ئاددىي قەلىمىم بىلەن بۇ ئىنىمىزنىڭ مۇكاپات ئالغاندا سۆزلىگەن سۆزىنى ئاغدۇرۇپ ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم ، ئاقساقاللىق قىلغان بولسام ئۆزرىلىكمەن .
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدىكى چاغلىرىمدىن باشلاپ بولسا كىرەك ، مەندە شېئىرغا نىسبەتەن ئوتتەك بىر قىزغىنلىق تۇغۇلغان ئىدى، ئۇ چاغدا مەن سۆز-بوغۇملىرى تەكشى ، ۋەزىن تۇراقلىرى جايىغا چۈشكەن ئىككىلىك ياكى تۆتلىكلەر بولسىلا شېئىر بولىدۇ دەپ قارايتتىم ؛ يەنە تېخى، قەدىمدىن تارتىپ كۆپلىگەن شائىرلار نۇرغۇن شېئىرلارنى يازدى، مەن يازغىدەك نەرسىمۇ قالغانمىدۇ دىگەنلەرنىمۇ ئويلىغان ئىدىم . ئۆسۈپ يېتىلىش ، ئىزدىنىشلەر جەريانىدا شېئىرنى چۈشىنىشكە باشلىدىم، شۇندىلا ئەينى چاغدىكى خىياللىرىمنىڭ نەقەدەر گۆدەكلەرچە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. شېئىردا چەكلىمە بولمايدۇ، بارچە كىشى شېئىر يازسىمۇ ،يەنىلا يازىدىغان نەرسە تۈگىمەيدۇ، شېئىر ئادەم بىلەن شۇ قەدەر جىپسىلىشىپ كەتكەنكى، خۇددى گېرمانىيىلىك ئۇلۇق شائىر سېلەن ئېيتقاندەك :«شېئىر كىشى ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ ئىنسانىي نەرسىدۇر» .
مەن قوش تىللىق شائىر، ئۆز مىللىتىمنى خەنزۇ تىلىدا يازىمەن ، بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا ئىنتايىن كۆپ ، ئىنتايىن ۋەزمىنلىك نەرسىلەر يۈكلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزەمگە بولغان بېسىممۇ شۇنداق ئېغىر. رىئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقان ھەر قانداق بىر ئىش بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىمغا تېخىمۇ بۇرۇقتۇمچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
شېئىر مېنى زادى نەگە ئاپىرار؟! بۇنىڭغا ئېنىق بىر جاۋابىم يوق .
ئۆزەمنىڭ غەربىي دىيار ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىمنى ئۇققىنىمدا ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ، بۇ مېنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئىجادىيىتىمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن دىرەك بەردى. شۇڭا مەن بۇ يەردە شېئىرغا رەھمەت ئېيتىمەن، «غەربىي دىيار» ژورنىلىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
ئالتۇن يايلاق ، ئەدىپلەرنىڭ كاتتا يىغىلىشى، قەلەمكەشلەرنىڭ مېھىرلىك ئۇچرىشىشى -بىزگە مەنسۇپ بولغۇسى ، ئەسلەردە مەڭگۈ ساقلانغۇسى .
|