6. باب بوغازنىڭ كەشپىياتى
«سالاجاك جىنايىتى » (Salacak Cinayeti) دىن كيىن ئانام ۋە ئاكام بىلەن بىر قېتىممۇ بوغازغا قېيىق بىلەن ئايلانغىلى چىقمىدۇق. بولمىسا ئالدىنقى يىلى قىشتا ئاكام ئىككىمىز كۆكيۆتەل بولۇپ قالغان ۋاقىتلاردا ھەركۈنى بوغازغا چىقىپ قېيىق بىلەن ئايلىناتتۇق. كېسەل ئالدى بىلەن ئاكامدا كۆرۈلدى، ئون كۈن كىيىن مەنمۇ ئاغرىدىم. بۇ ئاغرىقنىڭ مېنى بەختلىك ھېس قىلدۇرغان چاغلىرىمۇ بولدى: ئانام ماڭا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، مەن ئامراق بولغان ياخشى سۆزلەرنى قىلاتتى، مەن خالىغان ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرەتتى. مېنى قىينىغان نەرسە ئاغرىق ئازابىدىنمۇ بەكرەك بىزنىڭ قەۋەتتە ياكى ئۈستۈنكى قەۋەتتە سېلىنغان داستىخانغا چىقالماسلىقىمىز، تاماق ئۈستىدىكى پاراڭلارنى، ۋىلكا پىچاقلارنىڭ چىنە- قاچىلارغا ئۇرۇلغان ئاۋازىنى ۋە كۈلكە ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالماسلىقىمىز ئىدى.
بىز سومكىسىدىن بۇرۇتلىرىغىچە ھەممە نەرسىسىدىن قورقىدىغان ئۇ دوختۇر (Alber) بىز قىزىتىپ قالغان كېچىلەردىن كىيىن ئاكام ئىككىمىزگە داۋا بولسۇن ئۈچۈن ھەر كۈنى بوغازغا چىقىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بوغاز سۆزىنىڭ تۈركچىدىكى ئەسلى مەنىسى بىلەن «ھاۋالانماق» ئىشى كاللامدا بىر- بىرىگە ئارىلىشىپ كەتتى. تارابيا(Tarabya) نىڭ ھازىرقىغا ئوخشاش ساياھەتچىلەر ئاشخانىلىرى، مېھمانخانىلىرى بىلەن مەشھۇر بىر ساياھەت ئورنى ئەمەس، يۈز يىل ئاۋال مەشھۇر شائىر (Kavafis) بالىلىق دەۋرىدە ياشىغان جىمجىت رۇم بېلىقچى يېزىسى بولغان زامانلاردا ئۇ يەرنى (Therapia) (ياخشىلانماق دېگەن مەنىدە) دېگىنىدە ھەيران قالغان ئىدىم. بەلكىم كاللامدا داۋالانماق پىكىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكىنى ئۈچۈن بوغازنى كۆرسەم ياخشىلىنىپ قالغاندەك بولاتتىم.
شەھەرنى ئىچى- ئىچىدىن چۈرۈتكەن مەغلۇبىيەت، زىيان، دەرد، مۇڭ ۋە يوقسۇللۇققا قارشى بوغاز ھايات رىشتىسى، ياشاشنىڭ ھاياجىنى ۋە بەخت تۇيغۇلىرىنى قەلبىمدە يۇغۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئىستانبۇلنىڭ روھى ۋە كۈچى بوغازدىن كېلىدۇ. بولمىسا شەھەر دەسلەپتە بوغازغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن، بۇ يەرنى بىر يول، گۈزەل بىر مەنزىرە ۋە كىيىنكى ئىككى يۈز يىلدا بىر يازلىق ساراي ياكى داچا سالىدىغان جاي سۈپىتىدە كۆرگەن ئىدى.
بىر قاتار رۇم بېلىقچى يېزا خەلقىدىن باشقا ھېچكىم ياشىمىغان بوغازدا ئون سەككىزىنچى يۈز يىلدىن ئىتىبارەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ داچىلىرى ئورۇن ئېلىشقا باشلىغاندا جۈملىدىن كۆكسۇ(Göksu) كانلىجا (Kanlıca)، رۇمئەلى ھىسار(Rumelihisar)، بەبەك (Bebek)، كىچىك سۇ(Küçüksu)، كاندىللى(Kandilli) ئەتراپلىرىدا ئىستانبۇلغا ۋە ئوسمانلى دۆلىتىگە ماس بىر خىل يېپىق مەدەنىيەت شەكىللەندى. ئوسمانلى پاشالىرى، يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى، كىيىنكى يۈز يىلدىكى بايلار بىنا قىلىپ ئولتۇرغان داچىلار، كىيىنرەك، يىگىرمىنچى يۈز يىلدا جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋە تۈرك مىللىيەتچىلىرىنىڭ ھاياجىنى بىلەن، تۈرك ئوسمانلى كىملىكىگە ۋە مىمارچىلىقىغا ئۆرنەك قىلىندى. «بوغاز ئىچى خاتىرىلىرى»(Boğaziçi Anıları) ناملىق كىتابتا بۇ داچىلارنىڭ كونا رەسىملىرىنى مەللىڭ (Anton Ignaz Melling 1716-1778 نېمىس رەسسام ۋە مىمار، ئىستانبۇل گراۋۈر لىرى بىلەن مەشھۇر) گە ئوخشاش رەسساملارنىڭكىدەك سىزىغان گراۋۈرلەرنى، پىلانلارنى توپلىغان سەداد ھاققى ئەلدەم (Sedad Hakkı Eldem) نىڭ داچىلاردىن ئۆرنەك ئالغان نەپىس ۋە ئېگىز پەنجىرىلىك، پىشايۋانلىق، ئىنچىنكە تۇرخۇنلۇق ۋە لەمپىلىك «زامانىۋى» قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئۇلارغا قىلغان تەقلىدلىرى پەقەتلا بۇ يىقىلغان، يوق بولغان كۈلتۈردىن يادىكار قالغان كۆلەڭگىلەر ئىدى.
تاكسىم- ئەمىرگان ئاپتوبۇسى يولى 1950- يىللاردا نىشانتاشتىنمۇ ئۆتەتتى. بوغازغا بېرىش ئۈچۈن ئانام بىلەن بىرلىكتە ئۆينىڭ ئالدىدىكى بىكەتتىن ئاپتوبۇسقا چىقاتتۇق. ترامۋايغا چىقساق ئاخىرقى بىكەت بولغان بەبەك (Bebek) چۈشۈپ، قىرغاقتا ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن ھەر كۈنى ئوخشاش يەردە بىزنى ساقلىغان كېمىچىنىڭ كېمىسىگە چىقاتتۇق. ئۇ يەردە قېيىقلار، كاتىرلار، شەھەر قاتنىشى بولغان پاراخوتلار، چۆرىسى سەدەپ بىلەن قاپلانغان لەيلىمە كۆۋرۈكلەر ۋە دېڭىز ماياكلىرى ئارىسىدا كېزىشتىن، كېمىدە تۇرۇپ بوغاز سۈيىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىشتىن، يېنىمىزدىن ئۆتكەن كېمىلەردىن ھاسىل بولغان دولقۇنلاردىن قېيىقىمىزنىڭ لەپەڭلەپ كېتىشلىرىدىن تولىمۇ خۇشال بولاتتىم، بۇ كېزىشلەرنىڭ ھېچ ئاخىرلاشماسلىقىنى خالايتتىم.
بوغازدا كېزىشنىڭ زوقى دېمەكلىك- بۈيۈك، تارىخى ۋە قاراقسىز قالغان بىر شەھەرنىڭ ئىچىدە ھەركەت قىلىش بىلەن بىرگە تېرەن، كۈچلۈك ۋە دولقۇنلۇق بىر دېڭىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە كۈچىنى ھېس قىلماقتۇر. بوغازنىڭ ئېقىۋاتقان سۇلىرىدا تىزلا ئىلگىرلىگەن يولۇچى تولىمۇ ئاۋات بىر شەھەر قىرغىقىنىڭ، تۇمانلىرىنىڭ، شاۋقۇن- سۈرەنلىرىنىڭ ئارىسىدا دېڭىزنىڭ كۈچىنىڭ ئۆزى پەيدا بولۇپ، ئۆزى غايىب بولغىنىنى؛ پۈتۈن بۇ قاينام تاشقىنلىقنىڭ، تارىخنىڭ، ئىنشائاتلارنىڭ ئىچىدە ھۆر ۋە يالغۇز قېلىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى. شەھەرنىڭ ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بۇ سۇنى ئامىستىردامنىڭ، ۋېنىتسىيە قاناللىرى بىلەن ياكى پارىژ ياكى رىمنى ئىككىگە ئايرىغان دەريالار بىلەن ئوخشاتقىلى بولمايتتى. بۇ يەر شاۋقۇنلۇق، شاماللىق، دولقۇنلۇق، تېرەن ۋە قاراڭغۇدۇر.
ئېقىنلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ماڭغىنىڭىزدا ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەھەر قاتنىشى بولغان پاراخوتلارنىڭ يۆنىلىشىدە بىر قىسقۇچپاقىغا ئوخشاش ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ- يان ئىلگىرلىگىنىڭىزدە بالكونلاردا چاي ئىچكەچ سىزگە قاراۋاتقان ھاممىلاردىن، تۇرالغۇلاردىن، داچىلاردىن، يېقىندىكى پورتقا جايلاشقان قەھۋەخانىدىن، ساھىلدىكى ئەۋرەز يولى ئاخىرلاشقان يەردىن، كىيىملىرى بىلەن دېڭىزغا كىرگەن ۋە ئىسسىنىش ئۈچۈن ئاسفالىت يولغا ئۇزانغان بالىلاردىن ھەمدە قىرغاقتا بېلىق تۇتۇۋاتقانلاردىن، كاتىرلارنىڭ ئىچىدە مۈگدەپ ئولتۇرغانلاردىن، قوللىرىدا سومكا، مەكتەپتىن چىقىپ ساھىل بويلاپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن، قاتناش توسۇلغاندا ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن دېڭىزغا باققان يولۇچىلاردىن، پورتتا بېلىقچىلارنى ساقلاپ تۇرغان مۈشۈكلەردىن، نەقەدەر ئېگىزلىكىنى ئەمدى ھېس قىلغان چىنار دەرەخلىرىدىن، ساھىل يولىدا ئەسلا كۆرۈنمىگىنى ئۈچۈن مەۋجۇتلۇقىنى پەقەت دېڭىزدىن باققىنىڭىزدا پەرق ئەتكىلى بولىدىغان باغ ئىچىدىكى قوناقلار(تۇرالغۇلار)دىن، دۆڭلۈكلەردىن، دۆڭلۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تۆپىلىكلەردىن، ئۇزاقتىكى ئېگىز بىنالاردىن باشلاپ ئىستانبۇل ئېغىر، ئېغىر كارماشالىرى(سېمۇنت ھاك ۋە قۇمنى ئارىلاش تۇرۇپ قىلىنغان لاي)، جامەلىرى، يىراق مەھەللىلىرى، كۆۋرۈكلىرى، مۇنارلىرى، قەلىئەلىرى، باغلىرى، ھەر كۈن يېڭى بىرى سېلىنىۋاتقان ئېگىز بىنالىرى بىلەن كۆز ئالدىڭىزدىن ئۆتىدۇ. بوغازدا پاراخوت بىلەن، ماتورلۇق قېيىق بىلەن ۋە مېنىڭ بالا ۋاقتىمدا چىققىنىمدەك قېيىق بىلەن كېزىش ئىنسانغا ئىستانبۇلنى ھەم يېقىندىن ئۆيمۇ- ئۆي، مەھەللىمۇ- مەھەللە سەيلە قىلىش زوقى ھەمدە ئۇزاقتىن تېز- تېز ئۆزگىرىپ تۇرغان بىر خىيالى تەسۋىرنى كۆرگەندەك زوق بېرەتتى.
بالىلىقىمدا ماشىنا بىلەن ئايلانغىلى چىققىنىمىزدىمۇ ھېس قىلغان بوغاز مەنزىرىسى زوقلىرىدىن بىرى- بۇ يەردە بىر زامانلار ئوسمانلى مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرىنىڭ غەربنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئەمما ئالاھىدىلىكى ۋە كۈچىنى يوقاتمىغان، باي بىر دەۋرنىڭ ئىزلىرى قالغانلىقىنى كۆرۈش ئىدى. چوڭ بىر داچىنىڭ سىرلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن ھەيۋەتلىك تۆمۈر دەرۋازىسىدىن، يەنە بىر داچىنىڭ مۇخ باسقان قېلىن ۋە ئېگىز تاملىرىنىڭ مۇستەھكەملىكىدىن، يەنە بىرىنىڭ تېخىچە يانمىغان لەمپىلىك دېرىزىلەردىن، ۋە گۈل- نەقىشلىرىدىن، ياكى بەزى داچىلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئېگىز تۆپىلىكلەرنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزانغان سېرىس دەرخلىرىدىن، بوغاز قارىغايلىرى، ۋە يۈز نەچچە يىللىق چىنارلار بىلەن قاپلانغان قاراڭغۇ باغلاردىن، تۈگىگەن ۋە ئۆتمۈشتە قالغان بىر مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىسىنى- ئىزلىرىنى بىلگىلى بولاتتى. بىر زامانلاردا بىزگە ئوخشايدىغان ئىنسانلارنىڭ پۈتۈنلەي باشقا بىر ھاياتتا ياشىغىنىنى، ئەمما بۇ زامانلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكىنىنى ھەمدە بىزلەرنىڭمۇ ئۇلاردىن باشقىچە – يوقسۇل، سۇنۇق، ئېزىك ۋە پايتەخت خەلقىگە ماس بولمىغان بىر ھاياتتا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلاتتىم.
ئىستانبۇلنىڭ كونا مەركىزى، تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا، ئون توققۇزىنچى يۈز يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئىتبارەن گەۋدىلىك بىر ھالدا يوقسۇللۇقنىڭ، چىرىشنىڭ، مەغلۇبىيەتنىڭ، نوپۇس تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنىڭ، ئارقىمۇ- ئارقا مەغلۇب بولغان ئۇرۇشلارنىڭ ۋە غەربلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان زامانىۋىي ئوسمانلى بىيۇرۇسنىڭ ئېگىز بىنالىرى بىلەن زېدىلەنگەن، ئېزىلىۋاتقاندا بۇ بىيۇرۇنىڭ بايلىرى ۋە پاشالىرى، تۆرىلىرى قېچىپ بېرىپ بوغاز قىرلىرىغا سالدۇرغان داچىلارنىڭ ئەتراپىدا، بېكىنمە ھالەتتىكى بىر كۈلتۈر شەكىللەندۈردى. ئەڭ دەسلەپتە ئاسفالىت يولنىڭ بولماسلىقى، ئون توققۇزىنچى يۈز يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كېمە قاتنىشى ۋە پورتلارنىڭ بولغىنىغا قارىماي ئىستانبۇللۇق بولمىغىنى ئۈچۈن چەتئەللىكلەرنىڭ كەڭ كۇشادە يۈرەلمىگەنلىكى، بۇ يەرلەر ۋە بېكىنمە مەدەنىيەت ھەققىدە ئۆز زامانىسىدا ئۇ يەردە ياشىغان ئوسمانلىلارمۇ بىر نەرسە يازمىغانلىقى ئۈچۈن، بىلىمىمىز تېخىمۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قول ماتىرىياللارغا ئاساسلىنىدۇ.
بۇ خاتىرە يازغانلار ئىچىدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى، مەن سۆيۈپ ئوقۇغىنىم پراۋۇست (Proust 1871- 1922- غىچە ياشىغان فرانسۇز يازغۇچى، تەنقىدچى) نىڭ سەزگۈزلۈكىنى ۋە ئۇزۇن جۈملىلىرىنى «بوغاز ئىچى مەدەنىيىتى» دېگەن بۇ تەرجىمە بىلەن روياپقا چىقارغان قىلغان ئابدۇلھەق شىناسى ھىسار ( Şinasi Hisar'dı (1887-1963 Abdülhak ئىدى. بالىلىقىنى رۇمئەلى ھىساردا بىر داچىدا ئۆتكۈزگەن، ياشلىقىنى پارىژدا- بىر قىسىمدا، شائىر دوستى ياھيا كەمال (Yahya Kemal 1884-1958) بىلەن بىرلىكتە سىياسەت بىلىملىرىنى ئوقۇغان ۋە فرانسىيەدە يازغۇچىلاردىن ئەدەبىي زوق ئېلىشى ئۆگەنگەن ھىسار «بوغاز ئىچى ئايدىڭلىرى» (Boğaziçi Mehtapları) ۋە «بوغاز ئىچى داچىلىرى» (Boğaziçi Yalıları) ناملىق كىتابلىرىدا يوقىلىپ كەتكەن بۇ خاس كۈلتۈرنى ۋە بۇ دۇنيانى «يەنە بىر مەزگىل ياشاتماق ئۈچۈن پۈتۈن دىققىتى بىلەن بىر كونا زامان نەققاشى كەبى ئىشلەش ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈش» كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى.
بوغاز ئىچىدىكى ئايدىڭ كېچىلەردە قېيىق بىلەن يۈرگەچ، ئۇزاقتىكى بىر كېمىدە چېلىنغان مۇزىكا پارچىسىنى تىڭشاش ياكى ئاي نۇرىنى سۇدىكى كۆمۈشتەك جىمىرلاشلىرىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن ئەتىگەندىلا تەييارلىق باشلانغاندىن تارتىپ پۈتۈن بىر كۈننى جىمجىتلىق، مۇھەببەت، كۆنۈكۈشلەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈشتىن؛ «بوغاز ئىچى ئايدىڭلىرى» ناملىق كىتابتىكى يازغۇچى ناھايىتى بېرىلىپ يازغان «سۈكۈت پەسلى» قىسىمىنى قايتىلاپ ئوقۇشتىن، ئىچىگە كىرىپ باقمىغان بۇ غايىب دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇشتىن ۋە كەچمىشنى سېغىنغان بۇ يازغۇچىنىڭ بۇ غايىب ئالەم ئىچىدە نەپرەت، چۈشكۈنلۈك، كۈچ ۋە ئىقتىدار بىلەن پۈتكەن شەيتانى ۋە يامان ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىۋالغىنىدىن ئاچچىقىم كېلەتتى(بۇنىڭدىنمۇ زوق ئالاتتىم). ئايدىڭ كېچىلەردە تۇرغۇن دېڭىزدا قېيىقلار بىلەن توپلىنىپ ئاڭلىغان مۇزىكا پارچىسى جىمىقىپ كېچىنىڭ جىمجىتلىقى باشلانغان چاغلاردا «ھېچبىر شامال ئەسمەستە سۇلار خۇددى ئۆز ئىچىدىن كەلگەن يىنىك بىر ئوخچۇش بىلەن جىمىرلايىتتى» دەپ يازغانىدى ھىسار.
ئانام بىلەن قېيىق سەيلىسىگە چىققانلىرىمىزدا بوغاز تۆپىلىكلىرىدىن كەلگەن رەڭلەر ماڭا سىرىتتىن كەلگەن بىر نۇرنىڭ ئەكس ئېتىشى ئەمەستەك بىلىنەتتى. خۇددى تاملارنىڭ، چىنار ۋە سېرىس دەرەخلىرىنىڭ، بىردىنلا كۆز ئالدىمىزدىن تېزلا ئۆتكەن چايكىلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ، يېرىمى يىقىلغان قېيىقخانا تاملىرىنىڭ ئىچىدە يېنىك، سۇلغۇن بىر نۇر تۆكۈلۈۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. يوقسۇل بالىلار ساھىل يوللىرىدىن دېڭىزغا سەكرەيدىغان ئىسسىق ياز كۈنلىرىدىمۇ، بوغاز ئىچىدە قۇياش ئىقلىمغا ۋە مەنزىرىگە مۇتلەق ھاكىم ئەمەستۇر. ياز ئاخشاملىرىدىمۇ گۇگۇم قىزىللىقى بىلەن ئۆزىنىڭ سىرلىق قاراڭغۇلۇقىنى بىرلەشتۈرگەن ئۇ تەڭدىشى يوق نۇرنى تاماشا قىلىشنى، ئۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشلارنى ياخشى كۆرىمەن. كۆپۈكلىنىپ، مەۋجلىنىپ ئاققان، ئۈستىدىكى قېيىقلارنى تەلۋىلەرچە ئېقىتىپ بارغان سۇنىڭ ھازىر مەن ئۇنى ئىككى قەدەم نېرىدا تۇرۇپ كۆزىتىۋاتقان تەرەپتە مونېت(Monet فرانسۇز تەسىراتچى رەسسامى) نىڭ «نىلۇپەر كۆلى» دەك ئېغىر- ئېغىر چايقىلىپ رەڭ ئۆزگەرتكىنىنى كۆزىتىشنىمۇ ياخشى كۆرىمەن.
1960- يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا روبىرت كولىج (Robert Kolej) مەكتپىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەتىگەندە بەشىكتاشتىن سارىيەر(Sarıyer) گە بارىدىغان ئاپتوبۇستا كېتىۋاتقاندا، قىستا- قىستاڭچىلىقتا ئۆرە تۇرۇپ قارشى قىرغاقتا ئاسىيا تۆپىلىكلىرىنىڭ ئارقىسىدىن كۈننىڭ تۇغۇشىنى ۋە قاراڭغۇ، سىرلىق بىر دېڭىز كەبى جىمىرلىغان بوغاز سۇلىرىنىڭ رەڭ ئۆزگەرتكىنىچە يورۇشىنى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرەتتىم. شەھەردە بىر تال يوپۇرماقمۇ مىدىرلىمايدىغان سىرلىق باھار كېچىلىرىدە ياكى ئاي قاراڭغۇسى بولغان، شامالسىز ۋە جىمجىت ياز كېچىلىرىنىڭ ۋاقىت تىزلىشىپ كېتىۋاتقان بىر سائىتىدە بوغاز قىرىدا يالغۇز ئۆزىنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىغاچ ئۇزۇن ئۇزۇن يۈرگەن مۇڭلۇق بىر ئادەم ئاكىنتى بۇرنۇ(Akıntıburnu) غا ياكى ئاشيان مازارلىقى( Aşiyan Mezarlığı) نىڭ ئالدىدىكى ماياكقا كەلگەندە جىمجىتلىق ئىچىدىن چىقىپ بىردىنلا جۇشقۇن گۈلدۈرلىگەن ئېقىن ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا؛ سۇنىڭ نەدىن ئالغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر نۇر ئىچىدە جىمىرلىغان ئاپئاق كۆپۈكلىرىنى قورقۇمسىراپ پەرق ئەتكەندە بىر زامانلار ھېس قىلغىنىمدەك ياكى ھىساردەك بوغازنىڭ ئۆزىگە خاس بىر روھى بولغىنىغا ھەيرانلىق ئىچىدە تەسلىم بولاتتى.
بۇ يەردە سەرۋى دەرەخلىرىنىڭ، ۋادىدىكى قاراڭغۇ قورۇلارنىڭ، بوش ۋە قاراقسىز قالغان داچىلارنىڭ، (كىم بىلەر) نېمىلەرنىدۇر توشۇغان سۇلغۇن، دات باسقان كېمىلەرنىڭ رەڭگىدىن، بوغاز كېمىلىرىنىڭ ۋە داچىلارنىڭ پەقەت بۇ بوغاز قىرلىرىدا بىر ئۆمۈر ياشىغان كىشىلەرلا چۈشىنەلەيدىغان شېئىرىدىن؛ بىر زامانلار بۈيۈك، كۈچلۈك، ئۆزىگىلا خاس بىر ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن ئۇيغارلىق، مەدەنىيەت قالدۇقلىرى ئارىسىدىن ھايات پەيزىنى يارىتىشىدىن ۋە تارىخقا ۋە ئۇيغارلىققا ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويمىغان بىر بالىنىڭ بەخت ۋە شادلىق، بۇ دۇنيانى ئىچ- ئىچىدىن چۈشىنىش ئىشتىياقى ؛ 50 ياشتىكى يازغۇچىنىڭ قارارسىزلىقلىرىدىن، ئازابلىرىدىن، ياشام دېيىلگەن زوقلىرىدىن ۋە سىناقلىرىدىن گەپ ئېچىۋاتىمەن.
بوغازنىڭ، ئىستانبۇلنىڭ، قاراڭغۇ كوچىلارنىڭ گۈزەللىكىدىن ياكى شېئىردىن نە زامان گەپ ئېچىشقا باشلىسام، ئىچىمدە بىر ئاۋاز، مەندىن ئاۋالقى بىر ئەۋلاد يازغۇچىلارغا ئوخشاش ياشاۋاتقان ھاياتىمنىڭ قەدىمىيلىكىنى ئۆزۈمدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، مەن ياشاۋاتقان شەھەرنىڭ گۈزەللكىنى مۇبالىغە قىلماسلىقىم كېرەكلىكىنى ماڭا سۆزلەيتتى. شەھەر بىزگە گۈزەل ۋە سېھىر- ئەپسۇندەك بىلىنسە، ھاياتىمىزمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەكتۇر. ئىستانبۇل ھەققىدە سۆزلىگەن مەندىن ئاۋۋالقى بىر ئەۋلاد كۆپلىگەن يازغۇچىلار شەھەرنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئەس- ھوشىنى يوقاتقىنىنى ھەر ئاڭلاتقىنىدا، بىر ياندىن مېنى ھېكايىلىرىنىڭ ۋە تىلىنىڭ سېھىرلىك تۈسى بىلەن تەسىرلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن تەسۋىرلەۋاتقان بۈيۈك شەھەردە ياشىمىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ غەربلەشكەن ئىستانبۇلنىڭ راھىتىگە ئىشارە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېسىمگە سالاتتى.
ئىستانبۇلنى توسالغۇسىز، لىرىك شەكىلدە مەدھىيلەشنىڭ بەدىلى شەھەردە ياشىماسلىق ۋە «گۈزەل» كۆرۈنگەن نەرسىلەرگە سىرىتتىن قاراش ئىكەنلىكىنى ئۇلاردىن ئۆگەندىم. بۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ تۇيغۇسىنى روھىدا ھېس قىلغان يازغۇچى شەھەرنىڭ خارابلىق ۋە مۇڭىدىن نەرە تارتقىنىدا بۇلارنىڭ ئۆز ھاياتىغا چاچقان سېھىرلىك نۇردىن سۆز ئېچىشى لازىم، شەھەرنىڭ ۋە بوغازنىڭ گۈزەللىكلىرىگە مەپتۇن بولغىنىدا، ئۆز ھاياتىنىڭ پەرىشانلىقىنى ۋە شەھەرنىڭ كەچمىشتە قالغان غالىبلىقى ۋە بەختلىك ھاۋاسىغا ھازىرقى ھالىتىنىڭ ھېچ ياراشمىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشى لازىم.
ئانام بىلەن قېيىق سەيلىسىگە چىققىنىمىز، بىر- ئىككى قېتىم ئېقىندا قېلىشىمىز، يېنىمىزدىن ئۆتكەن بىر كېمىنىڭ دولقۇنلىتىشى بىلەن چايقىلىپ كېتىشكە ئوخشاش بىر قانچە «تەھلىكە» دىن كىيىن سەپىرىمىز ئاخىرلىشىشىغا قېيىقچى بىزنى رۇمئەلى ھىسار بۇرنىدىن ئاۋال ئاشىياندا چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئانام بىلەن رۇمئەلى ھىسارغا، بوغازنىڭ بۇ ئەڭ تار نۇقتىسىغىچە ماڭاتتۇق، ئىككى قېرىنداش رۇمئەلى ھىسارنىڭ تاشقى ھويلىسىغا زىننەت ھېسابىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، فاتىخ ئىستېلاسىدىن قالغان توپلارغا ھاڭۋېقىپ قارايتتۇق، ئىچىدە ئۆي- ماكانسىزلار ئۇخلايدىغان بۇ يوغان سېلىندىرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەينەك سۇنۇقلىرى، ئەسكىلىكلەر، تۈنىكە پارچىلىرى، سىگارت قالدۇقلىرىدىن ئىستانبۇلنىڭ ۋە بوغازنىڭ ئۇلۇغ تارىخى مىراسىنىڭ ھازىر بۇ يەردە ياشاۋاتقان كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن قاراڭغۇ، سىرلىق، چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتۇق.
رۇمئەلى ھىسار ۋاپۇر (بوغازنىڭ ئىككى قىرغىقى ئارىسىدا قاتنايدىغان كېمە) ئىسكەلە (كېمە توختايدىغان بېكەت) سىگە كەلگىنىمىزدە ئانام ئىسكەلەنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە يېرىمى ئاسفالىت، يېرىمى كالدىرىم(ئاياغ يولى) بولغان بىر كىچىك قەھۋەخانا جايلاشقان يەرنى ئىشارە قىلىپ، «بۇ يەردە قەدىمدىن تاختايلىق بىر داچا بار ئىدى» دەپ بىزنىڭ ئېسىمىزگە سالاتتى. «مەن كىچىك قىز ۋاقىتلىرىمدا، چوڭ داداڭلار يازدا بىزنى بۇ يەرگە ئەكىلەتتى». ھەر قېتىمدا قورقۇنچلۇق، كونا، خاراب بىر بىنا، يىقىلىپ چۈشەي دەپ قالغان بىر خارابىلىق سۈپىتىدە خىيال قىلغان بۇ يازلىق ئۆي ھەققىدە ئەقلىمدىن ھېچ چىقمىغان تۇنجى ھېكايە- پاشا قىزى بولغان ھەمدە ئاستىنقى قەۋەتتە ئولتۇرغان ئۆي ساھىبى ئايالنىڭ ئۇ يىللاردا ، 1930- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يوشۇرۇنچە، سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىدى. بۇ ھېكايىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كاللامغا ئەكىرىۋالغىنىمنى كۆرگىنىدە، يوقالغان داچىنىڭ قېيىقخانىسىنىڭ ئىزلىرىنى بىزگە كۆرسەتكەندە ئانام باشقا بىر ھېكايىگە كۆچەتتى، چوڭ ئانىمىز پۇشۇرغان باميالىق تۈرۈلمە (بىر خىل تاماق) نى ياقتۇرمىغان چوڭ دادامنىڭ بۇ تاماقنى تاۋا بىلەنلا دېرىزىدىن بوغازنىڭ چوڭقۇر ئېقىن سۈيىگە قانداق ئاتقىنىنى غەمكىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دەپ بىرەتتى.
دادام بىلەن جېدەللىشىپ قالغان كۈنلەردە، ئانام ئىستىنيە (İstinye) دىكى يىراق بىر تۇغغقىنىمىزنىڭ كېمە زاۋۇتىغا قارايدىغان بىر داچىسىغا باراتتى. ئۇ يەرنىڭمۇ كىيىنچە خارابىلىققا ئايلانغىنىنى ئەسلىيەلەيمەن. بالىلىقىمدا يېڭى بايلار، ئاستا- ئاستا بېيىشقا باشلىغان ئىستانبۇل بۇرژۇئازىيەلىرى ئۈچۈن بوغاز داچىلىرى جەلپ قىلارلىق يەرلەر ئەمەس ئىدى. كونا بوغاز داچىلىرى شەرقى شىمال شامىلىغا ۋە قىش سوغۇقىغا پاناھلانغۇدەك يەرمۇ ئەمەس ئىدى ھەمدە ئىسسىتماقمۇ تەس، خىراجەت كۆپ كېتىدىغان يەر ئىدى. جۇمھۇرىيەتنىڭ يېڭى بايلىرى ئوسمانلى پاشالىرىدەك كۈچلۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە تاكسىم ئەتراپىدىكى رايونلاردا، ئۇزاقتىن بوغازغا باققان بىنا قەۋەتلىرىدە ئولتۇرسا ئۆزلىرىنى تېخىمۇ غەربلەشكەندەك ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن كونا بوغاز داچىلىرىنى كۈچىدىن قالغان ئوسمانلى ئائىلىرىدىن، پېقىرلاشقان پاشا ئەۋلادلىرىدىن، ھىسارغا ئوخشاشلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن سېتىۋالمىدى. شۇنداق قىلىپ شەھەر تېز كېڭەيگەن 1970- يىللارغا قەدەر بوغازنىڭ چوڭ تاختايلىق قوناقلىرىنىڭ ۋە داچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچىدىكى تەلۋە ساراي ئادەملىرى، بىر- بىرىگە مال- مۈلۈك داۋاسى قىلىشقان پاشا نەۋرىلىرى بىلەن بىرلىكتە، قاچانىكى قەۋەتمۇ- قەۋەت، ھەتتا ئۆيمۇ- ئۆي ئىجارىگە بېرىلىپ، قاراقسىز قالغانلىقتىن چىرىپ، سىرلىرى چۈشۈپ، تاختايلىرى سوغۇق ۋە نەمدىن قارىيىپ ئورنىغا بىر بىنا چۈشۈش ئۈمىدى بىلەن مەقسەتلىك ھالدا ئوت قويۇلۇپ، (بالا ۋاقىتلىرىمدا) يوق بولۇپ كەتتى.
1950- يىللارنىڭ ئاخىرىدا، دادام ياكى تاغام ھەيدىگەن 1952- يىلنىڭ Dodge ماركىلىق ماشىنا بىلەن ھاۋا يېگىلى ئۈچۈن بوغازغا چىقىش بازاركۈنى ئەتىگەنلىرىنىڭ ۋاز كېچىلمەس ئادىتى ئىدى. بىزلەر يوقىلىپ كەتكەن بۇ ئوسمانلى كۈلتۈرى ئۈچۈن بىر ئاز كۆڭلىمىز يېرىم بولسىمۇ، جۇمھۇرىيەتنىڭ يېڭى بايلىرىدىن بولغىنىمىز ئۈچۈن «بوغاز ئىچى مەدەنىيىتى» بىزگە يوقالغانلىق تۇيغۇسى ۋە مۇڭدىن بەكرەك بىر مەدەنىيەتنىڭ داۋامى بولغانلىق غۇرۇرىنى ۋە تەسەللى تۇيغۇسىنى بېرەتتى. بوغازغا ھەر قېتىم بارغىنىمىزدا جەزمەن ئەمىرگانغا بېرىپ چىنار ئاستى (Çınaraltı) قەھۋەخانىسىدا قەغەز ھالۋا(kâğıt helva) يەيتتۇق، بەبەكتە، ئەمىرگاندا قىرغاق بويلاپ يۈرەتتۇق، بوغازدىن ئۆتكەن كېمىلەرنى تاماشا قىلاتتۇق، يولدا ئانام ماشىنىنى توختىتىپ تەشتەك ياكى يوغان ئىككى بېلىق ئالاتتى.
يېشىم چوڭايغانچە ئانا- دادا ۋە ئىككى ئوغۇلدىن تەركىب تاپقان بۇ كىچىك ئائىلە ساياھىتىدىن سىقىلغىنىمنى، زېرىككىنىمنى ئەسلەيمەن. كىچىك ئائىلە ماجرالىرى، ئاكام بىلەن ھەر قېتىمدا چوڭ بىر رىقابەت ۋە جېدەلگە ئايلىنىپ كەتكەن ئويۇنلار، بىر ماشىنىغا لىققىدە كېلىپ تۇرالغۇ ھاياتىنىڭ سىرتىدا يېڭىچە بىر نەپەس ئېلىشنى ئىستىگەن «كىچىك ئائىلە» نىڭ بەختسىزلىكلىرى بوغازنىڭ كەيپىنى زەھەرلەيتتى، ئەمما بۇ كىچىك بازاركۈنى سەيلسىگە ھەر قېتىم چىقاتتىم. كىيىكى يىللاردا، بوغاز يوللىرىدا باشقا ماشىنىلارنىڭ ئىچىدە، بىزگە ئوخشاش بازار سەيلىسىگە چىققان بەختسىز، جېدەل- ماجرالىق باشقا ئائىلىلەرنى كۆرۈش بۇلارنىڭ يالغۇز مېنىڭ ھاياتىمغىلا خاس ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، بوغازنىڭ ئىستانبۇللۇق ئائىلىلەر ئۈچۈن بىردىنبىر بەخت بۇلىقى ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلدۇراتتى.
بالىلىقىمدا بوغازنى ئالاھىدە بىر جايغا ئايلاندۇرغان بىرمۇنچە نەرسىلەر ئاستا- ئاستا خۇددى بىر- بىرلەپ كۆيۈپ تۈگىگەن داچىلاردەك يوقىلىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ بوغازغا بېرىش ماڭا بىر ئەسلىمە زوقى بېرىشكە باشلىدى. ئەسكى تورلانىڭ يوقىلىشىدىن بىر تورنىڭ بېلىقلارغا قۇرۇلغان توزاق ئىكەنلىكىنى دادامنىڭ قانداق ئاڭلاتقىنىدىن، قېيىق بىلەن داچىلارنى كېزىپ شەھەرگە مېۋە ساتقان سېتىقچى قېيىقلىرىدىن، ئانام بىلەن بىلە بارغان بوغاز پلاجلارى(دېڭىزدا كىشىلەرنىڭ سۇغا چۈشۈشى ئۈچۈن ھازىرلانغان قۇملۇق، چىقىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان قىرغاق) دىن ، بوغازدا سۇ ئۈزۈشنىڭ زوقىدىن، بىر- بىرلەپ تاقالغان، تەرك ئېتىلگەن، كېيىنرەك ھەشەمەتلىك تاماقخانىلارغا ئايلانغان بوغاز ئىسكەلەلىرىدىن، ئىسكەلەنىڭ يېنىدا قېيىقلىرىنى توختاتقان بېلىقىچىلاردىن، ئۇلارنىڭ قېيىقى بىلەن سەيلىگە چىقىشنىڭ ئىمكانسىز بولغىنىدىن مەنمۇ كۆپ گەپ ئاچمايمەن. ئەمما بوغازنى مېنىڭ ئۈچۈن بوغاز قىلىپ تۇرغان نەرسە، تېخىچە بالا ۋاقتىمدىكىدەك تۇرغان بوغاز مېنىڭ ئۈچۈن ئىنسانغا ساغلاملىق بەرگەن، ساقايتقان، شەھەرنى ۋە ھاياتنى ئۆرە تۇغۇزغان پاكىز ۋە پۈتمەس ياخشىلىق بۇلىقىدۇر.
«ھايات ئۇ قەدەر ناچار بولماس» دەپ ئويلايمەن بەزىدە. نېمىلا بولمىسۇن ئادەم بوغازغا يۈرۈشكە چىقالايدىغۇ ئاخىر.
|