جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 234|ئىنكاس: 8

ھېكايىچىلىقتىكى يېڭى مىتۇد-شەھلا ھېكايىلىرى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 204
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 03:17:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھېكايىچىلىقتىكى يەنە بىر مېتود- مىھراي مۇھەممەد(شەھلا ) ھېكايىلىرى توغرىسىدا




  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پروزا قەدىمىگە ئۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، 2000-يىلىدىن بۇيان چەتئەل پروزا ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىشى، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويغان ئىدى. مەمتىمىن ھوشۇر، ھۈسەيىن تاش، ئەنۋەر مەمەتلەرنىڭ يازمىلىرى ئوقۇرمەنلىرىمىزنى خېلى چۆچىتىپ قويۇشتىن سەل ئىلگىرى پەرھات تۇرسۇن ئوخشىمىغان يېزىقچىلىق مېتۇدى بىلەن «ئۆلىۋېلىش سەنئىتى»نى مەركەز قىلغان تەييارلىق ئەسەرلىرىدىن «ھالاكەت»، «مەسھ چۆلى»،«چىنار»...ئۇنىڭدىن كېيىن «ئىشىك چەككۈچى»، « ئەپلاتۇننىڭ گۈرجىكى»قاتارلىق پوۋېسىت،ھېكايە، رومانلىرى بىلەن بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى قاششاقلىقنى قەيەردىن قېزىش ھەققىدە « ئوقۇرمەنلەرنى قانداق تەربىيەلەش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ چىقىش يولى»دېگەن مەۋقەسىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان يەردە قىزغىن مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇردى. نۇرغۇن ئوقۇرمەن بۇ مۇنازىرىنىڭ زادى نېمىلىكىنى بىلمەي بىلجىرلىغان بولسا، ئىنساننىڭ سىتىخيلىك ھەرىكىتىدىكى تەبئى تاللاشنىڭ قانداق مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى ئىزدىگۈچىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئاندىن ئۇزاق سۈكۈتكە چۆمدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىچىنى تىڭشىدى. نەتىجىدە بىز تور ئەدەبىياتى سەينالىرىدا بۇ ھەقتە ھەممىمىز شۇ ئاپتور ھەققىدە سۆزلەشتۇقكى، شۇ ئەسەرلەر ھەققىدە گەپ قىلىشقا تەرىتىمىز بوش كەلدى. بولسىمۇ يېڭىچە بىر قاراشنى تىكلىيەلمىدى. مۇنەۋۋەر ئوقۇرمەن بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس بولغىنىدەك، مۇنەۋۋەر ئىجادكار بولماقمۇ ئوڭاي ئەمەس. بىزدىكى كونا قېلىپتا يېزىلغان ئەسەرلەرگە كۆنۈكۈپ كەتكەن كونا، تەپەككۇر قىلىشنى خالىمايدىغان، كونا ئەسەرلەردىكى چايناپ ئىچىرۈپ قويغان تۇرمۇش ئۇچۇرلىرىغا، توقۇلما ۋەقەلەرگە ئادەتلىنىپ قالغان كونا ئوقۇرمەنلەر توپى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئەسەردىكى مىللەت، دىن، رايوندىن مۇستەسنا رېئال ئىنسانننىڭ مېڭىسىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇر، ھەققىي خارەكتىر، چىن خىياللارنى ئوقۇپ بېقىشنى خالىمايدۇ. بۇنى ئوقۇشنى بىلگەن يېڭى ئوقۇرمەن تەبئىيلا يېڭى ئىجادىيەتچىگە ئايلىنالايدۇ.
مەقسەتكە كەلسەم، يېقىندىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا ئەمدىلا كۆرۈنۈشكە باشلىغان، لېكىن تور ئەدەبىياتىدا ئۆزگىچە يازمىلىرى بولۇپمۇ ھېكايىلىرى ئارقىلىق دىققەتكە سازاۋەر بولىۋاتقان بۇ قەلەمكەشنىڭ يازمىلىرىغا نەزەر ئاغدۇردۇم.    ئۇنىڭ «قۇتۇلۇش»، «ئايشەمگۈل»، «ئادەم ئۆلتۈرۈش»...قاتارلىق تور يازمىلىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئىككى ئېغىز سۆزلەشنى مۇۋاپىق دەپ ئويلىدىم.
ئاۋال بىز «قۇتۇلۇش» ھېكايىسىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.
«مېنى بۇرۇقتۇرمىلىق يېمەكتە، ئەپسانىۋىي چۆچەكلەردىكى غايىۋى پەرىزاتلار، بۈك -باراقسان ئورمانلىقلارنىڭ، ناۋاكەش قۇشلار بەزمە قىلغان، نازۇ-نېمەتلەر ھەر زامان راسلانغان ئېسىل باغلارنىڭ نېرىسىدىكى مۇدھىش چۆلنىڭ ئاجايىپ تىلسىم يېرىگە جايلاشقان كۇيىقاپقا نەزەربەند قىلىنغاندىكى بۇرۇقتۇرمىلىقتەك بىر بۇرۇقتۇرمىلىق مېنى پارچىلاپ يېمەكتە. نە بۇ ھاياتنىڭ پايانى بولسۇن، نە بۇ يۈرەكنىڭ يېشىنىشى بولسۇن، قارا زۇلمەتلەر يىغىلغان تالاي كېچىلەرنىڭ شاھىدى بولماقتىمەن. ئۆكۈنۈش، پۇشايمان، ئون بەش يىللاپ ئاياللىق دۇنيارىمغا باشچىلاپ بارلىقىمنى بېرىپ، ئىنتىلىپ قارىغۇلارچە بۆسۈپ كىرىشلەر مېنى چارچاتتى.» ھېكايىدىكى «مەن»نىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى بىزگە تاپشۇرۇلۇپ بولدى، ئېنىقراقى-«مەن»نىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى. بىزگە دەل مۇشۇ باشلىنىش ئەسەرگە چۆكۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بۇ بىچارە ئوقۇرمەنلىك ئادىتىمىز بىزگە كىمنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاپتورىدىن كوچىلاپ بىلىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەگىشىش خاھىشىنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئەمما، بىز ھېكايىنى ئوقىۋاتقاندا، ئاپتور «مەن» بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىشىدۇ. پىشقان بىر ئايالنىڭ «گۇناھ»قا مېڭىشتىكى ئىش ھەرىكەتلىرى، «ئاسىيىلىق»نى مەنەغا ئىگە قىلىشتىكى مونۇلۇگى شەكىلدىن ھالقىغان «مەخپىي خاتىرە»نى بىزگە ۋاراقلاپ بېرىدۇ.
ئەگەر سىز ئايال ئوقۇرمەن بولسىڭىز ئېتىراپ قىلىسىز، سىزدىمۇ چوقۇم مۇشۇنداق بىر ئىشلار بېشىڭىزدىن ئۆتمىگەن تەقدىردىمۇ، سىزدىكى ئىچكى ئاڭدا ئەشۇنداق بىر شارائىتتا، شۇنداق بىر خىيالىي كەچمىشكە ئېنتىلىش بولماي قالمايدۇ. ئەگەر سىز بىر ئەر ئوقۇرمەن بولسىڭىز سىز بىلەن 10نەچچە يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن، بىللە تىنىپ نەپەسلەنگەن، بىرگە يىغلاشقان، بىللە كۈلۈشكەن ئايالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولىۋاتقانلىقىڭىزغا كۈچلۈك زەرەت ئېلىپ كېلىدۇ.
مەيلى قانداقلا ئويلىمايلى، بىز بۇ «مەخپى خاتىرە» (مەن شۇنداق ئاتىدىم)نى ئوقۇپ بولۇپ، ئىنساندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق يارالمىشنىڭ كىشىلىك دۇنياسىدىكى تاشقى ھەرىكەتلەردىن سىرت، ئۇ بىر تىرىك جان سۈپىتىدىن ھالقىغان ئاڭ ئىگىسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭدا ئۆزى ياشاۋاتقان ئەينى شارائىتقا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش-ياشاش جەريانىدا بىر-بىرىگە قەتئى ئوخشىمايىدىغان خارەكتىر يېتىلگەن بولىدۇ. مانا بۇ خارەكتىر ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان رايون، دۆلەت، مىللىي ئىتقاد چەمبىرىكىگە قويۇلۇپ، ئۆزىدىكى ئەركىن پائالىيەتلەردە ئۆزلىكىگە ئېرىشىش دەۋاسى قىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولسىمۇ، ئۇنى تېىشىدا يەنى، تىلىدا، ھەركىتىدە، ئويلىرىدا ئىپادىلەشتىن قورقىدۇ. مانا بۇ قورقۇش- ئوقۇرمەنلەرنى «ساختا ئەخلاق» تىلىدا مۇشۇنداق پېرسۇناجنى ياراتقان ئاپتورنى تىللاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مانا بۇ قورقۇش، ئەسلى رېئال ئادەم- ئوقۇرمەندىمۇ مۇشۇنداق بىر يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مەۋجۇد بولۇپ باققانلىقىنى، ھېچبولمىسا مۇشۇنداق بىر غەليان ياكى تەشۋىشنىڭ ئۆزىدە بولماقچى بولغانلىقىدىن خاۋاتېرلىنىش تۇيغۇسىغا كېلىدۇ.
دېمەك، بۇ ھېكايە مانا مۇشۇ تەرىپى بىلەن مېنى ئۇزۇنغىچە ئويلاندۇرۇپلا قالماي، ئىنساننىڭ ئەسلى تەبئىيىتىدىكى «ئاسىيلىق»نى «گېپىنۇز» ئارقىلىق ئېچىپ تاشلىماقچى، ھەتتا، ياشىغاندىن بۇيانقى «تەتۈر گېپىنۇز»(يەنى، بايا دېگەن قېلىپلار ئىچىدىكى قېيىن ياشاش ئۇسۇلى)دىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ، يەنىمۇ يېڭى بولغان بىر ياشاش ئۇسۇلىغا ئېنتىلىش، نەدىدۇر بىر يەردە ئۆزىنى ساقلاۋاتقان يېڭى بىر «مەنە»گە سەپەر قىلىشنى ئىستەكلەيدۇ. رېئاللىقتا ئۇچراش تولىمۇ قىيىن بولغان بۇ كىچىككىنە «ئاڭ توقۇلمىسى»نىڭ مۇۋەپپىقىيىتى مۇشۇ يەردىن باشلانغۇسى!
  شۇنداق، بىز بايامقى «قۇتۇلۇش» ھېكايىسىدىكى بىر ئايالنىڭ بۇرۇقتۇرمىللىققا دۇچار بولغاندىكى «مەخپى خاتىرە»سىنى ۋاراقلاپ بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائى توپنىڭ يەنى بىر بۆلىكى بولمىش ھازىرقى ئاياللاردىكى يەنە بىر يامان خۇي- «تەنھا»لىقتىكى ئۆز- ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشىغىمۇ نەزەر ئاغدۇرىشىمىز كېرەك. ئۇ بولسىمۇ، مىھرىئاي مۇھەممەتنىڭ «ئادەم ئۆلتۈرۈش» ناملىق ھېكايىسى.
«بۇ چۈش زادى نىمىنىڭ بىشارىتىدۇ ؟
مەن بارغانسىرى باشقىچىلا بۇلۇپ قىلىۋاتىمەن . يالغۇز قىلىشتىن شۇنداق قوقىمەن ، چىرايىم سارغىيىپ ، ئىشتىھارىم كاملاپ كىتىۋاتىدۇ، سەۋەپسىزلا چېچىلىمەن ، يالغۇز قىلىشتىن قورققانسىرى يالغۇز قالغىم كىلىدۇ، ئادەم خالىمايمەن ، باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشسەم كاللام ھېلىدىن ھېلىغا باشقا يەرگە كېتىپ قېلىپ سۆھبەتدىشىمنىڭ نىمىلەنى داۋاتقىنىنى ئىلغا قىلالمايمەن.» بىز ھېكايىنىڭ بۇ يېرىدە چۈش ۋە تەنھالىق دېگەن رېئال مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز.
ھېكايىدە،«مەن»نىڭ چۈشى ئۇنىڭ تەنھالىقىغا خىرىس قىلغۇچى، ھەتتا ھەقىقىي بىر مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قۇماندانلىق قىلغۇچى كۆرۈنمەس بىر كۈچ. چۈش كۆرۈش ۋە چۈش ھەققىدە ئىنسانىيەت ئالىمى توختاۋسىز ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان.ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى رىسالىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. روھىي ئانالىز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى  فرېئۇد چۈش ھەققىدە نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، چۈشنى روھىي ئانالىز ئىلمىنىڭ ئاچقۇچى سۈپىتىدە باشلىنىش قىلىشنى ئىستىگەن. جۈملىدىن، تەنھالىقنىمۇ روھىي ئانالىز جەريانىدىكى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان، ئىنساننىڭ ئىچكى پائالىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى.
دەرۋەقە، بىز ئىنسانلار تولىمۇ شەخسىيەتچى، تولىمۇ مۇرەككەپ. ئەدناسى، ھايۋانلار چۈش كۆرىۋاتامدۇ، تەنھالىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتامدۇ-يوق؟... دېگەنلەر بىلەن قىلچە ھېسابلاشمايمىزكى، ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئويۇنچىقى ياكى ئەشۇنداق يارالغان قۇربانلىقىمىز دەپ بىلىمىز. ھېكايىدە بىز يەنە «ئۈچ خىل تەنھا»نى كۆرىمىز. بۇنىڭ بىرى «مەن»-يەنى تېخى توي قىلمىغان ئايال، بىرى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بىردىنبىر ھايۋان-مۆشۈك، يەنە بىرى بىر ساياق-يەنى «مەن»نىڭ يىگىتى.
بىز ھېكايىدىكى «مەن»نىڭ ئېيتىلمىسىدىن ئۇنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ «ئىپپىتى كەتكەن» ئاياللىقىنى جەزىملەيمىز. ئۇ نېمە ئۈچۈن ئىپپىتىنى بالدۇر يوقاتقانلىقىنى ئۇنىڭ ياشلىقىدىكى بىخۇدلۇقتىن ، ھېسسىياتجان، تۇرمۇشقا قىزغىن بىر قىزنىڭ خاتا قەدىمى دەيلۇق، ئەمىسە ئۇ  نېمىشقا مۆشۈكىنى ئۆلتۈرىدۇ؟ مانابۇ- بىزنىڭ ئىنسان خارەكتىرىدىكى ياشاش نېشانىنى خاتا بېكىتىپ قويغان ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويىۋاتقان قاپ يۈرەك ياشلىرىمىزدىن سورايدىغان سۇئال ئېدى. ئۇ ئۆزىدىكى «گۇناھ» تۇيغۇسىغا چوڭقۇر تىكىلگەندىلا، ئاشۇ مۈشۈكتىنمۇ بەتتەر تەنھا قالغانلىقىنى سېزىدۇ، قالايمىقان چۈشلىرىنى ئانالىز قىلىدۇ، جانلىق ئوبراز سۈپىتىدە مۈشۈكىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، ئۇ ئۆزىدىكى رېئاللىققا يۈزلىنىش ئېنىرگىيەسىنى ئاشۇ ھەركىتى ئارقىلىق قارشىلىق كۈچىگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ-دە، يىگىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە بولغان ئۇزاقى ئويلىنىش ئىچىدىكى سىتىخىيلىك قارشىلىشىش ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئېلىشقا ئايلىندۇ. بۇ پىچىرلاشتىن يەنى، « يالغۇز قىلىشتىن شۇنداق قورقىمەن ، چىرايىم سارغىيىپ ، ئىشتىھايىم كاملاپ كىتىۋاتىدۇ،..»،يەنە  بۇ دېئالوگدىن « -تاماق يەمسەن؟»دەپ سورىشى ھامانلا كۆڭلى ئېلىشىش ...قاتارلىق ئالامەتلەر ئۇنىڭ نىكاھسىز بالىغا ھامىلدار بولغانلىقىنىدىن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.  ئۇنداق ئويلىمغان تەقدىردىمۇ تەنھالىق تۇيغۇسىغا مەپتۇن بولۇش ۋە ئۇنى يېڭىش رېئال ئىنساننىڭ مەسىللەرنى بىرتەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن سوغۇققان بولىشىنى تەلەپ قلىدۇ ھەمدە بىزنىڭ ئۆزىمىزدىن باشلانغان قۇتۇلۇش ۋە ئېرىشىش ھەرىكىتىنى قەيەردىن باشلىشىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
تۇرمۇش، ئۇنى ياشىغۇچى ئادەم، ئىچكى-تاشقى ئامىللار مانا مۇشۇنداق بىر قارىساڭ ئاددىيلا، بىر قارىساڭ شۇنچە مۇرەككەپ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى تەبىئەت بىلەن بىرىككەن ئاددىيلىقى بولسا، ئۇنىڭ رەزىللىكى نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ ھېس- تۇيغۇلارغا ئېگە جانلىقلار قورشاۋىدا تۇرغانلىقدىن بولىدۇ. يازغۇچى مانا مۇشۇنداق گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى ئۆز تىلىڭدا بايان قىلىپ بېرەلىگەندىلا، ئۇ ئەسەرنى يارىتىۋاتقان يازغۇچى ئەمەس، بەلكى نەخ ئۆزۈڭ ياكى سېنىڭ ئەتراپىڭدىكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ «كۈندىلىك خەۋەر»، «دۇنيا خەۋەرلىرى»دەك ئۆتكۈنچى ئەمەس تەرىپىنى يازغانلىقىنى تۇيغىنىڭدا، ئادەملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن يېزىقنى ئىختىرا قىلغانلىقىغا شۇڭغۇيسەن...
قىسقىسى، تۇرمۇشتىكى قاراڭغۇ تەرەپلەر، پىچىرلاشلار، ئاھۇ-زارلار ۋە ئۇنى ئېيتىشقا، رېئاللققا يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىشنى ئىستەش پەقەت ئەدەبىياتنىڭ قولىدىن كېلىشى مۈمكىن. شۇنداقلا، ئاپتورلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ يېڭىچە يېزىشى، ئىزدىنىشى ئارقىلىق، يەنىمۇ يېڭى ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى!
  بۇ مېنىڭ مىھراي مۇھەممەد ھېكايىلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئوقۇش جەريانىدا، بەزى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىشىمدۇر. بۇندىن كېيىن يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا توختىلىشىم مۈمكىن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ ئىجادىيەت سەپىرىنىڭ ئۆزگىچە مەنەلەرگە تولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2011-12-16

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 257
تۆھپە : 1
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 11:03:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمجان ئوسمان غازىنىڭ ئوبزورچىلىق ساھەسىدىكى قەدەملىرىنى قۇتلۇقلايمەن . يېزىپ تۇرۇڭ ئاكا ....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 263
تۆھپە : 0
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 12:17:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىز نۇرغۇن نەرىسلەرنى سىلەردىن كۈتىمىز. يېزىڭلار. ئوبزورچىلىق سەھنىسى سىلەر بىلەن جۇلالانغۇسى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 121
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 14:15:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ ھەۋەسكارنىڭ توردا ئېلان قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئەسەرلىرىگە يېقىندىن بېرى دىققەت قىلىپ قالدىم. بايانلىرى ئۆزگىچە، كۈزۈتىش نوقتىسى خىلمۇ خىل ،  تەسەۋۋۇرى ئەركىن ئىكەن. قارىغاندا پىرۇزا ساھەسىدە ياخشى بىر ئايال ئاپتۇرىمىز يېتىشىپ چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. غازى بۇ جەھەتتە ئەھمىيەتلىك ئەمگەك قىپتۇ. مېنىڭچە ئاپتۇرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنسان پىسخىكىسى، روھىي ئانالىز، ئاياللىق تۇيغۇ  جەھەتلەردىن ھەم تىل ئىشلىتىشتىكى ئۆزگىچە نۇقتىلاردىن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 272
تۆھپە : 4
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 16:30:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازىنىڭ يېڭى بىر قەدىمى ئۇتۇقلۇق بېسىلىپتۇ، دەپ قاراىدىم. دەرۋەقە مېھراي مۇھەممەت(شەھلا) تور ئەدەبىياتىمىزدا     دىققەتكە چېلىقىۋاتقان بىر ئاپتۇر بولۇپ قالدى. ئۇ راستىنلا بايقاشقا تىگىشلىك ئىدى. بۇ جەھەتتە، يۇقۇرىدىكى ئەكرەم ئابدۇمېجىتنىڭ پىكىرى ناھايتى جايىغا چۈشكەن. غازىنىڭ يازمىسىنىڭ ئاخىرىدا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ پىكىر يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 204
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 19:49:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارغا بىر گەپنى ئەسكەرتكۈم كەلدى:

      بۇ (ماقالە) بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا لېنىيە تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شەھلانىڭ «قۇتۇلۇش» ناملىق ھېكايىسى يازغۇچىلار تورىنىڭ كونا مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىپ، غۇلغۇلاغا قالغاندا، «مۇختەر مەمەت» ئىسىملىك تورداش تەرىپىدىن شۇ تېمىغا ئەسكەرتىشى يوق چاپلىنىپتىكەن، مەن كۆرمەپتىكەنمەن.
         قىسمەن دىلداشلار ماڭا ئۇچۇر قىلىپ « بۇ ماقالە زادى كىمنىڭ؟» دېگەن سۇئالنى قويدى.
http://new.xjzjxh.com/Topic.aspx ... cID=8413&Page=2 مانا بۇ مۇختەرمەمەتنىڭ كونا مۇنبەردىكى چاپلىمىسى.
     شۇڭا، بۇ مېنىڭ يازمام ئىكەنلىكى ئايدىڭ بولسۇن، دەپ بۇ گەپنى ئەسكەرتتىم.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1010
تۆھپە : 8
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 20:18:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازى بۇرادەر، ماقالىنىڭ  سىزنىڭ ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق.
سىزدە ئوبزورچلىق خۇرۇچى تولۇق ئىكەن. بۇ يولدىمۇ مېڭىپ بېقىڭ.

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  365
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 201
تۆھپە : 2
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 20:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمجاننىڭ 70-يىللىقلارغا ئاتالغان ماقالىسى چىقىپ بولالمىدى،تەييارلىقنى خېلى پۇختا قىلغان بولمىسا!

تۈنجى رەت ئۇچرىشىش ئايرىلىش ئۈچۈن،
ئاخىرقى ئايرىلىش كۈل بولۇش ئۈچۈن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  365
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 201
تۆھپە : 2
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 20:24:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمجاننىڭ 70-يىللىقلارغا ئاتالغان ماقالىسى چىقىپ بولالمىدى،تەييارلىقنى خېلى پۇختا قىلغان بولمىسا!

ئىككى قېتىم ئوخشاش گەپ قىلغىنىمىدىن كەچۈرۈن سورايمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 20:43  


تۈنجى رەت ئۇچرىشىش ئايرىلىش ئۈچۈن،
ئاخىرقى ئايرىلىش كۈل بولۇش ئۈچۈن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش