ئىگىسى: ئەلقىزى

ئەلقىزى: «يازغۇچىلار ئاۋازى!» 9-سان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-5-27 16:15:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنساگۈل بارات ئەلقىزىگە:
ھەدە، سىز بۇ تېمىدا ئۆزىڭىزنى چارچاتماي، تېنىچ ئۆيدىن بىرنىڭغا كىرىپ ياخشى ئەسەرلەردىن تاللاپ ئۈنگە ئېلىۋېرىڭ، باشقىلار ئاڭلىمىسا مانا بىز ئاڭلايمىز، قارشى مۇقامدىكىلەر ساناقلىقلا، بۇنچىلىك ئىشنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىۋېلىپ يۈرمەڭ. سىزنىڭ ئەمگىكىڭىز بىزگە ھوزۇر بېغىشلىغان ئىكەن بىز چوقۇم ئەمگىكىڭىزنى قەدىرلەيمىز.

                                                                               ئىنىڭىز مۇڭلاندىن.

ۋاقتى: 2014-5-27 16:16:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىر ھەيئەتلەر ئىسمىنىڭ ئۇنچە كۆپ بولۇشى بىلەن نېمە كارىمىز؟ ھەم بۇ ئەلقىزىنىڭ ئىشىمۇ؟ بۇنى ژورنال چىقارغان ئورۇننىڭ ئويلىغىنى باردۇ دەپ چۈشەنسەكلا كۇپايە قىلمامدۇ؟

ۋاقتى: 2014-5-27 16:29:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقىزى ۋە يانغىننىڭ ئەجرىگە تەشەككۇرلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-5-27 16:35:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقىزى قولۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ! ئاۋازىڭىز غا بەركەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2014-5-27 16:36:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانغىن ئەپەندىنىڭ ئەجىرگە باركاللا !

ۋاقتى: 2014-5-27 16:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 09:08
ھەممىسى ماختىشىپتۇ، قانچىسى راست گەپ قىلدى ئالدى بىلە ...

ئەلقىزىنىڭ دىكتورلۇق سەنئىتى مۇشۇ مۇنبەردىكىلەرگە ياراپتۇ-يۇ، سىزگە يارىماي قاپتۇ.
ئەگەر سىزگە يارىمىغان بولسا، قايسى نۇقتىلاردا نۇقسان بارلىقىنى ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بېرىشىڭىز، دىكتورلۇقنىڭ رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپلىرىنى ئايرىم  تېما قىلىپ يېزىپ، مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇغۇ!؟
مىننەتسىز مېھنەت تۆكۈۋاتقان ئادەمگە ئاشۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىشقا قانداقمۇ يۈزىڭىز چىدىدى؟

«توڭ قاغىغا بۇلبۇل كۈيى نەھەجەت» دېگەندەك بىر گەپنى ئاڭلىۋېدىم. ھازىر شۇ گەپنى ئويلاپ قالدىم!

باھا سۆز

كىچىك ئىسىمدا كىرگەنلەرنى باشقۇرمىغانغا تويغۇزامدۇ نىمە سىزنى بۇلار ھى ھ  ۋاقتى: 2014-5-29 12:28 AM
ۋاقتى: 2014-5-27 16:46:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تەھرىر، تەھرىرلىك» دېگەن ئاتالغۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكى راست.
تەھرىرلىك ___ ئۇ بىر كەسپ ئاتالغۇسى، «مۇھەررىر» بولسا شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەھرىر__تۈزەش، رەتلەش.
تەھرىرلىك __ تۈزەش-رەتلەش ئىشى.
مۇھەررىر__ تۈزىگۈچى، رەتلىگۈچى كونكرېت شەخس.
بۇ خۇددى. «تەھرىرلىك» نى «ياغاچچىلىك» قا ئوخشاتساق، «مۇھەررىر» نى «ياغاچچى» غا ئوخشاتساق بولىدۇ.

باھا سۆز

توغرا، مەن مۇشۇنى دېمەكچى.  ۋاقتى: 2014-5-27 04:53 PM
ۋاقتى: 2014-5-27 17:14:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ،  تارقىتىلىۋاتقان  "بۇلاقكۆل"ژۇرنىلىغا مەكتىپىمىزدىكى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ جاپالىق ئەجرى، قان-تەرى سىڭگەن. بۇ ژۇرنالغا ئەسەر تاللاشمۇ نۇرغۇن ئۆتكەللەردىن ئۆتىدۇ.  مەزكۇر ژۇرنالغا  ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەرخىل ئەسەرلىرى بېسىلىدۇ. بۇ ئەدەبىيات سەھنىسى كەلگۈسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنى، تەتقىقاتچىلارنى ئالغا يېتەكلەيدىغان مۇھىم سەھنە. بۇنداق بىر ژۇرنالنىڭ بارلىقىنى نۇرغۇن كىشلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەلقىزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق مۇشۇنداق بىر ژۇرنالنىڭ بارلىقىدىن كۆپلىگەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى خەۋەر تاپتى. ئەلقىزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازىغا، مىننەتسىز ئەجرىگە ھەشقاللا! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرۋاز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 17:22  


باھا سۆز

سىزمۇ گەپ چۈشەنمەمسىز ياكى قەستەن دەۋاتامسىز؟ مېھنەتسىز ئەمەس! مىننەتسىز!  ۋاقتى: 2014-5-27 05:21 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-27 17:34:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەنمۇ ھېچ بولمىسا ھۆرمەتلىك ئۇستازلارغا يېتىشمىسەممۇ،ئۇيغۇر تىلىدا يەسلى ساۋادىم بار، تەھرىرلىك، مۇھەررىر دېگەن  سۆزلەرنى  ھېچ بولمىسا چۈشىنەلەيمەن.     
   يەنە دېسەم يەنە شۇ، ژۇرنالدا تەھرىر ھەيئەت، مۇھەررىر، تەھرىر ھەيئەت مۇدىرى ، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلەر ،...دەپ ئايرىم -ئايرىم بېرىلگەن، مەن ئۇنى  ئۆزگەرتىۋېتىشنى ئۇستازلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىدىم، شۇڭا ئۆزگەرتمىدىم ھەم ئۆزگەرتمەيمەن!!!

   

   

ۋاقتى: 2014-5-27 19:18:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف،يەنە بىر ئۇف...زادى «يىتىپ قالغۇچە ئىتىپ قال»مۇ ياكى «ئىتىپ قالغۇچە يىتىپ قال»مۇ؟!

ۋاقتى: 2014-5-27 20:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن ئەلقىزى ھەدە.. ئاۋازىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن..سىزنىڭ ئاۋازىڭىز بىلەن ئەسەرلەر تېخىمۇ جۇلالىنىپ كېتىپتۇ...

دىلشات بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-5-28 00:19:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-5-28 01:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 00:19
تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم.
ئەلقىزى مېنى كەچۈرۈڭ، سىزدىن سەمى ...


ئەمدى ياخشى قىلدىڭىز. ئىنسان __ئازغۇچى.
«خاتالىقىنى تونۇغان يولداش، ياخشى يولداش» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-28 01:23  


ۋاقتى: 2014-5-28 01:34:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 00:19
تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم.
ئەلقىزى مېنى كەچۈرۈڭ، سىزدىن سەمى ...

بەزىدە ئادەم ئۆزىنى بېسىۋىلىشى كېرەك. بۇ دېگەن مۇنبەر. خىيالىغا كەلگەننى، ئويلىغانىڭ ھەممىنى دەيدىغان جاي ئەمەس. ئەمدى جايىدا ئىش قىلدىڭىز.

ۋاقتى: 2014-5-28 08:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا، مەيلى بۇ ئاۋاز قانداق بولسۇن ياقتۇرىدىغانلار ۋە ياقتۇرىۋاتقانلار چىقتى ھەم چوقۇم چىقىدۇ، مانا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياقتۇرمىغۇچىنىڭ يۇقىرىقىدەك پىكىرلەرنى قىلىشى تازا دۇرۇس بولماي قاپتۇ. جۈملىدىن تەنقىد ئەخلاقى دېگەن گەپكە زادىلا ئەمەل قىلماپتۇ. توغرىدىن-توغرا «ئاۋازىڭىز بەك سەتكەن» دېيىشنىڭ ئۆزىلا بۇنى پاكىتلاپ تۇرۇپتۇ. تەنقىد قىلغۇچى، ناۋادا بۇ ئاۋازنى ياقتۇرمىغان ۋە ياكى كەمچىلىكلىرىنى بايقىغان بولسا ئۇنى ئىلمىي يوسۇندا شەرھىلىگەن بولسىمۇ بولاتتىغۇ؟ نېمە دەپ بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىنمىدىكىن؟ يەنە كېلىپ ژورنالغا يۇقىرقىدەك كۆپ ئادەملەرنى ئىسمىنىڭ يېزىلىشى بەلكىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئىشقا يۇقىرىقى ئاۋازنى تەنقىد قىلغۇچىمۇ ئارىلىشىپ باققانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىش كېرەككى، بۇ ئىشنى قىلىپ باققانلار ئۆزى بىلىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىنى بۇ يەردە تالىشىش مېنىڭچە ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس. بىز مەلۇم ئىشنى ياخشى قىلىشنى بەك ئويلايمىز، ئەمما ئازراقلا كېتىپ قالغان يەرلەر بولسا شۇنى تۇتىۋىلىپ ھە دېسىلا قۇسۇر تاپىمىز. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن كۆپلگەن بەدەل ۋە جەريان لازىم، بىراقلا مۇكەممەل قىلغىلى بولماس. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى مەن چۈشەندۈرمىسەممۇ بولىدۇ، بەلكىم كۆپچىلىك بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. قىسقىسى، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. قىزىق يېرى، يۇقىرىقى ئاۋازنى تەنقىد قىلغۇچى گەپنىڭ بېشىدىلا «شۇنداقتىمۇ قۇسۇر تاپقۇم كەلدى» دەپتۇ، بۇنىڭ ئۆزىلا ماڭا ئانچە ياخشى ئاڭلانمىدى. شۇڭا سۆزلىگۈچىلەرنىڭمۇ ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭمۇ ناۋادا پىكرىمنى توغرا كۆرسە ئويلىشىپ بېقىشىنى نىيەت قىلدىم. ئاخرىدا، سۆزلىگۈچىنىڭمۇ ئاڭلىغۇچىنىڭمۇ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، بۇ يەردىكى ئەجرىگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش