كەتمەك بولساڭ......
شېئىر
پەرىزات سەئىدىن
كەتمەك بولساڭ يېنىمدىن نىگار،
يۈرىكىڭدىن سۆيگۈ بىرىپ كەت.
تەسەللىي بەر مىسكىن دىلىمغا،
لەۋلىرىمگە گۈللەر تىزىپ كەت.
كەتمەك بولساڭ يېنىمدىن نىگار،
ئاھ، جىمجىتلا يىراقلارغا كەت.
بىلمەي قالاي كەتكىنىڭنى مەن،
ئازابىمنى بىرگە ئېلىپ كەت .
كەتمەك بولساڭ يېنىمدىن نىگار،
چىن سۆيگۈمنى بىرگە ئېلىپ كەت.
كۈنۈم ئۆتمەس سېنىڭسىز جېنىم ،
ئاھ! مېنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەت .
(قەشقەر ژورنىلى 2011- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىنىدى.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-8 21:41