كۆرۈش: 400|ئىنكاس: 12

زۆھرەگۈل ھامۇت ئوبزور-ماقالىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 21:48:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                  يازغۇچى شۇنداق بىر ئىنسان

                                                              (ماقالە)

     ھەر كاللىدا ھەرخىيال بولغىنىدەك،كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى،ئارزۇ-ئىستىكى،غايىسى ھەرخىل بولىدۇ.ئەنە شۇ ئوخشاش بولمىغان قىزىقىش ۋە ئارزۇ-ئىستەك كىشىلەرنىڭ تۇتقان يولىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئۇمۇمەن ئېيىتقاندا،مەلۇم ئەھمىيەتلىك ئىشنى كۆڭلىڭىزگە پۈككىنىڭىزدە،قىلىۋاتقان ئىشىڭىز مەيلى ئوڭۇشسىزلىق ۋە توسالغۇغا ئۇچرىمىسۇن،قەيسەر ئىرادە ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس جاسارەت بىلەن ئالغا مېڭىۋېرىڭ.جاپالىق ئەجرىڭىزنىڭ چېچەكلەپ مىۋە بېرىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىڭ،ئۆزىڭىز تاللىغان ئاشۇ داغدام يولدا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقىنىڭىزدا سىزنى ئۇ يولدىن تەزدۈرىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرغا چىقىپ،سەپىرىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلسا سىز قانداق پوزىتسىيەدە بولىسىز؟مەسىلە سىزنىڭ ئاشۇ توسالغۇنى قانداق بۆسۈپ ئۆتۈشىڭىزدە.

     يېقىندا يېڭىلا يېزىپ پۈتتۈرگەن ئەسىرىمنى ژورنالغا ئەۋەتىش ئۈچۈن پوچتىخانغا باردىم.ماركا-كونۋىرىت سېتىش ئورنىدىكى قىز گويا رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن نازىنىنلاردەك ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى.ئۇ قىزدىن ماركا ۋە كونۋىرت سېتىۋېلىپ ئەسىرىمنى كونۋىرىت ئىچىگە سېلىۋاتقىنىمدا ئۇ ئىختىيارسىز:"ئوھوي،نىمانچە كۆپ خەتلەر بۇ؟"دەپ سوراپ قالدى.مەن ئۇنىڭ سۇئال تەرىقىسىدە ئېيتىلغان سۆزىگە ئەستايىدىللىق بىلەن:"ژورنالغا ئەۋەتىدىغان ئەسەر ئىدى"دەپ جاۋاب بەردىم.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قانداقتۇر مەنسىتمەسلىك ئالامىتى ئەكس ئېتىپ قاپاقلىرىنى سۈزدى ۋە ئاغزىنى قىيسايتىپ:"توۋا،شۇمۇ بىر ھەۋەس..."دىگىنىچە ماڭا ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى.بۇ خىل تېتىقسىز گەپلەرنى ئەمدى ئاڭلىماسمەن دەپ ئويلىغاندىم،ئەپسۇسكى،يەنە تەكرارلاندى.خىزمەتتىكى بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ئەسەر يېزىۋاتسام بىر خىزمەردىشىم:"قاچانلا قارىسام بىر نەرسە يازىسىز،يېزىۋاتقىنىڭىز نىمە ئۇ تۈگىمەيدىغان؟دەپ سورىدى.مەن ئۇنىڭغا:"ئەسەر يېزىۋاتىمەن"دەپ جاۋاب بەردىم.گېپىم تۈگىشى بىلەنلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە مېنى ئەيىبلەشكە ئخشاش بىر ئۇچقۇن پەيدا بولدى ۋە :"ئۇكام،بۇنداق قۇرۇق ئىشنى قىلغىچە نان تېگىدىغان ئىشنى قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ئەخمەق بولۇپ ئەسەر يازىمەن دەپ ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماي تىل ئۆگەنسىڭىز بولىدىغۇ؟..."دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ يازغۇچى-شائىرلارغا بولغان بۇخىل كۆزقارىشى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان ئىشلارنى بىر تۇنۇشۇمغا سۆزلەپ بېرىۋىدىم،تونۇشۇم تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا"ۋاي-ۋۇي،ھازىر يازغۇچى-شائىرنى كىم كۆزگە ئىلىدۇ دەيسىز؟ئۆتكەندە ئۆزىنى يازغۇچى ئاتىۋالغان بىر سوكالتاق< سىزنى زىيارەت قىلىپ كېلىۋىدىم>دىۋىدى،<سىز بىلەن قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقتىم يوق>دەپلا قۇتۇلدۇم ئۇنىڭدىن"دەپ جاۋاب بەردى.ئۇ كىشى ئۆزىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئادەمنى مۇخبىر دەپ ئاتاشنى بىلمەيلا قالماستىن،يازغۇچى-شائىرلارنى ھاقارەتلەۋاتاتتى.ئىختىيارى مۇخبىرلارنى تەربىيلەش كۇرسىدا مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى گېزىتخانا مۇخبىرىدىن سۇئال سورىغاچ:"يازغۇچى-شائىرلارنى قۇيما ساراڭ دىيىشىدىكەن..."دىگەندەك ھاقارەتلىك سۆزنى ھىچ ئەيمەنمەستىن تىلغا ئالدى.

       ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا،ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن بۈيۈك ئارزۇلارنى قەلبىگە مۇجەسسەملەپ،ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ قان-تەر ئاققۇزۇۋاتقان ئەدىبلىرىمىز،قەلەمكەشلىرىمىزگە تىغ كۆتۈرگەن ئاشۇ بىلىمسىزلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن غەزەبلەندىم.

      جەمئىيەت ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج.بىز جەمئىيەتكە بىر كىشلىك ھەسسە قوشىمىز دەيدىكەنمىز،تىرىشىپ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ئىگىلەپ،ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغانلىكى ئىشلارنى قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە قىلىشىمىز كېرەك.دەرۋەقە ئادەم ئۈچۈن ئىقتىساد بولمىسا بولمايدۇ،بىراق ھەممە ئادەم ماددىي ۋە شەخسى مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ،مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرمىسا،ئۇ ھالدا كەلگۈسى ئىستىقبالدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تېخىچە كاللىسىنى سىلكىۋەتمەي،كونا سەنەمگە دەسسەپ،بىر كۈننىڭ ئۆتكىنىگە شۈكرى قىلىپ يۈرىۋاتىدۇ.ئاشۇلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىپ،بوش ۋاقتىنى ئەدەبى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان مېھنەتكەش قەلەمكەشلىرىمىز نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرلائېغىز سۆزى بىلەن" پەس"ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىكەن؟ئارىمىزدا يازغان ئازغىنە ئەسەرلىرىدىن ئۆزىچە پەخىرلىنىپ ۋە قانائەتلىنىپ،ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ،نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن پايپېتەك بولۇۋاتقان مەنمەنچى،ئابرويپەرەس،ئۆز ئىززەت-ئابرويىنى ساقلىماي، قاۋاقخانىلاردا ۋە قىزلار كوچىسىدا تىمسىقلاپ يۈرگەن"يازغۇچى"،"شائىر"لارمۇ يوق ئەمەس.ئاشۇنداق ئۆزىنى "يازغۇچى"،"شائىر"دەپ ئاتىۋالغان ساپاسىزلار تۈپەيلى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ يازغۇچى،شائىرلار قوشۇنىغا ھاقارەت قىلساق قاملىشارمۇ؟بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېيىتقىنىدەك"نەپ تېگىدىغان" ئىشنىلا قىلىپ،ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقىمىز كېرەكمۇ؟

       تىل ئۆگىنىش نۆۋەتتىكى جىددى مەسىلە.تىل ئۆگىنىش،يېزىقچىلىق،كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسا،ھىچقايسىسىنىڭ بىر-بىرىگە دەخلىسى يوق.بۇ يازغۇچى-شائىرلارنىڭ كاللىسىدا ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتا.

     يازغۇچى ۋە شائىرلار خەلقنىڭ قايغۇ ۋە خۇشاللىقىغا تەڭ ئورتاقلىشىپ،ياخشىلارغا يار-يۆلەكتە بولىدىغان،جاھاندىكى رەزىللىك،ساختىلىق،تەڭسىزلىكلەرنى قامچىلاپ،خەلقنىڭ روھىنى ئويغىتىپ،ئىنسانىيەتكە پۈتمەس-تۈگىمەس مەنىۋى بايلىق يارىتىپ بېرەلەيدىغان مېھنەتكەش ئىنسان.سىز قايسىدۇر بىر سورۇنلاردا كۆڭۈل ئېچىۋاتقىنىڭىزدا،پۇشۇلداپ راھەتلىنىپ ئۇخلاۋاتقىنىڭىزدا،باشقىلار بىلەن ئەھمىيەتسىز قۇرۇق پاراڭلارنى قىلىشىۋاتقىنىڭىزدا بوش ۋاقتىنى ۋە پۈتۈن زېھنىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە سەرپ قىلىپ،ئىجادىيەت مىۋىسىنى خەلققە تەقدىم قىلىۋاتقان قەلەم ئىگىلىرى بەلكىم ئۇخلاپ چۈشىڭىزگىمۇ كىرمەسلىكى مۇمكىن.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئىنسان خاراكتىرىنى ئەينەن سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان  ئەينەكلىك رولنى ئويناپ،تۇرمۇشنى يۈكسەك بەدىئى تىل ماھارىتى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان قەلەمكەشلىرىمىزنى-يازغۇچى،شائىرلىرىمىزنى ھاقارەتلەشكە ھەققىمىز يوق. يازغۇچى ۋە شائىرلار مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ۋە روھى تۈۋرۈكى.شۇڭا ھەممىمىز  يازغۇچى،شائىرلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيلى، قەدىرلەيلى.ئۇلارغا پۈتمەس-تۈگىمەس ئىلھام ۋە تىلەكلىرىمىز ياڭرىسۇن!  

مەنبە:"تەڭرىتاغ"ژورنىلى 2008-يىللىق4-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-30 15:41  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 21:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                         ئۆزۈمدىن باشلانغان ئويلار

                                                                (ئەدەبىي خاتىرە)

        تۈنۈگۈننىڭ ئۆتمۈشكە،بۈگۈننىڭ ھازىرغا،ئەتىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئوبدان بىلىمەن.بىر مىنۇتنىڭ ئۆتۈشى ئۆلۈمگە بىر مىنۇتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ماڭا ئايان.ھەتتا بۈگۈننى قەدىرلەپ،بۈگۈننىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلساقلا ئەتىمىزنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىمەن.مەن يېزىقچىلىققا ئۆسمۈرلۈك چېغىمدىن باشلاپلا چەكسىز ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ،ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئۆمەر سالام،تۇرسۇنگۈل خانىم،ۋاھاب قادىر قاتارلىقلار تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىلا يېزىقچىلىقتا يۇشۇرۇن ئىقتىدارىمنىڭ بارلىقىنى،ئىزچىل تىرىشساملا،كەلگۈسىدە چوقۇم مىللىتىمىز ئىچىدىكى داڭلىق تۆھپىكار ئايال يازغۇچى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى توختاۋسىز رەۋىشتە ئىلھاملاندۇراتتى.چۈنكى مېنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىلىرىم ئەلا بولۇپلا قالماي،ئەدەبىيات دەرسىدە يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقلىرىنى ھەر خىل ژانىرلاردا يېزىلغان ئەسەرلەربىلەن تولدۇراتتىم-دە،ئوقۇتقۇچۇمغا كۆرسىتەتتىم.ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىپ ئەسەرلىرىمدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە،يازمىلىرىمنى ھەر قايسى پاراللىل سىنىپلاردىكى ساۋاقداشلارغا ئوقۇپ بېرىپ ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش تىرىشىشقا ئۈندەيتتى.1990-يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولدى.يەنى مەكتەپ مەيدانىدا چوڭ يىغىن ئېچىلىپ،مېنىڭ "ئانا مېنى كەچۈرەمسىز؟"ناملىق ھىكايەم ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش مۇسابىقىسىدە "ھىكايەپادىشاھى"بولۇپ باھالانغانلىقى،مەكتىپىمىزدىكى مەلۇم ياخشى پائالىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ماقالەم ناھىيە بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى،ھەر قايسى پەنلەردە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىم ئېلان قىلىنىپ،ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم سەھنىگە چىقىپ مۇكاپاتلانغان ئىدىم. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن نوتا ئىچىدىن باراقسانلاپ چىققان مەندەك بىر شاگىرتىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلەنسە،سىنىپداش ۋە مەكتەپداشلارنىڭ جۈپ كۆزلىرى ماڭا ھۆرمەت ھىسسىياتىدا تىكىلگەن ئىدى.ئارىدىن بىر قانچەكۈن ئۆتكەندە، ئوقۇتقۇچۇم ئۆمەر سالام"ئۇلارنىڭ ئائىلىسى"سەرلەۋھىلىك ھىكايەمنىڭ "شايار ئەدەبىياتى"ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ماڭا خەۋەر قىلغاچ كىتابنى قولۇمغا تۇتقۇزدى.تېزرەك كۆرۈشكە بولغان تەقەززالىق ھەم ھاياجانلىق ھىسسىياتىم كۈۋەجەپ،كىتاب تۇتقان قوللىرىم بىلىنەرلىك تىترەيتتى.ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئۆمەر سالام،تۇرسۇنگۈل خانىم،ۋاھاپ قادىر دەل مېنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىش ۋە ئارزۇ-ئىستىكىمنىڭ بىخ ھالىتىدىن ئۆزلۈكسىز يىلتىز تارتىپ،ھالا بۈگۈنكى كۈنگە يېتىشىگە بىردىنبىر ئاساس سالغان ئۇستازىمدۇر.چۈنكى ئۇلار ھەقىقى كۈيۈمچان ۋە تەلەپكار باغۋەن ئىدى.ئۆزكۆچىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە يېزىپ چىققان ئەسەرلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئوقۇپ چىققان ئوقۇرمەن،ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ،ئاشۇ ئەسەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان،ئاشۇ شاگىرتىنىڭ نۇرلۇق دىلىغا ئىلھام ئۈنچىلىرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ،ئەدەبىيات ئاتلىق تۇلپارغا مىنگەشتۈرگەن ھەقىقى چەۋەنداز  ئىدى.

      كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ئۆتۈپ،ئالىي بىلىم يۇرتى مېنى ئۆزىنىڭ ئىللىق قوينىغا چاقىردى.مەن گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان بولساممۇ،ئەدەبىياتقا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت مېنى ھامان ئۆزلۈكسىز تىرىشىشقا،ئىزدىنىشكەئۈندەيتتى.ئەتراپىمدىكى گۈزەللىكلەردىن قانماي بەھىر ئېلىش بىلەن بىرگە،ئاشۇ گۈزەللىكلەر قەلىمىم ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى.ئىلھام بۈركۈتلىرى پەر قانات قاققىنىدا بەيگىگە تەييارلىنىۋاتقان تۇلپاردەك چاپچىپ تۇرغان ھىسسىياتىم ئاپئاق دەپتەر بەتلىرى ئۈستىدە ئەركىن يايلىغان ئىدى.مەن ئەنە شۇ چاغلاردا ئۆزۈمنى گويا بىپايان سامادىكى ئەركىن قۇشتەك،كۆپكۆك دېڭىز سۇلىرىدا شۇڭغۇپ ئويناپ تىنمايۋاتقان مارجان بېلىقتەك سېزەتتىم. مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىمنى قايتا-قايتائوقۇپ ھاياجانغا تولاتتىم.كېچىلىرى ئىلھام پەرىشتىلىرىنىڭ قوللىرىمدىن تۇتۇپ يېتىلىشى بىلەن ئۇيقۇنى تەرك ئېتىپ،كۆزلىرىمنىڭ تورلىشىپ،مېڭەمنىڭ تورمۇزلىنىپ،گەجگەمنىڭ تېلىپ،قورساقلىرىمنىڭ ئېچىپ بىئارام قىلىشىغا،ھەتتا قەلەمنىڭ قاتتىق بەللىرىنىڭ قوللىرىمنى قاپارتىۋېتىشىگە قەتئى بەرداشلىق بېرىپ يېزىپ كەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان.ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ماڭا ئۆزىنىڭ كەڭ،ئىللىق باغرىدىن ئورۇن بەرگىنى دەل"ئاقسۇ ئەدەبىياتى"ژورنىلى بولدى.مەزكۇر ژورنال مەزمۇنىنىڭ مول ۋە رەڭدارلىقى بىلەن گويا كۆكتە چاراقلاپ يېنىۋاتقان نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش،قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى ماياكلىق رولىنى ئويناپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان"ئانا"ژورنىلىغا،قەلب دۇنياسى ئالەمشۇمۇل ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا ئىزدىنىشكە تولغان مېھنەتكەش ئىجادكارلىرىمىزغا كەڭ كەتكەن چېنىقىش مەيدانى بولدى.جۈملىدىن مەنمۇ "ئاقسۇ ئەدەبىياتى"ژورنىلىنىڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يېتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىم مۇشۇ ژورنالدا روياپقا چىقىش بىلەن بىرگە،2003-يىلى ئاقسۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىندىم."تەڭرىتاغ"،"شىنجاڭ سەنئىتى"،"شىنجاڭ گېزىتى"،"شىنجاڭ ياشلىرى"،ئاقسۇ گېزىتى"قاتارلىق گېزىت-ژورناللارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ماڭا ئۆزىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ئورۇن بېرىشكە باشلىدى.

         2005-يىل 9-ئاينىڭ 24-كۈنى"ئاقسۇ ئەدەبىياتى"ژورنىلى مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى ئەخمەتجان ئابلا نامى20دىكى "تارىم باھارى"ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىلەن ئاقسۇ دىيارىدىكى ئاياللارنىڭ سەركىسى بولغان گۈلئايىم ئېزىز خانىم نامىدىكى"دەۋران"ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.مۇراسىمدا مېنىڭ مەزكۇر ژورنالنىڭ 2004-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان"بەرباد بولغان چۈش"تېمىسىدىكى ھىكايەم"تارىم باھارى" ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولۇپ مۇكاپاتلانغان ئىدى.يىغىندىن كېيىن"ئاقسۇ ئەدەبىياتى"ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇرىشىت بارات ئويغاق ۋە گۈلئايىم ئېزىز خانىمنىڭ يېتەكلىشىدە ئايال ئاپتورلار ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچىنى بىر قۇر زىيارەت قىلغاندىن كېيىن،يىغىن زالىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتۇق.باش مۇھەررىر ئابدۇرىشىت بارات ئويغاق ئايال ئاپتورلارغا بىر نەچچە تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە،نىمىنى يېزىش،قانداق يېزىش،نۆۋەتتە مەيدانغا كېلىۋاتقان ئەسەرلەردىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئوبرازى قانداق يارىتىلىشى كېرەك؟دىگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە جانلىق ۋە ئەتراپلىق پىكىر بايان قىلدى.ئاخىردا مېنىڭ ئۆز تالانتىمنى جارى قىلدۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن"ئاقسۇ ئەدەبىياتى"ژورنىلىغا تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشىمنى ئۈمىد قىلىپ،بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمگە ياخشى تىلەكلەر ياغدۇرۇلدى.ئەتراپىمدىكى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ماڭاھۆرمەت ھىسسىياتىدا تىكىلگەن جۈپ كۆزلىرىنى كۆرگىنىمدە،زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.مىللىتىمىز بېكىنمە ھالەتتىكى يېزىش ئۇسۇلىدىن ھالقىپ  چىقىپ،تېما نامراتلىقى ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ئاددىيلىقتىن سىيۇژىت قۇرۇلمىلىرى كۆپ قاتلامدىن تەركىپ تاپقان،مول مەزمۇنلۇق نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى،چەتئەل ئەدەبىياتى ۋەقېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ،مىللى ئەدەبىياتنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن مەندىن باشلاپ بارلىق ئەلسۆيەر قەلەمكەشلەر ئەدەبىيات ئاتلىق ئەڭگۈشتەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشى كېرەك.مەن ئاشۇ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۆزۈمگە تېخىمۇ كۈچلۈك تەلەپ قويۇپ،ھەپتىلىك،ئايلىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقتىم. ھەر كۈنى كەم دىگەندە ئىككى سائەتنى يېزىقچىلىققا ئاجرىتىش،كۆپ كىتاب كۆرۈش،كۆپ يېزىش،ھىچبولمىغاندا كىرىش سۆزنى باشلاپ قويغان مەلۇم ئەسىرىمنىڭ مەلۇم بۆلىكىنى مەلۇم كۈنگىچە يېزىپ پۈتۈرۈشكە بەل باغلىدىم.ئەنە شۇنداق ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇش نەتىجىسىدە ئەجرىم مىۋە بېرىپ،"قىيامەت"ناملىق ھىكايەم ۋۇجۇدقا كەلدى.شۇ قاتاردا بىرنەچچە پارچە نەسىر ۋە ھىكايە يېزىپ چىقىلدى.شۇ چاغدىكى ھىسسىياتىمدا ئەڭ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغىنى-ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەسلىك،بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش،ھېرىپ-چاچاش،جاپ-مۇشەققەتكە باش ئەگمەي توختىماي ئىزدىنىش،ئىزدىنىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش،باشقىلار بايقاپ ئۈلگۈرەلمىگەن يېڭىلقلار ئارقىلىق زامانىمىز ئەدەبىياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش،بۇ ئارقىلىق ئۆز مەنىۋىيىتىمىزدىكى گاھ كۈچىيىپ،گاھ ئاجىزلاپ بېرىۋاتقان روھىي گادايلىققا زەربەبېرىپ،ئۆزگىرىشچان روھىي دۇنيايىمنى ئالەمنىڭ گۈزەللىكىگە،تالانتنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتىگەجەلب قىلىپ،ئۆمۈرمەنزىلىمنى ئىجادىيەت بوستانىلىقىدا سەيلە-ساياھەت قىلدۇرۇپ،كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئىجادى مېھنىتىم ئارقىلىق ئۆچمەس ئابىدە تىكلەپ،بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كېتىش ئىدى.ئەپسۇس،مېنى تۇرمۇش زەنجىرى كىشەنلەپ،تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى،خىزمەتتىكى ئالدىراشلىق،مۇھىمى،مەندىكى ھورۇنلۇق ئىجادىيەت قۇشۇمنىڭ پەر-قاناتلىرىنى بوغۇچلاپ،بوشاڭلىق،ئىرادىسىزلىك،بەل قويۇۋېتىش پىسخىكىسى ماڭا ئۇمۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ يۈرۈكۈمنى قاراڭغۇلۇققا ئەسىرقىلدى. يېرىم يىلدىن بۇيان قەلب ئەينىكىم گويا قاغجىرىغان دەرەخ،سۇسىز ئۆستەڭدەك قولۇمدىكى قەلەم يۈرەك سوقۇشۇمنى ئىپادىلەپ بېرەلمىدى.ئېيتماقچىمەنكى،مېنىڭ قەلب دۇنيايىم قۇپقۇرۇق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.نە قىزىقىش،نەئارزۇ-ئىستەك،نەقىن-قىنىغاپاتماي پاتمانلاپ كېلىۋاتقان ئىلھام بۈركۈتلىرى مەندە يوق،مېنىڭ زادىلا بۇنداق بولۇپ قالغۇم يوق ئىدى،زادىلا!...

       كۈندىلىك خاتىرەمنى نىشانسىز ۋاراقلاشقا باشلىدىم:

      "دەپتەرنىڭ بەتلىرى ئاپئاق قالغىلى ئۈچ ئاي كەم بىر يىل بوپتۇ.دىمەك،مېنىڭ توققۇز ئاي ۋاقتىم بىكارغا كەتتى دىگەن سۆز.مەن بەكلا زىيان تارتىپتىمەن.بۇ توققۇزئاي ئىچىدە مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتالىغان بولسام،ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئاشۇ ھورۇنلۇق زەنجىرىدە كىشەنلەنگەن قوللىرىمدىن بىباھا ئەسەرلەر تۆكۈلۈشى مۇمكىن ئىدى.ئائىلىدە بىر مېھرىبان ئانا ،ئىدارىدەلاياقەتلىك كادىر بولدۇم، بىراق،لاياقەتلىك يازغۇچى بولالمىدىم.قەلب دۇنيايىم سۇسىزچۆلدەك قاغجىراپ كەتتى،مەن ئەدەبىياتنىڭ يېڭىلىقلىرى ئۈستىدەئىزدەنمىدىم.مەندىكى قانائەتچانلىق خاراكتىرىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى.بۈيۈك ئارزۇلىرىم ئارزۇ پېتىچە قېلىۋەردى.بىر يىل ئىچىدە قايسىدۇر بىر ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر-ئىككى پارچە ئەسەرلىرىم بىلەن كۆڭلۈم ئەمىن تېپىپ كەلدى.ئەسلىدە ئىشلار بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى.نادىرئەسەرلەرنى ئىجادقىلىشىم،ئىجادىيەت مىۋىلىرىمنى خەلىققە تەقدىم ئېتىشىم ۋەخەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن يازغۇچى بولۇشۇم كېرەك ئىدى،مانا بۇ مېنىڭ ھاياتلىقتىكى بىردىنبىر ئارزۇيۇم ئىدى. ئۆز-ئۆزۈمگە بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش ھەققىدە نۇرغۇن ئەھدىلەرنى قىلغان ئىدىم،نۇرغۇنلىغان"بۈگۈن"لەر مەندەك"مەرد،سېخى"بەندىنىڭ قولىدىن ئاسانلا قېچىپ چىقىپ،تىرىشچانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ مىللىتىمىزئايال يازغۇچىلىرى ئۇمۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالمىدۇ؟بۇنى مىللىتىمىز ئايال يازغۇچىلىرى ئۇمۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق دىسەك،ئۇ ھالدا تۆھپىكار يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت،تۇرسۇنئاي ھۆسەيىن،خالىدە ئىسرائىل،غەلىبە مۇھەممەت،ۋەىلايىتىمىز ئىچىدىن چىققان داڭلىق ئايال يازغۇچى باھارگۈل ساۋۇت...لار يۇقارقىدەك قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەنمىدۇ؟ياق!ھەرگىزئۇنداق ئەمەس!ئۇنداقتا ئۇلار بۇ قىيىنچىلىلارغا قانداق بەرداشلىق بېرىپ،بۈگۈنكىدەك ھەممەئېتىراپ قىلىدىغان داڭلىق ئايال يازغۇچى،مىللىتىمىز ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولالىغاندۇ؟...2008-يىل4-ئاي"

      روھىي دۇنيايىم ئۆز-ئۆزۈمگە ھەرخىل چۇقانلارنى سالماقتا ئىدى.ئاخىرى قەلب مەئىشىتىمنىڭ ئوپىراتسىيە پىچىقى بولمىش قەلەمدىن ئىبارەت دىلكەش دوستۇمغا تېۋىنىپ،ئۆزۈمنى ئوپىراتسىيە قىلىپ چىقتىم.ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئەينى چاغدا دەرس ئارىلىقىدا:<<ھەر كۈنى ئۆزۈڭلارغا"مەن كىم؟"دىگەن سۇئالنى قويۇپ تۇرۇڭلار،شۇنداق قىلغاندىلا ئادەم ئۆزىنىڭ ئەيىب-نوقسانلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ،باشقىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋەمەجبۇرىيىتىنى،ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا،ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ساقلىنالايدۇ>>دىگەن ئىدى.قارىغاندامەن ئۆزۈمگە"مەن كىم؟"دىگەن سۇئالنى قويۇپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتسام كېرەك.يۈزۈم گويا قۇرغاقلىشىپ كەتكەن ئەتنى سۇپۇنداپ يۇيۇۋەتكەندە ھەم ئېچىشىپ ھەم تارتىشىپ كەتكەنگە ئوخشاش خىجىللىق ئىلكىدە چىمىلدىماقتا.بۇ چىمىلداش بىر يازغۇچىنىڭ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۈيۈك مەنزىلگە يېتىش يولىدا ھاردۇق يېتىپ قوشقۇنغا ئولتۇرىۋالغانلىقتىن بولغان خىجىللىق تۇيغۇسى بولماستىن،بەلكى ئۆزمەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ  بولالمىغانلىقتىن بولغان بىر قېتىملىق ئۆز-ئۆزۈمنى تەكشۈرۈپ چىققان كۆڭۈل ئىزھارىم ئىدى.يۈرىكىمدە بىر پارچە ئوت ئەدەبىيات ئۈچۈن ھېلىمۇ لاۋا بولۇپ يانماقتا.مەن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى،بىز ئاياللار تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى تۈرلۈك بېسىملارغاباش ئەگمەي،قىيىنچىلىق ئالدىدا گويا توغراق دەرىخىدەك مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىساقلا، قىيىنچىلىق جەزمەن بىزگە تەسلىم بولىدىكەن.ئەكسىچە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەنمىز، ۋاقىتتىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق بىزدىن يىرگىنىپ،چۈشكۈنلۈك،ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە گەجگىمىزدىن تۇتۇپ چۆرۈپ تاشلايدىكەن.ئاخىرداقانداقلارچەيېشىمىزنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغىنى تۇيمايلا قالىدىكەنمىز،قولدىن بېرىپ قويغان ۋاقىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پۈكۈلگەن قەددىمىزنى كۆتۈرمەك بولغاندا،تۈرلۈك كېسەل چىرمىۋالغان ئېغىر جىسمىمىز ئارتۇق جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ-دە،يېڭىلگىنىمىزگە تەن بەرمەي ئامالىمىزيوق."ئاخىرقى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن"دەپ بىكار ئېيتمىغان كونىلار. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا،يەنىلائۆزۈمدىن باشلاپ بارلىق قەلەمكەش دوستلارغا ئېيتار يۈرەك سۆزۈم شۇكى،قايناق تۇرمۇش ئىچىدىن تىپىك بەدەئى ئوبرازلارنى يارىتىش ئارقىلىق،ئوقۇرمەنلەرنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن تولغان يېڭىچە ھايات يولىغا يېتەكلىسەك،مىڭبىر جاپادا روياپقا چىقارغان ئەمگەك مىۋىلىرىمىزدىن كەڭ خەلق تېگىشلىك نەپ ئالالايدۇ،ئازغۇن تىكەنلەرنى يۇلۇپ تاشلاپ،كەڭ كەتكەن ئىجادىيەت يولىمىزغا دەستە ئەتىر گۈللەرنى تېرىپ،خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچى بولۇش بەسى مۈشكۈل.بىراق، بۇ خۇشپۇراق گۈلزارلىقنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى يەنىلا ئۆز قولىمىزدا.

مەنبە:"ئاقسۇ ئەدەبىياتى"ژورنىلى2010-يىللىق 1-سان

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 21:54:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                       كۈتۈبخانا،مەن ۋە "تۇغۇت جېڭى "ھىكايىسى

                                                                             (ئوبزور)

      بۈگۈن ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى.كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە ئىش ئۈستىلىمدە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ،ئۆزۈم مەسئۇل خىزمەتنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتىم.قانۇنىيەتلىك خىزمەت ھىچقانداق يېڭىلىقى بولمىغان ھالدا،ھەر كۈنى بىر خىل قېلىپتا،بىر خىل رېتىمدا ۋە بىر خىل خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ "يىللارغا جاۋاب"ناملىق شېئىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك،يىللار مېنىڭ ياشلىقىمنى،زېھنىمنى،ئىنتىلىشلىرىمنى ئوغرىلاپ قاچماقتا.ئەپسۇس،مەندە شۇنداق بىر ھاياجانلىق تەلپۈنۈش باركى،بۇ تەلپۈنۈش ماڭا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆز مەنىسى بىلەن تونۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ.مېنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىمنى كۈنسىرى زورايتىپ بارىدۇ. بۇ خىل ھاياجاندىن ئايرىلىشنى پەقەت تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىدىم. بۇ ھاياجانلىق تەلپۈنۈش دەل مېنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە.ژورناللاردىكى يېڭى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان ئادىتىم بار ئىدى.شۇ ئادىتىم بويىچە كۈتۈبخانىغا كىردىم.كىرىپلا مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ھەم ئەپسۇسلاندۇرغان ئىش شۇ بولدىكى،كۈتۈبخانىدا كىتاب ئوقۇۋاتقان بىرمۇ مىللى يولداشلارنىڭ بولماسلىقى ھەم كۈتۈبخانىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە چىقىدىغان ئەدەبىي ژورناللارنى شىددەت بىلەن قىسقارتىپ،ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدە نەشىردىن چىقىدىغان ژورناللارغىلا مۇشتەرى بولۇشى ئىدى، كۆڭلۈم گويا چوڭ بىر يوقىتىشقا دۇچ كەلگەندەك ئىنتايىن يېرىم بولدى. بۇنىڭ سەۋەبى دەل كومپىيوتىرنىڭ ئائىلىلەرگىچە ئۇمۇملىشىشى ۋە تور ئەدەبىياتىدىكى  ئەسەرلەرنىڭ سەرخىللىشىشى بولۇپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى مەلۇم نىسبەتتە قاندۇرۇلغانلىقتىن،ئۇلار كۈتۈبخانىغا كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن يولدا مېڭىشقا كەتكەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە،ئۆيدە كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپلا تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئەدەبى ئەسەرلەردىن ئىستىتىك زوق ئالالايدۇ.ئۇنداقتا بۇ خىل يۈزلىنىش ئۇيغۇر ژورنالچىلىقىغا خىرىس ئېلىپ كېلەمدۇ قانداق؟ مەن ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ۋە ئەندىشلىك خىيال ئىلكىدە ژورناللارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرغاچ ،"تارىم"ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 7-سانىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم.ژورنالدىن يازغۇچى رىسالەت مەرداننىڭ"تۇغۇت جېڭى"ناملىق ھىكايىسىنى ئوقۇپ چىقىپ،ھىكايىدىكى ۋەقەلىكتىن قەلبىم لەرزىگە كېلىپ،كاللامدا ھەرخىل ئوي-پىكىرلەر قاناتلىنىشقا باشلىدى.ھىكايە ئوتۇنچى توختىنىڭ ئوتۇن كېسىپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقانلىقى، بۈگۈن ئادىتى بويىچە ئوتۇن ئەكىلىش ئۈچۈن جاڭگاللىققا بارغانلىقى،قېرىشقاندەك بىر كۈن كەچكىچە ئىزدەپمۇ كەسكىدەك قۇرۇق ئوتۇن تاپالمىغانلىقى،ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئايالى مەرەمخان ئەتىدىن كەچكىچە ئېرىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ سۇيقاش ئېتىپ ساقلىغان بولسىمۇ كەلمىگەنلىكى،شۇنداق ئەھۋالدا مەرەمخاننىڭ تولغىقى تۇتۇپ،ئادەمزاتسىز ئۆيدە تولغاق ئازابىدا پەرياد چەككەنلىكى، قۇرۇق ئوتۇن تاپالمىغان ئوتۇنچى توختى ئامالسىز ھۆل ئۇتۇننى كېسىپ ئايسىز قاراڭغۇدا كېچىلەپ ئۆيگە قايتماقچى بولغانلىقى،ئۆيگە قايتىش يولىدا ئېشىكىنىڭ ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىقتىن ماڭغىلى ئۇنىماي قوشقۇنغا ئولتۇرىۋېلىشى،ھاردۇق يەتكەن توختى ئېشەك ئۇسسۇزلۇق ۋە بوغۇز يىگىلى تۇرغاندا ھارغىنلىقتىن كۆزىگە ئۇيقۇ ئىلىنىپ، شۇ ئۇخلىغانچە كۆزىنى ئېچىپ قارىسا تاڭ ئېتىپ كەتكەنلىكى،تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغان ئايالىدىن ئۆلگۈدەك ئەندىشە قىلغان توختىنىڭ يولدىن قويغان ئېشەكنى غەزەبكە پايلىماي ئۇرۇپ كەتكەنلىكى،ئاندىن ئالدىراپ-تېنەپ ئۆيگە بېرىپ قارىسا ئاغرىق ئازابىدا تولغىنىۋاتقان ئايالىنڭ ئايىقىدا يېڭى دۇنياغا كۆز ئاچقان پەرزەنتىنىڭ ياتقانلىقى،ئالەمچە خۇشال بولغان توختى زۇۋانسىز تۇرغان يېڭى تۆرەلمىنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇپ، بالا يىغلىشى بىلەن كىندىكىنى كېسىپ زاكىلىغانلىقى،ئاندىن ئايالىنىڭ ئورنىنى تۈزەشتۈرۈپ ئانا-بالا ئىككىسىگە ئىسسىق ئېتىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانىقىدەك ۋەقەلىك ئاساسىدا قاناتلىنىپ،ئوتۇنچى توختى ئوبرازى ئارقىلىق جاپا-مۇشەققەتتىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقمايدىغان،ھالال مېھنىتى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان، ۋاپادار،ئاقكۆڭۈل بىر ئىنسان تىپىنى ياراتسا،  ئاي كۈنى توشۇپ قالغان  بىر ئايالنىڭ ئۆزى يالغۇز قالغان ھالەتتە بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ،ئاچچىق تولغاق،ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ،بالىنى ساق-سالامەت يەڭگىگەنلىكىدىن ئىبارەت ئانىنىڭ قەيىسىرانە ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قورقۇنچاقلىق، بېكىنمىچىلىك، مىشچانلىق،يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسىنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ،ئۆزىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس غەيرەت-جاسارىتىنى نامايەن قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ھىكايىدە يارىتىلغان ئانا ئوبرازى قانداقتۇر رىئاللىقتىن چەتنىگەن مەۋھۇم ئوبراز بولماستىن،ئوقۇرمەن قەلبىنى ھاياتقا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ باغلاشقا ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا تەمتىرەپ قالماي پىداكارلىق بىلەن قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالب كېلىشكە ئۈندەيدۇ.تۇرمۇشتا مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر،مەسلىنىڭ نېگىزىنى باشقىلاردىن ئىزدىمەي، قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى يېڭىپ چىقىش يولى ئۈستىدە ئىزدەنسەك،بىزدە نۇرغۇن چارە-ئاماللار يۇشۇرۇنۇپ ياتقان بولىدۇ. ھىكايىدىكى ئانا ئوبرازى ھەر قانداق بىر ئانىنىڭ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.چۈنكى رىئال تۇرمۇشتا ئادەمزاتسىز ئۆيدە بىر ئايالنىڭ تۇغۇتتىن ئىبارەت بۇجەڭگە تاقابىل تۇرۇشى ۋە بارلىق جاسارىتى بىلەن بۇجەڭنى يېڭىشى بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشتەك تۇيۇلىدۇ .شەخسەن مەنمۇ مۇشۇ خىل چۈشەنچىنىڭ ئاسارىتى ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئانا. ئوتۇنچىنىڭ ئايالى دەل ئاياللاردىكى مىشچانلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ،ئۆزىدىكى قەيسەرلىكتىن ئىبارەت يۇشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىققان ئانىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

      ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يارىتىلغان ئاياللار ئوبرازى قانداقتۇر يىغا-زارىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان،يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ياردىمىسىز بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان،مۇستەقىل قارىشى يوق ئۈلۈك ئوبراز بولماستىن بەلكى دەل "تۇغۇت جېڭى"دىكى ئۇتۇنچى توختىنىڭ ئايالى مەرەمخاندەك جىددى ئەھۋالدا ئۆزىنى قۇتقۇزالايدىغان جانلىق ئوبراز بولۇپ يارىتىلغاندىلا، ھەرقانداق ئوقۇرمەن بۇ خىل يىرىك ئەسەرلەردىن بەدىئى زوق ئالالايدۇ ئەلۋەتتە.

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 21:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                    ساۋاقداشلار ناخشىسىدىن ئەبجەش خىياللار

                                                                 (ماقالە)

                          قالدى ئەسلىمە ياتاق سىنىپتا،

                          قالدى رىشتە باغلانغان ماكان.
   
                          كەتسەكمۇ يىراق.يىراق جايلارغا،

                         بىزلەر ساۋاقداش،ساۋاقداش ھامان،

       تېلىۋۇزۇر ئالدىدا"مەشرەپ"پىروگىراممىسىنى كۆرۈۋېتىپ،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ئوقۇغۇچىلىرى ياڭراتقان بۇ ئۈزۈلمەس ياڭراق مىلودىيىنى ئاڭلاپ،ساۋاقداشلارناخشىسى"دىن ئاپرىدە بولغان ئىزگۈ –ھىسلىرىم تارىم دەريا دولقۇنىدەك كۈۋەجەپ،سېغىنىش ئەۋجىدە تاشقىنلاۋاتقان كۈچلۈك پىغان يۈرىكىمنى ئۆرتەپ،كۆز ياشلىرىم مەڭىزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدى.سىتودىنىتلىق ھاياتىم كۆز ئالدىمدا تېز سىزما رەسىملەردەك سۈرەتلىنىپ،ئىلىم-مەرىپەت ئىشقىدا ھەرياقتىن ئالىي بىلىم يۇرتىغا توپلىشىپ،ئۈچ يىللىق ساۋاقداشلىق رىشتىمىز باغلانغان قۇرداشلىرىمىز خىيالىمغا كەلدى.

      ئەنە، سىنىپ مەسئۇلىمىز ئەركىن مۇئەللىم بىزگە سىتاتىستىكىدىن دەرس سۆزلەۋاتىدۇ.ئەنە،سىنىپ ھەيئىتىمىز تەلئەت ئۆگىنىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.مومامنىڭ چېچىدەك ئاپئاق ۋە قېلىن قارلارنى تازىلاۋاتقان ساۋاقداشلار خۇشال كۈلكە-چاقچاقلار ئىچىدە بىر-بىرىگە قار ئېتىشىپ ئويناۋاتىدۇ.بەزىلىرى قار دۆۋىلىرىدىن ھەيۋەتلىك قار بوۋاي ياساپمۇ ئۈلگۈرۈشكەن.يېڭى يىل ھارپىسىدا ساۋاقداشلار رەتلىك كىيىنىپ،كونا يىلنى ئۇزىتىپ،يېڭى يىلنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋالماقتا.ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەلىپى بىلەن"يېڭى يىل،يېڭى ھايات"ناملىق شېئىرنى جاراڭلىق ئاۋازدا دىكلىماتسىيە قىلماقتىمەن:

يېتىپ كەلدى يېڭى يىل بوۋا،

ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ قەددىنى پۈكۈپ.

كۈتۈۋالدى ئەزىز ساھىبخان،

قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ كۈلۈپ.



كائىنات يېڭىدىن تون كىيدى لىباس،

ئالەم ئارا ياڭرىدى نەغمە.

شادىمان كۈلكىلەر تىترەتتى پەلەك،

جۆر بولدى كۈلكىگە توي،مەشرەپ،بەزمە.



يەنە كېلەر يېڭى يىل بوۋا،

ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ قەددىنى پۈكۈپ.

كۈتۈۋالار ئەزىز ساھىبخان،

قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ كۈلۈپ.



شۇ تەرىقە ئۆتەر تالاي يىل،

تەبىئىت قوينىغا چېكەر نەقىشلەر.

شان-شەرەپ،غەلىبە قۇچماي گەر پەقەت،

يېڭى يىل كۈتۈلسە بوۋاي ئاھ چېكەر.



ئاماننىسا،يۈسۈپ،ئەلشىرلەر،

بىر ھېكمەتنى ئېيتار بۇھەقتە.

"ياشلىقىڭنى ئۆتكۈزمە تەمسىز،

ياشلىق گۈلۈڭ خازان بىر پەستە..."

      ئەنە،ناخشىخۇمار ساۋاقداشلىرىم دوستۇم رىزۋانگۈل ئىككىمىزنىڭ ياڭراتقان يېقىملىق كۈيلىرىمىزگە ئەسىر بولدى.قازاق ساۋاقدىشىمىز رۇقىيەنىڭ گىتار بىلەن ئۇرۇندىغان شوخ ناخشىلىرى ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماقتا...ساۋاقداشلىرىمنىڭ سىنىپنى كۆتۈرۈۋەتكۈدەك گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى!...

      كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ،ئۇچ يىللىق قىممەتلىك سىتودىنىتلىق ھاياتىم ئوقۇش پۈتتۈرۈش مەنزىلىگە يەتتى.ھەر جايدىن كەلگەن قىز-ئۇغۇل سىتودىنىتلارنىڭ مۇڭلۇق كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلۇپ،جۇدالىق ئازابىدا يۈرىكى مۇجۇلدى.ئاپتۇۋۇز دەرىزىسىدىن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغا-زارە ئىچىدە ئۆزىنى ئۇزىتىپ قالغان ساۋاقداشلىرىغا قىيالماي كېتىپ قالغان ئايۇپ،مۇختەر،تەلئەت،ساھىبجامال،رىزۋانگۈل،خەيرىگۈل،ئايپاشا،ئالتۇنگۈل،ئامىنە،شەمشىنۇر،گۈلجەمىلە...لەر...

     دائىملا ئالىي مەكتەپكە بېرىپ چۈش كۆرىمەن.چۈشۈمدە ياتاقداشلىرىم خەيرىگۈل،ئايپاشا،ئالتۇنگۈل،ئامىنە،شەمشىنۇر،گۈلجەمىلە،گۈلمىرەلەر بىلەن يەنىلا بىر ياتاقتا يېتىپ،بىرگە دەرس تەكرار قىلىپ،ئىمتىھان بېرىمەن.تەنتەربىيە مەيدانىدا ساۋاقداشلار بىلەن خىلمۇ-خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىمەن.شېرىن چۈشتىن ئويغانغىنىمدا رىئال تۇرمۇش سەھنىسىدە بىر ھازا تېڭىرقاپ قالىمەن.كۈنسىرى ئارقامدا قېلىۋاتقان سىتودىنىتلىق ھاياتىمنىڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ،ئالبۇم ئىچىدىكى جانسىز سۈرەتلەرنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ چىقىمەن.ھىجران ئازابى يۈرىكىمنى تىلغاپ،سېغىنىش ئوتى قەلبىمدە گۈلخان بولۇپ يانىدۇ.مۇڭلۇق كۆزلىرىم قەترىدە ئويناقلاۋاتقان سېغىنىش ياشلىرىنى توغان سېلىپمۇ توختىتالمايمەن.

      قايسىدۇر بىر يازغۇچى:"دۇنيادا ئۈچ خىل دوستلۇق ئەڭ سەمىمى ھەم ئەڭ مۇقەددەستۇر.بىرى،ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى دوستلۇق،يەنە بىرى ئاكوپتىكى دوستلۇق،ئۈچىنچىسى،كامېردىكى دوستلۇق دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيتقان.ساۋاقداشلارنىڭ دىل رىشتىسى مەڭگۈ ئۈزۈلمەستۇر.

      يىللار بىغۇبار،سەبىي كۈلكىلىرىمىزنى ئارقىمىزغا تاشلاپ،زىممىمىزگە ئائىلە،خىزمەت،ئۆگىنىشتىن ئىبارەت يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن بولسىمۇ،قەلبىمىزدىكى ئالىي غايە،ئارزۇ-ئىستەكلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ،ياش يۈرىكىمىزگە ساۋاقداشلىق،دوستلۇق رىشتىسىنى باغلىغان ئانا مەكتىپىمنى ئۇنتۇلدۇرالمىدى.

      ھەر قايسى جايلاردا ھەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، جەمئىيەت سەھنىسىدە بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان قەدىرلىك ساۋاقداشلىرىم، تەشنا يۈرىكىمگە ئىلىم-مەرىپەت مەشئىلى ياققان كۈيۈمچان ئۇستازلىرىم،مېھرىۋان قۇچىقىدا ئەللەيلەپ،يۇمران قەلبىمنى ئالىي غايەبىلەن تۇيۇندۇرغان سۈيۈملۈك ئانا مەكتىپىم سىلەرگە مەندىن ئوتلۇق سالام!

       كېلىڭلار دوستلىرىم!"ساۋاقداشلار ناخشىسى"غا جۆر بولايلى.سېغىنىش كۈيلىرىمىز پەلەككە ياڭراپ،مەين شامال لەرزىدە ئوتلۇق نەپەسلىرىمىز قوشۇلۇپ كەتسۇن!

قالدى ئەسلىمە ياتاق،سىنىپتا،

قالدى رىشتە باغلانغان ماكان.

كەتسەكمۇ يىراق،يىراق جايلارغا،

بىزلەر ساۋاقداش،ساۋاقداش ھامان.

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 22:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت

                                                                   كېلىن –قېينىئانىلارغا تەۋسىيە

                                                                             (ماقالە)

     ئۇ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ مەسلىكى كەلگىدەك چىرايلىق ئىدى.كۆزنى چاقنىتىپ تۇرغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر،يېڭى مودىغا خاس يارىشىملىق كىيىملەر،تۈجۈپىلەپ قىلغان گىرىملەر،دىماغنى يارغىدەك ئەتىرنىڭ خۇشپۇراق ھىدى ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە ئۆزگىچە لاتاپەت بېغىشلاپ،كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايتتى.

      يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كېلىۋالغىنىمىزغا ئانچە ئۇزاق بولمىغاندى.ئۇدۇل خوشنام بىر ئوغۇل،بىر قىزى بار تۇل ئايال بولۇپ،ئوغلىنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ بولغانكەن.بىز بۇ مەھەللىگە يېڭى بولغاچقا،ئەتراپىمىزدىكى خۇلۇم-قوشنىلار يېڭى كەلگىنىمىزنى قارشى ئېلىپ،پات-پات تاماققا چاقىراتتى.بۈگۈن ھېلىقى ئۇدۇل قوشنام بىزنى يەنە تاماققا چاقىرىپ قالدى.ئۇنىڭ ئۆيىدە پاراڭلاشقاچ تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق،بىز ئولتۇرغان ئۆيگە مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان،ئەمما شەھرىمىزدىكى مودىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ،كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلب قىلغان ھېلىقى چىرايلىق ئايال تۆت ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق.ئۇ قاپاقلىرىنى سوزۇپ،ھەممەيلەنگە ھاكاۋۇرلارچە قارىۋەتكەندىن كېيىن،خوشنام كۆرسەتكەن ئورۇنغا خۇشياقمىغاندەك نېزىقاپ ئولتۇردى.تار شىمى قورساقلىرىنى سىقىۋالغانمىكىن،پۇتلىرىنى ھېلى ئۇ تەرەپكە سۇنسا،ھېلى بۇتەرەپكە سۇنۇپ قولاشمىغان ھەركەتلەرنى قىلىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ كىرىشى بىلەن ئارىمىزدىكى قىزغىن پاراڭ گويا قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك بېسىقىپ قالدى.خوشنام ئايال ۋە بالىغا دەرھال تاماق كەلتۈرۈپ ئۇلارنى يىيىشكە تەكلىپ قىلدى.ئايال تاماققا ئىشتىھاسى تارتمىغاندەك تەخسىدىكى ئاشنى ئۇيان-بۇيانغا ئېلەشتۈرۈپ بىر-ئىككى چوكا ئېغىز تەگكەندىن كېيىن،يىگۈسى كەلمىگەندەك قىلىپ تەخسىنى داستىخانغا قۇيۇپ قويدى.ئۆيدە كۆڭۈلسىز جىمجىتلىق باشلاندى.خوشنام ئايالنىڭ يېنىدىكى بالىنى ئاز-تولا ئەركىلەتكەننى ھىسابقا ئالمىغاندا،ھېلىقى ئايالغا تۈزۈكرەك چىرايمۇ ئاچمىدى.مەن خوشنام بىلەن ھېلىقى ئايالنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى ئاللىقاچان سېزىپ ئۈلگۈرگەندىم.بالا تۇيۇقسىز تەخسىدىكى ئاشنى تۆكۈۋەتتى.ئايالنىڭ شۇئان كۆزلىرى چەكچىيىپ،قۇشۇمىسى تۈرۈلۈپ:"ئاشنى نىمىشقا تۆكتۈڭ؟"دىگەنچە ئورۇق قوللىرى بىلەن بالىنىڭ ئېڭىكىگە شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدى.بالا قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.ئاڭغىچە خوشنام بالىنى بەزلىگەچ:"بالىنى ماڭا ئۇرۇپ بېرىۋاتاملا؟بوشراق ئۇرماملا كىچىك بالىنى!"دەپ ۋارقىراپ ھېلىقى ئايالغا چەكچەيدى.ئايالمۇ بوش كەلمەي:"ۋىيەي،بالا ئۆزۈمنىڭ،قانداق باشقۇرسام ئۆزۈمنىڭ ئىشى.پوقتىن سۈيدۈككىچە ئارىلىشىۋالمىسىلىمۇ بولىدۇ"دىگەنچە خوشنامغا ئالايدى ۋە:"ئەجەبمۇ تويغازدى مېنى بۇگۇينىڭ بالىسى.يىغلىما،يىغلىما دەيمەن ھەي ھارامتاماق!"دەپ ئالاتاغىل ۋارقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيىپ،بالىسىنىڭ قۇلىقىدىن سوزۇپ،پىشانىسىدىن دۈشكەلىگىلى تۇردى.خوشنامنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ:"بالىنى مېنىڭ ئالدىمدا سىلكىمەي،ئۆيلىرىگە بېرىپ سىلكىسىلە.بۇ دىگەن مېنىڭ بىر تاللا نەۋرەم.باقالمىسىلىچۇ گەپلىرىنى ئوچۇق قىلسىلا،نىمە ئۇرۇۋېرىدۇ كىچىك بالىنى ئەرۋاھىمنى ئۇچۇرۇپ..."دىدى بالىنىڭ يېشىنى سۈرتكەچ.ئىككىسى شۇ تەرزدە بىردەم تاكاللاشقاندىن كېيىن،ئايال ئاچچىقلانغان ھالدا:"سىلىنى تىنىچ-ئامان ئولتۇرغانمىكىن دەپ يوقلاپ كەلگىنىم خاتا بوپتىمۇ؟مەنمۇ بۇئۆيلىرىگە كېلىشكە خۇشتار ئەمەس!"دىگەنچە تاقىلداپ دەسسەپ چىقىپ كەتتى.بالا ئايالدىن ئەگىشىپ يىغلىغانچە يۈگۈردى.ئۆزۈممۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان چۈشىنىكسىز بىر ھىسسىيات مېنى بىئارام قىلىپ،تېخى ھازىرلا كۆز ئالدىمدا روي بەرگەن بۇ كۆڭۈلسىزلىكتىن دىلىم غەشلىككە تولدى.

     ئايال چىقىپ كېتىشى ھامان خوشنامنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كەتتى:

    -بىرى سېغىنىپ قالغاندەك كېلىپ قاپتۇ بۇ ئۆيگە،كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ.كۆردۈڭلارمۇ بۇ پاسكىنىنىڭ ھالىنى.ئوغلۇم بەك زايە كەتتى ئۇنىڭغا.بالامغا ئوقۇتۇۋالغانمىكىن،ئۇ خوتۇننىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان سايىماخۇننىڭ ئۆزى بوپتۇ.خوتۇنۇڭنى تالاق قىلىپ باشقا خوتۇن ئال دىسەم يا ئۇنىمىغان.يا خوتۇننى خوتۇندەك باشقۇرمىغان.قاراڭلار كىيگەن كىيىملىرىنى،چاچلىرىچۇ تېخى،ئالۋاستىنىڭ چېچىدەك چۇۋۇتۇپ قۇيۇۋېتىشلىرى.جېنىنى ئاران باقىدىغان بىر قەلەندەرنىڭ قىزى ئىدى،ئوغلۇمغا ئۇچراپ پىتلىنىپ قالدى بۇپەس.ھالا بۈگۈنكى كۈندە"ھەسىنىكام ئاچچىق،ئامۇتى تاتلىق"بولۇۋاتىدۇ.مېنى كۆزگە ئىلماي داپقا چۇكا سېلىپ تەڭ تاكاللىشىۋاتقىنىنى كۆرمەمسىلەر؟

     خوشنام كېلىنى ئۈستىدىن دادلىماقتا ئىدى.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئايال ئىنتايىن تەرسا،ھاكاۋۇر،ھازازۇل ئايال بولۇپ ئوغلىنى ئاپىسى ۋە سىڭلىسىغا ئارلاشتۇرمايدىكەن.ئەگەر ئوغلى ئاپىسىنىڭ تەرىپىدە تۇرۇپ سۆزلەپلا قالسا:"گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان،پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن دىگەندەك يامىنى مەنمۇ؟پالانى چاغدا ئاپاڭ ماڭا ئۇنى دىدى،پۇكۇنى چاغدا سىڭلىڭ ماڭا بۇنى دىدى"دەپ،ئوغلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ يىغلاپ جاھاننى بېشىغا كىيىدىكەن.قېينىئانىسى ۋە ئېرىنىڭ سىڭلىسىغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن.بۇ ئۆيگە كەلسە قېينىئانىسىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،تۆرگە چىقىپ،يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە خانىشتەك ئولتۇرۇپ،قېينىئانىسىنىڭ ئۆزىنى پايپېتەك بولۇپ كۈتۈشىگە،داستىخانغا قويغان نازۇ-نىمەتلىرىگە،جاپا تارتىپ ئالدىغا قويغان تامىقىغا ئات قويۇپ چىقىپ كېتىدىكەن.ھەر ئايدا مائاشىنى ئېلىپلا يېڭى مودا بۇلۇۋاتقان كىيىملەرنى سېتىۋالىدىكەن.ئۇچىسىغا بىرنەچچە قېتىم چىقىپلا كىيمەس بۇلۇپ قالغان كىيىملەرنى ئەرزان باھادا خەققە ساتىدىكەن.ئېرىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىدىكەن.ئېرى بىلەن ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەرنى تېپىپ ھەپتىدە نەچچە قېتىم جېدەللىشىدىكەن.ئايالنىڭ ھازازۇل،قىتىغىرلىقى ئېرىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ،بارغانسىرى يۇۋاشلىشىپ،ھاراققا بېرىلىپ كېتىپتۇ.ئاقىۋەت ئاپىسى بىلەن كارى بولمايدىغان،ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاندا-ساندا كېلىپ-كېتىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ.ئايال بۇ ئۆيگە كېلىن بۇلۇپ كەلگەندىن بۇيان خوشنام بىلەن تولا جېدەللىشىپتۇ.تاپقان-تەرگىنىنى ھە دىسىلا كىيىمگە خەجلەپ،نە پۇل ئىقتىساد قىلىش،نە ئۆيگە يېڭى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش دىگەنلەرنى ئويلاپمۇ قويمايدىكەن.ئوغلى ئاجرىشىپ كېتەي دىسە ئۈزۈكنىڭ كۆزىدەك بىربالىسى تۇرغان.ئۆزىمۇ يىتىملىكنىڭ دەردىنى تولا تارتقاچقا،بالىسىنىڭ يىتىم بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئايالنىڭ ھەرقانداق ئەسكىلىكىگە چىداپ ئۆي تۇتۇۋېتىپتۇ.

     يا خوشنامنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىشنى،يا كېلىنىنى ئەيىبلەشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم.خوشنامغا ئۇدۇل ئولتۇرۇش داۋامىدا بىۋاستە چېلىقتۇرغان ۋەقەلەر ماڭا مەسىلە ھەرئىككى تەرەپتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىمغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

   خوشنام ئادەتتە ئىنتايىن قۇسۇرچى ئايال بۇلۇپ،ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئارقىدىن غەيۋەت قىلىپلا يۈرەتتى.غەيۋەت-شىكايىتىنىڭ تېمىسى كۆپىنچە قۇدىسى ۋە كېلىنى ئۈستىدە بولاتتى.بىر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر نەرسە سوراپ كىرىۋىدىم،ئۇنىڭ ئوغلىغا:"ئالتۇن ئۈزۈكۈمنى يانچۇقۇمغا سېلىپ قويسام خوتۇنۇڭ كەلگەن كۈنى يوقاپ كەتتى.ئۈزۈكنى شۇ ئالمىسا كىم ئالاتتى؟خوتۇنۇڭ كەلسىلا ئۆيدە نەرسە يوقايدۇ.ئۈزۈكنى دەرھال تاپشۇرسۇن.بولمىسا خېتىنى بەر! پالانى تۇغقىنىمىزنىڭ قىزىنى ئال دىسەم ئۇنىماي،تاللا-تاللا تازغا ئۇچراپ،بىر قەلەندەرنىڭ قىزىنى ئېلىپ ئولتۇردۇڭ.بىر بالا دىگەن چوڭ بۇلۇپ قالىدۇ،باشقا كىمنى ئالىمەن دىسەڭ مەن رازى،خوتۇنۇڭنىڭ خېتىنى بەر!" دىگىنىنى ئاڭلىدىم.ئوغلى ئاپىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ،چىچاڭشىپ خوتۇنىنى غەيۋىگە نەچچە مىڭنى تىللىدى.كېيىن ئاڭلىسام ئۇ خوتۇنىنى ئۇرۇپ،ئۈزۈكنى ئالغان قولۇڭ مۇشۇمۇ دەپ،قولىنى سۇندۇرىۋېتىپتىمىش.ئەمەلىيەتتە كېلىننىڭ ئۈزۈكنى ئالغىنى يالغان بولۇپ،قېينىئانىسىنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كېلىنىدىن ئۆچ ئېلىشى ئىكەن.باشقىلارنىڭ دىيىشىچە،خوشنام ئوغلىنى يېڭى ئۆيلىگەن چاغدىلا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا تولا ئارلىشىۋېلىپ،كېلىننىڭ ئۆي تۇتۇشلىرى،كىينىشى،مىجەز-خۇلقى، ئەتكەن تامىقىنى ياراتماي،ھەدىسىلا كېلىنى توغرىلىق ئوغلىغا دادلاپ بېرىپ،ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنكەن.كېلىن ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولسا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە نىمە دىيىشكەنلىكىنى،نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كېلىنىنى نازارەت قىلىشقا قىزىنى بىللە قوشۇپ قويىدىكەن.ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بولغان ئىشلارنى قىزى كەلگەندىن كېيىن ئېقىتماي-تېمىتماي ئاپىسىغا دوكلات قىلىدىكەن.قېينىئانىسىنىڭ قىلغانلىرىغا ئاچچىقى كەلگەن كېلىن قېينىئانىسى بىلەن تولا جېدەللەشكەن ھەم ئۇمۇ قېينىئانىسىنىڭ ئۈستىدىن كۆرگەنلا يەردە دادلاپ يۈرگەن.

    "ئانا"! بۇ نىمە دىگەن يېقىملىق–ھە؟بىراق سەن شۇ يېقىملىق تەسىرلىك نامنى قالقان قىلىپ،پەرزەنتىڭنىڭ بەختىگە ئولتۇرىۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ئويلاپ باققىنا،ئاشۇ يۈرەك پارەڭنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە قاتارغا قوشقان،ئۇنى ئوبدان بىر جايدىن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلغان،ئايىقىڭنىڭ چەمى چۈشۈپ قالغۇدەك تىپىرلاپ تەسلىكتە بالاڭنىڭ تويىنى قىلىۋالغان ئىدىڭ.ئوغلۇڭنىڭ ئاشۇ جاناننىڭ ۋىسالىغا تەلمۈرۈپ قانچىلىغان كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنلىكىنى،ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن قانچىلىغان قۇربانلارنى بېرىپ مىڭ بىر تەسلىكتە بەخت دەرۋازىسىنى ئاچقانلىقىنى بىلمەيسەن.سەن ئوغلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىدىن زارلىنىسەن-يۇ،بالاڭنى ئۆز قولۇڭ بىلەن دوزاق ئازابىدا قىيناۋاتقانلىقىڭنى ئويلاپمۇ قويمايسەن.يېڭى تويى بولغان ھەرقانداق قىز-يىگىت نىكاھ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ماكانغا قەدەم ئالغىنىدا يېڭىچە مۇھىت كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ.ئۇلاردا تۇرمۇش تەجرىبىسى بولمىغانلىقتىن ياكى ئۇنداق،ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ.دەل شۇچاغدا ئائىلىنى قانداق باشقۇرۇشتا تېڭىرقاپ قالغان كېلىنىڭگە ئانىلىق مېھرىڭنى يەتكۈزسەڭ،ئۇلار ئوتتۇرىسىىكى ئۇششاق-چۈششەك پاراڭلارغا ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلىپ،ئوغلۇڭدا خاتالىق بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا چاپان يېپىپ كەتمەي،ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ،ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك ئۆتۈشىگە تېگىشلىك ياردىمىڭنى ئايىمىغان بولساڭ بۇنداق زىددىيەتلەر ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتەر ئىدى.كېلىنمۇ سېنىڭ بالاڭ.چۈنكى ئۇ 10ئاي 10كۈن قورساق كۆتىرىپ تۇغۇپ،يىمەي يىگۈزۈپ،كىيمەي كىيگۈزۈپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە چوڭ قىلغان يۈرەك پارەڭنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى ئەمەسمۇ؟ئەمدىلا ۋىسال تېپىشقان ئاشىق-مەشۇقلارنى بەختسىزلىك پاتقىقىغا ئىتتىرسەڭ،ھەممە ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان "ئانا"دىگەن مۇقەددەس ئوبرازىڭ خۇنۇكلىشىپ كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان بەدبەشىرە ئايالغا ئايلىنىپ قالمامسەن؟ئوغلۇڭنى ياخشى كۆرگەنكەنسەن،كېلىنىڭنىمۇ قەدىرلە،بۇ ئوغلۇڭنىڭ ئائىلە ئىناقلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

      ھەي تېشى پال-پال،ئىچى غال-غال خېنىم،ھازىر قايسى دەۋر؟مىللىتىمىز ئاياللىرى ساڭا ئوىشاش ئېقىمدا ياشاۋەرسە،پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلمىسە،كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بىر توپ نان قېپىلارغا ئايلىنىپ قالماسمۇ؟"بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى،بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى".بىلگىنكى،تاشقى گۈزەللىك ۋاقىتلىق گۈزەللىك.ئۇ يىللار قاينىمىدا ئۆز لاتاپىتىنى يوقىتىپ،سېنى يۈزلىرىنى قورۇق باسقان،چىشى چۈشكەن،بېلى مۈكچەيگەن مومايغا ئايلاندۇرۇپ قويالايدۇ،ئىلىم-ھېكمەت تۇلپارىغا مىنگەشسەڭ پارلاق مەنزىلگە يېتىپ بارالايسەن.

     قارىغىنا،بېشىغا ئاق سانجىغان،يۈزلىرىنى يول-يول قوروق باسقان جاپاكەش ئايال-سېنىڭ ئۆمۈرلۈك سىردىشىم،باشپاناھىم دەپ تاللىغان قەلبدىشىڭنىڭ بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولۇپ،زەبەردەست يىگىت بولۇپ قاتارغا قوشۇلىشىدا ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۈپ،گۈزەل ياشلىق باھارىنى جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن قېينىئاناڭ ئەمەسمۇ؟قامەتلىك ئېرىڭ ئاشۇ جاپاكەش،مېھرىۋان ئايالنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىر-مېھنىتى بىلەن سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئوت ياققۇدەك پالۋان سۈپەت يىگىت بولۇپ يىتىلگەن.يىللار ئاشۇ تىنىمسىز،جاپاكەش ئايالنىڭ چاچلىرىدىكى قارا رەڭلەرنى يۇيۇپ،كۆز ئالدىڭدىكى سەن ئاتاپ ئادەتلەنگەن ئاقباشلىق كۆرۈمسىز"جەددال"غا ئايلاندۇردى.

     سەنمۇ قېرىيسەن،قېينىئانا بولىسەن.قېرىپ مۈكچىيىپ ھالىڭدىن كەتكىنىڭدە،ئادەم سىياقىدىكى ساڭا ئوخشاش بەدبەشىرە بىر ئايال كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇلۇپ يۈرەك پارەڭنى سەندىن تارتىۋالسا،سېنى"ئانا"دىگەن يېقىملىق ۋە تەسىرلىك ئاتالغۇ بىلەن چاقىرىشىغا يول قويمىسا،ئاق سۈت بېرىپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە قاتارغا قوشقان ئوغلۇڭغا قىيالامسەن؟

      سەنمۇ شۇچاغدا ئاشۇ بەدبەشىرە ئايالدىن بىزار بولىسەن.يۈرەك پارەڭنىڭ چۈشكۈنلۈك،بەختسىزلىك دوزىقىدا ئازابلىنىۋاتقىنىغا پۇچىلانماي تۇرالمايسەن.

      "كىمكى ھاكاۋۇرلۇق قىلمىسا ئۇنىڭ قىممىتى شۇنىڭدا".ھاكاۋۇرلۇق-ئۇ بىر يامان ئىللەت.سەن ئاشۇ ھاكاۋۇرلۇقۇڭ بىلەن ئەتراپىڭدىكى ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمايۋاتىسەن،ۋاھالەنكى،ھاكاۋۇرلۇق،مەنمەنچىلىك قىلىپ،ئادىمىيلىك قەدىر-قىممىتىڭنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىڭنى،"چىرايى چېچەكتەك،قىلىقى ئېشەكتەك"بەدبەشىرە ئايالغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟

    چىن قەلبىڭدىن سۆيگەن ھەمراھىڭنىڭ مېھرىۋان ئانىسىغا ئۆز ئاناڭغا كۈيۈنگەندەك كۈيۈنۈپ،قولىغا قول،پۇتىغا-پۇت بولۇپ ئۇنى ھۆرمەتلەپ،ئۇنىڭ ئالدىدا پەرزەنتلىك بۇرچۇڭنى ئادا قىلغان بولساڭ،ئەمدىلا بىخ ئۇرۇشقا باشلىغان زىددىيەت ئۇرۇقى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇققان،بەخىتلىك تۇرمۇش ساڭا كەڭ قۇچاق ئاچقان بولاتتى.قايسىدۇر بىر دانىشمەن:"كېچىكتۈرۈپ قىلىنغان ئىش ھىچنىمە قىلمىغاندىن ياخشىراقتۇر"دوپ توغرا ئېيتقان.

    ھېلىمۇ ئۈلگۈرىسەن،ئېرىڭنى ياخشى كۆرگەنكەنسەن،ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ھۆرمەتلە.ئېرىڭگە ھاياتلىق بەرگەن كۈيۈمچان ئانىسىغا پەرزەنتلىك مېھرىنى يەتكۈز.بۇ جاھان ئۆتنە جاھان بولغىنىدەك،كەلگۈسىدە ئوغلۇڭنىڭ ئايالى ساڭا كۆرسەتمىسۇن.

     كېلىن-قېينىئانىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى،ۋۇجۇدۇڭلارنى چىرمىۋالغان ناچار ئىللەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،كۈيۈمچان،ئاقكۆڭۈل،سەمىمى،كەڭ قورساق،ئەپۇچان بولۇپ، ئەمدىلا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مايسىلارغا گۈزەل خۇلقۇڭلار بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ،ۋۇجۇدىغا ئادەم بولۇشنىڭ خەرىتىسىنى سىزىڭلار.خاتالىقىڭلار ئارقىلىق سەبىي بالىلارنى تىرىك يىتىمغا ئايلاندۇرۇپ قويماڭلار!

     قىسقىسى،ئائىلەڭلارنى ئىناقلىق،خۇشاللىق نۇرىغا چۈمۈلدۈرۈپ،بەخىت گۈلىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇڭلار،پەرۋىش قىلىڭلار،ھەرگىز سولدۇرۇپ قويماڭلار!

            مەنبە:     «ئاقسۇ گېزىتى»2006-يىل 1-ئاي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 22:07  


كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 22:09:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت

                                                                     كىتاب ئەقىل چىرىقى

                                                                               (ماقالە)

      كىشىلەرنىڭ ئېڭى،تۇرمۇش ئۇسۇلى،ياشاش ئادىتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ،ئۆز مەۋجۇدلۇقى ئاساسىدا راۋاجلىنىشى-جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ مەسئۇلى ۋە جەمئىيەتنىڭ ماس قەدەمدە ئالغا بېسىشىدىكى تايانچ كۈچ.

     ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىغىنىمدا،كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرىدىغان ھەم ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىشلار ئېڭىمدا روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ،ئىلگىرى ئاپتورلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئاساسىدا بەزى پىكىرلەر كاللامدا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.

      جەمئىيىتىمىزنى سىنچى نەزەرىمىز بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق،بەش قول تەكشى بولمىغىنىدەك، كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك پەرقلەر مەۋجۇت.كىتابخانىنى مىسالغا ئالساق،بىر قىسىم كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن،بىلىم ئىگىلەشكە ئىشتىياق باغلىغان كىشىلىرىمىز دائىم كىتابخانىغا بېرىپ تۇرۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشقان.ئۇلار ئۆزىگە ئېھتىياجلىق كىتابنى سېتىۋېلىپ،بوش ۋاقتى بولسىلا قولىدىن كىتاب چۈشۈرمەيدۇ ۋە ئادەم مەنىۋىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان قىممەتلىك كىتابلارنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ،بىلىم كانىدىن دۇردانىلەر قېزىپ،ئۆز ئىجادىي مېھنىتى ئارقىلىق ئەلگە مىۋە بېرىدۇ.بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز،شۇنداقلا ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۆرنەك.بۇنىڭ ئەكسىچە ئاشپۇزۇل،رېستۇران،كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى  زەرگەرخانا،سەيپۇڭخانا،تانسىخانا،ساتىراچخانا،ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى...نى كۈزەتسەك، ئاشپۇزۇل،رېستۇرانلاردىن كېلەلمەيۋاتقان"پۇلدار"لارنى،"ئالا-يېشىل"چىراقلار"ۋال-ۋۇل"يېنىپ تۇرغان تانسىخانىلاردا رومانتىك ھىسسياتلارغا غەرق بولغان ئاشىق-مەشۇقلارنى،ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىدا ھۆسىن تۈزەش بىلەن نۇرغۇن ۋاقتىنى ۋە ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ،ئاشۇ بىھۇدە ئۆتكەن ۋاقتىغا ۋايساپمۇ قۇيۇشمايدىغان سەتەڭلەرنى،چايخانىغا كىرىۋېلىپ،بىر چىنە چاينى قېنىق دەملەپ قويۇپ،ئەتىدىن-كەچكىچە قارتا،شاخمات ۋە ماجاڭ ئويناپ كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان بىكار تەلەتلەرنى،"مودا"ئېقىمىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچراپ،مەيلى ياراشسۇن،ياراشمىسۇن،قارغۇلارچە مودا قوغلىشىپ،يېڭى سېتىۋالغان كىيىملەرنى قىممەت باھالىق ۋە يىپ-يېڭى"مودا"دىن قالغان كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ،سەيپۇڭ ۋە كىيىم-كېچەك سودىگەرلىرىنىڭ تاپاۋىتى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىزنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ھايات سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رازىكى،ھىچبولمىغاندا ئايلاپ-يىللاپ ئەرزان باھالىق بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويۇشمايدۇ.بىز ئۇلار ئۈچۈن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز.

      كىتابخۇمار بىر دوستۇمنىڭ كىچىك كىتابخانىسى مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلب قىلدى.ئۇ ياغاچتىن كۆركەم قىلىپ ياسىتىلغان كىتاب جاھازىسىغا ھەرخىل ژورناللار،گېزىتلەر،پەلسەپىۋى خاراكتىرلىك ئەسەرلەر،تەرجىمىھال ئەسەرلىرى،ھىكايە-پوۋىستلار،رومانلارنى رەتلىك تىزىۋەتكەندى.بەزى كونىراپ تېشى يىرتىلغان كىتابلارنى چىرايلىق مۇقاۋىلاپ قويغان بولۇپ،ئۇ كىتابلار ئارىسىدا ھەتتا مەن ئوقۇپ باقمىغان كىتابلارمۇ كۆپ ئىكەن.كىتاب جاھازىسىنىڭ ئەينىكىگە ھۆسىن  خەت بىلەن چوڭ قىلىپ«ۋاقتىڭىزنىڭ بارىدا شاھانە ئەسەرلەرنى ئوقۇۋېلىڭ،بولمىسا كېيىن ئۈلگۈرەلمەيسىز.---گ.تورا»دەپ يېزىپ قويۇلغاندى.ئىككىمىز سۆھبەتلىشىۋېتىپ، گەپ ئارىلىقىدا ئۇ ماڭا:

     -ھازىر مىللىتىمىز خانىم-قىزلىرىنى «مودا» ئېڭىدىن ئىبارەت كىشەن چۈشەپ قويۇۋاتىدۇ.بىر مەزگىل كىيگەن قىممەت باھالىق يىپ-يېڭى كىيىملىرىمىز «مودا» ئېقىمىغا ماسلىشالماي،ساندۇق-چامادانلىرىمىزغا بەند قىلىنىپ،چاشقانغا يەمچۈك بولماقتا.بۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى_تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەپ بېرەلەيدىغان مىزان.ھىچبولمىغاندا بىر يىل ئىچىدە بىر-ئىككى قۇر كىيىمنى ئاز كىيىش بەدىلىگە كىتاب سېتىۋېلىپ مەنىۋى دۇنيايىمىزنى بېيىتساق،مىللىتىمىز «مودا» ئېڭىنىڭ چىرىتىشىدىن ئازراق ساقلانغان،كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى بىر بالداق يۇقىرى يۇقىرى كۆتىرىلگەن بولاتتى-دىدى.

      مەن ئۇنىڭ ئورۇنلۇق سۆزلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم،ئۇنىڭ كىتابنى قەدىرلەيدىغان،بىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئېسىل پەزىلىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن ئاپىرىن ئوقۇدۇم.ساۋاقدىشىمنىڭ تويىغا بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دوستۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئالدىنئالا مەسلىھەتلەشكىنىمىز بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.ئۇ كىيىم ئىشكاۋىنى كۆزۈمچىلا ئېچىپ،تويغا كىيىپ بارىدىغان كىيىمنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا تاللىدى.ئۇنىڭ كىيملىرىنىڭ سەرخللىقى ۋە كۆپلۈكىدىن كىيىم ئىشكاۋى تارلىق قىلغاندى.ئۇ كىيىملىرىنى تولا تاللاپ ھارغاندىن كېيىن جايىغا قويۇپ قويدى ۋە بازاردىن يېڭى كىيىم ئېلىپ كىيىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم دۇكانلارنى قايتا-قايتا ئارىلاپ يۈرۈپ،قىممەت باھالىق كىيىم سېتىۋېلىپ،كىيىمنى سېتىۋالغان دۇكاندىلا كىيىپ ماڭدى.ئۇ ئۆزىنىڭ پوزۇر قىياپىتىگە ماس ھالدا يېنىمدا مەغرۇرۇلۇق بىلەن ماڭاتتى.مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭدىن:

      -ئايگۈل بىرلا ۋاقىتتا تۆت خىل ژورنالغا مۇشتەرى بوپتۇ.سەنمۇ ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ تۇرۇۋاتىدىغانسەن-دەپ سورىدىم.

      -ۋاي نىمە دەيدىغانسەن؟ئۇ نىمانچە ئەخمەق؟بىر جېنىغا تۆت خىل ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ پۇلىغا تويۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تويامتى؟«خوتۇن كىشى كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ»دىگەن گەپ بار.ئەخمەق بولۇپ شۇنچە پۇلنى كىتابقا بۇزۇپ چاچقۇچە،يېڭى كىيىمدىن بىر-ئىككى قۇر ئېلىۋالسىچۇ كاشكى!-دەپ سۆزلەپلا كەتتى.

       مەن گويا ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك ئېغىر خۇرسىنىش ئىچىدە چەكچىيىپ قاراپلا قالدىم.بۇسۆزنى ئېيتقۇچى دەل مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىك كىشىلىرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان،ياش ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئىدى.«سەللە يوغان ئىمان يوق،داستىخان يوغان بىر نان يوق»دىگەندەك،ئۇ قورسىقىدىكى ئۇمىچىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئاشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ماڭا بىلدۈرۈپ قويغاندى.مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولغان غۇنچىلارنىڭ پەرۋىشكارى مۇشۇنداق گەپنى قىلىۋاتسا،بۇنداق باغۋەن يېتىشتۈرگەن كۆچەت ئەلگە مىۋە بېرەرمۇ؟«دۇنيادىكى زىندانلار ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىكى مەنىۋى زەئىپلىكتۇر».ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى بولمىش شۇ ئوقۇتقۇچى بىرقانچە خىل ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ،تەشنا قەلبىنى بىلىم بۇلىقىدا سۇغارماقچى بولغان دوستۇمنى «ئەخمەق» دەپ مازاق قىلدى.ھالبۇكى،ئۆز روھىي دۇنياسىنىڭ قۇپقۇرۇق،ھەقىقىي ئەخمەقنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلىگەنمىدۇ؟ئەجىبا،ئاياللارنىڭ مىللەتنىڭ ئانىسى،ئانىلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەنمىدۇ؟

      جەمئىيىتىمىز كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە،ئوقۇتقۇچى دوستۇمنىڭ نادانلارچە قىلغان سۆزلىرى مېنى قاتتىق ئېچىندۇردى.

      بىلىشىمىز كېرەككى،ئەقىل-پاراسەتلىك،يۇقىرى ساپالىق خەلق قوشۇنى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئالغا سىلجىشىدىكى ھۈجەيرە.

       بۇ ھەقتە پەرھات جىلان «مەھمۇت قەشقىرى» ناملىق تارىخىي رومانىدا ئىنتايىن ئېنىق شەرھلەپ بەرگەن:

      «بۇ بىر خىل ئاڭسىزلىق-دەيدۇ مەھمۇت قەشقىرى-قاچانكى خاقانلاردىن تارتىپ،ئەڭ تۆۋەن تەبىقىلەردىكى پۇقرالارغىچە پۈتۈن ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇپ،ئىنسانغا خاس يۈكسەك ئاڭ-سەۋىيىسىنى تولۇق جار ى قىلدۇرغاندىلا بۇخىل قەبىلىۋازلىق،يۇرتۋازلىق ئىللەتلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن جەمئىيەتتىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك.ھەممە ئادەم بىلىملىك بولۇشى كېرەك.بىزنىڭ ئادەملىرىمىز قورساق تويغۇزۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كۆزى ئوچۇق كور بولماستىن،ئۆزىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى كۆرەلەيدىغان ھەقىقىي ئىنسان خۇسۇسىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.ئەنە شۇ چاغدىلا ھەر بىر ئادەم بەخت بېغىدىكى نىمەتلەردىن ئۆزىگە تېگىشلىك نەپ ئالالايدۇ.قايسى خەلقنىڭ بىلىملىك ئادەملىرى كۆپ بولسا،شۇ خەلق دۇنيادا قەد كۆتىرىپ تۇرالايدۇ. خەلق ئۆزئىچىدىكى بايلار بىلەن پەخىرلەنمەيدۇ،بەلكى ئۆز تارىخىدائۆتكەن ئالىملار،ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار،قەھرىمانلار،دانىشمەن سىياسەتچىلەر بىلەن پەخىرلىنىدۇ»(روماننىڭ 444-بېتىدىن).

     يۇقارقى بىرئابزاس جۈملىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان بىلىملىك،ئەقىل-پاراسەتلىك،دانىشمەن كىشىلەرنى ئولۇغلاپ كەلگەن.ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىز ئەجدادلارنىڭ بۇرچى!

      تارىختا تىلغا ئېلىنغان ساۋاتسىزلىق پەقەت خەت يازالمايدىغان ئادەملەرگىلا قارىتىلغان بولۇپ،ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ساۋاتسىزلىق ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلدى.دەۋرىمىز ساۋاتسىزلىرى خەت يازالمايدىغانلار بولماستىن،بەلكى،ئۇچۇر،پەن-تېخنىكا ساۋاتسىزلىرى،كەسىپ ساۋاتسىزلىرى بولۇپ،تارىختىكى ساۋاتسىزلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.

      بىلىم-بايلىق ياراتقۇچى.ئۇ تەرەققىياتنىڭ جېنى.يۇقىرى ساپالىق پەن-تېخنىكا خادىملىرى بولسا تەرەققىياتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شۇنداق بولغانكەن،مىللىتىمىز كىشىلىرى كىتاب ئوقۇپ كۆپلەپ بىلىم  ئىگىلەپ،ئۆزىنى ئىلغار پەن-تېخنىكا بىلەن قۇراللاندۇرۇشى زۆرۈر.

      قىسقىسى،مىللىتىمىزنى روناق تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز،روھىيىتىمىزدىكى چىرىك،ناچار ئىدىيىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،نادانلىق بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىپ،رېستۇران،تانسىخانىلاردا كۆڭۈل ئېچىش،،چايخانىلاردا كۈنبويى كوچا پاراڭلىرىنى ئاڭلاش،ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىدا نەچچە سائەتكە سوزۇلغان ھۆسىن تۈزەشكە بېرىلىش ۋە مودا كىيىم دۇكانلىرىدا كىيىم تاللاشقا كەتكەن قىممەتلىك ۋاقتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كىتابخانىلارنى ئارىلاش ۋە كىتاب كۆرۈپ زېھنى-قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇشقىمۇ سەرپ قىلايلى!

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 22:13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                            ھازىرقى زامان تېلىۋىزىيە تىياتىرچىلىقىمىز ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

                                                                        (ئوبزور)

      ھەر كۈنى تېلىۋۇزۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ،چەتئەل ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھەم يېڭى ھەم قىزىقارلىق ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن،جانلىق پىرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىلغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە VCDپىلاستىنكىلىرىنى كۆرگىنىمدە،شۇ مىللەت تېلىۋىزىيە فىلىم تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە ئۆزلۈكسىزقايىل بولماي تۇرالمايمەن. چەتئەل ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نادىر تېلىۋىزىيە فىلىملىرى ماڭا ئۆزگىچەبەدىئى زوق بەخش ئەتسە،خەلقىمنىڭ شادلىقى ۋە قايغۇسى،ھاياتلىق ۋە ماماتلىقى،گاھ سەھرا تۇرمۇشى،گاھ شەھەر مۇھىتىدىكى كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولۇۋاتقان ھوقۇقپەرەسلىك،پارىخورلۇق،ئەتكەسچىلىك...كە ئوخشاش رەزىللىكلەر ۋە مىللى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرى يۈكسەك بەدىئى ماھارەت بىلەن ئەينەن سۈرەتلەپ بېرىلگەن تېلىۋىزىيە فىلىملىرى مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلب قىلىدۇ.سەۋەبى،ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇشىمىزغا يېقىنلىقىدا.

        بىراق،سىنارىيە يازغۇچىلىقىمىز ۋە تېلىۋىزىيە تىياتىرچىلىقىمىز تېخى بىخ ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ."تىمتاس گۈگۈم"،"تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن"قاتارلىق بىرقانچە فىلىم كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەندى.ھالبۇكى مىللىتىمىز ئىچىدە دادىللىق بىلەن 20-30قىسىمدىن ئارتۇق تېلىۋىزىيە سىنارىيىسى يېزىپ باققان سىنارست ۋە سىنارىيلەشتۈرۈلگەن تېلىۋىزىيە فىلىملىرى تېخىچە مەيدانغا كەلگىنى يوق.سىنارست ۋە ئاكتىيورلىرىمىز  مىللىتىمىز تېلىۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىزدەنمەكتە.بۇ قەدەم ئاساسلىقى ئىككى قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى  VCDپىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەشتىن ئېلىنىۋاتىدۇ ھەم بۇجەرياندا كۆپلىگەن ياخشى فىلىملەر مەيدانغا كەلدى.ئاينىڭ يۈزىدە دېغى بولغىنىدەك،كىشلەرگە ھىچقانداق بەدىئى زوق بېغىشلىيالمايدىغان ناچار فىلىملەرمۇ ئىشلىنىپ،فىلىمچىلىقىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويدى.بەزى تەنقىدچىلىرىمىز بۇ ھەقتە ياخشى ئوبزورلارنى ئېلان قىلدۇرغان بولسىمۇ،يەنە بەزى ئوبزورلارنىڭ كىشىنى قايىل قىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەس.

        "شىنجاڭ سەنئىتى"ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 5-سانىدا بېرىلگەن زۈمرەت قېيۇمنىڭ "ئانا قەدرى" ۋە"ئۈنسىز يىغا"ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ناملىق ئوبزورى دەل شۇ تىپتىكى تەنقىدى ئەسەردۇر.

ئوبزوردا"ئانا قەدرى"فىلىمى ئۈستىدە توختالغاندا:"ئۆز كېلىنىنىڭ كۆز ئالدىدا يات بىر ئەركىشى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قارشىلىق بىلدۈرەلمىگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇرغا سىغدۇرماق تەس.ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەرگىزمۇ يۈرىكىنى يېرىپ چىققان ئوغلىنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىغا داغ چۈشۈرىدىغان قىلمىشقا چىداپ تۇرالمايدۇ.ھېلىغۇ گۈلدەك ئىمارەت،ھويلا-ئارام قۇرۇپ ياشاۋاتقان بىھاجەت ئانىكەن،پايتىمىسىنى تەتۈر يۆگەپ يۈرىدىغان ھاجەتمەن ئانا بولغان تەقدىردىمۇ بىھايا كېلىنىگە ئەلۋەتتە جېنىنى تىكىپ قويۇپ ئوغلىنىڭ غۇرۇرىنى قوغدايدۇ"دىيىلگەن.يەنە بىر ئابزاستا:"باشقا بىر نوقتىدىن تۇرۇپ كۈزىتىپ باقايلى.مەسىلەن:ئانا بولغۇچى كېلىن بىلەن قارشىلىشىپ فىلىمدىكى زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرگەن بولسا،ئۇ ھالدا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشىبولۇشى مۇمكىن ئىدى.زىددىيەت كەسكىن بولغانچە،ئەخمەتنىڭ ئاقىۋەتتىكى پۇشايمانلىرى تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە ئويغۇن،رىئال بولاتتى"دەپ يېزىلغان. زۈمرەت قېيۇمنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار.ئانىلار كېلىننىڭ بۇزۇقچىلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا ھەقلىق.ئەمما،قارىغاندا مۇئەللىپ يېزا تۇرمۇشىنى قىلچە چۈشەنمىسە كېرەك،فىلىمدىكى ئەخمەتنىڭ ئانىسى سارىخان ئوغلىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدۇ.ئوغلى ئۆيلەنگەندىن كېيىن،ئوغلىنىڭ ئايالىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئانىلىق قەلبى ئاللىقاچان ھېس قىلغان.شۇڭا ئانا بولغۇچى يۈرەك پارىسىنىڭ خۇشاللىقى ۋە بەختى ئۈچۈن ھەلىمەنىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئەخمەتتىن سىر تۇتقان.بۇ بىر تەرەپ،يەنە بىر تەرەپ شۇكى،سارىخان يېزىدا ياشاپ ئۆتكەن،ئوغلىنىڭ ئىش ھەققىدىن باشقا كىرىمى بولمىغان يۇۋاش ھەم جاپاكەش ئانا.ئۇ ئوغلىغا ئاشۇ ھەلىمەدەك ياسانچۇق قىزنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتە قانچىلىك ئېغىر بېسىم ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندۇ؟  ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ،كېلىنىگىمۇ ئانىلىق مېھرىنى بەرگەن.ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسكىلىكلىرىنى  ئانىلارچە قەلبى بىلەن كەچۈرۈپ كەلگەن.ئاللادىن ئۇنىڭ يامان يولدىن قايتىشىنى تىلىگەن.مانا بۇ ھەقىقى مېھرىۋان ئانىنىڭ جانلىق ئوبرازى ئىدى.فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن ئانىنىڭ ۋاپاسىز ئوغلى ئەخمەت ئايالى بىلەنلا بوپكېتىپ،مېھرىۋان ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ھەم ئانىسىنىڭ ئايالى ئۈستىدە بىرەر ئېغىزسۆزلىشىگىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا،غېرىپ ئانىنىڭ ئانىلىق قەلبى سۇنۇپ،ئوغلىنىڭ ئالدىدا كېلىنى توغرىلىق سۆزلىيەلمىگەن،چۈنكى،ئۇ ئوغلىنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلگەن.ئەمما بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ئانىلارنى بىھايا كېلىنىڭلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇڭلار دىمەكچى ئەمەسمەن.قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى،فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن كېلىن قېينىئانىسىغا قارا چاپلاپ،ئۆزىگە ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى ئېرىگە ئېيتسا،ئەخمەت بەلكىم يەنىلا ئايالىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشى مۇمكىن ئىدى.فىلىمدە مۇشۇ ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ،كېيىنكى كۆرۈنۈشلەر بېرىلىۋەرگەن بولسىمۇ رىئال چىققان بولاتتى.بۇ فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتا ئىدى.

       "ئۈنسىز يىغا"فىلىمى ئۈستىدە توختالغاندا،مۇئەللىپ خېلى ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگەن،ئەمما مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى تېيىز بولغان."قىمارۋازلارنىڭ قىمار ئويناش جەريانى ۋە شۇ جەرياندىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى ئادەمگە سۈنئى تەسىر بېرىدۇ.شۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن كۆرۈرمەن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىشنىڭ ئورنىغا كۈلۈپ كېتىدۇ.بۇ كۈلكە ھەرگىزمۇ ھەجىۋى كۈلكە بولماستىن،بەلكى قاملاشمىغان مەسىلىلەرنى كۆرگەن چاغدىكى مازاق قىلىش كۈلكىسىگە ئوخشايدۇ.قىسقىسى،ئاكتىيورلار رولغا چۈشمىگەن،بولۇپمۇ زاكىر ئوبرازى ئىنتايىن ساختا،ئۇ قىلىۋاتقان ئەسكىلىكلىرىنى زورلاپ قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ.ئاخىرقى پۇشايمانلىرى شۇنداق تېتىقسىز"دىيىلگەن.

       فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش يېزا تۇرمۇشى بولۇپ،رىئال تۇرمۇشىمىزدا زاكىر باشلىق تۆت قىمارۋازدەك قارا نىيەت،باغرى تاش،تىرىكتاپ ئادەملەر يوق ئەمەس.مۇشۇ مەنىدىن قارىغاندا،فىلىمدىكى زاكىر باشلىق تۆت قىمارۋازنىڭ تاپقان-تەرگىنىنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇپ،ئائىلىسى بىلەن كارى بولمايدىغان،بىگۇناھ ئايالىنى خورلاپ،بالا-چاقىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان،تىرىكتاپ،قارا نىيەت،ئەتىدىن-كەچكىچە لاغايلاپ يۈرىدىغان باغرى تاش ئادەملەر ئوبرازىنى يارىتىشى قانداقمۇ سۈنئى ئوبرازلار تائىپىسىگە مەنسۈپ بولسۇن؟فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن زاكىر ئىنتايىن تاش يۈرەك ئادەم ئىدى.ئۇ قېچىپ يۈرۈپ،ئايالىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ يىغلايدۇ.مانا بۇ "باردا بىلىنمەس،يوقتا تېپىلماس"دىگەن ماقالنىڭ بۇ فىلىمدە جانلىق ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.زاكىر شۇ چاغدا ساقچى ئۆمەرنىڭ ئۆز قولىغا كويزا سېلىشىنى ئۆتۈنسۇن ياكى ئۆتۈنمىسۇن،ئۇ بەرىبىر ساقچىلارنىڭ تۇتۇش نىشانىدىكى جىنايەتچى.فىلىم قۇيۇلۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە زاكىرنىڭ بەرىبىر ساقچىلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ،پۇشايمان ئىچىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ رىئاللىقتىن چەتنەپ كەتمىگەن،بەلكى قانۇننىڭ مۇقەددەس تورى ئالدىدا زاكىردەك قارا نىيەت بىر ئادەمنىڭ يۇۋاشلىق بىلەن ئىقرار قىلىشى فىلىم يېشىمىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.فىلىمدە زاكىرنىڭ پۇشايمان قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان كىچىككىنە ۋەقەلىك قوشۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق تېلىۋىزىيە فىلىملىرى تەنقىدچىلىكىگە رەددىيە بەرمەكچى ئەمەس،تېخى تەمتىلەپ مېڭىۋاتقان سەبىي بالا يېتەكلەشكە مۇھتاج بولغاندەك،بىزنىڭ بىخ ھالەتتىكى تېلىۋىزىيە فىلىمچىلىقىمىزمۇ رىغبەتلەندۈرۈشكە،قوللاشقا مۇھتاج بولۇپ،"بىر تېپىك"بىلەن يوققا چىقىرىش ئارقىلىق كەڭ تېلىۋىزىيە فىلىمچىلىقىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە كۆز يۇمۇۋېلىشقا بولمايدۇ.

VCD   پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەنگەن"رەقىبكە ئايلانغان دوستلار"فىلىمى مەزمۇن ۋە تېمىسىنىڭ يېڭى ھەم رەڭدارلىقى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.فىلىمدە مۇنداق ۋەقەلىكلەر ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان.

       ئەكبەر بىلەن باتۇر يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياشلار،غالب-ئەكبەرنىڭ تۇغقىنى بولۇپ،دادىسىنىڭ"بىكار تەلەت بولۇپ يۈرۈپ پۇل تاپمىدىڭ"دىگەن تاپا-تەنىسىدىن تويغان ئەكبەر بىر كۈنى ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ دادىسىنىڭ ئاپىسىغا:"ئەكبەرنى غالبقا قوشۇپ قويايلى،ئۇ ئىچكىرىگە بېرىپ ئىككى يىلدىلا تېز بېيىپ كەتتى"دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ،ئاتا-ئانىسىغا ئۇقتۇرماي غالبنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ.غالب ئەكبەرنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئىچكىرىگە بېرىپ پۇل تېپىشقا تېخىمۇ قىزىقتۇرىدۇ.ئەكبەر تېزلا ماقۇل بولۇپ،كىچىكىدىن بىر مەھەللىدە ئويناپ،بىر سىنىپتا ئوقۇپ چوڭ بولغان دوستى باتۇرنى ئىچكىرىگە بېرىشقا دەۋەت قىلىدۇ.باتۇر بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا مەسلىھەت سالغاندا ئاتا-ئانىسى قوشۇلمايدۇ.ئەكبەرنىڭ يول كورسىتىشى بىلەن باتۇر ئىككىسى ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن ھالدا غالبقا ئەگىشىپ بېيجىڭغا بارىدۇ.ھىيلىگەر قارا نىيەت غالىب«قۇشلارنى شېخىغا ئۆگىتىش»ھىيلىسى بىلەن ئۇ ئىككىسىگە ئاۋال ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.كېيىن ئۆزىنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ،ئاۋال ئەكبەرنى،كېيىن باتۇرنى ئوغرىلىققا سالىدۇ.ئەكبەرنى باتۇرغا كۆز-قۇلاق بولۇشقا مەسئۇل قىلىدۇ.باتۇر قېچىپ كەتمەكچى بولغاندا،ئەكبەر پۈتۈن جان-جەھلى بىلەن ئۇنى غالىبقا تۇتۇپ بېرىدۇ.ئەكبەرنىڭ پۇلنىڭ قىزىقتۇرىشىدا دوستى باتۇرغا خائىنلىق قىلغانلىرى،باتۇرنىڭ بۇ ئىپلاسلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن قەيسەرلىكلىرى،ئاخىرىدا باتۇرنىڭ ئەتكەسچىلەرنى پاش قىلىپ،غالىبنىڭ قول-چوماقچىلىرىنى ساقچىلارنىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكى،غالىبنىڭ شىنجاڭغا قاچقانلىقى،باتۇرنىڭ ئەكبەرنى تۇتماقچى بولۇپ ئارقىدىن قوغلىغانلىقى،باتۇرنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە باتۇرنى ئۆلتۈرىۋېتىشكە تاپىلىغانلىقى،باتۇر بىلەن ئەكبەر قاتتىق مۇشتلىشىپ،باتۇر ئەكبەرنى بېسىۋالغاندا،غالىبنىڭ شايكىلىرىنىڭ باتۇرغا پىچاق سېلىۋەتكەنلىكى،ساقچىلارنىڭ شايكىلارنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى،باتۇر بىلەن ئەكبەرنى ئىزدەپ بېيجىڭغا كەلگەن دادىلىرىنىڭ بالىلىرنى ئىزدەپ ،قاتىللىق يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كېلىپ قالغانلىقى،ئايالى بىلەن ئامرىكىغا قېچىشنى پىلانلاپ خام خىياللارغا غەرق بولغان غالىبنىڭ ئايرىدورومدىن چىقىپلا ساقچىلارغا تۇتۇلغانلىقىدىن ئىبارەت ۋەقەلىكلەر ئىنتايىن جانلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ،فىلىمنى كۆرگەن كىشى ئىختىيارسىز فىلىم ئىچىگە كىرىپلا كېتىدۇ. رىئال جەمئىيتىمىزدە پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسى ۋە باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ،غالىبقا ئوخشاش بىر قىسىم قارا نىيەت كىشىلەرنىڭ زورلۇق-زومبۇلىقىدا ئىلاجسىز ئوغرىلىق،بۇلاڭچىلىق،ئەتكەسچىلىك،قاتىللىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ،ئېغىر جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ،ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يۈرىكىنى خۇن قىلغان ياشلىرىمىز كۆپ.بۇ فىلىم ئەنەشۇ رىئاللىق ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ،ئاكتىيورلار ئىنتايىن ياخشى رول ئالغان،ۋەقەلىك قىزىقارلىق ۋە تەسىرلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان،شۇڭا كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلب قىلىدۇ.شۇڭا مەزكۇر فىلىمنى ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە فىلىمچىلىقىدىكى قاتماللىقنى چۆرۈپ تاشلاپ،يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغان نادىر فىلىم دىيىشكە ھەقلىقمىز.

      ھازىر نۇرغۇن تېلىۋىزىيە فىلىملىرىVCD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلىنىپ،ئۈن-سىن بازارلىرىدا تۈ*ركۈملەپ بازارغا سېلىنغان ۋە بازار تاپقان بولسىمۇ،چەتئەل فىلىملىرى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر فىلىملىرىدەك ئاجايىب-غارايىپ كۆرۈنۈشلەر يەنى ماشىنا پارتىلاش،ئۆي ئۆرۈلۈش،ئوت كېتىش...تەك ۋەقەلىكلەرنى بىزنىڭ پىلاستىنكىلىرىمىزدىن تاپقىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى،پىلاستىكىنى ئىشلەش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغ بىلەن پايدا-مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش بولۇپ،مەبلەغ سالغۇچىلار سىنارىيە يازغۇچىلىرىمىزنى سىنارىيە يېزىشتا مەبلەغ كۆپ كېتىدىغان كۆرۈنۈشنى يېزىشتىن چەكلەيدۇ.بۇ بىزنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرچىلىقىمىزنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ،بېكىنمىچىلىككە يول قويغانلىق بولىدۇ.دىمەك،«رەقىبكە ئايلانغان دوستلار»فىلىمىدىكى غالىبتەك پۇل تاپقان نوچىلار پۇلنى كەلسە-كەلمەس يەرگە ئىشلەتمەي،مىللىي تېلىۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولسا يەنىمۇنادىر تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى مەيدانغا كېلىپ،مىللىي سەنئىتىمىز يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىلگەن بولاتتى.

      يىغىپ ئېيىتقاندا،تېلىۋىزىيە تىياتىرچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ،دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن سىنارىستلار،ئاكتىيورلار ۋە فىلىم مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ تىرىشىپ ئىزدىنىشىگە توغرا كېلىدۇ.

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 22:18:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                     كۆسەن دىيارىدا تۆت سائەت

                                                                           (ئەدەبىي خاتىرە)

       2011-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يىغىن زالىدا پۈتۈن زېھنىم بىلەن لىكسىيە ئاڭلىغاچ،مۇھىم دەپ قارىغان،پىشقەدەملىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان سادادىن قوغلاپ تۇرۇپ يېزىۋالغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە بولۇپ،ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەدىب-ھەۋەسكارلارغا ئاز-تولا پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن،قەلەمداشلارنىڭ نەزەرىگە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.

      بۇ كۈن سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە،قەدىمىي يۇرت كۆسەنگە قاراپ يولغا چىقتىم.ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىن دەل بۈگۈنكى كۈندە ئازات سۇلتان مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى لىكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كۇچادا لىكسىيە سۆزلەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، شايار،توقسۇ،باي،كۇچا ناھىيىلىرىدىكى ئەدىبلەرنىڭ شارائىت يار بەرگەن ئاساستا قاتنىشىپ بېرىشى مۇراجىئەت قىلىنغاندى.بۇ كاتتا خۇش خەۋەردىن تور ئارقىلىق ۋاقىپلانغاندىن كېيىن،يىغىن ئورنى بىلەن ۋاقتىنى«كۈسەن مەدەنىيىتى»ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى رۇقىيە ئابدۇللادىن يازغۇچىلار تورى ئارقىلىق سوراپ بىلىۋالدىم-دە،ئۆزۈمنى ئاشۇ يىغىننىڭ بىر ئەزاسى ھىسابلاپ،قەلبىمگە پاتمايۋاتقان ئىچكى ھاياجان،ئەدەبىياتقا بولغان سادىقلىق ۋە ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ئاتەشتەك يۈرىكىمنى ئېلىپ كۇچا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالى تامان يۈرۈپ كەتتىم.

      شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى پىشقەدەم بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بۇ لىكسىيە سۆزلەش پائاليىتىدە قايسى مەزمۇندا سۆزلەيدىغانلىقى مېنى ئۆزىگە شۇنچە قىزىقتۇرماقتا ۋە ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتماقتا ئىدى.بۇ يىغىلىشتا ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن دىدارلىشىشنىڭ،رەڭدار مەزمۇندىكى سۆھبەتلىرىگە ھەقەمسايە بولۇشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت يولۇمدا نۇرلۇق ماياك بولۇپ قالىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىمەن...

       ئۇچقۇر ئاتتەك كەينىدە قېلىۋاتقان،ئاپئاق قارلارنى ئۆزىگە تون قىلىپ يېپىنچاقلاپ،قىشلىق ئۇيقۇغا بېشىنى قويغان ئانا تەبىئەتنى،پايانسىز ئاسمان سەتھىدە سەپ تارتىپ ئۇچۇپ،كۇي-كۇيلاپ ئىسقىرتىپ كېتىۋاتقان كەپتەرلەرنى ماشىنا دەرىزىسىدىن سىنچى كۆزلىرىم بىلەن كۈزىتىپ،دەپتىرىمنىڭ رەتلىك قۇرلىرىغا  جايلاشتۇردۇم.دەپتەردىن بېشىمنى كۆتىرىپ ئۆزۈمنىڭ كۇچا ناھىيىسىنىڭ چىمەن بازىرىغا كېلىپ قالغانلىقىمنى سەزدىم.مەن بايا خىيالى مەئىشىتىم بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ،دەپتەر ۋە قەلەم ئاتلىق سىرداش،ئايرىلماس دوستۇمنىڭ روھىيىتىمنى غىدىقلاپ ئەركىلىتىشدە بەزى قۇرلارغا يول ئاچقان ئىكەنمەن.چىمەن يېزىسىدىكى سانجاق-سانجاق ئادەملەر توپىدىن بۈگۈن بۇ يېزىدا بازار بولغانلىقىنى پەرەز قىلدىم.يولدا تىراكتۇر ھەيدىگەن،قوي يېتىلىگەن،ئات-ئىشەك ھارۋىسى،ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت ھەيدىگەن دېھقانلار بازار بولغان ئورۇننى نىشانلاپ مېڭىشماقتا.يولنىڭ تار بولۇشىغا قارىماي،ئىككى قاسنىقىدا قاتار توختاپ كەتكەن ئۇلاغ ھارۋىلىرى،گۈنجۈر،كۆكتات،تاۋۇز،بانان،ئاپىلىسىن،نەشپۈت،ئالما،ئۇششاق-چۈششەك چەرچىماللارنى سېتىۋاتقان سېتىقچىلار بازارنى ئاۋاتلاشتۇرىۋەتكەن.قاتناش قىستاڭچىلىقتا ماشىنا بىر قانچە قېتىم توختاپ،ئالدى-كەينىگە مېڭىشقا ئىمكان يوق تۇرۇپ قالدى.شوپۇرنىڭ جىلە بولۇپ «ئۇھ» تارتقان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى.ئۆزۈممۇ يىغىنغا كېچىكىپ قالماسلىق ئەندىشىسىدە جىددىيلىشەتتىم...

      شۇنداق قىلىپ بىرگە ئون مىنۇت قالغاندا كۇچا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدىم.ۋاقىت مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىك ئىدىكى،مەن مۇشۇ 40مىنۇتتىن پايدىلىنىپ چۈشلۈك تاماق يەۋېلىشىم،ئاندىن كېچىكمەي يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ كىرىشىم كېرەك ئىدى.كۇچا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دوقمۇشىدىن شىمالغا قايرىلغان يەردىكى بىر ئاشخانىدىن ئالدىراش تاماق يەۋېلىپلا زالغا قاراپ چاپتىم.يىغىن زالىغا كىرگەن ۋاقتىمدا سائەت بىردىن ئون بەش مىنۇت ئۆتكەن ئىدى.يىغىن زالىدا يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئالدى كېلىپ بولغاندى.يان ئەتراپىمدا ئولتۇرغان،خوشنا ناھىيىدىن كەلگەن ئەدىب-ھەۋەسكارلار بىلەن تونۇشقاچ ئازات سۇلتان مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى لىكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىدىكىلەرنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاشقا باشلىدىم.زالنىڭ رەئىس سەھنىسىگە ئېسىلغان«ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ"شادلىقنى يەتكۈزۈپ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش"كۇچا سەپىرى يازغۇچىلار لىكسىيەسى»دىگەن ھەيۋەتلىك لوزۇنكىغا كۆزۈم چۈشكەندە ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق سېزىم ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغانلىقى ھازىرمۇ يادىمدا...

       يىغىن ۋاقتى يېقىنلاشقانچە يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كىرىشكە باشلىدى.سائەت بىردىن 45مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن زالى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى.«تەسلىكتە تېپىلىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشۇم كېرەك».بۇ مېنىڭ بۈگۈنكى لىكسىيەگە كېلىشتە ئۆز-ئۆزۈمگە قىلغان بىردىنبىر ئەھدەم ئىدى.ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان يېقىملىق ناخشىدىن ھۇزۇر ئالغاچ،كۆزلىرىم ئىلىم سۆيەر سانسىزلىغان كۆزلەرگە پەخىرلىنىش،قىزىقىش ئىچىدە باقماقتا.يىغىنغا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ،سائەت ئىككى بولغاندا قىزغىن ھەم كۆتىرەڭگۈ روھتا ئىلىم ئەھلىلىرى-ئازات سۇلتان مۇئەللىم،ئاتاقلىق يازغۇچى توختى ئايۇپ،ئالىمجان ئىسمايىل ئاكا،ئەيبو ياقۇپلار بىلەن دىدارلاشتۇق.ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتكەن شۇ پەيتتە ئىلىم سۆيەر كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن ئالقىش سادالار ياڭراپ،يىغىن قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى.ئورۇندۇق يېتىشمەي،ھەر قايسى رەت ئوتتۇرىسىدىكى بوش ئورۇندا سانجاق-سانجاق بولۇپ ئۆرە تۇرۇۋاتقانلار ئۇلارنىڭ سۆزىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى.زال ئىچى گويا بىر تال يىڭنە چۈشۈپ كەتسىمۇ ئاڭلانغۇدەك جىمىپ كەتكەن بولۇپ،ئازات سۇلتان مۇئەللىم ئىنتايىن راۋان ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەن ئۆتكەن زامان ئەدەبىياتىنى روشەن دەللىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ،ئەدەبىياتنىڭ ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ۋاستە ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى.

       ئازات سۇلتان: تىل مەسلىسى ئىزچىل باش قاتۇرىۋاتقان مەسىلە.پاساھەتلىك،ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىلىمىزنى يوقىتىۋەتسەك بولمايدۇ.تىلنىڭ ساقلىنىشىدا ئەدەبىياتنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم.مىللىي مەدەنىيەتتە تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى،پاكىزلىقىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.

       ئانا تىلدا ئەسەر يېزىۋاتقان يازغۇچىلىرىمىز ئانا تىلدا يازغان ئەسەرنىڭ پىر كامىلى بولۇشى كېرەك.مەنتىقىسىز جۈملىلەرنى كۆرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭغا پىكىر بېرەيلى.

       مىللىتىمىز ئەدەبىياتى بىلەن قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ۋە چەتئەل ئەدەبىياتىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ باقتىم.بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز يېزىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ھەرگىز ئۇلارنىڭكىدىن كەم ئەمەس.ئەمما بىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمانلىقىمىزنىڭ سەۋىيىسى چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن،بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلىرىمىز دۇنيا سەھنىسىگە چىقالمايۋاتىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق ئەدەبىي تەرجىمانلار قوشۇنىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر ئەلۋەتتە.

     توختى ئايۇپ: ئاپتور ئەسەر يازغاندا ئاۋال تېماتىك ئىدىيىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.مىللىتىمىز دۇچ كەلگەن ئۆتكۈر مەسىلىلەر،خۇشاللىق،ئازاب-ئوقۇبەتلەر،قەلب تارىنى چېكىدىغان ۋەقەلىكلەرنى تۇتقا قىلىپ يېزىش كېرەك.شۇ چاغدا بۇ ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.ئۆز دىيارىمىزدىكى تېمىلارنى،ئادەتتىكى كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى يېزىشىمىز زۆرۈر.يازغۇچىلاردا ئىنچىكە نەرسىلەرنى سېزەلەيدىغان سەزگۈرلۈك بولۇشى كېرەك.

        يازغۇچىلار تەپەككۈردىن ھالقىش،مىللىي ئاڭ،مىللىي روھنى يېزىش،ئۆزىگە خاس بولغان مەدەنىيەتنى يېزىش كېرەك.بىزدە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى چېكىنىش ئەھۋالى ئېغىر.ئۆز ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەڭ يارقىن نەرسىلەرنى قانچىلىك مەدھلىسەك بولىدۇ.دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈزىتىش،مىللىتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىش كېرەك.ھازىر بەزى ئەسەرلەر بىزگە سۈنئىي تەسىر بېرىدۇ.قېلىپتا قۇيغاندەك بىرخىللا بولۇۋاتىدۇ.قېلىن بەت توشسىلا رومان بولىدۇ دەپ قارايدىغان يازغۇچىلار بار.يازغۇچىلار ئۆز ئەسىرىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك.تىل ئىشلىتىش مەسلىسىنى يازغۇچىلار ئويلىشىپ باقسا دىگەن ئۈمىدتىمەن.بەزى ئەسەرلەردە پىكىر ياخشى،تېما ياخشى،ۋەقەلىك ياخشى،بىراق تىل بەك قۇرغاق بولماقتا.شۇڭا يازغۇچىلار تىل ماھارىتىگە ئىنتايىن پۇختا بولۇشى كېرەك.

      ئالىمجان ئىسمايىل: مەن بۈگۈن دەۋر بىلەن يازغۇچى دىگەن تېمىدا ئورتاقلاشماقچىمەن.

       1978-يىلدىن كېيىن ئەدەبىياتنىڭ ئالتۇن دەۋرى كەلدى دەپ قارايمەن.مېنىڭ ئەدەبىيات سەۋىيەم ئىنتايىن تۆۋەن،ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان،ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنى ئۆگەنمىگەن،ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەنگەن.ئادەم ھاياتىدا ئاز-تولا بىرەر ئىش قىلالىسا،ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ.پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن رومانلىرىمنى يازدىم.يازغۇچى رومان يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كېلىدىكەن.مەيلى ھىكايە،پوۋېست،رومان يېزىڭ،يازغان ئەسىرىڭىز دەۋرنى يورۇتۇپ بېرەلىسە،مەلۇم دەۋرنىڭ كارتىنىسى بولۇپ قالىدۇ.يازغۇچى تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۈزىتىشى،دىققەت بىلەن كۈزىتىشى كېرەك.يازغۇچىنىڭ ئەڭ باش قاتۇرىدىغىنى تۇرمۇشتىن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىنى تاللىۋېلىش.تۇرمۇشنى قانداق ئۆگىنىش.ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى،ھاياتقا بولغان ئانالىزلىرى ئوخشىمايدۇ.يازغۇچى ئادەم بىلەن ئادەمنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.تۇرمۇشتىكى ماھىيەتلىك،كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى بىلىش يازغۇچىنىڭ بىرىنچى بەلگىسى.

       ئەدەبىيات-دەۋرنىڭ ئەينىكى.ئەدەبىيات ئارقىلىق دەۋرنى چۈشىنەلەيمىز.بۈگۈنكىنى يازساق،كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ھازىرقى دەۋرنى يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ.شۇڭا بۈگۈنكى دەۋرنى ياخشى يارىتىپ بېرىش كېرەك.بۇنىڭ كىشىلەرنى يېتەكلەشتە رولى ئىنتايىن چوڭ.مەن شەھەرلەشكەندىن كېيىنكى ھايات توغرىسىدا ئەسەر يازدىم.بىناغا چىققاندىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى،دەۋر ئەكەلگەن بېسىم قاتارلىقلار...يازغۇچى ئۆز دەۋرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى بولۇشى كېرەك.بۇ كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەمىنلەيدىغان ماتىرىيال.تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا،بۇرۇنقى بايلارنىڭ بالا-چاقىلىرى ھازىرمۇ باي ئىكەن.چۈنكى ئۇلار ئەقلىي تەپەككۈر قىلىپ كاللىسىنى ئىشلەتكەچكە،باي بولالىغان.يازغۇچى دەۋرنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىشى،كىشىلەرنىڭ قايغۇسى،ھەسرىتى،خۇشاللىقىغا تەڭكەش بولۇشى كېرەك.

       تۆۋەندە ئولتۇرغانلار ئىچىدىن ئۇلارغا قويغان سۇئاللار:

       سۇئال: تارىخىي رومانلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دىگەن قاراش توغرىمۇ؟

      توختى ئايۇپ[audio=1][/audio] تارىخىي رومانلارنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.

      سۇئال: ئەنئەنە بىلەن يېڭى ئۇسلۇب ئوتتۇرىسدىكى پەرق نىمە ؟

      ئالىمجان ئىسمايىل: ئەنئەنىدىن چەتنەپ كەتكىلى بولمايدۇ.يېڭى ئۇسلۇبنىمۇ يارىتىش كېرەك.

     سۇئال: يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كۇچا يازغۇچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى نىمە ؟

     ئەيبو ياقۇپ: ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلىرىمىز بىلەن ئەدەبىياتىمىزنى گۈللەندۈرەيلى....

       لىكسىيە ئۈزۈلمەي ياڭراۋاتقان ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىپ،سائەت بەشتە ئاياقلاشتى.ئەدەبىيات پىشۋالىرىمىز بىلەن ھەر قايسى ناھىيىلەردىن كەلگەن ئەدىبلەر سۈرەتكە چۈشتۇق.كۆسەن دىيارىدا ئۆتكەن بۇ تۆت سائەت مېنىڭ 2011-يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك مىنۇتلىرىم بولۇپ قالدى.يازغۇچىدىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت ئالدىدا يۇقارقى خاتىرىلەر ئۆزۈمدىن باشلاپ بارىلىق ئەلسۆيەر قەلەمكەشلەرگە 2012-يىللىق ئىجادىيەت نىشانى بولۇپ قالغۇسى!
مەنبە:«شايار ژۇرنىلى2012-يىللىق2-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-4 22:26  


كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 22:28:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



                                                           مەن سېتىۋالغان رومان-كەچمىش

                                                                   (ئەدەبىي خاتىرە)

     «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى»تەبرىكلىنىۋاتقان،ئاياللارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى،پەزەنت تەربىيلەشتىكى رولى،ھەر قايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈۋاتقان قۇتلۇق كۈندە شىنخۇا كىتابىخانىسىنىڭ سىرلىق بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپ كىرىۋېتىپ،بىلىم غەزىنىسىگە ئاشيانە كۆزلىرىم قەترىدە رەڭدارلىققا تولغان بىباھا كىتابلار قەلب تارىمنى تىترىتىپ،تۈرلۈك كىتابلارنى يورۇقلۇققا چىقىرىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدەنگەن قەلەم ئىگىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم.مەندە كۈتۈبخانىنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىش كېنىشكىسى بولغاچقا،كىتاب سېتىۋېلىشقا چىقىنالماي قالغان چاغلىرىمدا كۈتۈبخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتىم،كىتاب ئارىيەت بېرىش ۋاقتى پەقەت 15كۈن دەپ بېكىتىلگەن بولغاچقا،ھەجمى چوڭراق كىتابلارنى ئوقۇپ بولۇشقا ۋاقىت يار بەرمەي قالاتتى-دە،كۈتۈبخانىغا بېرىپ كىتابنى قايتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ،ئارقىدىن يەنە بىر نۆۋەت ئارىيەت ئېلىشقا تىزىملىتىشقا توغرا كېلەتتى.بەزىدە ئالدىراشلىق ئىچىدە كىتابنى قايتۇرۇشقا بارالمىغاندا،كۈتۈبخانىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش ھەققى تاپشۇراتتىم...

     ناۋادا دوستلىرىمدىن كىتاب ئارىيەت ئالغان بولسام،چوقۇم ئۇنى ئۆز كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ،ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇش،بىرلا ئېلىپ كەتكەنچە«يەپ كەتمەسلىك»توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ ئوقۇيتتىم،كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكىچە قەلبىم ئاللىقانداقتۇر تەشۋىشلىك خىياللارنىڭ قورشاۋىدا ھالسىراپلا كېتەتتى...

      ناۋادا قولىڭىزدا ئوقۇۋاتقان كىتاۋىڭىز كۈتۈبخانىنىڭ ئەمەس،باشقىلارنىڭمۇ ئەمەس،بەلكى ئۆز يېنىڭىزدىن چىقىم قىلىپ ئالغان كىتاب بولسا سىزدە قانداق تەسىرات پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟بۇ سۇئالغا ئەڭ ئاۋال ئۆزۈمنىڭ قەلب تىۋىشلىرىمدىن جاۋاب ئىزدەپ باقاي:

       كىتابخانىنىڭ سەر خىل كىتابلار بىلەن لىققىدە تولغان كىتاب غەزىنىسىدىن   يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ«كەچمىش»رومانىنى قەلبىمگە پاتمايۋاتقان ئىچكى ھاياجان ۋە قىزىقىش ئىلكىدە تاللىۋالىدىم-دە،ھىساۋات پەشتاختىسىغا بېرىپ 46يۈەن پۇلنى ھىساۋاتچىغا تاپشۇردۇم.كىتابخانا تامغىسى بېسىلغان ئۇشبۇ كىتابنى ئاۋايلاپ قولۇمغا ئالغاندىكى خۇشاللىق كۈتۈبخانىدىن ياكى دوستلىرىمدىن كىتاب ئارىيەت ئالغاندىكى ھىسسىياتقا تۈپتىن ئوخشىمايتتىكى،بۇ خۇشاللىق-مەزكۇر كىتابنىڭ كىتاب ئىشكابىمغا بىر ئۆمۈر زىننەت بېغىشلايدىغانلىقىدىن،ئول يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتتىكى مول بىلىملىرىدىن جىددىيلەشمەي،ئاز-ئازدىن ئۆگىنىش ۋاقتىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمدىن،مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تەشۋىشلىنىش،ئارتۇقچە خاۋاتىرلىنىشتىن خالىي ھالدا ئۆزۈم خالىغان چاغدا ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ مەڭگۈ مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى،ھەم بۇ خىل تۇيغۇ قەلب ئاسىمىنىمنى بىر كۈن ئۆتكىچە خۇشاللىق ھەم خاتىرجەملىك جىلۋىسى بىلەن نۇرلاندۇرۇپ تۇردى.

      خالىدە ئىسرائىل مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئايال يازغۇچىلار ئىچىدە ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ كېلىۋاتقان ھۆرمەتلىك قەلەم ساھىبى. ئۇنىڭ رومانىنىڭ بېشىغا بېرىلگەن سۈرىتى قەلب قەسىرىمگە ئىللىقلىق بەخش ئەتكەن بولسا،ئۇنىڭ تەرجىمالىدىن ئىجادىيەتتىكى ھارماس،قەيسىرانە ئىرادىسى مېنى ئىپتىخارلاندۇردى.مەن ئەنە شۇنداق زور قىزىقىش ۋە ھۆرمەت ئىچىدە بۇ روماننى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم...

        2012-يىل 3-ئاينىڭ9-كۈنى.كېچە

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1236
تۆھپە : 4
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 22:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرەگۈل ھامۇت

                                                     «ئىزدىنىش» ئىچىدە ئىزدىنىش

                                                         (كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى)

      ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى زۇردۇن سابىرنىڭ«ئىزدىنىش»ناملىق رومانىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ئوقۇپ چىققىنىمدا،روماننىڭ باش قەھرىمانى ئەلانىڭ تىرىشچانلىقى،پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە،بىلىم ئىگىلەشكە قاراتقانلىقى،ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يېتىش يولىدا تىنماي ئىزدەنگەنلىكى،بۇ يولدا جاپا-مۇشەققەت،ھېرىپ-چارچاشقا بوي بەرمەي ئالغا ئىلگرىلىگەنلىكى ھەم يېڭىلىق ياراتقانلىقى،چەككەن رىيازىتىگە يارىشا ھەممە كىشى ھۆرمەتلەيدىغان،ئولۇغلايدىغان،قوغدايدىغان مۇھىم شەخسكە ئايلانغانلىقى...دەك ئىجابىي ئوبرازى  بىلىمگە تەشنا سەبىي قەلبىمگە تىرىشىش نىشانى بەلگىلەپ بەرگەن بولسا،ئول كىتابنىڭ شۇ چاغدا قالدۇرغان چوڭقۇر ئىزنالىرى يۈرىكىمگە خىتاب قىلىپ،ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن دۇردانىلەرنى ئۆتكەن يىل ئۆكتەبىردىن باشلاپ قايتا ئوقۇپ چىقتىم.ئاق بىلەن قارا،ھەق بىلەن ناھەق،ياخشى بىلەن يامان چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىغان ئەقىل ئىدراكىمدا مەرھۇمنىڭ داڭلىق ئەسىرى يەنە بىر قېتىم قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ ئۆتتى.ئەسەر گەرچە نەشىر قىلىنغانغا ئۇزۇن بولغان،ئوقۇرمەنلەر ئەينى چاغدىلا بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇپ ئىستېتك زوق ئېلىپ بولغان بولسىمۇ،ئەسەر مەزمۇنىنى قايتا ئەسلىتىش ئارتۇقچە ئىش ئەمەس.مەقسىدىم بۇ يازمىلىرىم ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەرنى تۇنجى ئوقۇغان چاغدىكى ھاياجانلىق دەقىقىلىرىگە قايتۇرۇش،روماننىڭ ئىجادىيەت،ئۆگىنىش داۋامىدا توغرا ئىجادىيەت يۆنىلىشىگە يېتەكلەيدىغان يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش،بۇ ئارقىلىق ئەلادەك بىر ئىجابىي پىرسۇناژ ئوبرازىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ،ئۆزىگە ۋە كەڭ ئوقۇرمەنگە يۈز كېلەلەيدىغان مول ھوسۇللۇق ئەدىب بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا«ھۇررا»توۋلاپ ئات چاپتۇرۇپ،ئىجادىيەت مەنزىلىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىشىدە«كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش»كە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

     1.بىرىنچى قىسىم رومان بىرىنچى شەخس يەنى«ئەلا»دىن ئىبارەت باش پىرسۇناژنىڭ تىلىدا بايان قىلىنىدۇ.ئەلا،نامەت،ھاشىر،قۇرماش،گۈزەلئاي،ئەلانۇر،ئادىلە،لى لاۋشى،رەقىپ،يەنە ئۇنىڭدىن باشقا گىندىڭ جامسۇ ۋە ئەلانىڭ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر نەچچە جاۋشو(پىروفىسسور)لار روماننىڭ پىرسۇناژلىرى بولۇپ،ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئەلا مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان بىلىملىك،تىرىشچان،ئۆزىنى ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىغا ئاتىغان،ئىلىم-پەن ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىنى قۇربان قىلغان،ھەققانىيەتچى،ئىنسانىي پاك سۆيگۈنى چىن قەلبىدىن قەدىرلەيدىغان،ئىلم تارقىتىش ۋە يېڭى بىلىمىلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن كېچەيۇ-كۈندۈز قېتىرقىنىپ ئىجتىھات قىلغان ياشلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.ئاپتور ئۆز كۆز قارىشىنى ئەلانىڭ خاراكتىرىگە سىڭدۈرۋەتكەن.ئەلا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا رەقىپ ئارقىلىق ئۇچرىغان سۈيقەستلىرى،رەقىپنىڭ قولى بىلەن ۋەيران بولغان ئائىلىسى ئۈچۈن،ھۆسنى-جامالدا تەڭداشسىز نازاكەتلىك ئايالى گۈزەلئايدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويايلا دەپ قالغاندا،قولىدىكى بىباھا كىتابلىرى ئارقىلىق قەلب دۇنياسى يورۇقلۇققا چىقىدۇ.مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىبارەت دەۋرنىڭ چاقىنى كەينىگە سۆرىگۈچى ئىنقىلابنىڭ كۈچلۈك بوران-چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ،ئاچلىق،سولاققا چۈشۈش،سوغۇق ۋە قېچىشقا ئوخشاش ناچار شارائىتتىمۇ كىتاب ئوقۇش،خاتىرە يېزىش،تەتقىق قىلىش،ئىزدىنىشتىن قەتئىي باش تارتمايدۇ.بىكار ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتى ئۈچۈن-ئىزدىنەلمىگەن،خاتىرە قالدۇرالمىغان،تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنالمىغان ۋاقىتلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلايدۇ.ئۇئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يېتىش ئۈچۈن،يېزىپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىمغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى،كىتابلىرىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ.ئوقۇتقۇچىسى-مىللىي مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ خاتا ھالدا كۈرەشكە تارتىشىغا ئۇچراپ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ساۋۇتوف ۋە نادىروفلارنىڭ ئىزىدىن ماڭىدۇ.ئەلا قەيەرگە بارسا خەلق ئۇنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ قوغدايدۇ.ھەرقانداق ئىشتىن ئەلانى قوغداشنى مۇھىم بىلىدۇ.

     2.ئىككىنچى قىسىم رومان ئاپتورتىلىدا يېزىلىپ،قاتمۇ-قات زىددىيەت توقۇنۇشى،چىن مۇھەببەت،ساختىلىق،رەزىللىك،سۈيقەست،چىن ئىنسانىي پەزىلەت،گۈزەللىك ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەنگەن.روماندىكى پىرسۇناژلار ئوبرازىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە،تىل ئۇسلۇبى،ئىچكى تەسۋىر،مونولوگ،پورتىرىت تەسۋىرى،مەنزىرە تەسۋىرلىرى تولىمۇ گۈزەل ۋە جەلب قىلارلىق،كىتابنىڭ تەسۋىرلىرى ئىچىگە كىرگەنچە كىشى ئۆزىنى گويا شۇ مۇھىتتا شۇ پىرسۇناژلار بىلەن بىرگە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ.مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئۈزىل-كېسىل ئېچىپ بېرىلىپ،تارىخ،سىياسەت بىلىملىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنى كۈرەشكە تارتىپ، نۇرغۇنلىغان تارىخى،مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆيدۈرۈپ،بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقى،كېيىن ۋەزىيەت ئوڭشالغاندىن كېيىن بۇ خىل ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئەسكىلىكلەرنىڭ يوقالغانلىقى،بىراق،بۇنىڭ تەسىرىنىڭ تېخى كەتمىگەنلىكى،رەقىپتەك ناكەس سۈيقەستچىلەرنىڭ يەنىلا ھوقۇق پەلەمپىيىنىڭ يۇقىرى بالدىقىدا ئەلادەك بىلىملىك،تىرىشچان ۋە ئىلىم-ھېكمەتتە كامالەتكە يەتكەن كىشىگە خەنجەر ئۇرۇپ،ئۇنىڭ خىزمەتتىن چېكىنىپ دېھقان بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقى،ھاشىردەك پارتىيىگە سادىق،پۈتكۈل يۈرەك قېنىنى خەلقنىڭ پاراۋانلىقى،دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان ساپ كوممۇنىستنىڭ رەقىپ تەرىپىدىن سۈيقەستكە ئۇچراپ،ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۈجىلىقىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى...قاتارلىق نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر ئىنتايىن يۇقىرى بەدىئىي ئوبرازلىق تىل ماھارىتى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بېرىلگەن.ئەسەردە ئەلا بىلەن گۈزەلئاينىڭ ياراشماسلىقىمۇ بىر خىل رومانتىك تەسىر بېرىدۇ.چۈنكى ئەلانىڭ دوستى ھاشىرنىڭ ئايالى رازىيەگە ئېيتقان سۆزى بويىچە ئالغاندا:«ئائىلە ساپ مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنى،مەن ساپ مۇھەببەتنى ئائىلە ئۈچۈن قۇربان قىلمايمەن دىمەكچىكەن-دە،بۇ بىر رومانتىكا،لېكىن ئوتتۇزدىن ئاشقان ئاياللارغا رومانتىكا ئەمەس ئەمەلىيەت كېرەك ئىدى.ئائىلە مۇھەببەتنى خاراب قىلىدۇ،ھەم تەربىيلەپ تېخىمۇ كامالەتكە يەتكۈزىدۇ.بىزنىڭ ئەمەلىيىتمىز،ئىككىنچى ھەقىقەتنى ئىسپاتلىدىغۇ؟بىزنىڭ ئائىلىمىز ئاسانغا چۈشمىدى.لېكىن بۇ ئائىلە مۇھەببەتنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدىغان ئوچاق بولماستىن،تەربىيلەپ چوڭ قىلىدىغان بۆشۈك بولماقتا».

    مەن بۇ روماننى قايتا ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن،مەرھۇم يازغۇچى زۇردۇن سابىرنىڭ قان-تار بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدىن چەكسىز روھىي ئۇزۇق ئېلىش بىلەن بىرگە ئەلادەك بىر تىپنى رىئال تۇرمۇشتىكى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىشقا ئۆز-ئۆزۈمگە ئەھدە قىلدىم.چۈنكى باش قەھرىمان ئەلا تىنماي ئىزدىنەتتى،تەتقىق قىلاتتى.كېچىچە كىرپىك قاقماي تۈننى كۈنگە ئۇلاپ چەتئەل تىلى ئۆگىنەتتى،ئەدەبىيات تارىخىدىكى دۇنياۋى شائىرلارنىڭ،ئالىملارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرى،غەزەللىرى ئۇنىڭغا يادقا ئىدى.بۇ روھ-قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان،ئۆگىنىشكە،ئۆزگە ئۈلگە قىلىشقا تېگىشلىك روھ ئىدى.مانا بۇ مىللىتىمىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتنى گۈللەندۈرۈش،مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىدا،تارىخ،پەلسەپە،جۇغراپىيە،ئالگېبرا،سىياسەت،گىئومېتىرىيە پەنلىرى بويىچە ئونۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئەۋلاد بولۇپ يېتىلىشتە ئۈلگىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

    «ئىزدىنىش»رومانىدىن ئۈزۈندىلەر:

   1.غۇلجا ئاسمىنى يەنىلا قەدىمكىدەك سۈزۈك،باغلىرى سالقىن،پۇراقلىق،قۇشلىرى يەنىلا تىنىمسىز،شوخ.قورۇقلىرى چىتلانغان باغنىڭ شاخ-شاخلارغا پاتماي قالغان ئالمىلىرى ئاستىغا تىكمەتلەر سېلىنغان.داستىخان خىلمۇ-خىل مىۋىلەر،كاۋاپ،سەيلەر بىلەن تولغان.

     2.قۇياش ئاخىر ئۇلار بىلەن خوشلاشتى.ئۇنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى تۆپە شاخلاردىكى قىزىل ئالمىلارنىڭ مەڭزىدە ئويناپ،باغقا يېڭىچە زىننەت بەردى.غۇلجا باغلىرى كەچكى شەر*ق شامىلى بىلەن پىچىرلىشىشقا باشلىغاندا،يالغۇز تەمبۈرنىڭ يۈرەكنى تىترىتىدىغان مۇڭلۇق ئاۋازى خۇددى ھەممىنى ئۇيقۇغا ئۈندەۋاتقاندەك جىمجىتلىق چىللاپ باغنى كەيىپ قىلدى.

    3.ئەلانىڭ زەخمەك باغلىغان قارامتۇل بارماقلىرى باياتىن ئالمىغا ئېسىقلىق تۇرغان مۇنۇ تۆت سىم تارلىق تىلسىزنى شۇنچىلىك شېرىن تىلغا كىرگۈزدىكى،كىگىز ئۈستىدە ئوڭغۇل-دوڭغۇل ئولتۇرۇشقان يىگىرمە نەچچە يىگىت خۇددى ئۇخلاپ قالغاندەك ئۈن-تىنسىز جىمىشىپلا قالماي،قازان بېشىدىكى ئاياللار،شوخ بالىلارمۇ تۇرغان يېرىدە قېتىپ قېلىشتى.

      4.يېزا يوللىرىدا ئاتلىق يۈرۈش ئەجەبمۇ كۆڭۈللۈك.شەر*ق شامىلى جانغا ئارام،بۇغداي ئېڭىزلىرى كۈن نۇرىدا جۇلالىنىپ كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.قاش دەرياسىدىن ئايرىلىپ چىققان«ياشلار ئۆستىڭى»،«ئاق ئۆستەڭ»،«بايتوقاي ئۆستىڭى»شاۋقۇن-سۈرەن بىلەن تۈپتۈز ئىلى ۋادىسىنىڭ باغرىدا چاپىدۇ.ئۆستەڭلەرنىڭ سەكرەتمىلىرىدىن پەيدا بولغان ماغزاپتەك ئاپئاق بۇژغۇن،يىراقتىن كىشىگە يەردىن كۆتىرىلمەكچى بولغان غازلار توپىدەك بىلىنىدۇ.چاڭسىز،ھاۋالىق،پۇراقلىق،نەغمە-ناۋالىق ئېتىز يوللىرى،ماڭا بالىلىق چاغلىرىمدىكى قەلبىمگە چېكىلگەن ئۆچمەس تامغىدەك خاتىرە بەتلىرىنى ۋاراقلىتىدۇ.مەن مۇشۇ يوللاردا مېڭىپ،مۇشۇ سۇلارغا چۆمۈلۈپ،مۇشۇ گىياھلار ئارىسىدا ئېغىناپ-يۈگۈرۈپ يۈرۈپ چوڭ بولغان،ئەقىل تاپقان،غايىلىك بولغانمەن.شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ كۆكسى-قارنىم ئىلى ۋادىسىدەك كەڭ،ئىللىق؛قەلبىم قاش دەريا سۈيىدەك دولقۇنلۇق،بۇژغۇنلۇق؛ئارزۇ-ھەۋەسلىرىم بۈگۈنكى سەھەر ھاۋاسىدەك روشەن-تىنىق ۋە تازا.

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2357
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 170
تۆھپە : -2
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 14:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرەگۈل !ئاللا قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ بەركەت بەرسۇن ، كۆز تەگمىسۇن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2991
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 604
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-26

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 20:22:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەركەن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2009
تۆھپە : 49
توردا: 690
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 02:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرەگۈلنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە ھەۋىسىم ۋە تارلىقىم كېلىدۇ...تېخىمۇ بەركەتلىك بول ئەزىزىم!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش