بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شائىر ،يازغۇچى ۋە ئەدەبىي تەرجىمان پەرھات ئىلياس كۇرسانتلىرىمىزغا شېئىرىيەت تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە مول مەزمۇنلۇق تەجرىبە تونۇشتۇردى. كۇرسانتلار بىلەن پىىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا يېڭىدىن نەشىردىن چىققان«چەت ئەل شېئىرلىرى»ناملىق ئىككى توملۇق كىتابىنىڭ تەرجىمە قىلىنىش جەريانىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. كۇرسانتلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى، كۇرسانتلارمۇ بۇ سۆھبەتتىن بەلگىلىك نەپ ئالدى. چۈشتىن كېيىن مۇشۇ نوقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەركىن مۇنازىرە بولدى.