جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 24|ئىنكاس: 2

لوپنۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 13:31:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپنۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى
  داۋامى

  ن

نالە دەمەڭ بىزنى ،
يىلغا چىقارغان سىزنى .
ئارپا يەللىكنى دەپ ،
تاشلاۋاتماڭ بىزنى .

ناداننى توسما ، ھارغاندا توختايدۇ .

نان تۈگۈلسە * سۇغا يۈگۈر ، ( تۇرۇپ قېلىش )
سۇ تۈگۈلسە گۆرگە يۈگۈر .

نادانغا ئايىتقان ئېسسىت سۆزۈم ،
ئۆلۈككە يىغلاغان ئېسسىت كۆزۈم .


ھ

ھايۋان كۈچى بىلەن تونۇلۇر ،
ئادەم ئەقلى بىلەن تونۇلۇر .

ھاشاسى يوق ئىشنىڭ تاتقى * بولماس .( تەمى )

ھەركىم قىلار ئۆزىگە ،
ئەڭلىك سۈرەر يۈزىگە .
ئۈستۈن باقىپ تۈكۈرسە ،
يانىپ چۈشەر يۈزىگە .

ئو

ئورما ئورماق ، شەر ئالماق .

ئوت- نەدە كۆيىسەن ؟
تۇلخاتۇننىڭ باشىدا .

ئوناغانغا - يوناغان .

ئۇ

ئۇلۇغۇڭنى بەزە قىلساڭ ئۆلۈرسەن ،
دوستلۇرۇڭنى بەزە قىلساڭ يىغلارسەن .

ئۇن ھەر ئۆيدە ، نان بىر ئۆيدە .

ئۇي باش ئىنەكتىن سۈت ئۇمۇنما * ، ( تەمە قىلىش )
ئىنەك باش ئۇيدىن كۈچ ئۇمۇنما .

ئۇرۇغۇڭنى يېگۈچە ، ئۇيۇڭنى يە .

ئۈ

ئۈسكەككە خۇدايىم مۈگۈز * بەرمەپتۇ ، ( مۈڭگۈز )
تەپكەككە خۇدايىم تۇياق بەرمەپتۇ .

ئې

ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام ، كۈچى ھالال .

ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ، ئۇر توقۇمنى .

ئېشەك - ئېشەكتىن قالسا ، قۇلاغىنى كەس .

ئېگىسىنى بىلىپ  ئىتىغا سۆڭەك سال .

ئېشەكنىڭ دۈمبەسى قىچىشسا ،
تۆگۈمەنگە ئۆزى بارىپتۇ .

داۋامى بار ...




Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 472
تۆھپە : 5
توردا: 63
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 18:13:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  لوپنۇر قۇشاقلىرىنىمۇ باك ياقتۇرىمەن. ماقال تەمسىللىرىنىمۇبىلىۋېلىشىمىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. ئاخىرىنى ساقلايمىز،.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 19:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پات يېقىندا قوشاقلاردىنمۇ بەھرىلىنەلەيسىز .

مۇھەممەت توختى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش