يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1303|ئىنكاس: 15

ئۇيغۇر تىلى بۇنچە ئاجىز ئەمەستۇ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خىزمەت جەريانىدا  مۇنداق بىر سۆزنى ئۇيغۇرچە ئاتاش لازىم بۇلۇپ قالدى.بىز ئادەتتە كىيىدىغان خەنزۇچە 短袖T恤 دەيمىز.ئۇيغۇرچە كۆپ ۋاقىتلاردا كالتە يەڭ تىشۈ.ياكى كالتە يەڭ گاڭسار دەيمىز بۇنى ئۇيغۇرچە قانداق ئېلىشنى بىلەلمەي،ئاپتۇنۇم تىل يېزىق كومتىتىغا تېلفۇن ئۇرسام ئۇيەردىكى بىرەيلەن بۇنى يازلىق مايكا دەپ ئېلىڭ دەيدۇ،يازلىق مايكا بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى تازا چۈشمىگەندەك،ئۇنىڭ ئۈستىگە يا زلىق مايكا دىسەم مەن دىگەن ئۇ مەقسەتنىمۇ ئېنىق بىلدۇرگىلى بولمايدۇ.مىنىڭ دىگىنىم كالتە يەڭ،ئەگەر يازلىق مايكا دىيىلسەئۇنىڭ يىڭىنىڭ  ئۇزۇن قىسقىلىغىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.بىزدە يازدا كىيىدىغان ئىنتايىن نىپىز لىكىن يىڭى ئۇزۇن مايكىلارمۇ بار تۇرسا، خىزمەتداشلىرىم ئەمسە يازدا كىيىدىغان كالتە يەڭ مايكا دەيلى دەيدۇ.بۇ گەپقۇ مىنىڭ دىمەكچى بولغان 短袖T恤 نى ئىپادىلەيدىكەن.لىكىن بۇ تېخىمۇ قاملاشمىغاندەك ،ئالدىغا  سۈپەت سۆزى ۋە باشقا بىر مۇنچە سۆز ئىبارىلەرنى قوشۇپ (بىر جۈملە سۆز بىلەن )بىر ئىسىمنى ئىپادىلەيدىغان ئۇيغۇر تىلى بۇنچە ئاجىز ئەمەستۇ..مۇشۇ تىل ساھەسىدىكىلەر ماڭا ياردەم قىلىپ مۇشۇنى قانداق ئېلىشنى دەپ بەرسەڭلار؟

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-7 19:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏توغرا دەپتۇ ئادەتتە مايكا دېگەنلىك ئاڭلىماققىلا كالتە يەڭ يېلىڭ ئوستى كېيىم كۆزئالدىمىزغا كېلىدۇ،زورلاپ ئالدىغا ئېنىقلىغۇچى قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق

ۋاقتى: 2012-5-7 20:02:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-5-7 20:25:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئادەمنى تېلىقىپ كۈلدۈرىدىغان يۇمۇردىن بىرسى، ئاندىن ئادەمنى ھەسرەتلەندۈرىدىغان مەسىلىدىن كۈرمىڭى پەيدا بوپتۇ.

ۋاقتى: 2012-5-7 20:30:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏بۇ تەپەككۇردىكى مەسىلە، خەنزۇچە تەپەككۇر قىلىپ قالسا بەزى سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە دېگىلى بولماي قالىدۇ، خەنزۇچىدا توخۇنىڭ چىشىسى دېيىلىدۇ، ئۇيغۇرچىدا مېكىيان دېسىلا كۇپايە، خەنزۇچىدا بۇغداينىڭ كىچىكى دېيىلسە ئۇيغۇرچىدا مايسا دېيىلسىلە كۇپايە، موچەنگىمۇ ئىزدىسەك مۇۋاپىق گەپ بار سىنت ، تىيىن دېگەندەك يۇڭ پۇل ەېيىش ھاخەت ئەمەس

ۋاقتى: 2012-5-7 20:30:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏بۇ تەپەككۇردىكى مەسىلە، خەنزۇچە تەپەككۇر قىلىپ قالسا بەزى سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە دېگىلى بولماي قالىدۇ، خەنزۇچىدا توخۇنىڭ چىشىسى دېيىلىدۇ، ئۇيغۇرچىدا مېكىيان دېسىلا كۇپايە، خەنزۇچىدا بۇغداينىڭ كىچىكى دېيىلسە ئۇيغۇرچىدا مايسا دېيىلسىلە كۇپايە، موچەنگىمۇ ئىزدىسەك مۇۋاپىق گەپ بار سىنت ، تىيىن دېگەندەك يۇڭ پۇل ەېيىش ھاخەت ئەمەس

ۋاقتى: 2012-5-7 20:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنچە ئاجىزمىكىن دەپ ھەسرەت چېكىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، ئەكسىچە بەكمۇ كۈچلۈك تىل، مەسىلە خەنزۇچىنى بەك ئۆگىنىۋېتىپ ئۇيغۇرچىنى ئۆگەنمىگەنلىكىمىزدە

ۋاقتى: 2012-5-7 20:39:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
短袖T恤   نى كالتە يەڭ مايكا دېگەن مۇۋاپىق . يازلىق دەپ ئەسكەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق . قىشتا كالتە يەڭ ماركا كەيمىسە ھېچكىم .
موۋچەن دېگەننى غۇلجىلىقلار 10 تىيىن دەيدۇ . شۇنداق ياخشى ئاتاش تۇرمامدۇ ...


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-7 21:24:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىساملا مۇشۇ مايكا دىگەن گەپ قاملاشمىغاندەك. ئېسىمدە قېلىشىچە بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىسىيدە يەرلىك شىۋىلەر توغرىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان،شۇ ۋاقىتتا مىرسۇلتان ئوسمانۇف ئەپەندى قاتارلىق تەتقىقاتچىلار لوپنۇر.قۇمۇل.خوتەن رايۇنلىرىدا ئومۇميۇزلۇك تەكشۈرۈپ يەرلىك شىۋىلەرنى يىغىش ۋە بۇنى قېلىپلاشمىغان بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىشنى ئېيىتقان،مۇشۇ مايكا دىگەننىڭ ئورنىغا ماس كەلگىدەك يەرلىك شىۋە يوقمىدۇ.

ۋاقتى: 2012-5-7 21:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلتە يەڭ كۆڭلەك

ۋاقتى: 2012-5-7 21:51:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-5-8 00:57:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كالتې يەڭ دىسىچۇ؟

ۋاقتى: 2012-5-25 13:37:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز شۈكرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلە بىزنى يالغۇز 短袖T恤 دېگەن بىر ئاتالغۇ ئۈستىدىلا ئەمەس، شۇ خىلدىكى نۇرغۇن ئاتالغۇ ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ. 短袖T恤 نىڭ ئۆزىگە كەلسەك،  بۇ 短袖 بىلەن  T恤دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن سۆز بىرىكمىسى. ئالدىنقىسىنىڭ تەرجىمىسىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوك (كالتا يەڭ) ، گەپ T恤دە قالدى. بۇ سۆز خەنۇچە ئەمەس، ئېنگىلىزچە ئاتالغۇنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى. بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بىرقانچە خىل قاراش بار ئىكەن: 1. شەكلىگە قاراپ قويۇلغان؛ 1. ئامېرىكىنىڭ مەلۇم رايونىدىكى چاي چۈشۈرىدىغان ئىشچىلار ئەشۇنداق كۆينەك كىيىپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان، يەنى ئېنگىلىزچىدىكى چاي  ئاتالغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بۇ كۆينەكنىڭ ئېنگىلىزچە ئاتالغۇسى خەنزۇچىسىدىكى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. خەنزۇچە يۇداۋ سىديەن دەيدىغان تور لوغىتىدە بېرىلگەن ئىزاھنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇھىم بىر بۆلىكىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ قوياي، پايدىلىنارسىلەر: 一种说法是17世纪在美国马里兰州安纳波利斯卸茶叶的码头工人都穿这种短袖衣,人们把“Tea”(茶)缩写为“T”,将这种衬衫称为T-Shirt即T恤衫;  
ئۇنىڭدىن باشقا خىل قاراشلارمۇ بار. مېنىڭچە، ئەڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغىنى ئىككىنچى خىل قاراش. بىرىنچى خىل قاراشمۇ توغرىدەك قىلغىنى بىلەن خەنزۇچە شۇ خەتنىڭ مەنىسى كۆينەك ياكى كېيىم بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. دېمەك، تىشۆسەن (توغرا تەلەپپۇزى: تىشۆشەن) دېگەن ئاتالغۇ خەنزۇچىغا ئېنگىلىزچىدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە كىرگەن. بۇ خىل پاسۇندىكى كۆينەك بىز ئۈچۈن، شۇنداقلا نۇرغۇن خەلق ئۈچۈن يېڭى شەيئى (بىزدە 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ مودا كېيىم سۈپىتىدە تارالغان). تىلشۇناسلىق ساھەسىدە «ئىسىم ئىگىسىگە باقىدۇ» دەيدىغان ئاتالغۇ پىرىنسىپى بار. بىرەر مىللەتكە ياكى شۇ مىللەتنىڭ تىلىغا خاس شەيئى ۋە شۇ شەيئىنىڭ ئاتالمىسىنى ئەينى پېتى ئاھاڭ تەرجىمىسى يولى بىلەن ئېلىش، بولۇپمۇ لايىقىدا تەرجىمە قىلغىلى بولمىغان شارائىتتا شۇنداق قىلىش ھەرگىزمۇ بىر تىلنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس، نومۇسلۇق ئىشمۇ ئەمەس، بەلكى شۇ شەيئىنىڭ ئەسلى ئىگىسىگە بولغان ھۆرمەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەم شۇنداق قىلمايمۇ بولمايدۇ. مەسىلەن، جۇسەنفۇ (جۇڭشەنفۇ) پاسۇنىكى چاپاننىڭ ئاتالمىسىنى دۇنيادىكى ھەممە تىلدا خەنزۇچىسى بويىچە ئالسا كېرەك. بۇمۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى مەلۇم نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئەكسىچە بولغانا، بولۇپمۇ بەزى ھاللاردا ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ ېە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. پولو دېگەن تامىقىمىزنىڭ ئاتالمىسى ، مېنىڭچە، خەنزۇچىدا ئۇيغۇرچە  ئاھاڭى بويىچە ئېلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما جۇافەن (كاپام تاماق، قولدا تۇتۇپ يەيدىغان تاماق دېگەنددەك مەنىدە) ئېلىنىپ ئۆزلەشكەنلىكى ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان، ئەمما نان دېگەن ئاتالما «ناڭ» دەپ ئېلىنىپ بىر ئوبدان ئۆزلەشتى. ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ھېلىقى كۆينەكنى كالتە يەڭ تىشۆ ياكى تىشۆ دەپ ھازىرقى پېتى ئالساق بولىۋىرىدۇ، كونكىرىت تىل مۇھىتىدا ئېنىق ئۇقتۇرۇش زۆرۈيىتى تۇغۇلسا، يەشمە تەرجىمە قىلىپ كالتە مايكا  دەپ ئاتاپ تۇرساقمۇ بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، مۇشۇنداق ئاتالغۇلرارنىڭ دەل كېلىدىغان ساپ ئۇيغۇرچەئاتالمىسىنى قوللىنىشنىڭ ئېپى بولمىغانلىقىغا قاراپلا ئۇيغۇر تىلىنى ئاجز تىلمۇ-قانداق دەپ گۇمانلىنىپ ياكى كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇيغۇر تىلى ھەرگىز ئاجز تىل ئەمەس، گەپ ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق چىرايلىق، نۇرغۇن جەھەتتە ئۈستىنلىككە ئىگە تىلىمىزنى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە توغرا قوللىنىشىمىزدا ــــ قادەرلىشىمىزدە.

ۋاقتى: 2012-5-25 18:20:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2012-5-7 20:02
چۈشتە بالام مەندىن بىرگەپنى سورىدى؛
-دادا، موۋچەن دېگە ...

ئىككى بالاڭنى ئۆزۈڭدەكلا تەربىيەلەپسەن.

ۋاقتى: 2012-5-25 23:02:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش كۈچىگە ئەڭ باي تىل. ئۇ ھەرقانداق بىر يېڭى ئۇقۇم ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەنانى دۇنيادىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان باشقا تىللارغا ئوخشاشلا مۇپەسسەل ئىپادە قىلالايدۇ. پەقەت بىز ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلمەيۋاتىمىز، خالاس. مېنىڭچە، مەسىلىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنىڭ كەملىكىدىن؛ ئانا تىلىمىزدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىمىزنىڭ سۇسلىقىدىن؛ تىلىمىزنىڭ سۆز بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش، دادىل ئىجاد قىلىش-يېڭىلىق يارىتىش روھىمىزنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن؛ ئاتالمىش تىلشۇناس، تەرجىمان ئەربابلارنىڭ ئۆز تىلىمىزنى قارىغۇلارچە باشقا تىللارغا بېقىندۇرۇپ، تىلىمىزغا يېقىنمۇ كەلمەيدىغان سۆز-ئاتالغۇلارنى«ئىجاد» قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلىقىمىزدىن ئىزدىشىمىز مۇۋاپىق بولسا كېرەك.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر تىلى تاۋۇشلۇق تىل. شۇڭا، تاۋۇشلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بوغۇم تۈزۈلۈش قائىدىسى بويىچە بىرىكتۈرسەكلا، بىز ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان سۆز-ئاتالغۇنى ياسىيالايمىز. بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە بىز يېڭىدىن ياسىغان سۆز-ئاتالغۇنىڭ باشقا تىللاردا قانداق ئىزاھلانغانلىقىنى ئاساس قىلىش ئەمەس، بەلكى خەلقىمىز ئۇنى قوبۇل قىلالامدۇ-يوق دېگەندىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا كاتتا تىلشۇناس، تەرجىمانلىرىمىز «开关» نى«ۋېكلىيۇچاتېل»، «身份证» نى«سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى» دەپ تەرجىمە قىلىۋىدى، تىلىمىزدا ئومۇملاشمىدى. گەرچە كېيىن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى تۈزىتىلىپ «ئۈزچات»،«كىملىك» دەپ شۇنچە ئىخچام، ئەينەن ئېلىنغان بولسىمۇ پەقەت مەتبۇئات يۈزىدىلا ئومۇملاشتى.
شۇنىسى ئېنىقكى،«ئانا» دېگەننى ئۇيغۇردا تىلى چىققان بوۋاقلارمۇ بىلىدۇ. ئەگەر ئەجدادلىرىمىز«ئانا» دېگەن سۆزنىڭ بېشىغا ياكى ئاخىرىغا بىرەر تاۋۇشنى قوشۇپ، مەسىلەن: «پانا»، «ئاناپ» دېگەندەك ئاتىغان بولسا، بىزمۇ ھازىر شۇنداق ئاتايتتۇق ھەم ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «ئانا» دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنانى ئەشۇ سۆزلەردىن تاپالايتتۇقكى، ئەگەر بىرەر ياغاچچى بىزدىن «پاناڭ قېنى؟» دەپ سورىسا ھەرگىزمۇ كەتمەن سېپىغا ياكى ياغاچنىڭ يېرىقىغا قاقىدىغان تاراچلانغان شېشىقنى كۆرسەتمەيتتۇق. شۇنداق ئەۋرىشىم، سۆز-ئاتالغۇ ياساش ئىمكانىيىتى ئەڭ كەڭ تىلىمىز تۇرۇقلۇق، ھازىر تىلىمىزدا چەتتىن كىرگەن، ئاۋام-خەلق ھەتتا، خېلى مەلۇماتلىق زىيالىلىرىمىزمۇ بىلمەيدىغان سۆز-ئاتالغۇلار ناھايىتى كۆپ. بولۇپمۇ تەبىئىي پەنلەردە تېخىمۇ شۇنداق. بۇ بىزنى  تەبىئىي پەنلەردە ساۋاتسىزلىقتا قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن: ماتېماتىكىدىكى«بۇلۇڭ بېسسىكتىرىساسى». ئەمەلىيەتتە ئۇنى«بۇلۇڭ تەڭ بۆلگۈچىسى» دېسىڭىز تامامەن بولىدۇ ھەمدە ئادەمنىڭ پەقەتلا تىلى كەلمەيدىغان ئالدىنقى ئاتالغۇغا ئارتۇق ئىشلىتىلگەن ئىككى تاۋۇشنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
بەزىلەر تىلىمىزغا چەت تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى ئېلىپ كىرىشنى ئالىي مەلۇماتلىق بولۇشنىڭ بەلگىسى دەپ بىلسە كېرەك، تىلىمىزدا ئەينەن ئىپادىلىگىلى بولىدىغان سۆز-ئاتالغۇلارنىمۇ«زىيالى تىلى»غا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا خەقنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن شەرھىي تىلەپ، قەستەن سىرلىقلاشتۇرۇۋاتىدۇ. «自行车» راستلا ئۆزى ماڭىدىغان ھارۋىمۇ؟ ئۇنى تەپمىسىمۇ ماڭامدۇ؟ ئەجەبا، خەنزۇ تىلشۇناسلار ھېلىقى«شەيتان ھارۋىسى»نى مۇشۇنداق ئاتىسا ئۇقۇمنى ئەينەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقنى بىلمەمدىغاندۇ؟
بىز نېمىشقا سۆز-ئاتالغۇ ياساشتا ھە دېسە ئۇنداق دېسەك ئۇقۇم ئەينەن ئىپادىلەنمەيدۇ، بۇ پالانى قامۇستا مۇنداق شەرھىلەنگەن دەۋالىمىز؟ مېنىڭچە، بىز ماۋۇ«كومپېيۇتېر» نى«بىلدۈرگۈ» دېسەك نېمىشقا بولمايدۇ؟ پەقەت بۇنى ئەۋلادلارغا بىلدۈرسەكلا بولىدىغۇ! بۇنىڭغا قايسى ھۆكۈمەت، قايسى قانۇن يول قويمايدىكەن؟ قايسى مىللەتنىڭ تىلشۇناسلىرى بۇنىڭغا ئۆكتە قوپىدىكەن؟«鼠标» نى نېمىشقا مائۇس دېگۈدەكمىز؟ خەنزۇلار «鼠标» نىڭ شەكلىنىڭ چاشقانغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىغا ئاساسەن ئۇنى شۇنداق ئاتىغان.«鼠标» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھەرگىزمۇ بۇ سەپلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئىپادىلىمەيدۇ. يەنى، ئۇنىڭدا ئۇقۇم ئەينەن ئىپادىلەنمىگەن. لېكىن، يېڭى ئاتالغۇ بولۇشىغا قارىماي خەنزۇ تىلىدا ئومۇملاشقان. شۇنداق ئىكەن، بىز ئۇنى نېمىشقا ئاۋام-خەلق قوبۇل قىلغىدەك قىلىپ «ماس»(بۇيەردە پەقەت مىسال قىلىپ قويدۇم) دېگەندەك ئاتىساق بولمىغۇدەك؟!
ئەمدى يازغۇچى-شائىرلىرىمىز، تىلشۇناسلىرىمىز، تەرجىمانلىرىمىز، مەتبۇئاتلىرىمىز، دەرسلىكلىرىمىز، دەرسخانىلىرىمىز تىلىمىزنى خەلق تىلىغا ئەڭ زور دەرجىدە يېقىنلاشتۇرۇپ، تىلىمىزدىكى ئەخلەت-نىجاسەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى يەنە ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز ئەجداد-ئاغۇنلىرىمىزنىڭ قارغىشى ۋە ئەۋلاد-بوغۇنلىرىمىزنىڭ نەپرىتىگە كۆمۈلۈپ چىرىپ كېتىمىز!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 23:11  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش