جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1351 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 2

«مەھبۇبۇل قۇلۇپ»تىكى ماقال-تەمسىللەر توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 23:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

         «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»تىكى ماقال-تەمسىللەر توغرىسىدا

                       رەخىمجان بارات

                (ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ماركسىزم ئىنستىتۇتى دوتسېنتى)

[摘  要]本文在分析纳瓦依《众心所爱》中的谚语基础上,阐述纳瓦依的朴素唯物主义世界观、道德品质和认识观,为我们认识和改造世界,阐明了一定的理论基础。
[关键词] 纳瓦依;《众心所爱》;谚语

ئەلىشىر نەۋايى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرىدىن بىرى، يەنە ئۇيغۇر، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى، چاغاتاي بەدىئىي ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ كىشى قەلبىنى مەپتۇن قىلىدىغان غەزەللىرى، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەرقايسى جەريانلىرىغا بولغان ھەقىقىي تونۇشلىرى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ۋاپادارلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى سۆز سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان بىر قاتار شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلىرىدە، «كىلاسسىك پېرىپاتىتچىلار ۋە ناتۇرالىستلارنىڭ تەبىئەت ئىلمى، پەلسەپە تەلىماتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىگەن» ①.
«مەھبۇبۇل قۇلۇپ» (كۆڭۈللەر سۆيگىنى) ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «ئاپتور ھاياتىدا... توپلىغان مول بىلىم، تەجرىبىلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆگەتكۈسى كەلدى... شۇڭا، ئۆزنىڭ ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىش، ھەربىر كىشىنىڭ ئىنسانىي بۇرچىدۇر. بۇ ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم بىر مەسىلىدۇر.
  نەۋايى ئۆزىنىڭ مول تەجرىبە ۋە بىلىملىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، كىشىلەرنىڭ بۇخىل بىلىم، تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسەردىكى پىكىرلەرنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغانلىقىنى بايقاپ، كىتابنىڭ ئىسمىنى «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» دەپ ئاتىدى②.
ئەلىشىر نەۋايى نۇرغۇنلىغان غەزەل ۋە رۇبائىيلىرىدا، بولۇپمۇ «ھەيرەتۇل ئەبرار»، «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئاساسەن پەلسەپە، ئىلاھىيەت، ئىنسانىي بىلىم، ئەخلاق، دۆلەت قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ توختىلىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئىخچام، جانلىق، تەسىرلىك ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئادەم ۋە دۇنيانىڭ زىددىيەتلىك جەريان ۋە ھەرىكىتىنى بايان قىلىدۇ. شۇڭا، «ئەلىشىر نەۋايىغا پەلسەپە جەھەتتىن يېقىنلىشىدىكەنمىز، ئۇنىڭ ئىدىيە مەنبەلىرىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى دىئالېكتىكىلىق ئاساستا تەھلىل قىلماي مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە»③.
ئەلىشىر نەۋايى ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنلۇق غەزەللەر ۋە رۇبائىيلىرىدا ئۆزىنىڭ تۈپ دۇنيا قارىشى، دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىنى شەرھلەش ئاساسىدا، دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىنى ۋە قانۇنلىرىنى بىلىش، ئىگىلەش ۋە پايدىلىنىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى، تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، «كۈچەپ تەشۋىق قىلىدىغان ئىلاھىيەتچىل ئەدەبىياتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ»④. مانا بۇ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ دۇنيا قاراش مەسىلىسى جەھەتتە دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىستتىك كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكى، «پادىشاھ، ۋەزىر، قازى ـ ئەمەلدارلارنىڭ ئىللەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش... كەمتەرلىك، ئادىل، راستچىل، ئىشق مۇھەببەتتە ساپلىق... قاتارلىق ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى بايان قىلىش بىلەن (خوجا كۆردىلىك)، ئىشەنچسىزلىك، ئاچ كۆزلۈك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلىشى»⑤دەك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا، چوقۇم كىشىلەرنىڭ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئوبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، قانۇنىيەتلەرنىڭ ئىچكى مەنبەسىدىن ئۇلارنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى تونۇپ، دۇنيانى بىلىش ۋە چىن مەنىسىدىن ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇسۇلى قىلىپ چىقىشقا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ قانداق، قايسى خىلدىكى كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قانۇنىيەتتىن ھالقىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى چەكلىشىمۇ دەل ئەسەرنىڭ كىشىلەر كۆڭلىگە ياقىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
«ئەلىشىر نەۋايى ئالەم، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر تۆت پەسىل، ماددىي دۇنيانىڭ زىددىيەتچان ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان»⑥ لىقى دەل ئەلىشىر نەۋايى ئالەمنىڭ ھەرىكەت ۋە زىددىيىتىدىن جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت ۋە زىددىيىتىگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى، ئالەم ۋە تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە جەريانلار ئارقىلىق ئىنسانلار ماددىي تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى كۆزەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، كائىنات ۋە دۇنيانىڭ ماددىي خۇسۇسىيىتىدىن كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ ماددىي خۇسۇسىيىتىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنىڭ نامايەندىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن:
ئوتنىڭ ئىشى قۇرۇماق، شامالنىڭ ئىشى سورىماس
چاقماق سىمنى ئەگكىلى بولماس، يامغۇر رىشتىنى تۆڭگىلى (بولماس).
قانۇنىيەت ـ شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىن بار بولغان ئىچكى مۇقەررەر باغلىنىش بولۇپ، پەقەت كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي، جانلىق ۋە پائالىيەتچانلىقى ئارقىلىقلا قانۇنىيەتتىن پايدىلانغىلى ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. گەرچە نەۋايى ئەسەرلىرىدە «ئاتالمىش» كونا ئەندىزە بويىچە، ئىدىيالىزمنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرى بويىچە ئاللاھتىن باشلانغانلىقى «ئوتتۇرا ئەسىردە ئىدېئولوگىيەنىڭ بارلىق شەكىللىرى ـ پەلسەپە، سىياسىي، قانۇنشۇناسلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلاھىيەتكە قوشۇۋېتىلىپ، ئىلاھىيەتنىڭ بىر بۆلىكى قىلىپ قويۇلدى. شۇڭا، ئۇ چاغدىكى ھەرقانداق ئىجتىمائىي ھەرىكەت ۋە سىياسىي ھەرىكەت ئىلاھىي تۈسىنى ئېلىشقا مەجبۇر ئىدى. پۈتۈنلەي دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھېسسىياتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، زور ھەرىكەت قوزغاش ئۈچۈن، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى دىنىي تون كىيگۈزۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك ئىدى»⑦ لىكى قانداقتۇر ھەممە مەسىلىنى ئەنئەنىۋى ئەندىزە بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ يارىلىش قانۇنىيىتى، ماددىي دۇنيانىڭ زىددىيەتلىك جەريانى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى كونكرېت قاتلاملىرىنى ئۆز قانۇنىيىتى ۋە خۇسۇسىيىتى بويىچە تەھلىل قىلغان، ماتېرىيالىستتىك كۆز قاراشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسى بولۇپ، ساددا ماتېرىيالىزملىق تەبىئەت كۆز قارىشىنى شەرھلەپ، ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىش ئاساسىدا ئالەم ـ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەت، زىددىيىتى ۋە كىشىلىك ھايات ـ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئاساسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە رېئال، چىن مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىپ تەھلىل قىلىش، كۆزىتىشىمىزنى تەلەپ قىلسا، «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»تىكى بۇ خىل پەلسەپىۋى كۆز قاراشلار ئۇيغۇر كىلاسسىك پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئالغاندا، تارىخىي دەۋردە كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئەجدادلارنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىش بىلەن ئەۋلادلارنىڭ تەپەككۇر ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى، «ئىجتىمائىي تەپەككۇرلار دىنىي شەرىئەت قائىدىلىرى كونتروللىقىدا تۇرغان بىر دەۋردە... دىنىي ئەقىدىلەرگە بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىغان بۇنداق ئەمەلىي بىلىم پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش دىققەتكە ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە»⑧.
سۇنىڭ مەززىسى مۇز بىلەن، ئاشنىڭ لەززىتى تۇز بىلەن،
ساراڭنىڭ قۇلىقىدا پەند، شامالنىڭ ئايىغىغا بەند.
دۇنيانىڭ تارىخىي دەۋر ئالاھىدىلىكىدىن ئېيتقاندا، جەمئىيەت ھادىسىلىرى، تەبىئەت ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچىلىك ئۆزگىرىش جەريان ۋە قانۇنىيەتلىرىنى شەرھلەش ـ كىشىلەردىن يۈكسەك پەلسەپىۋى تەپەككۇرنى، مول ئەمەلىيەت ۋە تەجرىبە بىلىملىرىنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، دۇنيانىڭ ماددىلىقى ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئالەم، كائىنات، تەبىئەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش دەل قەدىمكى ماتېرىيالىزم ماددا كونكرېت شەكىللىرىنى ئىپادىلەشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. دەل نەۋايىنىڭ بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ماتېرىيالىزملىق كۆز قارىشىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ماتېرىيالىستتىك تەبىئەت كۆز قاراشلىرىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىنىڭ بىر نامايەندىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «دۇنيانى خۇدا ياراتقانمۇ ياكى ئۇ ئەزەلدىن بارمىدى؟ پەيلاسوپلار بۇ مەسىلىگە قانداق جاۋاب بېرىلىشكە قاراپ ئىككى چوڭ لاگېرغا بۆلىنىدۇ»⑨غانلىقىدەك قەدىمكى زامان ساددا ماتېرىيالىزملىق تەبىئەت كۆز قارىشىدا ئىپادىلەنگەن ماددا كونكرېت شەكىللىرىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
نەۋايى ئەسەرلىرىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىگە باھا بېرىشتە، قەلب گۈزەللىكى بىرخىل ئالاھىدە گۈزەللىك بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى گۈزەللىكلىرىنىڭ مەزمۇنى، خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ، ئىنسانلارنى ئادىمىيلىك بىلەن چۈشەنگەندە، ئادەم ئالىيجانابلىققا، گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولالايدۇ. «نەۋايى ياشىغان زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخى بۈگۈنكىدەك دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر چېگرالىرى شەكىللەنمىگەن ئىدى... سەمەرقەنت، مەشھۇد، نىشاپۇر، سەبزىبار، ئاسترابات، بەلغ... مانا مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە نەۋايىنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ‹ھېچبىر ئەسەردە نەۋايى قەيەرنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى دەپ ھېسابلاشنى تەكىتلىگەن ئەمەس»⑩. مانا بۇ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلىتى، ئالىيجانابلىق خىسلىتى ۋە دۇنيا جامائىتى ئېتىراپ قىلىدىغان خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» كىشىلەر قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياققانلىقى دەل نەۋايى ئەخلاق-پەزىلىتى، ئىنسانىي خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىر قىسىم نامايەندىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن:
يالغانچى كىشى ئەمەس، يالغان سۆزلەش ياخشىنىڭ ئىشى ئەمەس.
ساقلىق قىلساڭ كۆپ يېمە. ئىززەت تىلىسەڭ كۆپ دېمە.
ناداننىڭ بوغىزىنى كېرىپ ۋارقىرىشى خۇددى ئېشەكنىڭ ۋاقىتسىز ھاڭرىشىدۇر.
تىلىدا ئىختىيارسىز. ئەلگە ئېتىبارسىز، سۆزنى تولا ۋە بىمەنە قىلىدىغان كىشى تۈن بويى ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇچە قاۋايدىغان ئىتقا ئوخشايدۇ.
كۆپ سۆزلىگۈچى زېرىكتۈرگۈچىدۇر، تەكرار سۆزلىگۈچى ئەقىلسىزدۇر.
ھەزىل بىلەن شۇغۇللىنىش بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئېچىشتۇر.
سۆز-ھەرىكەتلەردە ۋە ئىجتىمائىي كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئەدەپلىك ۋە مۇلايىم بولۇش، تىلدا راستچىل ۋە دۇرۇس بولۇش، كۆپ ئويلاپ، ئاز، مېغىزلىق سۆزلەش، غەيۋەت ۋە تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق ۋە ساختىپەزلىكتىن ساقلىنىش، كىشىلەر كۆڭلىگە ياقىدىغان يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ ھەقىقىي نامايەندىسىدىن بىرى. «نەۋايىنىڭ قارىشىچە، گەپنى ئاز قىلىش، ئاغزىغا كەلگەننى، راست گەپنى ساختىپەزلىك گىرىملىرى بىلەن پەردازلىماي ئۇدۇلىسىغا، ئىخچام ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇلۇغ پەزىلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ... سۆز نۇتقىنى ئېنىق، تەبىئىي، ئۇدۇل بايان قىلىش كېرەككى، ياسالما شەكىللەر ئۇنىڭ قىممىتىگە نۇقسان يەتكۈزمەسلىك لازىم، دېگەن ئىجتىمائىي قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ»⑪، «ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قىلىنغان يالغانچىلىق باشقىلارغا زىيان سېلىش مەقسىتىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە كۆڭلىنى ئاياش ئۈچۈن ئېيتىلغان. قارشى تەرەپمۇ ئۇنى قوبۇل قىلالايدىغان يالغانچىلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل گەپلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ، شائىرمۇ بۇخىل يالغانچىلىقنى توغرا دەپ قاراپ «بۇ كۆڭۈلگە خاپىلىق كەلتۈرىدىغان بۇخىل قوپال راست سۆزدىن مۇلازىمەت ئارىلاشقان يالغان سۆز ياخشى»⑫، بۇ نەۋايىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي، تارىخىي رېئال شارائىتنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، «ئەينى زامان ئىجتىمائىي تەبىقىلىرى ئۈستىدە ئەخلاقىي تەھلىل ئېلىپ بارماقچى بولىدۇ»⑬غانلىقىنىڭ يەنە بىرخىل  ئىپادىسى. «‹مەھبۇبۇل قۇلۇپ›تا جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرى ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە كەسپىي ئەخلاقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى تەشەببۇس قىلىنغان. ھەرقايسى قاتلام ۋە كەسىپلەرگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ياخشى-يامان خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيەسى بىلەن تويۇنغان ئىلغار، توغرا قاراشلىرى ئارقىلىق باھا بېرىلگەن»⑭.
ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ئەخلاق تەربىيە بىلەن تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بارلىققا كەلتۈرگىنىگە ئوخشاش ئەلىشىر نەۋايى «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»تىمۇ «ئىلىم ئۆگىنىپ ئىشلەتمىگەن كىشى قوش ھەيدەپ ئۇرۇق سالمىغانغا ياكى ئۇرۇق سىلكىپ ھوسۇل ئالمىغانغا ئوخشاشتۇر»، «ئاغزىغا كەلگەننى دېمەك ناداننىڭ ئىشى، ئالدىغا كەلگەننى يېمەك ھايۋاننىڭ ئىشى»، «كۆپ يېگۈچى ۋە كۆپ سۆزلىگۈچى دوزاختىن جاي تۇتقۇچىلاردۇر»، «قورساق مەرىزىسىنىڭ  چىشىسى كۆپ يېمەكتۇر، قەلب مەرىزىسىنىڭ  چىشىسى كۆپ دېمەكتۇر».
كىشىلەرنىڭ قانچىلىك بىلىملىك بولىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ يۇقىرى–تۆۋەنلىكى ئارقىلىق، كىشىلەرگە باھا بېرىشىمىز لازىم. چۈنكى ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە، مۇئەييەن ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئەخلاق مىزانى جەمئىيەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى تىزگىنلەپ تۇرغاچقا، ھەرقانداق بىر نورمال كىشى ئۆز ئەتراپىدىكى ھەرقانداق كىشىگە، ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئەخلاق جەھەتتىن باھا بېرىشى، كىشىلىك پائالىيىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ياكى نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى، قوللايدىغان ياكى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇقەررەر، بۇ جەمئىيەت، ئائىلە ۋە شەخس بىر گەۋدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئەخلاق ۋە تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ، قانداق تەربىيە ئېلىپ بېرىلسا شۇنداق تەربىيەۋى نەتىجىنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك بەلگىسى. «نەۋايى ـ ‹كۈيچى، مەدھىيەچى، ئالقىشچى، ئاھاڭ دېگەن مەنىدە› كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى بولغان تىلىنى راستچىلىققا، سەمىمىيلىككە ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ» ۋە «كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ قۇلۇپى تىلدۇر ۋە ئۇل خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر»⑮.
ئەخلاق ئىجتىمائىي ئاڭ شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بەلگىلىك روشەن سىنىپىيلىققا ھەم تارىخىي ۋارىسلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە كىشىلىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە بارلىققا كەلگەن، قەتئىي بويسۇنىدىغان رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قائىدىسى بولغاچقا، «نەۋايى جەمئىيەت ۋە مەملىكەتنىڭ ئاۋات ياكى خارابلىقىنى پادىشاھنىڭ ئادىل ياكى زالىملىقىغا باغلىغان. ئۇنى مۇسۇلمان ياكى غەيرىي مۇسۇلمان بىلەن ئالاقىسىز دەپ قارىغان»⑯.
ھەرقانداق بىر پەيلاسوپ، ئۇلۇغ ئالىم، كاتتا سەنئەتكار، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن يۈكسەك دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇلارنىڭ ئۆزىدە شۇنداق ئەخلاق، قابىلىيەت ۋە بىلىم، ماھارەت بار ئىدى. چۈنكى ئۇلار ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنى ئۆز ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى، قابىلىيەت، بىلىم ۋە ماھارەتنى ئۆز ئەمگەك مېۋىسىنىڭ ئاساسى قىلغانىدى. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەزەلدىن بىر ئەخلاقسىز، قابىلىيەتسىز كىشى ئالىم ئەھلى بولغان ئەمەس. شۇڭا، قەدىمكى گىرېتسىيە پەيلاسوپى سوقرات: «بىلىم ـ ئەخلاق دېمەكتۇر» دەپ قاراپ، بىلىمنى ئەخلاق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بىلىمىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئىزدەشنى ئەخلاقنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى دەپ قاراپ، تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئېچىش داۋامىدا، ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان روھىنى يېتىلدۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، نەۋايى جەمئىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيە تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاپ، گۈزەل كېلەچەك قۇرۇش، كىشىلەردە ئالىيجاناب ئەخلاق- پەزىلەت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، «مەنىۋى تەسىر ئارقىلىق نادان، زالىم، جاھىل پادىشاھنى ئاقىل، ئادىل، غەمگۇزار پادىشاھقا، پارچىلانغان مەملىكەتنى مەركەزلەشكەن مەملىكەتكە ئايلاندۇرۇش مۇمكىن ئىدى. ئىجتىمائىي ئوتوپىسىيەگە بېرىلگەن نەۋايى ھەممىسىنى ‹پادىشاھ› ‹قەھرىمان› بەلگىلەيدۇ، بويىچە جەمئىيەتنى ياخشىلاشنىڭ ئاچقۇچى پادىشاھنى ياخشىلاش دەپ قارايتتى»⑰. چۈنكى «ئادىل، ئەقىللىق پادىشاھ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە چۈشۈرگەن سايىسىدۇر... ئادىل پادىشاھنىڭ يۈكسەك مەرتىۋىسى تەرىپ–تەۋسىپىسىدىن بۈيۈكرەكتۇر»⑱. «نەۋايى ئۈچۈن ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغان نەرسە ئىنسان – ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت» بولۇپ، «ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەۋى تەپەككۇرى بىر قانچە ئەسىردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا شېئىرىيىتىنىڭ قامۇسى»⑲، بولۇپ كەلدى. «پەيلاسوپلار دۇنيانى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ كەلدى، لېكىن گەپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتە»⑳. دەل ئەلىشىر نەۋايى ئۆزى ياشاۋاتقان تارىخىي دەۋرنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ، يۇقىرىدا پادىشاھ ئالىيلىرىدىن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغىچە بولغان جايلارنى تەھلىل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن تارتىپ تاكى مەنىۋى جەھەتتە زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇچە بولغان ئەھۋاللار ۋە بۇ ئەھۋاللارنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبى، مەنبەسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆزىنىڭ بىلىش ساھەسى جەھەتتە غايىۋى بىلىش كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلغان.
ئەرنىڭ گۆھىرى سۆز، باپكارنىڭ ھۈنىرى بۆز.
بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن ئالىم، ئاز-ئازدىن ئۆگىنىپ ئالىم بولۇر، ئارىلىنىپ سورىمىغان ئۆزىگە زالىم.
تامچە- تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر.
ئىنسانىيەتكە مول بىلىم خەزىنىسىنى توپلاش بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە رەتلەش مەسىلىسى ـ كىشىلەرگە بىلىمنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنى قانداق ئىشلىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنىڭ پەلسەپىۋى مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. «بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى دۇنيا توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمىزنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىگە بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟... پەيلاسوپلارنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى بۇ مەسىلىگە ئىجادىي جاۋاب بېرىشكەن»(21)لىكى ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە ياشاشتىكى مەقسىتى نوقۇل ھالدىكى بىلىشى بولۇپلا قالماي، يەنە قايتا ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگەنگەننى قايتا تەتبىقلاش ئاساسىدا ئىشلىتىش، دۇنيانى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىپ ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشى «‹قۇرئان كەرىم› بىلگىلى بولۇش نەزەرىيەسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەممىنى بىلگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، بىلىملىك بولۇشنى تەكىتلەيدۇ؛ بىلىمسىزلىككە قارشى تۇرىدۇ... كىشىلەرنى ھەقىقەتكە ئىنتىلىشكە دەۋەت قىلىدۇ»(22).
پايدىسىز سۆزنى كۆپ ئېيتما، پايدىلىق سۆزنى كۆپ ئاڭلاشتىن قاچما.
ئاقىل چىن سۆزدىن باشقىنى دېمەس، چىن دەپ دەۋېرىش ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس.
«ئوقۇتقۇچى دىلى قاتتىق، قاپىقى يامان، ناھايىتى ھاكاۋۇر» بولماستىن، «بىر مۇنچە بەڭۋاش شوخ بالىلارغا ئىلىم، ئەدەپ، ئەقىل ئۆگىتىدۇ... قانداقلا بولمىسۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ھەققى ناھايىتى كۆپ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى پادىشاھ بولسا، ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىش تولىمۇ ياخشىدۇر»(23).
دۇنيانى بىلىش مەسىلىسىدە، ئىنسانلار ئىلاھنىڭ ياردىمىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ رېئال دۇنيادىكى بەختىنى تېپىش؛ ئۆزىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن مەسىلىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ رېئال تۇرمۇش پائالىيىتىنى ئاساس قىلىش، خۇدا ـ ئىنسان ۋە كائىناتنىڭ يارىلىشىدىكى ئاساسىي سۇبيېكتىپ ئامىل بولسىمۇ، لېكىن ئىنسان ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ تەقدىرىنى، رېئال بەختىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشى، بەختلىك ياشاپ، گۈزەل كېلەچەك يارىتىشنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كۆرمەيدىغان بىر تەرەپلىمىلىك سۇبيېكتىپ قاراشتىن خالىي بولۇپ، بارلىق شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئۆزىنىڭ بەخت-تەلىيىنى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتى ئاساسىدىكى رېئاللىقتىن ئىزدەشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ئىجتىمائىي تۇرمۇش ماھىيەت جەھەتتە ئەمەلىي تۇرمۇش. نەزەرىيەنى سىرلىقلاشتۇرۇش مەسلىكى تەرەپكە باشلاپ كېتىدىغان سىرلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتى جەريانىدا ۋە بۇ ئەمەلىيەتنى چۈشىنىش جەريانىدا ئەقىلگە مۇۋاپىق يوسۇندا ھەل قىلىنىدۇ»(24)، لېكىن ئىنسانلار دۇنيانى ئۆزگەرتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن قورقىدىغان ئەنئەنىۋى ئىدىيالىزمچىلاردەك مول بىلىمگە، يۈكسەك كامالەتكە ئىگە تۇرۇپ، بىلىمنى ئىشلىتىشتىن، ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، سان-ساناقسىز مال دۇنياغا ئىگە تۇرۇقلۇق ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدىغان كىشىلەردىن ھەقىقەتنى قولغا كەلتۈرگىلى ۋە بىلىش مەقسىتىگە يېتىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. «بايلىق ئۆمۈرنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈندۈر، ئەمما ئۆمۈر ھەرگىزمۇ مال توپلاش ئۈچۈن ئەمەس... ئىككى خىل كىشىنىڭ جاپا تارتقىنى بىكار، تىرىشقىنى پايدىسىز: بىرى، مال يىغدى، يېمىدى؛ يەنە بىرى، ئۆگەندى، ئەمەل قىلمىدى... ئىككى كىشى ھەسرەت بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ: بىرى، بار تۇرۇپ يەپ-ئىچمىگەن؛ يەنە بىرى، بىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق ھېچ ئىش قىلمىغانلار... كىمكى دۇنيانىڭ تەربىيەسى بىلەن توغرا يولدا ماڭمىسا، ئاخىرەتتە ئازابقا قالىدۇ»(25).
ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، پۈتكۈل ئىنسانلار، تېز سۈرەتتە كېتىۋاتقان كارۋان توپىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر كىمىكى بۇ مۇساپىنىڭ ئالدىدا ماڭالىسا، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، ئۆمرى كوتا بولىدۇ، خالاس. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئېنىق تونۇپ، كاللىمىزنى ئەنئەنىۋىلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى رېئاللىق بىلەن باغلاپ، ئەجدادلارنىڭ نەتىجىسىنى «ئاخىرىقى نۇقتا»، «كامالەت بەلگىسى» دەپ قارىماستىن، بەلكى ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ «چەكلەنگەن رايون»لىرىغا بېسىپ كىرەلەيدىغان روھقا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىيەت ۋە بىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئېرىشىپ، ھەقىقەت دەرۋازىسىنى چېكىپ، ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەر ئۈچۈن بەختنىڭ كەڭ قۇچىقىنى ئاچالايمىز.
پايدىلانمىلار:
①③④⑥⑬⑯⑰⑲ بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋايى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 11-ئاي، 1-نەشرى، 29-،32-، 33-، 35-، 50-،51-،56-،57-بەتلەر.
②⑤⑱(23) ئەلىشىر نەۋايى: «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1989-يىل 9-ئاي، 1-نەشرى، 2-،3-، 4-، 15-، 47-، 48-بەتلەر.
⑦⑨⑳(21) (24) ئىنگلىز: «ليۇ دىۋىك خېرباخ ۋە گېرمانىيە كىلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ ئاخىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1975-يىل 10-ئاي، 86-،87-، 27-، 9-، 27-، 28-، 98-بەتلەر.
⑧ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىل 7-ئاي، 52-بەت.
⑩ ئەسئەت سۇلايمان: «شەرق مۇتەپەككۇرلىرىدىن  ئەلىشىر نەۋايى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 8-ئاي، 1-بەت.
⑪ كىلاسسىكلار گۈلىستانى «بىۋاپاغا كۆڭۈل باغلىماق خاتادۇر»، «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى، 2007-يىل 3-ئاي، 38-بەت.
⑫ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 2009-يىل 4-سان، 119-بەت.
⑭ مۇھەممەتقازى ئەيسا: «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2008-يىل 12-ئاي، 137-بەت.
⑮ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن قىسمى)، 2009-يىل 6-سان، 37-، 38-بەتلەر.
(22) «‹قۇرئان كەرىم›دىكى پەلسەپىۋى ئىدىيەلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 4-ئاي 63-بەت.
(25) «گۈلىستان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىل 11-ئاي  207-،244-،230-بەت.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 23:20  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1261
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 20:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە ماقالە ئىكەن.ھەمبەھرلىۋالدىم.

كىملىكىڭنى بىلەي دېسەڭ ئۆزۈڭگە رىئالىق  كۆزىدە قارا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 20:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ، رەھمەت سىزگە!

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش