ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار! يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كونا مۇنبىرىدىكى بىر قىسىم يازمىلىرىمنى ساقلىۋېلىش ئېھتىياجى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە توپلام شەكلىدە يوللىدىم. كۆپىچىلىكنىڭ كۆزدىن كەچۈرىشىنى ۋە تەكلىپ پىكىر، تەنقىدى
پىكىر بىرىشىنى قارشى ئالىمەن.
ئىلتىجا قىلدىم
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
شېئىر
شېئىر مىنى يازماقچى بولۇپ ،
ئەگىپ يۈرەر خىيالىم ئارا .
قەلەم گۆھەر قازماقچى بولۇپ ،
جىمجىتقىنا چۆكەر دىلىمغا .
مەن شېئىرغا دەردىمنى تۆكۈپ ،
سىزىپ چىقتىم پورتىرىتىمنى .
يىغلىۋالدىم بۇلۇتتەك ئۆكسۈپ ،
مىسرالارغا چېچىپ قېنىمنى .
داۋالغۇدى پىكىر ئېقىنى ،
جىلۋىلەندى ئويچان تىلەكلەر ،
مەن شېئىرنىڭ ئامراق يېقىنى ،
شېئىر تۇغار شىرىن ئىستەكلەر .
ئىھ رومانتىك قەلىب ساھىلى ،
شېئىر بىلەن مىنىڭ ماكانىم .
خۇشتارىمنى تاپتىم ئاخىرى ،
ئۇ سۆيۈملۈك دىلكەش جانانىم .
ئىلتىجا قىلدىم
سىردىشىم قەلەمگە ئىلتىجا قىلدىم ،
ئىشقىڭنى خەنجەر قىل، تەخىرسىز قىل، دەپ .
باغرىمدىن ئويۇپ چىق شېئىرلىرىمنى ،
ياتمىسۇن غەپلەتتە ئۆلۈمنى تىلەپ .
مۇڭدىشىم قەغەزگە ئىلتىجا قىلدىم ،
باغرىڭنى يېيىپ بەر تۆكەي دەردىمنى .
شېئىرغا باغلىدىم ئوتلۇق مۇھەببەت ،
سەن بىلەن تۆلەيمەن ئۇشبۇ قەرزىمنى .
ئىسيانكار تۈنلەرگە ئىلتىجا قىلدىم ،
مېھماندوست بولۇڭلار، شېئىر كەلمەكچى !
ئىھتىمال بۇ مەھشەر كۈنۈم مەن ئاڭا ،
دەرد-پىراق، ئىشقىمدىن ھىساپ بەرمەكچى .