كۆرۈش: 280|ئىنكاس: 5

نەۋايىنىڭ بىر غەزەلىگە ئىككى نەزىرە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 431
تۆھپە : 50
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 12:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋايىنىڭ غەزىلى

سىنى كۆرگەچ دەر ئېدىم بىر مىھرىبانىم بار ئىمىش،
ئاللاھ، ئاللاھ نە بەلا باتىل گۇمانىم بار ئىمىش.

ئارىزىڭ ماھىييەتى ئاغزىڭ سۆزىن شەرھ ئەيلىسەم،
ۋەھ نە تابئى پاكۇ زىھنى خۇردە دانىم بار ئىمىش.

چاك قىل كۆكسۈمنى ئەي بەدمىھر تا كى بىلگە سەن،
تىغى ھىجرىڭدىن نە نەئئازۇردا جانەم بار ئىمىش.

نە ھايات ئەردى ئۆلەر ھالەتتە كىم كۆرگەچ ئانى،
ناز ئىلە دىدى ھەنۈز ئول ناتاۋانىم بار ئىمىش.

دەر كى يالقىپتۇر نەۋايى ئۈنىدىن ۋەھ ياخشىدۇر،
كىم تىرىگلىكتىن نىشان تەك بىر فىغانىم بار ئىمىش.


شەيخزادە ئابدۇرەززاق باخشىنىڭ ئەلىشىر نەۋايىغا يازغان بەش بېيىتلىق تۇنجى نەزىرەسى:

ھۇ ھۇۋەل فەتتاھ جەۋاب ئەيتۇر:

پادىشاھىم دەۋرىدە بىر خوش زامانىم بار ئىمىش.
بارچە خەۋف ئۇ ھەم خەتەردىن كۆپ ئامانىم بار ئىمىش.

ئادل ئۇ ئىنسافىڭ چاۋى باردى خىتايۇ  خوتەن،
ھەمدۇلىللاھ كىم شاھىمدەك مىھرىبانىم بار ئىمىش.

چۈنكى سۇلتان بەيازىد خان ئالدى رۇمنىڭ تەختىنى،
ئۇشبۇ دەۋلەت چۈن ئەزەلدىن كەندىسىگە يار ئىمىش.

ھەر ئەدۇ كىم مۇنكىر ئولسا سۇلتانىم دەۋلەتىغە،
بۇ مۇئەييەن كىم ئەدۇنىڭ بوينى يىپ، ئۇ دار ئىمىش.

ئىتىقادلىق قۇللىرىنىڭ يۈزى باخشىدەك كۈلەر،
ئىتىقادسىز يۈرىگەنىنىڭ ئورنى جەھەننەم ئىمىش.

شەيخزادە ئابدۇرەززاق باخشىنىڭ ئەلىشىر نەۋايىغا يازغان بەش بېيىتلىق ئىككىنچى نەزىرەسى :

ھۇ ھۇۋەل فەتتاھ تاقئى بىر جەۋاب ئەيتۇر:

ئول پەرى رۇھ كىم ئانىڭ ئاغزى ئاجايىب تار ئىمىش.
كۆرسە مىڭ زاھىد كۈتۈپ لەئلى لەبىغە زار ئىمىش.

زۇلفىنىڭ كى پىچىنى قىلسام ئانىڭ شەرھىن ئەيان،
گۇيا بىر نۇقرەئى پاك ئۈزرە ياتقان مار ئىمىش.

كۆكرەكىمنى يارغىل ئۇ كۆرگىل نە ئوتلار يانادۇر،
گەر ئىنانمازسىن ئاھىمنىڭ شۇئلەسى چۈن نار ئىمىش.

مەنسىبىمنى ئىستىيۇر ئاراباچى يۇ بارسچىلار،
ھەر كىشى كىم كەندەئى بىلمەسە بەس كىم ئار ئىمىش.

باخشى كۈستاھلىق قىلىپ ئەيتتى نەۋايىغا جەۋاب،
ئول غەزەلغە بىر جەۋاب ئايغۇ  بۇ رۇمدا بار ئىمىش.

(ئەلىشىر نەۋايى توغۇلغانلىقىنىڭ 560 يىللىقى، ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالىلەر» دىن- مەنبە: «بۇلاق» ژورنىلى، 2011-يىللىق 4-سان،)

mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 13:41:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا. سادىرى ئاكىغا مۇبارەك بولسۇن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1213
تۆھپە : 0
توردا: 394
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 13:26:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا يۇقارقىلار ھەقىقىي نەزىرەلەردۇر.يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەخمەت.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 16:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇپ تۇرغىنى ياخشى.كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە ئېغىز ئەدەابىيات بايلىقى تۇتاش كەتكەن پايانسىز دېڭىزدىن ئىبارەت.چەتئەلنىڭكىنى ئۆرنەك قىلىش قىزغىنلىقى بىلەن ئەشۇ ئۆز خەزىنىمىزگە بولغان قىزىقىشمۇ ئۇلغايسا ياخشى بولاتى.چۈنكى ئۇ بىزنىڭ غول يىلتىزىمىز......

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  96
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 607
تۆھپە : 0
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 21:35:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹نەزىرە ›› دېگەن بۇ شەكىل توغرۇلۇق  چۈشەنچە بېرىدىغانلار بارمۇ ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 431
تۆھپە : 50
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 13:43:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قوياي.

مۇۋەپپەقىيەت تېرىشچانلىقت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش