كۆكتولۇن يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 20:25
ئادەمنى تېلىقىپ كۈلدۈرىدىغان يۇمۇردىن بىرسى، ئاندىن ...
ھەسرەتلىنىپ كەتكۈدەك ئىش يوق ، ھەممىمىز ماۋۇ توقۇناق كاللىمىزنى بىر ئاز ئىشلىتىۋەتسەكلا ھەسرەتلەنمەيمىز ، T恤 ماۋۇ دىگىنى ئىنگىلىزچە t shirt نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى شۇ ، قىسقا يەڭ دېسەك بېلەكتە توختاپ قالىدىغان يەڭنى كۆرسىتىپ قويىدۇ ، شۇڭا بىزنىڭ ئەقىللىق دوستلىرىمىز ئاللىقاچان 短裤 نى گاچا ئىشتان ، 短袖 نى گاچا يەڭ دەپ چىرايلىق ئاتتىن بىرنى قۇيۇپ بولغان . t shirt نى گاچا يەڭ مايكا دەۋەرسەك بولار ؟ بەك ئۇزۇن بوپ كەتكۈدەك دېسە يازلىق سىپتا مايكا ، سىپتا مايكا دەپ ئومۇملاشتۇرىۋەتسەك بوپ قالار .
ئاۋۇ موچەنگە كەلسەك ئۇنىڭغا ھەسرەتلەنگىنىڭىز تېخىمۇ كۈلكىلىك ئىش بوپتۇ ، بىر مونى ئون تىيىن ، بىر كوينى بىر سوم دىمەمسىز دەيمەن !
ئەجەپ بار تىلنى ئۆزىمىز ئوڭلاپ ئىشلىتەلمەي نېمە قىلىمىز تىلدىن گۇمانلىنىپ!