كۆرۈش: 3140|ئىنكاس: 43

جىمجىت ھالدا ئەنئەنىگە يۈزلەنگۈچى (19) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1170
تۆھپە : 25
توردا: 412
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 18:17:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


IMG_0911.JPG


[ئاپتورنىڭ بايانى] كەمىنە مىرئەھمەد مامۇت بۇندىن 23 يىل بۇرۇن خوتەننىڭ يىراق ناھىيسى ، خوتەننىڭ غەربىي دەرۋازىسى بولغان گۇما ناھىيەسىنىڭ زاڭگۈي يېزىسىدا رىسقىنى ئېتىزدىن ئىزدەيدىغان بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىكەنمەن . ئەسلىمنى بىلسەم يېزىدىكى قۇملۇقلاردا ئويناپ يۈرەتتىم . چوڭ بولۇشقا ئەگىشىپ خىياللار ، ئازۇلار كۆپەيدى . شۇلارغا ئەگىشىپ ئاۋۋال ناھىيەدە ئاندىن ۋىلايەتتە ئوقۇدۇم . شېئىرنىڭ رىشتىدىن نۇرغۇن يازغۇچى-شائىرلار بىلەن تونۇشۇپ، ھەمسۆھبەتتە بولدۇم . 2011-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ، يەنە بىر ئارزۇيۇم بولغان مۇئەللىمچىلىك يولىغا قەدەم ئالدىم .
    2004 نېمە بولۇپ ئېلان قىلىندى ، خوتەن گېزىتىدە بىر پارچە شېئىرىم ئېلان قىلىنىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن بولدۇم . شۇندىن كېيىن تۆت يىلغىچە بىر پارچىمۇ شېئىرىم ئىلان قىلىنمىدى . ئەمما توختاپ قالمىدىم . 2008-يىلى «يېڭى قاشتىشى» ماڭا ئورۇن بەردى. شۇندىن باشلاپ ئاز تولا شېئىر ئېلان قىلالايدىغانلار قاتارىغا ئۆتتۈم . يېزىۋاتىمەن ، قاچانغىچە يازىدىغانلىقىم ئېنىق ئەمەس . بەلكىم شېئىر مەندىن ياتلاشقۇچە يازارمەن .
تۆت مىسرالىق نەرسىلەرنى يېزىپ كېلىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولدى . يازغانلىرىمنى شېئىر دېسەم تىلىم كۆيىدۇ . بەلكىم شېئىر بولالىغانلىرىمۇ باردۇر . شېئىر ھەققىدە ئۇنى-بۇنى دېيەلمەيمەن . ئەمما شېئىرلىرىمغا سادىق بولۇپ ئۆتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل .


مىرەخمەت مامۇتنىڭ شېئىرلىرىدىن ئەنئەنىنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدۇ. لېكىن ئۇ نوقۇل ھالدىكى ئەنئەنە ئىزىدىن رايىشلىق بىلەن ماڭغۇچى بولماستىن بەلكى ئەنئەنىنى چەكسىز سادىقلىق بىلەن ئىسلاھ قىلىشقا ئورۇنغۇچى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل يېڭى، سۆزلەر ئەركىن... ئۇ مۇشۇ يېڭى تىل ۋە "ئەركىن سۆز"لەرنى ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىكى شەكىلگە ئۇستىلىق بىلەن باشلاپ كىرگەن. بۇ ھال ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغان... بىز بۇ ئۈمىدلىك ئاپتورنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ پارلاقلىق ۋە دادىللىق تىلەپ يېڭىدا يازغان بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

_مەسئۇل مۇھەررىردىن


بۇھايات ئەسلىدە شۇنداق بىر ھايات

1

قەشقىرى ئۇ ئۆلمەيدىكەنغۇ ،
خاس ھاجىپمۇ ئۆلمەيدىكەنغۇ.
مەشرەپ كەتتى دار نىڭ ئالدىغا،
نەۋائى ھەم يارنىڭ ئالدىغا.
يەتتە قىزلىرىم ئۆلمەس ئابىدە،
نەفىسەمۇ ئۇلۇغ مەلىكە.
سادىر كەتتى چاقناپ يۇلتۇزدەك،
كىملەر قالدى چاپچىپ دۇلدۇلدەك.
نېمە ئىش بۇ ؟ سورىما مەندىن،
بۇ بىر تارىخ ھەقىقىي تارىخ.

2

بۇ يەردە بىر ئېشەك ئالتۇن ساڭقايدۇ،
ئۇ يەردە بىر دانىش ئۆزىنى داڭلايدۇ.
بۇ ئەسلى قەدىمكى ئېچىل داستىخان،
ئۇ ئەسلى مىھماندوست سىخى ساھىبخان.
ئۇ يەردە چىن تۆمۈر كىيىك ئوۋلايدۇ،
بۇ يەردە يالماۋۇز ئۆينى مارايدۇ.
ئۇيەردە رىۋايەت بۇ يەردىمۇ ھەم،
بۇ ئەسلى بىر چۈشتۈر پەقەتلا بىر چۈش.

3

ئۇ كوچا غىرىپنىڭ مۇڭلۇق كوچىسى،
بۇ كوچا سەنەمنىڭ ئويناق كېچىسى.
ئۇيولدا ماڭىدۇ سىمىز بىر ئەرباپ ،
بۇ يولدا پاك ئەرلەر بولىدۇ بەرباد.
ئۆزىنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ ئادەم،
ئادەمنى يوقلايدۇ ھەركۈنى ماتەم.
ئۇ قىزنىڭ قولىدا ئاخرىقى ۋىسال،
بۇ قىزنىڭ كىملىكى ئۆلگەن ئىھتىمال.
ئۇ ئادەم كۆكسىگە ئۇرغاندا خەنجەر،
بۇ ئادەم كۆزىدە پارلايدۇ سەھەر.
چىڭ ساقلا باشقىغا بەرمىگىن ئەسلا،
بۇ ئەسلى بىر ئاچقۇچ پەقەت بىر تاللا.

4

بىر ئادەم يىغلايدۇ پىغانلار بىلەن،
بىر ئادەم ئۆلىدۇ ئارمانلاربىلەن.
بىر ئادەم كۆيىدۇ ئەلنىڭ ئىشقىدا،
بىر ئادەم كۆيىدۇ شەھۋەت ئوچىقىدا.
بىر ئارزۇ كۆكلىتەر ئادەمنى مەڭگۈ،
گاھىدا ئۆلتۈرەر ئادەمنى سۆيگۈ.
بەزىلەر ياشايدۇ ھەتتا ئۆلسىمۇ،
بەزىلەر ئۆلۈكتۇر مېڭىپ يۈرسىمۇ .
بەزىلەر ئۆلگەندە يىغلايدۇ ئالەم،
بەزىلەر ئۆلگەندە بولمايدۇ ماتەم.
سەن ئۆلسەڭ ئۆلۈمدىىن بىر داستان يارات،
تىز پۈكمەس روھىڭىنى ئالەمگە تارات!.

ھەۋەسمۇ ھەسەتمۇ بولىدۇ بەرپاد،
بۇ ھايات ئەسلىدە شۇنداق ھايات

يۈتۈپ كەتكەن شېئىرنى سېغىنىش

ئاسمان زىمىنغا ئىگىلگەندەك،
مۈكچەيدىم مەنمۇ قولۇمدا قەلەم .
كىلىدۇ خۇشاللىق ،كېلىدۇ يەنە ،
يۇرەكنى ئازاپلاپ قايغۇ ،دەرت ، ئەلەم .

گاھىدا ياش تۆكۈپ ،گاھىدا كۈلۈپ ،
مىڭ تەستە پۈتتۈرسەم ئۈشبۇ شېئىرنى .
قايسىدۇر بىر كىشى ئالدى ئىلكىگە،
تاشلىدى قوقاسقاتىلىپ باغرىمنى .

مەن قانداق چىدايمەن ئىيتقىنا دۇنيا،
سۆيۈملۈك قەلبىمنى قويسام يۈتۈرۈپ .
مەن قالدىم تۈمەنمىڭ ئازاپ ئىچىدە ،
شېئىرنى ئېپ كەتتى بىرى كۆتۈرۈپ .
1
سەن گەرچە ئاددىيلا شېئىر بولساڭمۇ ،
سۆيەتتىم ئادەملەر ئۆزىنى سۆيگەندەك.
سۆيەتتىم مەڭزىڭگە،بارماقلىرىڭغا ،
سۆيەتتىم گۈللەرنى سۆيگەن بۇلبۇلدەك .

سۆيەتتىم ئېگىلىپ،تىزلىنىپ تۇرۇپ ،
سۆيەتتىم بېشىمدا كۆتۈرۈپ يەنە ،
سۆيەتتىم باغرىمغا بېسىپ نەچچە رەت ،
سۆيەتتىم ئازاپ ۋە شادلىق ئىلكىدە .
2
سەن مېنىڭ شادلىقىم ،شادلىقىم ئىدىڭ ،
سۆيەتتىڭ مەڭزىمگە چىن ئىشقىڭ بىلەن.
ئىككىمىز بىر بولۇپ يۈرسەك كوچىدا ،
مۇڭلىنىپ قارايتتى بىزگە ھەممەيلەن .

سەن ماڭا ئۈگەتكەن قانداق ياشاشنى ،
ۋە يەنە ئۈگەتكەن ئۆلۈشنىمۇ ھەم .
سەن ماڭا ئۈگەتكەن ئەجداد ئىشقىنى ،
ۋە يەنە ئۈگەتكەن شادلىقنى ،بىلسەم .

سەن ماڭا ئۈگەتكەن باھادىرلىقنى،
ۋە يەنە ئۈگەتكەن ۋاپادارلىقنى .
سەن ماڭا ئۈگەتكەن چىن موھەببەتنى ،
ۋە يەنە ئۈگەتكەن ياشاش يولىنى .
3
قوياشتەك كۈلەتتىڭ ھەر كۈن قارىسام ،
نۇرانە تەپتىڭنى چېچىپ قەلبىمگە .
قىلاتتىڭ مەن ئۈچۈن جىنىڭنى پىدا ،
ۋە يەنە قىلاتتىڭ دۇئا بەختىمگە .

سەن بىلەن كۆكلىگەن ،ئېچىلغان ئىدىم ،
سەن بىلەن تاراتقان ئەتىراپقا نۇر .
سەن بىلەن يىغاتتىم گۈللەردىن ھەسەل ،
سەن بىلەن ئىرىشكەن بەخىتكە بالدۇر .
4
كەچۈرگىن ئەي شېئىر كەچۈرگىن مېنى ،
كەچۈرگىن سېنى مەن تاشلىدىم ئوتقا .
كەچۈرگىن بەختىڭنى قىلدىم مەن خازان ،
كەچۈرگىن تارقۇزۇپ قويدۇم نادانغا .

مىڭ جاپا ئىچىدە يازساممۇ سېنى ،
بىر نۆۋەت باسالماي قالدىم باغرىمغا .
ۋە لىكىن سەن ئەگەر بولساڭ يېنىمدا ،
سەن چوقۇم باساتتىڭ مېنى باغرىڭغا .
********
شېئىردىن ئايرىلدىم،ئايرىلدىم بۈگۈن ،
سۆيۈملۈك ئوغىرى نەدە سەن نەدە؟
مەن سەندىن ئۆتۈنەي ئەي كەڭرى دۇنيا ،
شېئىرنى خارلىما بولسا ئۇ نەدە ؟؟؟!!!

خوتەن بىلەن مۇڭدىشىش

قاشتاش بىلەن يۇرۇڭقاش ئوخشاش ،
ئوخشىمايدۇ نېچۈن كۆز يېشى .
كەتمىنىنى كۆتۈرگەن دىھقان ،
ئىيتالمايدۇ نېچۈن دەردىنى .
يۈرەكلەرنى كۆيدۈرگەن قوياش ،
چاچالمايدۇ نېچۈن نۇرىنى،
ئىيت ئەي خوتەن ، ئىيتىپ بەر ماڭا !!!

ياڭاق ، ئەتلەس، ئەنجۈر ، قاشتىشى ،
بىر ھاياتلىق بەرگەن ئادەملەر .
ئۆز بەختىنى قەدىرلىمەيلا ،
باسار نېچۈن خاتا قەدەملەر .
نېچۈن شۇنچە ،شۇنچە ياۋاشتۇر ،
ئەۋلادىغا ئاق سۈت بەرگەنلەر ،
ئىيت ئەي خوتەن ، ئىيتىپ بەر ماڭا!!!

نۇرمۇھەممەت ، غوجىمۇھەممەت ،
تۇرسۇنجان ۋە موتەللىپ، ئەنۋەر .
مۇڭدىشىدۇ نېچۈن ھەر كۈنى ،
گۈزەل تاڭلار ئاتقانغا قەدەر .
نېچۈن ياڭرار بىر مۇڭلۇق ناخشا ،
بۇ شەھەردە ھەر كۈنى سەھەر ،
ئىيت ئەي خوتەن ، ئىيتىپ بەر ماڭا!!!

ئۆكۈنۈش

شاماللار قەلبىڭنىڭ ئەلچىسىمۇ يار ،
نېمىشقا يەلپۈتۈپ ئۆتىدۇ سېنى ؟
ۋە ياكى ئاشىقنىڭ دۈشمىنىمۇ ئۇ ،
نېمىشقا ئىپ قاچار خۇشبۇي ھىدىڭنى ؟

بۇلبۇللار سۆيگۈنىڭ كۈيچىسىمۇ ئۇ ،
نېمىشقا زوق بىلەن كۈيلەيدۇ سېنى ؟
ئۇ ئەگەر كۈيلىسە چىن ئەقىدىنى ،
نېمىشقا بىر قىتىم سۆيمەيدۇ مېنى ؟؟؟

ئۆزۈمگە تېز سىزما

مەن
كارۋانلارغا ئىچ ئاتمەن
چۇلۋۇرىنى ئاللاكىملەرگە تاپشۇرغان.
تاپىنىمدا كۆيىدۇ ھىجران
بېشىمدا ئۇچار
مېنى قىيناپ تۈمەنمىڭ خىيال.

مەن
بۆشۈك تەۋرەتكۈچى
ئەللەي ئېتىمەن ئۆزۈمنى
گۆشۈمنى قوقاستا پۇشۇرماق بولۇپ.
ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك ئاسىي بەندىمەن
يىراقتۇر مېنىڭدىن،يىراقتۇر ۋىسال.

مەن
كوچىدىكى تەنھا ئازغۇنمەن.
پۇتۇم مېنى باشلايدۇ
مەن پۇتۇمدىن قاقشايمەن.
تەلەي ماڭدامدا ئۇچىراپ تۇرار
لىكىن
قۇشلار ئوۋچىنى ياراتمىغاندەك
پەرۋاسىزلا چۆرۈپ تالايمەن.

مەن
ئۇنۋىرىستىتنىڭ قەلەندىرىمەن
ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ يۈرىمەن.

كىتاب سېتىش

كىتاب ساتىمەن
خىرىدارنى چىللاپ،تەلمۈرۈپ
ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم ساتقاندەك.
ساتقۇم كىلەر گاھىدا يەنە
كىتاپ ئالغان شۇ خىرىدارغا
ئۆزۈمنى قوشۇپ.

بىز بىر ئەۋلاد سىتۇدېنىتمىز
ئۆزىمىز كىم ھىچ بىلەلمىگەن.
كوچىلاردا ئەگىپ يۈرىمىز.
يۈرەر ئىكەن كوچىدا يەنە
سۆڭەك ئىزدەپ لالما ئىتلارمۇ.
ھىچ نەرسىمىز بولمىسا بىزنىڭ
لالما ئىتتىن نېمە پەرقىمىز.

كىتاب بىزگە يىراقتۇر،يىراق
مارىستا ئۇ ياكى بىھىشتە.
ئالماق بولساق قولىمىز يەتمەس
چۈنكى بىزدە يوقتۇر ھېچنىمە.

كىتابلىرىم قالدى كوچىدا
كۆرگىدەكمۇ ئادەم تېپىلماي.
ئويلاپ قالدىم بىر كۈن ئولتۇرۇپ
نادانلارغا كىتاپ ساتقۇچە
پۇلدارلارغا پايپاق ساتاي دەپ.

كىتاپ ساتىمەن
خىرىدارنى چىللاپ،تەلمۈرۈپ
ئۆز-ئۆزۈمنى ئوتقا ئاتقاندەك.
كىتابلىرىم كەچۈرگىن مېنى.


شېئىردىكى خىيال

دېرىزە ئوچۇق
ئۇچۇپ كىرەر ئەركە شاماللار
تىنىقىمغا قوشۇلۇپ جىمجىت .

قاغجىرىغان خىياللار ئارا
چۆكۈپ كېتىمەن تومۇرلىرىمغا .

تۇيغۇلىرىم باھاردەك گۈزەل
كۈيلىرىمدە تىترەيدۇ ۋىسال .
شېئىر يۈرەكنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ،
شېئىر بەلكىم سۆيگۈ ئىھتىمال .

مومامنىڭ كۆزىدە
ئۇيۇپ قالغان ئاخىرقى ئارمان .
تىلەر ئىدى بەلكىم ھەر كۈنى
مېنى شائىر بولمىسىكەن دەپ .
مەن شائىر بولىمەن .

ئاق بوز ئات كىشنەيدۇ موڭلۇق بىر كۈيدە


خەلىقنىڭ قەلبىگە سىڭىپ قوياشتەك،
دەرياغائوت قويار مەمتىمىن ھوشۇر.
تەبىئەت باغرىدا ئويناپ كىيىكتەك،
ئاشىقنى كۈيلەيدۇ مۇتەللىپ مەنسۇر.


بۇلاقلار چاچرىتىپ گۈزەل شەھەردە،
بىر ناخشا توۋلىسا ئوسمانجان ساۋۇت.
غىرىپلىق تۈنىگە بىرىپ خاتىمە،
ۋىسالنى قۇتلايدۇ چىمەنگۈل ئاۋۇت.


ئاددىيلا بىر سوئال تاشلاپ ھاياتقا،
يۈرەكنى يىغلاتسا ئا.جالالىدىن.
تۇرمۇشنىڭ ئاق قالغان ۋاراقلىرىغا،
نەزمە پۈتەر موھەممەتجان راشىدىن.


دىڭىزنىڭ تۆرىگە شۇڭغۇپ غەۋۋاستەك،
بىر كوچا ياسىسا ئادىل تۇنىياز.
ھىجراننىڭ دەشتىدە قالغان دىللارغا،
يازغۇچى ئەختەمجان چىللاپ كىلەر ياز..


ئەركەكلىك روھىنى چىللاپ دىللارغا،
ھاياتقا كۆيدۈرسە غوجىموھەممەت.
ئون ئىككى لۈكچەككە يەڭلەرنى تۈرۈپ،
جەڭ ئىلان قىلىدۇ گۇمىلىق ئابلەت.


جىمجىتلىق ئىچىدە ئابدۇرېشىت ئېلى،
بارخانلار مەڭزىگە يازىدۇ شئىر..
تۇيغۇلار باغرىدائۈنلەپ شئىردەك،
ئايىمنىسا چىھرىدە كۆكلەيدۇمىھىر..


ئاق بوز ئات كىشنەيدۇ موڭلۇق بىر كۈيدە،
بىر شئىر يازغاندا ئەخمەتجان تۇرۇپ.
ئۇنتىساق شئىرنىڭ لەززەتلىرىنى،
قالمامدۇق مەڭگۈگە ھەسرەتلەر يۇتۇپ

ھەدەمنىڭ ئوغلى

بۇدرۇققىنە ئالقانلىرىدا ،
چۆرگىلتىدۇ ئەركە قوياشنى .
سەبى تۇيغۇ ، سۆيگۈسى بىلەن
قوغلاپ تەپكەن پۇتبۇل توپىدەك
بۇگۈن يەنە ھەدەمنىڭ ئوغلى .

نايناقلاپلا كېتىپ بارىدۇ
كەلگۈسىگە ياكى ئۆتمۈشكە .
تارام-تارام كۈلكىسى بىلەن
يىغىسىنى بىللە ئوينۇتۇپ
بۈگۈن يەنە ھەدەمنىڭ ئوغلى .

نېمىنىدۇر ئىزدەر تۇپراقتىن
شاماللاردەك ئەركە چۆرگىلەپ .
ئۇ كۈتمەيدۇ بىزدىن تەسەللى
تۇيۇقسىزلا يىقىلىپ قالسا
تۇرار شۇئان قەددىنى رۇسلاپ .

كارۋانلارغا يولباشچى ئەردەك
كېتىپ بارار ئەنە تايتاڭلاپ .
ئانىسىغا ھەمراھ بوپ يەنە
خىيالىنى ئات ئېتىپ ئويناپ ،
بۈگۇن يەنە ھەدەمنىڭ ئوغلى .

قاپاق تېرەك ئەسلىمىسى

گۇمىدا نىمە كۆپ_ قاپاق تىرەك كۆپ،
بۇ ئەمدى مەڭگۈلۈك ئاچچىق ئەسلىمە.
سەپ تۈزەپ ئىككى رەت قاپاق تىرەكلەر،
كۈتەتتى مېنى ۋە سېزنى ئەسلىدە.

گۇمىدا نىمە كۆپ_تىرەك كەسكۈچى،
كېسىدۇ بىر-بىرلەپ قاپاق تىرەكنى.
تىرەكنى كەسكۈچە كەسسە بولمامدۇ ،
تىرەكلەر قوغدىغان مەغرۇر يۈرەكنى.

گۇمىدا نىمە يوق_قاپاق تىرەك يوق،
يوقالدى قۇملارغا كۆمۈلگەندەكلا.
يوقاتتى گۇمىلىق تارىخنىمۇ ھەم،
يوقاتتى ئۆزىنى يوقاتقاندەكلا.

سېنى ئۇنتۇپ كەتكىنىم بىر چۈش

چۈشلىرىڭدە تۈنىگەن شامال،
چاچلىرىڭنى يەلپۈپ ئۆتىدۇ.
ماڭلىيىڭدا ئېچىلغان چىچەك،
گاھ ئېچىلىپ،گاھى يۈتىدۇ.

يالغۇز قالغان تىترەك تۇيغۇلار،
باھارىڭنى پۈركەيدۇ گۈلگە.
تىنىقلىرىڭ تاراپ يىراققا،
چىھرىڭگە يار بولىدۇ كۈلكە.

سېنى ئۇنتۇپ كەتكىنىم بىر چۈش،
ئەسلىمەمدە توغراقسەن،توغراق.
تىۋىنىسەن تاڭلارغا ھەر كۈن،
ياش تۆكىسەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق.

سېنىڭ ماڭا بەرگىنىڭ ئارتۇق،
بەخىت،شاتلىق،ۋىسال... ۋە ھەممە.
سېنى كۈيلەپ شېئىر يازساممۇ،
بېرەلمىدىم ساڭا ھىچنىمە.

ئۇنتۇش ماڭا ئازاپتۇر سېنى،
ئازاپ يەنە ئۇنتۇش ھەممىنى.
بىر ناخشىغا خۇشتارمەن،خۇشتار،
ساڭا سوۋغا قىلاي بەخىتنى

ئۇزىتىش خاتىرىسى

مۇڭدىشىمەن ئەمدى كىم بىلەن،
دەرتلىرىمنى ئېيتىمەن كىمگە؟
ئەقىدەمنى كۈيلەپ ئېچىلغان،
گۈللىرىمنى تۇتىمەن كىمگە؟

يول-يوللارغا بېسىلغان ئىزلار،
ئاھ يوقالدى،يوقالدى ئۆچۈپ.
لېۋىمىزگە سۆيگەن شوخ شامال،
ئۆتتى ئەمدى كىملەرنى سۆيۈپ؟

يالغۇز قالغان تۇيغۇلىرىمغا،
ئاھ،كىملەرمۇ بولاركىن سىرداش.
مەن يەنىلا سېنى كۈيلەيمەن،
يۇلتۇز بىر كۈن بوپ كەلسە مۇڭداش.

دۇنيا يەنە گۈزەلدۇر شۇنداق،
مەپتۇن قىلار سەن تېرىغان گۈل.
سەن كەلگەندە ئۈنىدۇ چوقۇم،
ئەقىدەمدىن بىر جۈپ ئەتىرگۈل.

سېنى ساقلايمەن

كەتسەڭمۇ ئۇزاق، كېلىسەن قايتىپ،
خىيال ئىلكىدە سېنى ساقلايمەن.
سازىمنى چېلىپ، ناخشامنى ئىيتىپ،
ئارزۇ كۆكىدە سېنى ساقلايمەن.

دەرتلىرىم تولا،ئېيتارغا كىم بار،
ئاچچىق ئەلەمدە سېنى ساقلايمەن.
بەختىمنى ئىزدەپ ھەر كۈنى باسقان،
موڭلۇق قەدەمدە سېنى ساقلايمەن.

سىمايىڭ ئورناپ كەتكەن يۈرەككە،
يولۇڭغا قاراپ سېنى ساقلايمەن.
شاتلىقىم ئۆزۈڭ، بەختىممۇ ئۆزۈڭ،
ھىدىڭنى ھىدلاپ سېنى ساقلايمەن

ئۈمىد


چىن تۈمۈرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ كىم
تۇمارىسنى سۆيدۈرەلەيدۇ كىم
سادىر ياققان مەغرۇر ئوتلارنى
يۈرىگىدە كۆيدۈرەلەيدۇ كىم


ئۆلەر بەلكىم چىن تۈمۈر بىر كۈن
چىقالىسا ئوغۇزدەك ئەركەك
سۆيەر بەلكىم تۇمارىسمۇ ھەم
بولالىسا يىگىت يىگىتتەك
كۆيەر بەلكىم سادىر ياققان ئوت
ئادالەتنى سۆيگەندە يۈرەك....


چۈش


دىڭىز بولۇپ قالسا گەر دۇنيا
بېلىق بولۇپ قالاتتىم جەزمەن
ئىزدەر ئىدىم ئۇنىڭ تەكتىنى.

شامال بولۇپ قالسا گەر دۇنيا
غازاڭ بولۇپ قالاتتىم جەزمەن
توسۇپ قالار ئىدى كونا تام.

بۇلبۇل بولۇپ قالسا گەر دۇنيا
گۈل بولاتتىم باغلاردا رەيھان
ئەتراپىغا خۇش ھىدىن چاچقان.

دۇنيا ئەمەس دىڭىز يا شامال
مەن ئەمەسمەن بېلىق يا غازاڭ.
چۈش كۆرىمەن ئەمما ھەر كۈنى
بېلىق، غازاڭ، رەيھان بولاي دەپ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 13:32  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرىتى تىللاسى تۆھپىسى يىغىش سەۋەبى
گۈلسۈمئاي + 2 + 3 + 3 --------

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرىتى + 2  تىللاسى + 3  تۆھپىسى + 3   باھا خاتىرىسى

idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  889
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 673
تۆھپە : 0
توردا: 175
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 18:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تۈردە ئەنئەنىنى ئىسلاھ قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.ئىجاد تۇلپارىڭىز تېغىمۇ يۈكسەك پەللىلەردە كىشنىگەي...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 293
تۆھپە : 2
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 18:36:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرئەھمەد مامۇتقا ئوتۇق يار بولسۇن!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 584
تۆھپە : 2
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 18:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرەھمەدنىڭ تېرىشچانلىقى ، دادىللىقىنىڭ ئۇنى ھامان ئىجاد ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر قەلەم ساھىبىنىڭ ‹‹ياش قەلەم ›› سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن .

كۆيمەكتە ئەنە ئاھ، قاردىكى قۇياش
http://kilyang.blogbus.com/  غا مەرھەمەت!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  105
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 924
تۆھپە : 0
توردا: 202
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 18:47:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز يېزىقتا ئاتاۋاتقان ئەنئەنە - دەل ئۆزىمىزدۇر. ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى كىم بولىدىغانلىقىنى ئىجاد قىلىشنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى ئىسلاھات روھىدۇر. تېخىمۇ بەردەم بولۇڭ!

تور خاتىرەم: http://www.hechkim.com

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 515
تۆھپە : 0
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 18:51:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزگە بەركەت يار بولسۇن ، ياخشى ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشقايمىز ....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 689
تۆھپە : 0
توردا: 128
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-19

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 20:10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە  خۇرىماس ئىلھام تىلەيمەن! تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 481
تۆھپە : 50
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-18

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 20:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! بۇنداق ياخشى شېئىرلارنى بىزگە ئوقۇپ بەرمىگەن ئىدىڭىزغۇ؟ ھەممىسى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك شېئىرلاركەن. تەپەككۇرىڭىز تېخىمۇ پەرۋاز قىلسۇن.

مۇۋەپپەقىيەت تېرىشچانلىقت
كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 21:00:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 21:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىز ۋاز كەچمىسىڭىز شېئىر سىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ.قەلبىڭىزغا ئەگىشىڭ ...قولىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 879
تۆھپە : 0
توردا: 152
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 22:24:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئىنىم،شېئىرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.بەركەتلىك بولۇڭ!

huxhuy ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  287
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 250
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز مىرئەھمەدنىڭ مۇشۇ مۇۋاپىقىيەتنى ئۆزىگە ياخشى ھەيدەكچى قىلىپ، ئىجادىيەتتە تىخىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  103
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3140
تۆھپە : 2
توردا: 223
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مېرەخمەت ئېنىمىزدىن كۈتىدىغان گۈزەل ئارزۇلار،ئىزگۇ تىلەكلەر يۇقۇرىدا مېھرى ئوكيان قەلەم ئەسرارلىرىنىڭ تىللىرىدىن تىللادەك تۆكۈلۈپتۇ.مېنىڭمۇ شۇنداق دېگۇم بار ئېدى.يەنە قوشۇپ قويىدىغېنىممۇ بار: ئەڭ ئاخىردا سىز پەقەت مىرەخمەت مامۇت بولۇپ چىقىڭ!ئوق يىلتىزىڭىزنى ئىزدىگەندە ئۇنى بىز چوقۇم ئەنئەنەنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدىن تاپايلى،سىزنى يۈكسەكلەردە كۆرۈشكە ئىنتىزارمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈ*ركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 23:45  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 2337
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 7387
تۆھپە : 10
توردا: 680
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇكام مىرئەھمەد، «ياش قەلەم سەھىپىسى»دە تونۇشترۇلغىنىڭزنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن. ماۋزۇدا دېيىلگەندەك، ئەنئەنىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، قۇرداشلىرىڭىز ئارىسىدا ھېسسىيات خوجايىنى بولىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
  ئاللا سىزگە كۈچ-قۇۋەت، ئەقىل- پاراسەت ۋە چەكىز ئىتىقاد، چىدام، سۇبات ئاتا قىلسۇن!
  داۋاملىق ئالغا!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 359
تۆھپە : 0
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 00:11:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرئەھمەد، سورۇندىكى كەمسۆز، چوڭ سۈپەت قىياپىتىڭىز يادىمغا كەلدى. مەن دەيدىغان ئەڭ ياخشى تىلەكلەر ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى بىلەن ئوخشاش!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش