جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 2

ئابدۇخېلىل تۇيۇقلىرىغا يانداشما ئويلار- ئەكرەم ئابدۇمىجىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 121
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 13:49:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخېلىل مىرخېلىل تۇيۇقلىرىغا يانداشما ئويلار
ئەكرەم ئابدۇمىجىت
گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 3-سانىدا ياش شائىر ئابدۇخېلىل مىرخېلىل ئاپتۇرلىقىدا 26 پارچە تۇيۇق ئېلان قىلىندى. يىقىنقى يىللاردا ئۇنىڭ يەنە «ئىلى گېزىتى»، «ئىلى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللارنىڭ ئەدەبىي بەتلىرىدىن بىرقانچە پارچە تۇيۇقلىرىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم. مەن ئۇنىڭ ساۋاقدىشى، يېقىن دوست-بۇرادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەمەس بەلكى، بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ تۇيۇقلارنى زور قىزىقىش ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم. بۇ تۇيۇقلار مېنى شەكىل گۈزەللىكى ۋە ئۆزىدە ھازىرلىغان مەنالار دۇنياسىغا باشلاش بىلەن بىللە يەنە ئابدۇخېلىلنىڭ 20نەچچە يىللىق شېئىرىيەت مۇساپىسىنىمۇ ئەسلەتتى. راست گەپنى قىلغاندا ئىلى ئويغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىللىق مۇساپىسىدە  ئابدۇخېلىلىنىڭ نامى «مول- ھوسۇللۇق شائېرلار» قاتارىدا بولمىسىمۇ، ئەمما «ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە» دېگەندەك «ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان شائىرلار» قاتارىدا بار. خۇددى «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىل 3-سان مۇقاۋىسىدا تۇنۇشتۇرۇپ «ئابدۇخېلىل مىرخېلىل قەلبىدە ئەدەبىياتقا نىسبەتەن ئوت – لاۋا ياندىغان، بۇ يولدا توختاۋسىز ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ياش شائىرلارنىڭ بىرسى»  دەپ باھا بەرگىنىدەك، ئۇ بۇ يولدا توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شائىرانە يۈرىكى تىنىمسىز تېپىرلاپ، سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن، قويۇق مىللىي مەدىنيەت تىندۇرمىلىرىدىن يېڭى-يېڭى ئىلھاملارنى ئېلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ كەلمەكتە.
مېنىڭ ئابدۇخېلىلنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇشقىنىمغا بۇ يىل توپتۇغرا 26 يىل، ئۆزى بىلەن تونۇشقىنىمغا 22 يىل بولدى. ئېسىمدە قىلىشىچە ئەڭ دەسلەپتە «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 1986-يىللىق 6-سانىدا ئۇنىڭ «گۈلنىڭ جاۋابى»، «تۇغۇلىدۇ ئۈمىد خىيالدىن» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرىنى كۆرگەن ئىدىم.
تورغاي قونۇپ گۈلنىڭ شېخىغا،
سوئال قويدى گۈلگە شۇ مەھەل.
_ئوخشىتامسەن بۇلبۇلغا مېنى،
ئەسلى ھۆسنۈم بولبۇلدىن گۈزەل.

      گۈل جاۋابەن دېدى:_ئەي تورغاي،
ئوخشاتمايمەن  بۇلبۇلغا  سېنى.
گەر ئوخشاتسام بۇلبۇلغا سېنى،
گۈل ئاتارمۇ كىشىلەر مېنى؟!.
مانا بۇ ئۇنىڭ «گۈلنىڭ جاۋابى» ناملىق شېئىرى. مەسەلگە مايىل بۇ شېئىرىدا گۈل بىلەن تورغاينىڭ دىئالوگى ئارقىلىق ئىنسانىي تەبىئەت بىلەن ۋىجدانى غۇرۇرنى گەۋدىلەندۇرگەن.
بىر يىلدىن كىيىن مەن يەنە ئۇنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ  1987- يىل 4-ئاينىڭ27- كۈنىدىكى «چولپان» بېتىدە ئېلان قىلىنغان «كۈنمۇ كۈلۈپ چىقار ئاڭغىچە»، «يارا ئىزى»، «ئېچىلماپتۇ قاپىقىڭ سېنىڭ» دېگەن شېئىرلىرىنىمۇ گېزىتتىن كېسىپ ئېلىپ شېئىرىيەت دەپتىرىمگە چاپلىۋالدىم. بۇ شېئىرلارنىڭ ئىچىدىكى «ئېچىلماپتۇ قاپىقىڭ سېنىڭ»ناملىق شېئىرنىڭ مېنى قىزىقتۇرغان يېرى ئۆزىگە خاس قۇرۇلما ئىچىدىكى ساتېرىك مەزمۇن ئىدى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا يۇمۈرنىڭ شېئىرلاشتۇرلىشى دېسىمۇ بولاتتى. ھالا شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ شېئىرىلىرىدا بۇ خىل ئىزچىللىق كۈچەيسە كۈچەيدىكى ئاجىزلىشىپ قالمىدى. بەزى ھاللاردا ساپ ساتېرا ئۇسۇلىدا، بەزى ھاللاردا لېرىكىغا يۇشۇرۇنۇپ، يەنە بەزى ھاللاردا سۆز ئويۇنلىرى شەكلىدە ساتېرا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ئابدۇخېلىل بار سورۇنلارغا قاتناشقانلارغا مەلۈمكى، ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك گەپ-سۆزلىرى، لەتىپە- چاقچاقلىرىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساتىرىك خۇسۇسيەت بىلەن سۆز ئويۇنى خۇسۇسيىتىنى يان تەرەپتىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. 1990-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى. مېنىڭ ئىلى پىداگوگىيكىلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگۇ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتى مەخسۇس كۇرسىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان تۈنجى كۈنۈم ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە ئوغۇللار ياتىقىدا ئۆزلىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۇش بولدى. مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ بولىشىمغىلا ھەيران بولغانلىقىدىن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن بىرى (ئۇ ئەسلى ئابدۇخېلىلكەن) ئالدىمغا كېلىپ «ئەكرەم ئابدۇمىجىت دېگەن سەنمۇ؟ مەن سېنىڭ روبائىلىرىڭنى ئوقۇپ 60 تىن ئېشىپ كەتكەن ئادەممىكىن دېسەم مەن بىلەن تەڭلا ئىكەنسەنغۇ، مەن سېنىڭ شېئىر- روبائىلىرىڭنى كوپ ئوقۇغان. مەنمۇ بىر ھەۋەسكار. بولدى ھازىردىن باشلاپ سەن بىلەن ھەم ساۋاقداش، ھەم دوست-ئاغىينە بولىمەن. سەن قايسى ياتاقتا ياتساڭ مەنمۇ ياتاقتا ياتىمەن.» دېدى-دە، مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ كۆرۈشتى ھەم شۈ كۈنىلا بىر كۈن بۈرۈن ئورۇنلاشقان ياتىقىدىن مەن ياتقان ياتاققا ئالمىشىپ چىقىۋالدى. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقچىلىق قىلىپ توقۇۋالغان سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا « ئابدۇخېلىل مېرخېلىل، تۇققۇزتارا مۇيۇنگۈزەردە بىر خېلىل» بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ، بىر قاچىدا تاماق يەپ، تۈرلۈك پائاليەتلەرگە بىرگە بېرىپ، بىللە شېئىر يېزىپ  مەكتەپ ھاياتىدىكى ئىككى يىلنى تولۇمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. ئۇ بۇ يىللاردا شېئىرىيەتكە دائىر نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ئىگىلەش بىلەن بىللە بېكار بولسىلا شېئىر يازاتتى. يازغانلىرىنى ئەڭ ئاۋۋال ماڭا كۆرسىتەتتى. مەكتەپنىڭ قارا دوسكا گېزىتلىرىگە ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى شېئىرلىرىنى بېرەتتى. ياتاقلاردا بولىدىغان مۇلاھىيزىلەردە كۆپرەك شېئىرىيەتنىڭ گېپىنى قىلاتتى. ھەر بىر جۈملە گېپىگە بىرەر ماقال-تەمسىل ياكى يۈمۈرىستىك قوشاقلارنى ئارلاشتۇرۇپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا ئۇ مېنىڭ چىرايىمغا تىكىلىپ، كەيپىياتىمغا قارايىتتى ۋە بەزىدە قىززىقچىلىق قىلىپ « ھەييى مۇشەرى قاملاشماپتۇدە- ھە؟» دەپ دەرھال تۈزەتمەكچىمۇ بولاتتى. مەنمۇ گەرچە ئۇ چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ شېئىرلىرىنى ئارانلا تاتلاشتۈرۈپ يېزىۋاتقان بىر ھەۋەسكار بولساممۇ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسى كۈچلۈك بولغاچقا شېئىرلىرىنى مېنىڭ تۈزۈتۈشۈم بويىچە مۇقۇملاشتۈراتتى. مەن شۇ چاغلاردىلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ لېرىكىسىغا قارىغاندا ساتېرىسىغا، مەزمۇنىغا قارىغاندا شەكلىگە بەكرەك قىزىقاتتىم. ئۇ شېئىرلىرىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىيدىلىكىگە ئالاھىيدە ئەھمىيەت بېرەتتى. بارماقلىرىنى ئېچىپ-يېپىپ بوغۇم ساناشلىرى، ئاچ قاپىيىلەرنى توق قاپىيىلەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشلىرى ، مىسرالىرىنىڭ جەزىبىدار ھەم يەنە ساتېرىك چىقىشى ئۈچۈن ئويلىنىشلىرى، ئالماش قاپىيەگە چۈشۈرىمەن دەپ كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ سۆز ئىزدەشلىرى ھېلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ. ئېسىمدە قىلىشىچە ئۇ شۇ چاغلاردا كۆپىنچە توققۇز بوغۇم ياكى 11 بوغۇم بويىچە ئالماش قاپىيىلىك قىسقا لېرىكىلار بىلەن مۇخەممەس شەكىلدىكى ساتېرىلارنى كۆپرەك يازغان. يەنە بىر تەرەپتىن بىر مەزگىل ئاخبارات تىلىغا كۆنۈپ كەتكەن ئابدۇخېلىل ئىستىتىك تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدىغان بەددىي تىل ۋاستىلىرىنى قىتىرقىنىپ ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئەكبەر قادىر، نىجات سوپى قاتارلىق ئۆزىمىز  دېمەتلىك ئۇستازلارنىڭ مەدەت بېرىشلىرى ، ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم، ئەكرەم تۈرسۈن، سەيپىدىن تۇراق قاتارلىق ساۋاقداش، مەكتەپداش دوستلارنىڭ ئىجادىي ھەمكارلىقى، شاكىرجان ئىلاجى، ئەيبۇ ياقۇپ، پەرھات جامال، ئابدۇكېرىم  ھاشىم، ئابدۇرۇزاق كامال قاتارلىق مۇھەررىرلەرنىڭ يېتەكلەشلىرى ئارقىسىدا ئۇنىڭ يازغانلىرى مەتبۇئات يۈزىدە پات-پات كۆرۈلۈپ تۈردى. شۇ چاغلاردىلا ئىجادىيەتتە ئۆزىگە خاس يازمىلىرى بىلەن ئۇنى مۇئەييەن ئۇتۇق قازاندى دىيىشكىمۇ بولاتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغلاردا يازغان «تەئەججۇپتە تىنمايدۇ كۆڭۈل» ناملىق بىر شېئىردىكى «دالدىسىدا دوڭغاق سۆگەتنىڭ » دېگەن مىسرالىرى بەزى ھەۋەسكار ئىستۇدىنىتلارنىڭ بىر مەزگىللىك پاراڭ تېمىسىمۇ بولۇپ قالغان. بۇ ۋاقىتلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ  تازا قىززىغان، ئەنئەنىۋى شېئىر شەكىللىرىگە جەڭ ئېلان قىلىنىۋاتقان مەزگىللەر بولغاچقا گېزىت – ژورناللاردا ئەنئەنىۋى شېئىرلارنى ئېلان قىلىشمۇ خېلى تەسكە توختايىتتى. شۇنداقتىمۇ «ئىلى گېزىتى»، «ئىلى كەچلىك گېزىتى»، «ئىلى دەرياسى» قاتارلىق گېزىت –ژۇرناللارنىڭ شېئىرىيەت بەتلىرى  بىزگە ئوخشاش ئەنئەنىچىلەرگە ھەر ھالدا «يېشىل چىراق» يېقىپ تۈراتتى. بىز مانا مۇشۇ گېزىت-ژورناللارنىڭ قىزغىن ئاپتۇرلىرىدىن ئىدۇق. مەن مانا مۇشۇ  20 يىل جەرياندا ئۇنىڭ ئىجادىي يازمىلىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم دېسەم ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمەن.
ئابدۇخېلىل 20 نەچچە يىللىق شېئىرىيەت ھاياتىدا ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ بىرقىسم شەكىللىرىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە مۇرەببە، مۇخەممەس، غەزەل، روبائى، سانائىل ھەرىپىلەر قاتارلىق كلاسسىك شېئىرى شەكىللەر بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىىگە ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا مەسەلسىمان، يۈمۈرسىمان ئامىللار خېلىلا بار. شۇنداقلا تەبىئەت لېرىكىلىرى بىلەن «مۇھەببەت سەۋدالىقلىرى»، يۇرت سۆيگۈسى بىلەن قەلىپ ئىزھارلىرىمۇ مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە. «نەشىرىيات »، «لاتارىيە»، «تىلەمچى»، «باشلىقىم»، «بولمامدۇ»، «تاغ سۇيى »، « يولۋاس يىلى تۇغۇلغانكەنمەن»، «چىڭقىلىمەن يەتمەك بوپ بىر قۇياشنىڭ ۋەسلىگە»، «قانات پۈتسە ئۇچۇپ كەل »، «كەچمىشىمگە بىر ئۆزۈم ھەغدا»، «ياپراقلار»، «سەھەر لېرىكىسى»، «رەستىدىكى تۆگە» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى سەمىيىمىلىك بىلەن باھالىغاندا ئاكتىۋال مەزمۇن بىلەن مۇئەييەن بەددىي قۇۋۋەتنى ئۆزىگە ھازىرلىغان ياخشى شېئىرلاردىن دېيىشكە بولىدۇ. قاراپ باقساق ئۇنىڭ بەزى لېرىكىلىرىدا قەلىب گۆزەللىكى بىلەن تاشقى گۈزەللىك سىلىشتۇرۇلۇپ پاك مۇھەببەت تۇيغۇلىرى مەددىھلەنگەن بولسا يەنە بەزى لېرىكىلىرىدا ياشلىق باھار، ئىلىم ھېكمەت، قەيسەر ئىرادە، ھالال تەر قاتارلىق ئىجابىي مەزمۇنلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن، يەنە بەزى تەبىئەت لېرىكىلىرىدا نېمەتلەرگە تولغان ئانا يۇرت مۇھەببىتى گەۋدىلەندۇرۇلگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئابدۇخېلىل ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدە ئەزەلدىن بار بولغان، ئەمما شەكىل جەھەتتىكى مۇرەككەپلىكى بىلەن ھەممە شائىرلارنىڭ يېزىپ كېتەلىشى ناتايىن بولغان تۇيۇق شېئىرى شەكلىدە خېلى ئىزدەندى. مېنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىمغىمۇ دەل ئۇنىڭ يېقىندىن بېرى «ئىلى گېزىتى»، «ئىلى كەچلىك گېزىتى» ۋە «ئىلى دەرياسى» ژورنىلى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىۋاتقان بىر قىسىم تۇيۇقلىرى سەۋەپ بولدى.
تۇيۇق_ئەرەپ تىلىدا مۇختىمىلات دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈزۈلىشى تۆت مىسرالىق، مۇستەقىل شېئىرى شەكىل بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا شېئىرى شەكىللەردىن پەرقى شۇكى، قاپىيەلىنىدىغان سۆزلەر مەنىلىرى ئوخشاش بولمىغان ئومۇنىم ( ئاھاڭداش) سۆزلەردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇ مەزمۇننىڭ ئىپادىلىنىشى جەھەتتىن گەرچە روبائىيغا ئوخشاش بولسىمۇ ئۇنىڭ روبائىيدىن پەرقى دەل قاپىيىلىرىنىڭ ئاھاڭداش سۆزلەردىن تۈزۈلىدىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئەمما ئىخچام شەكىل ئىچىدىكى مەزمۇننىڭ بىر پۈتۈنلۈكى جەھەتتىن روبائىي بىلەن ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭىمۇ مەشھۇر ئالىم، تالانىتلىق ئەدىپ، تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مەھەممەت ئىمىن ئۆزىنىڭ «روبائىيات »ناملىق كىتاۋىغا بىر تۈركۈم تۇيۇقلارنىمۇ روبائىيلار قاتارىدا كىرگۈزگەن.
ئىلىم باشقا، تالانىت باشقا،غۇرۇر- ۋىژدان يەنە باشقا،
بولۇر ساھىيقىرانلىق ئۈچ پەزىلەت كەلسە بىر باشقا.
        بۇنىڭ بىرلەن بەخت پۈتمەس، بۇنىڭسىز ھەم نادامەت كۆپ،
بەخىت بابىدا قۇر ئاچساڭ يېزىلمىش قىسمىتىڭ باشقا.
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «روبائىيات» 1- قىسىم)
مانا بۇ تۇيۇقنىڭ 1-مىسراسىدىكى «باشقا» دېگەن سۆز، باشقا –باشقا دېگەن مەنىدە، 2-مىسرادىكى «باشقا» دېگەن سۆز، بىر ئادەمگە مەركەزلەشسە دېگەن مەنىدە، 4-مىسرادىكى «باشقا» دېگەن سۆز تەرتىپنىڭ ئەڭ بېشىغا، قۇرنىڭ بېشى، باش قۇردا دېگەن مەنىلەردە كەلگەن. بۇ ئۈچ «باشقا» ئۈچ خىل مەنىدە كەلگەچكە تۇيۇق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تۇيۇق كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىمۇ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئويۇنى بولغاچقا سۆزگە باي ئاز بىر قىسىم شائىرلارلا بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان.
لەئىلدىن جانىمغا ئوتلار ياقىلۇر،
قاشى قەددىمنى جاپادىن يا قىلۇر.
مەن ۋاپاسى ۋەدىسىدىن شادمەن،
         ئول ۋاپا بىلدىمكى، قىلماس يا – قىلۇر.
(ناۋائى)
بۇ شېئىردىكى قاپىيە بولۇپ كەلگەن ئۈچ «ياقىلۇر» نىڭ ئۈچ خىل مەنىسى بار. بىرىنچىسى «ئوت يېقىلىدۇ»، ئىككىنچىسى «ئوقيانىڭ يارىدەك ئېگىۋىتىدۇ»، ئۈچىنچىسى، «يا قىلىدۇ، يا قىلمايدۇ». مانا بۇ تۇيۇق. ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىمىزدىكى مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن بىز بۇنداق مىساللارنى خېلى كۆپ تاپالايمىز. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە تىيىپجان ئىلىيۇپنى تۇيۇق ئىجادىيىتىدە ئالاھىيدە ئۇتۇق قازانغان شائىرلارنىڭ ئالدىنقىسى  دېيىشكە ھەقىلىقمىز.
چۆلدە قالساممۇ نەھاجەت ئات ماڭا،
     سىڭدى مەجنۇن دەپ چىرايلىق ئات ماڭا.
قېنى سەن لەيلى مېنى ئۆلمە دېسەڭ،
ئوق قىلىپ كىرپىكلىرىڭنى ئات ماڭا.

     ئۇ يىگىت كەلدى، ئىشىكنى ئاچ، دىدى،
     بەر جامالىڭدىن ئوزۇق، مەن ئاچ،دىدى.
پېتىنالماي  قىز  ئىشىكنى  ئاچقىلى،
      «ماڭا مۈشكۈل ساڭا كىرسە ئاچ» دىدى.
(«تىيىپجان ئىلىيۇپ تاللانغان شېئىرلار» توپلىمى)
  مانا بۇ تۇيۇقلار پىكىردىكى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى، تىلدىكى يارقىن ۋە ئويناقلىق، قاپىيىلەردىكى تۇيۇقلارغا خاس ماسلىق جەھەتلەردىنمۇ نادىر ئۈلگىلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى مۇھەممەتئىمىن زۇنۇن تەشنائىيدەك شائىرلىرىمىزمۇ بىر تۈركۈم تۇيۇقلارنى يېزىپ ئۇيغۇر تۇيۇق ئىجاديىتىنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىكى يېڭى يۈزلىنىشىنى نامايەن قىلدى. ئەمما تۇيۇق ئىجادىيىتى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىر قەدەر ئاجىز ھالقا.
بىز ئابدۇخېلىلنىڭ تۇيۇقلىرىغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ سۆز ئويىنى سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ بۇ جەھەتتە خېلى ئىزدەنگەنلىكىنى بايقايمىز. مۆلچەرىمچە ئۇ ھازىرغا قەدەر 90 پارچىدەك تۇيۇق يازدى. بۇنى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا يازغان مەلۈم بىر ھەرىپنى ئاساس قىلىپ باشلانغان سۆزلەردىن تۈزۈلگەن  20 غا يېقىن سۆز ئويۇنىدىن كىيىنكى يەنە بىر پەخىرلىنەرلىك ئەمگىگى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ «دەۋرنىڭ دېشۋارچىلىقى دەماللىقتۇر»، «ئېلانلىرىمىز ئېۋەنلىرىنى ئېرىغدىسۇن» ،«سەمىمىيلىك سەبىلىرىمىزنىڭ سەمەرىلىك سەلتەنىتى» قاتارلىق سۆز ئويۇنلىرىدا كەڭ تېما، كۈچلۈك ساتېرا، مۇكەممەل قۇرۇلما بىلەن ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان بۇ ئەنئەنىۋى موھىم بىر تۈرنى ھازىرقى زامان مەزمۇنلىرى بىلەن جانلاندۇرغان. ئېيىتماق ئاسان بولغىنى بىلەن ئەمەلدە كۆرسەتمەك قىيىن بولغان بۇ خىل تۈرلەردە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئابدۇخېلىلنى قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇ ساھەدە ئۆز تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلغانلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز.
كېلىشىڭ بالدۇرمىدى- يا، كەچمىدى،
ئۇ يىگىتمۇ ھەم كۈتۈشتىن كەچمىدى.
  _ئېيىتقىنا، بولماي سېنىڭدىن بىر خەۋەر،
كۆڭلىدىن قانداق خىياللار كەچمىدى؟

      ياۋغا قەھرىڭ بولسا چاقماق، چاق دېدىڭ،
كى يىلان- چايان بولۇپمۇ چاق دېدىڭ.
ئەل ئەمىن تاپسا تامام  ياۋلار يوقاپ،
لەۋلىرىمدىن پىستە-بادام چاق دېدىڭ.
(«ئىلى دەرياسى» ژورنىلى 2010-يىل 3-سان)
ئارۇز ۋەزىن زىمىنىدا بىخلانغان بۇ تۇيۇقلارنىڭ  ئىچكى تۇيغۇلارغا باي لېرىك مۇھەببەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك يەرلىرى ئۇنىڭ قاپىيە بولۇپ كەلگەن سۆزلىرىنىڭ ئاھاڭداش سۆزلەر كاتىگۇرىيىسى ئىچىدە مەزمۇنغا ماس تاللانغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئالدىنقى تۇيۇقتىكى قاپىيە بولۇپ كەلگەن «كەچمىدى» دېگەن ئۈچ سۆز «بالدۇر-كەچ»، «كېچىپ كەتمەسلىك»، «كۆڭۈلدىن كېچىش، خىيالدىن ئۆتكۈزۈش» دېگەندەك  ئۈچ خىل مەنىدە كېلىپ ، تۇيۇقلاردا بولۇشقا تېگىشلىك موھىم ئالدىنقى شەرتنى ھازىرلىغان. كىيىنكى تۇيۇقتىكى « چاق دېدىڭ» دېگەن قوش قاپىيە رولىنى ئوينىغان ئۈچ سۆزمۇ 1-مىسرادا «چاقناش، چېقىلىش» مەنىسىدە، 2-مىسرادا« چېقىۋىلىش، زەھىرىنى سانجىش» مەنىسىدە، 4-مىسرادا « چېقىش، ئۇشتۇش،سۇندۇرۇش» مەنىلىرىدە كەلگەن. قاپىيە گۈزەللىكى ئارقىلىق مەنىۋى يارقىنلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇر يۇرۇتۇپ بېرىش ئۇنىڭ مۇشۇ تۈرلەردىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
ناچار ئىللەتنى ئات نېرى،ياماندىن ياخشىغا ئاينى،
نىجات تاپ ياخشىلىقلاردىن كۆكەر-كۆكلە يەنە ئاينى.
ھايات مەناسى سۆيمەكلىك-سۆيۈلمەكتىن بىشارەتتۇر،
      ئۇنىڭدىن ئۆزگە قۇت بەرمەس ئۈزۈپ ئالساڭمۇ گەر ئاينى.
مانا بۇ تۇيۇقنى مەيلى ۋەزىن جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى قاپىيە جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ۋايىغا يەتكەن دىيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا «ئاينى» دىگەن سۆزنىڭ «ياماندىن ياخشىغا ئۆزگىرىش، كۆكلەپ ئاينىش، كۆكتىكى ئاي» دىگەندەك بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل مەنىسىمۇ دەل جايىغا چۈشكەن.
بىز ئەمدى ئۇنىڭ «ئىلى گېزىتى»نىڭ 2008-يىل11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان تۆۋەندىكى تۇيۇقلىرىغا قاراپ باقايلى:
دىلرابا بىر دەستە گۈلنى،- مەڭ، دېدى،
ئالغۇچە گۈلنى كۆڭۈل ھەم مەڭدېدى.
مەن كۆرۈپ گۈلنىڭ يۈزىدە بىر چېكىت،
_ئۇ نېمە دەپ سورىسام –«ئۇ مەڭ» دېدى.
تۇيۇقنىڭ تاشقى مەنىسىدىن قارىغاندا لېرىك ئوبراز «مەن» نىڭ سۆيگۈنى، «مەن»گە بىر دەستە گۈلنى سوۋغا قىلىدۇ. «مەن» چەكسىز ھاياجان ئىچىدە گۈلنى ئالغىچە نېمە قىلارىنى بىلمەي مەڭدەپ قالىدۇ. گۈلنىڭ يۈزىدىكى بىر قەترە شەبنەم خۇددى گۈزەلنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشقۇچى مەڭدەك ئۇنىڭ يۈزىدە چاقنايدۇ. «بېرىش» ،«مەڭدەپ قىلىش»، «يۈزىدىكى مەڭ» مەنىلىرىنى بېرىدىغان ئۈچ سۆزنىڭ ئىلھامى بىلەن تۈزۈلگەن بۇ تۇيۇقتا ئەپچىل قۇرۇلما، قىسقا دىيالوگ ئارقىلىق چىن ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ يارقىن ئوبرازى يارىتىلغان.
سەندىكى شانۇ شەرەپلىك ئات قېنى،
     شان-شەرەپسىز سەن مىنەرگە ئات قېنى؟
ئايرىلىپ قالغاي جېمىدىن، ئۆزىنى_
چاغلىماي  مۇزغا  دەرەڭگە ئاتقىنى.
شائىر بۇ تۇيۇقتا «ئات قېنى» دېگەن سۆزنى قاپىيە مەركىزى قىلىپ ،ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىكى شان-شەرەپ، ئەجىر-مېھنەت، ئەقىدە-ئېتىقات  مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە  كىشىلەرنى كەمتەر، سەمىمىي، ئار-نۇمۇسلۇق بولۇشقا چاقىرغان.
دېمەك، ئۇنىڭ تۇيۇقلىرىنى مەزمۇن جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندىمۇ شەكىل جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندىمۇ ئۆزىگە خاس مەنالار بىلەن لەززەت تاپىدۇ. بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ غۇل ھۆجەيرىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ساپ مۇھەببەت، سەمىمىي ساداقەت، چىنلىق ۋە گۈزەللىك، ئەخلاق ۋە ۋاپادارلىق، ئەجىر-مېھنەت قاتارلىق مۇھەببەت ۋە ئىتىكىلىق مەسىلىلەر ئۇنىڭ تۇيۇقلىرىدا مەزمۇن رەڭدارلىقىنىى ھاسىل قىلغان بولسا، ئىنچىكە ۋە ماس بولغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن مۇزىكىدار قاپىيەلەر شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكنى ئاتا قىلىدۇ. شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى ئىجادىيەتتىكى موھىم ھالقىلارنىڭ بىرى. بۇ جەھەتتىن ئابدۇخېلىلنى ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىكى شەكىل ۋە تېما ئىزچىللىقىنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئىخلاسمەن مۇخلىسلىرىدىن بېرى دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدۇكى، تۇيۇقلاردا چوقۇم قاپىيىلەر ئاھاڭداش سۆزلەردىن تۈزۈلۈشى شەرت بولغاچقا خالىغان ئىككى  قاپىيە ئاھاڭداش بولۇپ ، ئارىدا ئۈچىنچىسى مەنىداش سوزلەر ئاساسىدىكى تەكرارلىنىش بولۇپ قالسام بۇ تۇيۇق بولۇش شەرتىنى ھازىرلىيالمىغان بولىدۇ. بەزىلەر تۇيۇق يازغاندا قاپىيىلىنىدىغان سۆزلەرنىڭ ئىچكى مەنىدىكى ئوخشاشلىقنى سېزەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ خىل سەۋەنلىك ئابدۇخېلىلدىمۇ كۆرۈلگەن.
     خەلقىم يۆلەك ھەرقاچان قالمىدىم سۇنۇپ،
  روسلىدىم  قەددىمنى  كەتسىمۇ  سۇنۇپ.
تۇرمۇشنىڭ تار يولى تايغاق كېچىكى،
يىقىتسا تۇرغۇزدى خەلقىم قول سۇنۇپ.
مانا بۇ شېئىر تۇيۇق بولۇش تەلىۋىگە يەتمىگەن. چۈنكى، 1- 2 - مىسرالاردىكى «سۇنۇپ» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى ئوخشاشلا «سۇنۇش، ئۇشتۇلۇش، روھى چۈشۈش، يىمىرلىش» قاتارلىق تۈس مەنىلىرىگە ئىگە. بۇ ئاھاڭداش سۆزلەر ئەمەس بەلكى، ئەسلى مەنا ۋە كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەردىن ئىبارەت. بىز يەنە  ئۇنىڭ تۇيۇقلىرى ئىچىدىكى «ئەي نىگار ۋەسلىم گۈلىنى ئۈز دېدىڭ»، «نە ئۈچۈن مەندىن ئۈمىدنى ئۈز دېدىڭ» دىگەن مىسرالىرىغا قاراپ باقساقمۇ ئەسلە ۋە كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەرنى ئاھاڭداش سۆز مەنىسىدە قاپىيىلەشتۈرگەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ خىل سەۋەنلىكلەر يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائىيدەك قەلىمى پىشقان ئەدىپلەرنىڭ تۇيۇقلىرىدىمۇ ئانچە-مۇنچە كۆرۈلۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەلۈم بىر ئاھاڭداش سۆزلەر قاتارىنى تەكرارى ئىشلىتىش ئارقىلىق مەزمۇنى ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان تەقلىدى تۇيۇقلارنى مەيدانغا كەلتۇرۇشمۇ يوق ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋاللار ئومۇمىي تۇيۇق ئىجادىيىتىمىزدىكى قىسمەنلىكلەردىن ئىبارەت.
خۇلاسىلىغاندا، ئابدۇخېلىلنىڭ تۇيۇقلارغا سىڭدۇرگەن ئەجرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. بۇ بىر چىن ئىشتىياقنىڭ دەسلەپكى مېۋىسى. ئۇنىڭدا ھازىرقى زامان شائىرلىرىنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇللىرى، كلاسسىك شېئىرىيەتنىڭ شەكىل-مىزانلىرى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولىدىكى بۇ «بىخلار»ئۆزى تەرىپىدىن قايتا پەرۋىش قىلىندىغانلا بولسا، ئۇنىڭ بىزنى تېخىمۇ رەڭگا- رەڭلىككە تولغان «تۇيۇقلار باغچىسى»دا سەيلە قىلدۇرۇدىغانلىقىدا گەپ يوق.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 85
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 17:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخېلىلكامنىڭ بۇ تۇيۇقلىرى تىل ۋە شەكىل گۈزەللىكىگە ئىگە قىلىنغان...
100تۇيۇق بىر كىتاپ بولسا بولغىدەك...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 137
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 09:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يەرگە بېرىپتۇ بۇ ئۆمرۈم-يېشىم،
كۈلۈپ،گاھ تۆكۈلۈپ ھەسرەتلىك يېشىم،
ئۈمىدىم،چىقارمۇ ئاخىرقى دەمدە،
ئۆمرۈمدىن خەيرلىك خۇلاسە-يېشىم؟

ماۋۇ تۇيۇق قانداق بوپتۇ ئۇستازلار؟

ھەممىدىن تەسى-ئىزچىللىقنى ساقلاش.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش