«شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى»ئەسەرلىرىنىڭ تۈنجى قېتىملىق تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
«شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى»ئەسەرلىرىنىڭ تۈنجى قېتىملىق تارقىتىش مۇراسىمى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى «شىنخۇا كىتاپ شەھەرچىسى»دە تەنتەنىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمىغا ئاپتونۇم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى چۇنياڭ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شېڭتەن ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلاشمىسى، ئاخپارات – نەشريات ئىدارىسى، رادىيۇ – تېلۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، نەشريات، ئاخپارات، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ھەر ساھە زاتلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى چۇنياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شېڭتەن بۇ قېتىم «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى»دا نەشر قىلىنغان كىتاپلارنىڭ تەقدىم قىلىنىش لەھىيەسىنى ئېلان قىلدى.ئاخىرىدا ئاپتونۇم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت تىلىۋالدى مۇھىم سۆز قىلىپ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۈرگۈزۈلىش قەدەم – باسقۇچلىرى ھاققىدە يېتەكچى خاراكتىرلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشلارنى ئوتتۇرغا قويدى. مۇراسىمدىن كېيىن ئىمىن ئەخمىدى، پارھات ئىلياس قاتارلىق ھەر مىللەت يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمانلار كىتاپلىرىنى ئىمزالىق سېتىش پائالىيەتلىرىدە بولدى.
|