇشۇنداق ئىشلىسەك غوجام ، بىر كۈندە چوڭلار 50 كويچەندىن يۇقۇرى ، بالىلار 10-15 كويچەندىن يۇقۇرى پۇل تاپىتتىمىز .
- ئۇنداقتا ، خېلى كۆپ پۇل تاپىدىكەنسىلەر ، شۇنداقمۇ ؟
- ئىش قىلىپ ، كېلەر يىلى ئىش چىققۇچە قورساق باققۇدەك پۇل تاپىتتىمىز .
- بالىلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەپسىلەر ، ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇمامدۇ ؟
- ئوقۇشنىغۇ ئوقۇيتتى . بىراق بىز بۇ يەرگە كەلسەك ، يۇرتتا ئۇلارغا قارايدىغان ئادەم يوق بولغاچقا بىرگە ئېلىپ كېلىۋەردۇق .
- بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن سىلەر ئىشلىسەڭلار ، بالىلار مۇشۇ يەردىكى مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئوقۇپ تۇرسا بولمامدۇ ؟
- ئوقۇسىغۇ بولاتتى ، شۇ ، ئالتە شەنى ئاتلاپ كېلىپ مەكتەپ ئوقۇپ يۈرسە جاننى قانداق باقىتتىمىز غوجام ؟ ...
ئاتا – ئانىلارنىڭ سۆزلىرىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى ۋە بالىلارنىڭ غۇبارسىز ، سەبىي ھاياتىغا ئېچىندىم ھەمدە بالىلار بىلەنمۇ سۆھبەتلەشتىم :
- سىلەر بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن كەلدىڭلار ؟
- ئاتا – ئانىمىز بىزنى يۇرتتىن چىقىپ ‹‹ پۇل تاپىمىز ›› دەپ ئېلىپ كەلدى .
نېمىشقا مەكتەپتە ئوقۇمايسىلەر ؟
- بىزنىڭ مەكتەپتە شۇنداق ئوقۇغۇمىز بار ئىدى . لېكىن ئاتا – ئانىمىز بۇ يەرگە كەلسە ، بىز يالغۇز قالىدىكەنمىز . شۇڭا ئامالسىز ئاتا – ئانىمىزغا ئەگىشىپ كەلدۇق .
- بۇ يەرگە كەلگەندىكىن مۇشۇ يەردىكى مەكتەپتە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئوقۇپ تۇرساڭلار بولمامدۇ ؟
- ئوقۇيلى دېسەك ، ئاتا – ئانىمىز ‹‹ شۇنچە يىراق يەردىن پۇل تاپىمىز دەپ كەلسەك  تەييار  تاماقنى  يەپ ، پۇل خەجلەپ مەكتەپ ئوقۇساڭلار جاننى قانداق باقىمىز ›› دەپ ئوقۇغىلى قويمايدۇ ...
بۇ  سەبىي  بالىلارنىڭ  يۈرەك  سۆزلىرىنى ئاڭلىغان  ھەر قانداق ئادەمنى ئويغا
سالىدۇ . ئوقۇشسىز قالغان بۇ بالىلار يەنە بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئاتا – ئانىلىرىغا ئوخشاش بىلىم ئىگىلىمەي ، نادانلىقتا قېلىپ ‹‹ پۇل تېپىش ھەلەكچىلىكى ›› دە مۇشۇندا كۈن كەچۈرسە ، شۇنداقلا جەمئىيىتىمىزگە يەنە بىر تۈركۈم يېڭى ساۋاتسىزلار قوشۇلسا ... مىللىتىمىزنىڭ ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن ھەمدە تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر قاتارىغا ئۆتۈشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟

ھەي ، نادانلىق

ھازىرقى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇچاندەك تەرەققىي قىلىشى ، جەمئىيىتىمىدىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا . ئەلۋەتتە ، ماددىي جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ پۇل ›› بولمىسا بولمايدۇ . ھازىر بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا پۇلغا  چوقۇنۇش ئىدىيىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ‹‹پۇل  بولسا شەيتاننىمۇ ئۇسسۇلغا سالغىلى بولىدۇ ›› ، ‹‹ پۇل ھەممىگە قادىر ›› ، ‹‹ پۇلۇڭ بولسا يولۇڭ بار ›› ، ‹‹ پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ ›› ... دېگەندەك ھەر خىل قاراشلار تۈپەيلىدىن بىلىم ئىگىلەشكە قىزىقماسلىق ھادىسلىرى كۆرۈنۈپ قالماقتا . مەن خىزمەت ۋە ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا بىر قانچە مەسىلىنى ئۇچراتتىم .
                                  1 – سۈرەت
جەمئىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەجىدىنئوقۇش يېشىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاك قەلبىگە ‹‹ پۇل ›› ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەي
قالمىدى . ئاساسەن مەكتەپلەردە 12 ياشتىن 14 – 15 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىچىدە ، ھە دېگەندە مەكتەپتىن قاچىدىغان ، ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ، يۇقۇرىلاپ ئوقۇشقا رايى بارمايدىغان ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدايدىغان ۋە ئۇلار بىلەن تاكاللىشىدىغان ... ئىشلار خېلى كۆپ . بۇ خىلدىكى ئىشلار ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان تەربىيىسىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدا ۋە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا  بولغان  يامان تەسىرىدە ئىپادىلىنىدۇ . چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايىلىك ، ئەخلاقلىق مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن مەكتەپ ، ئائىلە ، جەمئىيەت تەڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك .
مەكتەپلەردىكى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىللىتى بار ئوقۇغۇچىلارغا سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي . ئۇلار شۇ كۈنلۈك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىلەن بىرگە ، مەكتەپكە كەلمىگەن ئاشۇ بالىلارنى ئىزدەپ ئاۋارە بولغىنى بولغان . مەن بىر قانچە قېتىم مەكتەپتىن قاچقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەپ چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچراتتىم . بىر قېتىم بىر ئوقۇتقۇچىدىن :
- دەرس ئۆتمەي بۇ يەردە يۈرىسىزغۇ ؟ - دەپ سورىدىم . قاچان بىرەرسى شۇنداق سوئال سوراپ قالاركىن دەپ كۈتۈپ تۇرغاندەك قاخشاپلا كەتتى . ھېلىقى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى :
نېمە ئىش قىلىپ يۈرەتتىم ، سىنىپىمدىكى  ت × ×  بىلەن  ئە × × دېگەن  ئوقۇغۇچىنىڭ جاپاسى بولمامدۇ . بۇ ئىككىسى بىر ھەپتىدە ئككى كۈن كەلسە ، ئۈچ كۈن يوق ، مەكتەپكە كەلگەن كۈنلىرى باشقا بالىلار بىلەن ئۇرۇشىدۇ ، تاپشۇرۇق بەرسەم ۋاقتىدا ئەستايىدىل ئىشلىمەيدۇ . ئۇلارغا شۇنچە تەربىيە  بەرسەم  پەقەت ئاڭلىمايدۇ . ئاتا – ئانىسى بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆھبەتلەشسەم : ‹‹ مۇئەللىم دېگەن نېمە ئىش
قىلىدۇ ؟ بىز ئوقۇسۇن دەپ بالىمىزنى مەكتەپكە بەردۇق . تەربىيەنى ياخشى بەرمەي
بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلسىڭىز ، بىز قانداق قىلىمىز ؟ ›› دەپ دەككەمنى بېرىپ يولغا سېلىپ قويدى . مەكتەپتە بولسا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ : ‹‹ سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلىرىڭىز تولۇق ئەمەسكەن ، نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە تولۇق كەلمەيدۇ ؟ تەربىيىنى ئوبدان ئىشلىمەپسىز . بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلساق ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپنى قانداق ئومۇملاشتۇرغىلى بولسۇن ؟ ›› دېگەندەك تاپا تەنىلىرىگە قالدىم . ئۇبالىلاردىن ‹‹ نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر ؟ ›› دېسىڭىز يەردىن زۇۋان چىقسا چىقىدۇكى ، ئۇلاردىن ھەرگىز زۇۋان چىقمايدۇ ...
- بۇ ئەھۋاللارنى مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە يېزا رەھبەرلىكىگە ئىنكاس قىلساڭلار بولمامدۇ ؟
- بىر  قانچە  قېتىم ئىنكاس قىلغان ، يېزا رەھبەرلىرى ‹‹ چارە ۆكرىمىز ›› دېگەندە ، ئاتا – ئانىلار گۇناھنى بىزگە يۈكلەپ قويۇپ كارى بولمىدى . دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئاتا – ئانىلار بولىدىكەن ...
                               2- سۈرەت
مەلۇم بىر ئائىلىگە بىر ئىش بىلەن باردىم . گەپ ئارىلىقىدا سۆھبەتنىڭ تېمىسى بالىلارنى ئوقۇتۇشقا مەركەزلەشتى .
- ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇۋاتىدۇ . مۇشۇنداق ياخشى شەرت – شارائىتتىمۇ ھازىر بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە بېرىش – بارماسلىقى بىلەن كارى بولمىغاچقا ، بالىلار ئاتا – ئانىلىرىنى ئالداپ ‹‹ مەكتەپكە باردىم ››دەپ قويۇپ مەكتەپتىن قاچىدىغان ، ياخشى ئۆگەنمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ . بۇ ئىش باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ تەسىر قىلىۋاتىدۇ ، - دېدىم مەن .
- ماڭا قاراڭ مۇئەللىم ، بىز دېھقان خەقنىڭ بالىلىرى ئوقۇپ نەگە باراتتى .
كونىلاردا : ‹‹ پۇلى يوقنىڭ جېنى يوق›› دېگەن گەپ بار . بىز دېھقان خەق دېگەن سىلەردەك مائاشى بار كادىرلارغا ئوخشىمايمىز . تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئىشلىمىسەك بولمايدۇ . ‹‹ يېتىپ يېسەڭ تاغمۇ توشىمايدۇ ›› دېگەندەك ، بىر ئائىلىدە بىر – ئىككى ئادەملا ئىشلەپ قالغانلار تەييارنى يىسە ، جان بېقىش تەسكە توختايدۇ . شۇڭا ئۆيدە ئىش چىقسىلا بالىلارمۇ ھە – ھۇ دېيىشسە بولمامدۇ ، - دېدى ساھىپخان .
مەن گەپنىڭ ئاخىرىنىڭ نەگە بېرىپ توختايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىچكىرلەپ سوراشقا كىرىشتىم :
- سىزنىڭمۇ ئىككى ئوغلىڭىز بارغۇ دەيمەن ، چوڭى تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ھازىر ئۆيدىمۇ ؟   
- ھەئە ، چوڭى مەكتەپ پۈتتۈرگىلى ئىككى يىل بولدى . بۇ يىل كىچىكىنىمۇ كېسەلچان دەپ ، مەكتەپكە بارغۇزمىدىم ، ئۆيدە 15- 20 قوي قىلىپ قويغان شۇنى بېقىۋاتىدۇ .
- بالىڭىزنىڭ بىرەرسىنى بولسىمۇ تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتسىڭىز بولمامدۇ ؟
- ھازىر ئوقۇغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق .
- ئوقۇپ بىلىم ئېلىپ يۇقۇرى ساپالىق بولغاننىڭ نېمىسى يامان ؟ بالىلار چوڭ بولغاندا ‹‹ دادام مېنى ئوبدان ئوقۇتماپتىكەن ›› دەپ رەنجىيدىغان ئىش بولمىسۇن دەيمەن .
- ماڭا قاراڭ ، مەن سىزگە بىر مىسال ئېلىپ بېرەي ، بىر بالىنى ئوقۇتىمىز دەپ ئۈچ – تۆت يىل ئىچىدە  20 - 30 مىڭ كوي خەجلەيدىكەنمىز ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ
كەلسە ، خىزمەت تاپىمەن دەپ يۇقۇرى – تۆۋەن مېڭىشقا 10-15 مىڭ كوي كېتىدۇ .
پۇلنى بىكارغا خەجلىگەندىن كۆرە ، شۇ خەجلىگەن 40 – 50 مىڭ كوي پۇلغا بىرەر ئىش – ئوقەت قىلىپ پۇل تاپسا ياخشى ئەمەسمۇ ...
                                   3- سۈرەت
مەلۇم بىر دۇكانغا بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىردىم . دۇكاندا تۆت نەپەر ياش ھاراق ئىچىپ بولۇپ چىقاي دەپ تۇرغان ئىكەن . ئۇلار مېنىڭ كىرگەنلىكىمگە پەرۋامۇ قىلماي ، ئېغىزغا ئالغۇسىز تېتىقسىز چاقچاقلارنى قىلىشىپ ، بىر – بىرىنى يۆلەپ دېگۈدەك چىقىپ كەتتى . پۇكەينىڭ ئالدىدا 13 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا ھېلىقى ياشلارنىڭ لاۋزا گەپلىرىگە قىزىقىپ ئولتۇرغانىكەن . دۇكاننىڭ ئىچىنى ھاراقىنڭ بۇسى ۋە تاماكىنىڭ ئاچچىق ئىسى قاپلاپ كەتكەنىدى .
مەن ھېلقى 16 - 17 ياشلاردىكى بالىلارنىڭ بۇھالىنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم . ئادەملەردىكى ھايا – نومۇس ، ئەدەپ – ئەخلاقنىڭ ھازىرقى ياشلارنىڭ ئىدىيىسىدىن ياتلىشىپ كەتكەنلىكى ، ئادەمنى بىر خىل خۇرسىنىش ئىچىدە ئويغا سالىدۇ . بۇ بالىلار تېخى بىر - ئىككى يىل ئىلگىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مۇشۇنداق قىلىپ  يۈرسە .... مەن  سودامنى  قىلغاچ  ھېلىقى  ‹‹ دۇكاندار ›› بالىدىن سورىدىم :
- مەكتەپتە ئوقۇمىدىڭما ؟
- ھازىر  دېگەن  پۇلنى كىم جىق تاپسا شۇ نوچى . دادام مېنى ‹‹ خەت تونۇپ ، ئانچە – مۇنچە ھېسابات قىلالىساڭلا بولدى . پۇلنى جىقراق تېپىپ ، يەنە بىر قانچە يىلدىن  كېيىن دۇكاننى كېڭەيتىپ ، ماشىنا ئېلىپ بېرىمەن ، شۇڭا ئوبدانراق سودا قىل ›› دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە بارمايلا قويدۇم ... ‹‹ دۇكاندار ›› بالىنىڭ
كېيىنكى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى . دۇكاندىن خۇددى دېۋەڭ ئادەملەردەك چىقىپ
كەتتىم .
ئاخىرقى بايان
بالىلىرىمىز بىزنىڭ بارلىقىمىز ، ئۇلارنىڭ بەختى بىزنىڭ بەختىمىز . بالىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرسۇن دېسەك ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش  قارىشىنى سىڭدۈرۈپ ، يۇقۇرى  ساپالىق ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئەتىراپلىق بىلىم  ئىگىلەشكە  مەدەتكار  بولۇشىمىز ، يېتەلىك  شەرت – شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز  كېرەك  . پۇلنى ئاتا – ئانىلار تاپسۇن ، بالىلىرىمىز مەكتەپتە ئوقۇسۇن…                                                                 !!!

مەنبەئە : << كروران >> ژورنىلىنىڭ 2008.2 سانىدىن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 09:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : بۇ ماقالە شۇ يىلى 5- ئايدا مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسسىنىڭ چۈشلۈك خەۋەرلەر پروگىراممىسىدا تەھرىر ئىلاۋىسى بىلەن ئاڭلىتىلغان .

مۇھەممەت توختى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  748
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 136
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر جەمىئىيىتىمىزدە بۇنداق ئىشلار خېلى ئاۋۇپ قالدى. ‹پۇل ھەممىگە قادىر › ئىدىيىسى ، جەمىئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلامىلىرىغىچە سىڭىپ كىردى. شۇنداقتىمۇ ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ،كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ئىزدىنىۋاتقانلار يەنە بار.  يازمىڭىزغا كۆپ رەخمەت. ‹ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ، مىللەت تۈزەلمەس› دىگەن گەپ بار. قەلىمىڭىز ھارمىغاي!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹سېغىندىم››ئەپەندىنىڭ مېنىڭ مەزكۇر ماقالامغا بەرگەن باھاسىغا كۆپ رەھمەت .

مۇھەممەت توختى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:31:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ سېغىندىم ›› ئەپەندىنىڭ مېنىڭ مەزكۇر ماقالامغا بەرگەن باھاسىغا كۆپ رەھمەت .

مۇھەممەت توختى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 12:11:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر ماقالە پاكىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بوپتۇ.جەۋلانىنىڭ سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يورۇقلۇققا چىقىرىشىغا تىلەكداشمەن.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش