جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 171|ئىنكاس: 7

مەن چۈشەنگەن مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 163
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 15:52:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                     مەن چۈشەنگەن مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى           

     تاھىر ھامۇتنىڭ «غەرب مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى»دېگەن كىتابىنى ئوقۇشتىن تەسىرات.                                       
      غەرب مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى توغرىسىدا تاھىر ھامۇتنىڭ«غەرب مۇدېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى»دېگەن كىتابى
نەشىر قىلىنىشتىن بۇرۇن قىسمەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق (يەنى بەزى تەنقىدچىلەر يازغان ماقالىلىرىنىڭ ئۇدۇل كېلىپ قالغان جايلىرىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈپ كېتىشتەك) تونۇشتۇرۇشلار بولغان بولۇپ ،80 –يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا باشلانغان «گوڭگا شىئېرىيەت»دەپ ئاتالغان يېڭى شئېرىيەت دەۋرىدىن باشلاپ مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى توغرىسدا ئۆزئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىدىن كۆپ تالاش-تارتىشلار بولدى ۋە بۇ تالاش-تارتىشلار ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى.تاھىر ھامۇتنىڭ «غەرىب مۇدېرنىزىم ئەدەبىيات ئېقىملىرى»دېگەن كىتابى نەشىر قىلىنغۇچە ياكى بۇ كىتابنى ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى ئادەم تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغاندەك بەكلا غۇۋا ۋە شۇنىڭ بىرگە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى بەكلا جەلىپ قىلىدىغان (مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئىككىنچى بىر تىل ئارقىلىق بۇ توغرىسىدىكى كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى يوقلار)بىر نەزىريە ئىدى.بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى،مەيلى مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشكە قىزىقىپ يېڭى ئۇسلۇپتا ئەسەر يېزىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىزدىنىش روھىغا باي ھەۋەسكارلار بولسۇن ،مەيلى ئەدەبىيات نەزىريىسى جەھەتتە ئەدەبىيات نەزىريىمىزنىڭ مۇكەممەللىكى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلار بولمىسۇن،ياكى يېڭىچە ئىدىيە ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ بېقىشنى ھەمدە ھاياتنى ،دۇنيانى ، تۇرمۇشنى ۋە ئادەمنى ئادەتلىنىپ كەتكەن چۈشىنىش ئۇسۇلىدىن باشقا بىر نۇقتىلاردىن چۈشىنىشنى ياكى كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارغا بولمىسۇن بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزنى يېڭىچە ئانالىز قىلىش يولى بىلەن تەمىن ئەتتى.مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى ھەرخىل ئىدىيىۋى قاراش ۋە چۈشەنچىلەرنى چۈشكۈن ياكى ئاكتىپ دەيلى ،ياكى بولمىسا ،ھەر ئىككى خىل ئىدىيىدىكى نەرسىلەر بار،ئىجابىي تەرىپىدىن ئۈلگە ئېلىپ سەلبىي تەرىپىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كىرەك ،دەپ قارايلى  مېنىڭچە بۇ كىتابتىكى «غەرب مۇدېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى»نى چۆرىدىگەن ھالدا تونۇشتۇرۇلغان ھەرخىل قاراشلار ئۆزىنىڭ يېڭىلىقى بىلەن ئەھمىيىتى ئۇيغۇر جەمىيتى ئۈچۈن ئەدەبىيات نەزىريىسىلىك رولىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن بولۇپ ،مەيلى ئىجابىي ياكى سەلبىي تەرەپتىن بولسۇن بىزگە «غەرب مۇدىرنىزم ئەدەبىياتى»بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ياكى بۇ نەزىريەگە تەسىر كۆرسەتكەن ،شۇنداقلا بۇ ئەدەبىيات نەزىريىسى ئىنكار قىلىدىغان كۆپلىگەن ئەدەبىيات – سەنئەت چۈشەنچىلىرى،پەلسەپە،پىسخولوگىيە،سىياسى ۋەمەدەنىيەت قاراشلىرى ھەم  تونۇشلىرى  بىزگە يەتكۈزۈلگەن.                                    
     مەن بۇ كىتابنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇم مەلۇم چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلغىنىم ئۈچۈن ۋە بۇ چەشەنچىلىرىم
بىر تەرەپلىمىلىك ،يۈزەكىلىكتىن خالى بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغىنىم ئۈچۈن بۇ تەرەپلەردە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي،خاتا بولۇپ قالغان،چوڭقۇر بولالمىغان تەرەپلىرىمنى تولۇقلىۋالاي دېگەن مەقسەتتە بۇ يازمامنى دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.                                            
   مەن مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىدىم:   
                        
1  -ئىدىيىۋى تونۇشتىكى ئەنئەنىۋى قاراشلارغا بولغان ئىنكارچىلىق.
    ئىدىيىۋى تونۇش مەلۇم بىر خىل نەزىريىنىڭ ،مەلۇم بىر خىل ھەركەتنىڭ قانداقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ
ھالقىلىق كۈچ بولۇپ، مۇدېرنىزمچىلار ھەرخىل پەنلەردىكى يېڭى بايقاش ،يېڭى ئىختىرا ۋە يېڭى نەزىريە ھەم قاراشلار سەۋەبىدىن «ئەنئەنىۋى قاراشلارنى ئىنكار قىلغان».ئۇلار ئىنكارچىلىىقىدىكى تۈپكى بىرىنچى پىكىر ئادەم توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەر بولغان.                           
      بىز بىلىمىزكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىدىغان يازغۇچى- شائىرلار بولسۇن ،ياكى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ
«ئىستىمالچىلىرى»بولغان ئوقۇرمەنلەر بولسۇن ،ياكى بولمىسا ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەۋجۇ- تلىقىنىڭ ئاساسى بولغان پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژنىڭ ھېسيات ھەم ئوي- پىكىرلىرى بولمىسۇن ئالدى بىلەن رېئاللىقتىكى ئادەم ھەم رېئاللىقتىكى ئادەمنىڭ تەقلىدى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئىجات قىلىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى قاراش ھەم چۈشەنچىلەر غەربتە يۇنان ۋە رىمدىن ئىبارەت كىلاسسىك مەدەنىيەت دەۋرىدىن ،بىزگە نىسبەتەن 10– ئەسىرلەردىن باشلاپ قىلىپلاشقان ،يەكۈنلەنگەن ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ ،مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن مۇدېرنىزمچىلار ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان سەۋەپ-پىرسۇناژ ھەم ئەدەبىياتنىڭ ئىستىمالچىلىرى   بولغان  ئوقۇرمەندىن  ئىبارەت  ئادەم  توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەرنى ئىنكار قىلىپ ،
ئادەمنىڭ ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەسلى ئومۇملاشقان قاراشلاردىكىدىنمۇ كۆپ مۇرەككەپ ھەم قاراڭغۇ ،ئىنىقسىز ئىكەنلىگىنى، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر قىلىپقا چۈشمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ،مۇشۇلارنى ئىپادىلەشنى مەقسەد قىلغان.ئەلۋەتتە رېئالىزملىق ئەدەبىياتتىمۇ مۇرەككەپ پىرسۇناژلار تەسۋىرلەنگەن نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلەر بار ،بىراق ئۇلارنىڭ مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى مۇرەككەپ پىرسۇناژلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى،ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ تەرەپلىرىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ رېئاللىق بىلەن ،ئىجتىمائىي جەمىيەت ياكى ئوبيېكتىپ ئەمىليەت بىلەن سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدىكى قاراڭغۇ تەرەپلەرمۇ ئوبيېكتىپ ئىجتېمائىي رېئاللىق زىچ باغلىنىشلىق.  ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق دۇنياسى بىۋاستە رېئاللىقتىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تېپىكلىككە ئىگە.مۇنداق پىرسۇناژلار ئاپتۇرنىڭ مەلۇم قارىشى ياكى خاھشى بويىچە  چەككىلىنىپ،يىغىلىپ مەيدانغا كېلىدۇ.                                                                  
      مۇدىرنېزىمچە پىرسۇناژلار بولسا بۇلاردىن كۆپ پەرىقلىنىدىغان  بولۇپ،ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ ھالىتى كۆپىنچە
ئوبىيېكتىپ ئەمىلىيەت ياكى رىئاللىق بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بولمىغان ،پارچىلانغان ، چېچىۋ- ېتىلگەن  ۋە ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن جىپسىلاشمايدىغان غۇۋا ھەم تۇتۇقلىغىدىن تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئابىستىراكىتلىق.بۇ خىل ھالەت قالايمىقانچىلىق ،تۇترۇقسىزلىقتىن دېرەك بەرمەستىن بۇ خىل  شەكىلدە بايان قىلىش ئادەمنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئادەمنىڭ رېئالنى مەۋجۇدىيىتىنى سەنئەت يۈكسەكلىكىدە سىرلىق ۋە سېھىرلىك بىر قىياپەتكە كىرگۈزۈپ،كىتابخانىلارنى رېئاللىقتىكى شاد-خوراملىققا ۋە گۈزەللىككە ئوخشىمايدىغان سەنئەتلىك ئىستېتىك ئۈنۈمگە ئىگە زوقتىن بەھرىمان قىلىشنى مەقسەد قىلغان.              
        رېئالىزملىق ئەدەبىيات بىلەن مۇدېرنىزملىق ئەدەبىياتتىكى ئادەم ياكى پىرسۇناژ توغرىسىدىكى پەرىقلىق      چۈشەنچىلىرىمنى  يىغىنچاق بايان قىلسام،رېئالىزملىق قاراشتىكى ئادەملەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ ماڭىدىغان
، ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ،بارلىق ھەركەت ھەم ئىش - پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆزلۈك،تەبىئىي تۇغما ئىقتىدار ۋە ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى بىلەن ئانچى ياكى پۈتۈنلەي باغلىنىشلىقى ياكى مۇناسىۋېتى بولمىغان ،يەر يۈزىدىكى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئالىي جانلىق. مۇدېرنىزىمچىلارنىڭ قارىشىدىكى ئادەم بولسا ئۈزلۈكسىز خاتالىشىدىغان،ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ياكى تەسەۋۇر قىلغاندەك مۇكەممەللىككە يېتەلمەيدىغان ،ئۆزلۈكىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ،چۈشىنىكسىز ھەم سىرلىق ئىكەنلىگىنى ئۆزلۈكسىز ھېس قىلىپ تۇرىدىغان ،ئۆزلۈكىنىڭ رېئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنىق بولمىغان ياكى بەكلا غۇۋالىشىپ كەتكەن ،ئەمىلىيەتكە يۈزلىنىشنىڭ ئەكسىچە بارغانسىرى ئىنسانىيلىق تەبىئىتىگە–ئۆز قەلبىدىكى تەبىئىي ئىچكى سېزىملىرىگە-چوڭقۇرلاپ(ياكى چىكىنىپ)رېئاللىقتىن قېچىۋاتقان ھالەتتىكى تەبىئىي مەخلۇق.                                             
2  .ئىدىيىۋى نۇقتىدىن ئەدەبىياتنىڭ رولى ياكى قىممىتىگە بولغان  ئوخشىمايدىغان قاراش.
                                             
       بۇ نۇقتىدا مۇدېرنىزمچىلار ئەنئەنىۋى قاراشلار بولغان «ئەدەبىياتنىڭ بىلىم يەتكۈزۈش ،ئادەم تەربىيىلەش،
جەمىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش،رېئاللىقتىكى ناباپ ئادەم ياكى ئىشلارنى تەنقىدلەش،ئالىيجاناپلىق بىلەن رەزىللىك،ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ ئېلىشىشلىرى جەريانى ئارقىلىق كونكىرىتنى گۈزەللىك بىلەن ئوقۇرمەنگە ئىستىتىك زوق تەقدەم قىلىش...»قاتارلىق قاراشلارنى ئىنكار قىلىپ ،ئەدەبىيات ئادەم ۋە رېئاللىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدىكى بىر مەۋجۇتلۇق.ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇش پىرىنسىپى بار .قۇياش ئىنسانلار ياكى تەبىئەت دۇنياسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن نۇر چاچمايدۇ،يورۇقلۇق چىقىرىش قۇياشنىڭ ئۆزىنىڭ سىرتىدىكى ھەرقانداق شەيئى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدىكى ئۆزلۈك تەبىئىتى بولغىنىغا ئوخشاش،ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلەرنىڭمۇ بىز ئىنسانلار ياكى ئىجتىمائىي تەرتىپلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدىكى مەۋجۇت بولۇش تەرتىۋى بار.ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان قۇرۇلما بولغان تىل ئىنسانلار ئالاقە ۋاستىسى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان لوگىكىلىق تەپەككۇر شەكلىگە ئىگە بولغان تىل ئەمەس؛پىرسۇناژ رېئاللىقتىكى ئادەم ئەمەس ؛سىيوژىت ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا سادىر بولىۋاتقان ۋەقەلەر ئەمەس.ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى تىل شائىر،يازغۇچىلار ئىپادىلەۋەتقان ياكى بايان قىلىۋاتقان مەزمۇنغا ماس ھالدىكى ئۆزىنىڭ رېئاللىقتىكى ئىستىمال مەنىسىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن يېڭىچە ،ئۆزگىرىشچان مەنەگە ئىگە قىلىنغان تىل.پىرسۇناژمۇ شائىر ،يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىچكى خاھىشى،تۇيغۇ-سىزىملىرى ۋە ئىستىتىك تەلپۈنۈشلىرى ئاساسىدا يېڭىدىن ئاپرىدە قىلغان(يەنى تۆرەلدۈرگەن) باشقا بىر جانلىق... ئەدەبىي ئەسەرنىڭ كىتاپخانىغا مەلۇم ئوي-پىكىر ئاتا قىلىش ئۈنۈمىگە قارىغاندا ئۇنىڭ مەلۇم بىر تۇيغۇ-سىزىم ياكى چەكسىز تەسەۋۇر ئاتا قىلىش ئۈنۈمىنى موھىم دەپ قاراش بولۇپ،بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىدىن ئىستىتىك ئۈنۈمىنى ئەلا بىلىشتۇر.
2   –ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ باش تېمىسىدىكى يېڭىلىق.            
         قەدىمدىن بىرى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى باش تېما گۈزەللىكنى ،ئالىيجاناپلىقنى،قەھرىمانلىقنى،ۋەتەنپەرۋەرلىكنى
،مېھرى-مۇھاببەتنى كۈيلەش  ۋە مەدھىيىلەش ،رەزىللىكنى،قورقۇنچاقلىنى،چۈشكۈنلۈكنى، قالاقلىقنى تەنقىدلەش نۇقتىسىدىن يېزىپ كەلگەن بولۇپ ،مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىدن باشلاپ ئۇ تەنقىدلىنىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر خۇددى گۈلنىڭمۇ تىكىنى بولغىنىغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ بىر تەبىئىي مەۋجۇدىيىتى دەپ قارىلىپ  ، يازغۇچى –شائىرلارنىڭ ياكى ھەرقانداق ئىدىيىۋى قاراشنىڭ تەسىرىگە ،باھاسىغا ،تەنقىد-سۆكۈشلىرى ئۇچىرمىغان شەكىلدە بىر سەنئەت گۈل دەستىسىگە ئايلىنىشقا قاراپ يۈز تۇتتى.رەزىللىكمۇ خۇددى ئالىيجاناپلىققا ئوخشاش سەنئەت نۇقتىسىدىن ئادەمگە بەدىئىي زوق ئاتا قىلالايدىغان بىر «رەزىللىك گۈلى»گە ئايلاندۇرۇلدى.ئەدەبىياتتىكى باش تېما قاتارىغا ئادەمنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىمۇ كىرىپ ،ئەنئەنىۋى گۈزەللىككە ئوخشاش شەكىلدە نورمالنى بىر ھالەتتە ئىپادىلنىدىغان بولدى.                                                                    
3-يېڭىچە كۆپ خىل بەدىئى ۋاستە ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىش.  
       مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىدا سىمۋولىزم ،  ئاڭ ئېقىمى ، كەلگۈسىزم،ئىپادىزم،ھالقىمارېئالىزم،مەۋجۇدىيەتچىلىك،يېڭى
پىروزىچىلىق،بىمەنە   درامىچىلىق،قارا يۇمۇر ۋە سېھرى رېئالىزىم قاتارلىق نۇرغۇن ئېقىملار بار بولۇپ، ئۇلار يېڭىچە كۆپ خىل بەدىئىي ۋاستىلەر ۋە ماھارەتلەرنى قوللىنىپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بايان قىلىش ئۇسۇلى ،تىل قۇرۇلمىسى، ئوبراز قىياپىتى ،ئىستېتىك ئۈنۈمى جەھەتتە بىر يىپيېڭى ئەدەبىيات دۇنياسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.                                          
      مەسىلەن، سىمۋولىزم شېئىرىيىتىدە«شېئىرلار دىداكتىكا ،مۇبالىغە ساختا ھېسيات ۋە ئوبيېكتىپ تەقلىدنىڭ دۈشمىنى
،ئۇلار چۈشەنچىلەرنى تۇتقىلى بولمايدىغان شەكىلگە ئىگە قىلىشى لازىم؛بىراق ،بۇنداق شەكىللەرنى ئىجاد قىلىش شېئىر يېزىشنىڭ مەقسىتى ئەمەس،ئۇنىڭ مەقسىتى چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەش،شەكىل بولسا بېقىنغۇچى ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇڭا ،تەبىئىي نەرسىلەر ،ئادەمنىڭ ھەركىتى ۋە ھەرخىل كونكىرېت ئوبرازلار سىمۋولىزم سەنئىتىدە قىلچە ئۆزگەرمىگەن ھالدا ئوتتۇرغا چىقمايدۇ،ئۇلار پەقەتلا ھېس قىلغىلى بولىدىغان تاشقى كۆرۈنۈش ،ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئۆزلىرى بىلەن ئىپتىدائىي چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق ئوخشاشلىقنى ئىپادىلەش»دەپ قارىغان. سىمۋولىزم شېئىرىيىتىدىن باشلاپ قوللىنىلغان بۇ بۇ خىل سىمۋو- للاشتۇرۇش چۈشەنچىلەرنى بايان قىلىشنى ئەمەس ،بەلكى چۈشەنچە ياكى مەلۇم تۇيغۇ-ھېسيات ھەم ئوي-پىكىرلەرنى ئىپادىلەشنى،شۇلارغا ئىشارە قىلىشنى مەقسەت  قىلغان . بۇ يەردىكى سىمۋوللۇق ئىپادىلەش
ياكى ئىشارە قىلىش ئەنئەنىۋى «ئوخشىتىش »ئۇسۇلىدىكى «مەلۇم نەرسىنى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا بىر نەرسە ئارقىلىق ئىپادىلەش»كە ئوخشىمايدىغان بولغانلىقتىن،ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەنەنانى بىر غۇۋالىق چۈمپەردىسى ئوراپ تۇرغان بولىدۇ.بۇنىڭ ئارقىلىق مەلۇم تۇيغۇ-سىزىملارنى ياكى كەيپىياتلارنى قوزغىغىلى بولىدۇ.بۇخىل سۇبيېكتىپ ئۇقۇملارنى-يەنى چۈشەنچە ۋە سىزىملارنى  ئوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەن ئىپادىلەش چۈشىنىكسىز بولسىمۇ،ئەمما ، مۇزىكىدىكى ئىنىقسىزلىققا ئوخشاش ئادەمدە مەلۇم تۇيغۇ ياكى تەسەۋۇر قوزغاش ئۈنۈمىگە ئىگە.بۇ خىل غۇۋالىق ،ئىنىقسىزلىق ياكى گوڭگىلىق بىر سىرلىق كەيپىيات يارىتىپ كىشىنى بىر يۈكسەك مەنزىلگە-يەنى ئادەم ئەقىل بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان پەقەت قەلب بىلەن تۇيغۇلى بولىدىغان باشقا بىر ئالەمگە باشلايدۇ.                                   
    سىمۋولىزم ياكى باشقا مۇدېرنىزملىق سىمۋول قوللىنىلغان ئەسەرلەردە سىمۋوللۇق شەكىلدە ئىشلەتكەن ئوبراز ،شەيئىلەر
ئەنئەنىۋى ياكى رېئاللىقتىكىگە ئوخشىمايدىغان،شائىرلار يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان بەلگىلەر بولۇپ،ئۇنىڭ قىممىتى ئوقۇرمەننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىپ مەلۇم بىر خىل ھېسيات ياكى تەسەۋۇرلارنى قوزغىيالىشىدا. سىمۋوللۇق ئەسەرنى ئوقۇغان كىتابخاننىڭ شۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ۋاقتتا ھەرخىل كەيپىياتقا ھەم ھەرخىل ھېس-تۇيغۇلارغا ئېرىشىشى ئوقۇرمەننىڭ تەجىربە دۇنياسى (ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە شۇ جەريان ئارقىلىق ئېرىشكەن تۇيغۇ-سىزىملىرى،ئويلىغانلىرى ھەم بۇ جەريان ئارقىلىق يېتىلگەن خارەكتىرى)بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،ئوقۇرمەن بىر ئەسەرنى نەچچە قېتىم ئوقۇسا ھەرقېتىم ئوقۇغاندىكى تەسىراتى –يەنى چۆمگەن كەيپىياتى ياكى ھېس-تۇيغۇسى بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى كەيپىياتىمىز ھەر ۋاقىت سىرتقى دۇنيانىڭ ياكى ئۆز ئوي-خىياللىرىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ ھەم بىز ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا قوزغىلىدىغان ياكى مەۋجۇت بولىدىغان كەيپىيات ياكى تۇيغۇ- سېزىملىرىمىزنىڭ  چوڭقۇرلىقى ھەم چېكى ئۆزىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىجات قىلغان لۇغەت فوندىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ مەنە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ھەم چېكىدىن چەكسىز ھالقىپ كەتكەن .مەسىلەن،بىرسى« مەن ئانام تۈگەپ كېتىپ بەك ئازابلاندىم » دېگەن بولسا ،بۇ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قىلىپ ئازابلانغۇچىنىڭ ئازاپلىنىشىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ،قانداق سېزىم ،قانداق ئوي-پىكىر ۋە تەسەۋۇر جەريانلىرى ئارقىلىق بۇ ئادەمنى ئۆزى ھەققىدە شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا مەجبۇر قىلغانلىقنى «ئازابلاندىم» دېگەن سۆز بىلەنلە ھەرگىزمۇ تولۇقى بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.بۇنداق دېگۈچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان باشقا بىرەيلەن ئۆزىمۇ شۇنداق كەچۈرمىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان بولسا ،شۇ گەپنى دېگۈچىنىڭ كەيپىياتىنى ،تۇيغۇ-سېزىملىرىنى غۇۋا ھېس قىلىشى مۇمكىن.لېكىن شۇ گەپنى دېگۈچىگە ئوخشاش كەيپىيات چۆمەلىشى ناتايىن. مۇدېرنىزملىق ئەسەرلەردىكى سىمۋوللاشتۇرۇش بولسا شۇنداق غۇۋا ھەم چوڭقۇر بولغان ،ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان تۇيغۇلارنى –ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى شۇنداق تۇتۇق ۋە چەكسىز ئىپادىلەپ بېرىش ئۈنۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.                          
      مەن بىر پارچە شېئىردىن «يىغلاۋاتقان گۈل»دېگەن بىر جۈملىنى ئوقۇغان بولسام مېنىڭ بۇنىڭدىن ئېرىشىدىغىنىم  
بىر «يىغلاۋاتقان گۈل» كارتىنىسى بىلەن باغلىنىپ كەلگەن تەسەۋۇر ۋە بىر غۇۋا غەمكىن كەيپىيات-خۇددى كۈن نۇرىنىڭ چېچىلىشى بىلەن تەڭ ئاستا-ئاستا ئىللىپ سۇ تامچىلىرى سىرغىپ چىقىپ ئېقىشقا باشلىغان مۇز پارچىسىنىڭ ئېرىش جەريانىغا ئوخشاش بىر تۇيغۇغا ئېرىشىش جەريانى.ئەگەر مەن بۇ جۈملىدىن بىرەر ھۆكۈم ياكى ئەقىلى خۇلاسە خارەكتىرلىك مەنە ئىزدەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكچى بولسام لوگىكىلىق باغلىنىشى بولمىغان(چۈنكى گۈل ھېچقاچان يىغلىمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغلاش ئادەملەرگە خاس ئاتالغۇ)بۇ جۈملىدىن مەن ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيمەن.مەن «ئىز»دېگەن شېئىرنى ئوقۇساممۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغىنىم تۇيغۇ-سىزىم تۈپەيلىدىن قوزغىلىدىغان تەسەۋۇر،ھەرگىزمۇ ئوي-پىكىر ياكى مۇلاھىزە ئارقىلىق قوزغىلىدىغان تەسەۋۇر ئەمەس.مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنيانى ياكى ئۆزۈمنى بىلىش ئۇسۇلۇمنى ئاڭقىرىپ باقسام ،مەن مىللىتىمىزگە پىچىلغان «ھېسيات مىللىتى»نامىگە ماس شەكىلدىكى تىپىك سىزىم-تۇيغۇ ئارقىلىق دۇنيانى بىلگۈچى ھەم ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدىن زوق ئالغۇچى ئىكەنمەن.بۇ بىر ئادەمدە ئىستىخيسىز ھالدا شەكىللىنىدىغان بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ ،بەزىلەرنىڭ مېنىڭ ئەكسىمچە ئەدەبىيات –سەنئەت ئەسەرلىرىدىن مۇلاھىزە ،ئەقلىي ھۆكۈم شەكلىدە تەسەۋۇرغا ئېرىشىپ بەدىئىي زوق ئالغۇچى ئىكەنلىگىنى چۈشىنەلەيمەن.                     
     ئەلۋەتتە ،مەن بۇ چۈشەنچىلىرىم ئارقىلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قانچە چۈشىنىكسىز ،قانچە غەلىتە بولسا شۇنچە ياخشى  
دېمەكچى ئەمەس.بەزى سېمىنوتلانغان يەرگە سۇ سىڭمىگەندەك ئادەمگە ھېچنەرسىە بېرەلمەيدىغان ياكى يۇقۇتالمايدىغان ،قەستەنگە غەلىتىلەشتۈرگەن  ئەسەرلەرنى تامامەن ئىنكار قىلىمەن .               
      مەن ئۆزۈمنىڭ سىمۋولىزم شېئىرىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىم ۋە يۈزەكى قاراشلىرىم سەۋەبىدىن شائىر ئادىل
تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىنى سىمۋولىزملىق شېئىرلار دەپ قارىدىم.                                   
مەسىلەن:                                                           
تەنھالىققا يۈزلىنىش                                    

ئېچىلماقتا                                             
جىمجىتلىقنىڭ ئىشىكلىرى                              
تامدا،باغچىدا.                                          
باغچىدىكى چېچەكلەر ئارا                              
ئۆزىدىن چوڭ چىپار كىپىنەك،                          
ئۆزۈمدىن چوڭ تەنھالىق ئەينەك.                       

ئاپرىل ئۇزۇن ،قۇرۇقدالغان                             
يوپۇرماقلار مېنىڭدىن تېتىك.                          
باشقا ئادەم بولغىنىم يالغان،                           
بۇرۇنقىدەك يالغۇز ۋە كىچىك.                          

نامازشام ۋاقتى كۆك مۇنچاقتەك                        
چىمەنلەرگە چېچىلدى چاقناپ.                          
كۈندۈز غايىپ بولغان يۈز                                
مەۋجۇتلۇقۇم ئوخشار كېچىگە                           
يۈزلەنمەكچى بولدۇم ئىچىگە.                           

تەن ۋە يىراق،                                          
مەسچىتلەردە نۇر.                                    
ياتىقىمدا خالىي كۈنلىرى                              
ئىبادەتنىڭ يىنىك گۈللىرى...                        

      بۇ شېئىردىنمۇ مەن رېئالنى تۇرمۇشنىڭ بىرەر كارتىنىسىنى ياكى ئەقلى چۈشەنچە خارەكتىرلىك بىرەر مەنەنى
كۆرۈپ يېتەلمەيمەن.مەن بۇ شېئىرنى ئوقۇغىنىمدا ئېرىشىدىنىغىنىم پەقەت بىرەر مۇزىكا ئاڭلىغان ۋاقىتتا پەيدا بولغان كەيپىياتقا ئوخشايدىغان تۇيغۇ-سىزىملا خالاس.   
      مەن يەنە ئاڭ ئېقىمى توغرىسىدىكى چۈشەنچەمنى سۆزلىسەم ،مەن ئۆزۈمنىڭ ئوي ئويلاۋاتقان ،پىكىر يۈرگۈزىۋاتقان  
  ، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىپ ئاڭقىرىۋاتقان ھالىتىمنى ئۆزۈمنىڭ روھىيىتىنىڭ-ئېڭىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتى
دەپ بىلەتتىم.بۇ كىتاب ئارقىلىق مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى «ئاڭ ئېقىمى»پىروزىچىلىقى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئاندىن ئادەمدىكى ئاڭنىڭ كۆپ قاتلاملىقى بولىدىغانلىقنى چۈشىنىپ يەتتىم.                       
      ئادەمنىڭ ئېڭى ياكى روھى ئاڭ ۋە ئاڭسىزلىق، يۇشۇرۇن ئاڭ،ياكى ئەسلى ئۆز،ئۆز ۋە ھالقىما ئۆز دېگەندەك
قاتلاملاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ،بۇ ھەقتىكى تونۇشتۇرۇشلار ئادەمنى ئۆزلۈكىنى چۈشىنىشكە نىسبەتەن خىلى كۆپ بىلىم خارەكتىرلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن.         
     ئاڭ ئېقىمى پىروزىچىلقىدا «ئاپتۇر ئەسەردىن چىكىنىپ چىقىش»،«پىسخىك ۋاقىت »،«ئەركىن ئۇلانما ئوي»،
«ئىچكى مونولوگ»قاتارلىق يېڭى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ ،بۇ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش پىرسۇناژنىڭ ئۆزلۈكىنىڭ كەڭرى ئېچىلىشىنى ۋە بۇ ئېچىلىشنى ئوقۇرمەننىڭ ئۆزلۈك دۇنياسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تەبىئىي ھەم ئەركىن زوقلىنىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ قىسقارتىشنى ئەمەلگە  ئاشۇرغان.«ئاپتۇر ئەسەردىن چىكىنىپ چىقىش»دېيىلگەندە،ئاپتۇر ئەسەر يېزىۋاتقاندا تەپسىلاتىغا باھا بەرگۈچى سۈپىتىدە بىۋاستە ئوتتۇرغا چىقىشتىن ساقلىنىپ ،پېرسۇناژنىڭ ئېڭىنى –يەنى ئوي-پىكىرى، ھېس-تۇيغۇ،سىزىملىرى، ئۆزى بىلەن سۆزلىشىش،چۈش كۆرۈش ۋە جۆيلۈش دېگەندەك ھالەتلىرىنى ئاپتۇر سۆزلەپ بېرىۋاتقان ھالەتتە ئەمەس،خۇددى ئەينەك ئۆزىگە شولىسى چۈشكەن شەيئىلەرنى ئەكىس ئەتتۇرۈپ بەرگەندەك بىۋاستا يېزىپ چىقىشنى كۆرسەتكەن بولۇپ،بۇ ئوقۇرمەننىڭ ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئەسەرگە توسالغۇسىز ھالدا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىچكىرلەپ كىرىپ ،ئۆزلىكىنى ئەسەردىكى ھېسيات بىلەن زەرەتلەپ توسالغۇسىز ،تېخىمۇ بىۋاستە زوق ئېلىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان.«پىسخىك ۋاقىت»،«ئەركىن ئۇلانما ئوي» ،«ئىچكى مونولوگ»قاتارلىق چۈشەنچىلەردە ،ئادەم بىر نەرسىنى ئويلىغان ،مەلۇم بىر ئىش قىلغان ياكى مەلۇم ھېس-تۇيغۇ،كەيپىياتقا چۆمگىنىدە بۇلارغا نەق شۇ ۋاقىتتىكى نەرسىلەرمۇ ،ئۆتمۈش ھەققىدىكى ئەسلىمە، تۇيغۇ- سىزىملىرى ،ئۆزىگە سۆزلەشلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ئارزۇ- ئۈمۈدلىرىمۇ ئارلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ،ئادەمنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكى ئۇنداق ئاڭ ياكى روھىي پائالىيىتىنىڭ ئۇنداق تۈز سىزىقتەك تۈپتۈز بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.      
     ئىپادىزم تېخىمۇ  ئۆزگىچە بولۇپ ،بۇ ئېقىمدا مۇنداق ئىككى خىل ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بار بولۇپ ،بىرىنچىسى، ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن ياكى ئىدىيىۋى نۇقتىدىن «سىمۋولىزم،يېڭى رومانتىزم ساپلىق ۋە نەپىسلىكنى قوغلىشش جەريانىدا   
،ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ھېس-تۇيغۇلار ئىچىگە زىيادە چوڭقۇر بېكىنىۋالغان.ۋاھالەنكى ،كىشىلەر يېڭى بىر خىيالغا ،يېڭى بىر ھاياتى كۈچكە ۋە يېڭى بىر قۇتراشقا مۇھتاج بولغان»،شۇ سەۋەپتىن ئىپادىزمچىلار«ئېنىقكى ،سىقىلغان، مەجبۇرلانغان ۋە رەھىمسىز يالقۇندا كۆيۈۋاتقان روھقا پۈتۈن دىققىتى بىلەن نەزەر سالغان».بۇلار ئازاب-ھەسرەت،غەزەپ-نەپرەت،نالۇ-پەريادسادالىرىنى تىل ئىمكانىيىتى   بويىچە ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ ، ئادەم قەلبىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ ۋۇجۇدنى تىترەككە سالىدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرى پەقەت ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك ،ئەڭ دەھشەتلىك ،يالماۋۇزدەك قورقۇنچلۇق بولغان،خۇددى ئوت ئاپىتىدە كۆيىۋاتقان ئوتلار كەبىي دەھشەتلىك كۆيىۋاتقان ئۈمۈدسىزلىكتەك ۋەھىمىلىك تۇيغۇلار بولۇپ ،بۇلار ئادەملەردە خۇشاللىق،شاد-خوراملىق ، بەخت -سائادەت،ئارزۇ-ئۈمۈدلەرنىڭ ئەكسىچە ئەڭ چوڭقۇر بولىدىغان ،ئەڭ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنىنى ئەڭ رۇشەن  ھېس قىلدۇرىدىغان ،ئادەملەرگە ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىستېتىك ئۈنۈمنى ھېس قىلدۇرالايدىغان ھەقىقى تىراگىدىيىلىك ئاڭ،دەپ قارالغان  . ئىككىنچىسى، «ئىپادىزم»لىق ئالاھىدىلىك بولۇپ ،مەلۇم بىر خىل ئىدىيە ياكى مەلۇم بىر چۈشەنچە، كۆز قاراشنى بىر پۈتۈن ئەسەر بىلەن ئىپادىلەش.بۇنىڭدا ئاپتۇر ئۈمۈدسىزلىك ھەققىدە بىر ئەسەر يازغان بولسا ،بۇ ئەسەردە ئۈمۈدسىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرەر ۋەقە،ھەركەت ياكى دىئالوگ ،بايانلارنى بەرمەستىن ،ئەكسىچە ،بىر پۈتۈن ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدا ئۈمۈدسىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچنەرسىنى ئوتتۇرغا قويماي تۇرۇپ ئەسەرنى ئوقۇپ بولغان ئوقۇرمەننىڭ مىڭىسىدە ،چۈشەنچە-تەسىراتلىرىدا شۇنداق بىر كەيپىيات ياكى تونۇشنى ھېس قىلدۇرۇش. بۇ خىل ئالاھىدىلىك بولۇپمۇ كافكانىڭ ئەسەرلىرىدە ئەڭ ۋايىغا يەتكەن.                                                            
           مەن شېئىرىيىتىمىزدە ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئازاب-ھەسرەت،نالۇ - پەريادنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمى
مىلودىيىسى  ۋە  ئىزچىللىق سەۋەبىدىن غوجىمۇھاممەت مۇھاممەتنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىپادىزملىق ئەسەرلەر دەپ
قارايمەن.                                                  
   «ھالقىما رېئالىزم»دا باشقا ئېقىملاردىن پەرىقلىنىدىغان ئەڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك «ئاپتوماتىك يېزىقچىلىق قىلىش»
بولۇپ،ئادەمنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىنىڭ ،ئېڭىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاپتۇر كۆڭلىدىن كەچكەن ئوي-پىكىر،تۇيغۇ-سېزىملىرىنى مۇلاھىزە قىلماي ،ھېچقانداق رەتلەش ئېلىپ بارماي بىۋاستە يېزىپ چىقىش.مەسىلەن،بىر شائىر «ۋەتەن»دەپ ماۋزۇ قويۇپ بىر پارچە شېئىر يازماقچى بولسا ،شائىر بۇ ۋاقىتتا مۇشۇ «ۋەتەن»دېگەن ئۇقۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئوي-پىكىر ياكى ھېسياتلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ ياكى بۇنىڭغا ماس شەكىلدىكى مەلۇم بىر سىمۋوللۇق ئوبرازلارنى چەككىلەپ ھەم ئىزدەپ ئولتۇرماي ،ئاشۇ سۆز بىلەن تەڭ كاللىسىدا پەيدا بولغان سۆزلەرنى بىۋاستە يېزىپ چىقىىش ،زادى رەتلەش ئېلىپ بارماي زەنجىرسىمان ھالدا بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەرنى قەغەز يۈزىگە تۆكۈش.بۇنىڭدا شائىرنىڭ «ۋەتەن»ىگە بولغان ھېسياتى ئىپادىلەنمەستىن ،شائىرنىڭ شۇ سۆزنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئېڭىنى ھەم ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.      
     مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتىدا باشقا ئېقىملاردىكىدەك ئۆزگىچە ياكى يېڭى بەدىئىي ئۇسۇللار ئوتتۇرغا قويۇلمىغان
بولۇپ،ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق نۇقتى-نەزەر پەلسەپىۋى جەھەتتىن بولۇپ،«مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتىن بۇرۇن»،«ئەركىنلىك ماھىيەتتىن بۇرۇن »،«ئەركىن تاللاش»،«دۇنيا بىمەنە»،«ھايات ئازابلىق»دېگەندەك ئىدىيىۋى قاراشلار بولۇپ ،«مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتتىن بۇرۇن دېگىنىمىز شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى ،ئادەم ئاۋال مەۋجۇت بولىدۇ،ئۇ ئۆز ۋۇجۇدى بىلەن ئۇچرىشىپ دۇنياغا كېلىدۇ،ئاندىن ئۆزىنىڭ خارەكتىرىنى بەلگىلەيدۇ»بۇنداق دېگەنلىك «ئالدى بىلەن ئادەم مەۋجۇت بولىدۇ،كۆرىنىدۇ،مەيدانغا چىقىدۇ ،ئاندىن ئۆز ھەركىتى جەريانىدا نامايەن بولىدۇ ھەمدە ئۆزىنى چۈشەندۈرىدۇ»،ئادەمگە ئەزەلىي ھېچقانداق ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىك بەخشەندە قىلىنغان ياكى تېڭىلغان ئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈن«ئادەمگە ئىنىقلىما بەرگىلى بولمايدۇ،چۈنكى ئادەم ئەسلىدە‹يوقلۇق›تىن ئىبارەت.پەقەت كېيىن ئۆزىنى يارىتىدۇ.ئادەمدە ئەسلى ماھىيەت بولمايدۇ،چۈنكى ئادەمنىڭ خارەكتىرىنى ئالدىن بەلگىلەيدىغان خۇدا مەۋجۇت ئەمەس.ئادەم يالغۇز ئۆزى لاھىلىگەن ئادەم بولۇپلا قالماي،يەنە پەقەت مەۋجۇتلۇققا كىرگەندىن كېيىن ئۆزى بولۇشنى خالىغان ئادەمدۇر.ئادەم پەقەت ئۆزى ياراتقان نەرسىدىنلا ئىبارەت.مانا بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ بىرىنچى پىرىنسىپى.»«ئەركىنلىك ماھىيەتتىن بۇرۇن»دېگەن قاراشمۇ يۇقۇرقى قاراشنى تېخىمۇ كەڭرى چۈشەندۈرگەن بولۇپ ،بۇنىڭدا يەنى ،ئادەم (ھەرقانداق بىر ئادەم)نىڭ ماھىيىتى يوقلۇق،ئادەم دۇنياغا كېلىپ ھەرخىل شەكىل ۋە خلمۇ خىل ئىپادىلەر ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەپ ماھىيىتىنى –خاراكتىر ،ئالاھىدىلىكنى مەيدانغا كەلتۈرگىنىدەك ،ئادەمنىڭ قانداق ماھىيەت ياكى خاراكتىرگە ئىگە بولۇشىمۇ شۇ ئادەمنىڭ مۇتلەق ئەركىن تاللىشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ،بىر ئادەم قانداق ئادەم بولغان بولسا بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىۋېلىشى،دېگەنلىك بولۇپ،مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتى ئاساسلىقى  مۇشۇ خىل قاراش يۆنىلىشىدىكى پەلسەپەۋى پىكىر ،چۈشەنچىلەرنى ئەنئەنى رېئالىزملىق ئەسەرلەر ئۇسلۇبىدا بايان قىلىدىكەن.           
بۇلاردىن باشقا«يېڭى پىروزىچىلىق»،«بىمەنە دراممىچىلىق»،«سېھرى رېئالىزم»  قاتارلىق ئەدەبىي ئېقىملار بولۇپ،
بۇلارمۇ ئوخشاشلا ئەنئەنىۋى قاراش،چۈشەنچىلەرنى ئىنكار قىلىش ياكى باشقا مۇدېرنىزمچە ئېقىملارنىڭ ھەرخىل ئىدىيىۋى قاراش ۋە بەدىئىي ئۇسۇل ،ماھارەتلىر- ىدىن ئۆرنەك ،ئىلھام ئېلىپ مىللىلىك ،خاسلىقلىرى ئارقىلىق ئۆزگىچە ئەدەبىيات دۇنياسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.                                
       مېنىڭ چۈشىنىشىمچە مۇدېرنىزم ئەدەبىايتىدىكى ھەر قايسى ئېقىملاردىكى يېڭىچە ۋە ئۆزگىچە ئىدىيىۋى قاراشلار
ۋە بەدىئىي ئۇسۇللارنى قوللىنىشنىڭ مەقسىتى بىرىنچى نۇقتىدىن،«مۇزىكىلىق ئۈنۈمنى»مەيدانغا كەلتۈرۈش بولۇپ ،ئادەمنىڭ سەزگۈر ئورگانلىرىغا مۇزىكا ئاۋازىدەك تەسىر كۆرسىتىپ ،بىزدە ئوي- پىكىرگە قارىغاندا تۇيغۇ-سىزىم قوزغاشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان. ئۇلار ئاساسلىقى بىز مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقۇغىنىمىزدا بىزنىڭ قەلبىمىزدە،ئىچكى دۇنيارىمىزدا مەلۇم بىر خىل كەيپىيات يارىتىشنى قوغلاشقان.ئەمىلىيەتتە بىرەر مۇزىكىنىڭ ئومۇمى مىلودىيىسىگە جۇشقۇن ياكى جەڭگىۋار، غەمكىن ياكى ھەسرەتلىك ، قىزغىن ياكى خۇشاللىق... دېگەندەك ھېسياتلار ئىپادىلىنىپتۇ دېگىلى بولغان بىلەن ،بىر پۈتۈن مۇزىكىنى تەشكىل قىلىدىغان گارمونىيىلىك ئاۋازنىڭ ھەر بىر ئۇدارىغا ،ھەر بىر تاۋۇشىغا ياكى مەلۇم بىر بۆلىكىگە ئۇنداق بىر مۇقىم ھېسيات مەنىسىنى يۈكلىگىلى بولمايدۇ.مۇزىكىنىڭ كىشى ۋۇجۇدىدا قوزغايدىغان تەسىرى مۇزىكا ئاڭلىغۇچىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تۇيغۇ-سىزىملىرى ،ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئەسلىمە كەچۈرمىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،بىر مۇزىكىنى ئاڭلاۋاتقان نەچچە كىشىنىڭ شۇ مۇزىكىدىن ئالىدىغان زوقىمۇ كۆپ خىل بولىدۇ.شۇڭا بىر مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ھەرقانداق مەنەنى بىكىتكىلى بولمايدۇ،لېكىن بىر مۇزىكىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر ھېس-تۇيغۇ ياكى كەيپىياتقا چۆمۈشىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.شۇ سەۋەپتىن چالغۇ ئەسۋاپلاردىن ياڭرىغان مۇزىكا سادالىرىنى بىزنىڭ تىلىمىزدىن ياڭرىغان سۆزلەر بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس بىر ئىشكى ،سۆزلەر بىلەن سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىكى ھەرقانداق مەنە ئىھتىماللىقىغا ئىگە بوشلۇق ئارقىلىقلار ئىپادىلەشكە مۇمكىنچىلىك بولىدۇ.سەنئەت ئەسلىدىنلا قەلىبنىڭ ،روھنىڭ ياكى تۇيغۇ-سىزىملارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى.بۇلارغا مەڭگۈ ھۆكۈم چىقارغۇلى ،مەلۇم قىلىپقا كىرگۈزگىلى بولمايدۇ.ئۇلار مەڭگۈ ئىنىقسىز ،چۈشەنگىلى بولمايدىغان سىرلىق بىر دۇنيا.سۆز ئويۇنى قىلىۋاتقان ياكى تىل نامراتلىقى ھەم بەدىئىي ماھارىتىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن غەلىتە تۆرەلمە بولۇپ قالغان بەزى چۈشىنىكسىز شېئىرلاردىن باشقا ئاشۇ غۇۋا ئىچكى دۇنيانى ئىپادىلەۋاتقان چۈشىنىكسىز شېئىرلار دەل قەلبنىڭ جىلۋە قىلىشىدۇر.                  

كۆزۈم خۇددى دېڭىزدەك ئاقىدۇ ،                  
چۆرىسىدىن قۇشلار ئۇچىدۇ.                        
«تۈركى دىللار دېۋانى»   
      
قاراڭغۇدا قارا ياغاچ                       
مېنىڭ سىردىشىم،                       
شىلدىرلىسا يوپۇرماق                    
تۆكۈلەر يېشىم.                           
«خەلق قوشىقى»  
            
ئىككىمىزنىڭ يۈزى ئەكىس سۇدا بولسا پەيدا،            
ئۇل سۇ نە تەرەف بارسا ئېچىلغاي گۈلى رەنا.            
«ناۋايى»   
            
    يۇقۇردىكى پارچىلار مىڭ بەش يۈز يىللىق شېئىرىيەت سۇلالىمىزنىڭ جاۋاھىراتلار بىلەن تولغان غەزنىسىدىكى
دۇر-گۆھەرلەردەك چاقناپ تۇرىدىغان ئەسەرلىرىمىزدىن بولۇپ،بۇ شېئىرلاردىكى تۇيغۇ،كەيپىيات ياكى سىزىملار ئادەتتىكى ئېغىز تىلىمىز ،ياكى بولمىسا ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى بايان قىلىش،تەسۋىرلەش ئۇسۇلىدا  ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئىچكى دۇنيارىمىزنىڭ ھەش-پەش دېگۈچە ئېچىلىپ ھەم خازان بولۇپ يوقىلىدىغان گۈل-چېچەكلىرىدۇر.                        
        ئىككىنچى نۇقتىدىن ،ئەدەبىي ئەسەرلەردە سېھىرلىك بىر ئەپسانىۋى دۇنيانى مەيدانغا كەلتۈرۈش.غەربتە
ماركىسىزمدىن باشلانغان نېتزشې ۋە سارتىرىدا ئادەملەرنىڭ ئادەتتىكى تەپەككۇر ھەم تۇرمۇش قاراشلىرىغىچە سىڭدۈرۈلگەن دىننى ئىنكار قىلىدىغان «خۇدا ئۆلدى»دېگەن قاراشلار سەۋەبىدىن ئىنسانىيەت ئىلاھى قۇدرەتكە ئىشىنىدىغان ،سېھرىلىك ۋە ئەپسانىۋىلىق بىلەن تولغان «بالىلىق»دەۋرى بىلەن خوشلاشقان (غەرب). ئادەملەرنىڭ تەقدىرى خىيالپەرەسلىك بىلەن تولغان ئاجايىپ- غارايىپلىك،تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان قىزىقارلىق دەۋىرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سوغۇققان ئىدىيىلەر ،ئادەملەرنىڭ روھىيىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ھالدىكى ئادەملەر ئۆزلىرى كەشىپ قىلىۋالغان غايەت چوڭ ھەم كۈچلۈك ماشىنىلار ھەم ئىقتىساتتىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلالمايدىغان شەپقەتسىز ،ئادەمنى جەمىيەتتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ بىر زاپچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىنتايىن مىخانىك سوغۇققان بىر دەۋىرگە كىرىپ قالغان.بۇنداق بولۇشقا سىياسى ۋە پەلسەپىۋى قاراشلارلا ئەمەس ،شۇ ۋاقىتتا،يەنى 19 –ئەسىردىن باشلاپ ئىلىم-پەننىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە ۋە سانائەتتە نۇرغۇن كەشپىيات ،نەتىجىلەر مەيدانغا كېلىپ  ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل يەتمەيدۇ دەپ قارالغان بەزى سىرلىق نەرسىلەرنىڭ سىرى ئېچىلغان .ھېچ بولمىغاندا ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى قولىغا ئېلىپ كائىناتنى چۈشىنەلەيدىغان ھەم «ماددا»نى كونتىرول قىلالايدىغان بولۇپ قالغان.شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىنسانلار ھاياتى سىرلىقلىغىنى ،ئاجايىپ-غارايىپلىقىنى يوقىتىپ ،ياشاش بەكلا قىزىقى يوق بىر ئادىلا ئىشتەك بولۇپ قالغان.ئەمما ئىنساننىڭ روھى ،قەلب تەشنالىقى ھامان سىرلىق ئەپسانىۋى ئىشلارغا ،ئەقلى يەتمەيدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مەۋجۇدىيەتكە مۇھتاج.ئىنسانلار ئۆزلىرى ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلالماي دۇنياغا كەلتۈرگەن «كەشپىيات»لىرى سەۋەبىدىن يوقىتىپ قويغان سىرلىق ھاياتىنى قانداق قىلىپ قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيدۇ؟يوقاتقان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مەڭگۈ ئامال يوق ،يوقاتقان سىرلىق نەرسىلەرگە قايتىدىن ئېرىشىش ئۈچۈن قۇدىرتى چەكسىز تىلغا تايىنىش –تىل ئارقىلىق يىپيېڭى سېھىرلىك ھەم ئاجايىپ –غارايىپ ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس بىر ئالەمنى بەرپا قىلىش ،مۇدىرنىزم ئەدەبىياتىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئىزدىنىش نىشانى بولغان.
    شۇڭا نۇرغۇنلىغان مۇدېرنىزملىق ئەسەرلەردە ئىنساننىڭ روھىي ئالىمىنىڭ –ئىچكى دۇنياسىنىڭ سىرلىق ھەم ئاجايىپ-غارايىپلىقى ھەرخىل بەدىئىي يوللار بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىزدەنگەن.                                             
     مەن بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىدە ماڭا نىسبەتەن قانداق ئەدەبىي قاراشلار ھەم يىتەكچى ئىدىيىلەر
زۆرۈر ياكى مۇۋاپىق ۋەياكى ماس كېلىدۇ ،دېگەن نۇقتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈپ بۇ ھەقتىكى تونۇشلىرىمنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىدىم:                     
    1  .ئەدەبىي ئەسەرلەر مەزمۇنى، ئىدىيىۋى نۇقتىدىن ياكى تىل ئالاھىدىلىكى ،شەكلى ۋە قۇرۇلمىسى جەھەتتىن   
بولمىسۇن چوقۇم بىر يىپيېڭى ئۆزگىچىلىكنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى كىرەك.                     
      2 .ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات كېيىنكىلەر ئۈچۈن ماڭىدىغان يول ،كېيىدىغان چاپان بولماسلىقى كىرەككى،ئۇ ئۆزىنى
كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەك ،يۈكسېلىش ئۈچۈن شوتا-پەلەمپەي بولۇش كىرەك.                     
      3 .رېئاللىقتا نېمە بولسا شۇنى يېزىققا كۆچۈرۈپ قويۇش ھەرگىزمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمەس.سەنئەت چىنلىقى
شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇش چىنلىقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇكى ئۇنىڭغا سەنئەتكارلارنىڭ ئىزدىنىش روھى ۋە خاسلىقى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان بولىدۇ.                           
     4 .سەنئەتكارلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزلىنىش جەريانىدا  ئەدەبىياتتا ،بولۇپمۇ شېئىرىيەتتە ئىنساننىڭ تۇيغۇ-سىزىملىرىغا
ياكى روھىيەتتتىن ئىبارەت ئىچكى دۇنياغا چوڭقۇرلاش نەتىجىسىدە بىر خىل چۈشىنىكسىزلىك ،غۇۋالىق مەيدانغا كەلدى.مېنىڭچە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بىر نەرسىنى چۈشەنگىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ مەلۇم تۇيغۇلارنى ھېس قىلغىلى ياكى مەلۇم بىر كەيپىياتقا چۆمگىلى بولسا بۇمۇ بولغىنى ،دەپ ئويلايمەن.بىراق «توخۇ بۇرۇنمۇ تۇخۇممۇ»دېگەن جاۋابىنى تاپقىلى بولمايدىغان تىپىشماقتەك ئادەمگە چۈشىنىش ياكى ھېس قىلىش نۇقتىسىدىن ھېچنەرسىنى بەرمىسە ياكى يۇقتۇرمىسا ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپتۇر ئۇنداق يىپيېڭى ئىجادى ئەسىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نەزىريىۋى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بولسىمۇ ئوقۇرمەننى ئۆز ئەسىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن مەلۇم بىرخىل  چىقىىش يولى بىلەن تەمىن ئەتمىسە ،مەن بۇنداق ئەسەرلەرنى پەقەت سۆز ئويۇنى قىلىش ياكى «غەرب»چە ئۇسۇل ئويناش دەپ چۈشىنىمەن.مەن بۇ قاراشلىرىم بىلەن ئۆزگىچە ياكى يېڭىچە ئەسەر ئىجاد قىلغان سەنئەتكارلار ئەسەرلىرىگە چۈشەنچە،ئىزاھ يېزىپ ئوقۇرمەنگە سۇنۇشى كىرەك دېمەكچى ئەمەس،مەن دېمەكچىكى ئاپتۇر ئىجاد قىلغۇچى سۈپىتىدە ئۆز ئەسىرىنى ھەممىدىن بەك چۈشەنگۈچى ياكى نېمىنى ئىپادىلەپ بەرگەنلىگىنى ھەممىدىن بەك ئاڭقىرغۇچى بولىدۇ.بۇنداق بولغانكەن ئاپتۇرنىڭ كاللىسىدا شۇنداق ئەسىرى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچە،قاراشلار مەۋجۇت دېگەن گەپ ،ئۇنداقتا ئاپتۇر ئۆزىنىڭ بۇ چۈشەنچىسى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرنى ئاز-پاز بولسىمۇ خەۋەردا ر قىلىشى كىرەك.مەسىلەن،تالانتلىق شائىرىمىز ئادىل تۇنىيازنى مىسال قىلسام ، ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ھەممە جەھەتتىن ئەڭ خاسلىققا ۋە ئۆزگىچىلىك بىلەن تولغان يىپيېڭى ئەسەرلەردىندۇر. (ئەمما مەن ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇنداق چۈشىنىكسىز ئەسەرلەردىن دەپ قارىمايمەن)لېكىن ئادىل تۇنىياز شۇ شېئىرلىرىغا چۈشەنچە يېزىپ ئولتۇرمىغان بولسىمۇ ،«پەيخەمبەر دىيارىدا كېچىلەر»دېگەن كىتابىدىكى بايانلىرى ئارقىلىق بىزنى ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىش،ئۆزىنىڭ سەنئەت دۇنياسى بىلەن «ئىچقۇيۇن-تاشقۇيۇن»بولۇپ بەھىرلىش ئۈچۈن مەلۇم چۈشەنچىلەر بىلەن تەمىن ئەتتى دەپ قارايمەن(بۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي قارىشى،باشقىلارمۇ شۇنداق قارامدۇ قارىمامدۇ، بىلمەيمەن).                                 
    5 .ئادەمنىڭ ھاياتىنى نوقۇل ھالدا ئىچكى –روھىيەت دۇنياسىدىكى ياشاش ياكى تاشقى دۇنيادىكى ئوبيېكتىپ
ھەركەت-پائالىيىتى دەپ ئايرىۋەتكىلى بولمىغىنىغا ئوخشاش،ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ ساپلا ئىچكى دۇنيانى ياكى پەقەتلا تاشقى ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىلا يېزىش كىرەك دەپ بىر تەرەپتىلا تۇرىۋىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.ئادەملەرنىڭ ھاياتى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ شۇنداق بولۇش كىرەك.
    7.بۇ گەپنى باشقىلارمۇ ئېيتىپ ئۆتكەن:ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى نېمىنى يازغانلىق بىلەن ئەمەس،قانداق
  يازغانلىق بىلەن روياپقا چىقىدۇ.بەدىئىي ماھارەت شەكسىزكى ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىش روھى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ن.ھاشىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 16:11  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  731
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 428
تۆھپە : 0
توردا: 75
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 19:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھ ،نېمىدىگەن جىق گەپلەر...

ئۇ بارمىقىنى ئۆلۈكلەرنىڭ ئاغزىغا بىر-بىرلەپ تىقماقتا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 798
تۆھپە : 0
توردا: 137
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 23:51:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ قاپاق بولدۇم.

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 257
تۆھپە : 1
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 11:12:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپنى ئانچە چۈشەنمىگەن ھالەتتە ئىككى قېتىم ئوقۇپ قويۇش كېرەكمىكىن دەيمەن .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  265
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 1
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 11:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بايقۇشلارغا دەرىسلىك قىلىپ ئۆتسە بولىدۇ بۇكىتاپنى، بىلىشىمچە بۇ كىتاپنىڭ ئىككىنجى  قىسمىمۇ يېزىلغان ، قاچان نەشىر قىلىنىشى مومكىن بولاركىن؟
ئالىي مەكتەپنىڭ گۇڭگا ئىشخانىلىرىدا مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇرۇسلارنىڭ 60-يىللاردىكى ئەدەبىيات نەزەريىلىرىدىن پىتتىن پوستومبا ئايرىش پىرىنسىپى بويچە قىيلىنىپ دەرىس تەييارلاۋاتقان پىرۇفېسور ئۆلمالىرىمىز دۇنيادا تاھىر ھامۇت مۇنداقلا ئۇچۇر بىرىپ ئۆتكەن ئاشۇ ئېزىملاردىن ئارزاق بولسىمۇ خەۋەردارمىكىن؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 12:02:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى تەسىرات ماقالىسى بوپتۇ.كۆپلىگەن ياش ئەدىپلەرنىڭ مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ئۆزلەشتۈرمە ھالەتتە پايدىلانغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.ئەمما  بىر قىسىم قەلەمكەشلەرنىڭ ئاپ-ئاشكارا دورامچىلىق قىلغانلىقى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاشكارە بولىدۇ.نۆۋىتى كەلگەندە ئېنىق دىمەي بولمايدۇكى بىر قىسىم ياش شئېىر ھەۋەسكارلىرى چەتئەل ئېقىمىدا شئېىر يېزىش ئۇسۇللىرىنى ئۇيغۇرچە شئېىرلارنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالغان.بۇ «چەتئەللىكلەرنىڭ يەل قويۇپ بېرىشىمۇ خۇشبۇي پۇرايدۇ» دېگەننى ئەسلەتمەي قالمايدۇ....ئۆرنەك قىلىش ھەرگىزمۇ  چەتئەلنىڭكىنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتىرۋېلىشىمىز،ئۆزىمىزنى شۇنىڭغا سولىۋېلىشىمىز....زۈرۈرلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.بىز ئادىل،لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئۆزىمىزنى ۋە چەتئەلنى كۆرىشىمىز  كېرەك.يۇقۇرقى ماقالە قارغۇلارچە قۇبۇل قىلىش ۋە پۈتۈنلەي ئېغىپ كېتىشتىن خالى بولغان ياخشى ماقالە بوپتۇ.ئاپتۇرنىڭ تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۈسۇلىمۇ ئومۇممى يۆلۈنۈشنى بويلاپ راۋاجلىنىپتۇ.ئومۇمەن يۇقۇرقى ماقالە ياخشى چىققان ماقالە ئىكەن.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  267
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 14:14:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئېگىسى  بەك تەلەيلىككەنسىز، تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابنى ئوقۇپلا مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنى چۈشىنەلىگەن بولسىڭىز. مەن 10 يىل بولدى مودېرنىزم بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىلى ئەمما چۈشىنىش دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن.  مودېرنىزىم تېخى ئاياغلاشمىدى  ھەم تېخىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇچۇۋاتقان قۇشقا تەبىر بەرگىلى بولمىغاندەك ئۇنىڭ «ئىجادىيەت» خاھىشىغا تەبىر بىېرىشنى بەك بالدۇرلۇق قىلىش دەپ قارايمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 163
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 15:21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دېڭىز ،بەلكىم يازمامنى تولۇق ئوقۇمىغان بولسىڭىز كىرەك،مەن «مۇدېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرىنى تولۇق چۈشىنىپ بولدۇم »دېگەن گەپنى قىلمىدىم ھەم ئۇنداق دېيىشكە كۈچۈم يەتكۈدەك سەۋىيەدىمۇ ئەمەسمەن.مەن يازمامدا ئىنىق قىلىپ «مەن بۇ كىتاپنى ئوقۇپ مەلۇم چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلغىنىم ئۈچۈن ۋە بۇ چۈشەنچىلىرىم بىر تەرەپلىمىلىك ،يۈزەكىلىكتىن خالى بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغىنىم ئۈچۈن ،بۇ تەرەپلەردە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي ،خاتا بولۇپ قالغان ،چوڭقۇر بولالمىغان تەرەپلىرىنى تولۇقلىۋالاي دېگەن مەقسەتتە بۇ يازمامنى دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم» دەپ يېزىپ ئۆزۈمنىڭ دانىشمەنلىك قىلمايۋاتقىنىنى ئەسكەرتكەن.سىز «مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىلى 10 بولدى ،ئەمما چۈشىنىش دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن»دەپ يېزىپسىز،شۇ سەۋەپتىن بەلكىم مېنىڭدەك تاھىر ھامۇنىڭ بۇ كىتابىنى كۆرۈۋاتقىنىغا  5   يىلچە بولغان ئادەمنىڭ «مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ بىر نەرسىنى چۈشەندىم»دېيىشكە سالاھىيىتىم توشمىسا كىرەك.راست دەيسىز ،ئۇچىۋاتقان قۇشنىڭ قەيەرگە قونىشىنى تەبىرلىگىلى بولمايدۇ؛ئەدەبىياتنىڭلا ئەمەس ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ كەگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىغا پەقەت ئىگىمىزلا ھۆكۈم قىلالايدۇ.بىراق «رەزىللىك گۈلى»دىن باشلاپ ھېساپلىغاندىمۇ «ئۇچىۋاتقىنىغا »150 يىلچە بولغان بۇ«قۇش» نىڭ  «قونالغۇ»قىلغان ،ئىزنالار قالغان خاتىرلىرىنىڭ بارلىقنى ۋە بۇ خاتىرلەرنىڭ خىلى كۆپلىكىگە سىزنىڭ مەندىنمۇ بەكىرەك كۆزىڭىز يەتسە كىرەك؛ھېچ بولمىغاندا تاھىر ھامۇتنىڭ بۇ كىتابى بىزگە بۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بەردى،شۇنداقلا مىېھنەتكەش تەرجىمان ،مۇھەرىرلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە  مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.راسىت،بەلكىم مەن چۈشەنمىگەن ھەم خاتا چۈشىنىۋالغان يەرلەرنى چۈشەندىم دەپ قارىۋالغان بولۇشۇم مۇمكىن،سىز 10 يىل ھەپىلىشىپمۇ چۈشەنمىگەن نەرسىنىڭ چۈشەنمىگەن تەرەپلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ،مېنىڭ خاتا چۈشىنىۋالغان تەرەپلىرىم ھەققىدە كۆرسەتمە بەرسىڭىز  بۇنى سەمىمىلىك ۋە دوستانىلق بىلەن قوبۇل قىلغان بولاتتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ن.ھاشىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 15:44  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش