يىغلىما پەرىشتەم
پەرىزات سەئىدىن
يىغلىما پەرىشتەم! يىغلاش گەرچە ساڭا يىنىكلىك ئاتا قىلسىمۇ بىراق شۇ ئازاپلىق كەچمىشتە بولما.
يىغلىما! يىغلاشنى ھەتتا خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىگىن. يىغلاش ئورنىغا ئاچچىق بولسىمۇ كۈل. كۆمۈش قوڭغۇراقتەك نازۇك ھەم زىل ئاۋازىڭدىن تارىغان نۇر بىلەن ئەتراپقا بىر خىل ئىللىقلىق يېيىپ تۇرۇپ كۈل. كىم يىغلاپ- قاقشاپ مۇرادىغا يەتكەن؟ سەن كۈلۈشكە ھەقلىق. چۈنكى سېنىڭ بۇ دۇنياغا مۇشۇنداق تېمەن ھەم ساغلام تۆرەلمىشىڭنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل بەخت.
يىغلىما! ئازاپنىڭ قىيناشلىرىغا قالغىنىڭغا، يارنىڭ ساڭا كەلتۈرگەن ھىجران ئازابىغا، ئاغرىق ئازابىغا، سېغىنىش مۇڭلىرىغا پاتقىنىڭدا زەررىچە ياش تۆكمە. شۇ دەقىقىلەردە جاھاندا ئاخىرلاشمايدىغان زىياپەتنىڭ يوقلىقىنى ئىسىڭگە ئالغىن. بۇ كۈنلەرنىڭمۇ ئۆتۈپ كىتىدىغىنىغا ئىشەنگىن.
يىغلىما! كۈتۈشتىن كۆزلىرىڭ تالغاندا، ئۆمىدسىزلىك روھىڭنى قاپلىغىنىدا، بۇ دۇنيادا پەقەت بىر ئۆزۈڭلا قالغاندەك ھىس قىلىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا ھەرگىز ياش تۆككۈچى بولما. چۈنكى ئاجىزلارلا ياش تۆكىدۇ، تاقەتسىز كىشىلەرلا ياش تۆكىدۇ.
يىغلىما پەرىشتەم يىغلىما ! ئەنئەنىۋىيلىكنى، مىللىليكىنى بارغانچە يوقىتىۋاتقان تەڭتۈشلىرىڭگە. ئىشلار ھامان ئەسلىگە قايتىدۇ. سەن شۇ ئانچىكى كۆز ياشلىرىڭ بىلەن ئەتراپڭدىكى ئىشلارنى ياخشىلاپ بولالامتىڭ؟
يىغلىماپەرىشتەم! بار ئاۋازىڭنى قويىۋىتىپ، بارچە ئەلەملىرىڭ بىلەن ئۆرتىنىپ تۇرۇپ تۇرۇپ ياش تۆكمە. كىشىلەر جاھان رەپتارىغا كۆنىۋالدى، گۈل يۈزلۈك يارەنلەر «ئۆزۈمچىل » روھنى ئۆگەندى. قانچە- قانچە يارەنلەر ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ نىمىلەرگە ئېرىشتى؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-8 21:45