ئاستانە يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 18:50
سىز ئەسەر يېزىپ ھېرىپ كەتكەندە خەلقىڭىز سىز ئولتۇرۇپ ...
«نېمە دېسە بولىۋىرىدىغان تىل ئۇيغۇر تىلى،نېمە دېسە بولىۋىرىدىغان ئادەم قەلەمكەشمىدۇ؟»دېگەن ئويدىن نېرى بولالىساق ياخشىدى.
بەزى ئىنكاسلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئېگىسىنى مازاقلاۋاتقانلىقىنى بىلىۋاتقانلىرىمىز قانچىلىك؟
شۇنىسى،ئىسراپ بولۇۋاتقىنى ئىپادىلەش كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغان تىلمىز-دە!
بۇ يەردىكى گەپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مەمتىمىن ئابلېز ئىنىمىز ئۈستىدە كېتىۋاتقىنى ئۈچۈن،ئەسلى تېمىغا كۆچەي:
مۇبارەك بولسۇن،ئىنىم! ھەر بىر تىرىك ئىنسان بار يەردە،ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدىغان كۇرسىسى بولىدۇ،دەپ بىلگىنىم ئۈچۈن،سىزگە كۇرسا تەۋسىيە قىلمايمەن. تەۋسىيەم: ئىجتىھادىڭىز قاناتلىق بولغاي!