سۇنبۇلە يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 21:48
3-باب مەن
بەختلىك بالىلىق چاغلىرىم مۇنۇلار بىلەن لىق ت ...
4- - باب يىمىرىلگەن پاشا قوناقلىرىنىڭ مۇڭلىرى: كوچىلارنىڭ غېرىبلىقى
پامۇك تۇرالغۇسى نىشانتاشتا بىر زامانلار بۈيۈك بىر پاشا قورۇسىنىڭ باغچىسى بولغان كەڭرى بىر مەيداننىڭ ياقىسىغا بىنا قىلىنغانىدى. نىشانتاش رايونىنىڭ ئىسمى 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىسلاھاتچى ۋە غەربلىشىشكە مايىل پادىشاھلارنىڭ (سەلىم 3 ۋە مەھمەت 2) مەشىق ۋە كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن بوش تۆپىلىكلەرگە ئوقلىرىنى نىشانلىغاندا چۈشكەن يەر ياكى مىلتىق بىلەن ئاتقان كومزەكلەرنىڭ سۇنغان يېرىگە بەلگە قىلىش ئۈچۈن تىكلىگەن (ئۈستىدە ۋەقەنى چۈشەندۈرگەن بىر ئىككى مىسرا يېزىلغان) تاشلاردىن كەلگەن.
ئوسمانلى پادىشاھلىرى غەربچە مەئىشەت سۈرۈش ئۈچۈن، مۇھىت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ۋە سىل كېسىلى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن توپكاپى سارىيىنى تەرك ئېتىپ دولما باغچە ۋە يىلدىزغا سالدۇرغان يېڭى سارايلارغا يەرلەشكەندە بۇ يەرلەرگە يېقىن بولغان نىشانتاش تۆپىلىكىدە ۋەزىرلەر، باش ۋەزىرلەر، شاھزادىلەر بۈيۈك قوناقلارنى بىنا قىلدۇردى. باشلانغۇچ مەكتەپنى شاھزادە يۈسۈف ئىززەددىن پاشا قوناغى (نۇر ئوتتۇرا مەكتىپى) دا باشلىغانىدىم، سەدىر ئەئزەم(باش مېنىستىر) خالىل رىفات پاشا قوناغىدا (شىشلى تەراككى)( (Şişli Terakki) داۋام ئەتكەنىدىم. بۇ ئىككى قوناقمۇ مەن ئۇ يەرلەردە ئوقۇۋاتقاندا، باغچىدا پۇتبول ئويناۋاتقىنىمدا كۆيۈپ يىقىلىدى. قارشىمىزدىكى تۇرالغۇ
(Mabeyinci Faik) بەي قوناغىنىڭ خارابىسى ئۈستىگە قۇرۇلغانىدى. ئەتراپتىكى بېجىرىم بىردىنبىر كونا قوناق 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سېلىنغان، بىر زامانلارنىڭ باش ۋەزىرلىرى ئولتۇرغان ۋە ئوسمانلى دۆلىتى يىقىلىپ پايتەخىت ئەنقەرەگە يۆتكەلگەندە ۋالىلارغا قىسمەت بولغان ئىدى.
چېچەك ۋاكسىنىسى ئەملىتىش ئۈچۈن باشقا بىر پاشا (ھازىر پارلامىنت بىناسى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان) تۇرالغۇسىغا باراتتىم. بىر چاغلاردا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ چەتئەل ئەلچىلىرى كۈتۈۋېلىغان، ئابدۇلھامىدنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرالغۇسى ياكى كۆيگەن، يىقىلغان قوناق خارابىلىرى- خىش تاملار، ئەينەك سۇنۇقلىرى، بىر- ئىككى باسقۇچ پەلەمپەي، قاراقسىز قېلىپ ئەتراپىغا قىرىققۇلاق ئۈنۈپ كەتكەن ئەنجۈر دەرەخلىرىدىن پۈتكەن ۋە مەندە تېخىچە چوڭقۇر بىر مۇڭ ھەمدە بالىلىق خىياللىرى ئويغاتقان بىر خىل كەيپىياتنى - تۇرالغۇمىز بىنالىرى تېخى تەلتۆكۈس يوق قىلالمىغانىدى.
تەشۋىقىيە كوچىسى ئۈستىدىكى بىزنىڭ تۇرالغۇنىڭ ئارقا دېرىزىلىرى قارايدىغان باغچىدىكى سەرۋى ۋە ئىھلامۇر دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا خارابىلىرى بولغان قوناق 1877- 1878 ئوسمانلى- رۇس ئۇرۇشىدا قىسقا بىر مەزگىل باش ۋەزىرلىك قىلغان تۇنىسلىق ھەيرەتتىن پاشا تەرىپىدىن بىنا قىلىنغانىدى. كافكازدا تۇغۇلغان چەركەز بولغان بۇ پاشا فلوبىرتنىڭ «ئىستانبۇلغا يەرلىشىپ ئۆزۈمگە بىر قۇل سېتىۋالغۇم بار» دەپ يېزىشىدىن ئون يىل ئاۋال، 1830- يىللاردا بالا قۇل بولۇپ ئىستانبۇلغا، ئۇ يەردىن تۇنىس ۋالىسىغا سېتىلغان، ياشلىقىنى فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈپ ئەرەب تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئىچىدە چوڭ بولغان، تۇنىستا ئوردىغا كىرىپ، تىزلا كۆتۈرۈلگەن. قوماندانلىق، ۋالىلىق، دېپلوماتلىق، مالىيە مىنىستىرى بولۇشتەك يۇقىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا پارىژغا يەرلەشكەن.
پاشانى دەل ئاتمىش ياشقا كىرگەندە ئابدۇلھامىت (يەنە تۇنىسلىق بولغان شەيخ زافىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن) ئىستانبۇلغا چاقىرغان، قىسقا مەزگىل مالىيە ئىشلىرىنىڭ بېشىدا تۇتقاندىن كىيىن باش ۋەزىر قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا پاشاغا ئوخشاش چەتئەلدە ئوقۇغان مالىيە مۇتەخەسىسلىرىدىن كۆپ ئۈمىدلەر كۈتۈلگەنىدى، پاشا بۇلارنىڭ تۇنجىسى ئىدى. پاشا كىينكى ئەمەلدارلارغا ئوخشاشلا ئوسمانلىلىق، يەرلىك، تۈرك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، غەربلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە كىشىلەر ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەنلىكى ئۈچۈن، تۆۋەن كۆرۈلدى. غەيۋەتلەرگە قارىغاندا تۇنىسلىق ھەيرەتتىن پاشا سارايدىكى كۆرۈشۈشتىن يانغاندا ھارۋىدا ئەرەبچە ئىزاھلار بېرەتتى، كىيىن فرانسۇزچە كىتاب يازدۇرغانىدى. ئۆكتىچىلەرنىڭ دىيىشىچە يېتەرلىك تۈركچە بىلمەسلىكى دېگەندەك گەپ سۆزلەر ۋە بىر ئەرەب دۆلىتى قۇرۇشتەك يوشۇرۇن ئارزۇسى بار دەپ قارىلىپ (ئابدۇلھامىد راستلىق نىسبىتى تۆۋەن بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ جىددى مۇئامىلە قىلاتتى) باش ۋەزىرلىكتىن چۈشۈرۈلدى.
ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بىر ئوسمانلى باش ۋەزىرىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان فرانىسىيەگە قايتىشى قائىدىگە خىلاپ بولغىنى ئۈچۈن، ھاياتىنىڭ قالغان قىسىمىدا، باشقىلارنىڭ (كىيىنرەك بىزنىڭ بولغان، باغچىسىغا بىر بىنا سالغان) قوناقتا يازدا بوغاز قىرلىرىدا، قۇرۇق چەشمە(Kuruçeşme) دىكى يازلىق ساتمىدا غەمكىن، خۇددى يېرىم نەزەربەنت ئىچىدىكى ھاياتىنى ياشاپ، ئابدۇلھامىدكە خەۋەر يوللاپ، فرانسۇزچە خاتىرىلىرىنى قەلەمگە ئالدى. تۈركچىسى سەكسەن يىل كىيىن ئېلان قىلىنغان ۋە پاشادا كىنايە تۇيغۇسىدىن بەك ۋەزىپە تۇيغۇسى بولغىنىنى ئىسپاتلىغان بۇ خاتىرىلەر ئوغۇللىرىغا ھەدىيە قىلىندى. يىگىرمە يىلدىن كىيىن بۇ ئوغۇللاردىن بىرى مەھمۇت شەۋكەت پاشاغا سۇيقەست قىلىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەندە قوناق ئابدۇلھەمىد تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ قىزى شادىيە سۇلتانغا ھەدىيە قىلىنغانىدى.
ھەر بىرى تەلۋە بىر شاھزادە، ئەپيۇنكەش بىر سارايلى، ئۆيگە مەھكۇم قىلىنغان بىر بالا، خىيانەتكە ئۇچرىغان بىر شاھ قىزى، سۈرگۈن قىلىنغان ياكى ئوق يىگەن بىر پاشانىڭ ھېكايىسى بىلەن ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ چىرىپ، تېرىلىپ كېتىشى بىلەن ئېسىمىزدە قالغان بۇ يانغان، يىقىلغان قوناقلار بىزنىڭ تۇرالغۇدا جىمجىتلىق ئىچىدە كەچمىشكە ئايلىناتتى. بىزلەر نىشانتاشقا 1930- يىللاردا پۈتۈن بۇ ئوسمانلى پاشالىرى، شاھزادىلەر، مەمۇرى ئەمەلدارلار جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشى بىلەن تەرتىپكە سېلىنغاندىن كىيىن ۋە ساراي ئامراقلىرى بولغان قوناقلار قاراقسىز قالغانلىقتىن بوش قالغان، يېنىپ يىقىلىشقا باشلىغان زامانلاردا كەلگەنىدۇق.
يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۆلگەن كۈلتۈرنىڭ، پاتقان ئىمپىراتورلۇقنىڭ مۇڭى ھەر يەردە ئىدى. غەربلىشىش ئۈچۈن تىرىشىشلار، زامانىۋىيلاشماق ئىستىگىدىن بەكرەك يىقىلغان ئىمپىراتورلۇقتىن قالغان قىسمەتلىك، ئېچىنىشلىق خاتىرىلەر، ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىدەك تۇيۇلاتتى ماڭا: (خۇددى ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ بىر ئاندا يۈز بەرگەن ئوت-بالا دەقىقىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كىيىملىرىنىڭ، زىننەت بويۇملىرىنىڭ، نەر- كېرەكلىرى ۋە رەسىملىرىنىڭ ئالدىراپ تاشلىنىشىغا ئوخشاش) ئۇنىڭ ئورنىغا كۈچلۈك، قۇۋۋەتلىك، يېڭى بىر شەيئى، غەربچە ياكى يەرلىك، زامانىۋىي بىر دۇنيا قۇرۇلمىغىنى ئۈچۈن پۈتۈ بۇ تىرىشچانلىقلار تېخىمۇ كۆپ كەچمىشنى ئۇنتۇشقا يارىدى. قوناقلارنىڭ يېنىپ يىقىلىشىغا، كۈلتۈرنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشىغا، ئۆي ئىچىلىرىنىڭ ھېچ باشتىن كەچۈرۈلمىگەن بىر كۈلتۈر مۇزىيىغا ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا يول ئاچتى. يىللار كىيىن ئىچىمگە ئېغىر- ئېغىر ئورناشقان بۇ مۈشكۈلات ۋە غەمكىنلىكنى بالىلىقىمدا بىر سىقىلىش ۋە مۇڭ سۈپىتىدە ياشىدىم. شەھەرنىڭ ئىچىگە كۆمۈلگەن ۋە قايتا چىقالمىغان بىر تۈرلۈك غەمكىنلىك تۇيغۇسى ماڭا خۇددى چوڭ ئانامنىڭ ئالاتۇركا(Alaturka) مۇزىكىسىغا بىلىپ بىلمەي ساپما كەشىنىڭ ئۇچى بىلەن تەڭكەش قىلىۋاتقىنىدا ھېس قىلغىنىمغا ئوخشاش، جاننى سىقىدىغان زىرىكىش ئىچىدە قېلىشنى خالىمىسام خىيال سۈرۈشۈم كېرەكلىكىنى ئەسلىتەتتى.
غەم ۋە سىقىلىشقا بوزەك بولماي ياشاشنىڭ ئىككىنچى بىر يولى ئانام بىلەن كوچىلارغا چىقىش ئىدى. بالىلارنى باغچىلارغا، باغلارغا، ھاۋا يېسۇن دەپ بىر يەرلەرگە ئاپىرىشقا تېخى كۆنمىگەنلىكى ئۈچۈن پەقەت كوچىغا ئېلىپ چىقىلغان بۇ كۈنلىرىمنىڭ مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور ئىدى. «ئەتە مەن سىرىتقا چىقىمەن» دەيتتىم ھاممامنىڭ مەندىن ئۈچ ياش كىچىك ئوغلىغا، پوچىلىق بىلەن. ئايلانما پەشتاقلاردىن تاقلاپ- تاقلاپ چۈشەتتىم، كۆپ قىسىمى يەر ئاستىدا بولغان ئىشىك باقار ئۆيىنىڭ ئىشىككە قارىغان(ئۆيگە كىرگەن چىققانلارنى كۆزىتىدىغان) كىچىك پەنجىرىسىنىڭ ئالدىدا تەققى- تۇرقۇم، كىيىملىرىم، تۈگمىلىرىمنى ئاخىرقى قېتىم كۆزدىن كەچۈرەتتىم، ۋە كوچىغا چىقىپلا «كوچا» دەپ قىيغىتاتتىم.
ئاپتاپ، ساپ ھاۋا، نۇر. ئۆي بەزەن ئۇ قەدەر قاراڭغۇ ئىدىكى، ياز كۈنى پەردىلەر ئېچىلغاندەك، كوچىغا چىقىپلا نۇردىن كۆزلىرىم قامىشىپ كېتەتتى. باشتا ئۆزۈم مېڭىشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئانامنىڭ قولىنى تۇتۇپ، دۇكان پەشتاختىلىرىغا قارايتتىم. گۈلچىنىڭ ھوردالغان دېرىزىلىرى ئارقىسىدىكى توشقانگۈللەرنى ئۇزۇن بۇرۇنلۇق، رەڭلىك جانۋارلارغا ئوخشىتاتتىم. ئاياغچىنىڭ دۇكان ئەينىكىدىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ يوشۇرۇن يىپلىرىنى ئىزلەيتتىم. ئوقۇش قوراللىرى دۇكىنىنىڭ ئەينىكىدە ئاكامنىڭ «سىنىپ بىلگىسى» دەرس كىتابىغا ئوخشايدىغان كىتابنىڭ تىزىلىغىنىنى كۆرگىنىمدە ماڭا كوچىلار بەرگەن تۇنجى بىلىمنىڭ باشقىلارنىڭمۇ بىزنىڭ تۇرالغۇدىكىگە ئوخشاش ھايات كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلىشىمگە يىپ ئۇچى بولغىنىنى سېزەردىم. ئاكام ئاۋال، مەن بىر يىل كىيىن بارغان باشلانغۇچ مەكتەپ ھەر كىمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلىدىغان تەشۋىقىيە جامەسىگە قوشنا ئىدى.
ئاكام ئۆيدە «مۇئەللىمىم، مۇئەللىمىم» دەپ ھەۋەس بىلەن سۆزلىگىنى ئۈچۈن، خۇددى ھەر بالىنىڭ بىر باققۇچىسى بولغىنىغا ئوخشاش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭمۇ بىر شەخسى ئوقۇتقۇچىسى بار دەپ چۈشىنەتتىم. كىيىنكى يىل ئاشۇ مەكتەپكە بارغىنىمدا بىر سىنىپتا تىقما- تىقماق ئولتۇرغان ئوتتۇز ئىككى بالىغا بىر ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرگىنىنى كۆرۈپ ئۆينىڭ راھىتىدىن ۋە ئانامدىن يىراقتا قېلىشنىڭ غېرىبلىقىغا، قاينام- تاشقىنلىق ئىچىدە بىر ۋىرگۇلغا ئايلىنىپ قېلىشتەك بىر خىيالغا كەلگەنىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا گۈلچىگە ئوخشاش ھوردىلىپ تۇرىدىغان، دادامنىڭ كۆڭلەكلىرى دەزمال سېلىنغان دەزمالچى دۇكىنىغا يولۇقۇپ ئۆتتۇق. كىيىن ئانام بانكىغا كىرگەندە(سەۋەبىنى ھېچكىمگە دېمىگەنىدىم) ئالتە باسقۇچلۇق پەلەمپەينى بېسىپ ئۆتۈپ ئانام تۇرغان يەرگە بارالمىدىم. چۈنكى ياغاچ باسقۇچلار ئارىسىدىكى بوشلۇقلاردىن چۈشۈپ كېتىشتىن قورققان ئىدىم. نېمىشقا كەلمەيسەن بۇ يەرگە؟ دەيتتى ئانام ئۆچىرەت ساقلاۋېتىپ. جاۋاب بەرمەيتتىم، قورقۇنچاقلىقىم ۋە رەڭگىم ئۆزگەرگەنلىكى سېزىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ھالدا بىر ئۇزۇنغىچە ئۆزۈمنى باشقا بىرسى ھېسابلايتتىم، ئانامنى ئارىلىقتا بىر يوقلىغاچ خىياللار ئارىسىدا كېزەتتىم: بۇ يەر بىر ساراي ئىدى، ياكى بىر قوينىڭ ئاستى... ئوسمانبەي ھەربىيە تەرەپكە ماڭساق، بىر تەرەپتىكى موبايىل بېنزىنچىنىڭ پۈتۈن بىر تۇرالغۇنىڭ يان ئۇدۇلىنى قۇچقان ئۇچار ئېتى بۇ خىياللارنى ئېلىشتۇرۇۋېتەتتى. ئاتلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ، قورقۇنچ پەيدا قىلغانلارنىڭ ئاغزىلىرى، بۇرۇنلىرى، ئېسىمدە قالار، ئۇ يەردىكى بىر تۆشۈكتىن چۈشۈپ غايىب بولارمەنمىكىن دەپ ئويلايتتىم.
بىر ياندىن نىلون پايپاق يامىغاچ، بىر ياندىن تۈگمە، كەمەر ساتىدىغان ياشانغان بىر رۇم ئايال بار ئىدى. بىر تارتمىدىن«سەھرا تۇخۇملىرى» نى خۇددى گۆھەرنى ئېلىۋاتقاندەك بىر- بىرلەپ ئېلىپ تولىمۇ ياخشى نەرسىدەك بىلىپ ساتاتتى. ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى كىچىك بېلىقداندا ئېغىر ئېغىر ئۈزۈپ يۈرگەن قىزىل بېلىقلارنىڭ ئەينەككە تەڭلىگەن قولۇمنى يېمەك ئۈچۈن كىچىك ئەمما قورقۇنچلۇق ئاغزىلىرىنى ئېچىپ تەلۋىلىك بىلەن شۇڭغۇشلىرى مېنى كۈلدۈرەتتى. يول بويىدا يەنە ياقۇپ بىلەن ۋاسۇ ماڭدۇرغان كىچىك دۇككانغا كىرىپ ئۆتەتتۇق. بۇ تاماكا، ژۇرنال ۋە مەدەنىيەت بويۇملىرى دۇكىنى ئىدى. ئەمما ئۇ قەدەر كىچىك ئىدىكى، ئۇزۇنغىچە ئىچىگە كىرەلمەستىن قىستىلاتتۇق.
خۇددى بىر چاغلاردا لاتىن ئامېرىكىسىدا ئەرەبلەر تۈرك دېيىلگىنىدەك، ئىستانبۇلدا بىر تۈركۈم قارا تەنلىك ئەرەب دېيىلگىنىدەك «ئەرەبنىڭ دۇكىنى» دەپ چۈشىنىلگەن قۇرۇق قەھۋەچىنىڭ دۇكىنىدىكى يوغان قەھۋە ئېزىش ماشىنىسى گۈرۈلدىشى بىلەنلا (خۇددى ئۆيدىكى كىر يۇيۇش ماشىنىسى كەبى چۆرگىلە چۆرگىلە مېڭىشقا باشلىغاندا) بىر ئاز ئۇزاقلىشاتتىم، «ئەرەب» نىڭمۇ قورقۇنچاقلىقىمغا مەستىلىكى كېلىپ كۈلۈمسىرىگىنىنى ھېس قىلاتتىم. تېخىمۇ كىيىنكى يىللاردا ھەر بىرى يېڭى مودىلارنىڭ يېتىپ كېلىشى سەۋەبلىك ئۆتكۈنچى ھاياجان ئىچىدە ئېچىلىپ بىر- بىرلەپ تاقالغان، ئورنىغا باشقىلىرى ئېچىلىپ، يېڭىدىن تاقالغان بۇ دۇكانلارنىڭ قىرىق يىللىق تارىخىنى ئاكام بىلەن ئىككىمىز كەچمىشنى سېغىنىشتىن كۆرە يادا ئېلىش مەشىقى قىلىۋاتقاندەك ساناپ ئوتتۇرىغا تۆكەتتۇق: قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قارشىسىدىكى دەيتتۇق بىرىمىز مەسىلەن، بىر رۇم خانىمنىڭ تورتخانىسى، 2 گۈلچى، 3 سومكىچى، 4 سائەتچى، سپورتچىلار مەخسۇس دۇكىنى بولدى. 6 رەسىم گالورىيىسى ۋە كىتابچى، 7 دورىخانا.
50 يىلدىن بىرى ئەينى يەردە تۇرغان ئالاددىننىڭ تاماكا- ئويۇنچۇق، گېزىت- مەدەنىيەت بويۇملىرى ساتىدىغان كىچىك دۇكىنىنىڭ ئۆڭكۈرگە ئوخشايدىغان قاراڭغۇلۇقىغا كىرمەستىن بۇرۇن پىلانلىغىنىمدەك ئانامدىن ماڭا بىر دۈدۈك ياكى بىر قانچە مەرمەر ياكى بىر بوياق كىتابى ياكى يو يو ئېلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنەتتىم. ھەدىيە ئانامنىڭ سومكىسىغا كىرەر كىرمەس ئۆيگە كېتىش ئىستىگى ئىچىمنى غاجىلايتتى.
«باغچىغا قەدەر ماڭايلى» دەيتتى ئانام. بىردىنلا پۇتلىرىمدا، پۈتۈن گەۋدەمدە غەيرى بىر ئېغىرچىلىق باشلىناتتى، ئىستەكسىزلىك گەۋدەمدىن روھىمغا يېيىلاتتى. يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئەينى ياشلاردىكى قىزىمنى ئەينى كوچىلارغا ئېلىپ چىققان ۋە ئۇنىڭمۇ ئوخشاش شىكايەت قىلغىنىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنى بىر دوختۇرغا ئاپارغانىدىم ھارغىنلىق ۋە سىقىلىشنىڭمۇ ئىرسىيەت قالىدىغانلىقى، پۇتلاردىكى ئاغرىقنىڭمۇ ئۆتكۈنچى«بالىلار ئاغرىقى» ئىكەنلىكىگە ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقانىدىم. ھارغىنلىق ۋە سىقىلىش ئىچىمگە ئوبدانلا جايلىشىشقا باشلىغاندا پۈتۈن كوچىلار، كۆرۈشنى خالىمىغان پەشتاختىلار ئاستا- ئاستا رەڭگىنى يوقىتاتتى، شەھەرنى ئاق- قارا بىر يەر سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلايتتىم.
«ئانا، قۇچىقىڭغا...» دەيتتىم
ماچكا(Maçka) غا قەدەر ماڭايلى، دەيتتى ئانام، ترامۋايغا چىقىمىز.
1914- يىلدىن بېرى بىزنىڭ كوچىدىن ئۆتكەن، ماچكانى، نىشانتاشنى، تاكسىم مەيدانىغا، تۈنلەگە، گالاتا كۆۋرۈكىگە، شەھەرنىڭ ماڭا باشقا بىر دۆلەتتەك بىلىنگەن يوقسۇل، كونىرىغان ۋە تارىخى بۇلۇڭلىرىغا تۇتاشتۇغان ترامۋاينى ياخشى كۆرەتتىم. بالدۇر ياتقان كېچىلەر قۇلىقىمغا مۇڭلۇق بىر مۇزىكا كەبى كەلگەن گۈدۈكنى، تاختاي ئىشىكلىك ترامۋاي ئىچىنى، شوپۇر ئورنى بىلەن يولۇچى ئورۇندۇقلىرى ئارىسىدىكى سۈرۈلىدىغان ئىشىكنىڭ سىنكا كۆكى رەڭلىك ئەينىكىنى ۋە ئاخىرقى بېكەتتە، بىز ئانام بىلەن ترامۋاي قوزغىلىشنى ساقلاۋاتقاندا مېنىڭ ئوينىشىمغا رۇخسەت قىلغان تۆمۈر توساق كالتىكى ... قايتىش يولىمىزدا كوچىلار، تۇرالغۇلار، ھەتتا دەرەخلەرمۇ قارا- ئاق كۆرۈنەتتى ماڭا.